مىقدارنىڭ (سان-مىقدار) ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىمىزنىڭ ئالامىتىمۇ؟

2020-يىلى 11-ئاۋغۇست

ئۈنال چامدالى
سان-مىقدار: كۆپىيەلەيدىغان ياكى ئاۋۇيالايدىغان ، ئازىيالايدىغان ، سانىغىلى ياكى ئۆلچەشكە بولىدىغان بىر نەرسىنىڭ ھالىتى ياكى ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇمدۇر. مەسىلەن ، بۈگۈن ھاۋارايى 20 گرادۇس دېسە ، ھاۋانىڭ تېمپېراتۇراغا مۇناسىۋەتلىك مىقدار (سان) ئالاھىدىلىكى كۆرسىتىلگەن بولىدۇ. سان-مىقدارنىڭ زىتى بولسا سۈپەت (مەنا ياكى ماھىيەت)بولۇپ، بۇ بىر نەرسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ، باشقا نەرسىلەردىن پەرقىنى ۋە خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. سۈپەت يەنە نەرسە ياكى ھادىسىلەرنىڭ ياخشى-يامان ، گۈزەل-سەتلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئۇقۇمدۇر، ئۇ بىر نەرسىنىڭ سۈپىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، شۇ نەرسىنىڭ خۇسۇسيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. سان-مىقدارلىق ئالاھىدىلىكلەر پەقەت بىر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ سان قىممىتى (مىقدار) بىلەنلا بەلگىلىنىدىغان بولسا ، سۈپەتچىل ئالاھىدىلىكلەر بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئوخشىماسلىقنى ياكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ، بىر نەرسە ياكى ھادىسىنى ئانالىز قىلغاندا نوقۇل سان-مىقدارلىق نۇقتىئىينەزىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقى ، سۈپەتچىل نۇقتىئىينەزىرىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش زۆرۈر. مەسىلەن ، مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ نوپۇسى شۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسىنى ئانالىز قىلىشقا يېتەرلىك بولمايدۇ. نوپۇسنىڭ ياش تەقسىماتى ، ياشلارنىڭ نىسبىتى ، ئەر-ئاياللارنىڭ سانى ، نوپۇسنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى قاتارلىق باشقا ئالاھىدىلىكلەرمۇ سۈپەتچىل ئانالىز نۇقتىسىدىن مۇھىمدۇر. ھەر ئىككى ئانالىز ياكى باھالاش مەقسەت ۋە شارائىتقا ئاساسەن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

گۋېنوننىڭ (Guenon) نەزىرىيەسى ۋە مەسىلىنىڭ ئاساسى

فرانسىيەدە تۇغۇلغان ۋە بۇ يەردە مەلۇم ۋاقىت تۇرغاندىن كېيىن ئۆمرىنىڭ قالغان قىسمىنى مىسىردا ئۆتكۈزۈپ مۇشۇ يەردە ۋاپات بولغان رېنې گۋېنون (ئابدۇلۋاھىت يەھيا) 1945-يىلى يازغان«سان-مىقدارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە دەۋرنىڭ ئالامەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە، زامانىۋى (مودېرن) ھاياتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىلىم-پەن ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ سان- مىقدارنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، زامانىۋى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق: بارلىق ئۇقۇملارنىڭ سان- مىقدارلىق نۇقتىئىينەزەردىن مۇئامىلە قىلىنىپ ئانالىز قىلىنىشى ۋە ئۇنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىدۇر. غەربنىڭ ئۈستۈنلىكى (سان-مىقدارلىق چۈشەنچە) بۇنىڭدىن كېلىدۇ.

گۋېنون ئەسىرىدە يەنە غەرب دۇنياسىنىڭ سان-مىقدارنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغان زامانىۋى ئىلىم-پەن قارىشىنى، شۇنداقلا نەرسە ۋە ھادىسىلەرگە مۇنۇ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشىنى تەنقىد قىلىدۇ. غەرب بۇ جەھەتتە ئىلگىرىكى جەمئىيەتلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنى سان-مىقدارغا ئاساسەن ئىزاھلاپ باھالايدىغان ئۇسۇلنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. گۋېنون نەرسە ياكى ھادىسىلەرنى نوقۇل سان-مىقدار جەھەتتىنلا ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ماھىيەت ۋە سۈپىتىنى تەتقىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەلۋەتتە ، بۇ تېمىنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى ۋە مۇلاھىزە تەرەپلىرى بار. بۇ چوڭقۇر تېمىدۇر. ئۇنى ئىلمىي ، تارىخ ، پەلسەپە ، ھەتتا دىنىي نۇقتىدىن شەرھىيلەش كېرەك. ئەمما بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت بۇ تېمىنى چوڭقۇر نۇقتىدىن ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئېرىشكەن تەجرىبە ۋە كۆزىتىشلەرگە ئاساسەن شەرھىيلەپ چىقىشتۇر.

ھازىرقى زامان ئىلىم-پەننىڭ تەبىئىتى ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسى

ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى ، زامانىۋى ئىلىم-پەن قارىشى سان-مىقدارنى ئاساس قىلىدۇ. زامانىۋى ئىلىم-پەنگە ئاساسلانغاندا ، سان-مىقدار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ھەر قانداق نەرسە ياكى ھادىسە ئىلمىي نۇقتىدىن ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ سان-مىقدارلىق نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆلچەپ چىقىلىشى كېرەك. ئۆلچىگىلى بولىدىغانلار ئىلمىي ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، چۈشەندۈرۈپ ئىزاھلاشقا ئەرزىيدۇ. ئۆلچەشكە بولمايدىغانلار بولسا ئىلمىي بولمايدۇ ،شۇڭا ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن باشقا ، زامانىۋى ئىلىم-پەن شەيئىيلەر ياكى ھادىسىلەرگە ياخشى ياكى ناچار ، گۈزەل-سەت مەنىلەرنى يۈكلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇنداق ئىستىكىمۇ يوق. شەيئىلەر ياكى ھادىسىلەرگە ياخشى ياكى ناچار ، گۈزەل-سەت مەنىلەرنى يۈكلەش دىن ، ئەخلاق ، پەلسەپە ۋە باشقىلارنىڭ ئىشىدۇر. زامانىۋى ئىلىم-پەن بۇ نۇقتىدا بىتەرەپ قۇرۇلما ئورنىتىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ، خالاس. شۇڭلاشقا ، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ۋە پرىنسىپلىرىنى بىلىش زۆرۈردۇر.
پات-پات بىر تەرەپلىمە ئىلمىي بىلگىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇنى بىلىشمۇ زۆرۈر. شۇنى تەكتىلەش زۆرۈركى، بىر فرانسىيەلىك ئالىم ئېيتقاندەك ، ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ ئىنسان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ باشقا ئىنسانلاردەك ھەر خىل ئاجىزلىقلىرى بولىدۇ. ئۇلاردىن مۇكەممەل ئىلمىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشنى كۈتۈشكە بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، فىزىكىلىق دۇنيانى چۈشىنىشتە ئەڭ ئىشىنىشكە تېگىشلىك بىلگىلەر يەنىلا ئىلمىي بىلگىلەردۇر. تېخىمۇ ياخشىسى تېپىلغۇچە ئىلمىي بىلگىلەرنىڭ توغرىلىقى كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ خۇددى بارلىق قۇلارنىڭ ئاق رەڭلىك بولۇشىغا دائىر بىلگىنىڭ، قارا قۇلارنىڭ تېپلىشىغۇچە بولغان ئارىلىقتا توغرا ۋە كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئوخشايدۇ.
زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ ماھىيىتىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىپادىلەشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ، زامانىۋى ئىلىم-پەن چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىپ مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئارتۇقچە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بىر قاراشتۇر. لېكىن بۇ بىر تاللاش مەسىلىسىدۇر. بۇ تاللاش ئەڭ توغرا دېگەن قاراشنى گېنونغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەنقىد قىلىشىنىمۇ توغرا چۈشىنىش كېرەك. چۈنكى ھايات پەقەت ماددى ساھەدىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۆلۈم ۋە ئۇ دۇنيا قاتارلىق مېتافىزىكىلىق ھادىسىلەر باشقا جەمئىيەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى سوئال ۋە ئىككى قاراش
مېنىڭچە ، بۇ يەردە گۋېنوننىڭ نەزىرىيەسىگە ئوخشىمايدىغان يەنە ئىككى مۇھىم نۇقتا بار. بىرىنچى ، غەرب دۇنياسى سان- مىقدارنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت چۈشەنچىسىنى دۇنيا مىقىياسىدا ھۆكۈمران قىلماقچى بولغاندا ، قايسى قاراشتىن (سان- مىقدارلىقمۇ ياكى سۈپەتچىلمۇ) پايدىلىنىدۇ؟ ئىككىنچىدىن، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ قايسى قاراشقا ئاساسەن بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى چوقۇم بىلىش كېرەك.
غەرب دۇنياسى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيە ۋە ئېقىملارنى ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن تەنقىد قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. لېكىن غەرب دۇنياسىنى ئىدىيە ۋە ئېقىملىرىنى قانداقتۇر سان-مىقدارلىق نۇقتىئىينەزەردىن پايدىلىنىپ ئەمەس سۈپەتچىل نۇقتىئىينەزەردىن پايدىلىنىپ تارقاتماقتا . چۈنكى ئۇلاردا پۈتكۈل دۇنياغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان كۈچلۈك مەدەنىيەت بار. مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بايلىق ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇ ھەقتە ھېچقانداق تالاش-تارتىش يوق. ئەلۋەتتە ، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ سان-مىقدار جەھەتتىكى كۈچى يەنى ماددىي كۈچى مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى ، سان- مىقدارنى ئاساس قىلغان ماددى كۈچنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سۈپەتچىل نۇقتىئىينەزەرگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. ئەگەر نوقۇل سان-مىقدار بىلەنلا مەدەنىيەت بەرپا قىلىش مۇمكىن بولسا ئىدى ، دۇنيادا كۆپ نوپۇسقا ئىگە جەمئىيەتلەر تېخىمۇ كۈچلۈك مەدەنىيەت بەرپا قىلغان بولاتتى.
بۇنىڭدىن باشقا ، تارىختىكى كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ سۈپەتچىل قەدرىيەتلەرنى-قىممەت قاراشنى ئاساس قىلىپ بەرپا بولغانلىقىنى، لېكىن سان-مىقدارلىق قەدرىيەتلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك ئىگىلىشى بىلەن، سۈپەتچىل مەدەنىيەتلەرنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ياكى يوق بولغانلىقىنى دېيىش خاتا بولمىسا كېرەك.
ئىجتىمائىي ئىقتىساد ساھەسىگە كەلسەك ، بۈگۈنكى شەرق جەمئىيەتلىرىنىڭ سۈپەتنى ئەمەس ، بەلكى سان-مىقدارنى ئاساس قىلغان قۇرۇلما ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى دېسەك خاتالاشقان بولمايمىز. لاياقەتلىك يەنى سۈپەتلىك نوپۇس ، لاياقەتلىك-سۈپەتلىك كەسپىي خادىملار ، لاياقەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا ئېنىقكى ، شەرق جەمئىيەتلىرى غەربنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا. شۇڭلاشقا ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، دەۋرنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە سان- مىقدارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، غەرب جەمئىيىتىنىڭ ئەمەس ، بەلكى شەرق جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسىلىسىدەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلە يەنە بارلىق دۇنيا جەمئىيەتلىرىنىڭ مەسىلىسىدۇر. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ياكى تەرەققىي قىلمىغان جەمئىيەتلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر سان-مىقدار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. لېكىن بۇ مەسىلە بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ياكى ئىلىم-پەن ساھەسىدە غەربنىڭ ئارقىسىدا قالغان جەمئىيەتلەردە بەكرەك ھېس قىلىنماقتا.
شەيئىي-ھادىسىلەرگە قاراش : غەرب ۋە شەرقنىڭ قىيىنچىلىقى
ئەلۋەتتە ، ھەممە جەمئىيەتتە شەيئىي-ھادىسىلەرگە بولغان كۆز قاراش ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. دۇنيادىكى بارلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشلارنى غەرب بىلەن ئوخشاش قارىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئۆز قىممەت قارىشى-قەدرىيىتى بىلەن كۆز قاراشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى نورمال ئەھۋالدۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى بۈيۈك ۋەزىر ۋە زىيالىيلارنىڭ بىرى بولغان سەيىت ھالىم پاشا ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربنىڭ ئارقىسىدا قېلىشىنى شەرھىيلىگەندە، ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى شەيئىي-ھادىسىلەرگە بولغان كۆز قاراشتىكى پەرقنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇ جەھەتتىكى قاراشلارنىڭ ئىدىيەدىن جىسىمغا ئەمەس ، جىسىمدىن ئىدىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلغان سىزىقتا شەكىللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ،لېكىن ئۇنىڭ قارىشى مۇھىم بولۇش بىرگە، تەنقىدتىن خالىي ئەمەس. چۈنكى ھەر ئىككى خىل قاراش ھاياتلىقتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ھاياتنى غەرب دۇنياسىغا ئوخشاش نوقۇل ماددى قىممەت قارىشى ياكى سان-مىقدار نۇقتىسىدىن تەرەققىي قىلغان چۈشەنچىگە ئاساسەن كۆزىتىش ۋە شەرھىيلەش ھەمىشە ئەڭ ساغلام قاراش بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بۇ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا ئوخشىمىغان كۆز قاراش ۋە ئۇسۇللارغا ئېھتىياجلىقمىز. بىراق ئامانەتنىڭ ئىقتىدارلىق ۋە لاياقەتلىك كىشىلەرگە تاپشۇرۇلۇشى ، ھوقۇق ۋە ئادالەتنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىنىشى ، باشقىلارنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلىنىشى قاتارلىقلار پرىنسىپلارنى جەمئىيەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈشنى ئاساس قىلمايدىغان ۋە سۈپەتچىل مەسىلىلەر پەيدا قىلىدىغان قۇرۇلمىلار ۋە سىستېمىلار غەربنىڭ ئەمەس ، بەلكى شەرق جەمئىيەتلىرىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىسىدەك قىلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ، بارلىق مەسىلىلەرنى سان-مىقدارنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ ماددى ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىش قارىشى، مەسىلەن پۇل بىلەن ھەل قىلىش قارىشى غەرب دۇنياسىدىن بەكرەك بەلكى شەرقتىكى نوپۇزلۇق چۈشەنچە سۈپىتىدە رۇشەن ھالەتتە كۆرۈلمەكتە.
خۇلاسە
مەيلى قانداق قاراش ياكى نۇقتىئىyنەزەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بۇلارنىڭ سۈپەتچىل نۇقتىئىينەزەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بەكرەك مۇھىمدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ، گەرچە غەرب دۇنياسىنىڭ شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرگە مىقدارلاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى تەنقىد قىلغىلى بولسىمۇ ، ئەمما ئىلىم-پەن ساھەسىنىڭ سىرتىدىكى مىقدارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ۋە قۇرۇلمىلىرى بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىنىڭ ئەمەس ، بەلكى شەرق دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قالماقتا. بۇ نۇقتىدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، غەربتە مىقدارلاشتۇرۇش (سان-مىقدارلىق)، شەرقتە سۈپەتلەشتۈرۈش (سۈپەتچىل) مەسىلىسى باردۇر.
شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى بىلىشتە غەربتە پەيدا بولغان دەۋرنىڭ سەلبىي ئالامەتلىرى قانداقتۇر سان-مىقدارلىق نۇقتىئىينەزەرنى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىش ئۇرۇنۇشلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. قەدرىيەت مەسىلىسى ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا قەدرىيەتلەرنى قەدىرسىزلەشتۈرۈش ئېقىمىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىگە ئوخشاش يەككە تىپ چۈشەنچىنىڭ نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئۆتۈشى ۋە باشقا نۇرغۇن ئالامەتلەر بار. بولۇپمۇ شەرق جەمئىيەتلىرىدە مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئەمەلىي تۇرمۇشتا سان- مىقدارنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى قارىشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.
ھەممە نەرسىنىڭ باھاسىنى بىلىدىغان ، ئەمما ئۆز قىممىتىنى بىلمەيدىغان جەمئىيەتنى سان-مىقدارلىق قاراشنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان جەمئىيەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل قاراش ھەممە ساھەلەرنى قاپلاپ كەتكەن جەمئىيەتلەردىمۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر دېگەن گەپ. بۇنىڭغا دەرھال ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئېلىنىدىغان تەدبىرلەر ئىچىدە سۈپەتلىك مائارىپ ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*