خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر

2021-يىلى 20-يانۋار

ئەركىن ئالىپتېكىن

1948 -يىلى 10 دېكابىردا  خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى ئېلان قىلىندى. خىتابنامە ئېلان قىلىنىپ يېرىم ئەسىر ئۆتۈپ كەتتى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىمۇ ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر دۇنيا تەرتىپى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتتە يەنىلا نۇرغۇن مىللەت،خەلق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە يەرلىك خەلق سىياسىي باستۇرۇش، مەدەنىيەت ئاسسىملياتسىيەسى، ئىقتىسادىي شۈمۈرۈلۈش، ئېكولوگىيەلىك يوقۇتۇش، ئىرقىي كەمسىتىش ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ پاجىئەلەر، ئادالەت، باراۋەرسىزلىك ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارىماي  نېمىشقا يەنىلا داۋام قىلىپ كەلمەكتە؟ بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى  بىر قانچە مۇھىم  نۇقتا ئارقىلىق  ئىزاھلاپ ئۆتمەكچىمەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، دۇنيادا تەخمىنەن 6500 مىللەت، ئازسانلىق مىللەت ۋە يەرلىك خەلق مەۋجۇت. ئەمما بۇلاردىن پەقەت 200 گە يېقىنى ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)دا ۋەكىللىك ئورۇنغا ئىگە. ب د ت مىللەتلەرنىڭ ئەمەس  دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا ۋەكىللىك قىلماقتا. قالغان مىللەتلەر ب د ت تەشكىل قىلغان دۆلەتلەرنىڭ چېگراسى ئىچىدە ئۆزى خالاپ ياكى خالىماي ب د ت تەشكىل قىلغان مىللەتلەر ئىچىدە يەر ئالماقتا.

 ب د ت پەقەت ئاساسىي ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنى قوغدايدىغان بىرمۇ ماددىسى يوق. ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى، ئارزۇسىنى ، يۇرت سېغىنىشلىرىنى ئوتتتۇرىغا قويغىدەك  خەلقئارالىق بىر ئۈستەل يوق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ب د ت دا ئاۋازىنى ئاڭلىتىدىغان پۇرسەتلىرىمۇ يۇق.

 ئاساسلىق ۋەزىپىسى  باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مىللەت، خەلق، ئاز سانلىق ۋە يەرلىك خەلقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ۋەكىلى بولۇش بولغان دۆلەتلەر، كۆپىنچىسى بۇ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ، كۆپىنچى ۋاقىتلاردا ئۇلارغا دۈشمەنگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ كۆپى زومىگەر دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا  دۆلەتلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەرنى باستۇرۇش، كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىرىدىكى بارچە ئىمكانىيەتلەردىن ۋىجدانىنى بىر ياققا قايرىپ قويغان ھالدا پايدىلانماقتا. ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئ‍ېھتىياج ۋە ئىستەكلىرىگە ئەستايدىل  مۇئامىلە قىلماسلىق، ئەسلىدە ئالدىنى ئېلىشقا تامامەن مۇمكىن بولىدىغان زوراۋانلىق ۋە ئۇرۇش -جېدەلنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارماقتا. ب د ت ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قېلىپ مېخانىزمى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇرمايۋاتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە  ب د ت نىڭ، دۆلەتلەر ئۈچۈن  ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك سىياسي كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا. دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۇنيادىكى  ئىنسان ھەقلىرىنى  قوغداش  ئۈچۈن زور بىر توسالغۇدۇر. دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پرىنسىپ ۋە ئىجراسى خەلقئارا قانۇننىڭ مەركىزى ئىدىيەسى بولۇپ داۋاملاشقان ئەھۋالدا، ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق ئورگان مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ چېگراسى ئىچىدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى ھەقىقىي بىر شەكىلدە نازارەت قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە  قىلالمايدۇ.

ب د ت ئەھدىنامىسى، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقىغا دائىر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. ئۆز خەلقىنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان بىر دۆلەت، پۇقرالىرىنىڭ پاراۋانلىقىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى، باشقا ھېچقانداق بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشالمايدىغانلىقنى ئۆكتەملەرچە دېيەلەيدۇ. بۇنداق بىر پوزىتسىيەدىكى دۆلەت، ب د ت ئەھدىنامىسىدىن پايدىلانماقتا. 50 يىلدىن بېرى، پەرقلىق ئىدىئولوگىيەگە ئىگە چوڭ – كىچىك دۆلەتلەر،  خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىكى تەنقىدىگە قارشى ئىگىلىك ھوقۇقى قالقىنىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنى قوغداپ كەلمەكتە. ھەتتا نۇرغۇن دۆلەت، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئەمىلىيەتتە غەربكە تەۋە بىر ھۆججەت ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر خىتابنامىنىڭ يىلتىزىنىڭ شەرقىنىڭ قەدرىيەت سىستېمىلىرىغا (قىممەت قاراش) زىت ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ئەسلىدە، شەرقتىكى كىشىلەرنىڭ غەربتىكىلەرگە ئوخشاش ھەق- ھوقۇقلاغا ئىگە بولماسلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىنسانىيەتكە قىلىنغان بىر ھاقارەتتۇر. ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنىڭ پەرقلىق سىياسىي قەدرىيەتكە ئىگە بولۇشى ئېنىق. ئەمما ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيا ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدىغان خەلقئارالىق سىستېمىلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ئەڭ مەنتىقىسىز بىر قاراشتۇر. ماركسىزم پرىنسىپلىرىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر كوممۇنىست بىر دۆلەت تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئېزىلىۋاتقان ۋە شۈمۈرۈلىۋاتقان ئىشچىلارنى قوغدايدىغان پرىنسىپلارنى ، مۇخالىپلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ، تىبەتلىكلەرنىڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەدىكىلەرنىڭ ئىنسانىي ياشاش ئىرادىسىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. بۇ ئەھۋال ب د ت نى دائىم قىيىن ئەھۋالدا قويماقتا.

ئەھدىنامىدە يەر ئالغان ماددىلارغا قارشى تۇرماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئاساستا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىدە بايان قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرىگە قانداق ھۆرمەت قىلىنىدۇ؟  بىرىنچىسى، ب د ت ئېرىشمەكچى بولغان غايىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؛ ئىككىنچىسى ،  قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان رېئاللقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى رولى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى،دۆلەتنىڭ  ئىگىلىك ھوقۇقىدا نامايەن بولغىنىدەك، باشقا  يەڭگىلى بولمايدىغان توساقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ب د ت نىڭ ئىچىدىكى قارار چىقىرىش باسقۇچىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق كۈچلەر، مەلۇم بىر دۆلەتتە  ئىنسان ھەقلىرىنى مەجبۇرى يولغا قويماقچى (ئېلىپ بارماقچى ) بولسا، دۇنيادىكى ھېچقانداق كۈچ(دۆلەت ۋە تەشكىلات) ئۇلارنى توسالماىدۇ.  لېكىن بۇنىڭغا  بەزى ئەھۋاللاردا سەل قارىلىدۇ، بۇنداق ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

بۇ قوش ئ‍ۆلچەم، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىنمۇ قىيىن بىر مەسىلىدۇر. بۇ قىيىن ئەھۋال ۋە مۇھىتتا  ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشتا قوللىنىلىدىغان قوش ئۆلچەم پۈتۈن دۇنيانى زىددىيەت ئىچىگە ئېلىپ بارماقتا.

ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلغان دۆلەتلەردە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ تىجارىتى خەلقئارا ئېستىراتىگىيەسى ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنغا كەلسە، بۇ دۆلەتلەرگە بۈركۈتتەك ھۇجۇم قىلىدۇ. ئەمما خىتايدەك كۈچلۈك دۆلەتنى تەنقىد خالىي تۇتىدۇ.  ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرى بارلىقى ئېغىزدىلا تىلغا ئېلىنىپ كەلدى، ئەمما ھازىرغىچە قىرغۇچى قوراللار تېپىلمىدى.  ئەلۋەتتە خەلقئارالىق ئورگانلار بۇ خىل قىرغۇچى قوراللارنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى كېرەك، چۈنكى ئالدى بىلەن كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار  ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا قارشىدۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسان ھەقلىرىخى تابنامىسىدە كۆرسىتىلگەندەك ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىمۇ زىتتۇر. لىكن خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نورغۇن دۆلەتلەر ئ‍وخشاش تىپتىكى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگىدۇر. ئۇنداقتا بۇ دۆلەتلەر نېمىشقا بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا رۇخسەت بېرىلىدۇ؟

بىر شەرقىي تۈركىستانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر خىل يادرو سىناقلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا قارشى تۇرىمەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغىچە 46 قېتىم يادرو بومبىسى سېنىقى ئېلىپ باردى. نەتىجىدە، ئەتراپقا تارقالغان رادىئۇئاكتىپلىق ماتېرىياللار ئىچىملىك سۇ، ئاساسلىق يېمەكلىك ۋە ھايۋانلارغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ھازىرغىچە 200000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولدى، بۇنىڭ سىرتىدا راك كېسەللىكلىرى ۋە مېيىپ تۇغولۇش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بۇ خەلقارالىق جەمىئ‍يەتنىڭ قائىدە پرىنسىپلىرىنىڭ سىرتىدا ھەركەت قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغىنىم، ئەخلاقى جەھەتتىكى تەڭسىزلىكتۇر. ئەگەر ئەخلاقى جەھەتتە بىردەكلىك بولمىسا، ئۇ ۋاقىت سىياسەتنىڭ بىر ئىناۋىتى بولمايدۇ.

قىسقىسى، كۆپ ساندىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىنى ئادىل بىر ئۆلچەمدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا دائىر ئ‍شەنچىسىنى تەدرىجىي يوقاتماقتا.  ئىنسان ھەقلىرىدە ئۇنىۋېرسال بىر ئىجرا ۋە تەدبىقنىڭ بولماسلىقى، ب د ت نىڭ شامالنىڭ يۆنىلىشى ياكى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى قاتارلىقلار بۇ ئورگاننىڭ ئىشەنچلىكى ۋە سەمىمىيىتىنى يوقىتىپ قويماقتا.  ئىسانلار ئۆزىنى  ب د ت نىڭ ئالدىغاندەك ۋە كارى بولمىغاندەك، ھەتتا  ب د ت تەرىپىدىن خىيانەتكە ئ‍ۇچرىغاندەك ھېس قىلماقتا. ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بەزى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە  دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن تەدرىجى ھالدا زوراۋانلىق ئۇسۇللىرىنى تاللاشقا مەجبۇر قالدۇرۇلماقتا. چۈنكى دۇنيا جامائىتى زوراۋانلىق ۋە توقۇۇىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەندىن كىيىن تەدبىر قوللىنىپ ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. بۇ سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇنيانىڭ 65 دۆلىتىدە توقۇنۇش ۋەقەسى يۈر بەردى.

يېقىنقى 50 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەر سىياسىي بېسىم، مەدەنىيەت ئاسسىملياتسىيەسى، ئىقتىسادىي شۈمۈرۈلۈش، ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلار ھېسابلىنىدۇ. تىنچ ئۇسۇللار بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بولۇپمۇ 1990- يىللاردىن كېيىن ئاستا – ئاستا ئ‍ۆز ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن زالىمغا قارشى كۈچ ئىشلىتىشكە مەجبۇر قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە <تېررورچى> سۈپىتىدە بىرىنچى قاتاردا كۆرسىتىشى، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلغان يامانلىقى ئەمەس ياخشىلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كۈچ  ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مەقسىتى، بۇ كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىنىشنى جەلپ قىلىشتىن ئ‍ىبارەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنى بىر <تېررورچى> قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىشىغا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەسلا ئىشەنمىدى.

كۆچ ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر باشقا سەۋەبى بولسا، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ۋە ئۈنۈملۈك بىر پىكىر تاپالمىغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئىشغالىيەتچى دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەرگە، خەلققە ۋە ئاز سانلىقلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقماقتا. ئادالەت بولمىغان يەردە ھەمىشە كۈچ ئىشلىتىپ قارشىلىق كۆرسىتىش بولىدۇ. خەلقنىڭ كۈچ ئىشلىتىپ قارشى تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار ئادالەتنى ياقلىماي، ئىنسانلارنى زوراۋانلىق ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ۋە بويسۇندورۇشقا ئۇرۇنغانغۇچىلاردۇر. ئەگەر دۇنيا جامائەتچىلىكى تىنىچلىقنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئارزۇ قىلىدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مىللەتلەر، خەلقلەر ۋە ئاز سانلىقلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان مىللەت، خەلق ۋە ئاز سانلىقلارنى باستۇرۇش، قولغا ئېلىش،ئۆلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلىش ۋە ئۇلارنى <تېررورچى> دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۇنجى قەدەم. شۇڭلاشقا دۇنيا مىقياسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئادىل ۋە باراۋەر بولغان خەلقئارالىق بىر تۈزۈم قۇرۇشقا ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جىددىي ئېھتىياجلىقمىز. ب د ت دا ۋەكىللىك قىلىنمايدىغان مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلار چىقىرىلىدىغان يىغىن ۋە مۇزاكىرىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ ئادالەتلىك ئەمەس، شۇڭا ب د ت دا ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆز-ئۆزىگە ۋەكىللىك بولالايدىغان بىر سىستېما بەرپا قىلىنىشى تولىمۇ مۇھىم. دىيالوگ بولسا تېخىمۇ ياخشى كېلىشىم، ھەمكارلىق ۋە تىنىچلىق ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى. ئۆز-ئارا ئىشەنچ، دىيالوگ بولمىسا تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ؛ ئىشەنچ بولمىسا تىنىچ بولغان بىر ئۆزگىرىشمۇ بولمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن، ب د ت، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ئارزۇسىنى باستۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىق ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا دىيالوگ ھاسىل قىلىشى، بۇ ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك، ئىشەنچلىك ۋە قايىل قىلارلىق رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك.

قىسقىچە، <NGO> دەپ ئاتالغان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارە قىلىدىغان يېڭى بىر سىياسى ئىرادە بەرپا قىلىشى كېرەك. بۈگۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ <NGO>ھەل قىلىۋاتقىنى يەككە ئىنسان ھەقلىرى دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغانلار مەسىلىسى بىلەن چەكلەنمەكتە. ئىنسان ھەقلىرى دەخلى – تەرۇزغا ئ‍ۇچرىغان جەمئىيەت، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالىمايدۇ. كۆپىنچە  ۋەقەلەردە يەككە شەخسىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىشى  تېخىمۇ چوڭقۇر بىر مەسىلە بارلىقىنىڭ ئالامىتى. ھازىرغىچە بۇ مەسىلىگە قارىتا بىر ئۈنۈملۈك چارە بولمىدى. ئاممىۋىي تەشكىلاتلار <NGO> ۋە كۆپلىگەن ھۆكۈمەتلەر جەنۇبىي ئافرىقادا قولغا ئېلىنغان، قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك شىكايەتلىرىگە بىر چەكلىمە قويالمىدى.

 بۇ سەۋەپتىن، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار<NGO> ۋە ھۆكۈمەتلەر دۇنيا مىقياسىدا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش نامى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تىرشچانلىقلارنىڭ  پەقەت ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەرۇز قىلىش سەۋەبىنى بېكىتىش،  ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ ياشاش ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش سەۋەبىنى تېپىش ئارقىلىق بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى، غەلبە ۋە نەتىجىگە ئېرشەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.

2005-يىلى 30-ئاپرېل، ئەنقەرە

تەرجىمە قىلغۇچى: نېجاد مەمەت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*