جەننەتنىڭ تىلى ياكى دىننىڭ چۈشىنىلىشىدە تىلنىڭ ئۇلۇغلىنىشى

2020-يىلى 16-مارت

دوتسېنت دوكتور ئەخمەت ئەرقول

(تەرجىمان: تاجىگۈل سەمەت)

قىسقىچە مەزمۇنى
دىنىي چۈشەنچىدە ئاللاھ بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچى پەيغەمبەرلەردۇر. پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن ۋەھىي ئۇلارنىڭ چۈشىنەلىشى ئۈچۈن ئۆز تىلىدا ئەۋەتىلگەن بولغاچقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ ۋەھىي ئەرەبچە نازىل بولغان. بىر ئالاقە قورالى سۈپىتىدە قۇرئان نازىل قىلىنغان تىل ئەرەبچە، تارىختا نورمال بىر تىل بولۇشتىن ھالقىپ ئۇلۇغلانغان بولغاچقا، ۋەھىينىڭ توغرا چۈشىنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن ۋە كۆرۈلمەكتە.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ۋەھىي، تىل، ئەرەبچە، قۇرئان

كىرىش
ئىنسانىيەتنىڭ يىلتىزى توغرۇلۇق پەرقلىق كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ساماۋى دىنلار تۇنجى ئىنسان يەنى ئادەم ئاتىمىزنى تۇنجى پەيغەمبەر دەپ قوبۇل قىلىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا بۇ تېما تەپسىلىي ئىزاھلانغان. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ۋەزىپىسى مۇقەررەركى ئىنتايىن مۇھىمدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرلەر ئۆز قەۋمىگە ئۆرنەك بولىدۇ ھەمدە ئەقىدە ۋە ھاياتنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىدۇ.

ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى سەرگۈزەشتىسى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ تەرەپلىك تەسىراتلار بىلەن بىرلىكتە داۋام قىلماقتا. ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكى ئەڭ ئاساسلىق سوئاللارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ ۋە بۇ سوئال ئادەمنىڭ ياشاش غايىسىگە باغلىقتۇر. ئىنسان ئەقلى ئۆزىنى قورشىۋالغان يۈزلەرچە سوئالغا جاۋاپ تېپىشى ئۈچۈن يېتەرلىكمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن سوئال دائىم مۇنازىرە قىلىنغان. شۇنداقلا دىنىي چۈشەنچىنى ۋە پەيغەمبەرلىك ئۇقۇمىنى ئاساسلىق ئۆلچەم دەپ قوبۇل قىلغان چۈشەنچىگە كۆرە، ئادەمنىڭ توغرا ۋە خوشال ياشىشى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا ئىشقا ئاشىدۇ.
پەيغەمبەرلىكنى ئاساس ئالغان بۇ ئۇسۇلدا، بىر-بىردىن تامامەن پەرقلىق سۇبىستانسىيەلىك ۋە بىلگى نەزىرىيەسى (epistemolojik) بلغان مەۋجۇتلۇق كاتېگورىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە شەكلى تارىخ بويىچە ئەڭ مۇھىم سوئاللارنىڭ بېشىدا كەلگەن. بۇ نۇقتىدا، ئىلاھى كالامنىڭ ئىمكانى ۋە قانداقلىقى دائىم مۇنازىرە قىلىنغىنىدەك، ئادەملەر ئىلاھى كالامنى چۈشىنەلەمدۇ ياقمۇ؟ ياكى قانداق چۈشىنەلەيدۇ دېگەن تېمىمۇ دائىم تالاش-تارتىش قىلىنغان. چۈشەنچە ئېقىملىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان تېما بولسا كالام كىتابلىرىمىزدا كالامى نەپسى دەپ ئىپادىلەنگەن ئىلاھى كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. ئەڭ بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، ئىسلامى گۇرپپىلارنى ئايرىغان ئاساسلىق ئامىلمۇ ناس (nassa) قارىشىدۇر. شۇڭلاشقا، دىننى چۈشىنىشتە ۋە ھاياتىمىزنى تەرتىپكە سېلىشتا ناس قارىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ يەردە سوراشقا تېگىشلىك بەزى سوئاللار باردۇر: ئىلاھىي كىتاپ خىتاپ قىلغانلار كىتابنى چۈشىنىشكە قادىرمۇ؟ كىتابنىڭ مەقسىتى نېمە؟ ئىلاھى كىتاب نېمىنى بەرپا قىلماقچى؟ خىتاپ قىلىنغۇچىلار كالامنىڭ تىلىنى قانچىلىك چۈشىنەلەيدۇ؟ دىننىڭ چۈشىنىلىشىدە كالامنىڭ تىلى قانچىلىك رولى بار؟ كىتابنىڭ ئالامشۇمۇللىقى جەھەتتىن قارىغاندا، ۋەھىينىڭ مەلۇم بىر تىلدا نازىل بولىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ مۇشۇنىڭدەك نۇرغۇن سوئاللاردىن پەقەت بىر ئىككىسىدە توختىلىمىز. سوئال شۇ: ئۇلۇغلانغان بىر تىل بارمۇ؟ ياكى تارىختا دىننىڭ چۈشىنىلىشىدە ئىلاھى كالام ئەۋەتىلگەن تىل قانچىلىك ئۇلۇغلانغان ۋە دىنى چۈشەنچىنىڭ شەكىللىنىشىدە بۇ ئۇلۇغلاش قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەن؟
تىلنىڭ ئابستىراكىت چۈشەنچە كۈچىنىڭ، بىز بىۋاستە ئىچىدە بولمىغان ھەقىقەتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۇقۇملاشتۇرۇشتا ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىمىزدا ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى كۈچلۈك تەتقىق قىلىنىۋاتقان تېما بولۇشقا باشلىدى. نۇرغۇن كىشى، بىزنى ھايۋانلاردىن ئايرىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكنىڭ بۇ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىگە كۆرە، تىلنى ئۆگەنگەندىن كېيىن بىز ھەقىقىي ئۆزىمىز بولىمىز. بۇ يەردە بىز توختالماقچى بولغان مەسىلە تىل بىلەن تىلنىڭ چۈشىنىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر.

ماقالىنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى تۆۋەندىكى ھۆججەتتىن كۆرۈڭ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*