رەقەملىك مېديا ۋە شەخسنىڭ پىسخىكىسى

2020-يىلى 21-ئۆكتەبىر

پىروفېسسور دوكتور ئەرول گۆكا

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : «يېڭى بىر دېڭىز» دەپ ئاتالغان تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

(پىروفېسسور) ئەرول گۆكا: شۇنداق، تېخنىكا ۋە مېديا بەلگىلىگەن ۋە شەكىللەندۈرگەن بۇ دۇنيانى مەن «تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى» دەپ ئاتايمەن، بىز ئىچىدە بولغان بۇ دۇنيانى بۇ ئۇقۇم بىلەن ئەڭ ياخشى ئىپادىلىيەلەيمىز دەپ قارايمەن. بۇ دۇنيا يېڭى بىر دېڭىز، يېڭى دېدىم، چۈنكى بۇرۇنقى دۇنيايىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق. دېڭىزغا ئوخشىتىشىمنىڭ سەۋەبى بولسا ھەربىرىمىز بۇ دۇنياسىز نەپەس ئالالمايمىز، ھەمدە بۇ دۇنيا بىزنى خۇددى دېڭىزدىكى بېلىققا ئوخشاش ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزىۋالدى. بۇ يېڭى دېڭىزنى  چۈشەنمەي تۇرۇپ، پىسخىكىمىزغا باھا بېرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.

«ئۇسلۇپ» ھەر  تارىخىي مەزگىلدە بار ئىدى، ئەمما  زامانىۋى دۇنيادا «تېخنىكا» دېگەن بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى. «Medium» دېگەن سۆز ئالاقە قىلىنغان مۇھىت دېگەن مەناغا ئىگە بولۇپ، ھەردائىم بار ئىدى. ئەمما زامانىۋىلىشىش بىلەن يېزىق ئومۇملاشتى، كېيىن سۈرەت ۋە ئەڭ ئاخىرىدا رەقەملىق تېخنىكا ئومۇملىشىش بىلەن كۈنىمىزدىكى كۆپ قىرلىق  مېديا شەكىللەندى. تېخنىكا ۋە زامانىۋى مېديا گەرچە پەرقلىق بولسىمۇ ئەسلىدە بىر – بىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئالاھىدىلىكى بولسا يىلتىزلىرىدىكى سۈنئىيىلىك.

سۈنئىيلىكنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،ھەقىقەت بىلەن چىنلىقنى پەرقلەندۈرۈشىمىز كېرەك.  بىر نەرسىنىڭ سۈنئىي بولۇشى ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەمما ئەسلى سەھىھ ھالىتىدىن، يەنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن بۇنى ئوغۇت ۋە ھورمۇن بىلەن گىنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خاس تەمى ئۆزگەرتىلگەن مېۋە، كۆكتاتلارنى  مىسال قىلىش ئارقىلىق ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرەلەيمەن. زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن بىر مېۋە كۆرۈنۈشتە مېۋە بولسىمۇ ئەمما ئەسلى ھالىتىدىن ئىنتايىن پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش، زامانىۋى مېديانىڭ ۋاستىسى بىلەن ئالاقە مۇھىتلىرىدىمۇ (يەنى مېديا)، ئەلۋەتتە ئالاقىنىڭ  ئالاھىدىلىكلىرى تېخىچە مەۋجۇت، پەقەت ئادەتلەنگەن ساپ ئالاقىدىن ئوبدانلا پەرقلىقتۇر…

تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى مەۋھۇملۇق، شەيئىلەرنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ (ئىنسان – ئىنسان ۋە ئىنسان – تەبىئەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ) سۈنئىي بىر خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى. ئەلۋەتتە سۈنئىيلىك، شەيئىلەرنى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ساختا دېگەنلىك ئەمەس. سۈنئىي دېيىشتىكى مەقسىتىمىز، شەيئىلەرنىڭ ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئەسلىدە بولمىغان، سەھىھ مەۋجۇتلىقىغا كېيىن قوشۇلغان تەرەپلىرىنىڭ ئالدىنقى پىلاندا بولۇشى. بىر نەرسە سۈنئىي بولغاندا چىنلىقتىن خالىي ئەمەس، ئەمما ھەقىقىيمۇ ئەمەس. يېزا ئىگىلىكتىكى زامانىۋىلىشىش بارغانسىرى قەدەممۇ – قەدەم يەۋاتقانلىرىمىزنىڭ تەمىنى ئۆزگەرتىۋاتقان بولسا، تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ يېڭى ئالاقە مۇھىتلىرىدا چۈشىنىش شەكىلىللىرىمىزمۇ بۇرۇنقىدىن ئىنتايىن پەرقلىق… ئۆتكەنلەردە يېڭى مۇتەپەككۇرلاردىن بەزىلىرىنىڭ Manuel De Landa, Bruno Latour, Brain Massumi ماقالىلىرىنى ئوقۇشقا تەمشەلدىم، داۋاملاشتۇرۇشقا تاقىتىم قالمىدى. تىل پۈتۈنلۈكىنىڭ، تەبىئەت –  كۈلتۈر، ئىنسان  –  ھايۋان،  ئىنسان، ماشىنا، ئەر – ئايال، ھايات – ئويۇن پەرقىنىڭ رەت قلىنغانلىقىنى، پەقەت تەسىرلىنىشكە ۋە تۇيغۇلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن بىر چۈشەنچە ئاساسىي ئىقىم بولغان بىر دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. شۇڭلاشقا پوست ئىنسان (ئىنساندىن كېيىن) تەرەپدارى Rosi Braidotti دەك ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى – سوتسىيالىست، ئېپىستېمولوگى ( بىلىش بىلىمى) ۋە سۇبيېكتىپلىقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەندەك تۇرىدۇ.  ئۇلارنىڭ پىكىرى بويىچە قۇرامىغا يەتكەن ياشلار بىلەن بىر- بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىز بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. ئۇقۇملار تەسىرىنى يوقاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇنى «پەلسەپەسىزلىشىش» دەپ ئاتىساق بولىدۇ. بۇرۇن ئەمدى «ياخشى ھايات» مەسىلىسى بىلەن مەشغۇل بولمايمىز دەيتتىم. كۆرىۋاتىمەنكى، مەشغۇلىيىتىمىزنى تەمىن ئېتىدىغان ئۇقۇملاردىنمۇ زېھنىمىزنى ئۇزاقلاشتۇرىۋاتىمىز. پەلسەپىۋى ئىزدىنىشتىن ۋە ھايات مەلۇماتلىرىدىن قورقىمىز. ھاياتىمىزدىن ئۇزاقلاشتۇرغان بىۋاستە تۇيغۇ، قوللىنىشچان مەلۇماتلارنىڭ قىممىتىنى بىلمەيمىز. ھېكمەت، ئىرپان سۆزلىرىنى مەناسىز دەپ قاراپلا قالماي، ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلىمىز نېمىنى خالىسا شۇنىڭغا ئىشىنىمىز. بىلىمگە ئۆز خاھىشىمىز بويىچە تەبىر بېرىپ، پال، سىھىر، يېڭىچە غەلىتە ئېتىقادلار بىلەن دىنلارنى پەيدا قىلىپ پېتىقلاپ ئويناشنى ياقتۇرىمىز.

تېخنىكىلىك ئىلگىرىلەشلەرنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋال قۇشلارنىڭ ئۇچۇشى توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتۇق، كېيىن ئاۋاز، كېيىن نۇر سۈرئىتى توغرۇلۇق پاراڭلىشىدىغان بولدۇق… بارغانسېرى سۈرئىتىمىزنى تېزلەتتۇق ياكى سۈرئەتكە قاراپ ئاڭقىراشلىرىمىزنى، چۈشەنچە ۋە باھالاشلىرىمىزنى شەكىللەندۈردۇق، شەكىللەندۈرىۋاتىمىز. ھەقىقەت تەسەۋۋۇرلىرىمىزمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. سۈرئىتىمىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز، ئەمما تەمكىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدۇق.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى، رەقەملىق مېديا. رېئال تۇرمۇشتا ئۆزىنى يوشۇرغان ئىنساننىڭ رەقەملىق مېديا مۇھىتىدا چېگرالىرى يوقامدۇ؟ رەقەملىق مېديا دەۋرىدە ياشىغان ئادەمنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىش مەسىلىلىرىگە قانداق باھا بېرىسىز؟

ئەرول گۆكا: تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى سۈرئەتنى ئاساس قىلىدۇ، قانچە تېز بولساق شۇنچە ياخشى؛ مۇناسىۋەتلىرىمىزمۇ شۇنداق… ئىنتېرنىتقىمۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگىمۇ داۋاملىق باغلىنىپ تۇرىۋاتىمىز. مۇناسىۋەتتە ئىشلەتكەن تىلىمىز بىلەن ئىنتېرنىتتىكى تىلىمىز ئوخشىشىپ قالىدۇ. بىر ئالاقە تورىدا دولقۇن يېرىشقا تېرىشىۋاتىمىز. ئاسان كىرىپ چىقىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراش ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلمايدىغان، جەزبىدار ۋە يېقىن دوستنى «ئۆچۈرۈش» كۇنۇپكىسىغا بېسىپلا قۇتۇلالايدىغان مۇناسىۋەت ئىزدەۋاتىمىز. جەمئىيەتشۇناس BAUMANنىڭ قارىشى بويىچە، بۈگۈنكى ئىنسانلار ھەقىقىي ئالاقىگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئەركىنلىك ئېھتىياجى ۋە تەۋەلىك  (مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپقا) ئىنتىلىشىنى بىرلا ۋاقىتتا قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى كۆرمەيۋاتىدۇ. بۇلار تاپقان چارىلەر پەقەت بۇ سىغىنىشنىڭ مەغلۇبىيەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئەسقاتىدۇ. تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىدىكى سودا سارايلار، مېديادا ئالتۇن ۋاقىتلار ۋە ئارزۇلارنىڭ قىسقا ۋاقىتتا پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش سۈرئەتلىرىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن. كىشىلىك ئالاقىدىكى ھالىتىمىز بىلەن ئىنتېرنىتتىكى ۋە پايچېكى بازىرىدىكى ھالىتىمىز بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئەمەس. ئەمما بىز تېخىچە يەنە بىر تەرەپتىن تۇرمۇش قۇرۇشنى ۋە باشقىلار بىلەن دوست بولۇشنى داۋاملىق خالايمىز. بەلكى بۇ تۈپەيلى ماركىلارنىڭ ۋە كوماندىلارنىڭ مەستانىلىرى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.

گىپىم بەك ئۇزىراپ كەتتى ئەيىپكە بۇيرىماڭلار، ئالدى بىلەن بۇلارنى چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرمەن. ئەنسىرىمەڭ بۇندىن كېيىنكى سۇئاللارغا قىسقا جاۋاپ بېرىمەن. سۇئالىڭىزدىن پىسخىكا توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندىم، بۇ تىما ئۈستىدە توختىلىشقا، پىسخكىمىزنى شەكىللەندۈرىۋاتقان بۇ ئوكيانغا دىققەت تارتىشقا تىرىشىمەن. نۇرغۇن تۈپكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەشكە تىرىشىۋاتىمەن. ئەمما مەندىن سورىسىڭىز ئادەم يەنە ئوخشاشلا ئادەم. قاراڭ، مەن بىلىدىغان پىسخىكا نەزەرىيەلىرى بۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۆز دەۋرىمىزدىكى ئىنساننىڭ پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەشكە تىرىشتى. بۇ ئەسىردە ئىنسانلاردا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەمما، خۇددى بۈگۈن نىيوتۇننىڭ مېخانىكا نەزىرىيەسى ئۆز ساھەسىدە تېخىچە كۈچكە ئىگە بولغاندەك، كونا نەزەرىيلەرمۇ كۈچكە ئىگە. چۈنكى ئانا-غول قۇرۇلمىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. روھى  ئىنكاسلارنىڭ قاتلاملىرى دەپ سۈپەتلەنگەن كىشىلىك، ئۆزلۈك، تەكەببۇرلۇقتىمۇ ھېچبىر ئۆزگىرىش يوق. شۇنىڭدەك ئەلۋەتتە پۈتۈن ئۆزگىرىشلەرگە، ھەتتا چوڭ داۋالغۇشلارغا قارىماي ئادەمنىڭ ھايا ئېڭى ۋە ھايا ئېھتىياجى قاتارلىقلارمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىدى. ئەمما «قانداق» دەپ سورىسىڭىز، مانا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تولۇق بىلمەيمىز. ھازىر رەقەملىق چاغدا تەكەببۇرلۇق قانداق بولىدۇ دېگەن سۇئالىڭىزغا، بىر، ئىككى، ئۈچ ۋەھاكازا دەپ جاۋاپ بېرەلمەيمەن. ئەمما بەلكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقانلىرىمدىن بىر يەكۈن چىقىرالايمىز. شۇنداقتىمۇ قىسقىچە پىكرىمنى بايان قىلاي؛ قايسى مۇھىتتا ياشىساق ياشايلى تەكەببۇرلۇقىمىز روھى ئىنكاسلىرىمىزدا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىز ۋىجدانلىق، ئەخلاقلىق بولۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ھايا ئېڭىمىزدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھايا ئېھتىياجىمىزدا چىكىنىش بولمايدۇ. ھازىرچە تېخى قائىدىلىرى، ئەخلاقى ۋە قانۇنى پىرىنسىپلىرى تولۇق بەلگىلىنىپ بولالمىغان رەقەملىق مۇھىت مالىمان بىر ۋەزىيەتتە. بۇنى پۇرسەت بىلگەن شەھۋانىي، كۆچۈرمىكەش، ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلىدىغان ناچار پىسخىكىلار كەڭ تارقالماقتا، ئەمما بۇ ئەھۋال ھامان بىر كۈنى ئۆزگىرىدۇ، ساغلام ئالاقە ئىزدىنىشلىرى ئۇتۇپ چىقىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : بۈگۈن بىز بىر- بىرىمىزنى، ھەتتا ئاتا – ئانا بالىلىرىنى يوشۇرۇن ئاككونت بىلەن ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ئېنىقلاپ تۇرىدىغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىر-بىرىمىزگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر. ئ‍وخشاش بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىكىنى پەرقلىق رەقەملىك مېديا ۋاسىتىلىرىدا پەرقلىق شەكىلدە كۆرسىتىۋاتىدۇ. سىزچە ئىجتىمائىي ھەمبەھىرلىنىش توربەتلىرى بىر – بىرىمىزگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىمۇ؟ ياكى بۇ مەسىلە باشتىلا مەۋجۇت بولۇپ بۇ توربەتلەر تۈپەيلى ئاشكارىلاندىمۇ؟ بىز باستۇرۇلغان تۇيغۇلىرىمىزنى پەرقلىق كىملىكلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتامدۇق ياكى ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتلىرى بىلەن يۈزلىشىۋاتامدۇق؟

ئەرول گۆكا: سۇئالىڭىزنى چۈشىنىمەن، ئەمما ھەيران قالارلىقى شۇكى بىز بۇ سۇئاللاردا پەرقلىق شەيئىلەرنى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلالمايمىز. پەرقلىق شەيئىلەر دېگىنىم ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار. ئاتا-ئانىلار بولسا تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىغا ناتۇنۇش، ئەمما بالىلار بۇ دۇنيانىڭ ئىچىگە تۇغۇلىۋاتىدۇ… ئاتا-ئانا ۋە بالىلار دۇنياسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ھەقىقىتىنى كۆزدىن قاچۇرۇپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئادەتتىكى بىر ئاتا-ئانا ۋە بالا مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرىۋاتىمىز،. پەرقلىق دۇنيالاردا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ بىر – بىرىگە ئىشەنمەسلىكى ئىنتايىن نورمال ئەمەسمۇ؟ بىز،  ئاتا – ئانىلار ۋە بالىلار بۇ ھەقىقەتنى ئىدراك قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلالىساق، بەلكىم مەسىلىلەر بەك چوڭىيىپ كەتمەستە ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. ناۋادا كېچىكىپ قالىدىغان بولساق، پىسخىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوغۇلۇپ قالىمىز، چارىمىزنىڭ ئۆزى مەسىلىمىزگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : بۇ تېمىغا تېخىمۇ چوڭقۇر كىرىدىغان بولساق، ھەم بىر شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئائىلە ۋە  جەمئىيەتنىمۇ ئويلاشساق، ئىجتىمائىي مېديا شەكىللەندۈرگەن ئىشەنچ مەسىلىسنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەرول گۆكا: بۇنچە نائېنىق بىر ساھەدە كەسكىن سۆزلەشتىن  قېچىش كېرەك. ئاتا – ئانا ۋە بالا بىر – بىرىگە بۇنچە ئىشىنەلمەيدىغان بىر مۇھىتتا قانداق قىلىشى كېرەك؟ ھازىر مەن دىققەت تارتماقچى بولغان خۇسۇس بولسا بىلىنىشى ۋە بۇ ھەرىكەت قىلىشنىشى زۆرۈر بولغان تېمىدۇر. چوڭ ئالىملارمۇ بىلمەيدىغان، قەتئىي تونۇلمىغان، بىز ئۆگىنىشكە تىرىشىۋاتقان ياكى مەجبۇر تونۇشىۋاتقان بىر دۇنيا بار. ئەمما بۇ مەنزىرىنىڭ بىزگە كۆرۈنگەن قىسمى. يەنە بىر تەرەپتە بولسا بالىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز بار. 1990-يىلىدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۇغۇلغان بالىلار بۇ يېڭى دۇنيانىڭ ئىچىگە تۇغۇلىۋاتىدۇ دېيەلەيمىز. قاراڭ، ئەنئەنىۋىي باھالاش ئىلمىدە «ئادەم نېمىنىڭ ئىچىگە تۇغۇلىدۇ؟»دېگەن سۇئالغا « بىر ئەنئەنىنىڭ ئىچىگە تۇغۇلىدۇ، بىر تىلنىڭ ئىچىگە تۇغۇلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىلەتتى. ئەمما ھازىر بالىلار يەنە باشقا بىر نەرسىنىڭمۇ ئىچىگىمۇ تۇغۇلىدۇ: تور دۇنياسىنىڭ…شۇنىڭغا ھەيران قالىمىز، بالىلىرىمىز  ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى بىزدىن تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئۇلارنىڭ تور دۇنياسىنىڭ ئىچىگە تۇغۇلغانلىقى بولسا كېرەك. بۇ بىزنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدۇ. بىز بۇ يېڭى دۇنياغا ناتونۇش ۋە مېھمان، ئەمما بالىلىرىمىز بولسا ساھىپخان… بۇ يەردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى قىلالىساق نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلالايمىز.

ئاتا- ئانا بالىلىرىنى قانچىلىك باشقۇرسۇن ۋەياكى چەك قويسۇن  بالىلار سىرتقى دۇنياغا قەدەم باسقاندىن كېيىن ئۇلارنى كونترول قىلالمايدۇ… ئۆيدە بىز بالىنى پۈتۈنلەي چەكلىسەكمۇ بالا يەسلىدە ئوقۇغاندىن باشلاپ بۇ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ ۋە ئىچىگە كىرىدۇ. كىرگەندىن باشلاپلا تەرەققىي قىلغان مېڭىسى بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. ئاتا – ئانا بولسا ئۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس. ئاتا- ئانا نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق مېنىڭ دېڭىزنىڭ بېلىقلىرى دېگەن ئىپادەم تامامەن توغرا ئەمەس. بىز تېخى ئەمدى ئۇ دېڭىزدا ئۈزۈشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. ئەمما بالىلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز بولسا ئۇ دېڭىزنىڭ ھەقىقىي بېلىقلىرى…خۇددى شەھەردە تۇغۇلغان بېرىگە ئېلېكتىرنىڭ ئومۇملىشىشى، ئاسفالت يوللار، قاتناش نورمال تۇيۇلغان بولسا، تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىمۇ بالىلارغا ئىنتايىن نورمال كۆرۈنىدۇ، ئۇلار خۇددى ئادەم ئاتىمىزدىن باشلاپ ھەممە ئادەم مۇشۇ دۇنيادا ياشاپ كېلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. يېزىدىن كەلگەن بىر ئادەم چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ قانداق ھەيران قالغان بولسا بىز قۇرامىغا يەتكەنلەرمۇ تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىغا شۇنداق ھەيران قېلىۋاتىمىز. ئەگەر ھازىر ئۆگىنىشكە تېرىشىۋاتقانلار ۋە ئىچىگە تۇغۇلغانلار دەپ ئايرىغىنىمىز توغرا بولسا بالىسىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغان بىر ئاتا – ئانىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك تۇنجى ئىشى بۇ دۇنيانى تونۇشىدۇر. ئەمما بىز نېمە قىلىۋاتىمىز؟ دېققەت قىل، ئۇ يەرگە ھەرگىز كىرمە! نېمىشقا بۇنداق قىلىمىز؟ چۈنكى قورقىمىز، مەۋھۇم دۇنيانى بىلمەيمىز. بۇ قورقۇنچاق پوزىتسىيىمىز بىلەن ئۆزىمىزمۇ بىلمەيلا بالىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز دۇنياسىنى تونۇيدىغان ئىمكانلارنىمۇ يوقىتىۋەتكەن بولىمىز.

مەن شەخسەن بۇلارنى چۈشەندۈرۈشكە، بىزنى قورقۇتىۋاتقان قاراڭغۇ ساھەنى يورۇتۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. “تورغا خۇمار بولۇش” ئۇقۇمىنىڭ ئەسلىدە نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىمەن. بۇنىڭغا خۇمار بولۇش دېيەلەمدۇ؟ ئەگەر دېيەلەيدىغان بولسا، ماشىنىغا خۇمار بولۇش، يولغا خۇمار بولۇش دېگەندەكلەر بولماسلىقى كېرەك. ھەقىقىي دىئاگنوزلار بىلەن، قورققانلىقىمىز تۈپەيلى خاتا قويغان دىئاگنوزلارنى پەرقلەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن. بۈگۈن بىزنىڭ تورغا باغلىنىش، تورغا خۇمار بولۇش دېگىنىمىز، پەقەت بىۋاستە توردا ئوينىلىدىغان تور ئويۇنلىرىغا خۇمار بولۇشتۇر. بىۋاستە توردا ئوينىلىدىغان ئويۇنلاردىن بۇرۇنمۇ بۇ خىل ئويۇنلار بار ئىدى؛ ئۇ ۋاقىتلاردا پۈتۈن ۋاقتىنى بۇ ئويۇنلارنى ئويناشقا بېرىدىغانلار تورخۇمار دەپ ئاتىلاتتى، ھازىر بىۋاستە توردا ئوينىغان بولسىمۇ يەنىلا تورخۇمار بولىدۇ. ئەمما ھاياتىمىزنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىنتېرنىتنى ئىشلىتىش تورخۇمارى دەپ قارالمايدۇ. بىز، بۇ ئويۇنخۇمارلىقىنى 20-30 يىلدىن بىرى بىلىمىز. بۇ خۇمار بولۇشتۇر، بىرخىل كېسەللىكتۇر. ئەمما ئىنتېرنىت، تېخنىكىۋى دۇنيانىڭ ئەسلى بىر پارچىسدىدۇر. يەنى قاچالمايسىز. ئەقىلىي تېلېفونلار بىلەن بۇ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى سىرتقى دۇنيانى بىرمۇبىر تەقلىد قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ.  بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىزنىڭ قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشىمىز تەنقىد ئېڭىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش…  ئەگەر دىئاگنوز قويۇپ قارشى تۇرۇشقا تىرىشساق ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر تېخنىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاشنى خالىمىساڭ، قىلىدىغان ئىشىڭ بالاڭدىن ئىلگىرى سېنىڭ بۇ دۇنيانى تونۇشۇڭ ۋە بالاڭغا يول كۆرسىتىشىڭدۇر. 20-30 يىل ئىلگىرى بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشى توغرۇلۇقمۇ مۇنازىرىلەشكەن ئەمەسمىدۇق؟ شۇ چاغدىمۇ ئوخشاش تەكلىپنى بەرگەن ئىدۇق.  تېلېۋىزورسىز ياشىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئىچىدىكى پروگىراممىلارنى بىلىش ئارقىلىق بالىڭىزغا يول كۆرستەلەيسىز، بۇ ھەقتە ناھايىتى ياخشى چۈشەنچە بېرىشىمىز كېرەك. چۈنكى باشقىلار دېگەنلىرىمنى بالىلار خالىغانچە كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىسۇن، سىلەر ئارىلاشماڭلار دەپ چۈشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەن پەقەت بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن. ئادەملەرنى يېڭىلىقتىن قورقماي تەپەككۇر قىلىشقا، پاراڭلىشىشقا ۋە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىۋاتىمەن. «دېمەكچى بولغىنىم، يول كۆرسەتمەكچى بولساڭ، نېمە زۆرۈر بولسا قىلىشىڭ كېرەك، مەن بىلمەيمەن ئەمما بالام ئىچىگە تۇغۇلىدۇ، شۇڭلاشقا مەنمۇ ئۆگىنىشىم زۆرۈر دېيىشىڭ كېرەك».

تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى ۋە قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز توغرىسىدا ئېغىر بىر قارارسىزلىق مەۋجۇت. بۇ پەقەتلا بىزنىڭ ئائىلىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەسىلىسى ئەمەس. تېخىچە بۇ دۇنيانىڭ قانۇنىنى ئەمەس، قائىدىلىرىمۇ بەلگىلىنىپ بولالمىدى. مانا بۇ خەتەرلىكتۇر. ئەسلىدە تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى نۇرغۇن شەرت-شارائىتنى ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە بىر خەتەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتلاردا ئالدى بىلەن ناھايىتى ياخشى كۆزىتىپ ۋە تەتقىق قىلىپ ئاندىن ناھايىتى ئاز سۆزلەش لازىم. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنداق قىلمايمىز. مەسىلەن: ياشلىرىمىزنىڭ دېققىتىنىڭ داۋاملىق تېلېفوندا ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە جىددىيلىشىپ كېتىمىز، دەرھال ئۆزمەپتۇن دەپ دىئاگنوز قويىمىز. بۇ دەۋرنىڭ ۋاباسى دەيمىز ۋە نېمە بولغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە مۇئامىلە قىلىمىز…Christopher Laschدەك زامانىمىزغا مۇشۇنداق ناملارنى بەرگەن مۇتەپەككۇرلارمۇ بار. بولۇپمۇ ياشلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئېنىق ئۆزمەپتۇنلۇق ئالامىتى دەپ قارىلىپ ئېغىر تەنقىتلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ تېمىدا بىر قانچە كىتاپ بار، مېنىڭ كەسىپداشلىرىم يېزىۋاتىدۇ. بەزىدە مەنمۇ ئۇ قىلتاقلارغا چۈشۈپ قالىمەن، ئەمما ھازىر تېخىمۇ دېققەت قىلىشقا، سوغۇققانلىق بىلەن سۆزلەشكە تىرىشىۋاتىمەن. بۇ يەردە نېمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ، بىلمەيمەن! مەن يېنىمدىكى كىشى بىلەن پاراڭلاشماي، باشقا تەرەپتە ئەللىك كىشى بىلەن پاراڭلىشالىسام، قايسى ئىجتىمائىي ئالاقىدىن سۆز ئېچىۋاتىمىز؟ ئۇ يەردىكى يالغۇز ئالاقىدىن ۋاز كېچىپ، نۇرغۇن باشقا يېڭى ئالاقىنىڭ، يېڭى تورنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئاتالىسا، ئۇلارنى ئويلاشماستىن كەسكىن قارار بەرمەسلىك لازىم. بۇ يەردىكى مەسىلە جەمئىيەتتىن ۋە ئالاقىدىن قېچىشتىن زىيادە يېڭى بىر جەمئىيەت ۋە ئالاقە شەكلى. ماركس ئىنساننى  ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ بىرىكىمى دەپ قارىغان. ئەگەر ھازىر ياشىغان بولسا يەنە شۇنداق قارامتى يوق بىلمەيمەن. چۈنكى يېپيېڭى بىر جەمئىيەتلىشىش  مەۋجۇت.  بۇ ھازىرقى دۇنيادا ھەقىقىي ئالاقە دېگىنىڭىز قايسى ئالاقە؟ بىرگە بىر  ئالاقىمۇ ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىمۇ؟ ۋە  ياكى فېيسبۇكتىكى دوستلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقە ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقىمۇ؟مەن قايسى؟ قايسىسىنىڭ بىرىكىمى؟  مۇھىتىمىز شۇنداق قالايمىقان ۋە مەنزىلىمىز ئېنىق ئەمەس.  شۇڭلاشقا مەن بىز ياشاۋاتقان زاماننى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل دەپ قارايمەن ۋە  سۆزلىرىمنى جەزملەشتۈرمەسلىككە دىققەت قىلىمەن. شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.  شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەلۋەتتە سەلبىي ئىشلارنى كۆرگەن چاغدا تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك.

 بەزىدە، ھەقىقەتەن ئۆزمەپتۇنلۇق ئالامەتلىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئىشارەتلەرنى تېلېۋىزوردا تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. سىنلىق مېديا ۋە بىزنى  تېخىمۇ كۆپ ئادەم كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچمىز بار چاغلاردا  ئۆزمەپتۇنلۇق ئىشارەتلىرى ئىنتايىن بەك كۆپىيىدۇ، بۇ توغرا.  ئۆتكەندە  تېلېۋىزۇردىكى بىر توي قىلىش پروگراممىسىدا ئايال رىياسەتچى توي قىلىش تەكلىپى ئالغان خانىمغا شۇنداق دېدى: «سىز نېمە دېگەن تەلەيلىك،  مىليونلارچە ئادەمنىڭ قارشىسىدا توي قىلىش تەكلىپى ئالدىڭىز، بەك ھەۋەس قىلىۋاتىمەن.» دەۋرىمىزدە ئادەملەر ئىنتايىن پاسسىپ، ھاياتتا تەنقىدىي ئاڭ بىلەن تەپەككۇر قىلالمايۋاتىدۇ ۋە  ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى ، غەلبىسىنى ۋە بەختىنى ھەممە ئادەمگە كۆز-كۆز قىلغۇسى كېلىۋاتىدۇ.  بۈگۈنكى ئادەملەردە مۇشۇنداق بىر پىسخىكا ۋە ئارزۇ كۆرۈلمەكتە. بۇنى توي ۋە باشقا مۇراسىملاردا  تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز. بۇ،  ئىجتىمائىي تاراتقۇدا، بولۇپمۇ فېيسبۇك ۋە  ئىنستگرامدا  ئىنتايىن ئومۇملاشتى. ھەممە ئادەم خۇشال ۋاقتىدا رەسىمىنى ھەمبەھىرلىنىشنىڭ كويىدا.  خۇشال ۋاقتىمدا ماڭا قاراڭ ، مېنى كۆرۈڭ دەپ ئاۋارە.  تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى توغرۇلۇق پاراڭلىشىۋاتقان بىز،  رېنتىگىنچىلىك ۋە قاراش توغرىسىدا توختىلىۋاتىمىز، قارىتىش توغرۇلۇق توختالمايۋاتىمىز.  قارىتىشتا ئىنتايىن ئېنىق  ئۆزمەپتۇن ئالامەتلىرى بار. بۇ يەردە  «مىليونلارچە ئادەم» بىلەن سىمۋول قىلىنغان، خىيالىي بىر جەمئىيەت بار، بۈگۈنكى ئادەملەر ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆرۈشىنى ۋە ئالقىشلىشىنى خالايدۇ.  يېڭى تېخنىكىدا ئۆزمەپتۇنلۇققا قىزىقتۇرۇش ئىنتايىن روشەن. ئەمما ئوخشاش چۈشەنچىنى  ئەقلىي تېلېفونغا، ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا ياكى يېڭى ئالاقە ئىچىگە ماسلىشىپ بولغان ئادەم ئۈچۈن دېيەلەيمىز دەپ قارىمايمەن.  بۇنداق بىر دۇنيادا ئاتا – ئانا بولۇش ۋە يول كۆرسىتىش ئىنتايىن قىيىن.  خەتەرنىڭ ئىچىدە توغرىنى بىلمىسەك  قانداق يول كۆرسىتىمىز؟  شۇڭلاشقا بۇ يولدا بالىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئالغا بېسىشىمىز،  قارا بالام، شۇنىڭدىن مەنمۇ قورقىمەن دېيەلىشىمىز كېرەك. يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە ئۆتكەندە قانداق دېققەت قىلساق بۇ يولدىمۇ شۇنداق دېققەت قىلىشىمىز، بالىمىزغا ھەرۋاقىت ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ۋە بىزنىڭ بىلىمىمىزنىڭمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشىمىز، يەنى سەمىمىيلىك ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز ئەڭ توغرىدۇر.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : فېيسبۇك ۋە تىۋىتتىر ئىشلىتىشنىڭ ئاجرىشىشقا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە بۇ تېمىدا «فېيسبۇك ئاجرىشىپ كېتىشكە سەۋەپ بولىۋاتىدۇ» دېگەندەك خەۋەرلەرنىڭ كەڭ تارقىلىشى ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىنىڭ ئاجرىشىشنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىكى تەسىرى تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە يولۇققاندا قانداق قىلىپ بۇ خىل كۆز- قاراشلارغا قارشى تۇرالايمىز؟

ئەرول گۆكا: قاراڭ، تېخى باياتىن دوختۇرخانىدا بىرنەچچە دوستلىرىم بىلەن بىللە ئىدۇق. بىر تەرەپتىن ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ يەنە بىر تەرەپتىن پات- پات ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نېمە بولىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفونۇمغا قاراپ قويۇۋاتاتتىم. دوستلىرىمدىن بىرى ماڭا گەپ ئېتىپ مۇنداق دېدى: « بىر روھى كېسەللىكلەر دوختۇرى مۇنداق بايانات بېرىپتۇ، ئەقلىي تېلېفون بىلەن كۆپ ھەپىلىشىش چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئالامىتى ئىكەن». مەن بۇنىڭغا كۈلۈپ قويدۇم. «تېلېفونۇڭنى قويۇپ بىز بىلەن بول» دېدى. ھەرئىككىلىمىزنىڭ توغرا. ئۇ كونا ئىجتىمائىيلىقنى خالاۋاتىدۇ، مەن بولسا ئۆزۈمچە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى مۇنازىرىنى بىلمەكچى بولدۇم. بايا دېگىنىمدەك ئىجتىمائىيلىشىش چوقۇم بىر ئۆزگىرىش باسقۇچىدا، يانفون بىز تاللىيالايدىغان ساھەلەردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى، قارشىمدا ئولتۇرغان سىزنى ئەمەس ئالقىنىمدىكى ئىجتىمائيلىقنى تاللىيالايمەن، مۇشۇنداق بىر تاللىشىم بار. بۇ ئەھۋالغا قارىتا يۈزتۇرانە ئالاقىنى تېخىمۇ جەزبىدار قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى توختىماستىن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن بۇ نۇقتىنى ئېنىق قىلىۋالايلى ۋە ئېسىمىزدە چىڭ ساقلايلى.

ئاجرىشىشلارغا كەلسەك، بىر ئەسىردىن بۇيان نىسبىتى كۆپىيىۋاتىدۇ. يېقىندىن بىرى ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىگە «كۆپ توي قىلغان، كۆپ ئاجراشقان جەمئىيەت» ئېنىقلىمىسى بېرىلىۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي نۇقتىدىن قارىغاندا ئەڭ ئېنىق ئالاھىدىلىكلىرى بۇ. تولىمۇ قىزىقارلىقى، قاراڭ تېخى ئىككى كۈن بۇرۇن ئىستاتىستىكىلار ئېلان قىلىندى. 2015- يىلى دۆلىتىمىزد ئاجرىشىپ كەتلەرنىڭ %75ى قايتا توي قىلغان، ھەتتا %15ى بۇرۇنقى جۆرىسى بىلەن توي قىلغان. تۈركىيەدىمۇ ئاجرىشىش ۋە قايتا توي قىلىش نىسبىتى غەربتىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بولسىمۇ باشلغانغدەك تۇرىدۇ. 20 يىلدىن كېيىن بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئومۇملاشقىنىنى كۆرەلىشىمىز مۇمكىن. ئاجرىشىش زامانىۋىلىشىش بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان بىر مەسىلە. ھازىر ئاجرىشىشلار كۆپىيىۋاتقان بولسا ۋە ئاجرىشىش كۆپىيىۋاتقان بىر دۇنيادا ئىجتىمائىي تاراتقۇمۇ بۇنىڭدىن نىسىۋىسىنى ئالغان بولسا، ئاجراشماقچى بولغان بىر ئادەم ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىۋاتقان بولسا ۋە ئاجرىشىشنىڭ سەۋەبى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا باشلانغان يېڭى بىر مۇناسىۋەت بولسا، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ بايىقى بىزنىڭ ئالدىراڭغۇ دوختۇردەكلەر، ئەقلىي تېلېفون بىلەن كۆپ ھەپىلەشسەڭ چۈشكۈنلىشىش كېسىلىڭ بار دېسە، ئالدىراڭغۇ جەمئىيەتشۇناسمۇ فېيسبۇك بىلەن كۆپ ھەپىلەشسەڭ ئاجرىشىپ كېتىسەن دەيدۇ.  ھالبۇكى تەمكىنلىك بىلەن سۆز قىلىشىمىز، توغرا سەۋەپنى تىپىپ چىقىشىمىز ۋە نىشانىمىزنى توغرا بەلگىلىشىمىز كېرەك. ھىچكىم ئاجرىشىشنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلمايدۇ. ئاجراشقانلار قىيىن بىر مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ھاياتىمىزدا ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ كۆپىيىشى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر تېما. سەۋەبى تېخى تىپىلمىدى… «نەئوفوبى»گە، يەنى يېڭىلىقتىن قورقۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولماستىن تەتقىق قىلىشىمىز ۋە دەردىمىزگە دەرمان بولىدىغان چارە تېپىشىمىز كېرەك. ئەگەر فېيسبۇك بولمىغان بولسا ئادەملەر ئاجراشمامتى، كېسىپ ئېيتالامدۇق؟ بىز شۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئەندىشىلىرىمىزدىن قۇتۇلۇپ راھەتلەيمىز. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. ئەلۋەتتە مەن بىلمەيدىغان ئىشلارمۇ بار. مەن ئىجتىمائىي تاراتقۇنى تامامەن ئاقلاش ئۈچۈنمۇ بۇنداق دېمەيۋاتىمەن. بۇ ئالاقە شەكىللىرىدە ئالاقىلەرنىڭ پەرقلىق بىر ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىسى بولغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا دېگىنىمدەك كۆپ ئويلىنىش، كۆپ تەتقىق قىلىش ۋە ئاز گەپ قىلىشىمىز، خاتا نىشانلارنى كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: 6 سېكۇنتلىق(vine) ۋىدىئولار، 140خەتلىك جۈملىلەر، ھەرىكەتلىك(Gif) رەسىملەر، ھەر سائەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان TT ماۋزۇلىرى، گۇگۇلدىكى نەق مەيدان تارقىتىشلار ھەممىدىن كۆپ ياقتۇرۇلغانلار ئىچىدە ئورۇن ئالىدۇ. تېخنىكىنىڭ سۈرئىتى بىلەن ئۆگەنمەي تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى ئۇچۇر بومباردىمانى ئاستىدا زېھىنلىرىمىز بىلىم  ئەخلەتلىكىگە ئايلىنىپ قالغاچقا بىز پىكىر قىلالمايدىغان بولۇپ قالدۇقمۇ؟

ئەرول گۆكا: پارىڭىمىزنىڭ بېشىدا نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن سۆز قىلغىنىمنى ھازىر تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىڭلار دەپ ئويلايمەن… تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ناھايىتى ياخشى پەرقلەندۈرۈشىمىز، يېڭى بىر دېڭىزنىڭ بېلىقلىرى ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈشىمىز كېرەك. ھەممە ئالاقە ۋە تەپەككۇر قىلىش شەكىللىرىمىزنىڭ، زېھىن قۇرۇلمىلىرىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك. بۇنداق ۋاقىتلاردا تېخىمۇ تەمكىن بولۇشىمىز ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن. ئەمما خۇددى  Levent Erdenدەك بەزى ئۇستازلار، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن ئادەتتىكىدەك قوبۇل قىلىدۇ. بۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ چوڭ شەھەرلەردە پەن تېخنىكا سايىسىدە ئېرىشكەن شارائىتلار بىلەن ئادەملەر ياشاشقا ۋە ئارزۇ ھەمدە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەيدۇ. سىزنىڭ كۆز-قارىشىڭىز قانداق بىلمەيمەن، ئەمما سۇئالىڭىزدىن سىزمۇ بۇ يېڭى دۇنيادا مەن ۋە Levent Erdenدىن تېخىمۇ بەكرەك ئەنسىرەۋاتقانلىڭىزنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەتىراپىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سىزدەك ئويلايدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۆگەنمەي تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش، ئۇچۇر بومباردىمانى، بىلىم ئەخلەتلىكى قاتارلىقلار… ياق، ئۇنچىۋالامۇ ئەمەس…ئەلۋەتتە بۇ يېڭىلىقلارنىڭ نۇرغۇن ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى بار. ئەمما ھازىرچە بىز ھەممىسىنى بىلمەيمىز. ھازىر بىز ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرىۋاتىمىز. تەمكىنلىك بىلەن چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. ئەمما ھەممىدىن ئاۋال قورقۇنچىمىزنى يېڭىشىمىز ۋە ئۈمىدۋار بولۇشىمىز كېرەك.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: گۇگۇل كىرىش بېتىدە مۇھىم دەپ قارالغان كۈنلەر ۋە تېمىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشارەت، ۋىدىئو ۋە ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى تارقىتىدۇ. ئېلان توختاملىرى سايىسىدە (فېيسبۇك، تىۋىتتىر، ئىنستاگرام قاتارلىقلار) ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى بىزگە ھەرىكەت يۆنىلىشى تەۋسىيە قىلىدۇ. نېمىنى مۇھىم دەپ قارىشىمىز، نېمىگە ئەگىشىشىمىز، نېمىنى ياقتۇرۇشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە پەرقلەندۈرۈش پىسخىكىمىزنى مونوپول قىلىۋالغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ شەخشى تاللاشلىرى/تونۇش ئىقتىدارى بولمىغان ياكى بۇ ئالاھىدىلىكلىرى باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرىلىۋاتقان مەخلۇقلارغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىمىزمۇ؟

ئەرول گۆكا: تېخنىكىلىق ئەقىلنىڭ، شىركەتنىڭ مەنپەئەتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەنتىقىسىنىڭ مېنى بىئارام قىلغانلىقىنى، «تور مۇستەملىكچىلىكى» دېسەك بولىدىغان يېڭى بىر مۇستەبىتلىكنىڭ شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىمنى ۋە تەمتىرەپ قالغانلىقىمنى بىلىڭ. بۇ خىل خەتەرلەرنى بىلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. ئىنژېنېرلارنىڭ، پۈتۈن ئىنسانىي ئىمكانلارنى بەلگىلەش، شەكىللەندۈرۈش ۋە ئىسىملاندۇرۇشلىرىنى چوقۇم توسۇپ قىلىشىمىز كېرەك. پەلسەپەسىزلىككە قارشى كۆرەش قىلىشىمىز، ياشاۋاتقان دەۋرىمىزگە «ئادەم كېين» (post-humanity ) دەۋرى دېيىشنى رەت قىلىشىمىز كېرەك. شەخسى تاللاشلارغا ۋە ئىنسانغا بوشلۇق ئىچىشقا كۈچىشىمىز كېرەك. بۇلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا كۆرەش قىلىش ئىمكانى بېرىدۇ دەپ قارامسىز، جاۋابىم شۇنداق. ئادەم بار ھەممە يەردە ئەركىن بىر روھ ۋە تاللاش ئىمكانىمۇ بار بولىدۇ. ھازىرمۇ شۇنداق… ۋە ئېھتىمال بىزنىمۇ شۇ يەردىن تۇتۇپ توزاققا چۈشۈرىۋاتىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: تىۋىتتېردىكى 140 خەتلىك ئۇچۇر يېزىش مەجبۇرىيىتى جۈملە تۈزۈش  قابىلىيىتىمىزگە تەسىر قىلامدۇ؟  ئادەمنىڭ قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك جۈملە تۈزۈش ئادىتى  تەپەككۇر قىلىش مولېكۇلاسىدا  مېڭىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىر قىلار؟ بىلىش مولېكۇلامىزدا  قانداق پەرق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىسىز؟  زېھن مېخانىزمىمىزدا بىر پەرق بولغان بولسا قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېنىق بولىدۇ؟

ئەرول گۆكا: قاراڭ،  ئاغزاكى-ئېغىز  مەدەنىيىتىدىن يېزىش-قەلەم  مەدەنىيىتىگە ئۆتۈش بىلەن بىرلىكتە  مېڭە مېخانىزمىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەتقىقاتلار ئىسپاتلايدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ مىتافورام بىلەن ئېتىدىغان بولساق، سۆزلەش ۋە يېزىش مەدەنىيىتىدىكى ئادەمنىڭ  ئىككى پەرقلىق دېڭىزنىڭ بېلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز.  تۈركلەرنىڭ پىسخىكىسىنى تەتقىق قىلغان چېغىمدا، بىز تۈركلەرنى چۈشىنىشتە قىينالغان نۇرغۇن ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنىڭ سۆزلەش-ئاغزاكى مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋە ئۇزۇن ئىزاھلاشقا تىرىشقانتىم.  بەزىلەر بىزدەك سۆزلەش-ئاغزاكى ۋە يېزىش-قەلەم مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا قالغان جەمئىيەتلەرنى« Verbomotor  ئۆتۈش جەمئىيىتى» دەپ ئاتايدۇ.  تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ ھەم سۆزلەش-ئاغزاكى، ھەم يېزىش-قەلەم مەدەنىيىتىدىن ئىنتايىن چوڭ پەرقلىرى بار،  بەزىلەر «ئىككىنچى   سۆزلەش-ئاغزاكى مەدەنىيىتى دەۋرى»دە ياشاۋاتىمىز دەپ قارايدۇ.  مەن «ئىككىنچى سۆزلەش-ئاغزاكى مەدەنىيىتى دەۋرى» دېگەن ئۇقۇمغا قوشۇلمايمەن.  سۆز ۋە يېزىقتىن زىيادە،  تېخنىكىلىق مېديادىكى ھالەتلىرىمىز  پۈتۈن زېھنىنىڭ چۈشىگە ئوخشايدۇ.  ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئىنتايىن زور بىر پەرق، چوقۇم  مېڭە مېخانىزمىمىزنىڭمۇ  ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولىدۇ.  ئادەمگە چۈشنى ئەسلىتىدىغان،  ئاساسلىق شۇئارى «سۈرئەت ۋە ئۆزگىرىش» بولغان  تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىدا مېڭىمىزگە نېمە بولىۋاتىدۇ بىلمەيمىز،  مەن چۇقۇم ئۆزگەرگەنلىكىگە ۋە ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: زامانىۋى ئادەم ھەممىدىن بەك كۆرۈشتىن زىيادە كۆرۈنۈش ۋە كۆرۈلۈش ئارزۇسىنىڭ  كۈچلۈك بولغانلىقى تۈپەيلى تەنقىد قىلىنىدۇ. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىش بۇ ئىستەكنىڭ چوققىسى. Baudrillard  مۇنداق دەيدۇ:« بۇنىڭدىن كېيىن ھەقىقەت قوغدالمايدۇ ۋە بىزنىمۇ ئۇچۇر ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنىڭ شەھۋانىيلىقىدىن قوغدىيالايدىغان ھېچنېمە يوق. ئەمدى بىز ھەقىقەتنىڭ ئارتىسلىرى ئەمەس، مەۋھۇمنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىشلەيدىغان جاسۇسلىرى.» بىر مۇسۇلمان نېمە ئۈچۈن كەئبىنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىۋاتقاچ ئۆزىنى رەسىمگە تارتىپ تارقىتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەپلىرىنى بىلگۈمىز كېلىدۇ. بىز تورغا چوقۇنۇۋاتامدۇق؟

ئەرول گۆكا: مەن مەستانىسى بولغان نۇرغۇن ئادەم بار، Baudrillard ئۇلارنىڭ تۆرىدە ئورۇن ئالىدۇ. تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى توغرۇلۇق ئويلىغانلىرىمدا ئۇنىڭ ھەسسىسى ۋە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. كاشكى ئۇنى چۈشىنەلىگەن بولساق…ئۇ، مەۋھۇملۇقنى ۋە بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن، پىسخىكىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تۇنجى بايقىغان ئادەمدۇر.  دەۋرىمىزدىكى نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناسلاردىن Baudrillard بىر ھەقىقىي ئىجتىمائىي پەن ئالىمىدۇر. تېلېۋىزور بىلەن بىللە نېمە بولغانلىقىنى، بىر ئاپپاراتنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى، بۇنى ئادەمنىڭ بىلىش سېستىمىسىدا قەيەرگە جايلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، تارىخى نوقتىدىن بىزنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە قاراپ ماڭغانلىقىمىزنى ئۆزىگە خاس ئۇقۇم ۋە كۆزگە چېلىقىدىغان بىر تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تىرىشقان. مەسىلەن ئۇنىڭ ئىستېمال  جەمئىيىتى دېگەن كىتابى(    Tüketim Toplumu  )، سولچىللىقنىڭ بۇرۇنقى سولچىللىق ئەمەسلىكىنى، بۇرۇنقى ئۇقۇملار بىلەن ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرستىپ بەرگەن نادىر بىر ئەسەردۇر. قاراڭ، بۈگۈنگىچە سولچىللىق، ئەڭ ئاساسلىق قوزغىلىش نوقتىسى ۋە شوئارى سۈپىتىدە  جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىشلىتىپ كەلدى. «ئامېرىكا يوقالسۇن» دېمەستىن ياكى باشقا بىر پارتىيەدە بولسىڭىز،«ئامېرىكىمۇ ئەمەس، روسىيەمۇ ئەمەس» دېمەي تۇرۇپ سول بولۇش مۇمكىن ئەمەستى. سىزدىن سوراپ باقاي، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش شۇئارى قەيەردە قالدى؟ Baudrillard نەچچە يىل ئىلگىرى بۇ شۇئارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يېڭى ھۆكۈمرانلىق فورمۇلاسىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى، كونا ئۇقۇملارنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى كۆردى. كونا ئۇقۇملار ۋە سىنىپىي ئانالىزلار قىلىش ئارقىلىق بۇ دۇنيانى خورىتالمايىسز. جاھانگىرلىك ۋە مۇستەقىللىق دېيىش بىلەنمۇ بىر ئىش قىلالمايسىز. بۇ يەردىن قايتا مەۋھۇم ھەقىقەتكە قايتىدىغان بولساق… كۆرۈنگەن بىلەن ھەقىقەت، سۇبىستانسىيىلىك (مەۋجۇدلۇق-ماھىيەت) ھەقىقەت بىلەن زېھنىي ھەقىقەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر توغرىسىدا توختالغان ئەڭ كۈچلۈك پەلسەپىۋى كۆز- قاراشنىڭ ئىگىسى دەپ قارالغان Heidegerنىڭ نەزەرىيىسىمۇ بۇنى چۈشەندۈرۈشكە يەتمەيدۇ. «مەۋھۇم» دېگەن نەرسە سۇبىستانسىيىلىكمۇ ئەمەس، مەۋجۇتمۇ ئەمەس. كامېرا ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىپ بۇ مۇنداق دەپ بىزگە كۆرسىتىدۇ. ئاۋاز كېلىدۇ، بۇ دوستۇمنىڭ ئاۋازى دەپ تىڭشايمىز. چۈشەندۈرۈشلەر توغرا ئەمما ماكان پەرقلىق. بۇ يەردە ھەقىقەتنىڭ پارچىسى بولغان ئەمما ھەقىقەتتىن ھاسىل قىلىنغان بىر نەرسە بار. ھەقىقەتتىن ھاسىل قىلىنغان نەرسە دېگەن قانداق گەپ؟ بىرلىكتە ئويلىنىپ باقايلى. بۇرۇن تېلېفون ۋە تېلېگىراف ئىجاد قىلىنغان چاغدا بىر مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئىدى، ئايرۇپىلان ئىجاد قىلىنغاندىمۇ شۇنداق. بۇلار زامانىۋىلىقنىڭ سىمۋوللىرى بولۇپ ھاياتىمىزنى ئاسانلاشتۇرغان ئىدى. ئەمما دۇنيا تېلېۋىزور بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان چاغدا بىز خالىغان يەرگە ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى خالىغان يەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن چاغدا ئىش ئۆزگەردى. مەۋھۇم دېگەن نەرسە ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى، كېيىن ھاياتىمىزنى ۋە زېھنىمىزنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىدى. بۇندىن كېيىن ھەقىقەتتىن ھالقىغان يېڭى بىر ۋەزىيەت بار. سۈرىيەدە، ئىراقتا جەڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز ۋە ئېكراندا بۇ جەڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆرگەنلىرىمىزگە ئاساسلىنىپ تەپەككۇر قىلىمىز. ھالبۇكى بۇ كۆرگەنلىرىمىز جەڭنىڭ ئۆزى ئەمەس. كۆرۈنگەن بىلەن ھەقىقەتنىڭ پەرقى ئۈستىگە ئېكراندىن زېھنىمىزگە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلەر قوشۇلدى. بۇنى چۈشەنسەك، يەنى تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ مەۋھۇم تەرىپى بىلەن قارشىمىزغا چىقارغان، ئالدىمىزغا قويغان ۋە شۇنداقلا بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالىتىنى چۈشەنسەك قالغىنى ئاسان…ئەمدى بۇ يەردە قانداق ئادەملەر، قانداق جەمئىيەت بارلىقىنى ھەقىقەتەن ئويلاشقا باشلىساق بولىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى : رەقەملىك دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيانىڭ تىلىنى، ئادەم يارىتىلغاندىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر بولغان ئۆزمەپتۇن دېگەندەك ئۇقۇملار بىلەن، ئۆتمۈشنىڭ يېڭى ۋە كەڭ تارقالغان بىر شەكلى سۈپىتىدە يېڭىلانغانلىقىنى،يىپيېڭى بىر ساھە ۋە پۇرسەت دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟

ئەرول گۆكا: بۇ دېگەنلىرىڭىزگە ھېچقانداق ئېتىرازىم يوق ئەمما،قوشۇپ قويىدىغانلىرىم بار. نورمال ھاياتىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ھاياتىمىزغا يېڭى بىر ئۈسكۈنە كىرىدۇ ۋە بىز ئۇنىڭ بىلەن پىسخىكىمىزنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىمىز. مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىمىز. بۇ يەرگىچە مەسىلە يوق. دېگەنلىرىڭىز توغرا، ئادەم بىر نەرسە ئىجاد قىلىدۇ، يېڭى تېخنىكىلار كۈنتەرتىپتە بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئاساسەن ئادەم پىسخىكىسى ۋە مۇناسىۋەتلىرى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق. كەم قالغان نەرسە بولسا، ئىزدىنىش ۋە تەنقىد. ئەمما ئىزدىنىش ۋە تەنقىد دېگەندە ئاددى ۋە مەنتىقىسىز پىكىرلەرنى كۆزدە تۇتمىدىم.

  مەسىلەن ئەينى چاغدا تېلېۋىزور ھەققىدە ئاكادېمىك دەپ سۇنۇلغان تەنقىدلەرنىڭ بىرى «ئۆيىمىزدىكى ناتونۇشلار» ئىدى. ئېكراندا كۆرگەنلىرىگە ئۆيىمىزدە بۇلار نېمە ئىش قىلىدۇ دەپ سورالغانتى.  تەبىئىيلىكنى ياقىلايدۇ ئەمەسمۇ! تەنقىد ئورنىغا ماقال تەمسىللەر بىلەن مەسخىرە قىلىنىدى، تېلېۋىزورغا تەپەككۇر كۆزى بىلەن قارىيالمىدۇق. ھازىر ئۆيىمىزدىكى ناتونۇشلار دېگەن ئادەمدىن مەن شۇنى سورىماقچىمەن، ئەقلىي تېلېفوندىكىلەر نېمە؟ يەنى ئېغىر مەسخىرىلىك تەنقىد قىلىش زىيانلىق، ئەمما ھەممىنى نورمال قوبۇل قىلىشمۇ زىيانلىق. GADAMER شۇنداق دېگەن ئىدىغۇ دەيمەن «ئادەم ئويۇن ئوينايدۇ، ئەمما ئويۇنمۇ ئادەمنى ئوينايدۇ». ئەگەر  بۇ بىر خىيال ئويۇنى بولسا مەۋھۇم دۇنيا تامامەن سىز بىلەن ئويۇن ئويناۋاتىدۇ. بىز بىلەن ئويۇن ئويناۋاتقان تەرەپلىرى، زېھنىمىزنى شەكىللەندۈرگەن تەرەپلىرى توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. «ئۆيىمىزدىكى ناتونۇشلارنى سىرتقا چىقىرۋېتىڭلار» دېمەسلىكىمىز كېرەك. «تورخۇمار بولۇش، كومپيۇتېرىمىزنى ئۆچۈرۋىتەيلى، ھەركۈنى يېرىم سائەت ئاچايلى» دېگەندەك گەپلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. ھاياتنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئەمما تەنقىد قىلىشتىنمۇ ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. «سەن تېلېفون بىلەن بىر ئىشلارنى قىلىۋاتقان چېغىڭدا ئۇمۇ ساڭا بىر ئىشلارنى قىلىدۇ. سەن ئۆزۈڭنى رەسىمگە تارتىۋاتقىنىڭدا پۈتۈنلەي تەسلىم بولغان ھالەتتە بولىسەن، خۇشۇ ئىچىدە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھالەتتە بولۇشۇڭ مۇمكىن. بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، ئەمما شۇنداق دەۋاتقانلار بار: بۇنى قانچە كۆپ ئادەمگە كۆرسەتمەكچى بولساڭ، ئۆز نەپسىڭ بىلەن ئەتىراپقا زەھەر چېچىۋاتىسەن. بۇ ئىشتىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ دېگىنىمىزدە ئۇنىڭ قارشىسىغا ئۆتەلەيمىز، خۇددى كەئبىدە ئۆزىنى رەسىمگە تارتقاندەك، بۇ ئەڭ مۇقەددەس ماكاندە نەپسىڭنىڭ ئەتراپقا چاچقان كىرلىرىدۇر. ھاياتنىڭ نورمال داۋاملىشىشىنى قوبۇل قىلىمىز، لېكىن ھايات ۋە بۇ ئۈسكۈنىلەر توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىشقا باشلىغىنىمىزدا شۇنى كۆرەلەيمىز، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى كىم ئىجاد قىلدى؟ تېلېۋىزور ھاياتىمىزدا قانداق پەيدا بولدى، دېھقانلار ئېتىزدا ئىشلەۋېتىپ ئىجاد قىلدىمۇ؟ بۇنىڭدىن كىم پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟ بۇ سۇئاللارنى سورىمامدۇق؟ بۇلارنى سورىغىنىمىزدا كۆزىتىش جەمئىيىتى خەتىرىنى، تېخنىكىنىڭ پىسخكىمىزغا بولغان سەلبىي تەسىرلىرىنىمۇ كۆرىمىز. بۇلارنى بىز ئىجاد قىلمىدۇق. بۇلارنى زامانىۋى ئەقىل ئۆز ئىنژېنېرلىرى ۋاستىسى بىلەن ئىجاد قىلدى ۋە ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى ئىنژېنېر قىلدى. بۇنىمۇ دېمەمدۇق؟ سەن ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەرنى ئىنژېنېر قىلىش ئارقىلىق نېمە قىلغان بولىسەن؟ پەلسەپىنى يوق قىلىسەن. «ياخشى ھايات قانداق بولىدۇ؟ قانداق ياشىشىمىز كېرەك؟» دېگەندەك سۇئاللارنى مۇتەخەسسىسلەرگە ئامانەت قىلىسەن. سەن بىر نەرسە ئىجاد قىل، ئىختىيارىڭ، ئەمما مېنىڭ ئەركىنلىكىمگىمۇ ئارىلاشما. مېنى مەجبۇرلىما. ھازىر ئۇنداق ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايمەن، ياش ۋاقتىمدا ئاپتوبۇسلارغا قارشى ئىدىم. ئۇلارنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيتتىم. ھەتتا تېخنىكىلىق جەھەتتىمۇ ئىنسانغا، ئادەم ئەقلىگە قەتئىي ياراشمايدۇ، ئۈچ تۆت ئادەم تېز ماڭسۇن دەپلا ھەممە يوللارنى ئۇنىڭغا ئاساسەن لايىھەلەيدۇ؟ دۇنيا كىر قىلىپ شەھەرلىرىمىزنى بەربات قىلىدۇ، ھەتتا بۇ تۈپەيلى دۇنيا ئۇرۇشلىرى بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. بۇنىڭ ئورنىغا لىفىت ھەتتا ئادەمگە قانات ياسىيالايتتۇق. يەنىلا مۇشۇنداق چۈشەنچىلىرىم بار، ئەمما ئاپتوموبىل سانائىتى ماڭا ۋە ماڭا ئوخشاشلارغا ئەكىسچە بىر نەرسە ئويلاندۇرمىدى. ئويلانغانلارنى قىزىقارلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ئېتىبارىمىزنى يوق قىلدى. مەن ياق دېيەلمەسلىكىمىزگە ۋە بىزگە تاللاش ھوقۇقى بېرىلمىگەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرىمەن. يەنى زامانىۋىلىق بىزگە تاللاش ئۈچۈن چۈشەنچە ئىمكانى بەرمەيۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا تەنقىدلەيمەن. ماشىنىنى ئىجاد قىلساڭ قىل، لېكىن نۇرغۇن  يېڭى زاۋۇت قۇرۇپ مېنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىما. نۇرغۇن ئادەمنى قاتناش ساقچىسى بولۇشقا زورلايسەن. پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن بىر تالاي نەرسىلەر لازىم دەپ قىينايسەن. سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بەلگىلەۋاتىسەن، ماڭا پۇرسەن بەرمەيۋاتىسەن، مېڭىش ئۈچۈن بوشلۇق بەرمەيۋاتىسەن، مەن دۇنيانىڭ بۇ ھالىتىگە ئېتىراز بىلدۈرىمەن.  بولمىسا بىر قېرىندىشىم بىر نەرسە ئىجاد قىلغان بولسا سۆيۈپ بېشىمدا كۆتۈرىمەن.

ئۆتكەندە ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا دىنى ئېتىقادىغا قانچىلىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر ئىستاتىستىكا قىلىندى. يوقسۇل مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئەڭ بېشىدا. دىن مېنىڭ ھاياتىمدا ئىنتايىن مۇھىم دېگەن سۇئالغا ھەئە دەپ جاۋاپ بەرگەن دۆلەتلەر ئارىسىدا كەمبەغەل دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. تەرەققىي قىلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ قاتتىق سىناقلىرىدىن ئۆتكەن دۆلەتلەر ئاخىرىدا، بىز بولساق ئوتتۇرىدا تۇرىۋاتىمىز. بۇ ئىستاتىستىكا توغرۇلۇق نۇرغۇن مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىمىز مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ ئىستاتىستىكىدا كۆرگەن يوقسۇل مۇسۇلمان ئادەملەر ۋە دۆلەتلەر كۆزۈمدە تېخىمۇ ئۇلۇغلاندى ياكى كاشكى كەمبەغەل ۋە دىندار بولغان بولساق دېيەلمەيمەن. ئەگەر ئۇنداق دەيدىغان بولسام رەسۋا بولۇشقا تەييارمەن دېگەن بولىمەن.  بۇ دۇنيا ئەمدى سېنىڭ يوقسۇل ۋەدىندار بولۇشۇڭغىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. ساڭا تېز باشقا تاللاش بەرمەيدۇ. مېنىڭ سۆزۈم مەلۇم ئىجتىمائ‍ي توپنى ئاساس قىلىۋالغان دېموكراتىيە شۇئارلىرى تەرەپ – تەرەپتە ياڭراۋاتقان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. پەقەت دۇنيا ھېچقاچان بۇ قەدەر بىرخىل ئۇسلۇپ ۋە بىرخىل ئۇسلۇپچى بولۇپ باقمىدى. تامامەن ئوخشاش ھايات شەكلىنىڭ، ئوخشاش كىيىم ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسلۇبى بولغان بىر دۇنيا، چېگرالىرىنى تېخنىكىلىق ئەقىل ۋە ئىنژېنېرلار سىزغان بىر دۇنيا.

ت رت ئاكادېمىيەسى: ئەپەندىم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىلىپتۇ. تىۋىتتىر، فېيسبۇك، ئىنستاگرام ئابونتلىرى ھەققىدە بۇ كىشىلەرنىڭ پەرقلىق سۇپىلاردا پەرقلىق باش سۈرەت ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر تەجرىبە. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلگۈمىز بار. فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى بىر مۇھاكىمە يېغىنىدا مۇنداق دېدى: «يالغان ھېساپ ئاچقانلاردا ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. ئۇلار شۇ مۇھىتتا ئۆزىنىڭ كىملىكلىرى بىلەن راھەت بولالمايۋاتقان ئادەملەردۇر». ئادەملەرنىڭ پەرقلىق كىملىكلەر بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىلىرىدا بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىنمۇ؟ ئىجتىمائىي بىسىم تېخىمۇ مۇھىممۇ؟

ئەرول گۆكا: ئالدى بىلەن دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر كونا پىسخىك ئۇقۇملار بىلەن يېڭى (ۋەزىيەتنى) ئەھۋالنى ئىزاھلاشقا تىرىشىۋاتىمىز، يېڭى رەقەملىق تېخنىكىلاردا ئۆزىنى پەرقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقان بىر ئادەمنى يېزىدىن يېڭى كەلگەن تۇرۇقلۇق، مەن ئىستانبۇللۇق دېگەن بىر ئادەمگە ئوخشىتالمايسىز، ئوخشاش ئۇقۇملار بىلەن تەپەككۇر قىلالمايسىز. بۈگۈن تېخنىكىۋى دۇنيادا ئىسمىنى يوشۇرۇپ، ساختا ھېساپ ئېچىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلمايۋاتقان ئادەملەر بەلكىم ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتقاندۇر، لېكن باشقا سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن. نۇرغۇن پەرقلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى يالغان ھېساپ ئىشلىتىۋاتقان نۇرغۇن ئادەم بار… ئومۇمەن ئەھۋال مۇنداق؛ ئۇلار بۇنى كۆرەشنىڭ بىر ۋاستىسى دەپ قارايدۇ. يېڭى ھېساپنى، ئۆز كۈچىنىڭ ھەسسىلىنىشى دەپ قارايدۇ. مەن بۇ ئادەمگە ئۆزىگە ئىشەنمەيدۇ دېيەلەمدىم؟ ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ ئادەم ئۆزىگە ئىنتايىن بەك ئىشىنىدۇ. ساختا ھېساپ ئېچىشنىڭ سەۋەبى بەلكىم تەلۋىلىكىدىن ياكى ھىيلىگەرلىكىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىخەتەرلىك تەشكىلاتلىرى مەۋھۇم ساھەلەر ئۈچۈن مۇتەخەسسىس تەربىيىلەۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز. شۇڭلاشقا ئۇ ساختا ھېساپ بەلكىم بىخەتەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئادىمىدۇر. بەلكىم ساختا ھېساپنى تىجارەت ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىلىسىز ھازىر تىجارەتچىلەرمۇ بۇ ساھەنى بايقىدى. بولۇپمۇ كىيم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى قىلىۋاتقانلار… ئۇلار ھېساپ ئاچىدۇ، قەيەردە بولسا شۇ يەرلەردە يالغان ۋە خاتا خەۋەر تارقىتىدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قالايمىقان بىر دۇنيا، شۇڭلاشقا بۇ دۇنيادا ئەڭ بەك ئاسانغا قېچىش ۋە يالغاندىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. ساختا ھېساپ ئېچىشنى ئۆزىگە ئىشىنىش مەسىلىسىگە چېتىۋېلىش، ئاسانغا قېچىش بولىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: دۇنيادا 1.6 مىليارد، تۈركىيەدە 40 مىليول فېيسبۇك ئابونتى بار. رەقەملىك ۋەتەنداشلىق دېگەن بىر ئۇقۇم مەۋجۇد. بۇ ئورۇننىڭ ئىنتىزامى، قانۇنى، پىخسىكىلىق ۋە ئىجتىمائىي شەكلى ئېنىق ئەمەس. بۇ يېڭى دېڭىزدا بوغۇلۇپ ئۆلۈشىمىز مۇمكىن، ياكى ئۈزۈپ يېڭى ئۇپۇقلارغا يېتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن. بىر تەرەپ «يىراق قاچايلى دەپ ئۆزىنى قوغداشقا تېرىشىدۇ، يەنە بىر تەرەپ بولسا «ھايات بۇ يەردە» دەپ ئۈزۈپ پەيزىنى سۈرىدۇ. قانچىلىك ئېھتىياج بولسا شۇنچىلىك ئىشلىتىمەن دەپ يىراق تۇرىۋاتىدۇ. يول خەرىتىمىز يوق. شەخسىي تاللاشلىرىمىزنىڭ كەينىدىن كېتىپ بېرىۋاتىمىز. يولىمىزنى قانداق تاپىمىز؟

ئەرول گۆكا: شۇنى قوبۇل قىلىش كېرەككى؛ بىز ھازىر ھېچقايسىمىز پۈتۈنلەي تونۇيالمىغان، بىلگەنلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىغاھەم ئىشەنچ قىلالمايۋاتقان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ياشاشنى ياشايلى دە، ئۆزىمىز ۋە ياشاۋاتقان دۇنيايىمىز توغرۇلۇق ئويلىنىشنى توختىتىپ قويمايلى. بىز بۇ دۇنياغا ناتونۇش، شۇڭا ناتونۇشتەك دېققەت ۋە سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلايلى. بۇنداق بىر دۇنيادا سىياسەتنىڭ، جەمئىيەت ئىنژېنېرلىرى خىزمەتلىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى شەخسى ۋە ئاممىۋى، ئەركىنلىك ۋە مەسئۇلىيەت، مۇتەخەسسىسلىك ۋە شەخسى تاللاش تەسىرلىرى  توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلايلى.  ئىجتىمائىي تاراتقۇدا شەكىللىندىغان يېڭى جەمئىيەتلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكىلەر بىلەن پەرقلىرى، ئىنتىرنېت ئالاقىسىنىڭ ئاچچىقىنى ۋە زوراۋانلىقىنى كۈچەيتىپ كۈچەيتمەيدىغانلىقى دېگەندەك تېمىلارنى يورۇتۇشقا تىرىشايلى. قولىمىزدا تەنقىدنىڭ مەشئىلى، قەدەممۇ –قەدەم  غەزەپلەنمەستىن ئىلگىرىلەيلى.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: ئىجتىمائىي تاراتقۇ سايىسىدە بۈگۈن ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ دائىرىسىدە مېديا خوجايىنى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە بىز قارىماققا ھېچقايسى پادىشاھ ئىگە بولالمىغان زور ئىجتىمائىي توپقا سۆز قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئەمما «يالغۇز ئىجتىمائىيلىق» ئوقۇمى ھەققىدە بىر باشقا ئويلىنىش مەۋجۇت. تىۋىتتىردا ئون مىڭ ئەگەشكۈچىمىز بار، لېكىن بىز يالغۇز. ئادەملەر ھەقىقىي ئۆزىنى ئەمەس ئارۇزۇسىدىكى\خىيالىدىكى ئۆزىنى تونۇتىدۇ. رەقەملىك دۇنيادا بولۇش مەقسىتىمىز ئىجتىمائىيلىشىش ئۈچۈن ئەمەس، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن. بۇ تەنقىدلەر توغرىسىدا قانداق پىكىرىڭىز بار؟ بىز چەمبىرىكى كەڭرى كۆرۈنگەن لېكىن يالغۇز، خۇشال كۆرۈنگەن ئەمما خۇشال ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆرۈنگەن ئەمما مۇۋەپپەقىيەتسىز شەخىسلەر بولۇش يولىدا كېتىۋاتامدۇق؟

ئەرول گۆكا: ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىمەنكى، سىز بۇ سۇئاللىرىڭىز بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئورتاق بىر ئەندىشىسىنى ئىپادىلەۋاتىسىز. بۇنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن، ئەمما يەنىلا كۈلۈمسىرەشتىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن. «يالغۇز ئىجتىمائىيلىق» ئۇقۇمىغىمۇ دائىم كۈلۈمسىرەپ كېلىۋاتىمەن. ئادەم ئۈچۈن بېرىلىدىغان پەلسەپىۋى ئۇقۇملاردىن بىرى بولسا ئۇنىڭ توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇشىدۇر. يەنى بىز يالغۇز مەۋجۇتلۇقىمىزنى جەمئىيەت ئىچىدە ساقلاپ قالىمىز، ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە ھەردائىم يالغۇز ئىجتىمائىيلىق بار. ئەمما بىز ھازىر بۇ ئۇقۇمنى رەقەملىك مۇھىتتىكى ھالىتىمىزنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن كۈن تەرتىپىمىزگە قويىۋاتىمىز. پەلسەپەسىزلىكىمىزنىڭ ئىسپاتى بۇ بولسا كېرەك ياكى پەلسەپەسىز قىلىش بۇ بولسا كېرەك.  ئۇقۇملار بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. غەلبە قىلغان پەقەت ئىنژېنېرلار ۋە پەن-تېخنىكا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە نېمىلەرنى قىلغانلىقىغا قاراشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايمىز.

ئەمما يەنىلا چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمىز. سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنىمۇ پەرەز قىلالايمەن. قەتئىي خاتا چۈشەنمەڭ. مەسىلە سىزدە ئەمەس، سىز ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپ بېرىۋاتىسىز. مەسىلە ھازىرقى ئەھۋالىمىزنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن كەلىمىلەرنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدا، كەلىمىلەرنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان پەلسەپىۋى بىر كۆزىتىش نۇقتىمىزنىڭ بولماسلىقىدا. شەخىس ۋە جەمئىيەتلىشىشنىڭ تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىدىكى ھالەتلىرى توغرىسىدا ئاساسەن ھېچنىمە بىلمەيمىز. تور ۋە يالغۇزلۇق تېمىسى ئىلمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئادەمنى ئىنتايىن كۈشكۈرتىدۇ… بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال سۇئالىنىڭ كىم توغرۇلۇق سورالغىنىنى بىلىشىمىز كېرەك. قايسى خاراكتېردىكى ئادەم، توردا نېمە ئىش قىلىدۇ، كىملەر بىلەن نېمە توغرۇلۇق كۆرۈشىدۇ، بۇلارنى بىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا قۇرۇق گەپ قىلغان بولىمىز.

ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بېغى\رىشتىسى بولۇشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە جىسمانىي يېقىنلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. قارشى تەرەپنى دائىم كۆرۈش چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئورنىتىشنىڭ شەرتى. بىز ھەمبەھىرلىنىۋاتقان كەڭرى بىر مەنا دۇنياسى، باغلىنىش ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇلىرى بىزنى ئۇ ئادەم تەرەپكە تارتىدۇ، ئازراق كۆرمىسەك سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. بىزنى ھاياتىمىزدىكى قىيىنچىلىقلاردىن، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئىجتىمائىي كۈچمۇ ھىسسىي بېغىمىز بولغان ئادەملەردىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا، بىز توردىكى ئالاقە بىلەنمۇ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتالامدۇق؟ تور دۇنياسىدا چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىش ئۈچۈن يەنىلا جىسمانىي يېقىنلىشىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتالامدۇق؟

كۆزىتىش ۋە تەتقىقاتلار، تورنىڭ كۆپىنچە ئىلگىرى تونۇشىدىغان ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆزىتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە توردا يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇش، ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىمۇ بار، ئەمما بىز پەرەز قىلغاندىكىدىن ئىنتايىن ئاز. شۇنداقلا، پەرەز قىلغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە توردا ئالاقە قىلىش ئارقىلىق چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت رىشتىسى ئورنىتىشمۇ بەك توغرا ئەمەس. بۇ خۇسۇستىمۇ ئىنسان ئالاقىسىنىڭ جاھانشۇمۇل قائىدىلىرى كۈچكە ئىگە. بەزىدە تور ئالاقىسىنىڭ مەۋھۇملۇقى تۈپەيلى خاتا چۈشەنچىلەر شەكىللەنسىمۇ، جىسمانىي يېقىنلىق ۋە ھەمبەھىرلىنىش بولمىغاچقا ئاساسەن يۈزەكى مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. تور ئالاقىسى ئارقىلىق يۈزتۇرانە ئالاقە ۋە جىسمانىي يىقىنلىق قۇرۇلغان ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر دوستلۇققا ئېرىشەلەمدۇ يوق، ھازىرچە تېخى ئېنىق جاۋاپ بېرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. كاللىمىز ئېلىشىپ كەتتى، تەتقىقات نەتىجىلىرىدە مەسىلە بار.  بەزى تەتقىقاتلاردا مۇنداق بىر ئەھۋال تەكىتلىنىۋاتىدۇ: ئادەملەر تور بىلەن مەشغۇل بولۇپ، كومپيۇتېر قارشىسىدا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەنسېرى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەر ئازىيىپ كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە يېقىن دوستلىرى بىلەن تېخىمۇ ئاز ئۇچرىشىپ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا تېخىمۇ كۆپ ئادەم تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىنى توغرا دەپ قارايدىغان بولساق، جەمئىيەتتە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ئادەملەرنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىجتىمائىي ئالاقىلەرگە ۋاقىت ئاجراتماسلىقى ۋەياكى ئاجرىتالماسلىقى دېيەلەيمىز. تور خۇددى تېلېۋىزورغا ئوخشاش ئادەملەرنى مەجھۇل ھالەتكە ئەكىلىپ ئىجتىمائىيلىشىشتىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ دېيەلەيمىز. ئەمما پەرقلىق نەتىجە كۆرسىتىۋاتقان باشقا تەتقىقاتلارمۇ بار. ئۇلاردا ئېيتىلىشچە تور ئومۇمەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە ۋە ئىجتىمائىيلىشىشنى كۈچەيتمەكتە. ئادەملەر توردا كەزمەي، پاراڭلىشىدۇ ۋە ئۇچۇرلىشىدۇ.

تەتقىقاتلاردىكى بۇ زىتلىق، ئېھتىمال تورنىڭ پەرقلىق ئادەملەر تەرىپىدىن ئوخشىمىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تۈپەيلى دەپ قارايمەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تور ئابونتىنى تونۇماستىن ۋە ئۇنىڭ توردا نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ تورنىڭ يالغۇزلۇق ۋە ئىجتىمائىيلىشىش بىلەن بولغان ئالاقىسى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمىز.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: باشقىلارنىڭ بىزنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۆزىمىزنى باشقۇرۇش تۇيغۇسى بىزنى ھېچكىم كونتىرول قىلالمايدىغان رەقەملىق سەرگۈزەشتىلەرگە ئىتتىرىۋاتىدۇ دېگەندەك كۆز-قاراشلار مەۋجۇت. كۆزىتىش ۋە كۆزىتىلىشنى خالايمىز. ئادەمنىڭ تەبىئىتىدە بولغان قىزىقىش تۇيغۇسى خۇددى بۇ يەردە مۇھىم رول ئويناۋاتقاندەك. باشقىلارنىڭ مەھرىمىنى كۆزىتىش. جەمئىيەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، قانۇنى ۋە ئەخلاقىي كۆز-قاراشلار شەخىسكە بۇنى چەكلەيدۇ، ئەمما ئىجتىمائىي تاراتقۇ بولسا تەشۋىق قىلىدۇ. بىز چەكلەش ۋە تەشۋىق قىلىش ئوتتۇرىسىدا قالىمىز، بۇخىل ھالەتتە پىسخىكىمىز قانداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ؟

ئەرول گۆكا: شۇنداق، تامامەن توغرا، توردا ئېڭىمىزنىڭ سىرتىدا بولغان ئارزۇلىرىمىزغا تېخىمۇ ئاسان يېتەلەيدىغان بىر مۇھىت بار. تەلۋىلىككە دىققەت تارتىش ئۈچۈن  كۆچۈرمىكەشلىك ۋە رىياغا مايىللىق دېيەلەيمىز. تەتقىقاتلار سايىسىدە رەقەملىك سەرگۈزەشتىلەردە ئادەملەرنىڭ پىسخكىسىنىڭ جىددىيلىشىش، كىچىك بالىغا ئوخشاپ قىلىش، كونترولدىن چىقىشتەك ھالەتلەردىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭلاشقا رەقەملىك ئالاقە جەريانىداتۇيۇقسىز خۇشال بولۇش، نېمە ئويلىسا شۇنى دېۋىتىش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە مايىل بولۇش كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتچىلار يەنە شۇنى تەكىتلەيدۇكى، يۈزتۇرانە ئالاقىدىن پەرقلىق ھالەتتە، قارشىمىزدىكى بىر ئۈسكۈنىنىڭ بولۇشىمۇ چەكلەش تەسىرىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. شۇنى قوبۇل قىلىمىزكى، رەقەملىق ئالاقىلەردىن يولدىن چىقىش تېخىمۇ ئاسان.

شۇنداقتىمۇ مەن يەنىلا قائىدە تۈزۈملىرى نائېنىق بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، تەلۋىلىك  قىلىشقا مايىل ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ بەكرەك نامايەن قىلىش ئۈچۈن قىلغانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن، شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن. مەھرەم تۇيغۇسى ئاساسلىق بىر ئېھتىياجدۇر. مەھرەم تۇيغۇسى بولماستىن جەمئىيەت بولمايدۇ، قىممەت-قاراشلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئادەم ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە يېقىن ئادەملەر بىلەن چەمبىرىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ يېقىن ئەتىراپىدىكىلەرنى خەتەردىن ساقلاش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى ئايىمايدۇ. ئادەم، مەنا ۋە قىممەت قاراش ساھىبى بولغانلىقى بىلەن باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئايرىلىدۇ ۋە بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى تاشلىۋېتىشى ئۈچۈن يوللۇق  بىر سەۋەبى بار دەپ قارىمايمەن. تارىختا بولغىنىدەك، ئەڭ ئاخىرىدا مۇۋاپىق بولغان ئاشقۇنلۇقنى يېڭىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئاڭلىق پوزىتسىيىسى دەرتلەرگە بىر چارە تاپىدۇ، ساغلام بولمىغان بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى:تورغا خۇمار بولۇش دېگەن ئۇقۇمنى ئېتىراپ قىلمايسىز ۋە بۇ ئۇقۇمنى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئويۇن ئوينايدىغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىسىز. روھ ۋە بەدەن ساغلاملىقىمىز نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سۈرئەت ۋە لەززەت ئۇقۇملىرىنى دائىم ھېس قىلىدىغان بىر مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. ھەممە نەرسە شۇنچە تېز ۋە لەززەت بىلەن ئىستېمال قىلىنىدىغان بىر مەۋھۇم مۇھىت، «روھىم كەينىدە قالىدۇ» دېگەن ئەندىشىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. رەقەملىك مۇھىتلار ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە ناتونۇشلىشىپ كېتىشىنى تېزلەشتۈرىۋاتىدۇ دېگەن پىكىرگە قوشۇلامسىز؟ بىر مىسال: (كۈنتەرتىپنى ياكى يېڭىلىقلارنى قاچۇرۇپ قويۇش ئەندىشىسى) بىزنى قانداق بىر روھى كەيپىياتقا بەنت قىلىۋاتىدۇ؟ تورغا چىقالمىغان چاغلاردا ئۆزىمىزنى كېسەلدەك ھېس قىلىش ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ؟

ئەرول گۆكا: تورغا خۇمار بولۇش دېگەن ئۇقۇمنى توردا سەرپ قىلىنغان ۋاقىتقا قارىتا بېرىشكە قارشىمەن. پىسخىكىلىق داۋالاشتىمۇ بۇ ئۇقۇم كومپيۇتېر  ئويۇنلىرىغا خۇمار بولغانلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. پەلسەپىۋى جەھەتتىن چوقۇم خۇمار بولۇش توغرىسىدا سۆز قىلماقچى بولساق «تېخنىكا خۇمارى بولۇش»  تېخىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما دائىم چۈشەندۈرۈشكە تىرىىشىۋاتقىنىمدەك بۇنىڭغىمۇ پۇرسەت يوق؛ چۈنكى تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسى دېڭىز، بىز بولساق ئىچىدىكى بېلىقلار. بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار، مۇناسىۋەتلىك يازمىلىرىمنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. كۈنتەرتىپ ياكى يېڭىلىقلارنى قاچۇرۇپ قويۇش ئەندىشىسى تېمىسىغا كىلەيلى: بۇ دىئاگنوزنى ھەم مۇتەپەككۇرلار ھەم دوختۇرلار قويۇۋاتىدۇ ۋە توغرا قىلىۋاتىدۇ. ئادەملەر، ئەندىشە تىزىملىكىگە يېڭى بىر ئۇچۇر بولۇپ مەن خەۋەرسىز قالارمەنمۇ دېگەننىمۇ قوشتى. مەندىن سورىسىڭىز، بۇ ئەھۋال كېلەچەك قايغۇسىنىڭ «ئۇچۇر دەۋرىدىكى» كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى. بەزى ئادەملەردە پىسخىكىلىق داۋالىنىشقىمۇ مەجبۇر قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ھەيران قالماسلىق كېرەك. كېلەچەك قايغۇسى بۇزۇلۇش دېگەن كېسەل ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاساسەن ئون ئادەمدىن بىرى بۇ كېسەلگە گىرىپتار ۋە بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلارنىڭ ئەندىشىلىرى ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە روھىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بەزى ئادەملەر ئىمتىھانلاردىن، بەزىلەر باشلىقىدىن، بەزىلەر قاتناشتىن، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىن، پاي چېكى بازىرىدىكى پۇلىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى بۇ كېسەلگە گىرىپتار قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈنكى دۇنيادا خەۋەردار بولۇش دەپ بىر ئالاقە كاتېگورىيىسى مەۋجۇت، بۇ ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدىمۇ مۇھىم، مەلۇم بىر ۋەقەگە بىر جەمئىيەتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنىڭ بىلىنىشىمۇ بەك مۇھىم. پەرزىمچە مۇھىم بولۇش سەۋەبى ئۆزگىرىشچان كىملىك كاتېگورىيىسىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەۋەر تېپىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش بىزنى بىر مەزگىل بولسىمۇ مەلۇم بىر جەمئىيەتكە تەۋە قىلىدۇ. ئالاقىمۇ بۇنىڭغا ئاساسەن شەكىللىنىدۇ.  ئالاقىدە بۇنچە مۇھىم، ئۆز ئالدىغا قىممەتكە ئىگە بىر ئۇقۇم ئەلۋەتتە كېلەچەك قايغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ سەۋەپچى بولالايدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: فېيسبۇكتا بەش مىڭ، تىۋىتتىردا 34 مىڭ دوستىڭىز بار. يازغانلىرىڭىزنى ياقتۇرغان ياكى ھەمبەھىرلىگەن كىشىدە قانداق بىر تەسىر پەيدا قىلغىنىڭىزنى بىلمەيسىز. بەلكىم مۇئەللىمى ياكى باشلىقى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ۋە ياكى سىياسى بىر مەنپەئەت تۈپەيلى مەجبۇر سىزگە ئىلتىپات قىلىشى مۇمكىن. ئەمما سىز مېنى ياكى پىكرىمنى ياقتۇردى دەپ قارايسىز. بۇ ئەھۋال چىن-مەۋھۇم ئالاقىسى ھەققىدە ئادەملەر بىلەن بولغان ئالاقىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

ئەرول گۆكا: ناھايىتى ياخشى بىر سۇئال. خۇددى سىز دېگەندەك ھەقىقىي ئىجتىمائىي چەمبىرىكىمدىن پەرقلىق بولغان 40 مىڭ ئادەم بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئالاقەم بار. ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۆزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەھىرلەنگەنلىرىمنى ئۇلار كۆرەلەيدۇ. يازغانلىرىمنى، يازمىلىرىمنى، چۈشەنچىلىرىمنى، بەھىرلەنگەن رەسىملەرنى، قەيەردە ئىكەنلىكىمنى كۆرەلەيدۇ. توغرىسى مەن ئۇلار بەھىرلەنگەنلىرىمنى كۆردى دەپ قارايمەن. مەن ئۆزۈم ئىجتىمائىي تاراتقۇدا  ئەگىشىۋاتقان ئادەملەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىڭ بەھىرلەنگەنلىرىگە دېققەت قىلىمەن. باشقىلارنى بولسا بەزىدە كۆڭلىنى ئاياپ، يەنە بەزىدە مۇھىم بىر ئۇچۇرغا ئېرىشىپ قالارمەنمىكى دەپ ئەگىشىمەن. ئەگەر باشقا ئادەملەرنىمۇ ماڭا ئوخشاش قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، دېمەك مېنىڭ ھەقىقىي ئەگەشكۈچۈم 400 ئادەم ئەتىراپىدا دېگەن گەپ…ئىجتىمائىي تاراتقۇ تەجرىبەممۇ بۇ پىكىر يۈرگۈزۈشۈمنى توغرىلايدۇ…

ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئىجتىمائىيلىقىدا، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي پارچىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن سانلىرى ئىككى قولىنىڭ بارماقلىرىدىن ئاشمايدىغان چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت بىلەن باغلانغان ئادەملەر ۋە يەنە يۈز ياكى يۈز ئەللىك ئەتىراپىدا تونۇيدىغان ئادەملەر بار. ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈچىمىز يېتىدىغان ئىجتىمائىيلىق مۇشۇنچىلىك… مېديانىڭ بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇنىڭ ھاياتىمىزدا پەيدا قىلغان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشى، ھەقىقىي ئىجتىمائىيلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى، كۈچىيىدىغانلىقى ھەققىدە بىر تەسىرات…. تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىدا ئالاقىلىرىمىزنىڭ چىنلىقىنى بۇزغان ئەڭ چوڭ ئامىل بۇ دەپ قارايمەن. توي قىلىش پروگراممىلىرىدا ئادەملەر، ئۆزىنى خىيالى مىليونلارچە ئادەملەرگە كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. مەنچە بۇ ئەھۋال توي قىلىشنىڭ تەبىئىتىگە زىت كېلىدۇ.  ئىجتىمائىي تاراتقۇدا مىليونلارچە ئادەمنىڭ بىزنى ياقتۇرۇشى، ياخشى كۆرۈشىنى خالايمىز. بۇ تەلەپ مەنچە ھەقىقىي ئالاقىنىڭ ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ روھىغا زىت كېلىدۇ. قانداق قىلىمىز بىلمەيمەن. لېكىن بۇ «مىليونلار» سۆزى ھەممىمىزنى ئەسىر ئالدى. .. سىزمۇ بىلىسىز Benedict Anderson مىللەتكە «خىيالى جامائەت» دەپ ئېنىقلىما بېرىپ، خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۈگۈن ھەممىمىز ئايرىم- ئايرىم جامائەت ئىگىسى بولدۇق. قىسقىچە ئېيتقاندا بۇ بەكلا قىزىقارلىق بىر ئەھۋال. ..

ت ر ت ئاكادېمىيەسى:تورغا چىقمىغان ئادەم بىلەن تورغا چىققان ئادەمنىڭ جۆيلۈمىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىز كۆزىتەلەيدىغان مەنىلىك پەرقلەر بارمۇ؟

ئەرول گۆكا: تېمىنى كەسپى ساھەگە يۆتكىسەك دەرھال ھازىرلىنىپ كەسپىي چېگرالار ئىچىدە ئويلىنىشقا باشلايمەن. بۇ تېمىدا كەسىپ سىرتىدىكىلەر سۆز قىلىشقا تېخىمۇ لايىق دەپ قارايمەن. لېكىن بىز كەسپىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي تېخنىكا ۋە ئەخلاق رامكىسى ئىچىدە. ياق، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق، ئۆزىنى مەھدى دەپ ئويلىغان بىرى بىلەن تور ۋاستىسى ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بىرىنىڭ جۆيلۈمىلىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى:بۈگۈن Maslow نىڭ ئادەم ئېھتىياجلىرى پىرامىداسى نەزىرىيەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمىدا سىمسىز تور بار دېيەلەمدۇق؟ بۇ جەھەتتە ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش كۈلتۈرى ۋە مەنمەنچىلىكنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىسىڭىز.

ئەرول گۆكا: ناھايىتى ياخشى… پىسخىكىمىزنى ماكان ۋە ئالاقە شەكىللىرىمىزنىڭ ئۇقۇملىرى بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تەمشەلسەك پالتىنى كۆپ تاشقا ئۇرىۋالىمىز. زامانىۋى مەزگىللەردە يول، پوچتىخانا رېلىسلىق ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ۋە ئايرۇپىلان، ئايرۇدۇرۇم قانچىلىك مۇھىم بولسا قانداق روللارنى ئويناۋاتقان بولسا، بۈگۈن ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئۇچۇر تېخنىكا سىستېمىلىرى ئالدى…. بۇ ئۆزگىرىشكە يەنە ئىنتايىن تېز بولۇش قوشۇلدى… كىملىكىمىز، ئەلۋەتتە ماكان ۋە ئالاقە زېمىنىدا شەكىللىنىدۇ ئەمما پىسخىكىمىزنىڭ ئېھتىياجلار تەرتىپى ئۇنداق ئاسان ئۆزگەرمەيدۇ. Maslow نىڭ ئېھتىياجلار تىزىملىكى ۋە تىزىلىش تەرتىپىنى مۇنازىرە قىلساق بولىدۇ. لېكىن ئېھتىياچ تەرتىپىمىز تۈنۈگۈن قانداق بولسا بۈگۈنمۇ شۇنداق… تۈنۈگۈن، ئۆيىمىزگە كەلگەن مېھمانلارغا خۇشال دەقىقىلىرىمىز خاتىرىلەنگەن ئالبۇملارنى كۆرسەتتۇق. ئائىلە چوڭلىرىمىزنىڭ رەسىملىرىنى ئاساتتۇق. بۈگۈن يېڭى ئۇچۇر تېخنىكىلىرى سايىسىدە ئۆزىمىزنى رەسىمگە تارتىش ئىمكانىغا ئېرىشتۇق، بۇ پەرسەتتىن پايدىلىنىۋاتىمىز. ئەمما ئېتىياچ ۋە ئىستەكلىرىمىز دائىم ئوخشاش، ئىشەنچ، سۆيۈش، ھۆرمەتلىنىش…

ت ر ت ئاكادېمىيەسى: بىر ئالاقە سىستېمىسىغا ئاشىق بولغان ئادەمنىڭ ھېكايىسى («ھەر» كىنوسى بىلەن) كىنوخانىلاردا قويۇلدى. ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ ياشاشتىن قېچىۋاتقان ئادەم كۈچەيتىلگەن ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا مۇناسىۋەتلىرىنى بەخىرامان بىرتەرەپ قىلىۋاتامدۇ؟

ئەرول گۆكا: ياق، ياق، «يېڭى دېڭىزنىڭ بېلىقلىرى» ئىپادىسىنى قەتئىي ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. ئالاقە، مۇناسىۋەت ۋە ئىشەنچ ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرىدىغان ئورۇنلار ئۆزگىرىدۇ، يەنە ئۆزگىرىشى مۇمكىن. چوڭ سەنئەتچىلەر، بۇنى ئالدىن سېزىپ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەۋاتىدۇ.

ت ر ت ئاكادېمىيەسى:فىرانسۇز پەيلاسوپ Alain Badiou «مۇھەببەت بىر ئۇچرىشىشتۇر، تاساددىپىيلىقتۇر ۋە بىر بىر جەرياندۇر» دېگەن.  رەقەملىك مۇھىتتا تاساددىپىيلىقلارغا ئورۇن يوق – ماكان ۋە زاماننىڭ توختىماي ئۆزگىرىشى ئىچىدە بىر نامزاتتىن يەنە بىرىگە تېزلا ئۆزگىرىدىغان تاللاشلىرىمىز بار. مۇھەببەتنىڭ خىمىيىلىك فورمۇلاسىنى ئويلاشقىنىمىزدا بۇ ئەھۋال مۇھەببەتنىڭ خىمىيىسىنى بۇزىۋەتمەمدۇ؟

ئەرول گۆكا:مېنىڭ تور ھەققىدىكى تۇنجى ئەسىرىم تور مۇھەببىتى توغرىسىدا ئىدى. چۈنكى تور ئالاقىسىنىڭ ئومۇمىيلىشىشىغا ئەگىشىپ دوختۇرلۇق سۈپىتىم بىلەن «مەن بىرى بىلەن توردا تونۇشتۇم، كۆيۈپ قالدىم، ياخشى كۆرۈپ قالدىم» دېگەن ئادەملەر، كۆپىنچە يامان نەتىجىلەنگەن ئالاقە شەكىللىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم. ئادەملەرنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن يازمىلار يازدىم، زىيارەتلەر قوبۇل قىلدىم. ئۇ جەرياندا تېخى ئىجتىمائىي تاراتقۇ يوقتى، ئەمما پەقەت ئۇچۇرلاشقىلى بولىدىغان تور ئالاقە ئۇسۇللىرى يېڭىدىن ئىشلىتىلىۋاتاتتى. بىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئادەمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، ئەمما تور ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قلىپ ئۇچۇرلىشالايمىز. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئاۋازلىق ۋە ۋىدىئولۇق كۆرۈشۈش ئىقتىدارلىرى قوشۇلدى. ئەمما مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدىغان بىر ئەھۋال كۆرۈلمىدى. مېنىڭ ئانالىزىمنىڭ ئاساسىنى، سۆزلىشىدىغان ۋە يېزىشىدىغان ئالاقە پەرقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مەۋھۇم ئالاقە كۆپىنچە يېزىق ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە يېزىپ ئۇچۇرلىشىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇچۇرنى يېزىق ئارقىلىق يوللىغاندا بىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئادەمگە نېمە بېرىۋاتىدۇ ياكى يوللىنىۋاتىدۇ، ئۇ نېمە چۈشىنىۋاتىدۇ، بىلىش ئىمكانىمىز يوق. ئۇ ئۆز چۈشەنچىسىگە ئاساسەن چۈشىنىدۇ ۋە سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەندى دەپ ئويلايسىز. مەۋھۇم ئالاقىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئىككى ئادەمدىن زىيادە ئىككى خىيال دۇنياسىدىكى مەۋھۇم بىر ئالاقە مەۋجۇت… بىز بۇنى كۆپىنچە ئاڭقىرالمايمىز. ئۆزىمىزنىڭ خىيال دۇنياسىغا ۋە ئارزۇيىمىزغا قاراپ يېزىشىمىز بۇ روھى ھالىتىمىزدە «مۇھەببەتلىك» مەنزىرىلەر تېخىمۇ ئاسان ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇھەببەتلىك دېدى دەپ قالماڭ، چۈنكى بىئوخىمىيىلىك جەھەتتىنمۇ خۇددى بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشقا ئوخشاش دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مۇھەببەت بىر ئېھتىياجدۇر، ھەممىمىز مۇھەببەتكە قاراپ ماڭىمىز، ھەممىمىز مۇھەببەتنى ئىزدەيمىز. بۇ تېمىلارنىڭ ئانالىزلىرىنى ئىنتايىن پەرقلىق شەكىللەردە قىلالايمىز. مۇھەببەت بۇ دۇنيادا بىز بارالايدىغان ئەڭ ساغلام پورتتۇر. مۇھەببەت جەم بولۇشتۇر ۋە ئادەملەر جەم بولۇشنى خالايدۇ. بىز تەبىئي ھالدا مۇھەببەتكە قاراپ مېڭىۋاتقاندا، مۇھەببەتكە مەيلىمىز بار چاغدا تېخنىكا بىزنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇچرىشىشىمىز، دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچى بىلەن ئالاقە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. شۇڭلاشقا تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىۋاتىمىز، بۇلغىنىۋاتىمىز. بۇنىڭغا ئىنتايىن بەك دېققەت قىلىشىمىز كېرەك. مۇھەببەت بىز تونۇماسقا سالىدىغان، تۆۋەن كۆرىدىغان بىر ھالەت ئەمەس. ئادەم ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، كۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىدىن باشقىنى كۆرمەيدۇ، ئويلىنالمايدۇ. بىرخىل مەستخۇش بولۇشتۇر. بىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە ھەتتا ۋەقە چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. بۇخىل ھالەتكە مەۋھۇم تەرەپ قوشۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن بۇ ھالەتلەر ئۇنىڭ مەۋھۇم ھالەتتە بولغانلىقىنى ئويلىسىڭىز، ئىشنىڭ ئىچىدىن چىققىلى بولمايدۇ. مەۋھۇم ئالەمدە سىز قارشى تەرەپنىڭ نېمە قىلغانلىقىغا ئەمەس، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىنى خالايدىغانلىقىڭىزغا ۋە ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا دېققەت قىلىسىز، پەرق ئېتىش سىستېمىڭىز شۇنىڭغا قارىتا ئىشلەيدۇ. شۇڭلاشقا توردا ئاسانلا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىمىز ۋە تور مۇھەببەتلىرىدە تېخىمۇ چوڭ پاجىئەلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن. خىياللار ئارىسىدىكى بىر مۇناسىۋەت بولغاچقا ئاسانلا غايىۋى مۇھەببەتنى تاپتۇق دەپ ئويلاپ قالىمىز. كېيىن ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشكەندە بولسا غەلىتە، ئادەمنى بەك جەلپ قىلىدىغان مەنزىرىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇمكىن. مەنمۇ ئادەملەرنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بۇلارنى يازغان ئىدىم. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، تورنى، رەقەملىك دۇنيانى ۋە تېخنىكا دۇنياسىنى مۇھەببەتكە توسالغۇ بولىۋاتىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەمما ھەر تېخنىكىلىق مۇھىتتا، ئۆزىگە خاس پاجىئ‍ەلەر، ئۆزىگە خاس ساغلام نەتىجىلەر ھاسىل قىلىدۇ. بۇلار توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ تەپەككۇر قىلىپ سۆزلىشىمىز كېرەك.

  ت ر ت ئاكادېمىيەسى:تېخنىكىغا ئاساسەن شەكىللەندۈرۈلگەن ھايات، ياخشى بىر ھايات بولالامدۇ؟ توردىكى ئادەمنىڭ پۇرسىتى، ئېھتىمال ۋە چېگرالىرى نېملەر بولۇشى كېرەك؟

ئەرول گۆكا: ئىشىنىڭ، مەنمۇ بىلمەيمەن، پەقەت ياخشى ھايات سۇئالىدىن قېچىشىمىز ۋە كونتروللۇقىمىزنى پۈتۈنلەي ئىنژېنېرلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇشىمىزنىڭ بىر پاجىئە بىلەن نەتىجىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. ئۆز چۈشەنچە سىستېمامنىڭ مەركىزىگە «ئادەم دېگەن نېمە؟» دېگەن سۇئالنى قويدۇم، دائىم بۇ ھەقتە ئىچىدە ئويلىنىمەن. بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمىسەك، باشقا ھەممە نەرسە قىممىتىنى يوقىتىدۇ. قىممىتىنى يوقىتىش توغرا ئىپادە بولمىدى، بىھۇدە تىرىشىش دەيلى مەنچە. پەلسەپىۋى ئانتروپولوگىيە پەلسەپىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى تۇرۇپ پەلسەپىنىڭ ۋە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى… ئەمما بىز تېخى تەمتىرەش ۋە ھاياجان، ئالدىراش ئىچىدە ئەتىراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى باھالىيالمايمىز، بىر – بىرىمىز بىلەن پاراڭلىشالمايمىز. ئون يىلدىن كېيىن ئىنتايىن بەك كۈلىشىمىز مۇمكىن بولغان دۇنياپەرەستلىك ۋە دىندارلىق مۇزاكىرىسى ئىچىدىن چىقالماي ئۆتۈپ كېتىۋاتىمىز. خاتا چۈشەنمەڭ، مەن دۇنياپەرەستلىك ۋە دىندارلىق مۇزاكىرىسى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن، ئاھ كاشكى توغرا مۇنازىرىلىشەلىسەك… بۇ مۇزاكىرە ئەسلىدە بىر جەھەتتىن، ئادەمنىڭ باشقا جانلىقلاردىن، مەۋجۇداتلاردىن پەرقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى مۇزاكىرىسى… يەنى ئادەملەر ئۆز ئۇسلۇپلىرى بىلەن دەل مەن قىلغاننى قىلىشقا، ئۆز پەلسەپىۋى ئانتروپولوگىيىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ…

يا تېخنىكىۋى مېديا دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى بولغان پەلسەپەسىزلىشىشنى يېڭىمىز، ياخشى ھايات نېمە دەپ سوراشقا باشلايمىز، تېخنىكا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەرنى ئىنسانىيلاشتۇرىمىز؟ ياكى تېخنىكىنى، بىلىم ۋە كۈچنى بەك كۆپ بىلىش دەپ ئويلىۋالغان نادانلىقىمىز بىلەن قىيامىتىمىزنى ئالدىغا سۈرىمىز.

مەن دائىم ئۈمىد ۋە ئادەم تەرەپدارىمەن…

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرغۇچى: تاجىگۈل سەمەت

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*