جون تايلور گاتتوغا كۆرە ئۇقۇمۇشلۇق كىشى قانداق بولۇشى كېرەك؟

2020-يىلى 24-فېۋرال

ئەدام نەشرىياتى تەرىپىدىن مەملىكىتىمىز ( تۈركىيە ) دە توققۇزىنچى قېتىم نەشر قىلىنغان « مائارىپ قىرغىن قورالى ( Eğitim Bir Kitle İmha Silahı ) » ناملىق كىتاب، ئۆز ساھەسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتابلاردىن بىرى. ئا ق ش دا دۆلەت مەكتەپلىرىدە ئوتتۇز يىل ئوقۇتقۇچى بولغان جون تايلور گاتتو 80 يېشىدا بۇ كىتابنى قەلەمگە ئالغان. جون تايلور گاتتو ھەم ياخشى، ھەم ناچار مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىنى، ھەتتا 1991 – يىلىدا شۇ يىللىق « مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى » بولۇپ تاللانغانلىقىنى كىتابىنىڭ باش بېتىدە بايان قىلغان. لېكىن بۇ مەزگىل ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى شىتاتلارنى ئايلىنىپ چىقىپ، زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىغا بولغان تەنقىدىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقان.
ئاپتورنىڭ مائارىپقا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى مائارىپ تۈزۈمىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئالدىنئالا بىلدۈرۈپ قويۇشنىڭ زىيىنى بولمىسا كېرەك. ئۇ مائارىپنىڭ ھەرقانداق كىشىدىن ئۆگىنىش شەكلىدە « ئوچۇق تەلىم – تەربىيە تۈزۈمى » بولۇشى كېرەكلىكىنى ياقىلايدۇ. گاتتونىڭ زامانىۋى مائارىپ تۈزۈمىگە قاراتقان كۆپ ساندا ئورۇنلۇق تەنقىدلىرى بار. يەنى، زامانىۋى مائارىپ شەخىسنىڭ خاسلىقىنى بىتچىت قىلىپ، بىر خىللاشقان كىشىلەر كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. كىشىلەرنى پادىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. « غايىپ روھ » لارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ مائارىپ تۈزۈمى سەۋەبىدىن بالىلىق مەزگىلنىڭ ئاخىرلىشىشى سوزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ ۋە يېتىلگەنلىك مەزگىلى كېچىكىۋاتىدۇ. چۈنكى زامانىۋى مائارىپ كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ئىكىسپالاتاسىيە چاقىنى ئايلاندۇرۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى. خۇددى بۈگۈنكى دورا – دەرمەك ساھەسىگە ئوخشايدۇ…
مۇئەللىپ، جېمىس كونانت 1959 – يىلى يازغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇۋاتقاندا زامانىۋى مائارىپ تۈزۈمى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان. ئاندىن ئالېكساندىر ئىنگلىس 1918 – يىلى ئېلان بىر كىتابى ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان. مەزكۇر كىتابتىن زامانىۋى مائارىپنىڭ نېگىزلىك پەلسەپىسىنىڭ 1820 – يىللىرى پرۇسيەدە مەجبۇرى مائارىپ ئۈچۈن ئىجرا قىلىنغان تۈزۈم بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاپتور بۇ مەقسەتنى مۇنداق بايان قىلغان: زامانىۋىلاشقان، سانائەتلەشكەن جەمئىيەتلەردە مائارىپنىڭ مەقسىتى، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنىڭ بىرلىشىۋېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئوپراتسىيەدۇر.
ئاپتور تىلغا ئالغان مەزكۇر ماقالىدە زامانىۋى مائارىپنىڭ مەقسىتى تۆۋەندىكى ئالتە ماددىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:
1. يولغا كەلتۈرۈش. مەكتەپلەر ھاكىمىيەتكە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش ھەققىدە ئۆزگەرمەس ئادەتلەرنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە تەنقىدىي تەپەككۇرنى يوق قىلىدۇ.
2. بىرلىككە كەلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ نۇقتىدىكى ئاساسلىق مەقسەت، بالىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان قىلىش. چۈنكى قائىدە – تۈزۈمگە رىئايە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.
3. تونۇشتۇرۇش ۋە يۈزلەندۈرۈش. مەكتەپنىڭ ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرسى، ھەر ئوقۇغۇچىغا ماس كېلىدىغان بىر ئىجتىمائىي رول تونۇشتۇرۇش بولۇپ، « ئوتتۇرىچە نۇمۇرى » ئۇ رولنى ئالدا قىلىدۇ.
4. ئوخشاشمايدىغان قىلىش. جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي رولى بەلگىلەنگەن بالىلار بۇنىڭغا ماس ھالەتتە تەربىيلىنىدۇ. بۇ ھەر بالىنىڭ ئۆزى قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىشنى قىلىشىغا توسالغۇ بولىدۇ.
5. تاللاش. بۇ نوقتىغا تىلغا ئېلىنغان تاللاش، دارۋىن ئوتتۇرىغا قويغان تەبىئىي شاللىنىشقا ئوخشايدىغان ئىش بولۇپ، مەكتەپلەرنىڭ يەنە بىر ۋەزىپىسى، نامۇۋاپىق، يەنى ئوتتۇرىچە نۇمۇرى تۆۋەن بولغانلارنىڭ سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىشى ۋە چەتكە قېقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
6. تەييارلاش. كېلەچەكتە يۇقىرىدىكى مەقسەتلەر ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كېلىدىغان جەمئىيەت ئاق سۆڭەكلەرگە مۇھتاج بولىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئاز ساندىكى بالىلار بۇ مەقسەتتە تەربىيەلىنىدۇ.
جون تايلور گاتتو، ئا ق ش دىكى مائارىپ تۈزۈمىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولغانلارغا، جورجى ئورۋىلنىڭ « ھايۋانلار قورۇقى » ناملىقنى رومانىنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلغان. ئاپتۇرنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى تەنقىدى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. خوش، ئۇنداقتا مائارىپنىڭ قايسى شەكىلدە بولۇشى ھەققىدە ئۇ نېمە دەيدۇ؟ ياخشى بولغان مائارىپ تۈزۈمى ئوقۇغۇچىلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلىشى، نېمىلەرنى ئۆگىتىشى كېرەك؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئۆزىدىن تەۋسىيە سورىغان نەۋرىسىگە يازغان بىر پارچە مەكتۇبتىن ئوقۇپ چىقايلى:
1. ئۆزىنى بىلىش. مانا بۇ ئەڭ چوڭ مۇكاپات. بۇ مۇكاپات بولمىسا سەن ئۆزەڭنى يوقۇتۇپ قويغان بولسەن ۋە ئۆمۈر بويى چۆكۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تىپىرلاپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىسەن. ھازىرغىچە سېنىڭ، خاراكتېرىڭنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن ئۆزۈڭ ھەققىدە كۆزىتىش سەپىرى ئېلىپ بارغان بولۇشۇڭ ۋە خاراكتېرىڭ ھەققىدە، يەنى خاراكتېرىڭنىڭ كۈچلۈك تەرىپى، ئاجىز تەرىپى، ئىنايىتى ۋە ئەيىپلىرى ھەققىدە بىر يەكۈنگە كېلىشىڭ كېرەك ئىدى. سەن ئوقۇۋاتقان قايسى ئوتتۇرا مەكتەپ ساڭا بۇ ھەقتە قانچىلىك ھەمدەمدە بولالايدۇ دەيسەن؟
2. كۆزىتىش. ھەرقانداق بىر ئەھۋال ياكى ۋەقەگە نىسبەتەن كۆزىتىش قابىلىيىتىڭ شەمشەردەك ئۆتكۈر بولۇشى كېرەك. خالىغان ۋاقتىڭدا يېڭى ئانالىز ئۈچۈن توغرا مەلۇماتلارنى كامىرا ياكى خاتېرلىگۈچى ئەسۋابقا ئوخشاش دەرھال كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرەلگۈدەك بولۇشۇڭ كېرەك. ھەر دەۋر ۋە رايونغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ۋە رەسىملەرنى ئوقۇيالامسەن؟ ياكى ئۇلارنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى يېشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يەكۈنلىرىگە ئىشىنەمسەن؟
3. ئىنكاس. باشقىلارنىڭ رەددىيەلىرىدىن ياكى ئەتراپىڭدىكىلەردىن ساڭا يېتىپ كەلگەن ئىشارەتلەردىن، ئۆزەڭگە مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچلىرىنى بايقاش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە ئالدىڭمۇ؟ تەنقىدلەرنى سالماقلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ۋە بۇلارنىڭ قىممىتىنى تەقدىرلەشتە قىينىلىۋاتامسەن؟ ئەگەر سەن يۆنىلىشىڭنى تېپىش ئۈچۈن يۇلتۇزلارغا ئىشەنگەندەك، كۆنۈكمە نەتىجىلىرىگە ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھاسىغا ئىشەنسەڭ، بۇ، قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ئۆگىتىلگەنلەر بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنى بايقىغان ۋاقتىڭدا تېڭىرقاپ قالىسەن، دېگەنلىكتۇر.
4. ئانالىز. يېڭى بىر مەسىلىنى قۇرۇلما ۋە مېتود جەھەتتىن پارچىلارغا ئايرىيالامسەن؟ بۇ پارچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىقلاپ چىقالامسەن؟ مۇھىم تاشقى ئامىللارنى بايقىيالامسەن ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر مۇتەخەسسنىڭ ياردىمىنى ئالماي تۇرۇپ قىلالامسەن؟
5. ئەينەككە ئوخشاش بولۇش. ئۆزۈڭ بولۇشنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، باشقىلارغا ئوخشاش بولۇشنىمۇ ئۆگەندىڭمۇ؟ خالىغان ۋاقىتتا خامىليۇنغا ئوخشاش بولالامسەن؟ ياكى ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزۈڭنىڭ تېرىسى ئاستىدا قىلتاققا چۈشۈپ قالامسەن؟ ھەر گۇرۇپپىغا، بۇ گۇرۇپپا سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ماسلىشالامسەن ۋە خالغان ۋاقىتتا بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولۇشنى، ئەمما ھەر دائىم ئۆزلىكىڭنىڭ ساقلاپ قالالامسەن؟
6. ئىپادىلەش قابىلىيىتى. ئۆزۈڭگە خاس بىر ئاۋازىڭ بارمۇ؟ ئۇ ئاۋازنى يازغاندا ۋە سۆزلىگەندە ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن، ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا ۋە كۈچلۈك شەكىلدە ئىشلىتەلەمسەن؟ بۇ بولماستىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا ساڭا يار – يۆلەكتە بولىدىغان كىشىلەرنى يىغىش قابىلىيىتىڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتى سەندىن تېخىمۇ ياخشى بولغان بېرىگە يەم بولۇپ كېتىسەن.
7. مۇھاكىمە. سالماقلىق بىلەن مۇھاكىمە قىلالامسەن؟ راست – يالغاننى ئايرىيالامسەن؟ سەن ئەزاسى بولغان كوللېكتىپ ئەينەكلەر ئۆيى بولۇپ، سەن كۆرگەن ياكى دۇچ كەلگەن شەيئىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز ساندىكىسىنىڭ ئىچى – تېشى بىردۇر. ئەڭ جەلىپكار كىشىلەر ھەر دائىم ئىشەنگىلى بولمايدىغان كىشىلەردۇر. سېنىڭچە كۈچلۈك مۇھاكىمە قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى قابىلىيەتنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇرسىتىڭ بولدى؟
8. تۆھپە قوشۇش. يۈز تۇرانە ئۇچراشقان ياكى مەنسۇپ بولغان ھەر گۇرۇپپىغا تۆھپە قوشالامسەن؟ بۇنىڭ نېمە مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئەگەر باشقىلار ئۈچۈن ئەتىۋارلىق بولمىساڭ، ئۇنداقتا ئەرزىمەس بىر كىشىدىن ئىبارەت سەن، خالاس.
جون تايلور گاتتونىڭ كىتابىدا قايتا – قايتا تەكىتلەنگەن مەسىلىلەردىن بىرسى، مەكتەپلەردە ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلىكلەردىكى قۇسۇرلار بولۇپ، ئۇنىڭچە ئا ق ش مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىۋاتقان ئوقۇش ماتېرىياللىرىنىڭ مەقسىتى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئەمەس، بەلكى ئىزچىل ھالدا باشقىلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى يادا ئېلىپ، تەكرارلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر توپىغا ئىگە بولۇشتۇر. مائارىپ سىستېمىسىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېمتىھان نەتىجىلىرىگە ئېتىبار بېرىلمەكتە. ئاپتورغا كۆرە، ئا ق ش پىرىزېدىنتلىرىدىن كۆپ سانلىقىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا بۇ ئېمتىھانلاردىن تۆۋەن ياكى نۇمۇرى ئوتتۇرىچە نۇمۇردىن تۆۋەن كىشىلەر ئىكەنلىكى، تۈزۈمدە خاتالىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
1991 – يىلى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنغان بىر كومتېت يىغىنىدا، جون تايلو گاتتو مەكتەپلەردىكى ئوقۇشلۇقلارنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈن تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىر «لاياقەت تىزىملىكى»نى سۇنغان. مائارىپ بالىلاردا بۇ قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىشى كېرەك. بۇ سەۋەبتىن ئوقۇشلۇقلار قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا بۇ تىزىملىكتە نېمىلەر بار؟ ئۇنى بىرلىكتە ئوقۇپ چىقايلى:
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ۋاقىتتىن قانداق پايدىلىنىش نۇقتىسىدا ئانچە قىينالمايدۇ. يالغۇزلۇق بۇ ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۈچۈن ئومۇمەن ئىلتىپات بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئۆزى بىلەن دوستلۇق قۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. ئادەتتە ۋاقىت ئۇلارنىڭ قولىدا مېيىتقا ئايلانمايدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر باشقىلار بىلەن ساغلام مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار كىشىلىك مۇناسۋەتنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇمات ۋە تەجرىبىگە ئىگە.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ چەكلىك ئۆمۈرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە بۇ چەكلىك ھاياتنىڭ پەرقلىق پەسىللىرىنىڭ بارلىقى ئۇلارغا ئايان. شۇڭا ئۇلار بۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ياشايدۇ. باشتىن ئۆتكۈزگەن ھەر نەرسىدىن يېڭى بىر نەرسىنى ئۆگىنىدۇ. زېمىندىكى ئاخىرقى نەپىسىگىچە ھەر يېڭى كۈندە ھاياتقا يېڭى ۋە پەرقلىق نۇقتىدىن قاراشنى بىلىدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۇزۇن مەزگىللىك تەجرىبىلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن كىشىلىك پىرىنسىپلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن تەييار ھازىرلاپ بېرىلگەن پىرىنسىپلارنى تەنقىدى نۇقتىدىن كۆزدىن كەچۈرمەي تۇرۇپ قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوللېكتىپنىڭ قىممەت – قاراشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ ۋە پەرقلىق كۈلتېرلەردىكى قىممەت – قاراشلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلىدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر يېڭى شەيئىلەر، يېڭى قاراشلار ۋە يېڭى تەجرىبىلەردىن زوق ئالىدۇ. بۇ كىشىلەر ھەقىقەتكە باشقىلارنىڭ قاراشلارنى يادا ئېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى دەلىل – ئىسپاتلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر باشقىلار مۇھتاج بولغان نەرسىلەرنى تېپىپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىنىمۇ قامدايدۇ. لېكىن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر نادانلارغا ئوخشاش سائادەتكە ئېرىشىمەن دەپ ماددىي بايلىققا ھەددىدىن زىيادە ھىرىس بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرگە، يەنى مۇھەببەت، قىزىقىش، ھۆرمەت، ھېسداشلىققا ئوخشاش ھېچقانداق ماددىي بەدەل تەلەپ تۆلىمەستىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىجتىمائىي ھاياتتا ھەر دائىم ئاكتىپلىق بىلەن رەڭدارلىق قوغلىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئاقارتىش ھەققىدە قانداق قىلغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ماھىر بولغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋە ئائىلىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنغاندا، رەڭدارلىقنىڭ يالغان، تەجرىبىنىڭ بولسا سۈنئىي بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئۇقۇمۇشلۇق بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئوقۇشلۇق، تارىخنىڭ باشلىنىشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە پەرقلىق نەسىللەرنى جەم قىلغان ھايات ئېقىنىدىن ئوزۇق ئالىدۇ ۋە ئۇ ئېقىنغا ماس ھالدا تۈزۈپ چىقىلىدۇ. ھايات ئېقىنىدىكى دەسلەپكى مۇھىم ۋەقە، تۇغۇلۇشنىڭ سىرى ۋە كىشىلىكنىڭ بۇ تىلسىمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇر. كىشىلىكنى ئىزاھلاش ئۈچۈن كىشىنىڭ ئائىلىسى، ئۆتمۈشى ۋە ئۇلارنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان كۈلتېر ھەققىدە ھەقىقىي مەنىدە مەلۇماتلىق بولۇش كېرەك. بۇ نۇقتىدا كۈلتېر ( يەرلىك كۈلتېر ) دېگەن ۋاقىتتا، سىياسىي جەھەتتىن ئۆلكە دەپ ئاتىغان ئابستىراكىت ئۇقۇمدىن ھالقىغا نەرسە نەزەردە تۇتۇلغان. يەنى، مەن كىم؟ چەك – چېگرام نېمە؟ ئىگە بولغان ئىمكانىيەتلىرىم نېمە؟ يات كىشىلىكلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرىم قايسى؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇقۇمۇشلۇق كىشى مۇھاپىزەت قىلىشى زۆرۈر بولغان ھالقىلىق مەسىلىلەردۇر. بۇلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىگەن خەلقلەردە، بالىلارنىڭ پىشىپ – يېتىلگەن كىشىلەردىن بولۇپ چىقىش پۇرسىتى قولىدىن ئېلىنغان بولىدۇ.
يېقىن ۋە يىراق دۇنيانىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىنىشى، ئانالىز ۋە تەكشۈرۈلۈشى شەرت. بۇنى، مەكتەپنىڭ تاملىرى ئىچىگە سولۇنۇپ قېلىش ياكى دوسكىدا چۈشەندۈرۈلگەن ئابستراكت ئىزاھاتلار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مەجبۇرىي مائارىپ بۇ ئىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ۋاقىتنى ئالغانلىقى ئۈچۈن بۇنىڭ زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى يېقىن – يىراق مۇھىتنىڭ تەتقىق قىلىنىشى، ھايات ئېقىنىدا مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىش بولۇپ، بەك كېچىكىپ قالغاندا پۇرسەت قولدىن كېتىپ قالىدۇ.
ئىتتىپاقلىق روھى ۋە ھەمكارلىقنىڭ كۆپ تەرەپلىمە نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك ۋە بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش لازىم. پەقەت بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ياكى تېلېۋىزۇردا تەقدىم پىروگراممىلىرىنى كۆرۈش ئىچىمىزدىكى بىرلىك روھىنى ھاسىل قىلمايدۇ. بىرلىك روھى دېيىلگەندە، بۇنىڭغا ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، دوستلۇق، يولداشلىق، مۇھەببەت، نەپرەت، كوللېكىتىپ، تەشكىللىنىش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر نەزەردە تۇتۇلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىو ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى ۋە خەتىرى بار بولۇپ، ھەر بىرىنى زۆرۈر بولمىغان ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كەلتۈرگەندە ھېسسىي جەھەتتىن يارا پەيدا قىلىش خەۋپى بار. لېكىن بىرلىك روھىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ناچار مېتودى، بىر ماكانغا سولاپ قويۇشنى ئاساس قىلغان مەكتەپ تەربىيەسىدۇر. چۈنكى بۇ بالىلارنى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئىچىدە ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك بولغان ئىجتىمائىي تور ئىچىدە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە بولۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كېتىلگەندە، سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى مۇتلەق ھالدا سۈيئىستىمال قىلىدىغان سەھنىدۇر.
ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ ئېڭىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا، كەسپىنى باشقىلارنىمۇ ئويلاشقان ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى، ئوخشاش ۋاقىتتا ھەم ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ھەسسە قوشۇپ، ھەم ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىيالايدىغانلىقىدۇر. بۇ نۇقتىدا بىر ئىنساننىڭ كەسىپ ئارقىلىق ئۆزىنى يېتىلدۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە دۇچ كېلىمىز. خوش، چوڭ بولغانلىق ( يېتىلگەنلىك )، كىچىك بالىلىقتىن قايسى جەھەتلەردە پەرقلىنىپ تۇرۇش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ؟ ھەممە تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنغان قايسى مەسئۇلىيەتلەر چوڭ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ؟ پىشىپ – يېتىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشنى زۆرۈر قىلغان قايسى مەسئۇلىيەتلەر چوڭ بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ؟
تۇغۇلۇشنىڭ تىلسىمى بىلەن باشلانغان ھاياجان بەخش ئەتكۈچى سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان ئۆلۈمنىمۇ ئەتراپلىق ھالدا تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. ئۆمۈرنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىگە مۇناسىۋەت ساپ ئىدراك ھاسىل بولماستىن، ھەرقانداق شەيئى كىشىگە مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. ئەگەر بىز ئەبەدىي ياشايدىغان بولساق ئىدۇق، ئەنە شۇ چاغدا ھەرقانداق تاللىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايتتى. چۈنكى قايتا – قايتا تاللاش ئۈچۈن چەكسىز پۇرسىتىمىز بولاتتى. ۋاقىتنىڭ مۇتلەق ھالدا چېكى بولىدۇ. ھەر تاللاش، باشقا بىر تاللاشنىڭ يولىنى توسىدۇ. مانا بۇ ھاياتقا، مەۋجۇدىيەتكە مەنا بېرىشىمىزگە تۈرۈتكە بولغان ھەقىقەت. بىز ئىدراك قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقىقەت شۇكى، ئۆلۈم بىلەن تەڭ تۇغۇلغان ئىنسانلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا، پەقەت بولمىغاندا ئۆزى ياشىغان ھالەتتىكى، ھەتتا مۇمكىن بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر دۇنيانى مىراس قىلدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. بۇ ئۇلارنىڭ كېلەچەكتىكى ئەۋلادلار ئالدىدىكى بۇرچىدۇر.
تەييارلىغۇچى: مۇنىسە شىمشەك
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: باتۇرجان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*