ئىدېئولوگىيەلىك سىياسىي تۈزۈم-مۇستەبىتلىك

2018-يىلى 27-ماي

مۇجەللا ساكمان | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

مۇستەبىت ۋە مۇستەبىتلىك 20-ئەسىرنىڭ ئۇقۇملىرى بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار ئۆز جەمئىيىتىنى ھەر جەھەتتىن كونترول قىلىپ تولۇق ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي پارتىيەلەرنى، لىدېرلەرنى، ئىدىئولوگىيەلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مۇستەبىت جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەر جەھەتتىن كونترول قىلىش ئالاھىدىلىكى بولغان سىياسىي تۈزۈمدۇر. مۇستەبىتلىكنىڭ ئاساسلىق 7 ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ھاكىمىيەتنىڭ مۇتلەق كونترول قىلىنىشى، ۋەھىمەگە تولغان جەمئىيەت، تەشۋىقاتنىڭ كۈچلۈك قورال سۈپىتىدە ئىشىلىتىلىشى، ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەركىن بولماسلىقى، پۇقرانىڭ دۆلەتكە مەجبۇرىي ئىتائەت قىلدۇرۇلۇشى، ھەر قانداق ئۆكتىچىلىك ۋە قارشى ئېقىمنىڭ قەتئىي چەكلىنىشى ۋە كۈچلۈك لىدېردىن ئىبارەت.
كىرىش
مۇستەبىت ۋە مۇستەبىتلىك 20-ئەسىرنىڭ ئۇقۇملىرى بولۇپ، بۇ ئۇقۇملار ئۆز جەمئىيىتىنى ھەر جەھەتتىن كونترول قىلىپ تولۇق ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغا ن سىياسىي پارتىيەلەرنى، لىدېرلەرنى، ئىدىئولوگىيەلەرنى ۋە دۆلەتلەرنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. مۇستەبىتلىك ئۇقۇمى 1920-يىللاردا ئىتالىيەلىك مۇتەكەپپۇر گىئوۋانى گېنتىلې (Giovanni Gentile)تەرىپىدىن فاشىت دۆلەتنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. مۇستەبىتلىك ئۇقۇمى جەمئىيەتنى تولۇق ئۆزگەرتمەكچى بولغان ۋە كۈچلۈك كونترول سىستېمىسى بىلەن جەمئىيەتنى ئىزچىل تەرتىپكە سېلىپ تۇرىدىغان، ئىدىئولوگىيە، سىياسىي پارتىيە ۋە لىدېرلىك قاتارلىق ئامىللار بىر پۈتۈنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇستەبىتلىكنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى جەمئىيەتنى سىياسىي جەھەتتىن تولۇق كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇستەبىتلىك دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى بىر ۋە پۈتۈنلۈك ئىچىدە بىر-بىرىگە باغلايدىغان، بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرىدىغان ۋە ئورتاق دۇنيا قارىشىنى جەمئىيەتكە تاڭىدىغان سىياسىي تۈزۈمدۇر. مۇستەبىت تۈزۈمدە جەمئىيەت ئىدىئولوگىيەلىك پۈتۈنلۈك ئىچىدە پىلان ۋە لايىھەگە ئاساسەن كونترول قىلىنىدۇ (چەتىن، 2010:15).

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*