بىپەرۋالىقنى ئۆگىنىۋېلىش: ئېپىكتىتۇس، سىسېرا، سېنىكا (پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى: 5- باب)

2020-يىلى 20-دېكابىر

5- باب، بىپەرۋالىقنى ئۆگىنىۋېلىش: ئېپىكتىتۇس، سىسېرا، سېنىكا

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

ئۆيدىن چىققان ھامان يامغۇر يېغىپ كەتسە، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. لېكىن سىرتقا چىقىشىڭىز زۆرۈر، ئالدىڭىزدا يامغۇرلۇق چاپان كىيىش ياكى كۈنلۈك ئېلىۋېلىش ۋە ياكى بىراقلا سىرتقا چىقماسلىقتىن باشقا تاللىشىڭىز يوق، ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ يامغۇرنى ئۆزىڭىز خالاپ توختىتالمايسىز. بۇ ئىشقا ئاچچىقلىنىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ياكى پەيلاسوپچە بىر پوزىتسىيەدە بولامسىز؟ پەيلاسوپچە پوزىتسيە دېگىنىمز بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئ‍ىشلارنى قوبۇل قىلىش دېمەكتۇر. بىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان قىسقا ھايات ۋە ئۆلۈمچۇ؟ (ۋەياكى قېرىشنىڭ مۇقەررەرلىكى ۋە ئۆمۈرنىڭ قىسقىلىقىچۇ؟) ئ‍ىنسانلىقنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قانداق ئويلايسىز؟ يۇقىرىقىغا ئوخشاشمۇ؟

 

كىشىلەر دۇچ كەلگەن ئىشلارغا قارىتا پەيلاسوپچە پوزىتسىيەدە بولدۇم دېگىنىدە، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ دەل ستوئىكلارچە (ئىسلام پەلسەپە يازمىلىرىدا راۋاقىيلار دەپ ئاتالغان. – مۇھەررىردىن)  پوزىتسىيەدە بولغىنىدۇر.

ستوئىك دېگەن گەپ ئافىنادىكى بويالغان بىر ستو (راۋاق)قا يىغىلىدىغان پەيلاسوپلاردىن كەلگەن بولۇپ، بۇلاردىن ئەڭ بۇرۇنقىلىرى كىتيۇملۇق (سىپرۇسلۇق) زېنون (مىلادىدىن بۇرۇنقى 262 ~ 334) ئىدى. بۇرۇنقى گرېك ستوئىك پەيلاسوپلىرىنىڭ مەنتىق(لوگىكا)، ئەخلاق ۋە چىنلىق ھەققىدە ئ‍ۆزىگە خاس قاراشلىرى بار ئىدى. لېكىن ئۇلار روھى ھالەتنى كونترول قىلىش ھەققىدىكى قاراشلىرى بىلەن بەكرەك داڭ چىقارغان ئىدى. ئ‍ۇلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ نېگىزى بولسا «بىز پەقەت ئۆزگەرتىش قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلاردىنلا ئەنسىرىسەك توغرا، باشقا بىز ئۆزگەرتەلمەيدىغان ئىشلار ھەققىدە قايغۇرۇش ئارتۇقچە بىر ئىش». سەپسەتىچىلەرگە ئوخشاش ئۇلارمۇ تىنچ بىر روھى ھالەتتە بولۇشنى مەقسەت قىلاتتى. يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمىگە ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئەھۋاللاردىمۇ ستوئىكلار تەمكىن تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى يۈز بەرگەن ئىشلار بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا بولمىسىمۇ، ئەمما قانداق پوزىتسىيەدە بولۇش بىزنىڭ كونتروللىقىمىزدا.

 

ستوئىزىمنىڭ يادروسى «بىز ھېس قىلىدىغان ۋە ئويلايدىغانلىرىمىزغا ئۆزىمىز مەسئۇل» دېگەن ئىدىيە. بىز ياخشى ۋە ناچار ئاقىۋەتكە قارىتا ئىنكاسىمىزنى تاللىيالايمىز. بەزى كىشىلەر ھېسسىياتىنى ھاۋارايىغا ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ستوئىكلار بىزنىڭ بىر ئەھۋال ياكى ۋەقەگە بولغان ھېسسىياتىمىزنى تاللاش مەسىلىسى دەپ قارىغان. ئۇلار يەنە «ھېسسىيات مۇنداقلا بىزگە تېڭىلغان نەرسە ئەمەس، ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشەلمىسەك قايغۇرۇش ھاجەتسىز، باشقىلار بىزنى ئالدىغاندا ئاچچىقلىنىشمۇ ھاجەتسىز، ھېسسىيات بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز ۋە ھۆكۈملىرىمىزگە كۆلەڭگە تاشلايدۇ، شۇڭلاشقا بىز ھېسسىياتلىرىمىزنى كونترول قىلىپلا قالماي ، مۇمكىنقەدەر ئۇلاردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلىشىمز كېرەك» دەپ قارىغان.

 

 

 

كىتابنىڭ 5-بابىنىڭ تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*