ئەدەبىيات ۋە دىن

2021-يىلى 26-يانۋار

ئاپتورى: ئانتونىي يۇ (Anthony C. YU)

تەرجىمە قىلغۇچى: تەتقىقاتچى دوكتور ئادەم چالىشكان[1]

قىسقىچە مەزمۇنى:

دۇنيادا ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭ تارىخقا ئىگە بولغان دىن ۋە ئەدەبىيات ئارىسىدا يېقىن بىر باغلىنىش بار. شۇڭلاشقا دىن ۋە ئ‍ەدەبىيات باغلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەۋزۇدۇر.

 Anthony C.YU«ئەدەبىيات ۋە دىن» ئىسىملىك بۇ ماقالىسىدە بۇ تېمىغا كەڭ دائىرىدە نەزەرسالغان  ۋە تەتقىق قىلغان. ماقالە قىسقا بىر كىرىشتىن كېيىن، «ئەدەبىياتنىڭ شاھىتلىقى» ۋە «ئەدەبىىيات تەتقىقاتى» دېگەندەك ماۋزۇلار بىلەن داۋاملىشىدۇ، ئاخىرىدا «پايدىلانغان ماتېرىياللار»  بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ماقالىدە ئەدەبىيات ۋە دىن ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىىرىلىك باغلىنىش، ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنغان. بۇ ماقالە، ئ‍ومۇمى جەھەتتىن قارىغاندا ئەدەبىياتقا، خۇسۇسەن سەل قارىلىۋاتقان دىنىي ئەدەبىيات تەتقىقاتلىرىغا چوڭ ھەسسە قوشىدىغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىندى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئەدەبىيات ۋە دىن، دىراما، شائىر، شېئىر، تىل، تىلشۇناسلىق.

دىن تەتقىقاتىدا ئەدەبىي ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە كۆرۈنەرلىك سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ تارىخى قىممىتىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئەڭ روشەن بولغان شەيئى دائىم نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ ۋە نەتىجىدە بىلىنگۈچى تەكرارلىنىشقا مەجبۇر قالىدۇ. ئۇ، ھىندى، ئىسلامىي، خىتاي– ياپونىيە ياكى يەھۇدى – خىرىستىيان بولسۇن، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ئىلغار مەدەنىيەت سىستېمىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ھەرخىل شەكىلدە بولسىمۇ، دىنىي چۈشەنچە، تەشكىلات ۋە سىمۋولىزمى بىلەن ئالاھىدە – ھەقىقەتتە كۆپىنچە بىر-  بىرى بىلەن كىرىشىپ كەتكەن- باغلىنىش ئىچىدە تەرەققىي قىلغان. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرى ۋە تەپەككۇر دۇنياسىنى، ئىبرانىي ئەپسانە ۋە ھېكمەتلىرىنى،  خرىستىيانىي سىمۋولىزم ۋە دىندارلىقنى ھەقىقىي مۇھىم ئورۇنغا قويماي تۇرۇپ Erich Auerbach ئىسىملاندۇرغان 2500 يىللىق «ياۋروپاچە دىرام ئەدەبىياتى»نى تامامەن چۈشىنەلمەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئۈچ دىنىي ئەنئەنىنىڭ دىنىي ۋە دىنىي بولمىغان ئەدەبىي مىراسلىرىنى تەتقىق قىلماي تۇرۇپ ئۇلار توغرۇلۇق  ئىگە بولغان چۈشەنچىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزگە قىلغان تەسىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىمىز، خۇددى دەرەخنى قوپاللارچە پۇتاپ قويغانغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭدەك، پال سېلىش مۇراسىملىرى، بۇددا نوملىرى ۋە كۇڭزىچە تەپەككۇر، خىتاي لېرىك شېئىرى، دىراماسى ۋە نەسىر رومانىنىڭ كىلاسسىك شەكىللىرىنى بەھىرلىنىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېمپىراتورغا لايىق خىتايدا ئۇچراشتى. بۇددىزىمدا دەرەخلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر (Somalijobutsu)توغرۇلۇق ئىنچىكە مۇلاھىزىلەر، 12. ئەسىردە ياشىغان شائىر Saigyo نىڭ نۇرغۇن گۈزەل ۋەقەلىرىدە يېزىلغان بولسا، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياپونىيەدە ياشىغان سەيياھ بۇددىست پاپاسى بىلەن ئۇنىڭ ئەپسۇنچى سۈيئىستىمالچىلىرى،  noدىراماسى ئۈچۈن ساناپ تۈگەتكۈسىز ماتېرىيال تەمىنلىدى. ئوخشىمىغان دەۋرلەردە، ھىندى دىنى، يەھۇدى دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە بۇددىزمنىڭ ھەرخىل بۈيۈك قىسىملىرىدا، مۇقەددەس سېكۈلەر بولغان باھالاش ئىلمى، پەرقلىق دەۋرلەردە، ئوخشاش ۋە ئۆزئارا بولغان تەسىرلىك بىر ئۇسلۇپتا تەرەققىي قىلدى. بۇ مۇقەددەس ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز تېكىستلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ۋە ئۇلارنى يېشىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىگە سەل قاراش، دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە دىن تارىخىغا قىلىنغان چوڭ بۇزغۇنچىلىقتۇر.

ئەدەبىياتنىڭ شاھىتلىقى

ئالىملار مەلۇم ئەدەبىيات ژانېرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شېئىر ۋە دىرامانىڭ مەنبەسىنىڭ دىنىي مۇراسىملار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆپ قېتىم ئىلگىرى سۈرگەن.(Poetry ve Dramaغا قاراڭ) بۇ كۆز قاراش، پۈتۈن ژانېرلارغا ماس كەلمىسىمۇ، ئېپىك بىرقانچە ژانېرىنىڭ مەنبەسىدە شامانىزمنىڭ تەسىرى  كۆرۈلگەنلىكى توغرىسىدا كىچىك بىر مەسىلە بار.(Mircea Eliade, Shamanism: Archaic Techniques of Ecstasy, Şamanizm: Eski Vecd Teknikleri, 1964). [Bkz., Shamanism ve Epics.]  ئەدەبىياتنىڭ دىن بىلەن بولغان باغلىنىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ۋە ئىسپاتى بولسا – ھەم ئېغىز ئەدەبىياتى ھەم يېزىق، ھەم ئاقسۆڭەك ھەم خەلققە ئائىت – ئەدەبىياتنىڭ، دىنىي ئېتىقاد ۋە پائالىيەتلەرنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىدۇر. Vergilدىكى (Aeneid, 6.77- 102)   Sibylline كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىشى ياكى Seneca دىكى (Oedipus, 303 vd) كاھىن پالچىلىقىنىڭ تەپسىلىي تەسۋىرى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. خۇددى قەدىمكى ھىندىستاندا بولغىنىدەك، بەزى مەدەنىيەتتە، ئەدەبىيات دىنىي ئەنئەنە قەيت قىلىنغان مەنبەلەرنىڭ بېشىدا كېلىشى مۇمكىن. ئومۇمەن  «تەڭرىلەر بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدىكى  ئالاقە مەسىلىسىنىڭ Homeros نىڭ دۇنياسىدا مەركەز ئىكەنلىكى» (Albin Lesky, Geschichte der griechisehen Literature, Grek Edebiyat Tarihi 2d ed., 1963)  بىلىنىدۇ، ئەمما بۇ كۆز قاراشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، قەدىمىي يېقىن ئوتتۇرا شەرق بىلەن ھىندى ئەدەبىياتىنىڭ چوڭ جۇغلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. Eliade نىڭ “une initiation manquee” دەپ ئاتىغان (Historie des croyances et des idées religieuses, İnançlar ve Dinî Düşünceler Tarihi, vol. 1, 1976), سۈمەر ۋە قەدىمىي بابىل نۇسخىلىرى بىلەن گىلگامىش داستانى(Gılgamış Destanı) سېكۈلەر ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى دەپ قوبۇل قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ۋە سەرگۈزەشتىلەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن دىنىي ماتېرىياللارنىڭ كىلاسسىك بىر ئۆرنىكىدۇر. گەرچە داستان قارىماققا ئادەمنىڭ بىلىمدىن شۈبھىلىنىشى ۋە ئ‍ۆلۈمدىن قېچىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولسىمۇ ۋە شېئىرنىڭ (بابىللىقلارنىڭ يارىتىلىش شېئىرى بولغان Enuma elish تە بولغىنىدەك) دىنىي مۇراسىمنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، سۆزلەنگەنلەرنىڭ دەلىلى قەتئىي كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گىلگامىش مېسوپوتاميە كائىنات نەزەرىيىسى ۋە دىنى ئېتىقادىنىڭ پۈتۈنلەي ئىپادىلىنىشى بولغاچقا، يەنىلا ئوقۇرمەنلىرى مەۋجۇد.   Gılgamış ۋە Enkidu  ھېكايىلىرىنىڭ بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇن ئىپىزوتلىرى – بىر شەھەرنىڭ مۇھاسىرىسى، بىر ئورمان سەپىرى، ۋاپاسىز خانىشلارنىڭ يولى، بىر ھامىي گۇرۇپپىسىنىڭ ماتەملىك ئۆلۈمى – تامامەن تېپىلغان بولسىمۇ، بىز ساھىبخان خانىش خاراكتېرى ۋە ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇچرىشىمىز. شېئىردىكى نۇرغۇن چوڭ تەڭرىلەر ۋە مۇھىم رول ئوينىغان خانىشلار بۇ قەدىمىي مەدەنىيەتتىكى مۇھىم ۋە مۇقەددەس ئۇقۇملارنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، توپان ھېكايىسى ۋە ئاخىرەتنىڭ جانلىق ھېساپلىرى، ئ‍ىبرانىي يارىتىلىش ۋە قىيامەتشۇناسلىق چۈشەنچىسى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرىدىغان سېلىشتۇرما بىلەن ئوتتۇرىغا چىقاتتى.  (Krş., Thorkild Jacobsen, The Treasures of Darkness: A History of Mesopotamian Religion, Karanlık Hazineler: Mezopotamya Din Tarihi, 1976; Jeffrey H. Tigay, The Evolution of the Gilgamesh Epic, Gılgamış Destanı’nın, Gelişimi 1982). [Ayrıca bkz., Enuma Elish; Gilgamesh ve Drama, Ancient Near Eastern Ritual Drama üzerine makale.].

ھىندى ئەنئەنىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى دىننىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۈچۈن ھەم شەكىل ھەم مەزمۇن جەھەتتىن تەسىر كۆرسەتكەنلىك پىكرىنى ياقىلايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن مۇمكىندۇر. بۇ تۈپەيلى، ھىندى ئەدەبىياتىغا زامانىۋى بىر كىرىش سۆز يازغۇچىلارنىڭ «ھىندىستان خېلىلا زامانىۋىلىشىشتىن ئىلگىرى ھىندىستاندا – ھىندىستان بىلەن دېيىلمەكچى بولغىنى ھىندى پاكىستان ئاستىنقى قىتئەسى – بەزىدە ئەدەبىياتنى دىنىي ھۆججەتلەردىن ئايرىش قىيىندۇر. بۇ ھىندىستان جەمئىيىتىدىكى دىنىي قىممەت قاراشلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى دىننىڭ ئ‍ەدەبىياتنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى ۋە ھاياتنىڭ ھەر يۆنىلىشى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈندۇر.» (Edward C. Dimock, Jr. ve diğerleri., The Literatures of India: An Introduction, Hind Edebiyatları: Bir Giriş, 1974) دەپ ئىپادىلەشكە مەجبۇر قالغان ئىككى بۆلۈنمەس ھەقىقەت باردۇر. بۇنداق كەڭ دائىرىلىك بىر بايانات\ ئىپادە ھەقىقىتى ئىبرانىچە davar ياكى Johannine logos قا كۈچلۈك بىر ئۆرنەك تەرىقىسىدە، ھىندى مەدەنىيىتىدە ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئۇلۇغلاشتۇرۇلغانلىقى كۆز قارشىدا تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم بولۇشىدۇر. بۇ كۆز قاراش شۇدۇركى، ئەدەبىي پاراڭ، ئۆي ۋە ساراينىڭ ئەمەس، بىر كىشىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇھىتتىكى پاراڭلار، ئۇلۇغلۇقتا ئاساسەن، «خانىش بىلەن ياراتقۇچى تەڭرى Prajapati نىڭ تۇنجى سۆزى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن.”(Dimock) ئ‍ەدەبىي پاراڭ، ئەيسادىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى ماتېرىياللاردا تۆت ئىلاھىي ئەسەرلەر توپلىمى بولغان (مۇقەددەس مەلۇماتلار) Vedalar دا مۇقەددەس دەپ قارالغان تىلدۇر. بۇ ئەسەرلەر گەرچە ئادەمنىڭ كائىناتتىكى ئورنى، باشقىلار بىلەن بولغان ئ‍الاقىسى، ئۆلۈم ۋە ھاياتقا ئائىت چوڭقۇر سۇئاللار توغرۇلۇق بولسىمۇ، بۇ تىل، ئۇ تېكسىتلەر كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل چۇڭقۇر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. Sruti («چۈشەنچە بېرىش» ياكى «بىر كىشىنى مۇقەددەس دەپ قارىغان بىر چۈشەنچە») ئىسىملىق تېكىستنىڭ  ئۇلۇغلۇقى، خۇددى ۋاقتىنىڭ كونىرىتىش كۈچىگە جەڭ ئېلان قىلغان بىر يۆتكەش ئۇسۇلى دۇنياۋى قېتىلغۇچى (پاپا)لاردىن تەلەپ قىلغاندەك. بۇ قورقۇنچ ۋە خۇشۇ بېرىدىغان مەسئۇلىيەت ئامانەت قىلىنغان ئۇزۇن راھىپلەر سېپىگە كۆرە، بۇ مۇقەددەس ئىلاھلار ۋە قۇربانغا ئائىت سېھىرلەرنىڭ ھەرپمۇ ھەرپ ۋە توغرا ئاھاڭى بىلەن يادلاشقا تايانغان خاتا بىر ھەرىكەت دېمەكتۇر. سۆزلەرگە قىلىنغان بۇ چۇڭقۇر ھۆرمەت، ئېتىمولوگىيىلىك تەتقىقاتنىڭ سۆز ۋە سۆزلەرنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ھەرجەھەتتىن بىردەك بولغان  بىر تىل ئانالىز بىلىمىنىڭ تاسادىپىي شەكىللىنىشىگە  سەۋەپ بولدى. Panini نىڭ گرامماتېكىسى (ئەيسادىن ئىلگىرى تەخمىنەن تۆت مىڭ يىل) ئەسلىدە  Li Sius نىڭ خىتاي رادىكال سىستېمىسىنى بىر سىستېمىغا باغلىشى بىلەن ئەيسادىن ئىلگىرى تەخمىنەن 213.يىلى) بىلىمنىڭ چوققىسى بولغان ۋە مىللىي ئەدەبىيات تىلى بولغان سانسىكرېت تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش/ ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان Hsu Shen نىڭ تۇنجى چوڭ لۇغىتى )Shvo-ven Chieh-tzuتەخمىنەن 121.يىلى) نى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، بۇ تىلمۇ ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن چوڭ ئەدەبىي ئابىدىلىرىنىڭ ئانا تىلىدۇر. Vedalarنىڭ تېكىستلىرى پەلسەپى نۇسخىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلغاندەك، كېيىنكى   UpaşinadlarۋەAranyakos  دا كونكرېتلاشتى. بۇ تۈپەيلى، Panini نىڭ گرامماتېكىسىغا ئاساسەن ئېنىقلىما بېرىلگەندەك، سانسىكرېت تىلىدا ئەدەبىيات، تۇنجى ئەسىردە شائىر Valmiki يازغان ئىككى ئابىدە دەستانى Mahabharate (ئەيسادىن ئىلگىرىكى 500 ۋە 400- يىللىرى ئارىسىدا رەتلەندى) ۋە Ramayana نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى دەستان ئۇزۇنلۇقى بىلەن دۇنيا ئەدەبىياتىدا تەڭداشسىزدۇر. ئىككى راھىپ Dhrtarastraبىلەن Pandu ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى Kauravas بىلەن Pandayas ئوتتۇرىسىدا ئۇزىراپ كەتكەن ئىختىلاپ توغرۇلۇق يېزىلغان بولۇپ، دەستان يۈز مىڭ مىسرالىق بىر شېئىردۇر. داستان بەزىدە «بەشىنچى خوشلىشىش»(Beşinci Veda) دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەپسانىلەر، خەلق ھېكايىلىرى قوشاقلار ۋە Northrop Frye نىڭ «قامۇس شەكلى» دەپ ئاتىغان ھەرقانداق بىر باشقا تۈردىن جىق كۆرسەتكەن دوگمىلارنىڭ (Bhagavadgıta (ئۇلۇغلار ناخشىسى) ئالتىنچى كىتابىدىكى بىر شېئىر خۇلاسىسىدۇر. Ramayana بولسا Mahabharacaدىن پەرقلىق (قەھرىمان Ramaغا، Rama نىڭ ئايالى قاچۇرغان تەڭرى Ravana نىڭ ياردەمچىسى بولغان مايمۇنلارنىڭ يولباشچىسى Hanumanيوشۇرۇپ قويغان سېھىرلىك مايمۇنلارنىڭ ئۆي ئىگىسىنىڭ ياردەم قىلغانلىقى) رومانتىك بىر ھېكايە بولۇپ، قىسقا بىر ئەسەردۇر. Puranas ناملىق ئەسەرنى بۇ ئىككى داستاننىڭ خۇلاسىسى دېيىشكە بولىدۇ. Puranas ھىندى خەلقىنىڭ ئۆزى ۋە دۇنياغا بولغان كۆز قارىشى، تەپەككۇرى ۋە دىنىي پوزىتسىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان «ھېكايىلەر، مەسەللەر ۋە قوشاقلار» (Dimock) خەزىنىسىدۇر. ئەيسادىن كېيىنكى تۇنجى ئەسىردە يېزىلغان ئەسەرلەردە، Ramayana نىڭ يېزىلىش قۇرۇلمىسى كۆرۈلگەن، ھەم تېخىمۇ ئ‍ۇزۇن ئەسەرلەر (mahakavya) ھەمدە تېخىمۇ قىسقا ۋە لېرىك نەزمىي ئەسەرلەر (subhasita) دىن تەركىپ تاپقان kavyaيېزىش ئۇسلۇبى مەيدانغان كەلگەن. [Ayrıca bkz., Vedas; Brāhmanas venÂranyakas; Upanisads; Mahābhārata; Rāmāyana; Bhagavadgitā; Poetry; Indian Religious Poetry ve Pānini’nin biyografisi.]

سانسىكرېت تىلىنىڭ ھىندىستان تارىخىدىكى چوڭ تىل ۋە ئ‍ەدەبىي ئېقىملارنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى ئەسلەشكە تېگىشلىك. ھەتتا بۇ خىل بىر قىسقا تەتقىقاتتا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان باشقا مۇھىم ئامىللار، Dravidian ئەدەبىياتلىرى، تۆت ئانا تىلنىڭ، يەنى Kanada,Telugu,Tamil  ۋە Malayalam نىڭ ئەدەبىياتلىرىنى، ھەر بىرىنىڭ شەكلى، ئەنئەنىسى، ئېپىك ۋە لېرىك ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ھىندى ۋە بىنگال دىنى لېرىك ئەدەبىياتنىڭ باي ۋە كەڭ دائىرىلىك نەمۇنىلىرى باردۇر ۋە بۇددىزم، Pali ۋە Prakrit ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسلىرىگە كۆرە، ھەم ئۆلچەم ھەمدە قەدىمىي ئۆلچەملىك ئەسەرلەر ئۈچۈن كېرەكلىك ۋاستىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. پۈتۈن دىنلارنىڭ ئالىملىرىغا ئوخشاش، ھىندى دىنلىرىنىڭ ئالىملىرىمۇ سەنئەت ۋە ئىمارەت، ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە تۈزۈملەر، ئايكون(سىموۋۇللۇق بەلگە) ۋە چوقۇنۇش، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلار ۋە مەدەنىي ئۆرنەكلىرىنى تەتقىق قىلىشى زۆرۈر بولسىمۇ، مىللىي ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، پۈتۈنلۈكى بىلەن دىققەت تارتقان دىن: كائىنات نەزەرىيىسى ۋە قىيامەتشۇناسلىق، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئىلاھىي جەڭلەر (ئىلاھلار ئارىسىدا ياكى ئىلاھلارغا قارشى جەڭ) )dharmaقانۇن،تەبىئەت قانۇنى)ۋەkarman گۇناھ ۋە قۇتۇلۇش، كىرلىنىش ۋە پاكلىنىش، مول – ھوسۇللۇق ۋە مەڭگۈ ھاياتلىق، باشلاش ۋە ئىلاھلاشتۇرۇش brahmenik ئاددىي – ساددىلىق ۋە  bhaktiدىندارلىقى بىلەن مۇقەددەسنىڭ مىڭلارچە يۈزىنىڭ كۆركەم بىر يۈرۈش ساۋۇتىنى سۇنىدۇ. George Dumezil نىڭ تەتقىقاتلىرى(Mythe et épopée, Mit ve Destan, 2 vols.,

1968-1971), ، Mahabharateدەك بىر داستاندا تەڭرىلەر بىلەن قەھرىمانلار ئارىسىدىكى روشەن بولمىغان باغلىنىشنى ئۆرنەكلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى بىلەن بەش Pandavaقەھرىمانى، ئاندىن سانسىز باشقا قەھرىمانلار مۇقەددەس نەسەب يولى بىلەن mitكە باغلىنىدۇ. بۇ قەھرىمانلار، دۇنيادا ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئۈچ ۋەزىپىسى؛ ھۆكۈمرانلىق، كۈچ ۋە تۇغۇمچانلىقىنى ئورۇنلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە Dumezil گە كۆرە ھەممە ئەپسانىۋى سېنارىيىلەر/ تېمىلار، داستاندىكى خاراكتېرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ئاستىرىتىن قوللاش ئۈچۈن ئادىمى سەۋىيەنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلغان. دۇنيا ئاخىرلاشقان چاغدىكى قىيامەتكە دائىر ئ‍ىختىلاپ، Mahabharate نىڭ ۋە نۇرغۇن ھىند – ياۋروپا داستانلىرىنىڭ چوڭ جېڭى بولغان. Mahabharate دىكى قۇياش ۋە بوران تەڭرىسىنىڭ كونا ئاداۋىتى، (كۈننىڭ ئوغلى)Karna بىلەن (Indraنىڭ ئوغلى) Arjuna نىڭ سوقۇشۇشلىرى/بىرگە – بىر ئېلىشىشلىرى نەقىل قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، داستان خاراكتېرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقلىرىنى بۇ جەھەتتىن چۈشىنىش، ئورنى ئالماشتۇرىۋېتىلگەن، ئەمما پۈتۈن قەدىمىي ئەپسانىلەرنى تونۇماقتۇر. شۇڭا Dumezil، بىزنىڭ بۇ خىل داستانلارنىڭ «نۇرغۇن جەمئىيەتتىكى ئوخشاش نەرسىگە، «نەسەبلەر تارىخى»نىڭ شەكىللىنىشىگە(Du mythe aux roman, Mitolojik Roman, 1970) تەڭ بولغان شەكىللىنىشنى بىلىدىغانلىقىمىزنى كېسىپ ئېيتىدۇ.

ھىندىستان، ئەدەبىي تېكىسىتلەرنىڭ تەرەققىي قىلغان بەدىنى دىن ئالىمى ئۈچۈن ئاساسلىق ماتېرىيال بولۇپ، مەيلى قايسى خۇسۇستا خىزمەت قىلسۇن، ئەلۋەتتە يەككە مەدەنىيەت ئەمەس. Heradotus تونۇلغان بىر ئابزاسىدا Homer ۋە Hesiod نىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىمىزنى شەكىللەندۈرگەن ۋە بىز ئۈچۈن ئۇلارغا دائىم مۇۋاپىق تېمىلار، ئىشخانىلار ۋە كۈچ بېرىش ئارقىلىق تەڭرىلەرنى تەسۋىرلەيدىغان شائىرلار ئىكەنلىكىنى (Histories,2-15). [Bkz. Homer ve Hesiod’un biyografileri.] دىققەت بىلەن تەتقىق قىلغان. بۇ كۆز قاراش، بۇ ئىككى شائېر سىزغان رەسىمگەHomeric Hyms  بىلەن ,Pindar, Stesichorus, ۋە تىراگېدىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى قوشۇش زۆرۈر بولغان تەقدىردىمۇ مۇنازىرە پەيدا قىلمايدۇ.

Theogony، ئەيسادىن ئىلگىرى تەخمىنەن 700- يىلدىن كېيىن يېزىلغان بىر ئەسەر بولۇپ، Hesiodنىڭ يازغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئەسەردە يەر ئاستى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە تەسۋىرلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ ئالاھىدىلىك، پەقەت قەدىمىي يۇناندا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ماددىي ئورنى بىلەن بولغان چوڭقۇر مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپلا قالماستىن، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ تېماتىك ئەكىس سادانىڭ، Odysses نىڭ 11 كىتابىدا Vergil ۋە (Dante)دانتىدەك، غەرپ شېئىرلىرىغىچە Hellenikمەدەنىيەت ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە Theogony  ھەم ئىسمىغا ماس ھالدا، مۇقەددەس تۇغۇلۇش، پەرق ۋە مەرتىۋە تۈزۈمى قاتارلىقلارنى مەركىزىي قىسىمغا قويدى. ئۇ (نامەلۇم بىر شەكىلدە بىر ھىند – ياۋروپالىق ئاسمان ۋە بوران تەڭرىسى) Zeus نىڭ ھېچكىم جەڭ ئېلان قىلالمىغان ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن غەلبىلىك سەھنىلىرىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، شېئىر، Olimpos لىق ئون ئىككى تەڭرى گۇرۇپپىسىنىڭ باشقا داڭلىق ئەزالىرىدىن زىيادە بۇ تەڭرىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ خانىدانلىق كۆرەشلىرى (Prometheus،Hekate،Kronos، ۋە ئارىلاش ئالۋاستى ۋە دېۋىلەر گۇرۇپپىسى) بىلەن دەرھال باغلىنالايدىغان مەزمۇنلارغا تېخىمۇ جىق ئ‍ورۇن بەردى. ئەسەر بېشىدا Ouranos ۋە Gaia نىڭ، ئاسمان ۋە سامانىڭ ئىلگىرى Kaos تەرىپىدىن ئىگەللەنگەنلىكى ۋە كېيىن ئالەمنىڭ پەيدا بولۇش نەزەرىيىسىنى مەركەز قىلغان بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن Zeus نىڭ Metis, ,Themis, ، Eurynome,Mnemosyneۋە Heraبىلەن توي قىلىشىنى باشقا ۋەقەلەرئارىسىدا قەيىت قىلىدۇ. بۇ نۇرغۇن ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە ئاشىقانە ۋەقەلەرنىڭ مەنىسى ئوچۇق – ئاشكارا ھەم دىنىي (Hierogamy) ھەمدە سىياسىيدۇر.

Helllen دىن ئىلگىرىكى خانىشلارغا ئۇزۇن زاماندىن بېرى چوقۇنۇلغان ۋە ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس ئورۇنغا ئىگە بولغان چاغدا، Zeus ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆتتى. Zeus نىڭ خانىشلارنىڭ ئورنىغا ئۆتۈشى بىلەن قەدىمىي يۇنان دىنىغا خاس خاراكتېرلەرنى شەكىللەندۈرگەن ئورتاق ھايات ۋە بىرلىشىش جەريانى باشلىنىدۇ (Eliade, Historie, vol.1, 1976). .Zeus نىڭ كۈچلىنىشى ۋە زەپىرىنىڭ تەسۋىرى، يەرلىك دىن فىگورالىرىدىن، Panhellenikئۆلمەس ناخشىلارنىڭ قەھرىمانلىرىغىچە Homer داستانلىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن Iliad ۋە Odysses نىڭ مۇھىم قەھرىمانلىرىنىڭ تەسۋىرىدە ئىككىنچى بىر نۇسخىغا ئىگىدۇر.

[L.R. Farnell, Greek Hero Cult and Ideas of Immortality, Grek Kahraman Kültü ve .lümsüzlük Düşünceleri, 1920; Ervin Rohde, Psyche, Ruh, 2d ed; trans. W. B: Hillis, 1925].

  Homerikشېئىرلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي بولغىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان ۋە رولىنى جارى قىلدۇرغان چاغدا، چوقۇم تەڭرىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ھېكايىسىنى سۇنىدۇ. ھەر ئىككى داستاندا، پەقەت Zeus نىڭلا ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە Athena،Hera  Apollo,ۋە   Poseidonدەك جەڭچى ۋە ھامىي بولغان ئىلاھىي بارلىقلار بىلەن Hermes ۋە Heohaistosقا ئوخشاش، ئالاھىدە روللىرى بىلەن تەڭرىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ خىل ئىلاھىي بارلىقلار ھالقىلىق روللار؛ پەرەز ۋە ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان قىلمىشلىرى، تەڭرىلەر بىلەن تىپىك زىتلىقلار، يىراقلىق ۋە يېقىنلىق، شەپقەت ۋە ئالىملىق، ئادالەت ۋە شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئادەملەر ئ‍ارىسىدىكى ئالاقىگە يۈزلىنىدۇ. (Lesky, Geschichte, 1963).

يۇنانىستانلىق قەھرىمانلار ئ‍ىچىدە، Herodotus ھەقىقىي ياكى خىيالى، دىققەتنى جەلىپ قىلىدىغان مەرھۇم ئەر ياكى ئايال ئىبادىتىنىڭ Hellenik مەدەنىيىتىگە ئاساسلانغاندا غەلىتە ئىكەنلىكىنى ئىما قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ «مىسىر دىنىدا ھېچقانداق قىممىتى يوق» دېگەن. بىز، ھازىر بۇنداق يەككە سىنىپنىڭ باشقا ھىند – ياۋروپا ئەدەبىياتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى بىلسەكمۇ، ھەم ئەدەبىي ئەسەرلەر ھەم دىنىي ھۆججەتلەر بۇ شېئىرلارنى ئايدىڭلاشتۇرغىنىنى بايقاش بىلەن، Homer دىكى مەۋجۇتلىقى بىر ئالاھىدىلىكتۇر. ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار مەركەزلىك ئورۇنغا قويۇلغان قەھرىمانلارنىڭ ئوچۇق بىر باياندا دىنىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولمىغان، Pan-hellenik داستان ئەنئەنىسى تەبرىكلىگەن يەرلىك، چوقۇنۇلغان فىگورالاردۇر (Gregory Nagy, The Best of the Acheans, 1979). يەنە بىر تەرەپتىن، قەدىمىي يۇنان قەھرىمانلىرىنىڭ – kült  ئارقا پىلانداچوقۇنۇلغان پۈتۈن ياكى يېرىم مۇقەددەس نەسەپلىرىنىڭ ئۇلارغا تەسىر قىلغان قابىلىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ تەڭرىگە قانداق ئايلانغانلىقى توغرۇلۇق كېيىنكى پەرەزلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ – مۇقەددەسلىكى ئاساسەن يوق دېيەرلىكتۇر (Plutarch, De defectu oraculorum, 415b).

Achilles ۋە (  Aeschylusنىڭ ئۈچ جىلت ئەسىرى) Prometheus تەك فىگورالارنى ئايرىغان ۋە ئۇلارغا مەسىلە بولۇپ قالغان ئۇلۇغلۇقىنى بېغىشلىغان «تەڭرىدىن تۇغۇلغان ئىنسان بولۇش»(Paola Vivante, The Homeric Imagination, Homer İmgelemi, 1970) ئىنسان تەبىئەتلىرىنىڭ ئىنتايىن «بىئارام قىلىدىغان ئېنىقسىزلىقتۇر».

 Homerikشېئىرلەر ئىنسانلارنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەخلاقسىزلىقلىرىنىڭ ئالدىراڭغۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ۋە ئىنچىكە ھېسسىيالىرىنىڭ ئوبرازى بىلەن مەشھۇر تەڭرىلەرنىڭ تەسۋىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئادەمگە خاس ئالاھىدىلىك، ھەم تەڭرىلەر ھەم ئىنسانلار ئارىسىدا ھەقىقەتەن چوڭ ئۆزگەرمەس بىر ھاڭنىڭ بارلىقىنى پۈتۈن كىلاسسىك يۇنان ئەدەبىياتىدا ئومۇملاشقان چوڭقۇر بىر ھېسسىياتنى يوشۇرۇلمايدۇ. مۇقەددەس Olimpos تا ياشىغان تەڭرىلەر ئۆلمەس(aphthitoi,athanatoi) تۇرۇقلۇق، ئىنسانلار Apollo نىڭ سۆزلىرى بىلەن، دۇنيانىڭ مېۋىلىرىنى يېگەن ۋە كېيىن چۈرۈپ ھېچنەرسە قالمىغان(Iliad 21.463) ھالدا ياشاش بىلەن بىرلىكتە يوپۇرماقلىرى قىزارغان بىر كۈننىڭ يوقسۇل مەخلۇقاتىدۇر.

پەقەت، ھاياتنىڭ قىسقا بولۇشى ۋە ئىنسانغا ئەھمىيەت بېرىلمەسلىكى، قاتتىق زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ۋە چوڭ مۇسىبەت ئىچىدىكى قەھرىمانغا غەيرەت (arete)ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئۆزگەرمەس بۇيرۇقنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، بىرىنىڭ ئۆلۈمنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك تۇرۇقلۇق، مۇقەددەسلىكنى ھەددىدىن زىيادە ئ‍ارزۇلاشقا قارشى، ئەڭ مۇكەممەل يۇمۇرىستىك تەسىرگە ئېرىشكەن قەھرىمانىنىڭ «تەڭرى كەبى/ تەڭرىگە ئوخشاش» ( theodides,theoeikelos)دېگەندەك سۈپەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. Homer دە ياكى تىراگېدىيە يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمىدە تەڭرىلەر قوللاش ياكى باشقۇرۇش، تەستىقلاش ياكى ئالداش، يول قويۇش ياكى يوقىتىشتا ئەركىندۇر.ئۇلار ھەم نورمال ھەم غايىۋىي بولغان بىر ئىستەك ۋاسىتىسى بىلەن (Apollo ve  Hector,Athena ve  Odysseus)(بىر- بىرىگە) باغلىنالايدۇ. يەنى، بۇ «مۇقەددەس ئىنسان ئۇچرىشىشى»دا ھېچبىر تەڭرىگە ھەرقانداق خۇسۇستا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. Penepole يولدىشىنى ئۇزۇن مەزگىل كۈتۈپ قايتا جەم بولغاندا، «تەڭرىلەر بىزنى ئازاپلىدى» دەيدۇ. «ئۇلار ئىككىمىزنىڭ دائىم بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىشىمىزنى قىزغانغانلىقى ئۈچۈن، ياشلىقىمىزغا ئامراق ۋە ياشىنىپ قالغان چېغىمىزنىڭ بوسۇغىسىدا كېلىدۇ.(Odyssey,23.210-212) شۇنداق تۇرۇپمۇ، بۇ سۆزنىڭ ئىچ ئاغرىتىش ۋە مەرھەمەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش كۈچى، بۇ داستاندا ئىپادىلەنگەن روھى دۇنيا، ھاياتنىڭ ئاتا قىلغانلىرىنى قىممەتلەندۈرىدىغان مۇقەددەس كۈچنى تېخىمۇ ئۇلۇغلاش ئۈچۈن كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئازاپلانغان بىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ئەمەستۇر. Odyssesنىڭ تېخىمۇ بەك ئىنسان ئەقلى، قابىلىيىتى، جاسارىتى ۋە Hectorنىڭ جەڭگە بېرىش ئۈچۈن ۋىدالىشىشى ۋە ھەرىكىتىدە ياكى Priamنىڭ Achillesنى يالغۇز كۈتىۋېلىشدا Iliad دا بولغىنىدەك ئىنتايىن كۈچلۈك تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ بارلىقىدا ساداقىتىنىڭ تەبرىكلىنىشىدۇر. بۇ تۈپەيلى، بىز Homer نىڭ پۈتۈنلۈكى Iliad نىڭ قابىلىيىتى ۋە غەرپ ئېڭىنىڭ بېشىدا بولۇشىدىن كۆپىنچىسى ئۈچۈن ھېكايە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان Odysseyنى باغرىمىزغا باسالايمىز. بىزنىڭ Achilles كە ئوخشاش ئاچچىقىمىز يامان ۋە Nestor دەك ياشانغان، ئۆيگە، مەملىكەتكە قايتىشىمىز  Odysseusنىڭ قايتىشىدۇر. (George Steiner, After Babel, Babil’den Sonra, 1975).

تەڭرىلەرنىڭ قىزغانچۇقلىقى ۋە ئۆزىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇۋېلىشىنى تىلغا ئېلىش، Homerik شېئىرلەردە ئادەمنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ، پەقەت بۇ تىراگېدىيە يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋە ئەڭ قاتتىق تەتقىقات ئۈچۈن تارتىلغان ئەخلاق خاراكتىېرىگە قارشى تۇرۇشتۇر. تېمىنىڭ ئەسلى سەۋەبى بولسا، خۇددى گۇناھكار پارىسىنىڭ ئۆز شەھرىگە ئىلاھىي ئازابىنىڭ كېلىشىگە سەۋەپچى بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ ئ‍ازاپلىنىشىنىڭ بىر گۇناھ ۋە جازا ۋە قەسى بولۇپ بولمىغانلىقى(Iliad, 13.623) ياكى تەڭرىلەرنىڭ ئۆزلىرى خالىغان ھالدا گۇناھقا شىرىك بولۇپ بولمىغانلىقىدۇر.

غەرپ مەدەنىيىتىدە تىراگېدىيەنىڭ مىراسى بولسا tutuklama دۇر،  ئەمما ئالاھىدە بىر شەخىسنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىنساننى بىئارام قىلمايدۇ

. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى توقۇنۇشىدۇر. ھاياتتىكى ۋە خاراكتېرنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى، , Medea, Antigone,  ,Oedipus, Philoctetes ,Ajax ۋە Deianiraدەك ئەرلەر ۋە ئاياللار پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن غەلبىنى ياقتۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تىراگېدىيە بەخىتلىك بولۇش ئۈچۈن پەزىلەتنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى (James Redfield, Nature and Culture in the ‘Iliad’, İlyada’da Tabiat ve Kültür,1975) بىزگە ھېس قىلدۇرۇش بىلەن، بىز كۈتكەن توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى توقۇنۇشى، مۇشۇنداق بىر كۆرۈنۈشنىڭ شىددەتلىك ھالدا بىزنى مەمنۇن قىلالايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىشىمىزدۇر. Aristotle نىڭ Poetika سى، بۇ ھەر بىر ۋەقەنى چۈشەندۈرۈشكە كىرىشىپ، تىراگېدىيەنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ غايىۋى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا كۆرسەتكەن پىلانلىق تەسىرىگە مەركەزلەشكەن. زامانىۋى ئوبزورچىلارنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۇنىڭ مەنىسى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاكلىنىش، تىراگېدىيىلىك زوقلىنىشنىڭ Aristo چە چۈشىنىلىشنىڭ ئاچقۇچى . تىراگېدىيەنىڭ ئېستېتىكتا ئىشلىتىلىشى، تەقلىدىي مۇھىت، مەلۇم تەبىئىي ماددىلار پەيدا قىلىدىغان نەپرەتنى يوقىتىپ خۇشاللىق ئاتا قىلغىنىدەك، تىراگېدىيىلىك ئىچ ئاغرىتىش ۋە پىلوتتېردىكى ۋەقەلەر ئويغاتقان قورقۇش تۇيغۇسىنى پەسەيتىش، ھەتتا يوقىتىشقا يارايدۇ. (Poetics,1448b)بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تىراگېدىيەنىڭ ئېستېتىك كۈچنىڭ ئىدراك قىلىنىشى، تۇنجى توقۇنۇشنىڭ مۇۋاپىق يېشىلىشىگە باغلىق. شۇڭلاشقا Aristotle  ئەسەرنى بېشىغا، ئەسلىدە ياخشى بىر ئادەم بولۇپ، مۇكەممەل بولمىغان، ئۆزىنىڭ يامان ئادىتىنى ياكى گۇناھىدىن ئەمەس، نادانلىقى تۈپەيلى خاتالىق سادىر قىلغان hamartia ئوقۇمىنى يازغان.

بۇنداق بىر فورمۇلا، ئەدىپلەرنىڭ نۇقسان ۋە نەتىجە ئارىسىدا مەجبۇر ساقلىنالمىغان تەڭپۇڭلۇقنى ئىدراك قىلىشىنى ئوچۇق ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئويۇن قەھرىمانى تامامەن مەسۇم ياكى گۇناھكار بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئازاپلىنىشى تاماشىبىنلارنىڭ ھەم كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىقى ھەم خۇشال قىلماسلىقى كېرەك. ئەمما بىرىنىڭ قۇسۇرىغا ھەددىدىن زىيادە ئىچ ئاغرىتىش ياكى شەپقەت كۆرسىتىش تىراگېدىيىلىك مەرھەمەت تۇيغۇسى ئويغىتالىشى مۇمكىن.(Krş.,Rhetoric,1386b) شۇڭلاشقا، تاماشىبىننىڭ ئاڭ, ئىدراك ۋە ھېسسىي ئىنكاسى، نۆۋەت بىلەن بىر دىرامىنىڭ ئاپەتلىك بىر ھەرىكەت كۆرۈنۈشى باشلىتالىغان خاتا مەلۇماتنىڭ ياكى ئەھۋالغا سەل قارىلىشنىڭ سەۋەبى قانداق يېتىلگەنلىكىگە باغلىق بولغان قەھرىماننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېنىق باھالىنىشىدۇر. Aristotleنىڭ ئىزاھاتى بولسا، ئىنساننىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ۋە ھەرىكىتىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەدەبىي تېكىستلەر ئۆز- ئۆزىگە تېخىمۇ مۈجمەلدۇر. چۈنكى ئۇلاردا مۇقەددەس ئارىغا كىرىش سۈرئىتىنى دائىم تولۇقلىغۇچى ئادەمدىكى يامانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

ھالبۇكى، Homerik دىنىدا تەڭرى (ate) ئىنساننىڭ كىبىر ۋە زوراۋانلىقىغا جازا سۈپىتىدە، ئۇنى كۆرۈشكە ئىنتىلىدىغانHesiod,،Solon ،Theognis، ۋە Pindar دەك يازغۇچىلارنىڭ خىيالى، ئىلاھىي مەۋجۇتلار سەۋەپ بولغان قورقۇنچلۇق بىر غەپلەتنى مۇقەررەر ئىما قىلىدۇ. دىرامما يازغۇچىلىرىنىڭ تېئولوگىيىسىدە، تەكىتلىشىنىڭ ھەرئىككى تەرىپى بىر –  بىرىگە يېقىن. مەسىلەن: Aeschylus نىڭ The Persiansدېگەن ئەسىرىدە، Xerxer نى ھەم بىر جىن غەزەپلەندۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلىدۇ ھەمدە  تەڭرى ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كىبىرلىك قىلىش گۇناھى سادىر قىلغان بولىدۇ. Oresteiaدا Zeus ھەممىنى كۆرەلەيدىغان، ھەممىگە قادىر، ھەممىنىڭ (بارلىق) سەۋەبى ۋە ئادالەت كەلتۈرگۈچى دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇنداق ئۇلۇغ تەڭرى دەپ قارالغان Zeusنىڭ Prometheus Bound (Zincire Vurulmuş Prometheus) دا تاش يۈرەك (160)سوراققا تارتىشنى ۋە يالۋۇرۇشنى (184-185)ياخشى كۆرمەيدىغانلىقى ئوچۇق يېزىلغان ۋە دىققەتنى تارتىدۇ, ۋە Zeusبىر قورقۇنچلۇق زالىم، زومىگەر دەپ قارىلىپ ئۇنىڭغا قارشى بىر تەكىتلەش بار. مۇقەددەس يامان نىيەتكە دائىر ئىسپاتلار Sophocles ۋە Euripides يازغان ئويۇنلاردىمۇ ئىنتايىن بەك ئومۇملىشىدۇ. Hera نىڭ ئەمرىدىكىLyssa ,Euripides نىڭ ناخشىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى خاتا ئوخشىتىپ قېلىپ، يولدىشى ۋە بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن دىندار قەھرىماننى سەۋدايى قىلىش ئۈچۈن ئاشكارا كۆرۈنگەن چاغدا، Heracles دە كۆز قاماشتۇرىدىغان ۋە ھۆكۈم چىقارغۇچى تەڭرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ئىپادىسى بەلكى تېپىلىشى مۇمكىن.

ھەتتا، deus ex machina دەك ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى ئ‍ويغىتىدىغان ھېچقانداق ئەسۋاپلار ئىشلىتىلمىگەن دىراممىلاردا، “پالاكەت بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە ئىنساننىڭ ئاشىق بولۇشىغا سەۋەپچى بولغان ئىنسان “ھەرىكەتلىرىگە تەڭرىلەرنىڭ دائىم” ئۆزلىرى خالىغانچە ۋە نەپرەت بىلەن ئارلىشىشى” ئىپادىلىنىدۇ. (Jan Bremmer, Hamartia: Tragic Error in the ‘Poetics’ of Aristotle and in Greek Tragedy, Hamartia: Aristo’nun ‘Poetika’sında ve Grek Trajedisinde   Trajik Günah, 1969). دىرامما يازغۇچىلىرىنىڭ ئىپادىسىدە تەڭرى (ate) Aristotleنىڭ hamartia (ئەسلى گۇناھ) ئۇقۇمىغا تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، چاغداش ئالىملار (Bremmer, R. D. Dawe, T. C. W. Stinton) نەتىجە دەپ باھالىما قتىدۇر. ئۇ گۇناھنى پۈتۈنلەي ئاقلىمايدۇ ياكى گۇناھكارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. تەڭرىنىڭ (ate) رولى بىز ئ‍ويلىيالمىغاننى بىزگە ئويلاتقۇزۇشتۇر. پالاكەتكە سەۋەپ بولغان ئىنتايىن ئېغىر خاتا ئىنسانىي مەنتىقىسىزلىق، قىزغىنلىقىنىڭ زىيادە بولۇشى ياكى پەقەت بىلىمنىڭ چېكى بىلەن ھەقىقىي مەنادا ئىزاھلىنالمايدۇ. “زىتلىقلار، ئادەمگە بىر يوشۇرۇن دۈشمەننىڭ ئىسپاتىنى بېرىدىغاندەك كۆرۈنگىنىدە”(Redfield,1975) دىرامما يازغۇچىلىرى، يۇمۇرىستىك قەستلىك ھەرىكەتنىڭ بۇزۇلىشىغا (Deianira نىڭ يولدىشىغا ھەدىيەسى بولغان شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن Oedipus نىڭ چارىسىز ھەرىكەتلىرى, Phaedra نىڭ Aphrodite نىڭ تەسىرىدىكى تاكتىكىلىرىنى) سەۋەپچى بولۇش ئۈچۈن، كۆز قاماشتۇرىدىغان تەڭرىلەرنىڭ (Plegges dios) پېئىلىنى (ھەرىكىتىنى) مۇقەررەر تىلەيدۇ. Platoنى ھەيران قالدۇرغان دەل تراگېدىيەنىڭ بۇ كۆرۈنىشىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئاشكارا فورمۇلاسى، Paul Riceourنىڭ قىسقىچە ئىپادىلىگىنىدەك، «دىنىي ئاڭ ئۈچۈن ئۆزىنى خاراپ قىلىش دېمەكتۇر». (Symbolism of Evil, K.tülük Sembolizmi, 1967). بۇ تۈپەيلى، يامانلىقىنىڭ ئىلاھىي يىلتىزى چۈشەنچىسى ئەكىس ئەتتۈرگۈچى ئەقىل، خۇراپاتلارغا چوقۇنۇش ياكى رەسمىي تېئولوگىيەنىڭ مەنتىقىلىق ئىپادىسىدە ئىما قىلىنغان ۋە ئاشكارا قىلىنغاندەك بولمايدۇ. ئۇ، پەقەت كونكېرت بولسىمۇ، يەنە ۋاستىلىق سەنئەتنىڭ قورالىدەك چۈشىنىش مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە گۇناھكار تەڭرى فىگۇراسىنىڭ قەدىمىي يۇناندىن ئ‍ايرىۋېتىلگەن بىر مەدەنىي خاتا ئەمەسلىكى، ھىندى ئەنئەنىسىنىڭمۇ تېئودىس ۋە ئانتيتېئودىسنىڭ ئىنتايىن كۆپ يوللىرىنى كونكېرتلاشتۇرغان ھەقىقەتتە كۆرۈلۈشى مۇمكىن. (Wendy Doniger O’Flaherty, The Origins of Evil in Hindu Mythology, Hind Mitolojisinde   K.tülüğün Kökenleri, 1976).كۆرسەتكۈچلەر بار تۇرۇقلۇق، شەرمەندىچىلىك بولغان تراگېدىيىلىك تېئولوگىيىنى مۇقەددەس دەپ بىلگەن ئەدەبىي سىتاتىستىكا ،بۇ تۈپەيلى تۇنجى قۇربانلاردىن بىر زامانىۋى Jonestown نىڭ قائىدە سىرتىغىچىلىك – بەزى دىنىي ۋەقە تەرتىپلىرىنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ھەرۋاقىت مۇۋاپىق بولىدۇ. (Krş., René Girard, La violence et le sacré, Şiddet ve Kutsal, 1972; Le bouc emissaire, 1982; Jonathan Z. Smith, Imagining Religion: From Babylon to Jonestown, Din İmgesi: Babil’den Jonestown’a Kadar, 1982). [Bkz., Evil].

ئەگەر قەدىمىي يۇنان دىنى، بۈيۈك كىلاسسىك ئەدەبىيات ژانېرلىرىغا دائىم تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، غەرب ئەدەبىيات ئەنئەنىسىدىكى خرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىمۇ تېخىمۇ روشەن ۋە كەڭ دائىرىلىكتۇر. E.R.Curtius نىڭ قاتتىق باھاسىدا، ئۇ «كىتابنى ئەڭ مۇقەددەس قوبۇل قىلغان خىرىستىيانلىق سايىسىدە بار ئىدى. خرىستىيانلىق بىر مۇقەددەس كىتاب دىنى ئىدى. ئەيسا، قەدىمىي سەنئەتنى بىر كىتاب تورى بىلەن تەمسىل قىلغان يىگانە تەڭرىدۇر. پەقەت ئۇنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشىدە ئەمەس، پۈتۈن تۇنجى دەۋرىدە، خرىىستىيانلىق، يېڭى مۇقەددەس يازمىلار – ئىنجىللار، ھەۋارى مەكتۇپلىرى، ۋەھىيلەر، شېھىتلارنىڭ ئەمىلى، ئەزىزلەرنىڭ ھاياتلىرى، ئىبادەت مۇراسىمىدىكى كىتاپلاردەك ئېتىقادقا دائىر ھۆججەتلەرنىڭ يېزىلىشىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. (Eurepean Literature and the Latin Middle Ages, Avrupa Edebiyatı ve Latin Ortaçağları, trans. Willard R. Trask, 1953). شۇنداقلا، كىلاسسىك قەدىمىي يۇنان ئەدەبىياتى بىلەن خرىستىيان ئەدەبىياتى ئارىسىدا بىر ئىنتايىن مۇھىم پەرق باردۇر. تۇنجىسى، بىر مەدەنىيەتكە خاس بىر دىنىي ئەخلاقنىڭ چوڭقۇر ئەكىس ئېتىشى ئىكەن، ئىككىنچىسى، پەقەت بىر جەمئىيەتنىڭ يېگانە مەھسۇلاتىدۇر. ھەتتا خرىستىيان دىنى يازمىلارنىڭ تىل ۋە شەكلى، ئىلگىرىكى دىنى مۇھىتلارنىڭ ۋە دىققەتنى جەلىپ قىلغۇدەك دەرىجىدە يەھۇدى ۋە گرېكو – رومانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خرىستىيانى بىرلا نەزەرىيىگە ئېسلىۋېلىشنى ياقىلاش ئۈچۈن، ئىككىنچى ئەسىرنىڭ مۇداپىئەچىسى Tertullian بىر قېتىم «مۇقەددەس بىر شەھەر ۋە بىر ئېتىقادنىڭ سىمۋولى بولغان قۇددۇسنىڭ تەقرىبەن يالغۇز بىر خرىستىيانى يارىتىلىش ئىكەنلىكىنى مۇۋاپىق بولمىغان بىر شەكىلدە ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن» ئاتىنالىقلار قۇددۇسنى نېمىشقا ئېلىشقا مەجبۇر؟ دېگەن مەشھۇر سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزۇن تارىختا خرىستىيانلىق ۋە قورشاۋغا ئالغۇچى مەدەنىيىتى، دائىم دىئالېكتىك كۆزگە چېلىقىدىغان بىر مودا، پەرقلەرنى بىرلەشتۈرۈش، تېپىش، ئۇيغۇنلىشىش، ئايرىلىش ۋە ماسلىشىش ئىچىدە تەرەققىي قىلغان.

يېڭى ئاھد(Yeni Ahid)ىنى شەكىللەندۈرگەن شۇ 27 ھۆججەتتە بۇنداق بىر جەريان، خرىستىيان ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ باشلىنىشىدا ئاشكارىدۇر [Bkz., Biblical Literature, New Testament ve Gospel’e dair makale.].

پۈتۈن تۆت چوڭ ئەدەبىي تىپ، ئاساسەن بىر تەرەپتىن ئۆز- ئارا زىت بولغان, ئايرىيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بىلەن يېڭىلىقلارغا ئىگە بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئەدەبىي مەدەنىيەتلەرگە ماسلاشقان ۋە قىزىققان قانۇندا – ئىنجىل(gospel)، رەسۇللارنىڭ ئىشلىرىنى(acts)، مەكتۇپلار،(letters) ۋەھىيلەر (apocalypse)تېپىلىدۇ. شەكلىي پۈتۈنلىكى بىلەن ئىنجىل، تۇنجى خرىستىيان جەمئىيىتى تەرىپىدىن يارىتىلغان بىر رومان تۈرى دەپ قوبۇل قىلىنالايدۇ. چۈنكى، بايان، تەرجىمھال، تارىخ, دىئالوگ ۋە نەسىھەت خاراكتېرلىك ماتېرىياللارنىڭ سۈنئىي ئارلىشىشى، ئاسان سىنىپلاندۇرۇشقا يول قويمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، تارىخ ۋە شەكىل تەنقىدى بويىچە ئانالىز قىلىنغىنىدا، ئىنجىل(gospel)نىڭ نۇرغۇن كىچىك، قۇرغۇچى باپلىرىنى ئىسپاتلىنالايدىغان Hellenistik دۇنيانىڭ دىنىي ۋە پەلسە ئېقىملىرىدىكى باشقا ئاغزاكى شەكىللەر ۋە بايانلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: كۆپتۈرۈلگەن رىۋايەتلەر ياكى دىراماتىك دىئالوگلار بىلەن مەشھۇر بىر ئالىمنىڭ ھاياتىنى قەيىت قىلغان تەزكىرىلىك ھېكمەتلەر باردۇر. بۇ دەۋىرنىڭ ئاق دېڭىز دىنلىرى ئۈچۈن ئورتاق بىر مۆجىزە ئىشىنى ياكى ئىسلاھ قىلىدىغان قەھرىمان ھېكايىلەر باردۇر. ئۇستا ئوقۇتقۇچى بولغان ئەيسانىڭ ئۆزگەرمەس مىراسى، يۇقىرى بىر سەۋىيەدە ئۇنىڭ شەخسىيلەشتۈرۈلگەن ئىبرەت دەرسى بەرگەن كىچىك ھېكايىنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. پەقەت شەكىل، ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى پوپ تەربىيىسىدە تونۇلاتتى. يەنە نۇرغۇن پۇرسەتتە ئەيسا تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى كۆزگە چېلىقىدىغان بىر ئورىگىناللىقى ياكى ئەنئەنىدىن يېراقلىشىشنى كۆزىتىشى مۇمكىن. پەقەت ئۇنىڭ تەربىيىسى ۋە ھەرىكەتلىرىدە رول ئوينىغان تىل (مەسىلەن، Beatitudes كە كىرگەن مەلۇم كۆرۈنۈشلەر، Lula ۋە رەسۇللارنىڭ ئىشلىرىغا قەستەن ۋە ھىيلە بىلەن كىرىش) كىلاسسىك ئىستىلىستېكا ۋە ئ‍ەدەبىي شەكىل بىلەن يازغۇچى ۋە تەھرىر سەمىمىيىتىگە مەنىلىك ئىلھام بېرىشى مۇمكىن.

ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ ئورىگىناللىق يېڭى ئاھىد(Yeni Ahit)نىڭ مەشھۇر، نامسىز ياكى müstearدېگەن ئىسىملىق مەكتۇپ ئۇسلۇبىدىكى يازمىلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ھەۋارى Pavlus نىڭ مەكتۇپلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئۇلارنى ئايرىيدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىشلىك بىر ئالاھىدىلىك بىلەن ئېنىقلاشقا مايىلدۇر. باشلىنىش ۋە نۇتۇقنىڭ خرىستىيانى ئايلىنىشى؛ شەخسى مۇنازىرىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى؛ جانلىق تەرجىمھاللىق ھېكايىلەرنى تەپسىلىي، شەخسىي ئالاقىلەرنىڭ تونى بىلەن ئۇنىڭ ئېتىقادنىڭ ھەم  kerigmatikھەمدە paraenetikal ئامىللىرىنىڭ سىرتىدا توقۇلغان كۈچلۈك توقۇلما. بۇنداق بىر تەكىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ھەۋارىيلەرگە ئائىت ھۆججەتلەرنىڭ مەكتۇپ يازما ئۆرنەكلىرىدىن ئايرىلمىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلىشى كېرەك. قەدىمىي دۇنيادا مەكتۇپلار باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن، چۈشەنچىلەرنىڭ بايان قىلىنىشى ئۈچۈن بىر ۋاستە ئورنىدا ئىشلىتىلدى. ۋە پەلسەپىگە دائىر Epicuros نىڭ، بىلىمگە دائىر Archimedes ۋە Eratosthonesنىڭ، ئەدەبىي تەنقىدكە دائىر Halikarnas لىق Dionysius نىڭكىلەر بۇخىل يازمىلار، ھازىرغىچە خرسىتىيان مەكتۇپ ئۇسلۇبىدىكى ئەسەر تەتقىقاتى ئۈچۈن مۇھىم ئۇچۇر تەمىنلەيدۇ. (H. Koskenniemi, Studien zur Idee und Phraseologie des griechischen Briefes bis 400 nach Christentum, Hıristiyanlıktan Sonra 400’e Kadar Yunan Mektuplarının Düşünce ve Anlatım Biçimlerinin Araştırılması, 1956). چاغداش يېڭى ئاھىد(Yeni Ahid) بىلىمىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىلىشى بىلەن، Pavlus نىڭ تەربىيىسىنىڭ رىم قانۇن مەھكىمىلىرىنىڭ ئىستىلىكىسىنى، سەيياھ قەدىمىي يۇنان مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىغانلىرى ۋە قەدىمىي يۇنان مەكتۇپ يازغۇچىلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنىڭ ئىزاھلىنىشىنى لايىقى بىلەن ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ  تونۇتقان. بىر ئالىم باشلىنىش، بايان، تەكلىپ، ئىسپات ۋە نەتىجە بىلەن بىرلىكتە كىلاسسىك كەچۈرۈم(aff) (Hans Dieter Betz, Galatians, Galatyalılar, 1979) گە ئاساسلانغاندا Galia دىكى چېركاۋلار ئۈچۈن مەكتۇپ تەتقىق قىلغاندا، باشقا بىر ئالىم 1  (Korintoslulara Birinci Mektup,13)13 Corinthians تا قابىلىيەتكە دائىر بىر قەدىمىي يۇنان مەدھىيە قەسىدىسىنىڭ ئېھتىمال بىر تەقلىدىنى ۋە 2Corinthians ,

11 (Korintoslulara ikinci Mektup,11) نىڭ peristasis كاتالوگىدا Alaycı – Sotacı مۇنازىرىسىنىڭ ۋە شاھانە resgestaeنىڭ ئىزلىرىنى كۆرىدۇ. (Wayne A. Meeks, The Writings of St. Paul, Aziz Pavlus’un Yazıları, 1971).

بىر كىشى، غەربتىكى خرىستىيان دەۋرىدىن كېيىنكى ئەسىرلەرگە نەزەر سالغىنىدا، بۇتپەرەست ئۈچۇر بىلەن نامايان بولغان خرىستىيان ئەدەبىياتى مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددى ھالەتنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. Milton نىڭ  Paradise Regained(Kurtarılmış Cennet)تىكى ئەيسانىڭ تۇيغۇلىرىنىڭ بىر يىللىق ئايلىنىشىدىن تېخىمۇ كۆپىدە پەرەزگە،  Didascalia apostolorum(Havariler Öğretisi,12)ئەستايىدىللىق بىلەن بىر مۆمىننى تەربىيىلەيدۇ.

«دىنسىزلارنىڭ ھەممە كىتاپلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار…» ئەگەر تارىخى ۋەقەلەرنى ئوقۇماقچى بولساڭلار پادىشاھلار كىتابىنى ئوقۇڭلار. ئەگەر پەيلاسوپ ۋە ئەقىللىق ئادەم بولساڭلار رەسۇللار(نىڭ ئىشلىرى) نى ئوقۇڭلار، بۇ كىتاپتىن ئەقىللىق كىشىلەر ۋە پەيلاسوپلارنىڭكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل ۋە چۈشەنچە تاپالايسىلەر. ۋە ئەگەر ناخشىلارنى ئوقۇماقچى بولساڭلار، داۋۇتنىڭ Mezmurlarنى ئوقۇڭلار، ئەگەر دۇنيانىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئوقۇماقچى بولساڭلار، بۈيۈك مۇسانىڭ Tekvin(Genesis) نى ئوقۇڭلار ۋە ئەگەر ھۆكۈمدار ۋە قوماندان بولساڭلار، كۆركەم ھېكمەتلىك تەڭرىنىڭ قانۇنىنى ئوقۇڭلار. بۇ تۈپەيلى بۇلارغا زىت بولغان پۈتۈن ئاجاياىپ يازمىلاردىن تامامەن يىراق تۇرۇڭلار.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپلەردە گرېكو – رومان  Paideiaنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تەربىيىۋى دەۋرىلىنىشىنىڭ قەدەممۇ – قەدەم ئارتىشى، تار بىر prochializm نىڭ ئ‍ۆزىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولۇشى ئۇنى مۇقەررەرلەشتۈردى. Augustine بىر رېتورىك سۇئالدا ئ‍ۆز- ئارا پوزىتسىيەنى خۇلاسىلەيدۇ. «يامانلىق ياكى ئادالەتنى زورلاشتا بۈيۈك قىممىتى بولغان بالاغەت سەنئىتى، مۇناسىۋەتسىزدۇر، ئۇ نېمە ئۈچۈن ھەقىقەتنىڭ خىزمىتىدە ياخشىنىڭ ئىشلىتىلىشىدىن قولغا كەلمەيدۇ؟»

 (On Christian Doctrine, Hıristiyan Öğretisi Üzerine, 4.2). بىر قېتىم، خرىستىيالار، گۈزەللىكنىڭ، ئېتىقادنىڭ غايىسىگە ياردەم قىلغىنىنىڭ ھەم چەتئەل مەدەنىيەت شەكىللىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشلىرىنى ھەمدە كۆپەيگەن ئورېگىنال مەھسۇلاتلارنى تەشۋىق قىلغىنىنى بايقاپ، سەنئەتنىڭ زېرىكىشلىك، ئەمما كۈچلۈك باھانىسىنى قارارغا باغلىدى.  Augustineنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، 17- ئەسىردە George Herbert تەڭرىسىدىن سورىدى:

شېئىرمۇ؟

Venus نىڭ خىزمەتچىسىنى كىيىندۈرۈپ، پەقەت ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ؟

Sonelerدە نېمە ئۈچۈن سېنى تىلغا ئ‍المايدۇ ۋە نۇر چاچىدىغان مېھىرابىڭ نېمە ئۈچۈن تونۇتۇلمايدۇ؟

بۇ قەدەر ھەۋەس ۋە قىزىقىش بىلەن، كاتولىك چۈشەنچە تېخىنىكىلىرىنىڭ ۋە پروتېستانت ئىنجىل شېئىرىيىتىنىڭ، ئاخىرقى ئېنگىلىز گۈللىنىشىدە، ئەڭ گۈزەل خرىستىيانى باغلىنىش لېرىكىلىرىنىڭ كۆپ يېزىلىشى ئۈچۈن بىرلەشتۈرۈلۈشى ھەيران قارلارلىق ئەمەس. چېركاۋ نەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئاممىسى، دوگماتىك سۆزلەشمىلەر، ئۆزرىخاھلىق، تەپسىر ۋە باھالاش بىلىمى يازمىلىرى، تەبلىغ بىلىمى ۋە سەھرا ئەسەرلىرى تۈرىدە بولسىمۇ، تۇنجى ئەسىرنىڭ خرىستىيان يازغۇچىلىرى، ئ‍ەدەبىي تىلدىكى دىققەتنى جەلىپ قىلىدىغان ئاخىرقى ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ھەسسە قوشقان. Menucius Felix (ö.250 civarı) ۋە Cyprian(ö.258) غا ئوخشاشلار، كىلاسسىك مودېللارنى ئىمان ۋە ئۇستىلىق بىلەن دورىغان بولسا، Tertullian  تەرجىمە سايىسىدە يېڭى بىر ئۇسلۇپتا ئىلگىرىلىدى. (گىرېكچىدىن لاتىنچىگە) سۆز ئېلىش ۋە يېڭى لاتىن تەلەپپۇزىنىڭ كىرىشىدە ئانا تىل ئىشلىتىلىشى ئاساس قىلىندى. (E. Norden, Die antike Kunstprosa, Eski Nesir Sanatı, yeni baskı, 1909; F. T. Cooper, Word Formation in the Roman Sermo Plebius, Roman Sermo Pleibus’ta Kelime Teşkili, 1895). (ھەم مۇقەددەمى يازمىلاردىن، ھەمدە باشقا خرىستىيان يازغۇچىلاردىن) ئوچۇق مەكتۇپلار، ئەزىزلەرنىڭ ھاياتلىرى، ساياھەتنامىلەر ۋە Eusebius نىڭ داۋامىدىن تەرجىمىلەر سايىسىدە

) Jerome,تەخمىنەن 347-419/2) دە كىلاسسىك قەدىمىيلىكى بىلەن خرىستىيان مەكتۇپلىرى ئارىسىدا كېلىشتۈرگۈچى بولدى.

بۇ داۋاملىشىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا Augustine (354-430) ئۆز ھەققى بولغان مۇھىم بىر ئورۇنغا ئىگە. ئۇ، پەقەت غەربتىكى ھەم كاتولىك ھەمدە پروتېستانت چۈشەنچىنى تەسىردىن ئۆزىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان ئەسىرلەردە ئۇچرىغان ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە پىشىپ يېتىلگەن بىر تېئولوگىيىلىك كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپلا قالماي، يەنە قۇۋ ئەقلى ۋە مول – ھوسۇللۇق نەزەرىيەلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئەسىر ئەدەبىياتى، بىلىمى ۋە ئېستېتىكىدەك ھەرخىل تەرەققىياتلارنى سەرمايىگە ئايلاندۇردى. تۇنجى خرىستىيان تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر باشقا فىگۇرادىن زىيادە Augustine, بۇتپەرەست ئەقىل بىلەن خرىستىيان ئىجادىيىتىنىڭ، چۈشەنچە بىلەن ئۇسلۇپنىڭ، ئىدىئولوگىيە بىلەن تىلنىڭ يېقىن بىرلىشىشىنى ئ‍ۆرنەك كۆرسىتىدۇ.(Bkz.,Augustine’in biyografisi)

Erich Auerbachنىڭ قۇۋ ئانالىزى كۆرسەتكەندەك  Augustineنىڭ تەبلىغلىرى Ciceroo چى نۇتق مودېلىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزگەرتىلىشىدۇر. Hippo لىق Piskopas تەسەررۇپىدىكى چىرايلىق رېتورىك فىگۇرالار ۋە ئوخشىتىشلارنىڭ كۆپلىكىگە بىر يېڭى  كۈچلۈك ھېس چوڭقۇرلۇقى، دىندارلىق ۋە روھانىيلىك ئېلىپ كەلدى. قەدىمىي يازما دەرىجىلىرىگە ئېنىقلىما بەرگەن ئۈچ ئۇسلۇپ (magna،  modicaۋە parva) ئىچىدە ئاخىرقى ۋە ئەڭ تۆۋىنى ھازىر كۈتۈلمىگەن قەدىر قىممەتكە ئىگىدۇر. ۋە چوقۇم sermon humilis نىڭ تىپىك ئوبرازىنىڭ ئۈچ ھەسسە humilitas نى خرىستىيان جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋە مۇقەددەس كىتاپنىڭ ئۆزگىرىشچان تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاسانلىقىنى ئەينەكتەك ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى ئېلاستىكىلىق بىلەن ئىشلىتىلدى@. (Auerbach, Literary Language and Its Public in Late Antiquity and in the Middle Ages, Edebî Dil ve Onun İlkçağın Sonu ve Ortaçağlarda Halka Aitliği, çev., Ralp Manheim, 1965).

پۈتۈن كەلگۈسى نەسىللەرگە ھەم مەنىۋى ھەمدە سېكۈلەر تەرجىمھاللارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان تۇنجى ئۆرنىكى بولغان

Augustine نىڭ )Confessionsئېتىراپلار)دېگەن ئەسىرى، ۋە خرىستىيان تارىخ پەلسەپىسى ۋە تارىخچىلىقىنىڭ رەقىپسىز سىر ئۆرنىكى بولغان City of God( تەڭرى شەھرى) دېگەن ئەسىرىدەك، ئۇنىڭ(خىرىستىيان نەسىھىتى توغرىسىدا)  On Christian Doctrineدېگەن ئەسىرىمۇ باھالاش تېئورىيىسى ۋە تەبلىغ بىلىمى تارىخىدا بىر كېلومېتىر تېشى سۈپىتىدە قالدى. ئىستىلىستىكا، باھالاش بىلىمى، شېئىر ۋە تەمسىلنىڭ Augustine چى چۈشنىلىنىشى، (تەخمىنەن 560-636) Seville’li Isodore

Toulose’lu Vergil (fl. 7.yy.), Bede (tahminen 673-735), Alcuin (tahminen 1225-1274), Rabanus Maurus (c. 780-856), John Scottus

Eriugena (fl. 847-877) ve Thomas Aquinas (tahminen 1225-1274))نىڭ ئۇنتۇلماس ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرا ئەسىر ئ‍ەدەبىيات تېئورىيىسىنىڭ فورمىلالىرى ئومۇملاشقان. ئۇنىڭ بۈيۈك تېئولوگىيەلىك تېمىلىرى – يارىتىلىش، مۇقەددەس ئىنسان ئوبرازى، يىقىلىش، تىپىك ئورازلار، تاللاش، قۇتۇلۇش، تارىخى گۈزەل ئەخلاق، ئۆتكۈنچىلىك ۋە ئ‍ەدەبىيات ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ordo salutis خەرىتىسى چوڭ ئەكىس تەسىر پەيدا قىلدى. پەقەت Spenser ۋە Milton دەك خرىستىيان شائېرلارغىلا ئەمەس، بەزى رومانتىك شائېرلار ۋە زامانىۋى شائېرلارغىمۇ تەسىر قىلدى.

شېئىرنىڭ، خرىستىيانلىقتا تەرەققىياتىنىڭ ئاستىلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ. (نەسىر بۇنىڭ سىرتىدا) ئىبرانى دىنغا ئائىت ئەڭ بۈيۈك ئۈچ ئەسەر – ئەييۇبنىڭ كىتابى، Mezmurlar ۋە سۇلايماننىڭ مەسەللىرى – ئ‍اساسەن شېئىرىي ۋە تارىخىي ھەمدە بىشارەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى زىننەتلىگەن ئۇزۇن شېئىر كۇپلېتلىرى بولسىمۇ، يېڭى ئاھىدتا نەزمىي يېزىلغىنى پارچە مىقدارىدىن ئارتۇق ئەمەستۇر. [Bkz., Biblical Literature, Hebrew Scriptures’e dair makale].

خرىستىيانلار «داۋۇتنىڭ نەشىدەلىرى» بىلەن زىچلىق ۋە مۇرەككەپلىك باغلىنىش جەھەتتىن سېلىشتۇرالىغۇدەك ئىبادەت مۇراسىمى شېئىرى يېزىشتىن ئىلگىرى مىڭلارچە يىلدىن ئارتۇق ساقلاشقا مەجبۇر ئىدى. مەشھۇر بىر ئابزاستا (3:16) Colossians (كولوسەسىلەرگە مەكتۇپ)نىڭ يازغۇچىسى، ئوقۇرمەنلىرىگە «مۇناجاتلار، ئىلاھى ۋە مەنىۋى ناخشىلار» ئېيتىشنى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئىلاھى ناخشىلارنى ئېيتىش، ئېھتىمال تۇنجى خرىستىيانلارنىڭ بىر ئومۇمىي ئىبادىتى ئىدى.

(Krş., 1 Cor. [Korintoslulara Birinci Mektup] 14: 26, Eph. [Efeslilere Mektup] 5. 19, Mk.  [Markos] 14:26, Acts [Resullerin İşleri] 16: 25). ئەمما بۇخىل ئىلاھىي ۋە مەنىۋىي ناخشىلارنىڭ تېكسىتلىرى تامامەن ناتونۇش ئەمەستۇر. ھەتتا ئاتالمىش Luka نىڭ تۇنجى بۆلۈمىدە مۇھاپىزەت قېلىنىۋاتقان مەريەم ئانىنى مەدھىيلىگەن ئىلاھىي ناخشىدا خرىستىيانىي ھېستىن زىيادە ئبرانىي ھېس ۋە ئىپادىگە تېخىمۇ كۆپ مىننەتدارلىق كۆرسىتىدۇ.

دىنىي ئەسەرلەردىن باشقا، كىلاسسىك تىلدىكى تۇنجى دەۋىر خرىستىيانىي شېئىر يېزىش سەنئىتىنىڭ ئۆرنەكلىرى (1- ۋە 2- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا مۇساۋى خرىستىيانلار تەرىپىدىن قوشۇپ قويۇلغان)

sahte-Sibylline Oracles; Alexandria’lı Clement (3. yüzyılın başı)’in Paidagōgos’unun sonundaki anonim bir şiir; Methodios (4.yy.)’un kısmen alegorik Symposium of the Ten Virgins (On Virgin Sempozyumu)’i; Spaniard Prudentius (4. yüzyıl sonu)’un Peristephanon’u, Cathemerinon’u ve Psychomachia’sı; Sedulius (5. yüzyılın yarısı)’un Carmen Paschale’ı ve Jovencus (5.yy.)’un Historia evangelica (Evangelik Tarihi) ile

Marius Victor نىڭ  Alethiaسىدەك نەزمىلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن. Prodentius  بۇلاردىن پەرقلىق بولۇش بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئەسەرلەر ھازىرقى ئەدەبىي ئارتۇقچىلىقلىرىدىن زىيادە تارىخىي ئارتۇقچىلىقى ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى Corolingian (شارلمان خاندانلىقى)دەۋرى، ئاخىرىدا تۆت بۈيۈك جىلدىنى شەكىللەندۈرگەن، ئەمما ھېچبىر شائىرنى مەڭگۈلۈك قىلالمىغان، ھەر جەھەتتىن (ھەم تەكىتلىك ھەم مىقدارلىق) شېئىر يېزىلدى. ئانا تىل ئەدەبىياتىدا بولسا،Chanson de Roland(رولاندنىڭ ناخشىسى) Beowulf ve Viga-Glimssage,دەك شېئىرلار، خرىستىيانىي پەزىلەت ۋە دىندارلىق ئۇقۇملىرىنىڭ، بۇتپەرەست قەھرىمانلىق ۋە تەقدىر چۈشەنچىسىنى رەڭلەندۈرۈشكىچە ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىلمىي بىر مۇزاكىرىدىن ئۇچقۇن چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ غەلبىلىرىنىڭ نىسپىي كۆپلىكىگە ۋە ئاددىيلىقىغا قارشى Danteنىڭ شئېىرىيەت تالانتى، Spencer ۋە Milton تامامەن تېخىمۇ ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئىگە بولمىغان بولسا خرىستىيان ئەنئەنىسى ئىنتايىن بەك كەمبەغەللەشكەن بولاتتى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بۇ ئ‍ۈستۈن poetae theologi  شۇنچىلىك ياخشى تونۇلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن قوللاشقا ئېرىشكەن باھالاش تېمىسى بولغان، ئۇلار توغرۇلۇق ئېيتىلغان بىر سۆزنى ھەممەيلەن ئارتۇقچە دەپ قارايدۇ. يەنە غەرب دىنى شېئىر يىللىقلىرىدا ئۇلارنىڭ ئۆزگەرمەس ئۇلۇغلۇقلىرى، شۈبھىسىز ئورىگىنال ئىجادكارلىقىغا ۋە دىنلار تارىخىدىكى ئابىدە بولغان سەنئەت ئەسەرلىرىگە تايىنىدۇ. مۇقەددەس كىتاپنىڭ ياكى نەسىھەت كىتاپلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىزاھاتلىرى، شېئىرىي شەكىللەر ۋە دىنىي ئاساسنىڭ ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن تەرىپى ياكى Commediya, The Faerie Queen ۋە Paradise Lost نىڭ تېكسىتلىرى شائىرلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئەڭ تولۇق ۋە سىستېمىلىق تەتقىقاتىنى ۋە رەتلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ھەر بىرى ئۆز ئۇسلۇبىدا Dante نىڭ ئۆز ئەسىرىدە دېگىنىدەك، «مۇقەددەس بىر ناخشا ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەم جەننەت ھەمدە دۇنيا قولغا كەلتۈرۈلدى»(Paradiso, 20.2-3)دۇر. ئۇلارنىڭ پارلاق، ھەسەلدەك تاتلىق مۇقەددەسلىكلىرى ئۇلارنىڭ ساداقەت بىلەن ئېنىق كۆرسىتىلگەن ياكى ئەنئەنىنى ئىسپاتلىغان نىسبەتتە، پەقەت ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ۋە ئەنئەنىنى تۈزەتكەنلىرى ئىجادچانلىق ۋە چوقۇم ئاددىي ئ‍ۆلچۈلۈپ قالغان بولمايدۇ.

مەسىلەن: Dante شېئىرلىرىدە«چۈشەنچە رولىنى، سېكۇلارىزمنىڭ ئومۇمەن شېئىرغا بەرمىگىنىنى (Curtius, European Literature, Avrupa Edebiyatı, 1953) قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە ئىنسان تەقدىرى، خاتالىق سادىر قىلغان ئىنساننىڭ ئېڭىدىكى بارلىق ئۇنسۇرى بولغان مۇقەددەس ھەقىقەتنى  (Erich Auerbach, Dante: Poet of the Secular Word, Dante: Seküler Dünyanın Şairi, trans., Ralph Manheim, 1961)تەتۈرگە ئۆرۈيدۇ. Milton مەنىلىك بىر شەكىلدە قەدىمىي چېركاۋغا ئائىت دوگمالارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن teodisey نى سىناپ باقتى ياكى ئۇرۇندى ۋە دىنامىكىلىق بىر imago dey ئۇقۇمىنى ۋە ھۆر ئىرادىنىڭ ئىمپورتى بىلەن يىقىلىش ۋە قۇتۇلۇش دىراممىسىدىكى ئىنسانىي ئاشىقنى تەكىتلەش ئۈچۈن دوگمالارنى (مەسىھ بىلىمى، تاللىشى، يارىتىلىشى، ئەسلىي گۇناھ بىلىمى) قايتىدىن شەكىللەندۈردى. مۇقەددەس كىتاپنىڭ پەرقلىق بالاغىتى بىلەن ئەنئەنىنىڭ نەقىشى بۇ خرىستىيان تەپسىرلىرى ۋە تېئولوگىيەسىنىڭ بىر – بىرىگە باغلىق ئىلاھىي پارچىلىرىنى سۇنىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادىنىڭ بولۇپمۇ ۋەھىينىڭ ئورىگىنال سىرىنى چۈشىنىش ۋە باھالاش ئۈچۈن تەتقىقاتتا «ئىمان دوختۇرلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر ئەسىرىچىلىك كۆپ ھەسسىگە ئىگە. [Ayrıca bkz., Poetry, Christian Poetry üzerine makale ve Dante’nin biyografisi.].

ئەدەبىيات تەتقىقاتى

يۇقىرىدىكى دىن ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتى مەخسۇس تېكسىتلەرنىڭ، شەخىسلەرنىڭ، ژانىرلارنىڭ ئېقىملارنىڭ ۋە دەۋرىلەرنىڭ بىر دىن مۇتەخەسسىسىنى قانداق ئېنىق توغرا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئۆرنەكلەر بىلەن كۆرسىتىپ تەتقىق قىلدى. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەركىزىي ئىدىيىسىنىڭ تەدبىقىلىنىشچانلىقى، تارىخىي تەرەققىياتى ۋە مەدەنىي ئىقلىم ئىچىدە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئۆزگىرىشلەر كۆرسەتكەن زامانىۋى دەۋىردە تېخىمۇ كۆپ چەكلەشكە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا دېققەت تېخىمۇ كۆپرەك ئەنئەنىۋى ئەسەرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، مادامىكى دىن تەتقىقاتىدا خۇسۇسىي بولمىسىمۇ ئاغزاكى تېكسىتلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى زۆرۈر، ئىنتىزام ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن بىر – بىرىدىن ئايرىلالمىغۇدەك دەرىجىدە باغلىنىشلىق. بۇ باغلىنىشتا ھەر ئىككى ئۇقۇم تىل ئانالىزى بىلەن ئەڭ چوڭقۇر ۋە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك باغلىنىشى زۆرۈر. بۇ ئىش كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە، پۈتۈن ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ باغلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. [Ayrıca bkz., Scrupture; Hermeneutics; Biblical Exegesis; Buddhist Literature; ve Aesthetics, Philosophical Aesthetics’e dair makale.].

ھەرقانداق بىر تېكسىتنى باھالاشتىن ئىلگىرى، قوبۇل قىلىنىدىغان بىر تېكسىتلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەقىقەت، تېكسىت تەنقىدىنىڭ، ئاتالمىش ھەقىقىي تېكسىت قۇرۇلمىسى ئۈچۈن گۈللىنىشتىن بېرى تەرەققىي قىلغان پەننىڭ، ئىنجىل تەنقىدى بولغان كىلاسسىك پەن بىلەن ئەدەبىيات ئانالىزى تېخنىكىلىرىنىڭ بىر –  بىرىگە يېقىنلىقىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ. كۆپىنچە دىنىي تەشكىلاتلار، Mormon نىڭ كىتابىنىڭ ئورىگىنال قول يازمىسىنىڭ ھەم بىر قىسمى ھەم پۈتۈن نۇسخىلىرىغا (چىركاۋنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان تارمىقىدا ئاخىرقىسىغىچە) ئىگە بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئاخىرقى كۈن ئەزىزلەر چىركاۋى(The Church of Jesus Christ of Latter-Day Saints)دەك تەلەيلىك ئەمەستۇر. يەھۇدىيلار، خرىستىيانلار ۋە بۇددىستلارغا كۆرە، ئېنىق ئۆرنەكلەر. «ئەسلى تېكسىت» ئىسىملىق بىر پەننىي قۇرۇلما بىلەن مەۋجۇت بولغان ۋەھىي كىتابىدىن ئورىگىنال ئىسپاتلار كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ ئىمكانسىز بىر ئىدىيەدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەڭ ياخشى تېكسىتلەر ئائىلىسى ياكى گۇرۇپپىسى ئىچىدە تەنقىد بىلەن سۈرۈشتۈردى ۋە ئورىگىنال يېقىنلىشىش ئۈچۈن قارار بەردى. مەجبۇرىيەت تۈپەيلى، بۇ سەۋەپتىن ئەڭ مۇھىم زېھىنلىك سەۋىيەدە مۇقەددەس تېكسىتلەرنىڭ تەتقىقاتى ھەرقانداق بىر ئالاھىدە دىنىي ئەنئەنىنىڭ ياكى جەمئىيەتنىڭ مەنبەسىنى ئاشقان ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى ئىشلىتىدۇ. 2Timothy نىڭ يازغۇچىسى «مۇقەددەس كىتاپلارنىڭ ھەممىسى تەڭرى تەرىپىدىن ئىلھام قىلىنغان (3:16), پەقەت مۇقەددەس كىتاپلارنىڭ ھەممىسى بۇ سەۋەپتىن توغرا يولدىن ئازغۇچىلارنىڭ خاتا ئوقۇشقا ياكى ۋاقىتقا ئائىت ئالاقە بۇزۇلۇشىدىن ئۆزىنى قوغدىيالمىغان. «تارىخ خەۋەرلىرى\قالدۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «تارىخى ئۇسۇل» ئىشلىتىش كېرەك. (Jerome J. McGann,A Critique of Modern Textual Criticism, Modern Metin Eleştirisinin Kritiği, 1983), ھەرقانداق بىر كىتاپ ياكى كىتاپلارنىڭ دىنى داۋاملىشىشى ۋە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ئىنسانىي تۈزۈملەرنىڭ (يەنى،Gann Mc غا كۆرە تارىخى ئۇسۇلغا باغلىق تېكسىت تەنقىدى) ئەڭ شەرەپلىكىگە\ئابرويلۇقىغا ئىشىنىشى كېرەك.

تېكسىت تەنقىدى پەقەت مېخانىكىلىق نەشر قىلىش، سېلىشتۇرما ۋە تېكسىت تەنقىدى قانۇنلىرىنىڭ تەدبىقلىنىش پائالىيىتى بولسا ئۇنى كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسى، دەرھال ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇندەك كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئالىملار ئۇزۇندىن بېرى نۇرغۇن مىسالدا تېكسىت تەنقىدى ۋە تېكسىت باھالىشىنىڭ ئىنتايىن چىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى قوبۇل قىلغان. stemmatics باھالاش بىلىمىگە كىرىدۇ  (örneğin, New Testament Textual Criticism: Its Significance for Exegesis, Yeni Ahit Metin Eleştirisi: Tefsir İçin Önemi, ed. Eldon Jay Epp and Gordon D. Fee, 1981).. بىر تەرەپتىن، پەرقلىق ئوقۇشلارنىڭ بەلگىلىنىشى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدىغان تەنقىدىي مەھكىمە ئۇسلۇبى، تەپسىرىدىكى ۋە تەرجىمىدىكى ئاغزاكى مەناسىنىڭ ئېنىقلىنىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارغا كۆرە بىر ياكى ئوخشاشتۇر. يەنە بىر تەرەپتىن، يالغۇز بىر سۆزنىڭ ياكى بىر نۇسخا پەرقى، تېكسىت مەنىسىنىڭ گرامماتىكا قۇرۇلمىىسنى ئېنىق ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. «ئېتىقاد ئارقىلىق ھەقلىق كۆرسىتىش»نىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە، خرىستىيانلارغا، ھەقىقەتتە تەڭرى بىلەن تىنىچلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ياكى يول كۆرسەتكۈچىنىڭ شەرتىگە ياكى Romans 5:1 نىڭ پەرقلىق قول يازمىلىرى ئەنئەنلىرىدە تېپىلغان يول كۆرسەتكۈچى (echomen) ياكى نەسىھەت قىلىش شەرتىگە (ehomen) باغلىق تەڭرى بىلەن تىنىچلىققا ئىگە بولالايدىغانلىقى ئېيتىلغان.  Merville نىڭ ئەسەرلىرىنىڭ Constable Standard Edition دا ئ‍وتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۇراقلىق ئىبارە بولغان (دېڭىزنىڭ كىر بېلىقى)`the discordia concors` «پەقەت چوڭقۇر قورقۇنچلاردىن شەكىللەنگەن بىر خىيالدىن چاچراپ چىققان كىر بىلەن تازىلىق سايمىنىنىڭ كۈتۈلمىگەن باغلىنىشىدىن سۆز ئېچىش ئۈچۈن بۈيۈك ئامېرىكا تەنقىدچىسى F. O. Matth’essen گە يېتەكچىلىك قىلغان، ئەمما ھەم ئېنگىلىزچە ھەم ئامېرىكىدىكى تۇنجى نەشرىياتلارنىڭ بۇنداق بىر بالاغەتكە ئىگە بولۇشىنىڭ solied ئەمەس  colied ئىكانلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىلەن زالىم بىر تىزغۇچىنىڭ سەل قارىغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن بۇزۇلدى. بەش مىڭ تۈزىتىش ۋە ھازىرغا قەدەر مەۋجۇت بولمىغان قوشۇمچىلار بىلەن بىرلىكتە Ulysses: A Critical and Synoptic Edition نىڭ 1984- يىلىدىكى نەشرى بىلەن تەنقىدچىلەرگە بۇ زامانىۋى كىلاسسىك ئەسەرنىڭ ئىلگىرىكى نۇرغۇن باھالىرىنى قايتىدىن تەتقىق قىلىش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشى ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلدى.

چۈنكى تېكسىت تەنقىدى  مۇمكىن بولغىنىچىلىك تارىخىي بۇزۇلۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي قايتىدىن قولغا كېلىشىنى، مەقسىتىنىڭ، تېكسىت باھالىشى ئۈچۈن دائىم باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشنى خالايدۇ. بۇنىڭغا زىت ھالدا، بۇخىل تەنقىدمۇ باھالاشنىڭ چەكلىك بىر تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مادامىكى بۇ نىيەتلەر، بىر قول يازمىسى ياكى تۇنجى نۇسخىسىنىڭ بىر –  بىرى بىلەن تونۇشۇشى دەپ قارىلىدۇ. «ساپ» ئشەنچىلىك تېكسىت، مۇنداق بىر مۇزاكىرىدىن، يازغۇچىنىڭ ئاخىرقى نىيەتلىرىگە ئ‍ەڭ يېقىن دېمەكتۇر. بۇخىل چۈشەنچىلەر نۇرغۇن زامانىۋى تېكسىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇرۇقلۇق، ئۇلار نۇرغۇن ئوتتۇرا ئەسىر ۋە قەدىمكى تېكسىتلەرنىڭ، بولۇپمۇ بىردىن كۆپ تەڭدىشى بولغان Stemmas نىڭ باھالىشى ئۈچۈن a fortioriۋە بېسىش ئۈچۈن مۇۋاپىق بولمايدۇ. Jerome G. McGann, A Critique of Modern Textual Criticism (زامانىۋى تېكسىت تەنقىد ئاساسى)دا شۇنداق يازىدۇ.

«بۇ تېكسىتلەرنى ئەڭ بالدۇر تاماملانغان شەكىللىرى بىلەن ئاساسەن يازغۇچى كونتىرول قىلىدۇ. يەنىلا بىر سىنىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلار، تەھرىرگە تەۋە نىيەت ئۇقۇمىنىڭ مەنىسىگە ئىگە بولمىغان تېكسىتلەردۇر. بۇ تېكسىتلەr، باشقا بىر ئىپادە بىلەن، يازغۇچىغا تەۋە نىيەت ئۇقۇمىنىڭ پەقەت (بىر –  بىرىگە زىت ھالدا) سەنئەتكارنىڭ ئەسىرى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلار ۋە روللىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغىنىدا تەنقىدنىڭ كۈچى ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك تېكسىت دائىم ئىجتىمائىي يېزىلغانلاردۇر. نەتىجە شۇكى، ئىشەنچىنى تىكلىگەن نەرسىنىڭ تەنقىدىي ئۆلچىمى، يازغۇچى ۋە يالغۇز ئۇنىڭ نىيەتلىرىگە باغلىق ئەمەستۇر».

يۇقىرىدىكى Romans 5 تىن بېرىلگەن ئۆرنەكتە، گرىكچە سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداشلىرىنىڭ بولۇشى بىر ھەۋارىينىڭ كاتىپىنىڭ خۇسۇسىي ئىملاسىنى ئاسانلا يازدۇرغانلىقى تۈپەيلى، ئورىگىنال قوليازما ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ، يازغۇچىنىڭ نىيىتىنى بايقاش ئۈچۈن يېتەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەسلىكى مۇمكىن. Pavlus نىڭ ئۆزىنى سوراق قىلىشى بۇنىڭ سىرتىدا، بىز بەلكى تەڭپۇڭ بىر شەكلىدە مەنتىلىق تېكسىتلەرنى، پەقەت جەزمەن پەرقلىق مەنىلىرى بىلەن ئىككىگە ئايرىيمىز. بىز مۇستەقىل ھالدا ۋە ئاسانلا بۇ ئىككى گرىكچە سۆزنىڭ مەنىسىنى يېڭىلىيالايمىز، ئەمما ھەمبەھىرلەنگەن تەجرىبىلەر، ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەنە ئىستىكىگە»(E. D. Hirsch, Validity in Interperetation, Yorumlamada Geçerlik, 1967) بەدەل بولغان ئالاقىنىڭ بولماسلىقى، ھازىر بىزگە Pavlus نىڭ تىل كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدە ئۆچرىتى بىلەن ئىلگىرلىتىشى خالىغان نەرسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇ مىسالدا ئاخىرقى نىيەتنى تاللاش ئۈچۈن ئىقتىدارسىزلىقمۇ، ئورىگىنال نىيەتنى تاللاش ئىقتىدارسىزلىقى بىلەن ئوخشاشتۇر. پەقەت تېكسىتنىڭ مەنىسىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، تېكسىتنىڭ تارىخىي كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتىچىلىك چۈشىنىشىمىزنىڭ تارىخىي مۇددىتىگە سەۋەپ بولالمايدۇ.

چاغداش ئەدەبىي تەنقىدنى ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان Gefrey Hartman «ئۇنى يەنە بىر قېتىم تاۋۇشلارنىڭ جانلىق بىر مۇزىكا كېچىلىكىگە قوشۇش ۋە سەنئەت مۇقەددەس يازمىسىدەك تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەجرىبە بىلەن سەنئەتنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەدىمىي ئەھۋالى بۇ ئەسلى ئىپادىسى ئۈچۈن تەپسىرلەرنى يېزىشنى خالايدۇ(Beyond Formalizm, Biçimciliğin Ötesi, 1970).. بۇ ئەسلىي تەكلىپ، ئەپسۇس ھەممە تۇنجى ئىپادىدە مۇقەددەس كىتاپ تەپسىرىنى ئىزدەپ، تەجرىبە بىلەن قانداق سېلىشتۇرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بىر شەكىلدە، شەخسەن ئۇنىڭ تارىخى بويىچە مۇقەددەس كىتاپ تەپسىرىنىڭ، ھەرقانداق بىر باشقا تەپسىر تۈرىدە، دائىم بىر ئاغزاكى تېكسىتنىڭ قانداق ئوقۇلىدىغانلىقى –  يالغۇز بىر سۆزدىن بىر كىتاپقا كىرىشكە قەدەر تىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سۇئالى بىلەن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇرلىقى كۆزدىن قاچۇرىلىدۇ. ئەگەر ئىنجىلنىڭ ئاخىرقى تەنقىدچىلىرى «قاشا\رېشاتكا تەتقىق قىلىۋاتقان ۋە سېكۇلەر قورالنىڭ مېتودلىرى ۋە غەلبىلىرىنى ئىپادىلەۋاتقان بولسا،

(Frank Kermode, The Genesis of Secrecy, Gizliliğin Tekevvünü, 1979), بۇ يۈزلىنىش رادىكال خرىستىيانى مۇقەددەس تېكسىتلەرنى باھالاش ئۈچۈن Alexandr مەكتىپىنىڭ ئەمەلىيىلەشتۈرۈلۈشىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئۆز گرامماتىكىلىق –  تارىخى تەپسىر ئۇسلۇبىنى ئىلگىرلىشىشى ئۈچۈن پروتېستانت ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىنسانىي فىلولوگىيەسى ئىشلىتىشىدىن پەرقلىق ئەمەستۇر.دېققىتىنى ئىنجىلنىڭ قەستەن خاتا ئوقۇلۇشىغا ياكى مەقسەتسىز anakronizme  بىر نەچچە چاغداش ئىنجىل ئالىمى، سېكۇلەر ئۆلچەملەرنىڭ ۋە ئ‍ەدەبىي سىنىپلاندۇرۇشلارنىڭ ياردىمى بىلەن مۇقەددەس يازمىنى شەرھىلەش، ئەدەبىياتتەك ئىنجىلنى ئوقۇش ئۈچۈن مەلۇم ئورۇنلاردىكى ھازىرقى ئېقىمىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى گۇمان قىلىدۇ.

Homeros داستانى بىلەن ئىبرانى بايانلىرىنىڭ (ھېكايىلىرىنىڭ) ياكى ۋەقە قۇرۇلمىسىنى ۋە خاراكتېر نۇقتىسىدىن ئەيسانىڭ تەمسىللىك بىر ھېكايىسىنىڭ سېلىشتۇرۇلۇشىنىڭ پەقەت چەكلىك ئەسەرلەرگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقى مۇمكىن بولسىمۇ، مۇقەددەس كىتاپنىڭ ۋەھىي ياكى تەڭرى سۆزى دەپ ئوقۇلۇشىنىڭ ھۆرمەتلىك تەستىقى، تىلنىڭ بۇ خىل مۇقەددەس ئەدەبىياتتا قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى شەخسەن ئىزاھلىيالمايدۇ. بۇ يەردە، بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، شەخسەن ئومۇمىي، ئەمما ئەدەبىياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ خۇسۇسىي كۆز قارىشى بولغان توقۇلما ياكى توقۇلمىلىق بىلەن ئەدەبىياتنىڭ تەييار كىملىكىدىن قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كۆز قاراشنىڭ رەت قىلىنىشى، تىل ھادىسىسى بىلەن، يەنى تېكسىت بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشتىن ئىنجىل ئوقۇرمەنلىرىنى قەتئىي ئېسىگە ئالمايدۇ. تەۋرات ۋە يېڭى ئاھىد ياكى Lotus Sutra ئادەم بالىسى سۆزلەشكەن تىلىنى ئىشلەتكەنمۇ، ئىشلەتمىگەن بولسا، ئوقۇرمەنلىرىگە تەپەككۇر قىلىش ۋە مەسلىھەت قىلىش ئۈچۈن باشقا قايسى باغلىنىشلار بار؟ قايسى خىل ئەدەبىي قابىلىيەت ياكى قايسى قۇرۇلتاي سىستېمىسى مۇقەددەس تېكسىتلەرنى ئوقۇغاندا ئىشلىتىلگەن؟ (Languageگە قارالسۇن)

خرىستىيان ئىنجىل تەپسىر تارىخى، پەرقلىق ئوقۇش قىياسلىرى ۋە يىغىنلىرى بىلەن بىرلىكتە باھانىڭ قانداق ئۆزگەرگەنلىكىگە دائىر ئۆرنەكلەر بىلەن تولغان. مەلۇم بىر تىل كۆز قارىشى Genesis(Tekvin) نىڭ تۇنجى يارىتىلىش بايانىدا ئىشلىتىلگەن image ve likeness (İbrânîce, tselem, demut; Yunanca, eikona, homoiosin; Lat., imaginew, similitudinem) تېرىملىرىنى مەلۇم بىر ئۇسلۇپتا چۈشەنچە ھاسىل قىلغۇچە قەدىمىي چىركاۋ يازغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. چۈنكى ئىككىنچى ئەسىردە Irenaeus. ئالدى بىلەن ئادەم تەبىئىتىدىكى anima rationalis نى بەلگىلەش بىلەن مەشغۇل بولدى. لېكىن، كېيىن  «يىقىلىش»تا يوقاپ كەتكەن donum superadditum supernaturale نى تىلغا ئالدى. كېيىنكى باھالىغۇچىلار، بولۇپمۇ پروتېستانت ئىسلاھاتچىلىرى ئىسلاھ قىلىنغان باھالاش شەخسەن دوگماتىك پەرەزلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، ئىبرانىي تىل ئوخشاشلىقىنىڭ قۇرۇلتىيى قاچۇرۇپ قويغان ئاساستا بۇ ئىلغار كاتولىك imago dei نەسىھىتىگە جەڭ ئېلان قىلدى. بۇ ئەسلى خرىستىياني باياناتىنىڭ «بۇ مېنىڭدۇر، بۇ قېنىمدۇر» Evharistik فورمۇلالىرىنىڭ ئېنىق مەنىسى، باھالىغۇچىلاردىن قۇتۇلدى ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن ئىشلىتىلمىگەنلىك تېمىسى تېئولوگىيىلىك ئىپادە بولغىنىدەك، تىلنىڭ بىر ئىپادىسى بولغانلىقى تۈپەيلى، ئەسىرلەردىن بىرى خرىستىيانلىقنى بۆلدى.

ئىنجىلنىڭ بۇ تەپسىر ئۆرنەكلىرى Friedrich Schleiermacher نىڭ بىر ئاساسلىق چۈشەنچىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؛ شەخسىي ياكى مۇقەددەس باھالاش بىلىمى، «پەقەت ئومۇمىي باھالاش بىلىمى نۇقتىسىدىن چۈشىنىشلىك بولىدۇ»(Hermeneutics:TheHandwritten Manuscripts, ed. H. Kimmerle, 1977, içinde MS2).. بۇ تۈپەيلى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ۋە تەنقىد مەدەنىيىتىدىكى ھەر مۇھىم ئۆزگىرىش، پىرىنسىپتا دىن ئالىملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. چۈنكى، ئېغىزچە تېكسىتلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان نىشانىنىڭ بولماسلىقى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۇلار «تىلنىڭ سەنئەتلىك ئىشلىتىشىگە، پەرقلىق چۈشەنچە ئويۇنلىرىغا، ئەنئەنىلىرىگە، تونغا، ئاۋازغا، خىيالغا، جۈملە قۇرۇلمىسىغا، بايانىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا، ئەسەرنىڭ باپلىرىغا ۋە باشقىلارغا دېققەت بىلەن ئېھتىرامنى پەرقلەندۈرگەن نۇرغۇن پەرقلەرنى\ ئۆزگىرىشلەرنى(Robert Alter, The Art of Biblical Narrative, İncil Anlatı Sanatı, 1981) بىلىشى كېرەك. ئاخىرقى ئوتتۇز يىلدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا تەنقىدىي بايانىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇشىدا بۇ ئاخىرقى شەكىلسىز\ ئالاھىدىلىكى بولمىغان كاتېگورىيە، ھادىسىسچىلىك، پەلسەپىۋى باھالاش بىلىمى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تەنقىدى، تۈر نەزەرىيىسى، تىلشۇناسلىق، قۇرۇلمىچىلىق، yapısökücülük  ۋە روھىي ئانالىزدەك ئۆتمۈشتىكى ۋە ئىختىلاپلىق تېمىلارنى ئەلۋەتتە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يېڭى «نۇقتىنەزەرنى يالغۇز بىر يۆنىلىشنىڭ كەڭ قولغا ئېلىنىشىغا يەر رۇخسەت بەرمىگەن تۇرۇقلۇق، تېكسىتنىڭ مەنىسىنىڭ تېپىلغان ئورۇننىڭ قىسقا بىر كۆز قاراش تەربىيىسى بولىشى مۇمكىن. مەۋجۇد شەرەپ ئەدەبىياتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ۋە ئۇسلۇبىغا كەچۈرۈم ئىستىكى بىلەن ئايرىلغان يېڭى تەنقىدنىڭ چۈرۈكلۈكى بىلەن مەنا، ئاساسەن تېكسىت بىلەن ئوخشاشتى. ئىلمىي ئايرىلغان تىلغا جاۋابەن (قارشى، ئەدەبىي تىل ئۆزگىرىشچان بولىشنى ۋە ئۆزىنى ئىما قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، شۇڭلاشقا يالغۇز بىر تېكسىتنىڭ ئاتموسفېراسى ئەڭ مۇۋاپىق باغلىنىش بىلەن شەكىللەندى). مەنا، ئىمارەتنىڭ ۋە رەسىمنىڭكىگە ئۇ بېسىمدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر مىسالىدۇر  (Cleant Brooks, The Well Wrougth Urn, İyi İşlenmiş Vazo, 1947) ئوخشاش دەپ قارالغان تېكسىتنىڭ ئاساسلىق شەكلى ۋە ئاغزاكى قۇرۇلمىسى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلدى. چۈنكى، شېئىر سۇبىستانىيە نەزەرىيىسىنىڭ ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق بىرلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇ، ھەم چۈشەنچە ھەمدە چۈشەنچىنىڭ ئىدراك قىلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ مەنىسى، مۇشۇنداق زىت بولۇپ ئومۇمىيۈزلۈكتى ئەمما گويا ئىزاھلانمىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش باھالاش، شەخسەن زىت بىر ئىشتۇر. بىر تەرەپتىن، باھالىغۇچىنىڭ مەقسىتى «شېئىرنىڭ قورغان ئۇسلۇبى شائېرنىڭ زېھنىدە شەكىللەنگەندەك ئېلىپ شەكلى تەتقىق قىلىشتى. باھالاشقا تېكسىتنىڭ بۇ يالغۇز نىشانىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئامىلنىڭ قارار بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغاندىن بېرى، ھەتتا مەنبەسىنىڭ ياكى تەسىرىنىڭ (داڭلىق نىيەت ۋە تۇيغۇ كولدۇرلىتىشلارنىڭ) چۈشىنىلىشى مەۋزۇسىنىڭ سىرتىدا ۋە ئالاقىسىز دەپ قارالدى). چۈنكى، تېكسىت مەنانىڭ ئايرىم بىر ۋاستىسى دەپ قارالدى، ئۇنىڭ توغرىلىقى ئەگەر باھالىغۇچى ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ پەرەزلىرى، بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرى، ئېتىقادلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ مۇمكىن بولغىنىچە تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئاندىن قىممەتكە ئىگە بولالىشى مۇمكىن. بۇ تىرىشچانلىق بولسىمۇ، يېڭى تەنقىدچىلەر شۇنى ئېتىراپ قىلدى ياكى باھالاش ئىشىنى بىمەنە بىر تەتقىقاتچىنىڭ ھېسسىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، چۈنكى، تەنقىدنىڭ يېتەرلىك بولۇشى ھەردائىم شېئىر يېتەرلىك بولىشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.

ئۆتكەن ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ئەدەبىيات تېئورىيىسى تارىخى ھەرخىل ئۇسلۇپلاردا يېڭى تەنقىدى تېكسىت ۋە باھالىغۇچى تەلىماتىغا داۋاملىق ۋە كۈچىيىۋاتقان بىر شەكىلدە ھۇجۇمغا ئېتىبار قىلغان بولۇشى مۇمكىن. Rudolf Bultmann  ۋە Hans Gademer نىڭ تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرى تەرىپىدىن مۇرەسسە قىلىنغان Heidegger چە  Vorverstadenis چۈشەنچىسى، بىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھېچبىرى كىشىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتى بىلەن چوقۇم باغلىنىشلىق بولغان بىر «ئالدىن بىلىش» بولماستىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنالمىغانلىقى ئۈچۈن، بىر تەرەپلىمە قاراش بولماستىن، ئوبيېكتىپ باھالاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۆرنەكلىرى بىلەن كۆرسەتتى. ھەقىقەتەن ھەم تېكسىتلەر ھەمدە باھالىغۇچىنىڭ تارىخى ئۇپۇقى ماركىستلار، يېڭى ماركىستلار ((krş., Jürgen Habermas’ın Gadamer eleştirisi ۋە Freud چىلار (Jacques Lacan ve muakkipleri)  دەك پۈتۈن شۈبھىنىڭ باھالاش بىلىمى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تەرىپىدىن دېققەت بىلەن تەتقىق قىلىنغىنىدا، مۇقەررەر ھالدا بىر ئ‍ىدىئولوگىيە، خاتا ئاڭ ياكى ۋەيران قىلىدىغان نەشرىيات تىلى تەرىپىدىن كۆزدىن قاچۇرىلىدۇ. ساپلىقنىڭ ۋە ئوبيېكتىپچىلىقنىڭ مەسۇم، ئىتائەتچان ئاڭ تەرىپىدىن قوغدالغان «يېقىن ئوقۇشلار»نىڭ ئورنىدا ھەم تېكستى ھەمدە تەنقىدچىنىڭ تىلى ھۆكۈمرانلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭكىدەك، ئالداش ۋە ئارزۇ (René Girard) ماسكىلىرى تاقىشى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن. دىكتاتور بىر شەكىلدە بېرىلگەن مەنانىڭ  (E.D.Hisch) توشۇغۇچىسى بولغان تېكست ئورنىغا، تېكسىتتىكى مەنا، يا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياكى ئوقۇغۇچى جەمئىيەتلەرنىڭ (Stanley Rish, Frank Kermode) يا تېكسىتنىڭ ۋە ئوقۇش ھەرىكىتىنىڭ (H.R.Jaus, Wolfgang Iser, Roland Barthes’in son yazıları) بىر مەھسۇلاتى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. مەنا، دىئالېكتىنىڭ ماسلىشىشىنىڭ ئالدىدا قۇرۇلغان (Paul Ricoeur) كۆز قاراش ۋە دۇنيانىڭ تەسۋىرى ياكى بىر قېتىم تونۇلغان ۋە ياتلاشتۇرۇلغان (Victor Shklousky) ئومۇمى شىفىرلارنىڭ ئىدراك قىلىنىشى بىلەن بۇ شېئىرنىڭ سېمانتىكا، سىنتاكىسلىق ۋە فىبئولوگىيىلىك سەۋىيەلىرى ئىچىدە كۆمۈلگەن (Roman Jakobson ve Claude Lévi-Strauss) چوڭقۇر قۇرۇلمىلىرى –  تەڭلىكلەر ۋە زىتلىقلارنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق يېڭىلاش مۇمكىن.

تېكسىت ۋە مەنا مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن ئەڭ رادىكلار ھەرىكەت، Jacques Derrida ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ مودىغا ماسلاشتۇرۇشىدۇر. غەرپ مەدەنىيىتىدە ئەنئەنىۋى تىل كۆز قارىشى، ئاساسەن تەقلىدىي بولغىنىدۇر. تىل زېھىن تەبىئەت ۋە ھەتتا تەڭرى ئارىسىدىكى ئېلىم – بېرىمنى ساداقەت ۋە بەرىكەتلىك ھالدا ئەينەكتە ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە yapısökücülüğün   كۈنتەرتىپى، Saussureچە تىل ئورۇنلاشتۇرغان، كۆرسەتكۈچى ۋە كۆرسىتىلگۈچىلەر ئارىسىدا سېمىترىك بىرلىكىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك ۋە ئەڭ شۈبھىلەندۈرىدىغان سورىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. «چۈنكى ھەقىقەتتە “كېمە” كۆرسىتىلگىنى مەلۇم بىر ئاخىرى بولمىغان كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز –  ئارىلاش مۇناسىۋىتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. مەنا مەلۇم بىر كۆرسىتىلگۈچىگە چاپلانغان بىر ئۇقۇم ئەمەس، كۆرسەتكۈچىلەر يوشۇرۇن بولىدىغان چەكسىز ئويۇننىڭ مەھسۇلاتىدۇر…بىر جۈملىنىڭ مەنىسى پەقەت مېخانىك ھالدا سۆزلەرنى ئۈستى –  ئۈستىگە يىغىش ئارقىلىق چۈشىنەلمەيمەن. سۆزلەرنىڭ باغلىنىشلىق ۋە بىردەك بىر مەنا شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن، ھەر بىرىنىڭ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى سۆزلەرنىڭ ئىزىدىن مېڭىشى ۋە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان سۆزلەرنىڭ ئىزىنى ئوچۇق تۇتۇشى كېرەك.(Terry Eagleton, Literary Teory: An Introduction, Edebiyat Teorisi: Bir Giriş, 1983).بۇ تۈپەيلى Derrida چى كۆز قاراشتا مەنا (ھەم پەرق ھەمدە پەرقلىقلەشتۈرۈش مەنىسىدە) différance نىڭ، (كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بىر كىشىنىڭ تەجرىبىلىرى ياكى ئەمەلىي نەرسىلەرنى سۇنۇش ئۈچۈن دائ‍ىم يېتەرسىز ئىكەنلىك مەنىسىدە) يوقلۇقنىڭ ۋە (ئىشىقنىڭ كۆرسىتىلگەن ۋە ئارزۇنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ھەرقانداق مۇقىم بىر مەنبەنىڭ ياكى مېتافىزىكىلىق Urgrund پىكىرىنىڭ قايتىدىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىنى رەت قىلىش مەنىسىدە) نازۇك خاراكتېرلىگۈچى سىزىق بىلەن ئېنىقلانغان بولىدۇ. تېكسىت مەنىسىنىڭ مۇقىم ۋە كەسكىنلىكىنى تىلغا ئېلىش، بۇ تۈپەيلى، ھەقىقىي مەزمۇن دەپ بىر شېئىر تىلىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەكسىز بولغىنىدەك مەناسىزدۇر. بىر شېئىرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، تىل تارىخىنىڭ پۈتۈن ساھەسىدۇر ياكى Jonathan Culler نىڭ مۇۋاپىق سۆزى بىلەن «مەنا ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەجبۇردۇر، ئەمما ئارقا كۆرۈنۈش بولسا چەكسىزدۇر» (On Deconstructionism: Teory and Criticism after Structuralism, Yapıs.kücülük Üzerine: Yapısalcılık’tan Sonra Teori ve Eleştiri, 1982) مەنا، شۇڭلاشقا نەتىجىدە مەزمۇن Nietzscheچى ھەم سىرلىق ھەمدە چەكسىز ئەركىن ئويۇن ئۇقۇمى بىلەن مۇۋاپىقتۇر ۋە بىر پاسسىپ تەقلىد باغلىنىش بولۇشتىن يىراق بولغان باھالاش، مۇرەسسە قىلىش ۋە ئورنىدىن چىقىرىشنىڭ، باشقىسى ئۈچۈن كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ بىر تىزمىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ يەنە بىر شەكلىدۇر. (Krş., Jacques Derrida, Writing and Differance, Yazı ve Fark, 1978; Of Gramatology, Yazıbilim Üzerine, 1976; Dissemination, Yayılım, 1982).

ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئۈچۈن yapısökücülük نىڭ ئارتۇقچىلىقى قىزغىن تالاش –  تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ دىن تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىپ ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىغا دائىر ئىلمىي ئەسەرلەر يېزىلىشى كېرەك. ئازايماس بىر ھالدا مۇقەددەسنىڭ ھەددى – ھېساپسىز تۈرلىرى ۋە مورفولوگىيەنى تەتقىق قىلىشقا ئۆزىنى ئاتىغان بىر ئۇقۇمغا نىسبەتەن، سۆز مەركەزلىك بىلەن تولغان بىر پروگىرامما، ھەيران قالارلىق Derridaنىڭ Cassandraغا ئوخشاش سۆزلىرى بىلەن سۇنۇلغان جەڭ ئېلان قىلىش، پۈتۈنلىكى بىلەن ئىنتايىن ئېنىقتەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. [Ayrıca bkz., Biography; Cosmogony; Heroes; Myth; Quest; yazarların, dini düşüncelerin ve burada zikredilen filozofların biyografileri].

تەرجىمان: تاجىگۈل سەمەت

[1] Çeviriye esas olan metin ‘Anthony C. Yu, Literature and Religion’, The Encyclopedia of Religion, (Editor in Chief: Mircea Eliade), Macmillan Publishing Company, New York, 1987, Vol: 8, pp.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*