خەلقنىڭ ئىدارە قىلىش چېگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ | سىياسەت 4-باب داۋامى

2021-يىلى 25-مارت

خەلقنىڭ ئىدارە قىلىش چېگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

 

خەلقنىڭ ئىدارە قىلىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ قانداق ئىدارە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىدارە قىلىشىنىڭ قەيەرگىچە بولىدىغانلىقىنىمۇ بەلگىلەش كېرەك.

دېموكراتىيەنىڭ ھەقىقىي دائىرىسى قانداق بولىدۇ؟ قايسى جەھەتلەردە خەلق قارار چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ؟ قايسىلىرىنى پۇقرالارغا قويۇپ بېرىش كېرەك؟ بۇ سوئاللار بىرىنچى بابتا تىلغا ئېلىنغان ئاممىۋىي ساھە بىلەن شەخسىي ساھە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قايتىدىن چۈشەندۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ.

لىبېرال ئىندىۋىدۇئاللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان دېموكراتىيە شەكىللىرى ئادەتتە دېموكراتىيەنىڭ سىياسىي ھايات بىلەن چەكلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ قاراش بويىچە ئېيتقاندا، دېموكراتىيەنىڭ مەقسىتى بەزى ئاممىۋىي قاتنىشىش ۋاسىتىسى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارالايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدىغان بىر قانۇنىي رامكا ئورنىتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، دېموكراتىك ھەل قىلىش چارىلىرى پەقەت جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، باشقا ئەھۋاللاردا دېموكراتىيەنىڭ ئەركىنلىككە دەخلى تەرۇز قىلىشى كىلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل دېموكراتىيە بىۋاسىتە دېموكراتىيە ياكى قاتناشقۇچى دېموكراتىيە شەكىللىرىنى رەت قىلىدۇ.

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*