كۈلتۈر “روبوتى”دىن ھەققىي ئەركىنلىككە قاراپ

2020-يىلى 1-سېنتەبىر

يېقىن كەلگۈسىدە ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى روبوتلارنىڭ ئېلىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ،بۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىن ھازىردىن باشلاپلا ئەندىشە قىلماقتا. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كەچمىش ۋە بۈگۈننى شەكىللەندۈرىدىغان كۈلتۈرنىڭ روبوتىغا ئايلىنىپ كېتىپ ھەققىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلار تەقدىرىن ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ قايسىسىنىڭ بەكرەك قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىگە بىر نەرسە دېيىش تەسرەك. يىللار ئاۋال جامائەت ئەربابلىرىمىزدىن بىرى،بىر قېتىملىق پاراڭىدا ناماز ئوقۇيدىغان روبوتلار دېگەن بىر تەبىرىنى ئىشلەتكەندە ھەم ھەيران قالغان ھەمدە قىزىقىشىمىنى قوزغىغان ئىدى. كېيىن ئويلىسام بۇ تولىمۇ جايىدا ئېيتىلغان تەبىر ئىكەنتۇق. بۇنىڭدىن باشقا، ئارىمىزدىن چىققان يىتۈك ۋە قابىل ئىلىمشۇناسلىرىمىزدىن بىرىمۇ ئاڭسزلىقنىڭ روبوتتىن پەرقى يوقلىقنى، ئىنسان ئاڭلىق بولغاندىلا روبوتلۇقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىن بولالايدىغانلىقىنى ھەر نۆۋىتى كەلگەندە تەكىتلەپ تۇراتاتتى. ئەمەلىيەتتە جايىدا ئېيتىلغان قىسقا لېكىن چوڭقۇر مەنىلىك بۇ ئىبارىلەر ھاياتقا ئىبرەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان، ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىدىغان بۇ ئىككى زاتنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئويلىنىشىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. تۆۋەندە سىزگە تونۇشتورماقچى بولغان كىتاب كۈلتۈر روبوتى، ئەركىنلىك ۋە ئاڭ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىدۇ. پروفېسسور دوغان جۈجەلئوغلۇ تەرىپىدىن يېزىلغان “ھەققىي ئەركىنلىك”ناملىق بۇ كىتاب جەمئىي 26 بابتىن تەشكىل قىلىدۇ. بىرىنچى باب “غەم-قايغۇنى”نى تېما قىلىدۇ. غەم قايغۇ ھاياتنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، لېكىن بىز قايغۇ ۋە پەرىشان ھالەتتە بولساق، ھەممە ئادەمنى بىئارام قىلىشقا ياكى بىزنى توغرا چۈشىنىپ بىزگە يولغا قويۇشنى كۈتسەك بولمايدۇ، بۇنداق قىلىشقا ھەققىمىز يوق. ئۆزى چەتكە چىقىۋىلىپ باشقىلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە كۆرە ياشاش نۇرغۇن ئادەمگە ئاسانغا توختايدۇ. ئەپسۇس ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى توغرا ئىدراك قىلالمىغان، ئۇنىڭ بىلەن توغرا ۋە مۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغان پەقەت تاشقى دۇنياغىلا مەركەزلىشىپ قالغان كىشى ھامان بىر كۈنى يالغۇزلۇققا مەھكۇم بولىدۇ. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان غەم قايغۇ قانداقتۇر ئىنساننىڭ نورمال ۋە تەبىئىي ھېس-تۇيغۇسى بولغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىنسان ياشىغان كۈلتۈر دۇنياسىنىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ، چۈنكى كۈلتۈر جەمئىيەت ئەزالىرىغا ۋەقە-ھادىسىلەرگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، ھېس-تۇيغۇ جەھەتتىن قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ. مەسىلەن، كۈلتۈر ئەزالىرىغا قايسى ۋەقەدىن قايغۇرۇپ، قايسى ۋەقەدىن خۇشال بولۇشنى، قايسى ۋەقەدىن نەپرەتلىنىپ قايسى ۋەقەگە سۈكۈت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. ناۋادا ئىنسان بۇلارنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلانمىسا، ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىدىكى بىنورماللىقلارغا ئۆزى ياشىغان كۈلتۈرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلەلمىسە، قىسقىسى كۈلتۈرنىڭ ئىگىسى ۋە خوجايىنى سۈپىتىدە ئەمەس ئۇنىڭ كونترول قىلىشىغا چۈشۈپ قالسا ئۇ ئىنساننىڭ روبوتتىن پەرقى قالمايدۇ.بۇ يەردە ئاڭسىزلىق ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىدۇ، يازغۇچى بۇ ئەھۋالنى كۈلتۈر روبوتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچى باب “كۈلتۈر روبوتى”نى تېما قىلىدۇ. بىر روبوت ئۆزىگە پىروگرامما قاچىلانغانلىقىنى ئەسلا ئىدراك قىلالمايدۇ ۋە ھېچقاچان ئۆزىگە قاچىلانغان ۋە ئۆزىنى كونترول قىلغان پىروگراممىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بولۇشقا مەھكۇم. ئوخشاشلا كۈلتۈر روبىتىغا ئايلىنىپ قالغان ئىنسان كۈلتۈردىن ئىبارەت پىروگراممىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، قىسقىسى، ئىنسان ئۆزى ياراتقان كۈلتۈرنىڭ ئەسىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كۈلتۈر نېمىنى بۇيرۇسا شۇنى سوئال سوراقسىز قىلىدۇ، ھەتتا ھېس-تۇيغۇلارمۇ شۇنداق بولىدۇ، كۈلتۈر روبوتى ئىنسان پروگرامما پەرىشان بولغىن، قايغۇرغىن، قىيىدىغىن، ئاچچىقلانغىن دېگەندە مۇشۇنداق تۇيغۇلاردا بولىدۇ. كۈلتۈر روبوتى بولۇشتىن قۇتۇلماقچى بولغان ئىنسان، بەزى كۆرۈنمەس توساقلاردىن ھالقىپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسان ئەركىنلىك يولۇچىسىدۇر ۋە ئۆزىنىڭ روبوتقا ئايلىنىپ كەتمەسلىك لازىملىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ. “بىزنىڭ كۈلتۈر روبوتى تەرىپىمىز پىروگراممىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىزنى قايغۇلاندۇرىدۇ، پەرىشان قىلىدۇ، غەزەبلەندۈرىدۇ، چۈس قىلىۋېتىدۇ. ئاچچىقىمىزنى يامان قىلىۋېتىدۇ. لېكىن ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىدىغان ھەققىي كىملىكىمىز يەنى ئاڭلىق تەرىپىمىزمۇ بەل قويۇۋەتمەيدۇ. ئەپسۇس كۆپ ھاللاردا كۈلتۈر روبوتى بىزنىڭ بىرلا تەرىپىمىزنى ئىگىلىۋېلىش بىلەنلا بولدى قىلماي، ھەممە تەرىپىمىزنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ. ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولسىڭىز كۆپ قىسمى كۈلتۈر روبوتى بولۇپ، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە پەرقلىق بولسىمۇ تەپەككۇر، پاراڭ ۋە ھەرىكەت شەكلى، ھەتتا مەلۇم ۋەقە-ھادىسىگە نىسبەتەن ئىپادىلىگەن ھېس-تۇيغۇلىرىمۇ ئوخشاش ۋە قېلىپلىشپ كەتكەن. كۈلتۈر روبوتلىرى ئىجتىمائىي ماسكىلار، ئىجتىمائىي تەلەپلەر، تۈزۈملەر، نورمىلار، سىياسەتنىڭ خەتەرلىك يوشۇرۇن قوللىرى، ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولالمايدۇ، ھاياتتا باشقىلارنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن بولىدۇ، مەسىلەن، ئانام نېمە دەپ قالار، مۇئەللىم نېمە دەپ قالار، ھۆكۈمەت نېمە دەپ قالار، قوشنام نېمە دەپ قالار، ئۇ نېمە دەپ قالار بۇ نېمە دەپ قالار، دېگەندەك. قىسقىسى باشقىلار نېمە دەپ قالار دەپلا ياشايدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن كۈلتۈر روبوتى بولۇشقا مايىل ياكى مۇشۇ ياكى ھايات شەكلىنى تاللايدۇ؟ چۈنكى ياشاۋاتقان مۇھىتتا ئەركىن بولۇشقا قۇربى يەتمىگەنلىكى، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يېتىشكە، پىلانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، خىيالىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا كۈچى يەتمىگەنلىكىن ئۈچۈن كۈلتۈر روبوتى بولۇشنى تاللايدۇ. كۈلتۈر روبوتى كىشى ئەركىن، ھۆر بولۇش، نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىيىم- خەتىرىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلسە بۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ، بۇرۇنقى ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چارىسىزلىكتىن كۈلتۈر روبوتىدەك ياشايدىغان كىشى ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولۇپ بولالمايدۇ. ھەممىدىن ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۆزى ئارزۇ قىلغان ھاياتنى ياشىيالمىغانلىقىنىمۇ پەرق ئېتەلمەيدۇ. قىسقىسى، ھاياتىغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلالايدىغان كۈچى ۋە ماغدۇرى يوقلىقىنى ئويلىۋالغانلىقى ئۈچۈن ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ كۈلتۈر روبوتلىقتىن ئىبارەت ماسكىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنىۋالىدۇ ۋە بۇ جاي ئۇنىڭغا بىخەتەر تۇيۇلىدۇ. كۈلتۈر روبوتىنىڭ پەرقلىق ۋارىيانتلىرى بولىدۇ، مەسىلەن، ئۆزى تۇتۇپ ماڭغان دىننىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئويلانمايدىغان، دىنى چۈشەنچىسىنى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى سوراقلاپ تۇرمايدىغان، ئېتىقادلىق كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئېتىقادلىق روبوت ئۇقۇمىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. كۈلتۈر روبوتى ياكى ئېتىقادلىق روبوت ئۆزى ، ئەتراپدىكىلەر، جەمئىيەت ، شەيئىلەر ، تەبىئەت ، كائىنات بىلەن توغرا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىن ئاجىز ئىنساندۇر، بۇنداق ئىنسان نە ئۆزىگە، نە ئەتراپىدىكىلەرگە، نە جەمئىيەتكە پايدىسى تەگمەيدۇ. ئوخشاشلا سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتىغا چىقمايدىغان، سىياسىي ھاكىمىيەتكە شەرتسىز ئىتائەت قىلىدىغان،سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ تۈرلۈك ھىلە-نەيرەڭلىرى ئۈستىدە ئويلانمايدىغانلارمۇ سېپى ئۆزىدىن روبوت “ئىنسان”دۇر. سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ “ياخشى ۋە ئىتائەتچان” پۇقرا بولۇش پىروگراممىسى قاچىلانغان بۇنداق ئىنساننى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش شۇنچىلىك ئاسان بولىدۇ. بۇنداق ئىنسان مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ كونتررولۇقىدىكى چېگرالاردىن ھالقىپ باشقا مەملىكەتلەرگە ھەتتا دۇنيانىڭ ئەڭ چېتىدىكى دىيالارغا كەتكەن تەقدىرىمۇ، ئۆزىگە قاچىلانغان پىروگراممىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئىنساننى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا كىشەنلەرنىڭ ئەسىرى قىلىپ قويىدىغان بۇ روبوتلۇق ئەھۋالىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ يازغۇچى بۇنىڭغا ئىنسان ئۆزى بولۇش سەپىرىگە ئاتلانغان چاغدا بۇنى يەڭگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كىتابىنىڭ ئۈچىنچى بابىدا بۇ ھەقتە توختىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىدەك ياشاش ياكى ئۆزى بولۇش جاسارىتىگە ئىگە بولمىقى ھەقىقەتەن تەس، لېكىن ئۆزىمىز بولماي تۇرۇپ ھاياتنىڭ مەنىسى ۋە قىممىتى بولمايدۇ، مەنىۋى دۇنياسى يەنى ئىچكى دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالمىغان ئىنسان، باشقىلار بىلەنمۇ توغرا ۋە مەنىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالمايدۇ. ئۇنداقتا ئۆزى بولالىغان ئىنساننى قانداق بىلەلەيمىز؟ سىرتتىن بىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۆزى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۆزى بولالىغان ئىنسان ھەم ئۆزىگە ھەمدە باشقىلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ قەدرىنى قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىگە، ئىچكى دۇنياسىغا، ئۆزىنىڭ شاھىتلىقىغا باشقىلارنىڭ شاھىتلىقىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. باشقىلارنىڭ شاھىتلىقىغا يەنى مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى باشقىلارنىڭ خاھىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. ئۆز شاھىتلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشى بولسا، مەن نېمە دەيمەن، مېنىڭ قاراشىم نېمە دېگەن سوئالنى سورايدۇ ۋە ۋىجدانىغا ھېساب بېرەلەيدىغان تەرىقىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئۆزى بولالىغان ئىنسان ئۆزى قەدىرىنى قىلغان، ھۆرمەتلەيدىغان، ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى، ئۆزى تەۋە بولغان گۇرۇپپا ياكى جەمئىيەتكە، گۇرۇپپا ۋە جەمئىيەتنىڭ قەدرىيەتلىرىگە، نورمىلىرىغا، ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەھمىيىتىنى، مەنىسىنى بىلگەن ۋە ئاڭقىرغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىدۇ، بۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئاكتىپ، يېتەكلىگۈچى، ئىشلەپچىقارغۇچى، ئىجادچى ئورۇندا تۇرالايدۇ. بۇلارغا قارىغۇلاچە ئەگەشمەيدۇ، بۇلارنى سوراقلاپ تۇرىدۇ، خاتالىق ۋە كەمچلىللىك كۆرۈلگەن تەرەپلەر بولسا ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىدۇ، ئۆزىنى ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. قىسقىسى، بۇلارغا ئەگىشىپ ئەمەس بۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ. يەنى ئاڭلىق ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ.
يازغۇچى كىتابىنىڭ كېيىنكى بابىدا ئىنساننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا كۈلتۈر روبوتى ئىنسان بىلەن ئاڭلىق يەنى ئەركىن ئىنساننى سېلىشتۇرۇپ چىقىدۇ، ئىنساننىڭ ئېھتىياجى پۇل يەنى ماددىي نەرسىلەر، ئەقىل، كۆڭۈل ۋە چۈشەنچە دۇنياسى قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىنسان ھەم ئەركىن بولۇش، ھەمدە باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. زېرەك ئىنسان كىمگە ئىشىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ، مەسىلىگە تەمكىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، لېكىن بۇ جەرياندا ئىككى نەرسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ: بىرىنچىسى، ئىشەنچىلىك ئىنسانلار بىلە ئالاقە قىلىش، ئىككىچنىسى ئىشەنچىلىك بىرى بولۇش. يەنى دوست تۇتۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىدۇ، ئۆز قەدىرىيەتلىرىدىن يىراقلىشىپ كەتمەسلىككە تىرىشىپ ئۆز ئۆزىنىڭ دوستلۇقىدىن ۋاچ كەچمەسلىكنى مۇھىم دەپ قارايدۇ. چۈشەنچە دۇنياسىغا كەلسەك، كۈلتۈر روبوتى ئىنسان ئۆزىنىڭ چۈشەنچە دۇنياسىنى ھېس كېتەلمەيدۇ ئىدراك قىلالمايدۇ، ھېس قىلغانلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ “مېنىڭ چۈشەنچە دۇنيام مۇنداق دەپ ئېنىق سۈرەتلەپ بېرەلمەيدۇ، لېكىن ئىش-ھەرىكەتلىرىگە، گەپ-سۆزلىرىگە قارايدىغان بولساق، بىر-بىرىگە ماس كېلىدۇ. بۇ يەردىكى ماسلىق دەل چۈشەنچە دۇنياسىدىن كېلىدۇ. بىر ئىنساننىڭ چۈشەنچە دۇنياسى قانچە كەڭ ۋە ئەتراپلىق بولسا چۈشەنچە دۇنياسىمۇ شۇنچىلىك باي، رەڭدار ۋە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچى ئىنساننىڭ چۈشەنچە دۇنياسىدا ئۆزىگىلەرگە ئورۇن بېرىلمىگەچكە خۇشال بولالمايدۇ. ھەر ئىنسان مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئويلىشى، مەنپەئەتىنى كۆزلىشى، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، يەنى مەلۇم سەۋىيەگىچە ئۆزىنى ئويلىشى تامامەن تەبىئىي ئەھۋالدۇر. بۇ تەبىئىي ۋە ساغلام شەخسىيەتچىلىكتۇر، لېكىن ئاشۇرۇۋەتسە ئىچىدىن خۇشال بولۇپ بولالمايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىش دائىرىسى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىدارىمىزنى تونۇپ يېتەلمىسەك، قىلغان ئىشىمىزنىڭ بەكمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولالمايمىز. ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ باقىدىغان لېكىن كونكرېت بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان كىشىلەرگە ئايلىنىپ قالىمىز.
يازغۇچى كىتابىنىڭ كيىنكى بابىدا ئىنساننىڭ چۈشەنچە دۇنياسى ھەققىدە توختىلىپ، ئىنساننىڭ چۈشەنچە دۇنياسىنىڭ بىلىش سىستېمىسى ۋە باھالاش ياكى ھۆكۈم بېرىش (قەدرىيەت سىستېمىسى) سىستېمسىىدىن ئىبارەت ئىككى خىل زىھنى مەشغۇلات سىستېمىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى دەيدۇ. بىلىش سىستېمىسى ئەتراپىمىزىدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر ياكى باشقا نەرسىلەرنى ئىدراك قىلىش باسقۇچىدا زىھنىمىزدە ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان سىستېمىسى بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە نەرسىلەرگە كىملىك بېرىپ ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە رول ئوينايدۇ. باھالاش ياكى ھۆكۈم قىلىش سىستېمىسى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئىدراك قىلىنغان ياكى بىلىنگەن ھادىسە ۋە نەرسىلەرنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى،گۈزەل ياكى سەتلىكىنى ، قىممەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى باھالايدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيامىزنى دەل مۇشۇ كۆزئەينەك ۋاستىسى بىلەن كۆرىمىز. بۇ تولىمۇ پائال ۋە ھەرىكەتچان بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئىنسان بۇ سىستېمىنى پەرق ئېتىپ بولالمايدۇ. قىسقىسى، بىز ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە نەرسىلەرنى تونۇيمىز، بىلىمىز ۋە ئارقىدىن ئۇ ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز. بۇنىڭغا ئاساسەن باھا بېرىپ قارار ۋە ھۆكۈم چىقىرىمىز، بۇ قارارلار ۋە ھۆكۈملەرگە ئاساسەن ئىش-ھەرىكىتىمىز ھاياتىمىزدا مەلۇم نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بىلىش سىستېمىسى ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەرنى قانچە ئەتراپلىق ۋە ياخشى بىلسە ۋە ئۇلار بىلەن توغرا مۇناسىۋەت قۇرالىسا ئىنسان ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك ھالەتتە بولىدۇ، بۇنداق ئىنساننىڭ ئوزۇقلۇق، مۇزىكا، بىلىم، سالامەتلىك، كىشىلىك مۇناسىۋەت، ۋاقىت، ئىنسان، پۇل چۈشەنچىسى، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشىشى بولۇپ ھەممىسى بىر-بىرى بىلەن بىردەكلىك ئىچىدە بولىدۇ. ناۋادا بۇ كىشى ئۆرپ ئادەتلىرى، كۈلتۈرىگە ئاساسەن ياشاشنى ئۆز ئىرادىسىگە ئاساسەن ئاڭلىق ھالدا ياشاشنى تاللىغان بولسا بۇنداق ئىنسان كۈلتۈر روبوتى بولمايدۇ. باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سىستىسى ئوبيېكتىپ نەرسە ۋە رېئاللىقنىڭ ياخشى ياكى يامان، قىممەتلىك ياكى قىممەتسىز، ياقتۇرۇلىدىغان ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. بۇنى قىسقىچە قەدرىيەتلەر ياكى قىممەت قاراش دېسەك بولىدۇ.
ئوبيېكتىپ ھەقىقەت ۋە بۇلارنىڭ قىممىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىزگە دەپ بېرىدىغان بىلىش سىستېمىسى بىلەن ئوبيېكتىپ نەرسە ۋە رېئاللىقنىڭ ياخشى ياكى يامان، قىممەتلىك ياكى قىممەتسىز، ياقتۇرۇلىدىغان ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان، ئارزۇ قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى دەيدىغان باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سىستېمىسى ئىنساننىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ ئاساسىدۇر. يەنى بىزنىڭ كۆزىمىدە بىرلا كۆزئەينەك يوق، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى كۆزئەينەك بار، ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيانى بۇلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كۆرىمىز. قايسى خەرىتە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ ئاز خاتا بىلەن ئادېرىسنى تاپالىسا ئۇ توغرا خەرىتە بولىدۇ، دېمەككى، قولىمىزدا ئەڭ ئاز خاتا ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت دېگەندەك ئىككى ئۆلچەم بار بولۇپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ خاتا ۋە توغرا خەرىتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىغىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى سىستېما ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، ئوي-پكىرىلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزگە ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، يەنى بۇ سىستېمىنىڭ تەسىرىنى ھاياتىمىزدا ھەر ۋاقىت كۆرەلەيمىز. ناۋادا كىشىنىڭ مەلۇم مەسىلە ياكى ھادىسىگە نىسبەتەن ئىش ھەرىكىتى ياكى پوزىتسىيەدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن ئىش-ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەمىزنىڭ كەينىدىكى بىلىش ۋە باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سىتېمىسىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككىسىنى ئىسلاھ قىلماي تۇرۇپ خاتا ئىش-ھەرىكىتىمىز ۋە پوزىتسىيەمىزنى ئسىلاھ قىلىپ بولالمايمىز. بۇ خاتالىقلارنىڭ بەزىلىرىگە ئىنسان تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز، بەزىلىرىگە ئەقىل ياكى كۆڭۈل ئېھتىياجلىرغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، بەزىلىرىگە قەدرىيەتلەرگە سەل قاراش سەۋەب بولىدۇ.
يازغۇچى كىتابىنىڭ كېيىكى بابىنى “ئىنسان ئۆزى بولالمىسا ھاياتنىڭ مەنىسى يوقتۇر”دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا بايان قىلىدۇ. ئىنسان روھىي، زىھنى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كىشەنلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ تېپىپ چىقىپ ئۆزىنى ھاياتنىڭ مەركىزىگە قويالىسا ياكى ئەسلىي تەبىئىتىگە ماس ۋە ئاڭلىق ھەرىكەت قىلالىسا ئاندىن ئۆزى بولالايدۇ ۋە ھاياتنىڭ مەنىسى بولىدۇ. ئىنسان مەركەزگە قويۇلمىغان، ئىنساننىڭ قىممىتىگە سەل قارىلىدىغان، مال-مۈلۈك، شۆھرەت ۋە كۈچكە مۇپتىلا بولغان كېسەل جەمئىيەتلەرنىڭ قەدرىيەتلەر سىستېمىسى بىلەن ئىنسان مەركەزگە قويۇلىدىغان ۋە ئىنسانغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىنىدىغان ساغلام جەمئىيەتلەرنىڭ قەدرىيەتلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىقتۇر. ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە پىكىرلىرىدىن باشقا چۈشەنچە ۋە پىكىرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى كۆپىنچە ھېس قىلىپ كېتەلمەيدۇ، چۈنكى كۆپ قىسىمى ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىگە ۋە چۈشەنچىلىرىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟يازغۇچى بۇ سوئالغا “ئەركىن بولۇش”دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئۆگىنىلگەن جاھالەت، توغرا دەپ قارىلىدىغان خاتالىقلارنىڭ ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلۈشى بىلەن شەكىللىنىدۇ ۋە داۋملىشىدۇ. بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدۇر، چۈنكى ھەققىي توغرىلارنى بىلىشكە توسالغۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئىنسان ئۆزى، ئەتراپى، باشقىلار ۋە جەمئىيەت، تەبىئەت ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە چۈشىنىشكە تىرىشقان باشلىغان پەيتتىن ئېتىبارەن، باشقىچە ئويلاش شەكىللىرىنىڭ، چۈشەنچىلەرنىڭ، پىكىرىلەرنىڭ، خىلمۇ خىل تاللاش يوللىرىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن ھاياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيدۇ. ئەگەر بۇلارنى تونۇپ يېتەلمسە، تەنقىدىي نۇقتىدىن قارىيالمىسا كۈلتۈر روبوتى بولۇشقا مەھكۇم، ئەگەر تونۇپ يېتەلسە كۈلتۈر روبوتى بولۇشتىن چىقىپ ھاياتنىڭ تىزگىنى ئۆز قولىغا ئالىدۇ. ئەركىنلىكنى تونۇپ يېتىش ئاڭ مەسىلىسىدۇر. ھېس قىلىنغان بۇ ئەركىنلىكنى ياشاش بولسا كۈچ ۋە جاسارەت تەلەپ قىلىدۇ. ئەركىنلىككە ئېرىشىش تۇيۇقسىزلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ترىىشچانلىق، غەيرەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان نەرسىدۇر. ئەركىنلىك مەۋجۇت تۈزۈمگە، مەۋجۇت زىھنىيەتكە، مەۋجۇت دۇنيا قارىشىغا ئىسيان دېگەنلىكتۇر. مەشھۇر پەيسلاپ سارترې دېگەندەك: مەن ئىنسانمەن شۇڭا ئەركىنمەن، ئەركىن بولىدىكەنمەن، مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك. مەشھۇر پەيلاسوپ، ئەركىن ئىنساننىڭ ھەققىي ئىنسان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مەسئۇلىيەتچان ئىنساننىڭ ئەركىن ئىنسان ئىكەنلىكىنىى دەيدۇ.
ئاڭلىق ئىنساننىڭ سۆزى ۋە ھەرىكىتىدە زىتلىق يوق، باشقىلارغا ئىشەنچ بېرەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ قەدەرىيەتلىرىنى ۋە نىشانىنى بىلىدۇ، داۋاملىق ئىش-ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبىنى، قانداقلىقىنى، قەيەردە ئىشقا ئاشقانلىقىنى، كىملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ.
يازغۇچى ئىنساننىڭ خۇشاللىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى دەپ، بۇ قارىشىنى پەيلاسوپلارنىڭ ھكىمەتلىك سۆزلىرى بىلەن قۇۋەتلەشكە تىرىشىدۇ. ئالدى بىلەن بىلىش پىسخولوگىيەسىنىڭ پىشىۋاسى ھېسابلىنىدىغان ئابراھىم ماسلاۋنىڭ سۆزى بىلەن باشلايدۇ: ئىنساننىڭ ئالدىدا ھەر ۋاقىت ئىككى تاللاش بار: بىرى تەرەققىياتقا قاراپ ئالدىغا بىر قەدەم تاشلاش ، يەنە بىرى ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلىش ئۈچۈن كەينىگە بىر قەدەم ئېلىش.
يۇنۇس ئەمرە: ھاياتىدا پەقەتلا خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن ئىنسان ھاياتىدا ھېچنىمە قىلمىغان ئىنساندۇر. ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ئۆزىنى خاتاسىز ئويلىۋېلشىتۇر.
رابېلايىس: ۋىجدان بولمىسا بىلىم روھقا زىيان بېرىدۇ.
گىيوت: ياخشىلىق ئىنسانلارنى بىربىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىردۇر.
ھەققىي مەھكۇملۇق ۋە توسالغۇ ئىنساننىڭ قورقۇنچاق، ئۈمىدسىز ۋە خۇنۇك بولۇشىدۇر.
يازغۇچى، تېمىنى تېخىمۇ يورىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىنسان ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق ھەقىقەتلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ،.بۇ ھەقىقەتلەر مۇنداق: بىرىچنىسى، ئىككى ئىنسان بىر-بىرلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان ھامان ئالاقە باشلىنىدۇ، مەيلى بۇ ئىككەيلەن سۆزلەشسۇن، ياكى سۆزلەشمىسۇن، مەيلى قاراشسۇن ياكى قاراشمىسۇن، مەيلى بىر ئىش قىلسۇن ياكى قىلمسۇن، بۇ مۇشۇنداق. ئىككىنچىسى، ئىنساننىڭ ئىككى ئاساسلىق تەبىئىيتى بار بولۇپ، ئىنسان ھەم ئىجتىمائىي ھەمدە شەخسىي مەخلۇقتۇر. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تەرىپى يەنى تاشقى دۇنياسى يۈز ياكى چىراي، ئىچكى دۇنياسى ۋە ئۆزى بولسا شەخسىي تەرىپى بولۇپ بۇنىڭغا جان دېسەك بولىدۇ. ئۈچىچنىسى، ئىنساننىڭ ئىجىمائىي مەۋجۇدلۇقى ئۇ كىشىنىڭ ئىجتىمائىي روللىرىدا، بۇ رولدىن تەلەپ قىلىنىدىغان قائىدىلەردە، نورمىلاردا، نىزاملاردا، قائىدە-پرىنسىپلاردا، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ—ئادەتلەردە نامايەن بولىدۇ. تۆتىنچىسى، ئىنساننىڭ شەخسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك مەۋجۇدلۇقى بولسا تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ: بىرىنچىسى، تەۋە بولۇش-شەخس بولۇش تەڭپۇڭلۇقى، ئىككىنىچى، ئىززىتى قىلىنىش ياكى ئادەمدەك مۇئامىلىگە ئۇچراش، ئۈچىنچىسى، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈش، تۆتىنچىىسى، قىممەتلىك ۋە ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان بولۇش يەنى ئۆزىنى مەركەزدە قويۇش، بەشىنچىسى، قابىلىيىتىگە ئىشىنىلىشنى ئارزۇ قىلىش. ئالتىنچىسى، سۆيۈلۈش، ۋاقىت ئاجرىتىلىشقا لايىق بولۇش. قاتارلىقلار…
يازغۇچى كىتابىدا ئىككى خىل باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سىستېمىسى بارلىقىنى دەيدۇ: بىرىچنىسى، ۋەھىمە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندىكى باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش (قەدرىيەت) سىستىمىسى بولۇپ، بۇنىڭدا كۈچنىڭ ئىپادىسى ئاچچىقلىنىش، غەزەب، قوپاللىقتا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سىستېمىدا كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلار باردۇر. بۇ سەۋەبتىن قورقاتقۇچى بىلەن قورقالغۇچى بار. كۈچلۈكلەر قورقىتىپ تۇرىدۇ، ئاجىزلار قورقۇپ تۇرىدۇ، بارلىق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر كۈچنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە كۈچلۈكلەر ۋە ئاجىزلاربولىدۇ. ۋەھىمە نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ سىستېمىنىڭ نامى ۋەھىمە كۈلتۈرىدۇر. بۇ كۈلتۈردە قورقوتۇلغان،ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلىدىغان كىشى ئۆگىتىلگەن چارىسىزلىك ۋە ئاجىزلىق ئىچىدە بولىدۇ، بۇنداق ئىنساننىڭ قىلالايدىغان ئىشى قاخشاش بولۇپ، تامامەن مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشمايدۇ. بۇنداق كىشىدە “سەن چۈشەنچىسى”كۈچلۈك بولىدۇ. ۋەھىمە كۈلتۈرىدە ئۆزىنى كۈچلۈك ئورۇندا ۋە ئۆزىدىن قورقولىدىغان دەپ قارايدىغان كىشى باشقىلارنى كونترول قىلىشىنىڭ كويىدا يۈرۈيدۇ، ھەممىنى مەن بىلىمەن دەپ ئويلايدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنىلا ئويلايدۇ. تەنقىدكە قەتئىي چىدىيالمايدۇ. تەنقىد قىلغۇچىلارنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى كۈچلۈك ۋە ئۈستۈن بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئاجىزلارغا يول قويسا شىللىسىگە مىڭلىۋالىدىغانلىقىنى ئويلايدۇ.بۇنداق ئىنسانلار غەزەپنى، ئاچىقنى ۋە زوراۋانلىقىنى قورال قىلىدۇ.بۇنداق كىشى “مەن چۈشەنۋچىسى”دىكى كىشىدۇر.
مىھىر-شەپقەت ۋە ھۆرمەت نوپۇزلۇق ئورۇندا تۇرىدىغان باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش (قەدرىيەت) سىستېمىسىدا مىھىر شەپقەت، ھۆرمەت، ئىشەنچ ۋە خىزمەت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەر ئىككىى تەرەپ باراۋەردۇر، ھەر ئىكى تەرەپ ئۆزىگە ۋە قارشى تەرەپكە ئىنساندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەر ئىكى تەرەپنڭى ئۆزىگە چۈشلۈق رولى بار، مۇناسىۋەت رىقابەت ئۈستىگە ئەمەس، بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، مەنمۇ قىلالمايمەن، سەنمۇ قىلالايسەن، ئىككىمىز بىرلەشسەك تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز،دېگەن چۈشەنچە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مېنىڭ تەرەققىي قىلىشىم سېنىڭ تەرەققىي قىلىشىڭغا باغلىق ۋە ساڭا خىزمەت قىلسام ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلغان بولىمەن دەپ قارىلىدۇ.
يازغۇچى كىتابىدا ئىككى خىل مۇناسىۋەت ئورنىتىش شەكلى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنى ئىككى خىل كۈلتۈر مۇھىتىدا تەھلىل قىلىدۇ. ۋەھىمە كۈلتۈرىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ئىنسان ئۆزىنى كۈچلۈك، ئۆزگىلەرنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ. كۈچلۈك بولغان كۈچىنى ئىسپاتلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەتتە ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك كىشى ئەمەلىيەتتە قورقۇشقا تېگىشلىك كىشىدۇر. ھۆرمەت-سۆيگۈ كۈلتۈرىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بولسا، مۇناسىۋەت ئورناتقلانلارنىڭ مەقسىتى ھەم ئۆزىگە ھەم قارشى تەرەپكە خىزمەت قىلىشتۇر. بۇ يەردە مەن ياكى سەن ئەمەس بىز چۈشەنچىسى مۇھىمدۇر.
يازغۇچى كىتابىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىدۇ: ئىنسان كۈلتۈر روبوتلۇقىدىن چىقىپ ھېس-تۇيغۇ، ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى، ھاياتنى ئەركىن ۋە ئاڭلىق ھالدا ياشىسا ھەققىي ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.
ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئەپ ئۆتەلمىگەن ئىنسان داۋاملىق غەم ئىچىدە يۈرۈيدۇ. ئۆزىنى نوقۇل ئىجتىمائىي مەخلۇق سۈپىتىدە كۆرىدىغان كىشى يەنى ئۆزىنى يۈز دەپ قارايدىغان كىشى تەنھالىققا مەھكۇمدۇر، چۈنكى ئىچىكى دۇنياسىنى يەنى جېنىغا سەل قارىغانلىقى ئۈچۈن. يۈز دۇنياسى بىلەن جان دۇنياسىنىڭ ئىنسان، قەدرىيەت، ئەركىنلىك، دوستلۇق، ئائىلە چۈسەنچىلىرى پەرقلىق بولىدۇ. يۈز دۇنياسىغىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار دەل كۈلتۈر روبوتىدۇر. يۈز دۇنياسى ۋەھىمە كۈلتۈرىدە يېگانە ھەقىقەتتۇر. جان دۇنياسى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. ۋەھىمە كۈلتۈرىدە ئاقىدىغان نەرسە كۈچتۇر. بۇ كۈلتۈرنىڭ بىلىش سىستېمىسى ۋە باھالاش ياكى-ھۆكۈم چىقىرىش سىستېمى ئىچىدە كۈچكە ئېرىشىش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇنڭ ئۈچۈن ۋاستە تاللانمايدۇ. ھۆرمەت-سۆيگۈ كۈلتۈرىنىڭ بىلىش سىستېمىسى ۋە باھالاش ياكى ھۆكۈم چىقىرىش سىستسمىسى ئىچىدە كىشىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىىلك قىلىدىغان قەدرىيەتلەر سۆيگۈ، ھەقىقەت، ھەققىيانىيەت، ئىشەنچ ۋە خىزمەتلەردۇر.
ئۇنداقتا ھەققى ئەركىنلىك جان يەنى ئىنساننىڭ روھى دۇنياسى بىلەن باشلايدىغان بولۇپ، كىشى ئۆزى تەۋە بولغان باھالاش-ھۆكۈم چىقىرىش سىستېمىسى ئىچىدكى جانغا ھېساب بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، ئىنسان ئىنسان بولغانلىقى، ئىنساننىڭ ماھىيەتتە ئەركىن ۋە ئىجاچى ئىكەنلىكى ۋە ئىنساننىڭ مۇشۇ ئەركىن ئىرادىسى ۋە ئىجادىي ئالاھىدىلىكى بىلەن كۈلتۈر بەرپا قىلىپ جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى، بىراق ئىنسان ئاڭلىق ۋە سەگەك بولمىسا، ئۆزى بەرپا قىلغان كۈلتۈرنىڭ كونتروللۇقىغا بىلىپ بىلمەي كىرىپ قېلىپ ھەققىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىشى كۈلتۈر روبوتلۇقىنى ئىپادىسلە، ئىنساننىڭ بۇ كۈلتۈر روبوتلۇقتىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنىڭ ھەققىي ماھىيىتىگە قايتىپ ھاياتنىڭ تىزگىنى ۋە كونترولۇقىنى قولغا ئېلىشى ھەققىي ئەركىنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*