چۇلۋۇرىمىز كىمنىڭ قولىدا ؟ (پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى:6-باب )

2021-يىلى 27-يانۋار

6- باب، چۇلۋۇرىمىز كىمنىڭ قولىدا ؟

ئاۋگۇستىن

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

ئاۋگۇستىن (مىلادى 354~430) ھەقىقەتنى بىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بىر خىرىستىئان بولۇش سۈپىتى بىلەن خۇداغا ئىشەنگەن. ئەمما ئېتىقادى ئۇنىڭ  نۇرغۇن سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. خۇدا ئۇنىڭدىن نېمە قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟ ئۇ قانداق ياشىشى، نېمىگە ئىشىنىشى كېرەك؟ ئۇ ئويغاق ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىش ۋە يېزىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. چۈنكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاخىرىدا تۆلىنىدىغان بەدەل ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. دوزاختا مەڭگۈ قېلىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پەلسەپىدە خاتالىق سادىر قىلىش قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئاۋگۇستىننىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ جاۋاپلار خاتا بولۇپ قالسا، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىشى مۇمكىن. ئۇ ئازابلانغان يەنە بىر مەسىلە  بولسا، خۇدا نېمە ئۈچۈن دۇنيادىكى يامانلىققا يول قويىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى ھېلىھەم نۇرغۇن ئېتىقادچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرى، يەنى  تەخمىنەن 5- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە، پەلسەپە بىلەن دىن بىر- بىرىگە زىچ باغلانغان ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر پەيلاسوپلىرى قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپلىرىدىن ئەپلاتون ۋە ئارستوتېللارنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆگەنگەن. ئەمما ئۇلار بۇ تەلىماتلارنى ئۆز  ئىدىيەسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۆز دىنىغا تەدبىقلىغان. بۇ پەيلاسوپلارنىڭ كۆپىنچىسى خىرىستىئان بولۇپ، باشقا يەنە مايموندىس ۋە ئاۋىسېننا(ئىبنى سىنا) قاتارلىق مۇھىم  مۇسۇلمان ۋە يەھۇدى پەيلاسوپلىرىمۇ بار ئىدى. كېيىن ئەۋلىيا  دەپ ئاتالغان ئاۋگۇستىن شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە كۆزگەن كۆرۈنگەن ئۇلۇغلاردىن بىرىدۇر.

ئاۋگۇستىن ھازىرقى شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالجىرىيەنىڭ تاگاستا تۇغۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا تاگاس رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئاۋرىلىيۇس ئاۋگۇستىنۇس بولۇپ، كېيىن  «ئەۋلىيا ئاۋگۇستىن» ياكى ( كېيىن ئۇ ياشىغان شەھەر نامىدا ) «ھىپپولۇق ئاۋگۇستىن» دەپ ئاتالغان.

كىتابنىڭ 6-بابىنىڭ تولۇق تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*