ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بىرلەشمە دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2021-يىلى 24-سېنتەبىر

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە بۈگۈن (24 – سېنتەبىر) ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان «ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان كىملىكلىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇم: تۈركىيەدىن توپلانغان پاكىتلارغا نەزەر» تېمىلىق دوكلاتنىڭ تۈركچە نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يىغىن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 10 دا باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان تەتقىقات ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا ئىنستىتۇت مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، بۈيۈك بىرلىك، ئىيى (ياخشى) ۋە گەلەجەك (كەلگۈسى) پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى، گېرمانىيە ۋە شىۋېتسىيەدىكى تۈرك فېدېراتسىيەلىرىنىڭ سابىق رەھبەرلىرى ھەمدە ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا ئادەم قاتناشتى.

21 – يۈز يىل ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور دوكتور قونۇرئالپ ئەرجىلاسۇن ئەپەندى، قىسقىچە مەزمۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى قول شاھىتلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن كۆزىتىش، نازارەت ئاستىغا ئېلىش، قىيىن ۋە قىستاق، مېڭە يۇيۇش ۋە جىمىقتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ تەپسىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاش بولغان ھۆججەتلىرى، خىتاينىڭ چوڭ شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇمدىكى جاۋابكارلىقى، خۇلاسە ۋە تەكلىپلەردىن تەركىب تاپقان دوكلاتنى مىساللار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئانار سومۇنجۇئوغلۇ خانىم، دوكلاتنى چۆرىدىگەن ھالدا، «تۈرك دۇنياسى نۇقتىئىنەزەرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» دېگەن تېمىدا توختىلىپ، تۈرك دۇنياسى ۋە تۈرك خەلقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، نۇرغۇن پاكىتلار ئاساسىدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ ئەھمىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خەلقئارانىڭ ئىنكاسى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە ئىشتىراكچىلار بىلەن مۇخبىرلارنىڭ ھەم دوكلات ھەم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*