خىتاينىڭ «پىشقەدەم ئاقساقاللار» دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

2025-يىلى 15-نويابىر

خىتاينىڭ «پىشقەدەم ئاقساقاللار» دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى  مەسلىھەتچى ئاقساقاللىرى شى جىنپىڭنى نېمە ئۈچۈن توختىتىپ قالالمايدۇ؟

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

بۇ تەھلىل خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ سابىق ئالىي دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇھەررىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ سابىق سىياسىي مەسلىھەتچىسى دىڭ يۈۋېن تەرىپىدىن يېزىلغان، 2025-يىلى 14-نويابىردا نوپۇزلۇق خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر ژۇرنىلى «تاشقى ئىشلار» (Foreign Affairs) دا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ پىشقەدەم ئاقساقاللار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى: پارتىيە پېشقەدەملىرى نېمە ئۈچۈن دۆلەتنى شى جىنپىڭدىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ» (The End of China’s Old Guard: Why Party Elders Can’t Save the Country From Xi) [1]سەرلەۋھىلىك ماقالىنىڭ چوڭقۇرلاپ ئانالىز قىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. دىڭ يۈۋېننىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا دائىر بىۋاسىتە تەجرىبىسى ئۇنىڭ ماقالىسىگە ئالاھىدە ئانالىز چوڭقۇرلۇقى ۋە ئىشەنچلىكلىك بېغىشلايدۇ. بۇ تەتقىقاتتا شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى يوقاتقانلىقى، پەردە ئارقىسىدا پارتىيە پېشقەدەملىرىنىڭ («كونىلار» ياكى «ئاقساقاللار» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ھەققىدىكى بېيجىڭدا تارقالغان مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بۇ مىش-مىش پاراڭلارنىڭ چىقىشىدا سەۋەپ بولغان، ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئۈمىدلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقى زامان خىتاي سىياسىي رېئاللىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ماقالىنىڭ  يادرولۇق نۇقتىئىنەزەرى شۇكى، بىر مەزگىل خىتاي سىياسىتىدە ھالقىلىق  تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئامىل بولغان پارتىيە ئاقساقاللىرى ئۆز كۈچىنى سىستېمىلىق ھالدا يوقاتتى ۋە ھازىرقى رەھبەر شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى نازارەت قىلالايدىغان ئۈنۈملۈك بىر مېخانىزم قالمىدى. بۇ ئەھۋالنى ئانالىز قىلىش خىتاي سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ ماھىيىتى، مۇقىملىقى ۋە كەلگۈسىدىكى كىرىزىسلارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش جەھەتتە ھاياتىي مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تەتقىقاتتا، دىڭ يۈۋېننىڭ ئارگۇمېنتلىرىنى باشتىن-ئاخىر سىستېمىلىق شەكىلدە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاي سىياسىتىدىكى بۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنىڭ دىنامىكىسى ۋە ئاقىۋەتلىرىنى كۆپ قاتلاملىق نۇقتىئىنەزەر بىلەن باھالاش مەقسەت قىلىنىدۇ.

بېيجىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى مىش-مىش پاراڭلار ۋە «ئاقساقاللار سىياسىتى» ئەپسانىسى

دىڭ يۈۋېن ماقالىسىنى شى جىنپىڭنىڭ ھەقىقىي ھوقۇقىنى يوقاتقانلىقى، ھەتتا ئۇنىڭ ئورنىغا ساختا ئادەمنىڭ ئالماشقانلىقى ۋە دۆلەتنى ئەمەلىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر پارتىيە پېشقەدەملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپىنىڭ باشقۇرۇۋاتقانلىقىغا ئوخشاش بېيجىڭنىڭ سىياسىي ساھەسىدە تارقالغان قىزىقارلىق مىش-مىش پاراڭلارنى بايان قىلىش بىلەن باشلايدۇ. ئۇ بۇ خىل مىش-مىش پاراڭلارنىڭ،مۇستەبىت تۈزۈملەردە، بولۇپمۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن تۆتىنچى ئومۇمىي يىغىنىغا ئوخشاش مۇھىم سىياسىي پائالىيەتلەردىن ئىلگىرى كۆپ ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قارار چىقىرىش مېخانىزملىرى ئاشكارا بولمىغان يېپىق تۈزۈملەردە، بۇ خىل پەرەزلەر سىياسىي ئانالىز ئۈچۈن مۇنبەت زېمىن ھازىرلايدۇ. بۇ مىش-مىش پاراڭلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئادەتتە ئاكتىپ سىياسىي رولىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، پەردە ئارقىسىدا تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان رەھبەرلەر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن تەشكىل تاپقان كۈچلۈك بىر پارتىيە پېشقەدملىرى گۇرۇپپىسىنىڭ، ھېلىھەم شى جىنپىڭنى چەتكە قاققۇدەك ۋە خىتاينىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنى بەلگىلىگۈدەك دەرىجىدە تەسىر كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىددىيا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇ مىش-مىش پاراڭنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئارقىسىدا، دىڭ يۈۋېن تەكىتلىگەندەك، تارىخىي بىر رېئاللىق ياتىدۇ. پارتىيە پېشقەدەملىرى خىتاي سىياسىي تارىخىدا ھەقىقەتەنمۇ يادرولۇق رول ئوينىغان. بولۇپمۇ دىڭ شياۋپىڭنىڭ 1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينى رادىكال سىياسەتلەردىن يىراقلاشتۇرۇشى ۋە 1990-يىللاردا مۇتەئەسسىپ رەھبەرلەرنى شاللىۋېتىپ، بازارنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتتا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇشىغا ئوخشاش مىساللار، ئۈمىدسىزلەنگەن پۇقرالارنىڭ مەخپىي بىر ئاقساقاللار گۇرۇپپىسىنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئارىلىشالايدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدلىرىنى جانلاندۇرماقتا. «ئاقساقاللار سىياسىتى» (elder politics) دۆلەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سەرخىللىرىنىڭ يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى شەرھلەش ئۈچۈن قولايلىق بىر ئانالىز رامكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىراق، دىڭ يۈۋېن بۇ ئۈمىدلەر ۋە ئانالىزلارنىڭ ئەمدى كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى قەتئىي بىر تىل بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى خىتايدا پارتىيە پېشقەدملىرى كۈچىنى زور دەرىجىدە يوقاتقان. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش يوللىرىنى سىستېمىلىق ھالدا تاقىغان.ئۇلارنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن تۈزۈلمە خاراكتېرلىك نازارەت مېخانىزملىرى بولسا، پىشقەدەم ئاقساقاللار ئەينى ۋاقىتلاردا ئىگە بولغان ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نوپۇزىنى ۋە كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ .

خىتاي سىياسىتىدىكى ئەنئەنىۋى بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئامىل: «ئاقساقاللار» ھادىسىسىنىڭ تارىخىي يىلتىزى

دىڭ يۈۋېن ئاقساقاللار سىياسىتىنىڭ يىلتىزى ۋە ئالتۇن دەۋرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇرمەننى ماۋ زېدۇڭدىن كېيىنكى دەۋرگە باشلاپ كىرىدۇ. كوممۇنىستىك خىتاينىڭ دەسلەپكى 30 يىلىدا، ماۋ تەڭدىشى يوق ئىنقىلابىي جەزبىدارلىقى، ئارمىيە ۋە تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئۈستىدىكى مۇتلەق كونتروللۇقى بىلەن ئەڭ يۈكسەك «پېشقەدەم دۆلەت ئەربابى» ئورنىدا ئىدى. ئەمما، 1976-يىلى ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن پارتىيە رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر بوشلۇق پەيدا بولدى. بۇ بوشلۇقنى ماۋ بىلەن بىرگە كوممۇنىستىك ئىنقىلاب قىلغان، لېكىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە تازىلانغان ۋە  چەتكە قېقىلغان دىڭ شياۋپىڭ، پېشقەدەم ئىقتىساد پىلانلىغۇچىسى چېن يۈن ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قۇرغۇچى مارشاللىرىدىن يې جيەنيىڭ قاتارلىق شەخسلەر تولدۇردى.

بۇ شەخسلەرنىڭ نوپۇزى پەقەت مەنسىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە كوممۇنىستىك ئىنقىلابقا قوشقان تۆھپىلىرى ۋە خىزمەت ئىستاژىدىن كەلگەن. ئۇلار  بىرەر رەھبەرلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىدى. ئۇلار ئارمىيە ئىچىدە چوڭقۇر،كەڭ دائىرىدە ۋە كۈ.لۈك ھىمايە قىلىناتتى. (patronage networks) . پارتىيە تارىخىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار پارتىيەنىڭ رەسمىي بايانلىرىنى بېكىتىش ۋە سىياسەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا،پىشقەدەم قۇرغۇچىلارنىڭ بۇ روللىرىنى رەسمىيلەشتۈرۈش مەقسىتىدە دىڭ شياۋپىڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى (Central Advisory Commission)  قۇرۇلدى. بۇ كومىتېت پارتىيە پېشقەدەملىرىگە خادىملارنى تەيىنلىيەلەيدىغان ۋە سىياسىي قارارلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان رەسمىي خاراكتېرلىك سۇپا ھازىرلاپ بەردى.

ئەمما دىڭ يۈۋېن تەكىتلىگەندەك، ئاقساقاللارنىڭ ھەقىقىي كۈچى بۇ رەسمىي ئورگاندىن ئەمەس، بەلكى سىياسىي سىستېمىنىڭ قالغان قىسمىدىكى غەيرىي رەسمىي ساھەلەردە يۈرگۈزگەن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان نوپۇزىدىن كەلگەن. ئۇلار ئالدىنقى قاتاردىكى ئەمەلدارلار، ھەربىي قوماندانلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلار بىلەن خۇسۇسىي مەسلىھەتلىشىپ، قارار چىقىرىش جەريانلىرىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ، ئاندا-ساندا ئۆزلىرى قوشۇلمايدىغان سىياسەتلەرگە قارشى سىگنال بېرىپ تۇراتتى. ھالقىلىق پەيتلەردە، مەسىلەن پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ كىم بولىدىغانلىقى ياكى قايسى سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردە، ھازىرقى رەھبەرلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ۋاقتى ئەپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاشكارا باياناتلارنى ئېلان قىلاتتى. دىڭ يۈۋېن بۇ پىشقەدەم ئاقساقاللار كۈچىنىڭ سىمۋول خاراكتىرلىك ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي بىر ھوقۇق كۈچى ئىكەنلىكىنى ئىككى كونكرېت مىسال بىلەن ئىسپاتلايدۇ: بىرىنچىسى، 1979-يىلى پارتىيە پېشقەدەملىرىنىڭ، ماۋنىڭ تاللىغان ۋارىسى خۇا گوفىڭنىڭ ماۋچى لۇشيەننى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىغا قارشى تۇرۇشتا، خەلقتىكى كەڭ تارقالغان نارازىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇنى چەتكە قېقىشى. ئىككىنچىسى بولسا، ئون يىلدىن كېيىن، تىيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش قارارىنى قوللىشى. بۇ ھەرىكەتلەر ئۇلارنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى بەلگىلىگۈچى رولىنى ئوچۇق-ئاشكارا نامايان قىلىدۇ.

ھوقۇقنىڭ ئېرىپ كېتىشى: ئاقساقاللارنىڭ تەسىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان قۇرۇلمىلىق ۋە سىستېمىلىق ئامىللار

دىڭ يۈۋېن ماقالىسىنىڭ «ئاخىرقى چېكىنىش» (Terminal Decline) ناملىق بۆلىكىدە، پارتىيە پېشقەدەملىرىنى كۈچلۈك قىلغان شارائىتلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ چەتكە قېقىلىشىغا قانداق سەۋەب بولغانلىقىنى تەپسىلىي ئانالىز قىلىدۇ. ئاقساقاللارنىڭ رولى، ماۋنىڭ شەخسىي ھۆكۈمرانلىقىدىن  كوللېكتىپ بىر رەھبەرلىك ئۇسلۇبىغا ئۆتۈش جەريانىدا بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئامىل سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. تەخمىنەن 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشقان بۇ ئۆتكۈنچى دەۋردە، ئاقساقاللار خەتەرلىك سىياسىي تەجرىبىلەرنى قوللىنىشتىن توختاتقان  ياكى خاتا ئالدىنقى شەرتلەرنى قوغلىشىۋاتىدۇ دەپ قارىغان رەھبەرلەرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئەمما مۇشۇقەدەر كۈچلۈك تەسىر كۈچنىڭ ئېرىپ كېتىشىگە تۆۋەندىكى بىر قانچە ئامىل سەۋەبچى:

  1. ئىنقىلابىي ئەجدادنىڭ يوقىلىشى: كوممۇنىستىك خىتاينىڭ ئىنقىلابىي ئەجدادى قېرىپ ۋاپات بولغانسېرى، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى بىر «ئاقساقاللار» ئەۋلادى ئوخشاش تارىخىي نوپۇزغا ياكى ھەربىي تەسىر كۈچىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەۋلاد پارتىيە پېشقەدەملىرى، ئىنقىلابىي كىملىكىدىن بەكرەك نوپۇزىنى سابىق مەنسەپلىرىدىن ئالغان مەسلىھەتچىلەر ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ۋە سىياسىي ۋەزنىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.
  2. تۈزۈلمىدىكى ئۆزگىرىشلەر: ئاقساقاللارنىڭ كۈچىنى رەسمىيلەشتۈرگەن مەركىزىي مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى 1992-يىلى جىمجىت ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پارتىيە  كادىرلار ئۈچۈن ئېنىق ۋەزىپە مۇددىتى ۋە پېنسىيە يېشىنى بەلگىلەش ئارقىلىق، ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەسىر كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي تاللاشلىرىنى چەكلىدى. بۇ غەيرىي رەسمىي ھوقۇقنىڭ تۈزۈلمە خاراكتېرلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قەدەم ئىدى.
  3. ھەربىي ئىسلاھاتلار: دىڭ يۈۋېنگە كۆرە، ئاقساقاللار ھوقۇقىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئاساسىي تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى ئارمىيە ئىچىدىكى خۇسۇسىي مۇناسىۋەت تورلىرى ئىدى. خىتاينىڭ بىرىنچى ئەۋلاد ئىنقىلابچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ھامىيلىقىدىكى ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرگەن قوماندانلار ئىدى.  ئەمما 1985-يىلدىكى ئەسكەر سانىنى ئازايتىشقا ئوخشاش مەمۇرىي ئىسلاھاتلار بۇ مۇقىملاشقان مۇناسىۋەت تورلىرىنى ئاجىزلاشتۇردى. پىشقەدەم ئاقساقاللارغا قارىتىلغان ھەقىقىي زەربە بولسا 2015-يىلى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلار بىلەن كەلدى. قوراللىق قىسىملارنىڭ رايونلۇق قوماندانلىق شىتابلىرى شەكلىدە قايتا تەشكىللىنىشى، ھەر قانداق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي رەھبەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە،ئۆزىنى ھىمايە قىلىدىغان گۇرۇھ توپلاش ئىقتىدارىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقاردى. شى جىنپىڭ يەنە بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتا ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈردى.
  4. شى جىنپىڭنىڭ سىستېمىلىق ھۇجۇمى: دىڭ يۈۋېن ئاقساقاللارنىڭ كۈچىنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرغان نەرسىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي مۇناسىۋەت تورلىرىغا قاراتقان سىستېمىلىق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنلا باشلىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، بىر ۋاقىتلاردا ھازىرقى ۋە پېنسىيەگە چىققان سەرخىللارنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان غەيرىي رەسمىي رىشتىلەرنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شى جىنپىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، ئارمىيە، ئېنېرگىيە،  پۇل-مۇئامىلەگە ئوخشاش ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ساھەلەردىكى مەركەزلەشكەن ھوقۇقنى  مېتودلۇق ھالدا تارقىتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ياكى سىياسەتلىرى ھەققىدە ئاشكارا پىكىر بايان قىلىشىنى چەكلەيدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. دىڭ يۈۋېن تىلغا ئالغان ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان تەپسىلات شۇكى، شى جىنپىڭ ھەتتا پارتىيە پېشقەدەملىرى ئارىسىدىكى كەچلىك زىياپەتلەرنىمۇ يوشۇرۇن «سىياسىي بىخەتەرلىك مەسىلىسى» دېگەن كاتىگورىيەگە ئايرىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى ئەركىن زىيارەت قىلىشىنىمۇ توسۇپ قويدى. بۇ قەدەملەر بىلەن ئاقساقاللار شى جىنپىڭغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ئىشلىتەلەيدىغان بارلىق تەسىر كۆرسىتىش يوللىرى تاقىلىپ كەتتى.

نەتىجىدە، شى جىنپىڭ دەۋرىدە پارتىيە پېشقەدەملىرى قارىماققا سىياسىي ھاياتتىن پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈلگىنى يوق. ئۇلار ھېلىھەم دۆلەتلىك مۇراسىملاردا كۆرۈنىدۇ، مۇھىم يىغىنلاردا ئالدىنقى قاتاردا ئورۇن ئالىدۇ ۋە يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا دوكلاتلارنى ئاڭلايدۇ. ئەمما دىڭ يۈۋېن تەكىتلىگەندەك، ئۇلارنىڭ ئەمدى ھوقۇقى يوق. شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مۇستەھكەملىشى ۋە خىتاي سىياسىي سىستېمىسىنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي تەرەققىياتى بىلەن، ئاقساقاللار ئەمدى ھازىرقى رەھبەرلىكنى ئەستايىدىل نازارەت قىلالايدىغان بىر ئىتتىپاقنى (خادىم تەيىنلەش ھوقۇقى، ھەربىي تەسىر كۈچى، تەرتىپلىك بىلىم ۋە ئەخلاقىي نوپۇزنى بىرلەشتۈرگەن بىر ئىتتىپاقنى) ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

بوشلۇقنى تولدۇرالمايدىغان مېخانىزملار: مۇكەممەل ئورۇنباسار مېخانىزمنىڭ  يوقلۇقى

دىڭ يۈۋېن ماقالىسىنىڭ ئەڭ جانلىق قىسمىدا، كۈچلۈك ئاقساقاللارنىڭ يوقلۇقىدا خىتاي پارتىيە-دۆلەت سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى چەكلەش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قايسى مېخانىزملارغا تايىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇ مېخانىزملارنىڭ نېمە ئۈچۈن يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پارتىيە پېشقەدەملىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان «مۇكەممەل بىر ئورۇنباسار» يوق. دىڭ يۈۋېن ئوتتۇرىغا چىققان قىسمەن ئورۇنباسارلار مېخانىزملارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى تۆۋەندىكىدەك تىزىپ چىقىدۇ:

  • تۈزۈملەشكەن بىيۇروكراتىيە: بىيۇروكراتىيە رەھبەرلەرنىڭ شەخسىي خاھىشلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت  رەسمىي جەريانلارغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق قارار چىقىرىشنى ئاستىلىتالايدىغان ۋە قارشىلىق كۆرسىتەلەيدىغان ئامىل. دىڭ يۈۋېن بەزى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ، ئۆز مەكتەپ رايونلىرىنى بېيجىڭنىڭ تەخمىنەن 75 مىل جەنۇبىدىكى كەلگۈسىدىكى شەھەر شيۇڭئەنگە يۆتكەش پىلانىغا قارشى چىققانلىقىنى ۋە بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكىدىن كۆپ ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ بىر كېچىكتۈرۈش تاكتىكىسى، بىر رەت قىلىش ھوقۇقى ئەمەس.
  • سەرخىللارنىڭ ئۆزىنى قوغداش تۇيغۇسى: سەرخىللار كەسپىي ھاياتىنى خەتەرگە ئۇچرىتىدىغان تەۋەككۈلچىلىك خاراكتېرلىك قارارلاردىن ساقلىنىشقا مايىل بولىدۇ. بۇ سالماقلىقنىڭ  پالاكەتلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىشتە پايدىسى بولغىنى بىلەن ،  رەھبەرنىڭ ئاساسىي سىياسىي يۆنىلىشىنىڭ تەۋرىگىنىدىن بىشارەت بەرمەيدۇ.
  • تاشقى زەربىلەر: مالىيە بېسىمى ياكى سودا بېسىمىغا ئوخشاش ئىچكى سىياسەتنى شەكىللەندۈرىدىغان تاشقى زەربىلەر رەھبەرلەرنىڭ تاللاشلىرىنى چەكلىيەلەيدۇ.

دىڭ يۈۋېنگە كۆرە، بۇ نازارەت مېخانىزملىرىنىڭ ھېچقايسىسى، ئۆتمۈشتىكى پىشقەدەم ئاقساقاللارنىڭ ئارىلاشقىنىدەك بىۋاسىتە، تېز ئەمەس. شۇنداقلا،  ھوقۇقنىڭ شەخسىيلىشىپ كېتىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا ئۈنۈملۈك ئەمەس. ئارىلىقتىكى ئاساسىي پەرق، دىڭ يۈۋېن «ھوقۇق سىممېترىكلىكى» (power symmetry) دەپ ئاتىغان لوگىكىدا ياتىدۇ. ئىلگىرىكى دەۋرلەردە، ئاقساقاللار بىلەن  ۋەزىپىدىكى رەھبەرلەر  تەخمىنەن باراۋەر سالاھىيەتتە تۇراتتى. ئىنقىلابىي ئەجداد سۈپىتىدە ئاگاھلاندۇرۇشلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىكلەرگە خىتاب قىلغاندەك ۋەزن نامايەن قىلاتتى. ئىككىنچى ئەۋلاد ئاقساقاللارمۇ ۋەزىپىدىكى پارتىيە باش سېكرېتارىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايتتى. مەسىلەن، دىڭ شياۋپىڭنىڭ ۋارىسى جياڭ زېمىن 2002-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، پارتىيە تىزگىنىنى خۇ جىنتاۋغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىنمۇ پەردە ئارقىسىدا تەسىر كۈچىنى داۋاملاشتۇرغان. جياڭ پارتىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان سىياسىي بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالار سانىنى يەتتىدىن توققۇزغا چىقىرىش ۋە مۇھىم ئورۇنلارغا ئۆز ھامىيلىقىدىكى بىر قانچە كىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خۇ جىنتاۋنىڭ نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك ھالدا سۇيۇلدۇرۇپ، ئۆز كۈچىنى مۇستەھكەملىگەن.

شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى يېڭى تەرتىپ بولسا سېستىمىدا رەقىب ۋە قارشى كۈچ يوق سانايدۇ. سىياسەت  گورىزىنتال نازارەت قىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋېرتىكال  ۋە بىر يۆنىلىشلىك ھوقۇق يوللىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىيۇروكراتىيە شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئاستىلىتالايدۇ، ئەمما رەت قىلالمايدۇ. ئىقتىساد ئەمەلدارلىرى تەۋسىيە بېرەلەيدۇ، ئەمما رەھبەرلەرنى يۆنىلىش ئۆزگەرتىشكە زورلىيالمايدۇ. گېنېراللار ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، ئەمما ئامما ئالدىدا قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. بىر ۋاقىتلاردا باراۋەرلەر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سۆھبەتلەر بولغان بۇ مۇناسىۋەتلەر، ئەمدى ئۇچۇرلار يۇقىرىغا يوللىنىدىغان ۋە بۇيرۇقلار تۆۋەنگە چۈشىدىغان بىر تۇرۇبا يولىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇنقى ئاقساقاللار سىياسىتى گەرچە ئاشكارا  بولمىسىمۇ، «ھوقۇق سىممېترىكلىكى» سايىسىدا باشقا سەرخىللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرگە تەڭداش ئورۇندا تۇرۇپ خىتاب قىلىشىغا ۋە پارتىيە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ھەققىدە سەمىمىي سۆزلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتاتتى.

دىڭ يۈۋېن بۇ يېڭى ئەھۋالنىڭ خەۋپلىرىنى چۈشەندۈرۈشنى ، خىتاينىڭ COVID-19 يۇقۇمىغا قاراتقان ئۈنۈملۈك بولمىغان  ئىنكاسىنى مىسال كەلتۈرۈش  ئارقىلىق كونكرېتلىققا ئىگە قىلغان  . كۈچلۈك بىر ئاقساقاللار گۇرۇپپىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالالمايتتى، ئەمما ئۇچۇرنىڭ قارار چىقارغۇچىلارغا تېخىمۇ ئاسان يېتىپ بېرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق زىياننى ئازايتالايتتى. ۋىرۇس دەسلەپ تارقىلىشقا باشلىغان 2020-يىلى رەھبەرلەرنى  ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىغا بالدۇر قۇلاق سېلىشقا زورلىيالايتتى ۋە يۇقۇم ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللىرىغا ئۇزارغانسېرى شى جىنپىڭنى رەھىمسىز «نېل-COVID»      سىياسىتىنى بالدۇرراق بوشىتىشقا مەجبۇرلىيالايتتى. ئاقساقاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كىرىزىس ۋاقىتلىرىدا پارتىيە يۇقىرى قاتلىمىدا ئىچكى مۇنازىرىگە يول قويىدىغان بىر بوشلۇق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلىمىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈشىنى مۇمكىن قىلاتتى.

دىڭ يۈۋېن ئاقساقاللار تەمىنلىگەن تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچنىڭ ئورنىنى ئالغان قىسمەن ئورۇنباسار مېخانىزملار  ئارىسىدا پەقەت تاشقى بېسىمنىڭ – بولۇپمۇ ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ۋە توقۇنۇشىنىڭ تەسىرلىرىنىڭ – شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە چەكلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تاجاۋۇزچى تاموژنا بېجى ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقى، شى جىنپىڭنى خىتاينىڭ سودا شېرىكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ھەتتا تېخنولوگىيەدە ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش نىشانىغا تۆھپە قوشالايدىغان بەزى يەرلىك خۇسۇسىي ساھە شىركەتلىرىنى قۇچاقلاش ئارقىلىق ئىقتىسادىي يۆنىلىشىنى ماسلاشتۇرۇشقا زورلىدى. يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە مالىيە جەھەتتىكى ئاجىزلىققا ئوخشاش ئىچكى بېسىم ئامىللىرىمۇ شى جىنپىڭنىڭ تاللاشلىرىنى چەكلىيەلەيدۇ، ئەمما بۇ ئامىللار ھازىرغىچە ئۇنىڭ كۈنتەرتىپىنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا پەقەت ئاستىلاتتى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ قارار چىقىرىش جەريانى، كۈنسېرى  تار بىر ئىچكى چەمبىرىكىگە تايىنىشقا ئاساسلانغانسېرى تېخىمۇ ئىچكە يۈزلىنىپ، بۇ ئەھۋال كونترول قىلغىلى بولىدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ سىستېمىلىق خەۋپكە ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان خاتا ھۆكۈم چىقىرىش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا.

خۇلاسە

دىڭ يۈۋېن ئانالىزىدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىدۇ :  خىتاي سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى  ھەم ئېنىق، ھەم ئەندىشىلىكتۇر. ئۇ ئاقساقاللارنىڭ كۈچىنى يوقاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى قوبۇل قىلىدىغان نۇرغۇن تاشقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنى شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقنى مۇستەھكەملىشىنىڭ بىر قوشۇمچە  ئامىلى دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما ھەقىقەتتە مەسىلىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قاتتىق بىيۇروكراتىك قائىدىلەر ۋە مەركەزگە كۈچلۈك مەركەزلەشكەن رەھبەرلىكنىڭ بىرىكىشىگە تايىنىدىغان بىر سىستېما، رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەش ئۈچۈن كونكرېت يوللاردىن مەھرۇم بولغانلىقى ئۈچۈن،ۋەزىيەت  يازما بولمىغان كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا تايىنىدىغان سىستېما ۋەزىيىتىدىن خېلىلا نازۇكتۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۆزگىرىش پەقەت شى جىنپىڭ دەۋرىگە خاس ۋاقىتلىق ئەھۋال ئەمەس. شى جىنپىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كوللېكتىپ شەكىلدە باشقۇرۇشنى خالايدىغان بىر رەھبەر كەلسىمۇ، پارتىيە ئاقساقاللىرى ئەمدى بىر نازارەت مېخانىزمى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك نوپۇزغا ياكى ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان مۇناسىۋەت تورلىرىغا ئىگە بولالمايدۇ. ئىنقىلابنىڭ شۇ شانلىق كۈنلىرىدىن كۆپ يىراق بولغان خىتاي، ئەمدى شى جىنپىڭنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان كىرىزىسلارنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر قاتار نۇقسانلىق ئورۇنباسار مېخانىزملار بىلەن  تەلەيگە ئۈمىد باغلاشقا مەجبۇر. دىڭ يۈۋېننىڭ بۇ ماقالىسى خىتاينىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدىكى بۇ قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشنى، يەنى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى بىر ئامىلنىڭ يوقىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇلغان مېخانىزملارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ يوشۇرۇن مۇقىمسىزلىقلىرى ۋە خەتەرلىرىگە دائىر مۇھىم بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ماقالە ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ «پىشقەدەم ئاقساقاللار» دەۋرى ئاخىرلاشتى ۋە بۇ ئاخىرلىشىش دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى ئېنىقسىز ۋە تېخىمۇ نازۇك بىر يولغا باشلاپ كىردى.


پايدىلىنىش مەنبەسى:

[1] Deng, Yuwen. «The End of China’s Old Guard: Why Party Elders Can’t Save the Country From Xi.» Foreign Affairs, 14 Nov 2025. https://www.foreignaffairs.com/china/end-chinas-old-guard-xi-jinping-deng-yuwen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

*