پاترىئارخالىست كونسېرۋاتىپلىق | سىياسەت 3- باب تەرجىمە داۋامى

2021-يىلى 9-مارت

پاترىئارخالىست كونسېرۋاتىپلىق

سىياسەت ناملىق كىتاپنىڭ 3- باب تەرجىمە داۋامى

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

ئېدمۇند بۇرك ( 1729-1797)Edmund Bueke

ئەنگلىيە – ئامېرىكا كونسېرۋاتىپ  ئەنئەنىسىنىڭ ئاتىسى دەپ قارالغان، دۇبلىندا تۇغۇلغان ئەنگلىيەلىك دۆلەت ئەربابى ۋە سىياسىي نەزەرىيەچى. ئېدمۇند بۇرك بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن، بولۇپمۇ فىرانسىيە ئىنقىلابىنى تەنقىد قىلغان «فىرانسىيەدىكى ئىنقىلاب ھەققىدە ئويلىنىش» [(1790/1968)Reflection on the Revolution on France ] دېگەن ئەسىرى بىلەن ئەبەدىي شۆھرەتكە ئېرىشكەن. گەرچە ئۇ ئامېرىكا ئىنقىلابىغا ئىجابىي قارىسىمۇ، لېكىن ئەقىل – پاراسەتنىڭ ئاساسلىقى تەجرىبە، ئەنئەنە ۋە تارىختا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، فىرانسىيە سىياسىتىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە قېرىنداشلىق قاتارلىق ئابستراكت پىرىنسىپلارغا ئاساسەن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلارنى كۈچلۈك  تەنقىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ئىسلاھات» قارىشىنى قەتئىي رەت قىلىغانلىقى تۈپەيلى، فىرانسىيە پادىشاھلىقىنىڭمۇ ئۆز ئاقىۋىتىدىن مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇرك ھۆكۈمەتنى يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، لېكىن ياخشىلىقنى كۆپەيتەلمەسلىكى مۇمكىن، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە ئۈمىدسىز پوزىتسىيە تۇتقان.  بازار كۈچلىرىنى بولسا «تەبىئىي قانۇن» سۈپىتىدە كۆرگەن.

پاترىئارخالىست (ئاتىلىق) كونسېرۋاتىپلىق

 

كونسېرۋاتىپ تەپەككۇردىكى پاترىئارخاللىق تەشكىلچىلىك، دەرىجە ۋە مەجبۇرىيەت قاتارلىق پىرىنسىپلار بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولۇپ، بۇنى ئەنئەنىۋى كونسېرۋاتىپلىقنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بېنجامىن دىسرائىلى (Benjamin Disraeli)نىڭ دەسلەپكى يازمىلىرىدا كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، پاترىئارخاللىق (ئاتىلىق تۈزۈم) ئورتاق ئەقىل بىلەن پىرىنسىپنىڭ بىرىكىشىدىن تەشكىل تاپىدۇ. ئەنگلىيەنىڭ «ئىككى مىللەت: باي ۋە كەمبەغەل» دەپ ئىككىگە ئايرىلىش خەۋپىگە دىققەت تارتقان دىسرائىلى،  كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش، «يۇقىرىدىن ئىسلاھات»نىڭ «تۆۋەندىن ئىنقىلاب»قا قارىغاندا ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك بولغان ئىمتىيازلىقلارغا قىلىنغان خىتاب ئىدى. بۇ خىتاب ئاقسۆڭەكلەر مەجبۇرىيىتىگە ئوخشاش يېڭى فېئودال چۈشەنچىلەرگە ئاساسلانغان مەجبۇرىيەت ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت پىرىنسىپلىرى تەرىپىدىن قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن. بۇ قاراشتا مەجبۇرىيەت ئىمتىيازنىڭ باھاسى بولۇپ، ئىقتىدار ۋە بايلىققا ئىگە بولغانلارنىڭ ئىجتىمائىي ماسلىق ۋە باراۋەرلىك جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ مەنپەئەت ئېلىش ئۈچۈن ھال ئەھۋالى تۆۋەنلەرگە مەسئۇل بولۇشنى مىراس ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېكۇلۇس پىرىنسىپى بىلەن ئاخىرلاشقان، تامامەن بىر تورىي(Tory)چە  مەۋقە دەپ ئىپادە قىلغىلى بولىدىغان،  بىر-بىرىگە باغلىق ۋە مۇقىم بىر دەرىجە شەكلىدىكى ئورگانىك تەڭپۇڭلۇق قارىشىنى ئىپادە قىلغان بۇ قاراش ئىجتىمائىي باراۋەرلىك غايىسىگە ئانچە ئىجابىي قارىمايدۇ.

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*