سىياسەت 1-بابنىڭ داۋامى: سىياسەت تەتقىقاتىنىڭ مېتودلىرى

2020-يىلى 15-نويابىر

ئاندرېۋ ھېېۋۇدنىڭ سىياسەت ناملىق كىتابىنىڭ بىرىنچى بابىنىڭ داۋامى

سىياسەت تەتقىقاتىنىڭ مېتودلىرى

 

سىياسىي پائالىيەتنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش، سىياسەت ئىلمىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلاردىمۇ ئوخشاش ئەكس ئېتىدۇ. ئەقلىي خىزمەتنىڭ ئەڭ قەدىمكى ساھەلىرىدىن بىرى بولغان سىياسەت باشتىن ئاخىر پەلسەپە، تارىخ ياكى قانۇن پەنلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تايىنىشى كېرەك بولغان ئاساسىي پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئىدى.

ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سىياسەت ھەققىدىكى پەلسەپىۋى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئورنىنى، سىياسەتنى بىر پەن سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىش تەشەببۇسلىرى ئېلىشقا باشلىدى. بۇرۇنقى ئەنئەنىنىڭ مەنتىقىسىز بىر مېتافىزىكا ئىكەنلىكىنى تەرغىپ قىلىپ، ئۇنى ئاشكارە رەت قىلغان 1950- يىللار ۋە 1960-يىللارنى بۇ تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ئۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ فورمال سىياسەت ئىلمىگە بولغان كۈچلۈك قىزغىنلىق سۇسلاشقا، سىياسىي قىممەت قاراشلار ۋە قېلىپلاشقان نەزەرىيەلەرنىڭ دائىمىي مۇھىملىقى قايتا تونۇلۇشقا ۋە قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى. ئەگەر ھەممە ئېتىراپ قىلالايدىغان ئۇنىۋېرسال قىممەتلەرنى تېپىشنى مەقسەد قىلغان «ئەنئەنىۋى» ئىزدىنىش چۆرۈۋېتىلسە، ھەقىقەتنى بايقاشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى ئىلىم پەن دەيدىغان قاراشلا قالاتتى. ھالبۇكى، مانا بۇلاردىن تۇغۇلغان سىياسەت ئىلمىنىڭ ھازىرقى شەكلى تېخىمۇ مول بولۇپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ بىر قاتار نەزەرىيىۋى مېتودلار ۋە ھەرخىل ئانالىز ئېقىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىدۇر.

 

تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*