سىياسەت 3- باب، سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەر

2020-يىلى 5-دېكابىر

ئۈچىنچى باب، سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەر

 

«پەيلاسوپلار دۇنيانى پەقەت ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن شەرھلىدى. ھالبۇكى مەسىلە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئىدى.»

— كارل ماركس، فېييىرباخ تېزىسى (1845)

 

ھېچكىم دۇنيانى مەۋجۇت ھالىتىدىكىدەك كۆرمەيدۇ. ھەممىمىز دۇنياغا نەزەرىيە ۋە پەرەزلەر بىلەن توسۇلغان پەردىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قارايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانى كۆزىتىش ۋە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. دۇنياغا قارىغىنىمىزدا، ئۇنىڭغا بىر مەنە بېرىمىز، بۇ سىياسەت ئىلمى تەتقىقاتى نۇقتىسىدىن مۇھىم نەتىجىلەر بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ، بولۇپمۇ بۇ سىياسەت تەتقىقاتىنى باشلىغاندا، پەرەز ۋە قاراشلىرىمىزنى نامايەن قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ئالدىن قوبۇللارنىڭ يىلتىزى «سىياسىي ئىدېئولوگىيەلەر» سۈپىتىدە ئوقۇملاشتۇرۇلغان تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى سىياسىي ئەقىدىلەر ياكى ئەنئەنىلەردۇر.  بۇ «ئىزىملار (لىبېرالىزم، سوتسىيالىزم، كونسېرۋاتىپلىق، فېمىنىزم، فاشىزم قاتارلىقلار)»نىڭ ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ئىلمىي كاتېگورىيە ياكى ئىلمىي ئۆرنەكنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ھەر بىرى بىزگە ئۆز سىياسىي چىنلىق چۈشەنچىسىنى ۋە ئۆز دۇنيا قارىشىنى تەقدىم قىلىدۇ. لېكىن ھەم ئىدېئولوگىيەنىڭ تەبىئىتى ھەمدە ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتتىكى ياخشى يامان رولى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىختىلاپ مەۋجۇت.

بۇ بابتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

  1. سىياسىي ئىدېئولوگىيە دېگەن نېمە؟
  2. ئاساسلىق ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبلىرى، نەزەرىيەلىرى ۋە پىرىنسىپلىرى قايسىلار؟
  3. ھەربىر ئىدېئولوگىيەنى قورشاۋغا ئېلىۋالغان رەقىب ئەنئەنىلەر ياكى ئىچكى زىددىيەتلەر قايسىلار؟
  4. مەلۇم ئىدېئولوگىيەلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ قانداق ئۆزگىرىۋاتىدۇ؟
  5. ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ئاجىزلىشىشىنى قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن؟
  6. ئىدېئولوگىيەلەر تۈگەشتىمۇ؟ ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ تۈگۈنى بولامدۇ؟

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*