سىياسەت 2-باب: ھۆكۈمەتلەر، سىستېمىلار ۋە ھاكىمىيەتلەر

2020-يىلى 24-نويابىر

ئىككىنچى باب

ھۆكۈمەتلەر، سىستېمىلار ۋە ھاكىمىيەتلەر

 

 

«ئەڭ ياخشى باشقۇرۇش ھېچ باشقۇرماسلىقتۇر.»

—ھېنرى داۋىد تورېئو، «پۇقراۋىي بويسۇنماسلىق» (1849)

 

ئەسىرلەر بويى ھەرخىل ھۆكۈمەت شەكىللىرىنى تۈرگە ئايرىش سىياسىي ئانالىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىپادىسى مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردىكى ئارستوتېلنىڭ «دېموكراتىيە»، «ئولىگارخىيە»، «زالىم پادىشاھ» ئوقۇملىرى ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنى خاتىرىلىگەن تۇنجى تۈرگە ئايرىشلاردا ئىپادىلەنگەن. 18-ئەسىردىن باشلاپ ھۆكۈمەتلەرنى مۇنارخىيەلەر (يەككە ھاكىمىيەتچىلىك)، جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەتلەر دەپ تۈرگە ئايرىش بەكرەك كەڭرى ئىشلىتىلگەن. 20-ئەسىردە بۇ تۈرگە ئايرىش تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن. بولۇپمۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈزگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىي سىستېمىلارنىڭ «ئۈچ دۇنيا» شەكلىدە تۈرگە ئايرىلىشى دېموكراتىيە بىلەن ھاكىممۇتلەقلىق ئارىسىدىكى كۈرەش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بىر دۇنيا سىياسىتىنىڭ كۆرۈنىشىنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوممۇنىزمنىڭ يىمىرىلىشى، شەرقىي ئاسىيانىڭ يۈكسىلىشى ۋە سىياسىي ئىسلامنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئوخشاش تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە، بۇ تۈرگە ئايرىشلارنىڭ ھەممىسى مودىدىن قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئۆزگىرىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق قاراش مەۋجۇت ئەمەس. بەزىلەر بۇنى غەرب ئەركىن دېموكراتىيەسىنىڭ غەلىبىسىنىڭ بىر نامايەندىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر زامانىۋىي دۇنيانىڭ بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ ۋە پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ قارايدۇ.

 

بۇ بابتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

  1. ھۆكۈمەتلەر، سىياسىي سىستېمىلار ۋە ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر قايسىلار؟
  2. ھۆكۈمەت سىستېمىلىرىنى تۈرگە ئايرىشتىكى مەقسەت نېمە؟
  3. ھاكىمىيەتلەر نېمىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىلىدۇ؟ نېمىگە ئاساسەن تۈرگە ئايرىلىشى كېرەك؟
  4. زامانىۋىي دۇنيادىكى ئاساسلىق ھاكىمىيەتلەر قايسىلار؟
  5. غەرب ئەركىن دېموكراتىيەسى دۇنيادا غەلىبە قىلدىمۇ؟

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*