شاڭياڭنىڭ ئەرۋاھىنىڭ تىرىلىشى

2020-يىلى 11-مارت

كۆلتىگىن | ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى

2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى لىبېرال دۇنيا تەرتىپىگە قېتىلىشقا باشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن لىبېرالىزملىق قىممەت قارشى پۈتۈن دۇنيا يۈزىدىكى غەلىبىسىنى جاكارلىدى. ئۇلار بۇ سىستېمىنى ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان ۋە ھەممىگە ماس كېلىدىغان سىستېما دەپ قاراشتى. ھەتتا خىتاينىمۇ ئالاھىدە شارائىت تۈپەيلى كوممۇنىزمغا قاراپ ماڭدى، ئەمما ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا ۋە لىبېرال دۇنياغا ئېچىۋېتىلسە دىكتاتورىلىقىنى تاشلاپ دېموكراتىك دۇنيا سىستېمىسىغا كىرىدۇ دەپ ئويلىدى. لېكىن ئۇلار خاتالاشقان ئىدى. بۇ خاتالىقنىڭ تۈپ مەنبەسى خىتاينىڭ قىممەت قارشى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ 2500 يىل ئىلگىرىكى كىلاسسىك خىتاي پەلسەپىسى ۋە دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە توغرا ھۆكۈم قىلالماسلىق ۋە بۇ سەۋەبتىن دائىم خىتاينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا قاراپ خىتاينى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتۇر. نۇرغۇنلىغان ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلار خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن مىنگوغا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىزمغا ئۆتكىنىنى «ئۆزگەرگىنى» دەپ ھۆكۈم قىلىشتى. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا تۇماق ئۆزگەرگەن بىلەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىگەن ئىدى. بۇ ھەقتە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى چىن خۈي (秦晖)«خىتايدا جىق نەرسە ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بىردىن بىر ئۆزگەرمىگىنى چىن سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى دىكتاتورىلىق تۈزۈم » دەيدۇ. خىتاينىڭ كىلاسسىك سىياسەت پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان غەربلىكلەرمۇ شاڭ ياڭ ۋە خەنفىيلەرنىڭ ۋەھشىي سىياسىتىنى سىماچىيەن ۋە باشقا تارىخچىلار ئاشۇرۇۋەتكەن دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەردىن بىرى بولغان شاڭخەي كەيفاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى باۋ پىڭشەن (鲍鹏山)«غەربلىكلەر مەسىلىگە بەك ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن قاراپ قاپتۇ، ئۇلار بۇلارنى ياۋروپا جەمئىيىتى بىلەن ئوخشاش دەپ قاراپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ» دەيدۇ.
شۇنداق خىتاي 2000 يىلدىن بېرى ئۆزگەرمىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزگىرىشىمۇ قىيىن . بولۇپمۇ ھازىرقىدەك غەربنىڭ كۈچى ئاجىزلاۋاتقان ۋە لىبېرالىزملىق قىممەت قارىشىنىڭ ئۇلى تەۋرەپ دۇنيا كۆپ خىل ئىدېئولوگىيە ياكى ئىدېئولوگىيەسىزلىك بىلەن بوغۇشۇۋاتقان بىر دەۋردە خىتاينىڭ ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق بىرىنىڭ يولىغا ماڭىدىغانلىقىدىن سۆز ئېچىش خىيالپەرەستلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. فىرانسىيەلىك داڭلىق تارىخچى فېرناند بىرودىل (Fernand Braudel) «مەدەنىيەتلەرنىڭ گىرامماتىكىسى» دېگەن كىتابىدا، ھەر مەدەنىيەتنىڭ شۇ مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ۋە يادروسى دەپ قارىلىدىغان بىر ئېلېمېنتنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا بۇنى بىلىشنىڭ شۇ مەدەنىيەتنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنداقتا خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ گىرامماتىكىسى نېمە؟ ھازىرقى چولتا ئەقلىم بىلەن بۇنى چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى خىتاي كىلاسسىكلىرى (بولۇپمۇ كۇڭزى بىلەن خەن فىيزى) ۋە بۇنى 2000 يىلدىن بېرى يەتكۈزۈپ كەلگەن خىتاي يېزىقى دەپ قارايمەن. بۇلارنى بىلىش بۈگۈنكى خىتاينى تونۇش ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئاستا – ئاستا خىتاينىڭ 2000 يىل ئىلگىرىكى سىياسەت پەلسەپەلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ بۈگۈنكى خىتاي سىياسىتىنى شەرھىيلەش ئۇسۇلى باش كۆتۈرمەكتە. مايكىل پىلىزبېرىنىڭ «100 يىللىق مارافون» بۇ خىل ئۇسۇلدا يېزىلغان كىتابلاردىن بىرىدۇر. بۇ خىل ئۇسۇل ھەقىقەتەن خىتاينىڭ بۈگۈنكى زامان سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىغا قوشۇلغان كاتتا بىر تۆھپىدۇر. غەربلىكلەر يېڭى نەرسىنى ئىجاد قىلىشقا مايىل، خىتاي بولسا بار بولغاننى داۋام قىلىش ياكى تەقلىد قىلىشقا مايىل، شۇڭا سىرلىق قۇتا دەپ قارالغان خىتاينىڭ سىرلىقلىقى ئۇنىڭ 2000 يىل بۇرۇنقى سىياسەت پەلسەپە ئەرۋاھىدىن كەلگەن دېسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.
تۆۋەندىكىسى «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى جۇ بەيلىياڭ (诸百亮)نىڭ 2014- يىلى يازغان ماقالىسى. ماقالىدە شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش شەكلىنى پۈتۈن كۈچى خىتاينىڭ كىلاسسىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقى يېزىلغان. يەنى خىتايدا «قانۇنچىلار» مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شاڭ ياڭ ۋە خەن فىيلەر باش كۆتۈرمەكتە. خىتاينىڭ ئۆزىدىمۇ دىكتاتورىلىقنىڭ ئېشىپ بېرىشى بولۇپمۇ بىزنىڭ ۋەتەننىڭ پانىي ئالەمدىكى جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇلۇشى بۇنىڭ مىسالىدۇر. 商君书 ۋە 韩非子 قاتارلىق خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ ۋەتەندە يۈرگۈزۈلگەن سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن بايان قىلىنغان . بۇ ماقالىدە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ بۇ يولغا قاراپ ماڭغانلىقىدەك ئۇچۇر بېرىلگەن. لېكىن غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى چىيەن جىنيۈ (钱锦宇)خىتاينىڭ 1978- يىللىرىدىن كېيىنلا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۆۋەندە ماقالىنىڭ تەرجىمىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى، بۇ ماقالىنى خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتىنىڭ ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى يۆنىلىشىنى ئەڭ قىسقا ۋە تومتاق شەكىلدە چۈشەندۈرۈلىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنى ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى گاھ ئوچۇق ئۆزىنى كۆرسەتكەن، گاھ كۇڭزىنىڭ يېڭىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ئاتالمىش «قانۇنچىلار» ئېقىم يەنە بىر قېتىم ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ- شاڭياڭنىڭ روھى تىرىلدى.

ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى ھۆججەتتىن ئوقۇڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*