تارىختىكى ئەڭ ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە كورونا

2020-يىلى 19-مارت

تەييارلىغۇچى: ئادىلجان

يەرشارىمىزنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىنى باشقا جانلىقلار بىلەن ئورتاقلىشىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مىكروسكوپتىك باكتېرىيە ، مىكروب ۋە ۋىرۇسلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز ئىستېمال قىلىۋاتقان ئوزۇقلۇقلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلارمۇ بار ، لېكىن بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلارمۇ بار.

ھازىرمۇ بەدىنىڭىزدە ، قول ۋە ئېغىزدا يامان سۈپەتلىك باكتېرىيە ۋە مىكروبلار بار. مەسىلەن ، بەدىنىمىزدە ئەجەللىك ستافىلوككوك باكتېرىيەسى بولۇش ئېھتىماللىقى% 25 ، بۇ باكتېرىيە سىزگە زىيان كەلتۈرمەسلىكى مۇمكىن ، ئەمما ئۇنى باشقىلاردىن ئالسىڭىز ، ھاياتىڭىزدىن ئايرىلىشىڭىز مۇمكىن.

بىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىز ۋە بۈگۈنكى تېبابەتچىلىكنىڭ مۇمكىنچىلىكى بىزنى قوغداشقا يېتەرلىك ، ئەمما بۇ مىكرو ئورگانىزملار دۇنيادا بىزدىن ئۇزۇنراق ياشاپ ، ئۆزلىرىنىڭ نەسەبىنى ساقلاپ قېلىشتا بىزدىنمۇ چىداملىقتۇر.

ئەلۋەتتە ، ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىش ئىرادىسىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. گەرچە زور زىيانلار بولغان بولسىمۇ ، ئىنسانىيەت تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ دەھشەتلىك يۇقۇملۇق كېسەلدىن قۇتۇلۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

ئىنسانىيەت تارىخىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر:

1. ئانتونىنۇس (گالېن) ۋىرۇسى

مىلادىيە 165-180-يىللىرى ئارىسىدا رىم ئىمپېرىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋە شەرقتىكى ھەربىي يۈرۈشلەردىن قايتقان ئەسكەرلەر يۇقتۇرۇپ كەلگەن يۇقۇملۇق كېسەل ئانتونىنۇس ۋىرۇسى، كۈنىگە 2 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇنجى يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر.

تەتقىقاتچىلار بۇ كېسەلنىڭ گۈل ياكى قىزىل كېسەل ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان بولسىمۇ ، ھەقىقىي سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. بۇ ۋەقە رىم ئىمپېراتورلىرى لۇكىيۇس ۋېرۇس ۋە ماركۇس ئورېلىيۇس ئانتونىنۇسنىڭ ئۆلۈشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئىمپېرىيە بولسا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 30 پىرسەنتىدىن ئايرىلغان قالغان.

2. جاستىنيان ۋىرۇسى

ئىمپېراتور جاستىنيان 541-يىلى كونستانتىنوپولدا تەختتە ئولتۇرغاندا ، ياۋروپادا باشلانغان يۇقۇملۇق كېسەل ئالدى بىلەن مىسىر ، ئاندىن پەلەستىن ، سۈرىيە ۋە ئانادولۇغا يېتىپ كەلگەن. گەرچە جاستىنيان كونستانتىنوپولغا بارىدىغان بارلىق چىقىش ئېغىزىنى تاقىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما يۇقۇملۇق كېسەل شەھەرگە ئېلىپ كەلتۈرۈلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىكى چاشقانلار ئارقىلىق شەھەرگە كىرگەن.

چاشقانلارنىڭ پەيلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «Xenopsylla» دەپ ئاتىلىدىغان تۇراقسىز ھاشارات ئاشقازىنىغا «Pasteurella pestie» دەپ ئاتىلىدىغان ئەجەللىك ۋىرۇس باكتېرىيەسىنى ئېلىپ يۈرگەن. بۇ ھاشاراتلار ئۇچۇپ يېقىن ئەتراپتىكى باشقا چاشقانلارنىڭ پەيلىرى ئارىسىغا ئورۇنلىشىپ ، تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن.

ئادەم بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىپ ، ۋىرۇس مىكروبلىرىغا يۆتكەلگەن ھاشاراتلار بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇلار يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بىر ھەپتە ئىچىدە ۋابا شەھەردە تېز تارقىلىپ ، ئۆلۈم باشلانغان. ئوردىنىڭ ئەتراپى ھەربىي قىسىملار تەرىپىدىن كارانتىن قىلىنغان. دەسلەپتە كۈنىگە نەچچە يۈز ئادەم بولغان قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىڭغا يەتكەن. دەپنە قىلىنىدىغان يەرلەر تولۇپ بولغاندا ، ئۆلۈكلەر دېڭىزغا تاشلانغان.

بۇ كېسەللىك نورمال ھالەتنى ساقلاپ ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزلۈكىدىن غايىب بولغان ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان كونستانتىنوپول نوپۇسىنىڭ% 40 دىن ئايرىلىپ قالغان. يۇقۇملۇق كېسەل ئەمگەك كۈچى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سانىنى يوقىتىپ ، ۋىزانتىيەنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، ياۋروپا تارىخىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

3. قارا ۋابا

1346-يىلدىن 1353-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن قارا ۋابا يۇقۇملۇق كېسەل لىكى تۈپەيلى 75 مىليوندىن 200 مىليونغىچە ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى تەخمىن قىلىنىدۇ. گەرچە ئېنىق ساننى بىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ، ئەمما بۇ يىللاردا ياۋروپا نوپۇسىنىڭ% 30 تىن% 60 كىچە ئازايغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ئېغىر پاجىئەدىن كېيىن ياۋروپالىقلار “تەڭرىنىڭ ئادالىتى”دىن گۇمانلانغان،خىرىستىيانلىقنىڭ “ھەق”دىن ئىكەنلىكىدىن شەكلىنىشكە باشلىغان. ئاقىۋەت غەرب دۇنياسىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى، ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھات ھەرىكىتى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىپ مودېرن دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىگە زېمىن ياراتقان.

4. يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۇ چېچىكىگە دۇچ كېلىشى

15- ئەسىردە ، ياۋروپالىقلار يېڭى دۇنيانى بايقىدى. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان ياۋروپالىقلار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەنى يەرلىكلەرگە يۇقتۇردى. سۇ چېچىكى ئاللىقاچان ياۋروپانىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئۆلتۈرگەنىدى ، ئەمما يەرلىك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ياۋروپالىقلارغا ئوخشاش تەرەققىي قىلمىغانىدى، شۇنداقلا يېتەرلىك دورىلىرى بولمىغان يەرلىك ئامېرىكىلىقلار سۇ چېچىكىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ يۇقۇملۇق كېسەل تۈپەيلى مىليونلىغان كىشى ئۆلگەن، تەخمىن قىلىنىشىچە، 90% يەرلىك ئاھالە قازا قىلغان. بۇ ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ ئامېرىكىنى مۇستەملىكە قىلىشىنى ئىنتايىن ئاسانلاشتۇغان. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ، ئىككى يەرلىك ئامېرىكىلىقتىن بىرى بىرى ياۋروپادىن ئېقىپ كەلگەن يۇقۇملۇق كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

5. كوكولىزتلى (Cocoliztli) ۋىرۇسى

16 -ئەسىردە “يېڭى ئىسپانىيە”نامى بېرىلگەن ھازىرقى نامى مېكسىكىدا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە يۇقۇملۇق كېسەل لىكنىڭ پەيدا بولۇشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان يۇقۇملۇق كېسەل پالاكىتى “كوكولىزتلى ۋىرۇسى” دەپ خاتىرلەنگەن.

بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ، بېلىقتا بايقالغان سالمونېللا باكتېرىيەسىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارالغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەل لىك، 1520-يىلدىن 1576-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا جەمئىي 15 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ، بۇ مايا مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ، ۋېنېسۇئېلادىن كاناداغىچە تارقالغان.

6. ئوخشىمىغان يەتتە خىل خولېرا ۋىرۇسى

مەدەنىيەت تارىخىمىزدا يەتتە چوڭ خولېرا ۋىرۇسى پەيدا بولدى ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەجەللىك بولغىنى 1852-يىلدىن 1860-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكتۇر. خولېرانىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشى ئىدى ، ئەمما بۇنىڭ سەۋەبى ئۈچىنچى قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرگۈچە ئايدىڭلاشمىدى.

ئۇزۇن مۇددەت ئىنسانلارنىڭ تەرەتلىرى ۋە تاشلاندۇقلىرىمۇ ئىچىملىك ۋە تاماق ئېتىشكە ئىشلىتىلىدىغان سۇ مەنبەسىگە تۆكۈلدى. ھىندىستان بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىدى.

2011-يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتقا قارىغاندا ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ مەينەت دەريالارنىڭ بىرى بولغان گانگې دەرياسىدا 100 مىللىمېتىردا 1 مىليارد 100 مىليون چوڭ تەرەت باكتېرىيەسى بار. بۇ نىسبەت ئەڭ مەينەت سۇدىكى باكتېرىيە نىسبىتىدىن 500 مىڭ ھەسسە كۆپ. ھىندىلار بۇ دەريادا يۇيۇنۇشنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ ، ئۇلار كۈندىلىك ئىشلىرىدا دەريا سۈيىدىن ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن خولېرا بۇ رايوندا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.

19-ئەسىردىكى چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن خولېرا ھىندىستانغا، بۇ يەردىن ئافغانىستان ۋە روسىيەگە تارقالغان. رەسمىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ھەتتا روسىيەدىمۇ 1 مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەل ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكىغا يېتىپ كەلگەن.

خولېرا بىلەن يۇقۇملانغان ھەر 5 ئادەمنىڭ بىرىدە خەتەرلىك ئىچ سۈرۈش كۆرۈلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ يېرىمى تېز داۋالىمىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ. گەرچە يەتتە خولېرا يۇقۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى ئېنىق بولمىسىمۇ ، ئەمما بۇنى مىليونلىغان كىشى بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.

ئۈچىنچى قېتىملىق يۇقۇملۇق كېسەل يۈز بەرگەندە، دوختۇرلار ئاندىن خولېرانىڭ سەۋەبىنى بايقىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ، ئىچىملىك سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قاينىتىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىلىم دۇنيادا كەڭ تارقالدى.

7. ئۈچىنچى ۋابا ۋىرۇسى

1855- يىلدىن 1859-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا باشلانغان ۋە دۇنياغا تارقىلىپ ، پەقەت خىتاي ۋە ھىندىستاندىلا 12 مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك، جاستىن ۋاباسى ۋە ياۋروپانىڭ قارا ۋاباسىدىن كېيىنكى «ئۈچىنچى چوڭ ۋابا» دەپ ئاتالغان. تەسىرى بىر ئەسىرگە سوزۇلغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەل يىراق شەرقتىن كەلگەن چاشقانلار بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگە ئېلىپ كېلىنگەن. ئىلگىرىكى ۋابالارغا ئوخشىمايدىغىنى ، تېببىي ئىلىم بۇ كېسەللىك ۋە داۋالاش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا يول قويدى. ئانتىبىئوتىك دورىلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدى.

8. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى تىفۇس يۇقۇملۇق كېسەل

1914-يىلدىن 1918-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تىفۇس باكتېرىيەسىنى توشۇغان پىتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەل، ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ھادىسە ئىدى. ياۋروپا ۋە ئاسىيادا بۇ تۈپەيلى 25 مىليون ئادەم كېسەل بولدى ، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە 3 مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆلدى. غەرب دۆلەتلىرى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ نېمە سەۋەبتىن تېز بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ ، پىتنى يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. شەرق دۆلەتلىرى كېيىن تەدبىر قوللاندى ، شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ يېرىدە تېخىمۇ كۆپ ئادەم قازا قىلدى.

9. 1918 ئىسپانىيە زۇكۇمى

H1N1 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يىللاردا تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن 500 مىليون ئادەم بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ، پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا 50 دىن 100 مىليونغىچە ساغلام ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ سان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

بۇ ۋىرۇسنى باشقىلاردىن پەرقلەندۈرىدىغىنى شۇكى ، ئۇ ھۇجۇم قىلغان بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا ، قىزىش شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئىسپانىيە زۇكىمى تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئاپەتنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى بۇ ۋىرۇس ئېغىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاقىۋەتلەر پەيدا قىلدى. ماكس ۋېبېر، گۇستاۋ كلىمىتقا ئوخشاش مەشھۇرلارنىڭ، ترامپنىڭ بوۋىسىنىڭ، خانلار ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئىسپانىيە زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئىچىدە نېمىس ئىمپېراتورى 2.ۋىلھېم، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىدىن ۋودروۋ ۋىلسون، فىراكلىن روزېلېۋىت، ئەنگلىيە باش ۋەزىلىرىدىن لىيورد جورج، ۋالت دىسنېي، گرېتا گاربو، ھېيېك، كافكا قاتارلىقلارمۇ بار.

10. 1957 ئاسىيا زۇكىمى

بۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى يەنە خىتايدا باشلانغان بولۇپ ، ئۆردەكلەردە ئۆزگىرىشكە ئۇچراپ ئادەم بەدىنىگە ئۆتىدۇ. ئاسىيا زۇكىمى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ يۇقۇملۇق كېسەل 4 مىليونغا يېقىن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئوخشاش ۋاكسىنا بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدى ئېلىندى. بىر يىلدا 40 مىليون ئادەمگە ۋاكسىنا سېلىندى.

ئاسىيا زۇكىمى كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا سېلىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەسىرىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم مىساللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

11. < HIV> ئەيدىز ۋىرۇسى

20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، مايمۇندىن ئىنسانلارغا ئۆتكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان تۇنجى بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى 1959-يىلى كونگودا كۆرۈلگەن. ئەپسۇس، ئۇنىڭ دىئاگنوزى ۋە ئىسمى پەقەت 1980-يىللاردىلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. يېقىنقى 30 يىلدا 36 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋىرۇسنى داۋالاشنىڭ چارىسى يوق. پەقەت ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ۋە كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك دورا بىلەن داۋالاش كېرەك.

نۆۋەتتە دۇنياغا تارقىتىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسى ياكى ترامپنىڭ ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا “خىتاي ۋىرۇسى” كەينىگە ئۆلۈملەر ۋە كارىنتانىلارنى قالدۇرۇپ كەتمەيدۇ.

90-يىللاردىن باشلاپ كەڭ ئومۇملىشىۋاتقان يەر شارىلىشىش ھادىسىسىگە، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كېتىش دولقۇنىغا خاتىمە بېرىدىغان، دۆلەتلەرنى بېكىنمە ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغان، سالامەتلىك ئۈچۈن  ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرى ئەھمىيەتسىز بولۇپ قالىدىغان، بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان، ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىت دۆلەت تەلىپىنى ئۇلغايتىدىغان، كېسەل ئىنسان-خەتەرلىك ئىنسان ئايرىمى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسان چۈشەنچىسىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدىغان، ئۇلۇس مەنپەئەتى ۋە دۆلەت سىرى دېگەندەك ئۇقۇملارغا زىيان بېرىدىغان خەتەرلىك بىر ۋىرۇسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ ۋىرۇس 2020-يىلدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ئامېرىكا-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈكلۈكنى تېخىمۇ ئېچىۋېتىشى،خىتاينىڭ يۈكسىلىشىنى تورمۇزلاپ قويۇشى، ئىراندا ھاكىمىيەتكە قارشى ئىسيانلارنى كۈچەيتىشى مۇمكىن (يىلدىراي ئوغۇر).

مەنبە:

https://tr.euronews.com/2020/02/16/tarihteki-en-olumcul-salginlar-hangileriydi-neden-olustular-ve-nasil-sona-erdiler

https://www.karar.com/bir-virus-dunyayi-nasil-degistirir-1549512

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*