تۇيغۇداشلىققا ئېھتىياجلىقمىز

2022-يىلى 11-يانۋار

 

ئا. ئەرئۇيغۇر

تۇيغۇداشلىق ( Empaty) مۇھاجىرەت ياكى دىئاسپورا ھاياتىمىزدا مەسىلىلەرگە پىكىرلەر، ئۇقۇملار، كونكرېت ھادىسىلەر، دەلىل ۋە مەلۇماتلار، نەزەرىيەلەر بىلەن قاراشنىڭ ئورنىغا، بۈيۈك شوئارلار، سىمۋوللار ۋە ھېسسىي سۆزلەر بىلەن قاراش، پەرقلىق قاراش ۋە گۇرۇپپىلارنى قۇچاقلاشنىڭ ئورنىغا چەتكە قېقىش، ئەپۇچانلىقنىڭ ئورنىغا نەپرەت، سوغۇققانلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئورنىغا قاتمال ھۆكۈم ياكى ئالدىن ھۆكۈم (ئۆن يارگى) بىلەن ھۆكۈم چىقىرىش، دىئالوگنىڭ ئورنىغا مونولوگ، بىرەر نەتىجە ياكى ئۇتۇقنى ئېتىراپ قىلىش ياكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئىنكار قىلىش، ئورتاقلىشىشنىڭ ئورنىغا مونوپوللۇق، ھۆرمەتنىڭ ئورنىغا كەمسىتىش، ” بىز” ئېڭى بويىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا “سەن” ۋە “مەن”ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىش ، شۇنداقلا خاتالىقنى خائىنلىق دەپ قاراش، ئوخشىمىغان پىكىر، نۇقتىئىيەزەر، گۇرۇپپىلارغا ئىلمىي يوسۇندا جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ئورنىغا  ئۇلارغا جاسۇس، خائىن ۋە شەيتان تامغىلىرىنى بېسىش  قاتارلىق خاھىشلارنىڭ ئىزلىرىغا شاھىت بولۇۋاتقان بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە، بىز ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەنىۋى قورال ۋە قابىلىيەتلەردىن بىرىدۇر.

ئىجتىمائىي مەخلۇق ھېسابلىنىدىغان، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەبىئىتىدە ئىجتىمائىيلىق بولغان ئىنسانغا نىسبەتەن ئوزۇقلىنىش، بىخەتەرلىك، قونالغۇ ئېھتىياجى قانداق مۇھىم بولسا تۇيغۇداشلىقمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. شۇڭا تۇيغۇداشلىق ئىنسانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ۋە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئېھتىياجلارنى ھەل قىلىشتا ئىشقا يارايدۇ. تەتقىقاتچىلار تۇيغۇداشلىقنىڭ بىراۋنىڭ جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي سەرمايە (ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بايلىقى) جۇغلىشىدا ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىدا، نۇرغۇن سىقىنتىلارغا سەۋەب بولىدىغان پىسخىكىلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئائىلە، دوستلۇق ۋە باشقىلار بىلەن ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە كۈچەيتىشتە، ساغلام پىسخىك ساپاغا ئېرىشىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.

پىسخىكىلىق داۋالاش ساھەسىدە تۇيغۇداشلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ داڭ قازانغان گۇمانىزم ئېقىمىنىڭ غول ۋەكىللىرىدىن بولغان ئامېرىكالىق كارل روگېرس، تۇيغۇداشلىقنى بىراۋنىڭ ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا  قويۇش ئارقىلىق ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئۇ كىشىنىڭ نۇقتىئىينەزىرى بىلەن قارىشى، ئۇ كىشىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە ئويلىرىنى توغرا يوسۇندا چۈشىنىشى ۋە  ھېس قىلىشى، شۇنداقلا بۇلارنى ئۇ كىشىگە يەتكۈزۈش جەريانى، دەپ ئىزاھلايدۇ . ھوفمەننىڭ قارىشىچە، تۇيغۇداشلىق ئۈچ ئامىلدىن تەشكىل تاپىدۇ. بىراۋنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن تۇيغۇداشلىق ئورنىتىشى ئۈچۈن لازىملىق بولغان  ئامىللار تۆۋەندىكىچە:

  • تۇيغۇداشلىق ئورناتماقچى بولغان كىشى ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇشى، ۋەقە-ھادىسىلەرگە ئۇنىڭ نۇقتىئىينەزىرى بىلەن قارىشى كېرەك. باشقىچە ئېيتقاندا، تۇيغۇداشلىق ئورناتماقچى بولغان كىشى قارشى تەرەپنىڭ سۇبيېكتىپ دۇنياسىغا كىرىشى لازىم. ئىنسان مەيلى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بولسۇن، مەيلى تاشقى دۇنيانى بولسۇن ئۆزىگە خاس نۇقتىئ‍ىينەزەر كۆزىتىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ. شۇڭا بىر ئىنساننى چۈشەنمەكچى بولساق، مەسىلىلەرگە ئۇ كىشىنىڭ نۇقتىئىينەزىرى بىلەن بىلەن قاراشقا، ئۇ كىشىنىڭ رولىنى ئېلىپ ئۇنىڭ دۇنيانى كۆزىتىدىغان كۆز ئەينىكىنى تاقاشقا توغرا كېلىدۇ.  قىسقا ۋاقىت قارشى تەرەپنىڭ رولىنى ئېلىپ دەرھال ئۆز ئەسلىمىزگە قايتىشىمىز كېرەك، بۇنداق قىلالمىساق تۇيغۇداشلىق ئورنىتالمىغان بولىمىز.
  • قارشى تەرەپنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ۋە ئويلىرىنى توغرا يوسۇندا چۈشىنىش لازىم.
  • تۇيغۇداشلىق ئورناتقان كىشى قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە ئويلىرىنى يەتكۈزۈشى كېرەك. قارشى تەرەپنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئويلىرىنى توغرا چۈشەنسەكمۇ، ئۇنىڭغا بۇنى توغرا يەتكۈزەلمىسەك تولۇق مەنىدە تۇيغۇداشلىق قىلغان بولالمايمىز.

تەتقىقاتلاردا تۇيغۇداشلىقنىڭ تۇغما ئىكەنلىكى ۋە ھەر قانداق كىشىنىڭ بەلگىلىك سەۋىيەدە تۇيغۇداشلىق ئورنىتىش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، تۇيغۇداشلىق مەن، سەن، بىز، جەمئىيەت، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىش بولۇپ نۇرغۇن دەرىجەلىرىنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىجتىمائىي تۇيغۇداشلىقنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشقا يارايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، بۇ قابىلىيەتنى قانچىلىك ئىشلىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدۇر. تۇيغۇداشلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىگە ئاخىرىغىچە قۇلاق سېلىشتۇر. قارشى تەرەپنىڭ (كىشى، گۇرۇپپا، ئېقىم) گېپىگە قۇلاق سالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئويىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بىز ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىدىن بەكرەك، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىمىزغا ياكى بىز ئاڭلاشنى خالايدىغان گەپلەرگىلا مەركەزلىشىمىز. بۇنىڭدىن باشقا مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە يېتىشتە، بىر تېما ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشتا، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدىغان نېمە ئۈچۈن؟ نېمىشقا؟ قانداق؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ۋە سوئال قويۇش قاتارلىقلار تۇيغۇداشلىق ئورنىتىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.

تەتقىقاتچىلار نېمىشقا؟ قانداق؟ دېگەندەك سوئاللارنى سوراش، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلاش، ھۆكۈم چىقىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، بىراۋنىڭ ئۆزگىلەرنىڭلا ئەمەس ئۆزىنىڭمۇ ھېس-تۇيغۇلىرى ۋە ئويلىرىنى ئويلاشقا تىرىشىش، ئۆتمۈشتىن ۋە خاتالىقلاردىن ئىبرەت ئېلىش، ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ تەبىئىي يۆنىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا چېقىلماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ئىنساننىڭ تۇيغۇداشلىق قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە تۇيغۇداشلىقنىڭ شەپقەت تۇيغۇسى بىلەن مەنىداش ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ ھەرىكەت قىلىشىغا، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەم، ئىناقلىق ئىچىدە ياشىشىغا، بىراۋنىڭ ئۆز مەپتۇنلۇق، تەكەببۇرلۇق، شەخسىيەتچىلىك، ئاشقۇنلۇق، نەپرەتخورلۇق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك تۇيغۇسىدىن خالاس بولۇشىغا   پايدىلىقتۇر.

مەشھۇر تۈرك پىسخولوگ دوغان جۈجەلئوغلۇ تۇيغۇداشلىقنىڭ ھېسسىي پائالىيەت بولۇش بىلەن بىرگە،  ئىنساننىڭ بىلىش ۋە چۈشىنىش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى، بىراۋ باشقىلارنى چۈشىنىشنى خالىمىغاندا ياكى چۈشىنەلمىگەندە ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن تۇيغۇداشلىققا ئۆتۈپ باشقىلارنى چۈشىنىشكە باشلىغاندا ئاچچىقىنىڭ بېسىقىدىغانلىقىنى، تۇيغۇداشلىق بولمىسا بىر ئەرنىڭ ياخشى ئەر، بىر ئايالنىڭ بولسا ياخشى ئايال، بىر دادىنىڭ ياخشى دادا، بىر ئانىنىڭ ياخشى ئانا، بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى، بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ياخشى باشقۇرغۇچى بولالمايدىغانلىقىنى، بىر ئېتىقاد ئىگىسىنىڭ ياخشى ئېتىقاد ئىگىسى بولالمايدىغانلىقىنى،  جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ۋە كوللېكتىپ نىجاتلىقنىڭ ئاساسىنىڭ «بىز» ئېڭىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، «بىز»ئېڭىنىڭ بولسا دەل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ  تۇيغۇداشلىق قابىلىيىتىنىڭ قۇدرىتى تۈرتكىسىدە شەكىللىنىدىغانلىقىنى،  شۇڭا تۇيغۇداشلىقنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى ناھايىتى مۇھىم قەدىرىيەت ۋە بايلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ  بەزى پىسخولوگلار تۇيغۇداشلىقنى «دېڭىزدىن مەرۋايىت تېپىۋېلىشقا»قا ئوخشىتىپ، ئىنسان قانچە كۆپ مەرۋايىت تاپسا شۇنچە كۆپ باي بولىدىغانلىقىنى،ئوخشاشلا قارشى تەرەپ ئۈچۈن تۇيغۇداشلىققا ئۆتكەندە ئۇ كىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ ئالاقىنىڭ تېخىمۇ راۋان بولىدىغانلىقىنى دېيىشىدۇ.

تۇيغۇداشلىقنىڭ كۈشەندىسى-ئۆز مەپتۇنلۇق

پىروفېسسور دوكتور نەۋزات تارخان دىگىتال (رەقەملىك) كۈلتۈرنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ھاياتىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن، بەزى ئىنسانلاردا ئۆز مەپتۇنلۇق  (narsist )  خاھىشىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ  بەزى كىشىلەرنىڭ تۇيغۇداشلىق قابىليىتىنى پالەچ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ئۆز مەپتۇن كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى تەلەپلىرىنى، ئېتىياجلىرىنى ھېس قىلىش ۋە چۈشىنىشتە قىينىلىدىغانلىقىنى دەيدۇ. ئۇ تۇيغۇداش قابىلىيىتىدىن مەھرۇم ئۆز مەپتۇن كىشىلەرنىڭ تېفلون (ئىسسىق ساقلاش قۇتىسى)غا ئوخشايدىغانلىقىنى، تېفلوننىڭ ئىسسىق بولۇشى ئۆزىنى كۆيدۈرمەيدىغانلىقىنى، لېكىن تۇتقانلارنىڭ قولىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز مەپتۇن كىشى ئۆزى بىلەن ئالاقە ئورناتقان كىشىنى كۆيدۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭدىن ئۆزى بىئارام بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

تۇيغۇداشلىق ھېسسىي پائالىيەت بولۇش بىلەن بىرگە، بىلىش، چۈشىنىش ۋە ئالاقە پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ  يەنە زېھنىيەت، ئۆگىنىش، ئادەت، قابىلىيەت ، قەدىرىيەت، شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىدۇر. تۇيغۇداشلىق ھەمكارلىقنىڭ، ئۆملۈكنىڭ، بولۇپمۇ «بىز»ئېڭىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلاردىكى « پىچاقنى ئاۋال ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئاندىن باشقىلارغا»، « ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرمە» دېگەن ھېكمەتلەرمۇ، ماھىيەتتە دەل ئىنسانلاردىكى تۇيغۇداشلىق ئىقتىدارىغا ئىما قىلىدۇ.

 

 

 

پايدىلدنغان مەنبەلەر

https://bilimgenc.tubitak.gov.tr/makale/tum-yonleriyle-empati-empati-nedir-neden-gereklidir-gelistirilebilir-mi

https://www.pinarpekbas.com/tr/article/desc/35023/empatinin-tanimi-ve-tarihcesi.html

https://www.bilgiustam.com/empati-nedir-faydalari-nelerdir/

(https://www.gonuldergisi.com/kisiler-ustu-toplumsal-empati-prof-dr-nevzat-tarhan.html

https://uskudar.edu.tr/tr/icerik/4805/prof-dr-nevzat-tarhan-narsistik-kisilerde-empati-korlugu-vardir

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*