تەشۋىقاتنىڭ ماھىيىتى

2020-يىلى 17-ئاپرېل

ئەلتۇغ

 

مۇقەددىمە ئورنىدا

ھازىر خەلقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن زورلۇق-زومبۇلۇق ئىشلىتىشكە كېرەك قالمىدى. چۈنكى ھۆكۈمران سىنىپ ئۇچۇر-ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ خەلقنىڭ ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇش، ھالىدىن كەتكەن ئاۋام-خەلقكە تەييار نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئاسانلا يىتەلەيدۇ. كىشىلەر ئەتراپىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسەلەر ھەققىدە پىكرى يۈرگۈزۈشكە ئايرىيدىغان بوش ۋاقىتلىرىنى خىزمەت، يىغىن، ئەرزان ۋە مەنىسىز كۆڭۈل ئېچىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلماقتا. ئاۋام پسىخولوگىيەسى ئىنسانلارنى ھەقىقەت بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەپسانە-توقۇلمىلارغا ئىشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە، رېئاللىقمۇ بۇلارنى ئىسپاتلىماقتا. ئۇچۇر-ئالاقە ۋە تېلېۋىزور پسىخىكىسى شۇنداق ئىنچىكلىك بىلەن لايىھەلەنگەنكى، ئىنسانلارنىڭ ئېڭىنىلا ئەمەس تۇغما تالانتىنىمۇ مەجھۇل ھالەتكە كەلتۈرۈشنى كۆزلەيدۇ. يەنى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ پائاللىقىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مەجبۇرلانغان تاللاشنى ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلدىم، دەپ قارىشىنى ياكى (تاللاشنى) ئادىتىگە ئايلاندۇرىۋىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.[1]

 

كىرىش

تەشۋىقات تەشۋىقات ئىگىدارلىرى تارىختىن بىرى پەرقلىق شەكىل ۋە ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ مەلۇم مەقسەت ۋە نىشانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھادىسە بولۇپ، ئوخشىمىغان دەۋىر ۋە شۇ دەۋرىنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان. كۆپىنچە باشقۇرغۇچى ۋە باشقۇرۇلغۇچى، ئۈندىگۈچى ۋە ئۈندەلگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى ۋە قوبۇل قىلغۇچى، مەجبۇرلىغۇچى ۋە مەجبۇر قىلىنغۇچى، تەمىنلىگۈچى ۋە تەمىنلەنگۈچى ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق دېنامىكلىق، ئىلاستىكىلىق ۋە دۇئالىزىملىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ جەريانى سۈپىتىدە نامايەن بولغان. شەخىسلەر-كوللىكتىپلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، كۆز-قارىشى، پوزىتىسيەسى، قارارى ۋە تاۋارلىرىنىڭ، ئومۇمەن ئىستەكلىرىنىڭ نىشانلىق شەخىس ياكى ئاۋام تەرىپىدىن ياقتۇرۇلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئاۋامغا يىتەكچىلىك قىلىش، ئۇلارغا قوبۇل قىلدۇرۇش، ئۇلارنى قايىل قىلىش… قاتارلىق جەريانلاردا تەشۋىقاتقا مۇراجىئەت قىلغان. تەشۋىقاتمۇ تەشۋىقات ئىگىدارلىرىنىڭ تەلەپ-ۋە ئىستەكلىرىنى بويلاپ نىشان قىلىنغان ئىجتىمائىي جامائەلەر ياكى كەڭ ئاۋام-خەلقنىڭ پەرقلىق ئويلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقستىدە پائال مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. تەشىۋىقاتتا ئىشلىتىلگەن سۆز-ئىبارە ۋە ئۇچۇرلار نىشانلىق ئاممىنىڭ دىققەت-ئىتىبارىنى بىۋاستە تەشۋىقات ئىگىدارلىرىنىڭ يۆنىلىشىگە قارىتىش ئۈچۈن ئامما ئىچىدىكى مەۋجۇت ۋەزىيەت ۋە خاھىشقا ماس، ئاممىنىڭ پسىخولوگىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىغا مۇۋاپىق شەكىلدە مونتاژ قىلىنىپ، ئامما ئارزۇ قىلىدىغان نەتىجىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئاممىنىڭ نۆۋەتتىكى رازىمەنلىكى رامكىسىدا ئەڭ جەزبىدار ئىستەكلەرنى ۋەدە قىلىش تەرزىدە نامايەن بولىدۇ.

ئاخبارات ئۇيغۇرتىلىغا ئەرەپچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئەرەپچە خەۋەر دېگەن يەككە سۆزنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئاخباراتنىڭ ئىستىمالدىكى مەنىسى توختاۋىسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان يېڭىلىق، ۋەقە-ھادىسە، ھەرىكەت-پائالىيەت قاتارلىق ئوبيېكتىپ رېئاللىقنىڭ پەرقلىق نۇقتىلاردىن دەل ۋاقتىدا خاتىرلىنىشى دېگەنلىكتۇر. ئاخبارات مۇخبىرلىرى ياكى ئاخباراتچىلارنىڭ قىممىتى بار دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى خەۋەرلەشتۈرۈپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىشى ئاخباراتنىڭ تاماملىنىشىدۇر. ئاخبارات مۇخبىرلىرىنىڭ ئاخباراتنى تارقىتىش، كەڭ ئاممىغا يەتكۈزۈش، ئاممىنى يىڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن سايمان، ئۈسكۈنە، قورال ۋە مۇئەسسەلەر بولسا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى تاراتقۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىنتېرنېت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرى مەيدانغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، 1990-يىلىدىن كىيىن ئىنتېرنېتنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشى نەتىجىسىدە بۇ ئاتالغۇلاردا قسىمەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. غەرب ۋە ئامېرىكىدا ئاخبارات ۋاستىلىرى ياكى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى مېدىيا دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىنتېرنېت بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىنتېرنېت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرى بىلەن پەرقىلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئەنئەنۋى مېدىيا ۋە يېڭى مېدىيا دەپ ئاتاشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى مېدىيا بىلەن ئىنتېرنېت ئۇللۇق يېڭى مېدىيا زىچ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكتىن بەزىدە ئوخشاشلا مېدىيا دەپ ئاتايدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. ئۇچۇر تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر ئالمىشىشىنىڭ تېزلىكى، سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل ئاتالغۇلارنىڭ يەرشارىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرتىلىدىمۇ بۇ ئاتالغۇلار ماس ئۆزگەرمەكتە ۋە يەرشارىلىشىش قەدىمىگە يېتىشمەكتە.   ئەسىرلەردىن بىرى ئىشلىتلىپ كېلىۋاتقان، دەۋىر شارائىتىغا ئاساسەن پايدىلىنىلغان گېزىت، ژۇرنال، تېلېگىراق، تېلېڧۇن، رادىيو ۋە تېلېۋىزۇرلار بۇ ۋاستىلار ئەنئەنىۋى مېدىيا(ئاممىۋى تاراتقۇلارمۇ دېيىلىدۇ) كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.

تەشۋىقات ئىگىدارلىرى تۇنجى گېزىت، تۇنجى رادىيو بارلىققا كەلگەن مەزگىلدىمۇ بۇ ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ دەسلەپ نىسىۋىسىنى ئالغان ئىدى. فېئودال جەمىئىيەتتىن كاپىتالىسىتىك جەمىئىيەتكە ئۆتۈش جەريانىدا فېئودال جەمىئىيەتتىكى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان بىكىنمە ھالەتتىن كاپىتالىستىك ئىگىلىك شەكلىگە ئۆتۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. بولۇپمۇ سانائەت ئىنقىلابىدىن كىيىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنى تاللىدى. بىيۇكراتلار ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئۇچۇرغا ئىھتىياجلىق بولدى ھەم ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى. نەتىجىدە مەزكۇر توپ ئاخبارات ساھەسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. شۇ دەۋرىنىڭ تىپىك ئاخبارات ۋاستىلىرى بولمىش گېزىت ۋە نەشىر ئەپكارلىرى بىيۇكراتلارنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدىغان قورالى بولۇپ قالدى. بىيۇكراتلار ئۆزىنى تونۇتۇش، كاپىتال ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىىتىدە ئاخبارات ساھەسىگە ئاققاچقا بۇرزۇئازىيە گېزىتلىرى كۆپەيدى. ئاگېنىتلىقلار، رادىيو ئىستانىسلىرى قۇرۇلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە سانائەت ئىنقىلابىي ئالدى-كەينىدە ئاخبارات ساھەسى بۇرژۇئا توپىنىڭ كانىيى سۈپىتىدە خىزمەت قىلدى ۋە قىسمەن شۇلارنىڭ سايىسدە تەرەققىي قىلدى.

بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بولسا سىياسىيلار رادىيونى كۈچلۈك تەشۋىقات قورالى قىلىپ ئىشلەتكەن. گېتلىر روسىيەگە ھۇجۇم قىلغان چاغدا دېگەن دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بىر جۈملە سۆز رادىيونىڭ تەشۋىقات كۈچىنى تېخىمۇ جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرسە كېرەك: «موسكۋانى قولغا ئالغاندىن كىيىن تۇنجى بولۇپ رادىيو دىكتورىنى ئۆلتۈرىمەن». بۇ سۆزنىڭ مەنبەسى نائېنىق بولسىمۇ نۇرغۇن ئۇرۇش مۇخبىرلىرىنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى «گېتلىرنىڭ» سۆزىنى دېگەندەك خاتا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. رادىيو ئىستانسىلىرى ئۇرۇش مەزگىلىدە قارشى تەرەپ خەلقىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىنى قورقۇتۇش، تەشۋىشلەندۈرۈش، ئۆز خەلقىنى جاسارەتلەندۈرۈش… دېگەندەك سىياسىي مەقسەتلەرگە ناھايتى كۆرۈرنەرلىك خىزمەت قىلغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى ماقالىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قىسمىدا ئىزاھلىنىدۇ.

ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخىنىكىلىق تەرەققىيات ۋە كۈنسىرى يۇقرى پەللىگە قاراپ ئۆرلەۋاتقان ئىلىمي تەتقىقات ساھەسى، دەۋىر ۋە جەمىئىيەتنىڭ ئىھتىياجى تەشۋىقات ساھەسىدىمۇ پەرقلىق تەشۋىقات شەكىلى ۋە ۋاستىلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى. تەشۋىقات ئىگىدارلىرى ئۈچۈن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىمكانىيەتلەر ئالتۇن تەخسىدە سۇنۇلدى. تەتقىقاتچىلار 21- ئەسىرگە ئۇچۇر دەۋرى، ئۇچۇر جەمىئىيتى، ئۇچۇر تورى كەنتى، يەرشارى كەنتى… دېگەندەك مۆلچەرلەر بىلەن قەدەم باسقانىدى؛ نۆۋەتتىكى رېئاللىق ۋە ئۆزگىرىشلەر ئۇ مۆلچەرلەرنى بىرمۇبىر ئىسپاتلىدى. 21-ئەسىرنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېتنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قوللىنىشى ئۈچۈن دۇنياغا ئېچىۋىتىشى نەتىجىسىدە بۇ مۆلچەرلەرنىڭ نەقەدەر توغرىلىقىنى ھەربىر ئىنسان ھىېس قىلىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋە خەۋەرلىشىش شەكىللىرى ئۆزگىرىشكە قاراپ يول تۇتتى. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي دائىرىلەر رېئال مۇھىتتىن مەۋھۇم مۇھىتقا، يەنى ئىنتېرنېت مۇھىتىغا يۆتكىلىشكە باشلىدى. ئىنتېرنېت تەرەققىياتى ۋە ئىنتېرنېت ئۇللۇق يېڭى خەۋەرلىشىش ۋاستىلىرى بۇ يۆتكىلىشنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلەتتى. نۆۋەتتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ(سوتسىيال مېدىيا) ياكى ئىجتىمائىي خەۋەرلىشىش سۇپىلىرى، دەپ نام بېرىلگەن پاراڭ قوراللىرى سۈپىتىدە ئىجاد قىلىنغان تېخىنىكا ھاسىلاتلىرى ئىجىتمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ۋە مائارىپ ساھەلىرىدە ئۆز كۈچىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بۇ تەرەققىيات ئېقىنىدا تەشۋىقاتتىن ئىبارەت غايەت روز مەقسەتچانلىققا ئىگە بولغان پائالىيەتمۇ بار كۈچى بىلەن ئاقتى. بۇ ئېقىنلاردىن ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇددىئالىرى رامكىسىدا پايدىلاندى.

ئالاقە ۋاستىلرىدا ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق كىشلەر ئارىسىدا ئورتاقلىق ھاسىل قىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئىنسانلار ئۆزىدە بار بولغان مەلۇمات، چۈشەنچە ۋە پوزىتىسيەلەرنى ھەرخىل يوللار بىلەن باشقىلارغا ئاغدۇرۇش ئارقىلىق جەمىئيەتتە ئوخشاشلىق ۋە بىرلىك ھاسىل قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. سياسەتشۇناس دان نېمگومۇ خەۋەرلىشىشنى«ئىنسانلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە ئاساس سالىدىغان، دۇنياۋى ئوبراز يارىتىدىغان چۈشەنچىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ۋە بۇ ئوبرازلارنىڭ سىمىۋۇللارنىڭ ياردىمىدە ئۆزگەرتىلىدىغان، يېڭىلىنىدىغان بىر ئىجتىمائىي ھەرىكەت جەريانى»،دەپ قارايدۇ. خەۋەرلىشىش ئنساننىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىگە كېلىشى ۋە ئۆزىنىڭ  شەخسىي كۆز قارىشىنى ھەرىكەت شەكلى سۈپىتىدە ئىپادىلىشدۇر[2]  دېيىش ئارقىلىق ئالاقىلىشىشنىڭ ھەرىكەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇلۇش ھادىسىسىگە ئىشارەت قىلىدۇ. شۈبىھسىزكى خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇ جەرياننى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى، ئاكتىپلاشتۇردى، جانلىقلاشتۇردى. كۆزلىگەن ئۇچۇر كۆزلەنگەن ھەدەپكە تېخىمۇ قولاي يېتىپ بارالايدىغان بولدى. ئالاقىلىشىشنىڭ يەنى ئۇچۇر ئالاقىنىڭ ئايلىنىش تېزلىكى تەشۋىقات جەريانى ۋە كۆزلىگەن مەنزىللەرنى قىسقارتتى.

تەشۋىقات بىلەن ئاخبارات دائىم بىر-بىرى بىلەن ئارلاشتۇرىۋىلىدىغان ئىككى ئۇقۇم بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككى ئۇقۇم بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە خاراكتېر جەھەتتىن بىر بىرسىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. تەشۋىقات كۈچلۈك مەقسەتچانلىققا ئىگە پىلان، ئاخبارات ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان ئىمكان؛ تەشۋىقات پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن توختاۋىسىز تىركىشىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جەريان، ئاخبارات بۇ جەرياننى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان مەيدان؛ يەنى تەشۋىقات بىر مەقسەت، بىر پىلان، بىر ھەرىكەت، بىر جەرياندىن تەشكىل تاپىدۇ دېيىلسە، ئاخبارات تەشۋىقاتنىڭ مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ جەريانىنى خاتىرلەيدۇ ۋە يايىدۇ، تەشۋىقاتنىڭ كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشەلىشى ئۈچۈن ۋاستىلىق رول ئۆتەيدۇ. يىغىنچاقلىغاندا ئاخبارات تەشۋىقاتنىڭ قورالى، ۋاستىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئاخبارات ساھەسىنىڭ خىزمىتى خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، تەشىۋىقاتنىڭ مەقىستى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاخباراتنىڭ خىزمىتى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تەشۋىقاتنىڭ كويى يىتەكلەش ۋە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت بولىدۇ(بولۇشى كېرەك). ئۇنڭدىن سىرت تەشۋىقات نۇقۇل ئاخبارات ۋاستىلىرىغلا تايانمايدۇ. يۇمشاق كۈچ، ئاممىۋى دىپلۇماتىيە، جامائەت دىپلوماتىيەسى قاتارلىق ڧىزىكىلىق پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتىمۇ تەشۋىقاتنىڭ پىلانى رامكىسىدا لايىھەلەنگەن بولىدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرى(مېدىيا ياكى تاراتقۇ) ئاخباراتنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ۋاستە بولغاندەك، ئاخباراتمۇ تەشۋىقاتنىڭ ئەكىس ئېتىشى ۋە قوبول قىلدۇرىلىشى جەريانىدا ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كۆپ خىللىشىشى تەشۋىقات ۋە تەشۋىقات ئىگىدارلىرىنىڭ تەلىيى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەمما غەرب ئاخبارات ئۆلچىمىدە ئاخبارات ساھەسى نۇقۇل تەشۋىقات ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ. ئاخبارات خەۋەلەندۈرۈش ۋە خەلقنىڭ باياناتچىسى رولى بولۇش ڧۇنكىسيەسىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەمما كومۇنىست رېجىم ۋە مۇستەبىت دۆلەتلىرىدە دەل ئەكىسچە.

تەشۋىقات ئۇقۇمى، تەشۋىقاتنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى ساۋاتلار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش بۇ ماقالىنىڭ مەقسىدىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ رامكىدا خىتاينىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىئنەزىرىدە تۇرۇپ تەھلىل قىلىنىپ، مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق تەشۋىقات نەزەرىيەلىرى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.

 

[1] ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ،  شەرق بىلەن غەرپ ئارىلىقىدا ئىسلام، ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى (ئادىلجان ئەرئۇيغۇر تەرجىمىسى) 2014-يىلى  100-بەت.

[2] Dan Nimmo, Political Communication and Public Opinion in America. California, 1978, s.4.

 

 

 

ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*