قاتتىق تەھدىتتىن يۇمشاق تەھدىتكە قاراپ

2020-يىلى 11-ئاپرېل

«ئىران ۋە دېموكراتىيە» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ئونۇر ئوقيار كورونا ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ تەسىرلىرىنىڭ ئۇزۇن كېلەچەكتە دۇنيا ھۆكۈمرانلىقى ۋە كۈچ مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئونۇر ئوقيار

بۇ يازما كوروناۋىرۇس كېسەللىكىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە كۆرسىتىشى كېرەكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يازمىنىڭ تۈپ لىنىيەسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە زامانىمىزغىچە كۈچلۈك بىر شەكىلدە مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدۇرغان قاتتىق تەھدىت قارىشىنىڭ يۇمشاق تەھدىتكە ئۆزگەرگەنلىكى ۋە بۇنىڭغا قارشى كۈرەشنىڭمۇ يۇمشاق كۈچ ئامىللىرى بىلەن بولۇشى كېرەكلىكى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ دائىرىدە يازما ئۈچ ئاساسىي تېما ئاستىدا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. «مەۋجۇت» بۆلۈمىدە دۇنيادىكى كېسەللىك مەركەزلىك نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنىدۇ، «مەۋھۇم» تېمىسى ئاستىدا كېلەچەككە ئالاقىدار تەخمىن – مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، «مەلجەئ» بۆلۈمىدە بولسا، يۈزلىنىش كېرەك بولغان كىچىككىنە چارىلەر بەس – مۇنازىرە قىلىنىدۇ.

مەۋجۇت

بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىشى، 11- سېنتەبىر ۋەقەلىرى، مورتگەيج كىرىزىسىغا ئوخشاش كورونا ۋىرۇس كېسەللىكىمۇ ناھايىتى كەڭ نەتىجىلىرىنى بۈگۈن تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلىساق بولىدىغان بىر ۋەقە. يۇقۇملۇق كېسەللىك دۇنيانى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىدۇ؛ بۇ ناھايىتى كەسكىن. گويا بۇ كېسەللىكنىڭ ھاياتنى پارچىلىۋەتكەنلىكىگە، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنى پاراكەندە قىلىۋەتكەنلىكىگە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ سالاھىيەتلىرىنى (ياكى يېتەرسىزلىكىنى) ئوتتۇرىغا چىقارغىنىغا ئوخشاش، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچتە كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان شەكىلدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مەنىدە دۇنيا مىقياسىدا يۈز مىليونلارچە ئىنساننى خىلۋەتكە ئىتتىرگەن كورونا ۋىرۇسى كېسەللىكى ئېغىر بىر دۇنياۋى مەسىلە (تەھدىت ياكى ئەمەسلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس) گە ئايلاندى.

گەرچە بۇ  ۋەقەنىڭ گېئو – سىياسىي تەسىرى سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ ، ئەمما بۇ تەسىرلەر يىراق كەلگۈسىدە بولۇپمۇ يەرشارى زومىگەرلىكى ۋە (قاتتىق) كۈچ قۇتۇبى ئارقا كۆرۈنۈشىدە تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، 1965 – يىلى سۇۋەيش قانىلىغا قىلغان مۇداخىلە ئارقىلىق ئەنگلىيە قاتتىق كۈچىنى كونترول قىلالمىدى  ياكى تەبىئىي تاللاش ئارقىلىق شاللىنىپ كەتتى. بۇ جەريان ئەنگىلىيەنىڭ يەرشارى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. نۆۋەتتە،  ئامېرىكاغا ئوخشاش بىر مىسالنىڭ پەرقلىق شەكلىگە دۇچ كەلدى: يۇمشاق تەھدىت (تارقىلىشچان زۇكام) نى تىزگىنلىيەلمەسلىك ۋە يېڭى بىر سۇۋەيش مۇساپىسى.

ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن 20 يىلدىكى دۇنياۋى داھىيلىق سالاھىيىتى بايلىق ۋە ھوقۇق ئۈستىگە ئەمەس، بەلكىم ئۇنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش ۋە دۇنيا  سودىسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان قانۇنىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ كورونا ۋىرۇسى جەريانىدىكى مەغلۇپ سىياسەتلىرى دۇنيادا دەرھال ئىنكاس پەيدا قىلدى. 2014، 2015 – يىللىرىدىكى ئېبولا كرىزىسى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئون نەچچە دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر كوۋىد – 19 غا ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك بىر ئىتتىپاقداشلىققا رەھبەرلىك قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ۋاشىنگىتون تەۋرىگەندە، بېيجىڭ ئامېرىكانىڭ خاتالىقلىرى پەيدا قىلغان بوشلۇقتىن تېز ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىپ، تارقىلىشچان زۇكامغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزىنى دۇنياۋى لىدېر قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ئۇرۇندى. خىتاينىڭ  چېرنوبىلى بولغان بۇ ئەھۋالغا قارشى، خىتاي سەھىيە سىستېمىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، بىر نەچچە كۈندە غايەت زور دوختۇرخانا قۇردى، باشقا دۆلەتلەرگە ماددىي ياردەم بەردى، ھەتتا باشقا ھۆكۈمەتلەرنى تەشكىللەشكە ئۇرۇندى. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مال سودىگىرى ۋە 2018 – يىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېشىش ھەرىكىتىدىن بىلەن بىرلىكتە، يەر شارىدىكى ھەر خىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالماقتا. دۇنيادىكى خام ئەشيالارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشلەپچىقىرىلغان بىر مەھسۇلاتقا ئايلىنىشتىن بۇرۇن خىتايغا بارماقتا.

گەرچە بۇ ماقالىگە سىغمىغاچقا، تولۇقسىز بىر قاراش بولۇپ قالسىمۇ، ئەمما ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىدە رىقابەت ۋە يەكلەش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرماقتا. دۇنيامىز قاتتىق تەھدىتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇقۇم ۋە جەريانلارغا خېلىلا ئادەتلەنگەن. ئۇرۇش ، سىياسىي ئۆزگىرىش ، ئىنقىلاب ، تېرورلۇق ، ئىقتىساد ، كىرىم تەڭسىزلىكى ، مەدەنىيەتلەرنىڭ ياتلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىقلار… نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سوغۇق ۋە ئىسسىق توقۇنۇش مەسىلىلىرى. 20- ئەسىر بۇ ئادەت خاراكتېرگە ئايلانغان دەۋر بولدى. ئالدىنقى ئەسىردە ، ئىككى چوڭ دۇنيا ئۇرۇشى يۈز بەردى، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تەشكىلاتلار ئۇرۇشنىڭ مىڭلاچە پارچىغا بۆلۈنگەن ھالىتى بولغان تېررورلۇقنىڭ يولىنى ئاچتى ياكى ئالدىنى ئالالمىدى. ھالبۇكى تېررورلۇق مەنە ۋە مەزمۇنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان بىر ھاكاۋۇرلۇقتۇر. دائېش، ئەتا، ئېرا، فەتۆ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار، بەسىچ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى، پ ك ك ، جۇندۇللاھ، قەھھانە خائى، ھىزبۇللاھ، ھاماس، بوكوھارام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر خورجۇننىڭ ئىچىدە. بىرىنىڭ تېررورىستى يەنە بىرى ئەركىنلىك ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات قەھرىمانى. دۇنيانىڭ ئەڭ باي بىر قانچە كىشىسىنىڭ بايلىقى دۇنيانىڭ يېرىمىغا تەڭ. مىساللارنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ. دېمەك، ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى يۇمشاق تەھدىتلەرنىڭ يانداش تەسىرلىرى ۋە نەتىجىلىرىگە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئادالەتسىز ، قالايمىقان ۋە يەرلىكتۇر.

مەۋھۇم

بۇ مۇرەككەپ  كارتىنىغا قارىماي، كەلگۈسىدە تارقىلىشچان زۇكامنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئۆزگىرىشلەرمۇ بار. دۆلەتلەر مەۋھۇم بولمىغان بۇ ئىنتايىن رېئالىست پەرەزلەرگە تەييارلىق قىلىشى كېرەك:

تارقىلىشچان زۇكان دۆلەت ۋە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ. ھەر قانداق ھۆكۈمەت كىرىزىسنى باشقۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ ۋە كۆپىنچىسى كىرىزىس ئاخىرلاشقاندا، بۇ يېڭى كۈچلەردىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ.

يەرلىكلىشىش كۈچىيىدۇ، يەر شارىلىشىشنىڭ سۈرئىتى تۆۋەنلەيدۇ. ئاز ئېچىۋېتىلگەن ، باياشاتلىقى تۆۋەن ۋە ئەركىنلىك قىسىلغان بىر دۇنيا بارلىققا كېلىدۇ. بۇنداق بولۇشى شەرت ئەمەس ئىدى، بىراق ئەجەللىك بىر ۋىرۇس ، پىلاننىڭ ياخشى تۈزۈلمەسلىكى ۋە رەھبەرلىكنىڭ ناچار بولۇشى ئىنسانىيەتنى يېڭى ۋە ئەندىشىگە سالىدىغان بىر يولغا يېتەكلىدى.

ھۆكۈمەتلەر ، شىركەتلەر ۋە جەمئىيەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي ئۆز- ئۆزىنى چەتكە ئېلىش دەۋرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە باشلايدۇ.  يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي يۆنىلىشى شەرققە يۈزلىنىدۇ. ئامېرىكانى ئاساس قىلغان يەر شارىلىشىشتىن خىتاينى ئاساس قىلغان يەر شارىلىشىشقا ئۆتۈش كۆرۈلىدۇ.

قىسقا مۇددەت ئىچىدە كرىزىس، مىللەتچىلەر ۋە يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ؛ ئۇزۇن مۇددەتتە بولسا، دېموكراتىك دۆلەتلەر يېڭى بىر خىل ئەمەلىيەتچىل ۋە قورۇقچى خەلقئارالىزمغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

خەلقئارالىزم بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان سىياسىي سىستېمىدا ئالەمشۇمۇل ۋە ئىنسانپەرۋەر ئۆزگىرىش يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىك، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق تەھدىدلەرگە قارشى يېڭى خەلقئارالىق تۈزۈملىشىش ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ياكى ھازىرقىلىرى ئىسلاھ قىلىنىدۇ.

دۇنيا ئاممىۋى ساغلاملىق تۈزۈلمىسى كۈچىيىدۇ.كورونا ۋىرۇسنىڭ ھېچ بولبولمىغاندىمۇ بىر قانچە يىلى بويىچە كۆپىنچە نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئۆز چېگرىسى ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان كۈن تەرتىپىگە مەركەزلەشكەن ھالدا ئۆز ئىچىگە قايتىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ نازۇكلۇقى كۆزدە تۇتۇلغىنىدا، ئۆز – ئۆزىنى قامداش (ئوتارشى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ) تەرەپكە قاراپ تېخىمۇ چوڭ قەدەملەر تاشلىنىدۇ. كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىقلار كۆرسىتىلىدۇ. ئۆي مەركەزلىك تۇرمۇش ئۇسۇلى قايتىدىن قۇرۇلىدۇ. بۇ مۇساپىدە ئۈزۈپ چىقالمايدىغان نۇرغۇن مەغلۇب دۆلەتلەر بارلىققا كېلىدۇ .

دۆلەتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كرىزىستىن قۇتۇلۇشى تەسكە توختايدۇ.

خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ناچارلىشىدۇ ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ئاجىزلايدۇ ، ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى ئىتتىپاقلار كۈچىيىدۇ.

مەلجە (پاناھگاھ)

ئىدىئالىزملىق نۇقتىئىنەزەردىن قارالغىنىدا ، كورونا ۋىرۇسى تىپىدىكى ئاپەتلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدە سىياسىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى ، خەلقئارا سىياسەت توختاپ قالغان جايىدىن ھەرىكەتلىنىپ داۋاملىشىشى كېرەك. رېئالىزملىق نۇقتىئىنەزەردىن ئېيتقاندا ، ھەر بىر دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشنىڭ پېيىدە چاپماقتا. كىم دۇنياۋى كۈچ بولىدۇ، باي بولىدۇ، زورىيىدۇ ياكى ئۆز دۈشمەنلىرىنى مەغلۇب قىلىدۇ؟ مەركەزلىك ئويۇن داۋاملاشماقتا. لېكىن بۇ جەرياندا، خەلقئارا جەمئىيەت تۆۋەن سىياسەتنىڭ يۇقىرى سىياسەتتىن پائال بولۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايۋاتماقتا. شۇڭلاشقا ، بۈگۈنكى كۈندە ، خەلقئارا جەمئىيەت ئۆز ئىچىدىكى  ئۆزئارا تەسىرلەردىن ئىمكانقەدەر ئاز پايدىلانماقتا. ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت بولغان قاتتىق تەھدىت ئامىللىرى ئالىي سىياسەت چارىسىز بىر شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە. دۆلەتلەر ئۆز ئۇرۇشلىرىنى ، تېرورچىلىرىنى ۋە دۈشمەنلىرىنى تاللاش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇشقا تىرىشماقتا ۋە بۇ ئەندىزە ئۆزگەرمەستىن داۋام قىلماقتا.

ھالبۇكى، يۇمشاق تەھدىت ئامىللىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە خەۋپ  يارىتىدۇ. ھەر دۆلەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ كورونا ۋىرۇسى، يەر تەۋرەشكە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئوخشاش. بۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، خەلقئارا سىستېما ئىچىدە چوقۇم ئورۇن ئېچىلىشى كېرەك. يېڭى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى ياكى ئىسلاھ قىلىنىشى لازىم. ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ئىنسان ئامىلى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ. بۇ ئۇچۇرموكراتىيە سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكى. ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىگە خاس مائارىپ سەۋىيىسى ، جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قاتارلىقلار بار. ئۆلچەملەرگە ئاساسەن بېكىتىلگەن دەرىجىدە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ئالەمشۇمۇللىقنىڭ يىگانە دۇنيا دۆلىتى بولۇشىغا ھاجەتنىڭ يوقلۇقى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى كېرەكلىكىنى مەزمۇن قىلغان يېڭى بىر مەدەنىيەت پەقەت مائارىپ ، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدۇ. ئامېرىكا ياكى خىتاي ، سۈۋەيىش مۇساپىسى ياكى يېڭى دۇنيا تەرتىپى، كىم ياكى نېمە دېسەك دەيلى، كۆڭۈل بۆلىنىدىغان بىردىنبىر رېئاللىق كىشىلىك ھوقۇق ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئەركىنلىكلەر بولۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىمىزغا قانداق تەھدىتلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيۋاتقان بۇ دەۋردە، يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر دۇنيانىڭ ئىنسانلاردىن ۋاز كېچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىردىنبىر چارە بولۇشى مۇمكىن.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرجىمىسى

مەنبە: قارار گېزىتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*