خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ شىفىرلىرى

2025-يىلى 12-نويابىر

«China Cables»  ناملىق ئاشكارىلانغان مەخپىي ھۆججەتلەر ھەققىدە ئانالىز

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

خەلقئارا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغۇچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) تەرىپىدىن 2019-يىلى 24-نويابىردا دۇنيا مىقياسىدىكى 17 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلان قىلىنغان «China Cables» ناملىق تەتقىقات ھۆججىتى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) دەپ ئاتالغان رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىي تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان ۋە پاش قىلغان ئىنتايىن مۇھىم بىر ھۆججەتتۇر. بۇ ھۆججەتلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان چوڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مېڭە يۇيۇش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىروگراممىلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن نەقەدەر ئىنچىكە ۋە مەركەزلىك پىلان بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. فېرگۇس شىل (Fergus Shiel) ۋە ساشا چاۋكىن (Sasha Chavkin) تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن مەخپىي ھۆججەتلىرىگە ئاساسلانغان بۇ تەتقىقات، «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقەتنى، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش مېخانىزملىرىنى ۋە بېيجىڭنىڭ رەسمىي سۆزلىرىنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئورۇنلارنىڭ نەقەدەر قاتتىق بىر تۈرمە سېستىمىسى سۈپىتىدە  باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماھىيەتكە ئىگە. بۇ ئانالىزنىڭ مەقسىتى «China Cables» ھۆججەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئاساسلىرىنى، ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىنى ۋە ئەمەلىيەتتىكى رەھىمسىز مېخانىكىسىنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن كۆپ قاتلاملىق باھالاشتىن ئىبارەت.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنىشى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن رايوننىڭ گېئو-ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكى مۇناسىۋېتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى ئانالىز قىلىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستان، خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى» نىڭ مۇھىم تۈگۈنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىلغان دەرۋازىسىدۇر. شۇڭلاشقا رايوننىڭ مۇقىملىقى، بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە گېئو-سىياسىي نىشانلىرى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەمما بۇ «مۇقىملىق» چۈشەنچىسى، رايوننىڭ يەرلىك خەلقى بولغان ۋە ئۆزلىرىگە خاس تۈركىي-ئىسلام كىملىكىگە ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ. خەلقئارا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغۇچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئۇيغۇرلار 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان» نامى بىلەن قىسقا مۇددەت ھۆكۈم سۈرگەن جۇمھۇرىيەتلەرنى قۇرغان، تارىخىي جەھەتتىن  تۈپتىن ئايرىم بىر مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئاڭغا ئىگە بىر خەلقتۇر. بۇ تارىخىي ئەس-خاتىرە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى (خ ك پ) نىڭ يەككە-يېگانە ۋە بىر پۈتۈن «جۇڭخۇا مىللىتى» يارىتىش پىلانى بىلەن تامامەن زىتتۇر.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر كىملىكىنى بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن باراۋەر دەيدىغان تەشۋېقاتنى كۈچەيتتى. ب ۇ سۆزلەم، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ  رايوندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەقسەتلىك قوللىنىدىغان ئاساسلىق قورالىغا ئايلاندى. «China Cables» ھۆججەتلىرى، بۇ قانۇنلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ئارقىسىدا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىنى سىستېمىلىق يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر دۆلەت پىلانىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خ ك پ، خەلقىنىڭ  ج خ  پ ساداقىتى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان ھەر تۈرلۈك ئېتنىك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكنى باستۇرۇشنى نىشان قىلىش بىلەن بىرگە، خەنزۇ چوڭ مىللەتچىلىكىنى بىر بىرلەشتۈرگۈچى كۈچ سۈپىتىدە تەرغىب قىلماقتا. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلەر پەقەت بىر «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىلا ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، ئاڭلىق بىر ئاسسىمىلياتسىيە ۋە كىملىكسىزلەشتۈرۈش پىلانىدۇر.

بۇ پىلاننىڭ ئەڭ كونكرېت ئىپادىسى، رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقىدۇر. 1950-يىللاردىن باشلاپ رايونغا كەڭ كۆلەملىك خىتاي كۆچمەنلىكى رىغبەتلەندۈرۈلدى ۋە بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. سىياسىيلاشقان ئادالەتسىزلىك ۋە ئۆرگانلاشقان كەمسىتىش ۋە چەتكە قېقىش، رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى، پەقەت ھازىرقى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە بېرىلگەن بىر ئىنكاس سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى خ ك پ نىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مىللىي دۆلە ت قۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈش كېرەك. بۇ پىلان، پەرقلەرنى بىر بايلىق ئەمەس، بەلكى يوقىتىلىشى كېرەك بولغان بىر تەھدىت دەپ قارايدىغان ھاكىممۇتلەق بىر زېھنىيەتنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىنىڭ يىمىرىلىشى: لاگېرلارنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالى

خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقئارا جەمئىيەتكە قارىتا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرگە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىدىغان ۋە ئۇلارنى  ئۆزگەرتىپ جەمئىيەتكە قايتا سىڭدۈرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك مەركەزلىرى» دەپ تونۇشتۇرماقتا. ئەمما، «China Cables»  دائىرىسىدە ئاشكارىلانغان ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلى جۇ خەيلۇن (Zhu Hailun) تەرىپىدىن ئىمزالانغان 2017-يىلغا ئائىت توققۇز بەتلىك مەخپىي بىر ئۇقتۇرۇش، بۇ سۆزنىڭ پۈتۈنلەي بىر ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ۋە لاگېرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قوللىنىلغان تۈرمىلەر سۈپىتىدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «تېلېگرامما» دەپ ئاتالغان بۇ ھۆججەت، لاگېر خادىملىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قاتتىق قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەشغۇلات قوللانمىسى بولۇپ، بېيجىڭنىڭ رەسمىي بايانلىرىنى بۇ توققۇز بەتلىك تەپسىلات تەلتۆكۈس ئىنكار قىلىدۇ.

ئاشكارىلانغان بۇ لاگىر خادىملىرى مەشغۇلار قوللانىمىسىغا  ئاساسلانغاندا، لاگېرلار مۇتلەق مەخپىيەتلىك ئىچىدە ۋە قېچىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. ھۆججەتتە، «قوش قۇلۇپلۇق ئىشىكلەر»، «سىگنال سىستېمىلىرى»، «كۆزىتىش مۇنارلىرى» ۋە لاگېرنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى كۆزىتىدىغان «ھېچقانداق قارىغۇ نۇقتىسى بولمىغان تولۇق سىنلىق كۆزىتىش» قاتارلىق يوليورۇقلار بار. بۇ فىزىكىلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، «ئوقۇغۇچىلار»نىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەلىم ئالىدىغان بىر مەكتەپتىن زىيادە، ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلغان مەھبۇسلار تۇرىدىغان بىر تۈرمىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆججەتتە «ئوقۇغۇچىلار»نىڭ ياتاق، سىنىپ، ھەتتا ھاجەتخانا كارىدورلىرىغا ئوخشاش ئەڭ مەھرە م جايلاردىكى  ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىشى ۋە خاتىرىلىنىشى بۇيرۇلغان. بۇ ئەھۋال، لاگېرلاردىكى ھاياتنىڭ ئەقەللى ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتكە پىسەنت قىلىنمايدىغان، ئورۋېل (Orwell) ئۇسلۇبىدىكى بىر كۆزىتىش تۈزۈمى ئاستىدا ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ھۆججەتلەر، لاگېرلاردىكى كۈندىلىك ھاياتنىڭمۇ پۈتۈنلەي بىر مېڭە يۇيۇش ۋە ئىدىيە سىڭدۈرۈش پىروگراممىسىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەنلىكىنى ئاشكارىلايدۇ. تۇتقۇنلار، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە، «ئەسەبىي»  ئىدىيەلەردىن ۋاز كېچىشكە ۋە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا. قوللانىمىدا، «ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش» نىڭ رىغبەتلەندۈرۈلۈشى ۋە ھەر قەدەمدە تەكىتلىنىشى كېرەكلىكى ئوچۇق-ئاشكارا بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇتقۇنلارنىڭ ھەرىكىتىنى باھالاش ئۈچۈن مۇرەككەپ بىر نومۇر تۈزۈمى قوللىنىلماقتا. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن، «ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش»، «قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش» ۋە «تەلىمدىكى مۇۋەپپەقىيەت» قاتارلىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن نومۇر بېرىلمەكتە ۋە بۇ نومۇرلار، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قاچان كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىمەكتە. بۇ، ئەڭ ئەقەللى كىشىلىك ھوقۇقلارمۇ بىر ئىلتىپات سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ۋە مۇتلەق ئىتائەت تېڭىلىدىغان بىر كونتروللۇق مېخانىزمىدۇر. سابىق تۇتقۇنلارنىڭ قىيىن-قىستاق ۋە جىنسىي خورلۇققا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى دەلىل ئىسپاتلىق دەۋالىرىمۇ بۇ ھۆججەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان باستۇرۇش مۇھىتى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك.

تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك: سۈنئىي ئەقىل ۋە ئالدىن پەرەز قىلىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ساقچىچىلىق

«China Cables» نىڭ  پاش قىلغانلىرى ئارىسىدا   ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغانلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرغان ۋە «بىرلەشمە ھەمكارلىق سۇپىسى (Integrated Joint Operations Platform – IJOP)» دەپ ئاتالغان غايەت زور بىر سانلىق مەلۇمات يىغىش ۋە ئانالىز قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق يۈرگۈزگەن ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدۇر. ئاشكارىلانغان ئىستىخبارات دوكلاتلىرى، بۇ سىستېمىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلدى. بىرلەشمە ھەمكارلىق سۇپىسى، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ تېلېفون ئىشلىتىش ئەھۋالىدىن تارتىپ ساياھەت تارىخىغىچە، دىنىي ئادەتلىرىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىگىچە بولغان غايەت زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ، يوشۇرۇن «گۇماندارلار»نى سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا بېكىتمەكتە. بۇ، بىر جىنايەت سادىر قىلىنىشتىن ئىلگىرى، پەقەت ئۆلچەم، ئەندىزىسى ئالدىن  بىكىتىلگەن ھەرىكەت تۈرلىرى ياكى رەقەملىك ئىزلىرىغا ئاساسلىنىپلا «ئالدىن پەرەز قىلىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ساقچىچىلىق  (predictive policing)» ئۇسۇلى بىلەن  ئۇيغۇرلار نىشانغا ئېلىنىۋاتقان بىر تېخنىكىلىق مۇستەبىتلىك مودېلىدۇر.

ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشمە ھەمكارلىق سۇپىسى سىستېمىسى تەرىپىدىن ئاپتوماتىك ھالدا «گۇماندار» دەپ بەلگىلەنگەن ئون مىڭلىغان كىشى، پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدىلا سوراق قىلىنغان ۋە تۇتقۇن قىلىنغان. سىستېمىنىڭ قايسى ئۆلچەملەرگە ئاساسەن كىشىلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقىمۇ دوكلاتلاردا تەپسىلىي بايان قىلىنغان. مەسىلەن، پەقەت «زاپيا(Zapya)» ناملىق كۆپ قوللىنىلىدىغان بىر ھۆججەت ھەمبەھىرلەش ئەپىنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلانغان 1.8 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ بىر سەۋەپ تۈپەيلىدىنلا  يوشۇرۇن گۇماندار سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا     zapya ناملىق بۇ ئەپنىڭ «زوراۋانلىق ماھىيىتىدىكى تېررورلۇق» ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بولۇشىدۇر. ئوخشاش شەكىلدە، چەت ئەلگە ساياھەت قىلغان بولۇش ياكى چەت ئەلدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشمۇ بىۋاسىتە تۇتقۇن قىلىش سەۋەبى ھېسابلىنالايدۇ. بۇ ئەھۋال، ئەڭ بىگۇناھ ھەرىكەتلەرمۇ بىر ئەيىبلەش سەۋەبىگە ئايلاندۇرۇلغان، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بىر خالىغانچە باستۇرۇش تۈزۈمىنى نامايەن قىلماقتا

.

بۇ سىستېمىنىڭ ئەڭ ئەندىشىلىك تەرىپى، ئىنسان ئامىلىنى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىشىدۇر. سۈنئىي ئەقىل ئالگورىزىمى، ھېچقانداق كونكرېت دەلىل ياكى سوتنىڭ ھۆكۈمى بولماستىن، ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشلارغا قارار بەرمەكتە. بۇ ئەھۋال،  تېخنىكىنىڭ، بىر پۈتۈن ئېتنىك گۇرۇپپىنى يوشۇرۇن جىنايەتچى دەپ قارىلاپ، ئۇلارنى سىستېمىلىق ھالدا باستۇرىدىغان بىر دۆلەتنىڭ قولىدا نەقەدەر خەتەرلىك بىر قورالغا ئايلىنالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ تىپىك ۋە كونكرېت مىسالىدۇر. «China Cables»، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پەقەت بىر جازا لاگېرى سىستېمىسىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا بويىچە  ئەڭ ئىلغار ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلغان  ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ مودېل، دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە رەقەملىك ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېغىر بىر تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە.

خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى

«China Cables»  ھۆججەتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىنى سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچقانداق گۇمانغا ئورۇن قويمىغۇدەك دەرىجىدە ئىسپاتلايدۇ. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاق، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى چەكلەش، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى يوقىتىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق قىلمىشلار، ھۆججەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان لاگېر مەشغۇلاتلىرىنىڭ بولمىسا بولماس قىسمىدۇر. بۇ ھەرىكەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارالىق خىتابنامىسى»، «پۇقرالىق ۋە سىياسىي ھوقۇقلارغا دائىر خەلقئارالىق ئەھدىنامە» ۋە «قىيىن-قىستاققا ۋە باشقا رەھىمسىز، ئىنسانىيلىققا خىلاپ ياكى ھاقارەت خاراكتىرلىك مۇئامىلە ياكى جازاغا قارشى ئەھدىنامە» قاتارلىق ئاساسىي خەلقئارالىق ھۆججەتلەرگە ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلىشتۇر.

ھۆججەتلەر، بولۇپمۇ چەت ئەل بىلەن ئالاقىسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ھەتتا چەت ئەل پاسپورتىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ئىستىخبارات دوكلاتىدا، چەت ئەلدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دىپلوماتلىرى تەرىپىدىن ئىز قوغلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكى، خىتاي پۇقرالىقىغا ئىگە بولغانلارنىڭ بولسا دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندە دەرھال تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنىشى كېرەكلىكى بۇيرۇلغان. بۇ، خىتاينىڭ باستۇرۇش تۈزۈمىنىڭ چېگرادىن ھالقىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۆكتىچىلەرنى ۋە يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلەرنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال،بىيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ  باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ تۇرۇپ ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنىڭ خەلقئارالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى  ئاشكارىلاپ تۇرماقتا ۋە بۇ ۋەزىيەت دۇنياۋى بىر ئىنكاسنى تەقەززا قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ ھۆججەتلەرنى «ساختا خەۋەر» ۋە «ئويدۇرما » دەپ ئېلان قىلىپ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا ۋە سىياسەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئەسەبىيلىكتىن خالىيلاشتۇرۇش» دەپ ئاقلىماقتا. ئەمما ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى، مۇتەخەسىسلەر ۋە تىلشۇناسلار تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ۋە سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىلەن ئۆزئارا ماس كەلگەن. ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz)  قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر كۆرسەتكەندەك، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ باشتىن تارتىپ بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە قانداق باشقۇرۇشقا دائىر تەپسىلىي بىر پىلانىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ دەلىللەر ئالدىدا سۈكۈت قىلىشى، ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان بۇ جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇش دېگەنلىك بولىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بەزى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش  قەدەملەر بېسىلغان بولسىمۇ، بۇقايتۇرۇلغان  ئىنكاسلار تېخى بېيجىڭنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچلۈك ۋە بىرلىككە كەلگەن بىر ئىرادىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ.

خۇلاسە: «China Cables» نىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە كەلگۈسىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى

«China Cables»  ھۆججەتلىرى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دائىر بۈگۈنگە قەدەر ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان دەلىللەر توپلىمىدۇر.ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بۇرەسمىي ھۆججەتلەر، پەرەز ۋە گۇۋاھلىقلارنىڭ باسقۇچىدىن  ھالقىپ ئۆتۈپ، باستۇرۇش مېخانىزمىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆزىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ئارقىلىق پاش قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈردى. بۇ پاش قىلىش، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر دۇنياۋى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن قانداق بىر باشقۇرۇش چۈشەنچىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە تېخنىكىنى ھاكىممۇتلەق كونتروللۇق مېخانىزملىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قانداق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن ئوچۇقلۇقى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلۇۋاتقان مودېل، پەقەت بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنىڭ پاجىئەسىلا ئەمەس، بەلكى 21-ئەسىردە خىتاي ئۈچۈن دۆلەت كۈچىنىڭ، شەخسىي ئەركىنلىكنىڭ ۋە ئىنسانىي ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا دائىر دۇنياۋى بىر خىرىستۇر.

بۇ ھۆججەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان ھەقىقەتلەر، خەلقئارا جەمئىيەت، پۇقرالار ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئاكادېمىكلار ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ئۈچۈن جىددىي بىر ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقىدۇر. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ياكى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ-قىلىنماسلىقىغا دائىر قانۇنىي ۋە سىياسىي مۇنازىرىلەر، بۇ ھۆججەتلەر بىلەن تېخىمۇ كونكرېت بىر زېمىنغا ئىگە بولدى. بېيجىڭنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە دىپلوماتىك تەسىرىنىڭ، بۇ سىستېمىلىق زۇلۇم ئالدىدا بىر سۈكۈت سېپىلى ھاسىل قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار، كەلگۈسىدە باشقا مۇستەبىت تۈزۈملەرنىڭمۇ ئوخشاش سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشىنى رىغبەتلەندۈرۈشى مۇمكىن بولغان خەتەرلىك بىر ئۈلگە بولۇپ قالىدۇ. «China Cables»، تارىخقا، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قارشى نەقەدەر رەھىمسىز ۋە ھېساب-كىتابلىق بىر زۇلۇم يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە يېزىلىپ قالىدۇ ۋە بۇ دەلىللەر ئالدىدا تۇتۇلىدىغان پوزىتسىيە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۈزۈمىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشەنچلىكلىكىنى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ.

مەنبە:

Shiel, Fergus ve Sasha Chavkin. «China Cables: Who Are the Uighurs and Why Mass Detention?». Uluslararası Araştırmacı Gazeteciler Konsorsiyumu (ICIJ), 24 Nov 2019.      https://www.icij.org/investigations/china-cables/china-cables-who-are-the-uighurs-and-why-mass-detention/

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*