فەرھات ئىبراگىموۋ تەرىپىدىن 2022-يىلى مارت ئېيىدا ھەمەد بىن خەلىفە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلام پەنلىرى فاكۇلتېتىغا سۇنۇلغان بۇ ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ. تەتقىقات، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان (رەسمىي نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان جامائەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەھلىل قىلىدۇ. دىسسېرتاتسىيەنىڭ ئەڭ ئۆزگىچە تەرىپى، بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىپلوماتىك ۋە سىياسىي ئىنكاسسىزلىقىنى تەكشۈرۈشى ۋە بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالنىڭ ئاستىدىكى ئامىللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىدۇر.
ئىبراگىموۋنىڭ تەتقىقاتى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، كۆپ سانلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنىڭ، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئاكتىپ قوللىشىنىڭ سەۋەبلىرىگە سوئال قويىدۇ. بۇ ئۆزگىچە كۆز قاراش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ماددىي مەنپەئەتلەرنىڭمۇ، شۇنداقلا، دىنىي ۋە مەدەنىي ھەمكارلىقنىڭمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
- كىرىش: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرى
ئىبراگىموۋ تەتقىقاتىنىڭ كىرىش قىسمىدا، 2017-يىلىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تەپسىلىي بىر كىرونولوگىيەسىنى تەقدىم قىلىدۇ. دەسلەپتە، ئېنىقلانغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ ئومۇمىي بىر چەمبىرىكىنى سىزىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى مەنبە قىلغان كۈچلۈك بىر ئاساس قۇرىدۇ.
تەتقىقاتچىنىڭ توپلىغان مەلۇماتلىرىغا كۆرە، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلار، “قايتا تەربىيەلەش” ياكى “كەسپىي تەربىيەلەش” نامى ئاستىدا قۇرۇلغان ئورۇنلاردا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بۇ ئورۇنلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، دەسلەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان، ئەمما سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرى قاتارلىق دەلىللەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، بۇ ئورۇنلارنىڭ “ئاشقۇنلۇق بىلەن كۈرەش” قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى دەۋا قىلىنىشقا باشلانغان.
ئىبراگىموۋ بۇ لاگېرلاردا تۇتۇلغانلارنىڭ دۇچار بولغان مۇئامىلىلىرىنى تەپسىلىي خاتىرىلەيدۇ. مەھبۇسلارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلەنگەن، چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغان، خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن سىستېمىلىق بېسىم ئىشلىتىلگەن. سابىق تۇتقۇنلاردىن ئېلىنغان گۇۋاھلىقلار، لاگېرلاردا قىيناش، جىسمانىي زوراۋانلىق، پىسخولوگىيەلىك بېسىم ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ ئايال تۇتقۇنلارنىڭ جىنسىي زوراۋانلىق ۋە پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغانلىقى ۋە ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا توپلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرى لاگېرلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. تەتقىقاتچى، رايوندا كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر ساھەسىگە تارقالغان سىستېمىلىق بىر باستۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا مۇھەممەد، ئائىشە، ئۇسامە قاتارلىق ئىسلامىي ئىسىملار قويۇش چەكلەنگەن، بۇ ئىسىملار “ئاشقۇن دەرىجىدە دىنىي” دەپ تونۇلۇپ نوپۇس خاتىرىلىرىدە ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىلىرى بىلەن داۋاملىق كۆزىتىلمەكتە، ھەر قانداق دىنىي پائالىيەت گۇمانلىق كۆرۈلمەكتە ۋە “رادىكاللىشىش” ئالامىتى دەپ قارالماقتا.
ئىبراگىموۋنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان بايقاشلىرىدىن بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئوچۇق ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرىگە قارىماي، كۆپ سانلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدۇر. زىددىيەتلىك بىر شەكىلدە، نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى پەقەت سۈكۈت قىلىش بىلەنلا قالماستىن، ئاكتىپ ھالدا خىتاينىڭ “تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى” ماختىغان ۋە قوللىغان. بۇ ئەھۋال، تەتقىقاتچىنىڭ پىكرىچە، دىنىي ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر مىسالىدۇر.
كىرىش قىسمىدا يەنە، تۈركىيە ۋە قاتارنىڭ باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن پەرقلىق بىر پوزىتسىيە تۇتقانلىقى تەكىتلەنگەن. تۈركىيە بەزى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاۋازىنى كۆتۈرگەن، قاتار بولسا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان خەلقئارا باياناتلاردىن ئىمزاسىنى قايتۇرۇۋالغان. ئەمما بۇ ئالاھىدە ئەھۋاللاردىمۇ ئىزچىل ۋە كۈچلۈك بىر قارشى تۇرۇش كۆرسىتىلمىگەن.
- مەسىلىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە نەزەرىيەۋى چەمبىرىكى
بۇ ئۇزۇن بۆلۈمدە، ئىبراگىموۋ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇقۇمىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە خەلقئارا قانۇندىكى ئورنىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بۇ مەزمۇندا قانداق باھالىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا نەزەرىيەۋى بىر چەمبىرەك سۇنىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئىككى تەرەپلىك بىر توقۇنۇش ئەمەس، بىر گۇرۇپپىنىڭ يەنە بىرىگە قارىتىلغان سىستېمىلىق يوقىتىش مەقسىتى بولغان ھەرىكەتلىرى دەپ ئېنىقلىما بېرىپ تەھلىلىنى باشلايدۇ.
تەتقىقاتچى، بىر جەمئىيەتتە ھەر خىل ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى چوقۇم ئېتنىك زوراۋانلىققا، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەمما، مونىكا دۇففى توفتنىڭ نەزەرىيەسىگە ئاساسلىنىپ، ئېتنىك زوراۋانلىقنىڭ ئىككى ئاساسىي يول بىلەن ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ: بىرىنچىسى، ھۆكۈمەتنى كۆپ سانلىق ئېتنىك گۇرۇپپا تەشكىل قىلغان ئەھۋاللاردا، بۇ گۇرۇپپا كۈچىدىن پايدىلىنىپ، نەپرەت ياكى غەزەپ قاتارلىق تۇيغۇلار بىلەن باشقا گۇرۇپپىغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، ئاز سانلىق گۇرۇپپا ئۆزىنى بىر مىللەت دەپ قاراپ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، ھۆكۈمران گۇرۇپپا بۇنى ھاكىمىيىتىگە ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە قارىتىلغان بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ.
ئىبراگىموۋ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ماھىيەتتە خەلقئارالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان ئاكادېمىك كۆز قاراشلارنىمۇ تەكشۈرىدۇ. قاچقۇنلارنىڭ چېگرالاردىن ئۆتۈشى ياكى خەلقئارا قانۇننىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق “جىسمانىي ئىسپاتلار”، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىنى كۆرسىتىدۇ. زامانىۋى ئالاقە تېخنىكىلىرى، قۇربانلارنىڭ قارشىلىقلىرىنى ياكى قىيىن ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، بۇمۇ ئەھۋالنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى بىلىنىشلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ پاكىتلار، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ “ئىچكى مەسىلە” ئىكەنلىكى دەۋاسىنى رەت قىلىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق تەتقىقاتلىرىدا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى قۇرۇلما ۋە زېمىن باراۋەرسىزلىكلىرىدىن كېلىپ چىققان خەلقئارالىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە، كوللېكتىپ بىر تونۇش مەۋجۇت. بۇ مەزمۇندا، ئىبراگىموۋ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنى، گىرېگورى ئىستانتون مۇكەممەللەشتۈرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئون باسقۇچلۇق مودېلى چەمبىرىكىدە تەھلىل قىلىدۇ:
- تۈرگە ئايرىش: جەمئىيەتنىڭ “بىز” ۋە “ئۇلار” شەكلىدە بۆلۈنۈشى
- سىمۋوللاشتۇرۇش: نىشان گۇرۇپپىغا بەزى سىمۋوللارنىڭ مەجبۇرىي تېڭىلىشى
- كەمسىتىش: نىشان گۇرۇپپىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە پۇرسەتلىرىنىڭ چەكلىنىشى
- ئىنسانلىقتىن چىقىرىش: نىشان گۇرۇپپىنىڭ ئىنسانىيلىقتىن خالىي مەۋجۇداتلار سۈپىتىدە تونۇلۇشى
- تەشكىللىنىش: ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالاھىدە بۆلۈملەرنىڭ قۇرۇلۇشى
- قۇتۇپلاشتۇرۇش: پروپاگاندا بىلەن گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ھاڭنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى
- تەييارلىق: قۇربانلارنىڭ بەلگىلىنىشى ۋە ئايرىلىشى
- زۇلۇم قىلىش: نىشان گۇرۇپپىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىنىشى
- يوقىتىش: كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى
- ئىنكار قىلىش: ئىسپاتلارنىڭ يوق قىلىنىشى ۋە جىنايەتنىڭ ئىنكار قىلىنىشى
ئىبراگىموۋ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بۇ مودېل چەمبىرىكىدە باھالاپ، بارلىق باسقۇچلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بايقىغان. بولۇپمۇ يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان دەلىللەر، بولۇپمۇ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ۋە تۇغۇت چەكلەش ئەمەلىيەتلىرى، ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىق كېلىشىمىنىڭ II-ماددىسىدا ئورۇن ئالغان “گۇرۇپپا ئىچىدە تۇغۇت چەكلەشكە قارىتىلغان تەدبىر قوللىنىش” ئۆلچىمىگە ماس كېلىدۇ.
تەتقىقاتچى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بېسىم ۋە زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى بەش ئاساسىي كاتېگورىيە بويىچە تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ:
تىل چەكلىمىسى ۋە كۈلتۈرەل ئاسسىمىلياتسىيە
ئىبراگىموۋ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال خىتابنامىسىنىڭ 19-ماددىسى ۋە ب د ت نىڭ A/RES/61/266 نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسلىنىپ، بارلىق تىللارنىڭ قوغدىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئەمەلىيەتلىرى بۇ ئۇنىۋېرسال پىرىنسىپلارغا خىلاپ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە.
مائارىپ ساھەسىدە، خىتايچە ئۇيغۇرچەنىڭ ئورنىنى ئالغان. تىجارەت ساھەسىدە، كىتاب دۇكانلىرىدا ئۇيغۇرچە نەشرلەرنىڭ سېتىلىشى چەكلەنگەن. كوچا بەلگىلىرىدە ۋە ئۇنىۋېرسىتېت بەلگىلىرىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپ تاشلانغان. شەخسىي دائىرىدە بولسا، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن خىتايچە ئىشلىتىشكە مەجبۇرلانغان.
خىتايچىنىڭ ئالاقە ئۈچۈن مەجبۇرىي نورما ھالىغا كېلىشى، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە تەربىيەلەش ياتاقلىرى قاتارلىق دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان «ئائىلىلەر»گىمۇ تارقالغان. بۇ ئەمەلىيەتلەر، ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشىنى كېسىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچىنى قويۇش مەقسىتىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بىر ھۇجۇمنى ئىپادىلەيدۇ.
دىنىي ئەركىنلىكلەرنىڭ سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىنىشى
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ئاتېئىست بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن دىنغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان ۋە پەقەت مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، خىتايدىكى خىرىستىيانلار ۋە بۇددىستلارمۇ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئەمما ئاساسىي نىشان ئىسلام ۋە ئۇيغۇر خەلقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى، مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى «ئېتىقادلىرىنى كۆرسىتىش»، «نورمال ئەمەس ئۇزۇنلۇقتىكى ساقال»، «ھىجاب كىيىش»، «دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنى كۆرۈشنى رەت قىلىش» قاتارلىق كۈلكىلىك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان.
دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ، چوشقا گۆشى يېيىشكە ۋە ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىنىدۇ. سابىق تۇتقۇنلاردىن كەلگەن دوكلاتلارغا كۆرە، ئايال تۇتقۇنلار ھاقارەتلىنىش، مۇنچىدىكى ۋاقتىدا سىنغا ئېلىنىش ۋە ھەتتا خىتاي قاراۋۇللار تەرىپىدىن زوراۋانلىققا ئۇچراش قاتارلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارغا دۇچار بولماقتا.
كۈلتۈرەل مىراسنىڭ سىستېمىلىق ۋەيران قىلىنىشى
خىتاي، بارلىق خىتاي بولمىغان مەدەنىي مىراسنى يوق قىلىش مەقسىتىدە مىڭلىغان مەسچىت، تارىخىي بىنا ۋە قەبرىستانلىقلارنى سىستېمىلىق ھالدا ۋەيران قىلماقتا. بۇ دىنغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى 2017-يىلىدىن باشلاپ كۈچەيتىلگەن. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ (ASPI) مەلۇماتىغا كۆرە، شەرقىي تۈركىستاندىكى 24,000 مەسچىتتىن 15,000 دىن ئاز قىسمى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 30% ى مەلۇم بىر شەكىلدە ۋەيران قىلىنغان.
خىتاينىڭ دىنغا قارشى كۈرىشى ئۇزۇن بىر تارىخقا ئىگە. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى ۋە تىبەتلىكلەرنى نىشان قىلغان. بۇ جەريانىدا ئۇلار پەقەت مەسچىتلەرنىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ياتقان مۇسۇلمان قەبرىستانلىقلىرىنىمۇ يوق قىلغان.
خىتاينىڭ ئاخىرقى نىشانى ئوچۇق: مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوق قىلىش، ئۇلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇش، شۇنداق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلىققا قارشى زۇلۇمغا ۋە ۋەھشىيانە مۇئامىلىگە قارشى سوئال سورايدىغان ۋە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ھېچكىمنىڭ قالماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتۇر.
مەجبۇرىي نىكاھ ۋە ئائىلىلەرنىڭ پارچىلىنىشى
1979 -يىلى خىتاي «بىر ئائىلە، بىر بالا» سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەت جۈپلەرنى پەقەت بىر بالىلىق بولۇشقا مەجبۇرلايتتى. ئوغۇل بالا تاللاش سەۋەبىدىن، خىتاي ئائىلىلىرى كۆپىنچە قىز بالىلارنى ئالدۇرۇۋېتىشنى تاللىدى. بۇ، خىتاي ئەرلىرىنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە كۆپ بولۇشىغا سەۋەب بولدى. بۇ مەسىلىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلاردىن بولغان ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە باشلىدى.
مەدەنىي ۋە ئېتنىك پەرقلەر سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئادەتتە خىتاي ئەرلىرى بىلەن نىكاھلانمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن مەجبۇرلىماقتا. ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئاكتىۋىست روشەن ئابباس، خىتاينىڭ مەجبۇرىي نىكاھلاش سىياسىتىنى «دۆلەت قوللىغان كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق» دەپ تەرىپلىگەن. روشەن ئابباسنىڭ ئېيتىشىچە، « بۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش ۋە ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىگىلىرى شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە خىتايلارنى ئەۋەتمەكتە».
يەنە بىر ئىنسانلىققا قارشى قىلمىش بولسا، خالىغانچە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنىڭ دۆلەت يېتىمخانىلىرىغا ئەۋەتىلىشىدۇر. بۇ مۇئەسسەسەلەردە، بالىلارنىڭ مەدەنىي كىملىكلىرى ئۆچۈرۈلمەكتە، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇيالمايدۇ، خىتاي مەدەنىيىتى، تىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتىدۇ.
بەدەن ئەزالىرىنى يىغىش ۋە تېببىي سۈيئىستېمال
خىتاينىڭ ئەزا تەمىنلەش ۋە كۆچۈرۈش ئەمەلىيەتلىرى، نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان خەلقئارالىق تېببىي ۋە ئەخلاقىي مەسىلە بولۇپ كەلگەن. خىتايدا ئەزا تەمىنلەش دۆلەتنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇ سىستېما ئەزا كۆچۈرۈش دوختۇرخانىلىرىغا نۇرغۇنلىغان ئەرزان ئەزا ئىئانە قىلغۇچىلارنى تەمىنلىگەن.
-2010يىلى، كۈنسايىن ئارتىۋاتقان دىققەت ۋە تەنقىدلەرگە جاۋابەن، خىتاينىڭ سەھىيە ساھەسى باشقۇرغۇچىلىرى، مەھبۇسلارنى ئەزا مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتىشنى توختىتىپ، خەلقئارالىق تېببىي نورمىلار بويىچە ئىختىيارىي ئەزا ئىئانە قىلغۇچىلارنى ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار پىروگراممىلارنىڭ بىرىنچىسىنى باشلىدى.
ئەمما بۈگۈن، خىتاينىڭ تۈرمىلەرگە قامالغان سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ۋە ئېتنىك تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەزالىرىنى يىغقانلىقى توغرىسىدا يېتەرلىك ھەمدە ئىشەنچلىك دەلىل بار. خىتايدا ئەزا كۆچۈرۈش ئۈچۈن كۈتۈش ۋاقتى تەرەققىي قىلغان دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ قىسقا ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سەۋەبى ھەممىگە ئايان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايدا تۇتۇلۇۋاتقان فالۇنگۇڭ ئەگەشكۈچىلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىيانلار قاتارلىق ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلغان «ئەزا يىغىش» دوكلاتلىرىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەر، تۇتۇلۇۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ ئالدىن ماقۇللۇقى يوق ھالدا مەجبۇرىي قان تەكشۈرۈش، ئۇلتراسيون ۋە رېنتگېنگە سېلىش دېگەندەك تەكشۈرۈشلەرگە مەجبۇر قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ئۇچۇر ئالغانلىقىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئەزا تەقسىملەشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان تىرىك ئەزا مەنبەلىرى ئامبىرىغا خاتىرىلەنمەكتە.
3. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسى ۋە دىپلوماتىك تەشەببۇسلار
غەربنىڭ دىپلوماتىك ئىنكاسلىرى
بۇ بۆلۈمدە، ئىبراگىموۋ غەرب دۇنياسى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئەمەلىيەتلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنىڭ كىرونولوگىيەلىك بىر خاتىرىسىنى سۇنىدۇ ۋە بۇنى بىر قەدەم چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىدۇ. 2018-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان دىپلوماتىك ئىنكاسلار، ئەيىبلەشلەر ۋە جازا تەدبىرلىرىنىڭ تەپسىلىي بىر پورتىرېتىنى تەقدىم قىلىدۇ.
-2018يىلى، ئون بەش چەت ئەللىك ئەلچى خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنى نەزەربەند قىلىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان بىر خەت ئىمزالىدى. كېيىنچە، 2019-يىلى ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دائىمىي ۋەكىلى، خىتاينى «دۆلەت قانۇنلىرىغا، خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىگە ۋە ۋەدىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا، شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن خىتايدا دىن ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق تۈپكى كىشىلىك ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشقا» چاقىردى.
يەنە 2019-يىلى، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق دۆلەت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەيدىغان بىر خەت يېزىپ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى رەئىسى كولىي سېك ۋە كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى كومىسسارى مىشېل باچېلېتكە ئەۋەتتى. خەت، «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنىڭ خالىغانچە تۇتۇلۇشى… ۋە شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك نازارەت ۋە چەكلىمىلەر ھەققىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلار»دىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
2020 -يىلى، گېرمانىيە ئەلچىسى كىرىستوف خوسگېن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا 39 دۆلەت نامىدا سۆزلەپ خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقلارغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئەلچى، ئۇ يەردىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارتىۋاتقان دوكلاتلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى. ئۇ يەنە «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى، توپلىنىش ۋە سۆز ئەركىنلىكلىرى ئۈستىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئېغىر چەكلىمىلەر بار. كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش پەقەت ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئاز سانلىقلارنى نىشان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت كونتروللۇقى، تۇغماس قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ دوكلاتلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ» دېدى.
-2021يىلى، كۆپىنچىسى غەربلىك بولغان 40 تىن ئارتۇق دۆلەت، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان قىيىن-قىستاق ۋە باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن، خىتاينى ب د ت دا تەنقىدلىدى. خىتاينى تەنقىدلىگەن 43 دۆلەت، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالاقىدار «دەلىلگە ئاساسلانغان دوكلاتلار» ھەققىدە ئالاھىدە ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ دۆلەتلەر، «خىتايدىن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى كومىسسارى ۋە ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستانغا توسالغۇسىز كىرىش ئىمكانىيىتى بېرىشىنى» تەلەپ قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە تەشەببۇسلىرى
ب د ت سىستېمىسى، بولۇپمۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى (OHCHR)، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: 2021-يىلى 29-مارت، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى (باشقا ئىسمى بىلەن تىجارەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى) مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە ئېغىر ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ، خىتايغا ئۇچۇر توپلاش ئۈچۈن توسالغۇسىز كىرىش ئىمكانىيىتى تەلەپ قىلدى ، بۇنىڭدىن باشقا، دۇنياۋى ۋە يەرلىك شىركەتلەرنى ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى يېقىندىن تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇتەخەسسىسلەر، 150 دىن ئارتۇق يەرلىك خىتاي ۋە چەت ئەللىك شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارغا قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئىددىئالىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. «ئەگەر ئىسپاتلانسا، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەشكىل قىلىدىغان بۇ ئىددىئالاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىمىز… خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دىئالوگىمىزنى ئەڭ دەسلەپكى پۇرسەتتە كۈچەيتىشكە تەييار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىددىئالارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىز بىلەن ئىجابىي دىئالوگقا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز. خىتايمۇ ئەزا بولغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتايغا بېرىشىمىزنىڭ(شەرقىي تۈركىستان رايونى قاتارلىق) ئىددىئالارنى ئوبيېكتىپ باھالاش ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر پۇرسەت بولىدىغانلىقىنى ئويلايمىز» دېدى.
ب د ت غا سۇنۇلغان مەنبەلەرگە كۆرە، ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ يۈز مىڭلىغان كىشىلەر «قايتا تەربىيەلەش» مۇئەسسەسەلىرىدە تۇتۇلماقتا. نۇرغۇنلىرى يەنە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋە باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەش ئۈچۈن مەجبۇرىي يۆتكەلگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى كومىتېتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدىكى باھالىشىنى تاماملىدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى كومىسسارى مىشېل باچېلېت، خىتاي ئەمەلدارلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەردە، ئۇيغۇر رايونىغا كىرىش ھەققىدە «كونكرېت بىر ئىلگىرىلەش» بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. باچېلېت، 2021-يىلى ئىيۇندا بۇ زىيارەتنىڭ 2021-يىلىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر ۋاقىت جەدۋىلى تەكلىپ قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىددىئالار تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن باشلاپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن 2018-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان بۇنداق بىر زىيارەتنىڭ شەرتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتلىرى ۋە جازا تەدبىرلىرى
ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئاۋازىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى» ياۋروپا تاشقى ھەرىكەت خىزمىتى بىر قانچە باياناتلارنى ئېلان قىلدى.
2020 -يىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت ۋە جەنۋەدىكى باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋەكىللەر ئۆمىكى، 21-قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خىتاينىڭ بارلىق كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال، بۆلۈنمەس، بىر-بىرىگە باغلىق ۋە بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قايتا تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا قارشى چوڭ بىر سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرى تورىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، كەڭ كۆلەملىك كۆزىتىش ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئۈستىدىكى سىستېمىلىق چەكلىمىلەر، شۇنداقلا مەجبۇرىي ئەمگەك دوكلاتلىرى ھەققىدىكى ئېغىر ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ب د ت نىڭ ئون ئىككى نەپەر ئالاھىدە خادىمى ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى قانۇننى خاتا قوللىنىشى ۋە ئالاقىدار ئىجرائاتلارنىڭ، بولۇپمۇ، خىتايدا ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت نى ئەندىشىگە سالغان بۇ مەسىلىلەرنىڭ مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، بىتەرەپ ۋە سۈزۈك بىر باھالىنىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا دۆلەت ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئەمەل قىلىش، كىشىلىك ھوقۇقلارغا، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ ئىنسانلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى، 2021-يىلىدىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ «يوقسۇللۇقنى ئازايتىش، داۋالىنىشنى ياخشىلاش ۋە پۇقرالىرى ئۈچۈن باشقا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى قوللىنىش قاتارلىق دىققەتكە سازاۋەر تىرىشچانلىقلىرىنى» ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، كۈلتۈرەل ۋە سىياسىي ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلمىگەنلىكىنى، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا مەقسەتلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا، خىتايغا ئۆلۈم جازاسى جەريانىنى تېخىمۇ سۈزۈك تۇتۇش، ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىدىغان جىنايەتلەرنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئازايتىش چاقىرىقىدا بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ئازسانلىقلارغا مەنسۇپ تۇتقۇنلاردىن ئەزا يىغىش ھەققىدىكى دوكلاتلارنىمۇ تىلغا ئالدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، مەجبۇرىي ئەزا يىغىشنىڭ جىنايى، غەيرى ئىنسانىي ۋە ئەخلاقسىز بىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى ۋە توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى..
ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق يۇقىرى كومىسسارىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ، بىتەرەپ ۋە سۈزۈك بىر باھالاش ئېلىپ بېرىشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇستەقىل خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ ۋە دىپلوماتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا چەكلىمىسىز ۋە كونتروللۇقسىز كىرىش ئىمكانىيىتىنى تەلەپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان ياۋروپا پارلامېنتىمۇ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كەسكىن بىر شەكىلدە ئەيىبلىدى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زۇلۇم ھەققىدىكى ئېغىر ئەندىشىلىرىنى تەكرارلىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى، شۇنداقلا، سايلانغان ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئاكتىپ ھالدا ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆزىنىڭ بارلىق تاشقى سىياسەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش چاقىرىقىدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا پارلامېنتى- 2020يىلى دېكابىردا، خىتاينىڭ زاۋۇتلاردا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرى ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان بىر قارار قوبۇل قىلدى.
2021 -يىلى 15-سېنتەبىر، ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، 2022-يىلى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا قارشى چەكلىمە پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا شەرقىي تۈركىستان رايونى ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بۇ تەدبىر ئۇيغۇررايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىۋاسىتە نىشان قىلدى دەپ قارالدى. ئەمما، خىتاي ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى تىجارىي سەزگۈر نۇقتىلار سەۋەبىدىن، بۇ تەكلىپنىڭ قايسى بۆلۈم تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە ياۋروپا كومىتېتى ئىچىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت. 2021-يىلى دېكابىر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىجارەت ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى ۋالدىس دومبروۋسكىس، پەقەت ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى نىشان قىلغان بىر چەكلىمىنىڭ «كەمسىتكۈچى» دەپ باھالىنىشىنىڭ ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ ھەققىدە ياۋروپا كومىتېتىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توسۇش قانۇنىنى (UFLPA) ياۋروپا ئىتتىپاقىغا شۇ پېتى كۆچۈرەلمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ ئورنىغا بۇ چەكلىمىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەكلىپ قىلغان مۇقىم شىركەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشنىڭ تەسىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلىرى ياۋروپا ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئېلىنغان تەدبىرلەرگە قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگى چەمبىرىكىدە ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە، خىتاي بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن دىيالوگ قۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
2022 -بېيجىڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىنىشى
ئامېرىكا، خىتايدىكى 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى دىپلوماتىك جەھەتتىن بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى. بۇ قەدەم بېيجىڭ تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەندى. ئاقساراي، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن، رەسمىي بىر ھەيئەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بايدىن ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېيجىڭدىكى 2022 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ھېچقانداق دىپلوماتىك ياكى رەسمىي ۋەكىللەر ھەيئىتى ئەۋەتمەيمىز، دەپ ئېلان قىلدى.
ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادامۇ ئامېرىكاغا ئەگەشتى. ياپونىيە ۋە دانىيە قاتارلىقلار كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىدى. بەزى باشقا دۆلەتلەر بولسا بۇ قارارنى كوۋىد 19 غا ياكى خىتاي بىلەن ئۆزلىرىگە خاس گېئوپولىتىك مەسىلىلەرگە باغلىدى.
قىزىقارلىق شەكىلدە، يېڭى زېلاندىيە 2021-يىلى ئۆكتەبىردە خىتايغا دىپلوماتىك ۋەكىل ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، «كۆپىنچە كوۋىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك» بىر قاتار ئامىللارنى باھانە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى گىرانت روبېرتسون، يېڭى زېلاندىيەنىڭ «خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى بىر قانچە قېتىم ئوچۇق ئىپادىلىگەنلىكىنى» دە قوشۇپ قويدى.
ھىندىستان، 2022-يىلى فېۋرالدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى 2020-يىلى يۈز بەرگەن چېگرا توقۇنۇشلىرىغا ئارىلاشقان بىر خىتاي قومانداننىڭ ئولىمپىك مەشئىلىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئاخىرقى مىنۇتلاردا دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك بىر پائالىيەتنى سىياسىيلاشتۇرۇشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق» دېدى، بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئارىندام باگچى ۋە ھىندىستان ئەلچىخانىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتنىڭ ئېچىلىش ياكى يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى قوشۇپ قويدى.
بۇ قارارلار، ئولىمپىك مەشئىلى ئولىمپىك مۇسابىقە رايونىغا كىرىپ، ئاخىرقى ئولىمپىك مەشئىلىگە ئوت يېقىلىشتىن بۇرۇن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قوماندانى چى فاباۋنىڭ مەشئەل توشۇغان 1200 كىشىدىن بىرى بولۇپ ئېكراندا كۆرۈنگەندىن كېيىن ئېلىندى. چى، 2020-يىلىدىكى ھىندىستان-خىتاي توقۇنۇشىدا ئاز دېگەندە 20 ھىندىستانلىق ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تۆھپىسى سەۋەبىدىن خىتايدا بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ماختالغان ئىدى. بۇ توقۇنۇشتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن تۆت ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان.
ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان ياقلاشىمى
كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھەر خىل خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ئاغزاكى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، پەقەت ئامېرىكالا قوشما شىتاتلىرىلا بۇ ئەيىبلەشنى كونكرېت قانۇنىي ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلەشتۈردى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا كونگرېسى، «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن دۆلەت مەنبەلىرىنى قوللىنىدىغان» 2020-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى (ئۇيغۇر قانۇنى) ماقۇللىدى. مەزكۇر ئۇيغۇر قانۇنى، پىرېزىدېنتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەسئۇل دەپ بەلگىلىگەن كىشىلەرگە جازا تەدبىرى قوللىنىشقا چاقىرىدۇ.
-2021يىلى 23-دېكابىر، پىرېزىدېنت بايدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توسۇش قانۇنىنى (UFLPA) ئىمزالىدى. كونگرېستا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان UFLPA، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى قەدىمىدۇر.
پىرېزىدېنت جو بايدىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان بىر قانۇننى ئىمزالىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويدى ۋە بۇ قانۇننى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ رايوندىكى سىستېمىلىق زۇلۇم ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىر ئەمەلىي ئىنكاس سۈپىتىدە سۇندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە يېزىلغىنىدەك، «خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىدىن ھېساب بېرىشكە قىستاش ئۈچۈن ۋىزا چەكلىمىلىرى، يەرشارى ماگنىتسكى قانۇنى، باشقا مالىيە جازا تەدبىرلىرى، ئېكسپورت كونتروللىرى، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقلىرى، ئىمپورت چەكلىمىلىرى قاتارلىق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئالدۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىتتىپاقداشلار ۋە ھەمكارلار بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ھەرىكەتلەندۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالىي بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز.»
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاننى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرىگە قوشۇمچە قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا ۋە ئەنگلىيە بىلەن ماسلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلارغا جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزدى. بۇنىڭغا جاۋابەن، بېيجىڭ بىر قانچە ياۋروپالىق سىياسەتچى ۋە ئاكادېمىكلارنى قارا تىزىملىككە ئالدى.
بىلوك، خىتاي ئەمەلدارلارنى «خىتايدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئېتنىك ئاز سانلىقلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مەسئۇل » دەپ ئەيىبلىدى.
جازا تەدبىرلىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ خەيلۇن قاتارلىق تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارغا قارىتىلغان ۋىزا چەكلىمىسى ۋە مۈلۈك توڭلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. جۇ، خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تەكشۈرۈشىگە كۆرە، كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىش پىروگراممىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. جۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن، تۈرمىگە ئوخشاش قۇرۇلمىلار ۋە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئوپچە كۆزىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشىنى خاتىرىلىگەن خىتاي ھۆججەتلىرىدىن ئالتە ھۆججەتنىڭ بەشىنى ئىمزالىغان. بۇ سەۋەبتىن، خۇاۋېي باشقا خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىندى. تىجارەت مىنىستىرى گىنا رايموندو «بىيوتېخنىكا ۋە تېببىي يېڭىلىقلار ھايات قۇتقۇزالايدۇ. ئەپسۇسكى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بۇ تېخنىكىلارنى خەلقنى تولۇق كونترول قىلىش، ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرىغا زۇلۇم سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى تاللىدى» دېدى. ئامېرىكا تىجارەت مىنىستىرلىقى، HMN ئىنتېرناتسىيونال (ئىلگىرى خۇاۋېي مارىن دەپ تونۇلغان)، جياڭسۇ خېڭتوڭ كابېل سىستېمىلىرى، جياڭسۇ خېڭتوڭ ئوپتىك ئېلېكترىك، شاڭخەي ئاۋشى كونترول تېخنولوگىيەسى چەكلىك شىركىتى ۋە جوڭتيەن تېخنولوگىيەسى سۇئاستى كابېلىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.
قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن باشقا خىتاي شىركەتلىرى ئارىسىدا SenseTimeنىڭ رەقىبى مېگۋى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بۇلۇت مۇلازىمەتلىرىنى باشقۇرىدىغان بىر سۇپېر كومپيۇتېر ئىشلەپچىقارغۇچىسى داۋنىڭ ئۇچۇر سانائەت شىركىتى بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى، قارا تىزىملىككە قوشۇلغانلار ئارىسىدا باشقا بىر يۈز تونۇش شىركىتى كلاۋدۋالك تېخنولوگىيەسى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن خىزمەت قىلىدىغان بىر تور بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى شيامېن مېييا پىكو، سۈنئىي ئەقىل شىركىتى يىتۇ تېخنولوگىيەسى، بىر بۇلۇت ھېسابلاش شىركىتى لېئون تېخنولوگىيەسى ۋە بۇلۇت كۆزىتىش سىستېمىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى نېتپوسا تېخنولوگىيە شىركىتى قاتارلىقلار بار.
2021-يىلى يانۋاردا ترامپ ھۆكۈمىتى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پاختا،پەمىدۇر ھەمدە بۇ ماتېرىياللاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ چەكلىمە، ئامېرىكا تاموژنا ئەمەلدارلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خام ماتېرىياللار بىلەن ياسالغانلىقىدىن گۇمانلانغان ئىمپورت مەھسۇلاتلارنى، بىۋاسىتە خىتايدىن ياكى باشقا بىر دۆلەت ئارقىلىق ئامېرىكاغا كىرسىمۇ توختىتىش ھوقۇقى بەردى.
بۇ سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان ئىمبارگولار خىتاينىڭ كۈچلۈك غەزىپىنى قوزغىدى. ئەمما ھازىرغىچە بولغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ جازا تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى ۋە خىتاينىڭ لاگېرلارنى تاقاش نىيىتىنىڭ تېخى يوقلۇقى، ئۇيغۇر رايونىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈنمەكتە.
4. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنكاسى: گاسلارچە سۈكۈت
غەرب دۇنياسىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ ئەكسىچە، كۆپچىلىك نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپى ئۇيغۇر رايونىدىكى زۇلۇملارغا يا سۈكۈت قىلدى يا خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئوچۇق ماختىدى. خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ كۆپى، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ جىمجىت تۇرماقتا. 2019-يىلى ئىيۇلدا، تەخمىنەن 40 مۇسۇلمان دۆلەت، خىتاينىڭ «دىققەتكە سازاۋەر كىشىلىك ھوقۇق ئۇتۇقلىرىنى» ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى «تېررورلۇق بىلەن كۈرەش» تىرىشچانلىقلىرىنى ماختايدىغان بىر خەت ئىمزالىدى.
مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى، ئىنكاسلىرىنى بېيجىڭنىڭ باياناتلىرى بىلەن بىردەك تۇتتى. خىتاينىڭ باياناتىغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ خىتابىمۇ ب د ت شەرتنامىسىنىڭ 2(7) ماددىسى ۋە بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارالغان مەسىلىلەرگە ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپى بىلەن يېقىندىن باغلانغان. بۇنداق دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سېخىيلىقىغا شۇ قەدەر باغلىق ھالغا كەلگەنكى، ئۇلار ئاۋۋاللىق تىزىملىكىدە بولمىغان بىر مەسىلىدە مەيدان تۇتۇشنىڭ ھېچقانداق پايدا بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بۇ دىسسېرتاتسىيەنىڭ 3- بۆلۈمىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، 2019-يىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 41-يىغىنىدا، 20 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان مۇئامىلىسىنى ئەيىبلەيدىغان خەتكە ئىمزا قويدى، ھالبۇكى، 37 دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرى خىتاينى «كىشىلىك ھوقۇقتا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات پەلسەپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تەرەققىيات ئارقىلىق قوغداپ دىققەتكە سازاۋەر ئۇتۇقلار» نى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ماختىدى. بۇ خەتكە ئىمزا قويغان مۇسۇلمان دۆلەتلەر تۆۋەندىكىلەردۇر: ئالجىرىيە، بەھرەين، باڭلادېش، جىبۇتى، مىسىر، ئىران، ئىراق، كۇۋەيت، ئومان, پاكىستان, سەئۇدى ئەرەبىستان, سومالى, سۇدان, سۇرىيە, تاجىكىستان, تۈركمەنىستان, بىرلەشكەن ئەرەب خەلىپىلىكى, ئۆزبېكىستان, يەمەن ۋە پەلەستىن.
2020 -يىلى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئەيىبلەشلىرىگە جاۋابەن، بېلارۇسىيە 45 دۆلەت نامىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 44-نۆۋەتلىك يىغىنىدا، خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللايدىغان بىر ئورتاق باياناتنى ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن بويىچە تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ھەم شۇ جايدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلىرىگە يۇقىرى بېرىمىز. ئۆتكەن ئۈچ يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا بىر قېتىممۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرمىدى، بارلىق مىللەت خەلقى تىنچ-ئىناق، مۇقىم مۇھىتتا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە».
2019 -يىلدىكىگە ئوخشاش، بۇ باياناتمۇ بەھرەين، جىبۇتى، مىسىر، ئىران، ئىراق، ئومان، پاكىستان، پەلەستىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، سۇدان، سۇرىيە، بىرلەشكەن ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە يەمەن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، 2019-يىلىدىكى خەتكە ئىمزا قويغانلار قاتارىدىكى تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان 2020-يىلدىكى بۇ باياناتقا كىرگۈزۈلمىگەن. بۇنى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ مەيدانى ئۆزگەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ دېيىشتىنمۇ بەكرەك، بەلكىم ۋاقتىدا قوشۇلۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە يوق ئىدى. ئالجىرىيە، بولىۋىيە، بۇركىنا فاسو، نىگېرىيە، ئومان، فىلىپپىن، قاتار ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ قېتىمقى تىزىملىكتىن ئورۇن ئالمىدى.
ئەھمىيەتلىك نۇقتىسى شۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى (بۇ باياناتتا) داۋاملىق قوللىغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان ياكى كۆپ ساندا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللىتى بار دۆلەتلەر ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا ئىككى دۆلەت – قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان – 2019 ۋە 2020-يىللىرىدىكى ھەر ئىككى باياناتنىڭ ھېچقايسىسىغا ئىمزا قويمىغان. بۇنى ئۇلارنىڭ مەسىلىدە بىتەرەپ تۇرۇشنى ئويلاپ، ھەر ئىككى تەرەپنى قوللاشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
گەرچە ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەش ۋە ئەيىبلەش پۇرسەتلىرى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا بۇلار رەسمىي دۆلەت ئەيىبلەشلىرى بولماستىن، بەلكى ئايرىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتلىرى ياكى (ئۇيغۇرلارنى خىتايغا) قايتۇرماسلىق سىياسەتلىرى شەكلىدە ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.
لېكىن شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، كۆپ سانلىق نوپۇسى مۇسۇلمان بولغان ئىككى دۆلەت، يەنى تۈركىيە بىلەن قاتار ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا تىرىشتى ياكى ھېچ بولمىغاندا يۇقىرى ھۆكۈمەت قاتلىمىدا ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلدى. تۈركىيە بۇ مەسىلىدە بىر نەچچە قېتىم ئوچۇق مەيدانىنى بىلدۈردى، قاتار بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى رەسمىي قوللاشتىن ۋاز كەچتى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۇتقان مەيدانى تۆۋەندە يەنىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
خىتاينىڭ بېسىمى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە رەسمىي قوللىشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماي، شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئومۇمەن مۇسۇلمان خەلقلىرى، بولۇپمۇ ئەرەب خەلقى ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ. مەسىلەن، «پەلەستىن سىياسەت ۋە تەتقىقات مەركىزى» پەلەستىنلىكلەرنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلار (بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار) ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان بىر ئىجتىمائىي راي سىناشتا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى زور دەرىجىدە قوللايدىغانلىقى ئايان بولدى. راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ %83 ئى پەلەستىنلىكلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، %79 كىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دېگەن تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، پەقەت %10 كىشىلا خىتاينىڭ بۇ سۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىنقى ۋاقىتلاردا، ئەرەب تاراتقۇلىرى خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئۇلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلەرگە دائىر تەپسىلىي پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دوكلاتلار، شۇنداقلا غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇستەقىل «ئۇيغۇر سوتى»نىڭ ئۇ يەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى يەكۈنلىرى، تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاش كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدى. گەرچە بۇ خەۋەرلەر ھەر ۋاقىت ئوچۇق-ئاشكارا قوللاشنى بىلدۈرمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپىيىشى جامائەت پىكرىنىڭ يۈزلىنىشىگە يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىنكاسلىرى: مىساللار ۋە تەھلىللەر
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ دىنىي ھېسداشلىقتىن ئۈستۈن تۇرۇشى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنى ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايلىرىنىڭ «قوغدىغۇچىسى» ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ھامىيسى دەپ جاكارلاپ، پادىشاھلىقنى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئۈممىتىنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ كەلدى. بىراق، پادىشاھلىقنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ كەلگەن مۇسۇلمان ئاز سانلىق پاناھلانغۇچىلارغا قارىتا كىشىدە گۇمان قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ناچار مۇئامىلە قىلىشى ۋە سەل قارىشىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ دەۋا ئاساسسىزدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ جەھەتتىكى ھېسداشلىقىنىڭ كەمچىلىكى، ئىلگىرى ھەجدىن كېيىن دۆلەتتە قېلىپ ئىشلەشكە ئۇرۇنغان روھىنگىيالىق پاناھلانغۇچىلارغا قىلغان بېسىمىدا ئايان بولغان. يۈزلىگەن بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 ئەتراپىدا روھىنگىيالىق پاناھلانغۇچى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا سولانغاندىن كېيىن، باڭلادېشقا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋېتىلدى.
ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلسەك، سەئۇدى ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سالمان خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىل پوزىتسىيەنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە، ئىككى ئۇيغۇر ئەر 2020-يىلى نويابىردىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئەل-زاھبان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە، بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) سەئۇدى ئەرەبىستاننى دۆلەتتە «خالىغانچە» تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ «يېقىندا» قايتۇرۇۋېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان ب د ت دا خىتاينى قوللايدىغان خەتكە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. گەرچە بۇ خەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئوچۇق قوللىغان بولسىمۇ، مەسىلەن: خەتتە: «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكتەك ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا كەسپىي تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى» دېيىلگەن بولسىمۇ، سەئۇدى ۋەلىئەھد شاھزادىسى ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا سەئۇدى ئەرەبىستاندىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ھېچكىم يوق. بىزنىڭ ئۇ خەتتە دېمەكچى بولغىنىمىز، خىتاينىڭ كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان تەرەققىيات سىياسەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزدۇر».
پاكىستان: ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن مەجبۇرىي سۈكۈت
پاكىستان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. ھەتتا 1997-يىلىلا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بېيجىڭ تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستاننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان تېررورچىلار» دەپ ئەيىبلەنگەن 14 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. ئۇلار چېگرادىن ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەندىن كېيىنلا دەرھال ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
بۇ ۋەقە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا ئائىت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن تۇنجى قېتىم چەتئەلدىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى بولۇپ، «خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دەپ قارىلىدۇ.
پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، خىتاي دۆلەت ئىچىگە خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) تۈرى ئارقىلىق 60 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان. بۇنچە زور مىقداردىكى ئىقتىسادىي ياردەم، شېرىكىنى تەنقىد قىلىشنى (ئەگەر شۇنداق قىلىش نىيىتى بولغان تەقدىردىمۇ) قىيىنلاشتۇرىدۇ، ھەتتا مۇمكىنسىز قىلىپ قويىدۇ.
شۇڭلاشقا، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرىنى بىر نەچچە قېتىم ئوچۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئالاقىمىز سەۋەبلىك، شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى (بىزدە شەكىللەنگەن) چۈشەنچە، غەرب تاراتقۇلىرى ۋە غەرب ھۆكۈمەتلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچكە قۇرۇلغان مۇناسىۋىتىمىز بولغاچقا، ئەمەلىيەتتە بىز خىتاينىڭ بايانىنى قوبۇل قىلىمىز. ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پىلانلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى قوبۇل قىلىمىز.»
تۈركىيە: ئۆزگىرىشچان پوزىتسىيە ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار
تۈركىيە ھەتتا 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئاۋازىنى چىقىرىپ، بېيجىڭنى قاتتىق سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىپ كەلگەن. 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن، 156 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئارىلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئۇ: «خىتايدىكى بۇ ۋەقەلەر ئوپئوچۇق بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر. بۇنى باشقىچە چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەن ئىدى.
2020 -يىلى فېۋرالدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيەدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاينىڭ بارلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى تۈرك، ئۇيغۇر تۈركىى، خىتاي، بۇددىست ياكى خىرىستىيان بولسۇن… مەلۇم بىر مىللەتتىن بىر-ئىككى تېررورچى چىقتى دەپ، پۈتكۈل ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تېررورچىغا چىقىرىش توغرا ئەمەس. شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنىلا سەۋەب قىلىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋېلىشمۇ توغرا ئەمەس».
ئەنقەرە خىتاينىڭ «ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قاراتقان سىستېمىلىق ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتى»نى ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور شەرمەندىلىك» دەپ ئەيىبلىدى.
كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشلار باشلانغاندىن كېيىن، 2019-يىلى تۈركىيە ۋە ئەنگلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ناچار مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بېيجىڭنى دىنىي ئەركىنلىك ۋە مەدەنىي كىملىكنى قوغداشقا ھەم كاپالەتلەندۈرۈشكە چاقىردى.
2020 -يىلى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە، تۈركىيە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتى (ئىجتىمائىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى كومىتېتى) غا دۆلەتلىك باياناتىنى سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشكە چاقىردى. باياناتتا: «ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىلەرگە دائىر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسى ۋە ئۈمىدلىرىنى ھەل قىلىشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېيىلگەن.
تۈركىيە باياناتىدا، مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئورگانلىرىنىڭ «رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خاتىرىلەشتە» ۋە «كونكرېت تەكلىپلەرنى بېرىشتە» «مۇھىم رول ئوينىغانلىقى»نى تەكىتلىدى. تۈركىيە ب د ت ئىرقچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ (CERD) 2018-يىلى 8-ئايدا خىتايغا بەرگەن سەككىز تەكلىپىنى مىسال قىلىپ، كومىتېتنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە تەكلىپلىرىنىڭ بۈگۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە «بۇ يۆنىلىشتە زۆرۈر قەدەملەرنىڭ بېسىلىشى كېرەكلىكى»نى ئېيتتى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنقەرەنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا باراۋەر پۇقرالىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى. مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر تۈرك ھەيئىتى 75-نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە (UNGA) ئەنقەرەنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. ھەيئەت مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، دۆلىتىمىز ۋە خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ خىتاينىڭ باراۋەر پۇقرالىرى سۈپىتىدە تىنچ ياشىشىنى، ئۇلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىنىشىنى ھەم كاپالەتلىك قىلىنىشىنى كۈتىدۇ».
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئېتنىك، دىنىي ۋە مەدەنىي باغلىنىشى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلارنى ئەندىشە بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە خىتايغا ب د ت ئىرقچىلىقنى تۈگىتىش كومىتېتىنىڭ (CERD) 2018-يىلى 8-ئايدىكى سەككىز تەكلىپىنى ئەسلەتتى. «كومىتېتنىڭ ئەندىشىلىرى ۋە تەكلىپلىرى بۈگۈنمۇ كۈچكە ئىگە، شۇڭا زۆرۈر قەدەملەر بېسىلىشى كېرەك» دېيىلدى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن قۇرۇلمىلىق ۋە بىۋاسىتە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ب د ت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) قاتارلىق خەلقئارالىق سەھنىلەردە مەسىلىنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلىق ئايرىم بىر باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، بەخت-سائادىتى ۋە پاراۋانلىقىغا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. مىنىستىرلىق تۈركىيەنىڭ «بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ دۆلەتلىك مەيدانى بارلىقىنى ۋە شۇ دائىرىدە دۆلەتلىك بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى» تەكرارلىدى.
ھاكىمىيەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ (AK) پارتىيە باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكمۇ ئوخشاش چاقىرىقتا بولۇپ، «تېررورچىلار بىلەن بىگۇناھ پۇقرالار ئېنىق ئايرىۋېتىلىشى كېرەك» دېدى.
-2020يىلى مارتتا، تۈركىيەدىكى بىر سودىگەر خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇ نۇرغۇن يەرلىك شىركەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر نەچچە قېتىم نامايىش ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نامايىشلارنى كۆپىنچە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىزدەۋاتقان كىشىلەر ئۇيۇشتۇردى.
لېكىن، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيە ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قارىتىلغان ئاشكارا تەنقىدلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتتى، ھەتتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. مەسىلەن، 2021-يىلى يانۋاردا، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئايلارچە نامايىش قىلىپ، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە ئۇچۇر تېپىشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن، ساقچىلار بىخەتەرلىك ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى باھانە قىلىپ، يىغىلىشلارنى چەكلىدى.
بارغانسېرى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازىتى (ئىقامەت) ياكى پۇقرالىققا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېڭىلاشنى رەت قىلدى (بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ كۆرۈلدى). ئەكسىچە، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن، ئۇلارغا پەقەت بىر تەرەپكە ئىشلەيدىغان ساياھەت ھۆججىتى بېرىپ، ئەسلى پاسپورتىنى بىكار قىلىۋاتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي تۈركىيە بىلەن «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقى» نامى ئاستىدا بىر «قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى»نى تەستىقلىدى. گەرچە تۈركىيە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ بېرىشكە قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلارنى رەت قىلغان بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىم خۇددى باشقا دۆلەتلەر بىلەن جىنايەتچىلەرنى خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئىمزالانغان 32 ئوخشاش كېلىشىمگە ئوخشاش نورمال بىر ئىش بولۇپ، «خىتاي بىلەن تۈزۈلگەن قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمىنى كونكرېت ئۇيغۇر تۈركلىرىنى نىشان قىلغان دەپ قاراش پۈتۈنلەي خاتا» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
بىراق، تۈركىيەنىڭ خىتايغا تېخىمۇ يۇمشاق پوزىتسىيەدە بولۇشىنىڭ باشقا سەۋەبلىرىمۇ بار. تۈرك لىراسى كوۋىد 19 دۆلەتنىڭ ساياھەت كەسپىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرىلا قىيىن ئەھۋالدا ئىدى. خىتاي خەلق بانكىسى 2019-يىلى تۈركىيە ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرەگە 1 مىليارد دوللار نەق پۇل بىلەن ياردەم قىلغان ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمپورت مەنبەلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇڭا ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرى بىلەن خىتاي شېرىكلىرىنى نارازى قىلىپ، بۇ ئىقتىسادىي ياردەمنى خەتەرگە ئىتتىرىشنى خالىمايدىغانلىقى ئېنىق.
قاتار: دىپلوماتىيە ۋە پىرىنسىپلىق مەيداننىڭ بىر مىسالى
ئەرەب پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىچىدە، قاتار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى قوللاشنى رەت قىلغان بىردىنبىر دۆلەت بولدى. قاتار بۇنى بىر پىرىنسىپ مەسىلىسى دەپ قاراپ، ئۆز تاشقى سىياسىتىنى مەلۇم قىممەت قاراشلار ۋە ئىدىيەلەرگە ئاساسلىنىپ شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مۇھىم خەلقئارا مەسىلىلەردە ئوخشاش مەيداندا تۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىش نىيىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.
قاتارنىڭ ئەڭ دىققەت تارتقان ھەرىكىتى 37 دۆلەت تەرىپىدىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك قوللايدىغان مەزمۇندىكى خەتتىن ئىمزالىغۇچى سالاھىيىتىنى قايتۇرۇۋېلىپ، مەيدانىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بولدى. قاتارنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ كېلىشتۈرۈش ۋە ۋاسىتىچىلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خەتكە قوشۇلۇشىمىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزدىكى ئاساسلىق پىرىنسىپلارنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز بىتەرەپ مەيداننى ساقلاپ، ۋاسىتىچىلىق ۋە كۆۋرۈكلۈك رولىمىزنى ئويناشنى خالايمىز».
گەرچە قاتار ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ خىتاينى قوللايدىغان بۇ خەتتىن ئىمزالىغۇچى سالاھىيىتىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا كۈچلۈك بىر سىگنال بولدى. بۇ ھەرىكەت، خىتاينىڭ «بېسىقتۇرۇش ھەرىكىتى»گە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىگە قارىتىلغان كۈچلۈك تەنقىدلەر كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە غەربتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
قاتارنىڭ بۇ ھەرىكىتى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتلىرىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يېقىندا قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن قامالنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ قارار دوھانىڭ تاشقى سىياسىتىنى مەلۇم قىممەت قاراشلار، ئىدىيەلەر ۋە قائىدىلەرنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر سىگنال دەپ قارالدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتار بىر تەرەپتىن خىتاينى ئوچۇق تەنقىد قىلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاش، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي، رۇسىيە ياكى ھىندىستان قاتارلىق غەربكە تەۋە بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتەك ئۆز مەنپەئەتلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. لېكىن، قاتارنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىمۇ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان خەتتىن ئىمزالىغۇچى سالاھىيىتىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى.
بەزى تەھلىلچىلەر، قاتارنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تۇتقان مەيدانىنى ئۆزگەرتىش قارارىنى، دۇنياۋى ئىسلامىي ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش نىيىتىدىن كەلگەن دەپ قارايدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قاتارنىڭ بۇ قارارى غەربنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭغا ياخشى بىر ئوبراز ياراتتى ھەمدە ئەگەر باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قوللاشتىن ۋاز كەچسە، خىتاينىڭ ئۆز سىياسەتلىرىنى قايتا ئويلىشىشى ئۈچۈن بېسىم شەكىللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى مۇمكىن.
ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ سۈكۈتى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ رولى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ئى ھ ت) ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن بىر مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتنىڭ كوللېكتىپ باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىدەك بىر مەسىلىدە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشى كۈتۈلگەن ئىدى. 1969-يىلى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامىدا قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئى ھ ت ئىزچىل پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ باردى. 2020-يىلى 8-ئايدا، ئى ھ ت «پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنىڭ ئى ھ ت نىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى، ئەڭ مۇھىم دەۋاسى ھەمدە بىرلىك ۋە كۈچ-قۇدرىتىنىڭ مەنبەسى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئى ھ ت ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. 2019-يىلىدىكى بىر ئى ھ ت دوكلاتىنىڭ 20-ماددىسىدا، «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆز مۇسۇلمان پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى» ماختالغان.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە دەسلەپتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بەزى ھېسداشلىقلار بولغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارالىق مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى ئومۇمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرگە ئارىلىشىشقا ئانچە ئاكتىپ بولمىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن توقۇنۇشقا ئايلانغان. نەتىجىدە، 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتۇلدى ياكى يوقاپ كەتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ۋە مەدەنىيىتىگە چەكلىمىلەر قويۇلدى. گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدىكى خەلقئارالىق بىر تەشكىلات بولغان دۇنيا مۇسۇلمانلار بىرلىكى 2010-يىلىدىكى بىر يىغىنىدا، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا تېخىمۇ كۆپ دىنىي ئەركىنلىك بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بۇنىڭغا كېيىن ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئەگىشىش كۆرۈلمىدى. 2009-يىلى، خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك مەيداندا تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمان دۇنياسى ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.
2018-يىلى، خەلقئارا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ئەيىبلەيدىغان بىر بايانات ئېلان قىلدى.
بىراق، ئەرەب دۆلەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئى ھ ت ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق نوپۇزلۇق تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت قوللانمىدى.
2019-يىلى ئى ھ ت نىڭ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇن قوللىغانلىقىغا قارىتا، «ئۇيغۇرنى قۇتقۇزايلى» تەشكىلاتى «ئەركىن ئۇيغۇر ھەرىكىتى»، «ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى كېڭىشى» ۋە «ھەممە ئۈچۈن ئادالەت» تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئى ھ ت غا بىر ئوچۇق خەت يازدى. بۇ خەتكە 140 تەشكىلات ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن غەربتىكى ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ۋە 22 خەلقئارالىق مۇسۇلمان تەشكىلاتى بار ئىدى. بۇ مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ توققۇزى مالايسىيادىن، تۆتى تۈركىيەدىن، بىرى قازاقىستاندىن كەلگەن بولۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقتىن پەقەت بىرلا تەشكىلات، ئىراقتا بازىسى بولغان دۇنيا ئىماملار كېڭىشى (gic) بار ئىدى. خەت يازغۇچىلار «ئى ھ ت نىڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان مۇئامىلىسىنى ماختىغانلىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر ئەمەل قىلىدىغان ئىسلامنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىنى» قوشۇمچە قىلدى.
ئۆز نۆۋىتىدە، دۇنيا مىقياسىدا 1000 دىن ئارتۇق مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات بولغان دۇنيا ئىماملار كېڭىشى، 2020-يىلى ئۆكتەبىردە ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزالىرىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي خەلقلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى» ھەمدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان «قىيىن-قىستاق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە خىلاپ قىلمىشلارنى» ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ بۇ باياناتلىرىغا قارىماي، ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى دۆلەت ھالقىغان تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا دېگۈدەك ھېچقانداق ھېسداشلىق كۆرسىتىلمىدى.
كېيىنچە، 2021-يىلى دېكابىردا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، دۇنيا ئىماملار كېڭىشى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا بولغان ھېسداشلىق ئىچىدە، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشماسلىققا ياكى ئۇنى تاماشا قىلماسلىققا چاقىردى. ئۇلار باياناتىدا: «بۇ پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئېتنىك تازىلىنىشىغا مەسئۇل بولغان زالىم ۋە مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە خىزمەت قىلىدۇ… خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىم، قىيىن-قىستاق ۋە دىكتاتورلۇق ئارقىلىق، خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى ۋە تۈپ ھوقۇقلىرىنى داۋاملىق دەپسەندە قىلماقتا… بىز بېسىم ئاستىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللايمىز ۋە ئۇلار بىلەن بىر سەپتىمىز» دېدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي ھۆكۈمىتى، دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ چوڭ دۆلەت ھالقىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنى، ئامېرىكا قوللايدىغان بۆلگۈنچى گۇرۇپپا بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) تەرىپىدىن ئالدانغان دەپ ئەيىبلىدى. ئۇندىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتى باياناتتا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن تەشكىلاتنىڭ بۇ ھۆججەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئىماملار كېڭىشى رەئىسىنىڭ arabiaanews.coم.iq ئەرەبىيە خەۋەر تورىدىكى دىكى بىر مۇخبىر بىلەن بولغان سۆھبەتتە، د ئۇ ق نىڭ بۇ كېڭەشنى مالىيەلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئىماملار كېڭىشى دەرھال بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يالغانلىقىنى ئېيتىپ رەددىيە بەردى. دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى بارلىقىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەندىشىسىگە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئىماملار كېڭىشى يەنە بايقۇت چاقىرىقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسى ئىكەنلىكىنى، د ئۇ ق تەرىپىدىن تەلەپ قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. سۆھبەت ھەققىدىكى ئىددىئامۇ يالغان، چۈنكى پەقەت سۆھبەت ئالغۇچى مۇخبىرنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنمىغان، دۇنيا ئىماملار كېڭىشى رەئىسى بۇ مەسىلە ھەققىدە ھېچقانداق سۆھبەت بەرمىگەن ياكى مۇخبىر بىلەن كۆرۈشمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرەبچە “مەنبە” دەپ ئاتالغان “al-arabiyah news” ئىراقتا رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئەمەس بولۇپ، دۇبەيگە جايلاشقان ھەقىقىي ئەل-ئەرەبىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (alarabiya.net) قانۇنىي ھوقۇقى بىلەن قوغدالغان ئىسمى ۋە بەلگىسىنى قانۇنسىز ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇ ئىددىئادىكى يەنە بىر يالغانچىلىق “مۇخبىر”نىڭ بۇ كېڭەشنىڭ باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلغانلىقىدۇر. بۇ مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى كېڭەشنىڭ باش ئىشتابى كوۋىد تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن تاقالغان بولۇپ، 2022-يىلى فېۋرال ئوتتۇرىلىرىدا قايتا ئېچىلىدىغان بولغان.
- 5. خىتاينىڭ ئىنكاسى: «ھەممىنى ئىنكار قىلىش» ئۇسۇلى
بۇ بۆلۈمدە، خىتاينىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرگە ۋە كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق تەنقىدلەرگە قانداق جاۋاب قايتۇرغانلىقى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنلىكى ھەمدە ئۆز بايانلىرىنى دەلىللەش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.
ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىش ۋە باشقىچە بايانلار
خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ «گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەمدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بەزى خىتايغا قارشى كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇن يالغان ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ تارقاتتى» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتايغا قارشى كۈچلەر «خىتاينىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە تۆھمەت چاپلاپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، خەلقئارا جامائەتنى ئالداشقا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى ھەم تەرەققىياتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا» ئۇرۇنماقتا.
خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي كىملىك ياكى دىنغا ئەمەس، بەلكى زوراۋان تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، خەلقنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن بويىچە تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ بارلىق مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرمىسى» دەپ ئاتاپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇنى رەت قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى «پاكىت»لارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
- بىرىنچىدىن، نوپۇسنىڭ ئېشىشى: ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىشىگە جاۋابەن، خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مۇقىم ئاشقانلىقىنى ئېيتىدۇ. رەسمىي ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 10 مىليون 170 مىڭدىن 12 مىليون 720 مىڭغا يېتىپ، 2 مىليون 550 مىڭ ئادەم يەنى 25.04% ئاشقان. بىراق، خىتاي مەنبەلىرى 2017-يىلىدىن كېيىنكى نوپۇس ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كەسكىن تۆۋەنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ. خىتاي ۋە ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىسى رىيان تۇم (Rian Thum) ئېيتقاندەك: «ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتى 2017-يىلىدىن كېيىن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلدى». تۇم يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «(خىتاي) 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى تۆۋەنلەشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئېشىش سۈرئىتى يۇقىرى بولغان دەۋرنى (2010–2016) ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن سانلىق مەلۇمات قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق يوشۇرىدۇ. 2017-يىلى بىلەن 2020-يىلى ئارىلىقىدا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ».
ئىككىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات: خىتاي ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن بەھرىمەن بولغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ تىنچ- خاتىرجەم ياشاپ، خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەسمىي باياناتلارغا قارىغاندا، «رايون ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتە ھەمدە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 919 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن 1 تىرىللىيون 360 مىليارد يۈەنگە ئۆسكەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە يىللىق ئېشىش نىسبىتى 7.2% بولدى». ئۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە باشقا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ. لېكىن، بۇ خىل «رەت قىلىش» ئۇسۇلى گۇمانلىقتۇر، چۈنكى ئىقتىسادىي نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. خۇددى شۇنىڭدەك، خىتاينىڭ باياناتلىرىدا ئىشارەت قىلىنغاندەك، نامراتلىقمۇ تېررورلۇق ياكى ئەسەبىيلىكنىڭ زۆرۈر سەۋەبى ئەمەس.
ئۈچىنچىدىن، باراۋەر ھوقۇق: خىتاي ئەمەلدارلىرى «شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى؛ نوپۇسىنىڭ قانچىلىكىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئوخشاش قانۇنىي ئورنى بارلىقىنى ھەمدە قانۇن بويىچە ھەر خىل ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار خىتاي ئىچىدىمۇ، چەت ئەللەردىمۇ پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس نىشان قىلغان يۇقىرى تېخىنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىلىرى مەۋجۇت. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى بۆلۈمدە كۆرسىتىلگەندەك، خىتاي چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى دۆلەتكە قايتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېڭىلاشتىن باش تارتماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرگە ۋە گۇۋاھچىلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار
خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە مەلۇم ئالىملارنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇتەخەسسىسلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈشكە تىرىشماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لاگېرلارنىڭ سابىق تۇتقۇنلىرىنى نىشانلاپ، ئۇلارنى «يالغانچىلار ۋە تۆھمەتچىلەر» دەپ ئەيىبلىمەكتە. مەسىلەن: دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىنغان مەجبۇرىي تۇغماسلىق ھەققىدىكى دوكلاتلىرىغا ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىدا جىددىي ئازىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدىكى يەكۈنىگە جاۋابەن، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنى «تۆھمەتچى» ۋە «ئاتالمىش خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى» دەپ ئاتىماقتا. ئۇنى مۇتەخەسسىس ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللايدىغان ئەشەددىي ئوڭ قانات گۇرۇپپا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى»نىڭ بىر ئەزاسى دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنى ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرى قۇرغان خىتايغا قارشى بىر تەشكىلاتنىڭ مۇھىم ئەزاسى ۋە ئەشەددىي بىر ئىرقچى ئىكەنلىكىنى، «دوكلاتلىرى»نىڭ ئويدۇرما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بۇرمىلاش بىلەن تولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. «دوكلاتلاردىكى» «مەجبۇرىي تۇغماسلىق» ھەققىدىكى ئاتالمىش ئىسپات، يەنى 2018-يىلى خىتاي بويىچە يېڭىدىن سېلىنغان بالىياتقۇ ئىچى ۋاسىتىلىرىنىڭ (Iud) %80 نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن، قەشقەر رايونلىرىدىكى تەبىئىي نوپۇس ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2018-يىلى ھەر مىڭ كىشىگە ئاران 2.58 بولغانلىقىنى مىسال قىلىپ، بۇ «ئىسپات»نىڭ ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.
خىتاي مەنبەلىرى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ھەققىدە سۆزلىگەن ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى»دە تۇغماس قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى ئېيتقان سابىق تۇتقۇن زۇمرەت داۋۇتنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭمۇ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ياشاپ، رايوندىكى ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن باشقا سابىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىمۇ يالغانچىلار، جىنايەتچىلەر، تېررورچىلار ۋە «ئەخلاقى بۇزۇقلار» دەپ ئەيىبلىگەن.
شۇنداقلا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئۆزلىرى دۇچار بولغان ياكى شاھىت بولغان زىيانكەشلىكلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن باشقا سابىق ئۇيغۇر ئايال تۇتقۇنلارنى، مەسىلەن: تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، قەلبىنۇر سىدىق ۋە سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىقلارنى قارىلىغان.
ئەمما، بۇ جاۋابلار ئىشەنچسىزدۇر. چۈنكى دوكتور زېنزنىڭ ئاكادېمىك سالاھىيىتى دۇنيا مىقياسىدا ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھېچقانداق ئىرقچى ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇ كوۋىد-19 يۇقۇمىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا: «خىتايلىقلارغا قارىتىلغان ھەرقانداق ئىرقچىلىق قەتئىي ئەيىبلىنىشى كېرەك. ‹خىتاي ۋىرۇسى› دېيىش ھەم كېرەكسىز ھەم ئىنتايىن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) باياناتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى يوللار بار» دەپ، ئىرقچىلىققا قارشى سۆز قىلغان. بۇ دوکتور زېنزنىڭ ئىرقچىلىققا قارشى ھەمدە كوممۇنىزمغا قارشى كۆزقاراشلىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى ۋە دىنىي بېسىم ئىددىئالىرىغا جاۋابلار
خىتاي ئەمەلدارلىرى، مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» تورىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكارقىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خىتايدا ئەزەلدىن «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» دەپ بىر نەرسىنىڭ بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ بايانىچە، شەرقىي تۈركىستاندا قانۇن بويىچە قۇرۇلغان «كەسپىي تەلىم-تەربىيە مەركەزلىرى» ماھىيەتتە تەلىم-تەربىيە ئاپپاراتلىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك كۈرەش تەدبىرلىرىدۇر. ئۇلار بۇ تەدبىرلەرنىڭ مەقسىتى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ يىلتىزىنى مەنبەدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ھەمدە ب د ت نىڭ دۇنياۋى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسى قاتارلىق بىر قاتار خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قارارلىرىنىڭ پىرىنسىپلىرى ۋە روھىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە «تەربىيەلەنگۈچىلەر»گە دىنىي جەھەتتىن چېكلىمە قويۇش، سىياسىي جەھەتتىن مېڭە يۇيۇش، قورقۇتۇش ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىش قاتارلىق ئىددئالارنىمۇ رەت قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ رەسمىي باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، كەسپىي تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەربىيەلىگۈچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھەمدە ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلغان ۋە ئۇنى قوغدىغان.
خىتاي، مەجبۇرىي يوقاپ كېتىش ھەققىدىكى بارلىق ئىددئالارنى رەت قىلىدۇ. مەسىلەن: يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يالغان دەپ، يوقاپ كەتتى دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ «نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى» داۋا قىلىدۇ.
مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دېموگرافىك ئىنژېنېرلىق ئىددىئالىرى
خىتاي، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىدۇ. دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا موھتاج كىشىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئاكتىپ تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. بۇ تەدبىرلەر ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم قىلغان. 2018-يىلىدىن بۇيان، جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى نامرات ئائىلىلەردىن 151 مىڭ كىشى ئۆيلىرىدىن يىراقتا ئىش تاپتى. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئىشلىگەن بولسا، تەخمىنەن 14 مىڭ 700 كىشى رايوننىڭ سىرتىدا ئىشلىگەن. خىتاي ئۇلارنىڭ ياخشى مائاش ئالىدىغانلىقىنى ۋە «كۆپىنچىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 45 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ ياكى ئۆز يۇرتىدا ئىشلىگەندە تاپىدىغان كىرىمىدىن بىر نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى» ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا پاختا ئىشلەپچىقىرىشى زور دەرىجىدە مېخانىكىلىشىشققا يۈزلەندى. ھەتتا پاختا تېرىمنىڭ ئەڭ ئالدىراش مەزگىلىدىمۇ، كۆپ ساندىكى پاختا تەرگۈچىلەرگە ئېھتىياج قالمىدى. مەسىلەن: 2015-يىلىدىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا پاختىنىڭ كۆپ قىسمى ماشىنا بىلەن تېرىلماقتا.
مەدەنىي مىراس ۋە كىملىكنىڭ قوغدىلىشى ئىددىئالىرى
خىتاي، ئېتنىك ئاز سانلىقلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدىغان سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ، دېگەن ئەيىبلەرنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ياكى ئۆزگەرتىشتە تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاينىڭ رەسمىي مەيدانى شۇكى، بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن قوغدالماقتا. بۇنىڭغا ئىسپات سۈپىتىدە، ئۇيغۇر، موڭغۇل، خۇيزۇ (تۇنگان)، شىبە ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مەشھۇر مېمارچىلىق ئورۇنلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇ (ئىككىنچى بۆلۈمدە تىلغا ئېلىنغاندەك) مەسچىتلەر، باشقا تارىخىي بىنالار ۋە قەبرىستانلىقلار قاتارلىق مەدەنىي مىراس ئورۇنلىرىنىڭ يوق قىلىنغانلىقىغا دائىر خاتىرەلەنگەن ۋەقەلەرنى كۆرمەسكە سالماقتا.
خىتاي ئەمەلدارلىرى، يېمەك-ئىچمەك، بايراملار، توي-تۆكۈن ۋە نەزىر-چىراغ قاتارلىق جەھەتلەردە، شەرقىي تۈركستاندىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ تولۇق قوغدىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تىل جەھەتتىن، ئەمەلدارلار بارلىق مىللەتلەرنىڭ 10 خىل سۆزلەش ۋە يېزىش تىلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق تىللىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ تىللارنىڭ ئەدلىيە، باشقۇرۇش، مائارىپ ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە كەڭ قوللنىلىۋاتقانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ.
ئائىلىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئايرىلىشى ۋە مائارىپ سىياسەتلىرى
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئىددىئالارنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئەيىبلەشلەرگە جاۋابەن، خىتاي ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىدىكى مەلۇم ئەھۋاللاردا «ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تارقاق رايونلاردا ياشايدىغان مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياتاقلىق مەكتەپ قۇرسا بولىدۇ» دېگەن ماددىنى مىسال كەلتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا-كەنتلەر ئارىسىدىكى ئارىلىق يىراق بولغاچقا، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشى قولايسىز بولغان، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ياتاقلىق مەكتەپ قىلىش زۆرۈر بولغان. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا 1980-يىللاردا 400 گە يېقىن ياتاقلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان. بۇ ياتاقلىق مائارىپ سىستېمىسى مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە نامراتلىقنى ئازايتىشتىكى مۇھىم بىر تەدبىر بولۇپ كەلگەن. رەسمىي باياناتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بۇ خىل ياتاقلىق مەكتەپ ئۈلگىسىنى قوللايدىكەن.
ئەمەلدارلار يەنە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش مەقسىتىدە مىللىي تىللارنى خەنزۇچىگە ئالماشتۇرغانلىقى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەم ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنى تاقىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە خىتاينىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇ تىل-يېزىقى ھەققىدىكى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلچەملىك خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەن ماددىلارنى مىسال كەلتۈرىدۇ. خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۆز مىللىي تىل-يېزىقىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىدۇ.
كۆزىتىش ۋە دىجىتال بېسىم مېخانىزملىرى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەخپىي كامېرالار، يانفون ئەپلىرى، ئىنتېرنېت ۋە باشقا يۇقىرى تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن كۆزىتىش توغرىسىدىكى ئىددىئالارنى رەت قىلماقتا. رەسمىي باياناتلارغا كۆرە، شەھەر-يېزا جامائەت ئورۇنلىرىدا، ئاساسىي يوللاردا، قاتناش مەركەزلىرىدە ۋە باشقا ئوچۇق جايلاردا قۇرۇلغان CCTV كامېرالىرى پەقەت «ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى ياخشىلاش ۋە جىنايەتنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئالدىنى ئېلىش ھەم باستۇرۇش» مەقسىتىدە ئورنىتىلغان. خىتاي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەدبىرلەر ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكنى ئاشۇرغان ۋە بارلىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن كەڭ قوللىنىلغان بولۇپ، ھېچقانداق بىر ئېتنىك گۇرۇپپىنى نىشان قىلمىغان. بۇنىڭغا قوشۇمچە، خىتاي قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «جەنۇبى جۇڭگو ئەتىگەنلىك گېزىتى» دە بايان قىلىنغان يېڭى بىر تەتقىقاتقا ئاساسەن، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە گوللاندىيەنىڭمۇ دۇنيادىكى كۆزىتىش كامېرالىرىنىڭ سانى جەھەتتىن ئالدىنقى 10 دۆلەت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
خەلقئارالىق ئىنكاسلارغا قارشى ئىستراتېگىيەلەر
خىتاي تەرەپ، ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېڭىلاشنى رەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى سوتسىز تۇتقۇن قىلىش ياكى تۈرمە جازاسىغا دۇچار قىلىش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلماقتا.
خىتاي تەرەپ يەنە، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكىنى ۋە دۆلەتكە كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە خىتاي قانۇن-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۇيغۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى كونسۇلخانىسىغا پاسپورت يېڭىلاش ياكى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنالايدۇ.
خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەتكە كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ھەر مىللەتتىن بولغان چەت ئەلدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا. ئۇلار يەنە، شەرقىي تۈركىستانلىق خىتاي پۇقرالىرىدىن پاسپورت يېڭىلاش ياكى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلارغا سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارغا ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە تەستىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتىتېنىڭ زىيارىتى مەسىلىسى
خىتاي تەرەپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتىتېنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى ھېچقاچان چەكلىمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
خىتاي تەرەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىچېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىنقى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مىچېل باچېلېت بۇ زىيارىتىنى 2022-يىلى مايدا ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، لېكىن بۇ زىيارەتنىڭ «دوستانە» زىيارەت بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىر تەكشۈرۈش دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى شەرت قىلماقتا.
جەنۋەدىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىسى چېن شۈينىڭ ئېيتىشىچە، «ئىپادە ئەركىنلىكى خىتايدا تولۇق قوغدىلىدۇ، لېكىن ئىپادە ئەركىنلىكى ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرۇشىغا باھانە بولالمايدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئالىي كومىسسارنىڭ 2022-يىلى مايدا شەرقىي تۈركىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىنى قارشى ئالىمىز. خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەتكە ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىشخانىسى (مەھكىمىسى) بىلەن ھەمكارلىشىدۇ.»
لېكىن، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ خىتاي زىيارىتى 2018-يىلى سېنتەبىردىن بېرى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتكە دائىر باھالاش دوكلاتىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا. 2022-يىلى 8-مارت، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئوچۇق خەت يوللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان داۋاملىشىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
دوكلاتنىڭ تېخىمۇ كېچىكتۈرۈلمەي ئېلان قىلىنىشى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ۋە جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارغا، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ — قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر — خەلقئارا قانۇندىن ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشىدىن ئۈستۈن تۇرالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
دۇنيا ئىماملار كېڭىشىگە قارشى تەشۋىقات
دۇنيا ئىماملار كېڭىشى (GIC) نىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە مۇسۇلمانلارنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان باياناتىغا قارىتا، خىتاي دۆلەت تاراتقۇسى «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا مۇسۇلمانلارنىڭ قاتنىشىشىنى چەكلەش توغرىسىدىكى چاقىرىقىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) تەرىپىدىن «قايمۇقتۇرۇلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى. (ئەسلى ماقالىنىڭ ماۋزۇسى: «د ئۇ ق نىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى بېيجىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىشى ئۈچۈن، بىر مۇسۇلمان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتىنى قايمۇقتۇرۇشى»). بۇ تاراتقۇ يەنە، دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئىمام ئەلبۇدەيرىنىڭ ئىراقتىكى بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاتالمىش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ كېڭەشنى مالىيە جەھەتتىن قوللىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئىددىئالارنىڭ تامامەن يالغان ۋە ئويدۇرما ئىكەنلىكى دۇنيا ئىماملار كېڭىشى تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
خۇلاسە ۋە تەكلىپلەر
ئىبراگىموۋ تەتقىقاتىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ (خ ك پ) ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-ماددىسىدا چەكلەنگەن بەش تۈرلۈك ھەرىكەتنىڭ ھەممىسىنى سادىر قىلغانلىق ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاگنېس كاللامارد ئېيتقاندەك: «خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قورقۇنچلۇق دەرىجىدە بىر قاباھەتلىك دوزاخنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار، دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچار قىلىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچرىماقتا.»
تەتقىقاتچىلار، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان بېسىمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى مەھكىمىسىنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا (كىرىپ تەكشۈرۈش) ئىمكانىيىتى يارىتىشنى تەلەپ قىلىشى، كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشى، «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا زورلۇق بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمانلارنى قويۇپ بېرىشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىشنى توختىتىشى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى توختىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىي مىراسلىرىنى قەستەن يوقىتىشنى توختىتىشى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى (خىتايغا) قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنى توختىتىشى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ۋە پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشى ھەمدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرگە بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي نەپنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
غەربنىڭ كۈچىيىۋاتقان تەنقىدلىرىگە قارىماي، جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارغا ۋە شىركەتلەرگە قارىتىلغان نىشانلىق جازا تەدبىرلىرى ۋە سودا چەكلىمىلىرى قاتارلىق كونكرېت ھەرىكەتلەر يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىشنى تاللىمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە كۈلتۈرەل قىرغىنچىلىق سادىر قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا، خ ك پ غا قارشى كوللېكتىپ جازا تەدبىرلىرى قوللىنىلىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودىغا چەكلىمە قويۇلۇشى مۇمكىن.
خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ ميۇنخېنغا جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى (UHRP) قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى مەركەز قىلغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار، رايونلاردىكى پۇقراۋى تەشكىلاتلارنى قوللىيالايدۇ ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن تېخىمۇ پائال ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىشقا ئۈندىيەلەيدۇ، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە بولغان گۇمانىنى تۈگىتىشكە رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇرالايدۇ. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ئەرەب دۇنياسىدا ئۇيغۇر كىرىزىسى ھەققىدىكى بىلىنىشچانلىقىنى ۋە مۇنازىرىلەرنى كۈچەيتكەنسېرى ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش كەيپىياتى كۈچەيگەنسېرى، ھەمكارلىق ۋە قوللاش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە خىتاينىڭ قوللىنىشى مۇمكىن بولغان بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە قارىماي، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا توقۇنۇشمايلا ۋەزىيەتنى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىغان.
گەرچە ئوتتۇرا شەرق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىنى بىۋاسىتە ئەيىبلىشى ئېھتىماللىقتىن يىراق بولسىمۇ، يېتەرلىك بېسىم ئۇلارنى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ب د ت (بۇ ئورگانلارنىڭ بەزىلىرى خىتاينى ئاللىقاچان ئەيىبلىگەن) قاتارلىق رايونلۇق ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئېلان قىلغان باياناتلارنى قوللاشقا يۈزلەندۈرەلەيدۇ. بۇ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق مىقياسىدا ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان قوللاشنىڭ كۈچىيىشى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى، شۇ رايون ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاخىرقى تۈرتكىلىك ئامىل بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا تېخىمۇ تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشقا ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئىشەنچسىزلىكىنى تۈگىتىشكە ئۈندەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەك. بۇ جەھەتتە، دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ مەيدانى ۋە مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، باشقا خەلقئارا ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز پوزىتسىيەسىنى قايتا ئويلىشىشى ئۈچۈن ياخشى بىر ئۈلگە بولالايدۇ.
زىيالىيلارمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر دەۋاسىغا ھەمدەم بولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئېتىقادى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشى مۇمكىن. ئۆلىمالار، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دىنىي ئالىملار ۋە رەھبەرلەر، قوللاش ۋە ھەمدەم بولۇشنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ جەھەتتە، دۇنيا ئىماملار كېڭىشىنىڭ يېقىنقى باياناتلىرى باشقا دىنىي تەشكىلاتلارنى دىنىي ھەمدەملىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشتا ياخشى بىر ئۈلگىدۇر.
ئىبراگىموۋنىڭ تەتقىقاتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇمىغا قارشى ئۈنۈملۈك بىر ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن بىر قاتار تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تەكلىپلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- دىپلوماتىك بېسىمنى ئاشۇرۇش: خەلقئارا جەمئىيەت، خىتاي ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ماسلاشقان دىپلوماتىك بېسىمنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە كۈچەيتىشى كېرەك. بۇ، ب د ت ئورگانلىرىدا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش، كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇنبەرلەردە ئەيىبلەش ۋە ئاشكارىلىقنى تەلەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ.
- ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش: مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا چەكلىمە قويۇش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان نىشانلىق جازا تەدبىرلىرىنى كېڭەيتىش، بېيجىڭغا ئەمەلىي ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلالايدۇ.
- ئۇيغۇر دىئاسپوراسى (چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار) ۋە مۇساپىرلىرىنى قوللاش: دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن مەدەت بېرىشى كېرەك.
- خەلقئارا تەكشۈرۈشلەرنى قوللاش: ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتى ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ (شەرقىي تۈركىستانغا) چەكلىمىسىز كىرىش تەلىپىنى قوللىشى ۋە بۇ ئورگانلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى كېرەك.
- ئىسلام دۇنياسىدا خەۋەردارلىقنى ئاشۇرۇش: پۇقراۋى تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەردارلىقنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بۇ، ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ھالقىغان دىنىي ۋە مەدەنىي ھەمدەملىكنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدىغان تەشۋىقات-تەرغىبات پائالىيەتلىرى ۋە جامائەتچىلىكنى خەۋەرلەندۈرۈش تەشەببۇسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ.
- ئىسلام رەھبەرلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق تەشكىلاتلار، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي بىر مەيداننى ئىپادىلەشكە ئۈندىلىشى كېرەك. دىنىي رەھبەرلەر، ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاشنىڭ ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىشى كېرەك.
- كۆپ تەرەپلىمىلىك كىشىلىك ھوقۇق مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىش: خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش مېخانىزملىرىنى كۈچەيتىش ۋە خىتايغا ئوخشاش كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭمۇ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە رىئايە قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنى كۈچەيتىش كېرەك.
- مۇستەقىل تەتقىقات ۋە خاتىرىلەشنى قوللاش: ئاكادېمىكلار، پۇقرالار جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى خاتىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تارقىتىشى كېرەك. بۇ تىرىشچانلىقلار، باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىنى يارىتىپ، خىتاينىڭ تەشۋىقات ماشىنىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
ئىبراگىموۋنىڭ تەتقىقاتىدىن كەلگەن ئەڭ مۇھىم خۇلاسىلەرنىڭ بىرى شۇكى، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ئىقتىسادىي مەنپەئەت، ئىگىلىك ھوقۇق پىرىنسىپىغا سادىق بولۇش ۋە غەرب مەنبەلىرىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك قاتارلىق مۇرەككەپ ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىدۇر. ئەمما، بۇ سۈكۈتنىڭ ئارقىسىدىكى يادرولۇق ئامىل، خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچى ھەمدە بۇ كۈچنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىدۇر.
تەتقىقاتچى تەتقىقاتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ پەقەت بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدىكى ھەمدەملىكنىڭ ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلارغا بولغان ساداقىتىنىڭ بىر سىنىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ، قىسقا مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ۋە گېئوپولىتىك مەنپەئەتلەردىن ھالقىپ، دىنىي ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ئاساسلانغان بىر مەيداننى نامايان قىلىشى، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىشكە ھەم خەلقئارا جەمئىيەتتە ئىسلامنىڭ يادرولۇق قىممەتلىرىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدۇ.
خۇلاسىلىگەندە، بۇ ئەتراپلىق تەتقىقات، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىستېمىلىق زۇلۇمىنىڭ ماھىيىتى ۋە كۆلىمىنى ئېچىپ بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋە بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تەنقىدىي نۇقتىدىن تەھلىل قىلىدۇ. ئىبراگىموۋنىڭ تەتقىقاتى مۇستەھكەم ئەمەلىي دەلىللەرگە ۋە چوڭقۇر نەزەرىيەۋى تەھلىلگە تايىنىپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتىنىڭ ئارقىسىدىكى مۇرەككەپ ئامىللارنى يورۇتۇپ بېرىدۇ ۋە بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مەنبەلەر
- Ciara Finnegan, The Uygur Minority in China: A Case Study of Cultural Genocide, Minority Rights and the Insufficiency of the International Legal Framework in Preventing State-Imposed Extinction, Department of Law, Maynooth University, Maynooth, Co. Kildare, Ireland 11 Ocak 2020
- Enshen Li, Fighting the “Three Evils”: A Structural Analysis of Counter-Terrorism Legal Architecture in China, 33 EMORY INT’L L. REV. 311 (2019).
- Henrietta Störig, The Uygurs of China: A Genocide in the Making – Tracking the Stages of Genocide, Department of Global Political Studies, Malmö University, Bahar 2020
- Sean R. Roberts, The War on the Uygurs: China’s Internal Campaign against a Muslim Minority, Manchester University Press. 2020
- Anne-Marie Brady, Chinese interference: full submission, [https://www.newsroom.co.nz/anne-marie-bradys-full-submission] 8 Mayıs 2019, 2 Eylül 2020’de güncellendi
- Zaryab Makhdoom, Xinjiang: Why Muslim-Majority Countries Are Silent, The Organisation of World Peace. 30 Ağustos 2020
- Kate Cronin-Furman, China Has Chosen Cultural Genocide in Xinjiang — For Now, Foreign Policy. 19 Eylül 2018.
- Gerry Shih, China bans list of Islamic names in restive Xinjiang region, AP News, 27 Nisan 2017
- Nick Cohen, Why do Muslim states stay silent over China’s abuse of the Uighurs?, The Guardian. 4 Temmuz 2020
- Gregory H. Stanton, The Eight Stages of Genocide, Genocide Watch
- Mamtimin Ala, Worse than Death: Reflections on the Uygur Genocide, Hamilton Books, London. 2021
- Turdush, Rukiye and Fiskesjö, Magnus (2021) “Dossier: Uygur Women in China’s Genocide,” Genocide Studies and Prevention: An International Journal: Vol. 15: Iss. 1: 22–43.
- Joanne Smith Finley (2020): Why Scholars and Activists Increasingly Fear a Uygur Genocide in Xinjiang, Journal of Genocide Research
- Marika Vicziany, “State Responses to Islamic Terrorism in Western China and their Impact on South Asia,” Contemporary South Asia 12, no.2 (2003): 243–62.
- Nithin Coca, “Islamic Leaders Have Nothing to Say About China’s Internment Camps for Muslims,” Foreign Policy, 24 Temmuz 2018, [https://foreignpolicy.com/2018/07/24/islamic-leaders-have-nothing-to-say-about-chinas-internmentcamps-for-muslims/].
- Mazur, Lucas B. (2017), “Essentialist Thinking Underlying Definitions of Genocide”, Genocide Studies International
- Memišević, Ehlimana (2015), “Battling the Eighth Stage: Incrimination of Genocide Denial in Bosnia and Herzegovina”, Journal of Muslim Minority Affairs
- Midlarsky, Manus I. (2005), The Killing Trap, (Cambridge: Cambridge University Press).
- Midlarsky, Manus I. (2009), “Genocide Studies: Large N, Small N, and Policy Specificity”, in Manus I. Midlarsky (ed.) Handbook of War Studies III: The Intrastate Dimension, (Ann Arbor: University of Michigan Press)
- Morgan, George and Scott Poynting (2012), Global Islamophobia: Muslims and Moral Panic in the West, (Surrey: Ashgate Publishing Limited).
- Onuf, Nicholas (1989), World of Our Making: Rules and Rule in Social Theory and International Relations, (Columbia: University of South Carolina Press).
- Saideman, Stephen M. and Erin K. Jenne (2009), “The International Relations of Ethnic Conflict”, in Manus I. Midlarsky (ed.) Handbook of War Studies III: The Intrastate Dimension, (Ann Arbor: University of Michigan Press)
- Southwick, Katherine (2018), “Straining to Prevent the Rohingya Genocide: A Sociology of Law Perspective”, Genocide Studies and Prevention: An International Journal
- Stanton, Gregory H. (2016), “The Ten Stages of Genocide”, Genocide Watch.
- Toft, Monica Duffy (2009) “The Origins of Ethnic Wars: A Historical and Critical Account”, in Manus I. Midlarsky (ed.) Handbook of War Studies III: The Intrastate Dimension, (Ann Arbor: University of Michigan Press)
- Uygur Human Rights Project (UHRP) (2020), PRESS RELEASE: 180+ Orgs Demand Apparel Brands End Complicity in Uygur Forced Labour. Online: https://uhrp.org/press-release/press-release-180-orgs-demand-apparel-brands-end-complicity-uygur-forced-labour.html
- Wendt, Alexander (1992), “Anarchy is what States Make of it: The Social Construction of Power Politics”, International Organization
- Zenz, Adrian (2020), Sterilizations, IUDs, and Mandatory Birth Control: The CCP’s Campaign to Suppress Uygur Birthrates in Xinjiang, (Washington D.C.: The Jamestown Foundation).
- Azeem Ibrahim, “The Uygur Genocide: an Examination of China’s Breaches of the 1948 Genocide Convention”, Newlines Institute for Strategy and Policy and the Raoul Wallenberg Centre for Human Rights, Mart 2021
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.