ھەقىقى بەخت (پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- باب)

2020-يىلى 21-نويابىر

«بىر چېچەك بىلەن ياز كەلمەس»، بەلكىم سىز بۇ جۈملىنى ۋىليام شېكىسپېر ياكى باشقا بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ سۆزى دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. ئاڭلىماققا شۇنداق. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئارستوتېلنىڭ «نىكوماچ ئەخلاقى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان ، كىتابنىڭ بۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئارستوتېل ئۇنى ئوغلى نىكوماچقا بېغىشلىغان. ئۇ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان نۇقتا شۇكى ، يازنىڭ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئېچىلغان بىر چېچەك ياكى ئىسسىپ كەتكەن بىر كۈن يېتەرلىك ئەمەس ، شۇڭا بىر قانچە قېتىملىق خۇشاللىقنى ھەقىقىي بەخت دېگىلى بولمايدۇ. ئارستوتېلغا نىسبەتەن بەخت قىسقا مۇددەتلىك خۇشاللىق ئەمەس. ھەيران قالارلىقى ، ئۇ بالىلار بەختنى ھېس قىلالمايدۇ دەپ ئويلىغان ئ‍ىدى. بۇ تولىمۇ بىمەنە ئاڭلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار بەختلىك بولالمىسا كىم بەختلىك بولالايدۇ؟ بۇ ئۇنىڭ بەختكە بولغان كۆز قارىشىنىڭ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى. بالىلار ئەمدىلا ھاياتىنى باشلىدى ، ھەقىقىي مەنىدىكى ھاياتنى ياشاپ باقمىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە،  ھەقىقى بەخت ئۇزۇنراق ياشاشنى شەرت قىلاتتى(ئۇزۇنراق ياشىغاندا ئاندىن ھېس قىلغىلى، ئېرىشكىلى بولاتتى).

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

 

كىتابنىڭ 2-بابىنىڭ تەرجىمىسىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*