خەلق دېموكراتىيەسى | سىياسەت 4-بابنىڭ داۋامى

2021-يىلى 7-ئاپرېل

خەلق دېموكراتىيەسى

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

«خەلق دېموكراتىيەسى» دېگەن ئۇقۇم ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەڭ ئومۇملاشقان ئورتودوكس كوممۇنىست ھاكىمىيىتىدىن كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يەردە ماركىسىزم ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن كۆپ خىل دېموكراتىيە شەكىللىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ خىل دېموكراتىيە شەكىللىرى بىر بىرىدىن پەرقلىق بولۇپلا قالماي، يەنە لىبېرال دېموكراتىك شەكىللەرگە زىت بولىدۇ. ماركىسىزمچىلار لىبېرال ياكى پارلامېنت دېموكراتىيەنى «بۇرژۇئا» ياكى «كاپىتالىست» دېموكراتىيەسى دەپ قاراپ، ئۇنى رەت قىلىشقا مايىل بولىدۇ. دېموكراتىيەنىڭ تەڭ تەقسىماتچىلىق تەشەببۇسلىرى ماركىسىزمچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. بۇ باراۋەرلىكنى يۈزەكى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان «سىياسىي دېموكراتىيە»نىڭ ئەكسىچە، بايلىقلارغا ئورتاق ئىگە بولۇش («ئىجتىمائىي دېموكراتىيە») ئارقىلىق ئىجتىمائىي باراۋەرلىك مەقسىتىگە يېتىشنى كۆرسىتىدۇ.

ماركىس كاپىتالىزمنىڭ يىمىرىلىشى ھەقىقىي دېموكراتىيەنى گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇنىڭچە نوقۇل كوممۇنىستىك بىر جەمئىيەت پەقەت «پىرولتارىيات ئىنقىلاب دىكتاتورلىقى» بىلەن خاراكتېرلەنگەن ئۆتكۈنچى بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاندىن مەيدانغا چىقالايدۇ، ئاخىرىدا «بۇرژۇئا دېموكراتىيەسى»نىڭ ئورنىنى ئۇنىڭدىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدىغان «پىرولتارىيات دېموكراتىيەسى» ئالىدۇ. ماركىس بۇ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە جەمئىيەتنىڭ قانداق تەشكىللىنىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىدىيەسىدىكى شەكىلنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ 1871-يىلىدىكى قىسقا مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغان ۋە بىۋاسىتە دېموكراتىيەگە يېقىن كېلىدىغان «پارىژ كوممۇنىسى»غا بولغان قىزىقىشىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. ماركىس سىنىپنىڭ يوقىلىشى ۋە نوقۇل كوممۇنىست بىر جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن پىرولتارىيات دۆلىتىنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھۆكۈمەت، قانۇن ۋە ھەتتا سىياسەتكە بولغان ئېھتىياج يوقىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دېموكراتىيەمۇ كېرەكسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالاتتى.

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*