«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ يېڭى تومى نەشردىن چىقتى

2021-يىلى 4-ئىيۇن

خۇش خەۋەر… «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ يېڭى تومى نەشردىن چىقتى

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق 12 توملۇق زور ھەجىملىك ئەسىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»گە مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى قىسمى نەشردىن چىقتى.
دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» توغرىسىدىكى 1 -، 2 – قىسىملىرى — ئومۇمىي 7 -، 8 – توملىرى ئۆتكەن يىلى (2020) نويابىردا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى. بۇ قېتىم مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1944 – يىلىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئالاقىدار 3 – قىسمى نەشر قىلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان كىتابخانىسىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرى ياراتقان تۈركىي خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىلىرى ئىككى ئەسىردىن بۇيان دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ، جۈملىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن كۈنىمىزگىچە بولغان بارلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئومۇمىي تارىخى» مەيدانغا كەلمىگەنىدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 30 يىلغا يېقىن جاپالىق ئىلمىي ھاياتىنى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل- ئىدارىكىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىن ئىبارەت زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابلار: يەنى 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئەنە شۇ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ تەركىبىي بىرقىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا 1943-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن جەريانلار، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق دۆلەتچىلىك ئۆزگىچىلىكلىرى ئورىگىنال ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئۇيغۇر مەنبەلىرى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلنىش ئاساسىدا تەپسىلىي يورۇتۇلغان. بولۇپمۇ ئاپتور شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسۋەتلىك ئىچكى سىرلار، خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ۋە باشقا نازۇك، ئېنىقسىز تەرەپلەرنى يورۇتۇشتا ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا موسكۋادا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇش جەريانىدىن تارتىپ توپلاپ كەلگەن كۆپ ساندىكى سوۋېت ئارخىپلىرىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم باشقا مەنبەلەر شۇنىڭدەك نەچچە ئونلىغان جۇمھۇرىيەت شاھىتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان. مەزكۇر 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
ھازىرغىچە بىر قىسىم ئەللەردە مەزكۇر دەۋرگە ئائىت مەلۇم ساندا مەخسۇس ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ئەسىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۈچلۈك ئاكادېمىك تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيەسىگە تايانغان ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ تولۇق، ئەڭ مۇكەممەل، كۆپ مەنبەلىك ئىلمىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ مەزكۇر جۇمھۇرىيەت دەۋرى قىسمىنى ئالدى بىلەن نەشىر قىلىپ، باشقا توملارنىمۇ ئارقىمۇئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تەقدىم قىلىش قارار قىلىندى.
12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»قىسىملىرى نەشىر قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا قالغان توملىرىنىمۇ ئارقا -ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش پىلانلانماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*