خىتايغا قارشى ئامېرىكا – رۇسىيە ئىتتىپاقى شەكىللىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

2020-يىلى 3-ماي

كۆلتېكىن

بۈگۈنكى خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى 1648- يىلدىكى ۋېستىفالىيە شەرتنامىسىدا ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتىلىپ بولغان بولۇپ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا لىبېرالىزمنىڭ بەزى قىممەت قاراشلىرى قوشۇلدى خالاس. بۇلارنىڭ ئىپادىلىرى ب د ت غا ئوخشاش ئۇلۇس ھالقىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۇلارنىڭ تۈرتكىسىدە دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا تىجارەتنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردۇر. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە ۋېستىفالىيە سىستېمىسىدىن تا ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم بىر ئۇقۇم بولۇپ ئۇ بولسىمۇ كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى سىياسىتىدۇر. بۇ سىياسەتتە بىر نەچچە كۈچلۈك دۆلەت مەۋجۇت سىستېمىغا خىرىس قىلغان دۆلەتنى بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ چەكلەيدۇ. چەكلەش ئېلىپ بارغاندا يېڭى باش كۆتۈرگەن دۆلەت بىلەن ئىدېئولوگىيەسى، مەزھىپى قاتارلىقلار ھېسابلىشىپ ئولتۇرۇلمايدۇ. ئاساسلىق مەقسەت مەۋجۇت سىستېمىنىڭ تەرتىپنى قوغداپ قېلىش بولىدۇ. كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى سىياسىتى نۇرغۇن چوڭ توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي يەنە ئۈچ قېتىم رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان ۋە ھەممىسى كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ئۇرۇش بىلەن نەتىجىلەنگەن. يەنى ناپالېئوننىڭ فىرانسىيەسىنى، ۋىلھېلىمنىڭ گېرمان ئىمپېرىيەسىنى، گىتلېرنىڭ فاشىست گېرمانىيەسىنى چەكلەشتە مەغلۇپ بولغان.
ھازىر خىتاي قوپال بىر شەكىلدە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئامېرىكا ۋە غەربنى چۆچۈتۈۋەتتى. چۈنكى غەرب خىتاينى ئۆز يېنىغا تارتىش، ئۆزى قۇرغان لىبېرال سىستېمىغا ئەكىرىش، مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ياردەملىرىنى بېرىش ئارقىلىق دېموكراتىك دۇنيانىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇپ فۇكۇياما ئوتتۇرىغا قويغان « تارىخنىڭ ئاخىرى» نەزەرىيەسىنى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاشنى ئويلاۋاتقان ئىدى. ئۇلار خىتاينىڭ تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغان ئىدى. غەربلىك خىتاينى تەتقىق قىلغۇچىلار خىتاينى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ دەپ ئويلاشقان ئىدى، لېكىن خىتاينىڭ روھىنىڭ خىتاينىڭ ئۆتمۈشىگە مىخلىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىگەن ئىدى. دۇنياغا «تەدرىجىي تەرەققىيات» نەزەرىيەسى بىلەن قارايدىغانلا غەرب لىبېراللىرى خىتاينىڭ يەنىلا دىكتاتور، گۇمانخور ۋە قارا نىيەت ھالەتتە تۇرغىنىدىن ھەيران قېلىشقان ئىدى.
شۇنداق، خىتاي بەلكىم غەربنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى بولۇپ مەيدانغا چىقتى. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ كۈچلۈك رەقىب، سەۋەبى راستتىنلا سوۋېتتەك كۈچلۈك ئەمەس بەلكى مەۋجۇت خەلقئارا سىستېما خىتاينىڭ رىقابەتچانلىقىنى سوۋېتكە قارىغاندا كۈچلۈك قىلىۋەتتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن دۇنيا پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى ۋە قارىماققا خىتاي يەنە بىر قەدەم ئالدىغا ئۆتۈۋالغاندەك كۆرۈنمەكتە. بۇ ئەھۋالدا تەبىئىي ھالدا غەرب، جۈملىدىن ئامېرىكا خىتايغا قارشى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى سىياسىتىنى يول قويىدۇ ئەلۋەتتە. بۇنداق بولغاندا تۇنجى بولۇپ كاللىمىزغا كېلىدىغان دۆلەت رۇسىيەدۇر. رۇسىيە ھازىرقى دۇنيا سىستېمىسىدىكى بەلگىلىگۈچى كۈچكە ئىگە بىر دۆلەت شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى (دەپ قارالماقتا). بۇنداق ھالەتتە ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتكە قارشى خىتاينى يېنىغا تارتىپ ئونى بىتچىت قىلغاندەك ھازىر رۇسىيەنى يېنىغا تارتىپ خىتاينى غولىتىۋېتەلەمدۇ ؟ بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ بۇ يازمىدا رۇسىيە- غەرب مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ۋە سەۋەبى، رۇسىيەنىڭ سودا شېرىكلىرى ، رۇسىيە- خىتاي ئارىسىدىكى يوشۇرۇن زىددىيەتلەر شۇنداقلا رۇسىيە ۋە غەربنىڭ ھەمكارلىق ئېھتىياجلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.
باشتا رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە نەزەر سالساق بىر بىرى بىلەن رىقابەت ۋە چەكلەش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. غەربنىڭ نەزىردە رۇسىيە دىكتاتور ۋە ياۋايى، رۇسىيەنىڭ نەزىرىدە بولسا غەرب رۇسىيەنىڭ ئۇلىنى كولاۋاتقان بىر دۈشمەن كۈچ.

1. غەرب – رۇسىيە مۇناسىۋىتى لىبېرالىزملىق دۇنيا قارىشىنىڭ دېموكراتىيە = تىنچلىق نەزەرىيەسىنىڭ ۋە سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى سىندرومىنىڭ قۇربانى

«دېموكراتىيە =تىنچلىق» نەزەرىيەسى ( DPT) ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرى ئېممانۇئېل كانت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ قارىشىچە ئىنسانلار دېموكراتىيە ئېڭىغا يېقىنلاشقانسېرى تىنچلىقنى سۆيىدىغان بولىدۇ. كېيىن بۇ نەزەرىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسى لىبېرالىزم ئېقىمىدا «دېموكراتىك دۆلەتلەر بىر بىرى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ» دەپ يەكۈنلەندى. 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋىلسۇن بۇ نەزەرىيەگە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن رەھبەر بولۇپ. شۇڭا سالا قىلىپ يۈرۈپ ھازىرقى ب د ت نىڭ ئاساسى بولغان مىللەتلەر جەمئىيىتىنى 1920- يىلى شىۋېيتسارىيەدە قۇردى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا فاشىزم ۋە كوممىنىزمنىڭ غالجىرلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن غەرب، دېموكراتىيە قىممەت قارىشىنى يېيىشنى دۇنيا تىنچلىقنىڭ كاپالىتى دەپ قارىدى. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ئۆزىگە دۇنيانى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى. تەبىئىي بۇ ۋەزىپە ئۇزاق ئۆتمەيلا دىكتاتور دۆلەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى باش ۋەزىپە قىلىشتىن ئامېرىكىغا دۈشمەن دەپ قارالغان دۆلەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى باش ۋەزىپە قىلىشقا ئۆزگىرىپ كەتتى ۋە ئاخىرىدا جون مىرشايمىر «The Great Delusion » دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئالغاندەك لىبېرالىزمنىڭ چۈشى بولۇپ ئاخىرلاشتى. بۇ چۈش رۇسىيە ۋە غەرب مۇناسىۋىتىگە ناھايىتى ئېغىر جاراھەت سالدى.
بۇ سەۋەبتىن، دۇنيا مىقياسىدا «رەڭلىك ئىنقىلاب» دولقۇنى قوزغالدى. بۇ دولقۇن ئەلۋەتتە غەربنىڭ كونا رەقىبى بولغان رۇسىيەنىمۇ ئۇردى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن رۇسىيەنى غەرب لاگېرىغا قوشماقچى بولغان ئامېرىكا ھەقىقەتەن دىپلوماتلىرىنى رۇسىيەگە ئەۋەتكەن بولۇپ لېكىن بۇيرۇق تۈسىدىكى تەلەپ، ۋە رۇسىيەگە بولغان مەنسىتمەسلىك پوزىتسىيەسى رۇسلارنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ئىدى.
شۇنداق قىلىپ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ غەرب رۇسىيەگە رودىپايدەك چاپلىشىۋالدى. ناتونى توختىماي شەرققە كېڭەيتىپ رۇسىيەنىڭ قوشنىلىرىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلدى. بالتىق دېڭىزىدىكى بۇرۇنقى سوۋېت دۆلەتلىرىنى ۋە پولشانى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. كېيىن ئۇكرائىناغا كەلگەندە رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇكرائىنانى پارچىلىدى.
پۇتىن بولسا غەربكە ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش قىممەت قاراشلىرىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. رۇسىيەنىڭ ئەتراپىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابىنى پۇتىن غەربنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئىلگىرىلىشى، شۇنداقلا بىۋاسىتە تەھدىت دەپ شەرھلىدى. رەڭلىك ئىنقىلابىنىڭ تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، رۇسىيە دائىرىلىرى ئۆكتىچىلەرگە ۋە غەربنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسىگە سىياسىي، مەمۇرىي ۋە ئەقلىي ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈرگەن ئىستراتېگىيەلەرنى قوللاندى. ئالدى بىلەن، سېربىيە، گىرۇزىيە ۋە ئۇكرائىنادىكى رەڭلىك ئىنقىلابىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان ھەر خىل ياشلار ھەرىكىتىگە قارشى تۇردى. 2008 – يىلى بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ گىرۇزىيەگە بېسىپ كىردى. چۈنكى بۇ خىل لىبېرال دېموكراتىيە ئىدىيەسى رۇسىيەنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق دەپ قارىلاتتى. بۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكا يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىپ ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىسىتانلاردا ھەربىي بازا قۇردى. بۇلار ھەقىقەتەن رۇسىيەنى چۈچۈتكەن ئىدى…
بۇلاردىن غەربتە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن رۇسىيەنى بۈيۈك تەھدىت دەپ قارايدىغانلا ئىدىيەنىڭ ھازىرغىچە تەسىرىنى يوقاتمىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل سىياسەت رۇسىيەنى تەبىئىي ھالدا خىتاينىڭ قوينىغا ئىتتىردى. مەسىلەن، ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، رۇسىيە ۋە خىتاي گازپروم ۋە جۇڭگو دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى (CNPC) نى 30 يىللىق 400 مىليارد دوللارلىق تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالاشقا قىستىدى. ئەسلىدە باھا ئۈستىدە تالاش-تارتىش سەۋەبىدىن بۇ كېلىشىم ئون يىلغا يېقىن سۆرىلىپ يۈرگەن ئىدى. ئۇلار يەنە سۇرىيە ۋە ۋېنېزۇئېلادىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپ قىلغاندا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلدى. 2018-يىلىدىن كېيىنمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا% 30 تىن كۆپرەك ئاشتى مۆلچەرلىنىشىچە تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن.

ماقالىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ پ د ف نۇسخسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*