قوغدىغۇچى دېموكراتىيە | سىياسەت 4-باب داۋامى

2021-يىلى 29-مارت

قوغدىغۇچى دېموكراتىيە

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

17- ۋە 18-ئەسىردە دېموكراتىك ئىدېئاللار يېڭىدىن باش كۆتۈرگەندە، قەدىمكى يۇنانلارنىڭ كىلاسسىك دېموكراتىيەسىدىن پەرقلىق بولغان دېموكراتىيەلەر مەيدانغا چىققان. دېموكراتىيەنى خەلقنىڭ سىياسەتكە قاتنىشىشىنى تەمىن ئېتىدىغان بىر مېخانىزم سۈپىتىدە كۆرۈشتىن بەكرەك پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى ھۆكۈمەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قوغدايدىغان مېخانىزم سۈپىتىدە كۆرىدىغان قوغدىغۇچى دېموكراتىيە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شەخسىي ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسىنى مۇمكىنقەدەر كېڭەيتىشنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىدىغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى لىبېرال پىكىرلەر ئاساس قىلىنغان. شەخسنى ھەممە ئىش قولىدىغان كېلىدىغان ھۆكۈمەتتىن قوغداش ئارزۇسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى ئارىستوتېلنىڭ ئەپلاتونغا بەرگەن مۇنۇ جاۋابىدىن تېپىش مۇمكىن: «قوغدىغۇچىلارنى كىم قوغدايدۇ؟»

تەپتىشى بولمىغان ھۆكۈمەتكە بولغان ئەندىشىنى 17-ئەسىردە ياشىغان، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلارغا[1]، بولۇپمۇ مۈلۈك ھوقۇقىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن جون لوكمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت باج ۋاسىتىسى بىلەن مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ئىكەن، خەلقنىڭمۇ باج ئېلىش ئىشلىرىنى تەكشۈرىدىغان بىر ئورگان قۇرۇش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك ئىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، دېموكراتىيە ۋەكىللىك بىر مەجلىس ۋاسىتىسى ئارقىلىق يۈرگۈزۈلىدىغان، «ئارزۇنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش» تۈزۈمىنى كۆرسىتەتتى.

ئەمما زامانىۋىي ئۆلچەملەرگە ئاساسەن قارايدىغان بولساق، «پەقەت مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭلا ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتى بولىدۇ، چۈنكى پەقەت شۇ كىشىلەرلا ھۆكۈمەتنىڭ دەخلى تەرۇزىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ھوقۇققا ئىگە» دەپ قارايدىغان لوكنى دېموكرات دېگىلى بولمايتتى.

———————————————————-

[1]  تەبىئىي ھوقۇق –ئاساسلىق، ۋاز كېچىلمەس، ياراتقۇچى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان ھوقۇق.

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*