ئىز قالدۇرغۇچىلار 1- قىسىم: كىتاپقا بېغىشلانغان بىر ئۆمۈر – ئابدۇجېلىل تۇران

2021-يىلى 27-يانۋار

ئىسنتىتۇتىمىزنىڭ ئىز قالدۇرغۇچىلار ناملىق پروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانىدا ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدۇق.

 

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىمنىڭ ھاياتىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

ئابدۇلجېلىل تۇران 1958 – يىلى 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خوتەن شەھەر ئىچىدە يۇقىرى قاتلام دىنىي ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ.

باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى سىنىپىغا چىققاندا ئوقوشتىن توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

1970-يىللارغا كەلگەندە ئائىلىدە قۇرئان ئوقۇش ۋە چاغاتايچە دىنىي، ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئۆزبېك يازغۇچىسى ئابدۇللاھ قادىرىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مىھراپتىن چايان»، ئابدۇللاھ تالىپنىڭ «قاينام ئۆركىشى»، خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «مىڭ بىر كېچە» قاتارلىق كىتاب ۋە رومانلىرىنى ئوقۇپ چىقىدۇ، شۇنداقلا «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى، «تارىم» ژۇرنىلى «بۇلاق» ژۇرنىلى ۋە يېڭى چىققان ھېكايە توپلاملىرى، ئەدەبىي، تارىخىي ئەسەرلەرنىمۇ ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

1974-يىلى ئەرەبچە ئۆگىنىشچە باشلايدۇ.

1980 – 1981 – يىللىرى ئارىسىدا خوتەننىڭ ئەينى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر ئۆلىماسى، مەرھۇم ئابدۇللاھ قارى داموللامغا ھەمكارلىشىپ ئىمام غەزالىنىڭ «ئىھيائۇئۇلۇمىددىن (دىنىي ئىلىملەرنى گۈللەندۈرۈش)» ناملىق كىتابى بىلەن ئىمام رەببانىي  دېگەن نام مەشھۇر بولغان ئەھمەد سىرھىندىي  ئىسىملىك زاتنىڭ «مەكتۇبات» ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىشقا قاتنىشىدۇ.

1983-يىلى 7-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج ئىبادىتىنى تاماملاش ئۈچۈن دەسلەپ پاكىستانغا بارىدۇ، ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ماڭىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 1949 – يىلى ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپ بۇ دۆلەتتە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي، مۇھەممەد سابىت داموللام، ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم داموللام دېگەندەك سەئۇدىي ئەرەبىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن نەچچە ئونلىغان مەشھۇر كىشىلەرنىڭ سۆھبىتىگە داخىل بولىدۇ.

1983-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەگە كېلىدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن پاكسىتانغا قايتىدۇ، 1984-يىلى 12-ئايدا ئوندەك ئۇيغۇر ياش بىلەن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرىگە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ. مىسىردا تۆت يىل ئوقۇغاندىن كېيىن 1987-يىلى 9-ئاپرېلدا تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.

تۈركىيەدە تۈركچە، ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوقۇيدۇ. تۈركىيەدە تۇرۇش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ۋە مەرھۇم ئىيسا يۈسۈف ئەپەندىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى ۋە ئىيسا يۈسۈف ئەپەندىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، چەكلىك دائىرىدە بولسىمۇ ئۇلارغا ھەمكارلىشىدۇ. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە تىللاردا يىلدا تۆت سان چىقىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنى ئوقۇپ، ۋەتەن ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇر، يېڭى مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.

1989-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە پۇقراسى بولىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتىدۇ. بېيجىڭدىكى پروفېسسور، ئاتاقلىق تىلشۇناس مەرھۇم خەمىت تۆمۈر (بۇ كىشى بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن بولسىمۇ باشقىلار ئارقىلىق ئالاقىلاشقان)، ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مەرھۇم ھاجى ياقۇپ، مەرھۇم ئەمىن تۇرسۇن، ياشلار نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى مەرھۇم ئەنۋەر داۋۇد بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتتە بولىدۇ ۋە ئۇلارغا تۈركىيەدىكى نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلارنى سوۋغا قىلىدۇ.  1992-يىلى ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدىكى لۇداۋان تۈرمىسىدە بىر ھەپتە قاماقتا ياتىدۇ. بىرھەپتە توشقاندىن كېيىن ئىككى يېرىم يىللىق مۇددەتلىك چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. ئۇ قازاقىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە قايتىپ كېلىدۇ.

1992-يىلنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستانغا بېرىپ، بۇ يەردىكى ئۇزۇندىن بېرى ۋەتەن دەۋاسى ۋە سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئابدۇرەئۇف مەخسۇم، يۈسۈف مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى، قەھرىمان خۇجامبەردى، يولداش ئەزەمەتۇف، زىيا سەمەدىي، دولقۇن ياسىن قاتارلىق زاتلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1992 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – 14 – كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن، سەئۇدىي ئەرەبىستان، ئامېرىكا، ئاۋۇسترالىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋروپانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدە ئىزچىل شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ياش ۋە پىشىقەدەم ئەربابلار ئىشتىراك قىلغان تۇنجى قېتىملىق خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ.

1993-يىلى باھاردا مۇھەممەدجان قەشقەرى، پەرھاد مۇھەممەدى، مۇھەممەد توختى، ئەسقەر قاتارلىق ئسىتانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلىدا ئايلىق «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى»گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.

12 بەتلىك ۋە رەڭلىك چىقىرىلغان مەزكۇر گېزىتنى تارقىتىش مۇراسىمىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلانىڭ سىياسىي داھىسى مەرھۇم ئىيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن، مەشھۇر يازغۇچى مۇھەممەد ئەمىن ھەزرەت، پروفېسسور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىي قاتارلىق زاتلارمۇ قاتنىشىپ، گېزىتقا يۇقىرى باھا بېرىدۇ. گېزىت 12 سان چىققاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگان ژۇرنىلىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

1994 – 1995 – يىللىرىغا كەلگەندە گېرمانىيەدىكى ئابدۇلجېلىل قاراقاش «تامچە» ناملىق سىياسىي، ئىلمىي بىر ژۇرنال تەسىس قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنالنى بېسىپ تارقىتىش ۋە ماقالە يېزىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

1995-يىلىدىن باشلاپ نەشرىياتچىلىققا كىرىشىدۇ. دەسلەپ ئۆزى يازغان «ھەج قائىدىلىرى»، مۇھەممەد يۈسۈفنىڭ «ئىسلامدىكى ئائىلە تۈزۈمى»، تاتار ئالىمى قازى رىزائىددىننىڭ «شەرھى جاۋامىئۇلكەلىم» ناملىق كىتابىدىن تاللاپ ئېلىنغان «40 ھەدىس شەرھى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. نەشىرىياتچىلىقنى دىنىي كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىش بىلەن باشلىغان ئابدۇجېلىل تۇران، تەدرىجىي تارىخ، سىياسەت، ئەدەبىيات، پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، فولكلور قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى چىقىرىشقا يۈزلىنىدۇ.

1998 – يىلى يەنە گېرمانىيەدىكى ئابدۇلجېلىل قاراقاش تەسىس قىلغان «ئۇچقۇن» ناملىق سىياسىي ۋە ئىلمىي  گېزىتنى بېسىپ تارقىتىش ۋە ماقالە يېزىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ.  يېرىم ئايلىق بولغان بۇ گېزىت 39 سان نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن توربېتى ئارقىلىق تارقىتىلىشقا باشلىنىدۇ.

1998 – يىلى 12 – ئايدا تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسئۇلى بولۇپ سايلىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ ئېستونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاينىڭ تەپتىش ئەزاسى بولىدۇ.

1995 – يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى» ژۇرنىلى، «تامچە» ژۇرنىلى، «ئۇچقۇن» گېزىتى، «بىرلىك» ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللارنىڭ تۈركىيە ۋاكالەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئابدۇجېىل تۇران، مەزكۇر گېزىت – ژۇرناللاردا تارىخىي، سىياسىي ماقالىلەرنى يازىدۇ.

1999 – 2000 – يىللىرى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بولىدۇ.

2000-يىلى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى»نى قۇرۇپ نەشرىياتچىلىقنى رەسمىي ھالغا كەلتۈرىدۇ.

2005 – يىلى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى توپلاپ چىقىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

2006 – يىلى گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاينىڭ نەشرىيات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى مەسئۇلى، 2009 – يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتاينىڭ نەشرىيات بۆلۈمى باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ.

2006 – 2007 – ۋە 2008 – يىللىرى تۈركىيەدىكى مىللىي كۈرەش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارلىق قۇرۇلتىيىغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن ۋەكىل بولۇپ ئارقا – ئارقىدىن ئۈچ يىل قاتنىشىپ،شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دوكلات بېرىدۇ.

2010 – يىلىدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ۋەقىپىسىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق  ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.

2010 – يىلى تۇرغۇن ئالماس تەرىپىدىن يېزىلىپ 1989 – يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇشى ۋە ئۆيلىرىدە ساقلىشى چەكلەنگەن «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابنى نەشىرگە تەييارلاپ چىقىدۇ.2017 – يىلى يەنە تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرىنى «ئۇيغۇرلا» ناملىق كىتاب بىلەن قوشۇپ تەييارلاپ چىقىدۇ.

2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 21  – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپىشت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يازغۇچى، شائىرلاردىن ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچىلاردىن قازاقىستاندا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتنىڭ باش تەھرىرى يولداش ئەزىمەتوۋ، يازغۇچى ۋە جامائەت ئەربابى رابىك ئىسمائىلوف، يازغۇچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى خەمىت ھەمرايىۋ، ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغۇپۇر قۇتلۇق، ناشمېر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئەلشىر خەلىلوۋ، كانادادىن تارىخچى پروفېسسور، دوكتور تامارا ئالى باقىيىۋا خانىم، قىرغىزىستاندىن تۇرسۇن ئىسلام، تۈركىيەدىن پروفېسسور سۇلتان مەھمۇد قەشقەرىي ۋە مەن ‐ ئابدۇلجىلىل تۇران، ئاۋسترالىيەدىن يازغۇچى سۈيۈنگۈل سالىخ چانىشىف خانىم، شېۋىتسىيەدىن يازغۇچى ئابدىرىشىت ھاجى كېرىمى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىدۇ.

2015 – يىلى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 50 يىلىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئارخىپىدا ساقلىنىپ كەلگەن ھازىرغا قەدەر نەشىر قىلىنمىغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تاللاپ «مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئەسەرلىرى» ناملىق كىتابنى تەييارلاپ نەشىر قىلدۇرىدۇ ۋە  2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى مەرھۇم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

2016 – يىلى «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى» ناملىق ژۇرنالنى تەسىس قىلىپ 4 سان چىقىرىدۇ.

2016 – يىلى ئوتتۇرا ئەسىردە سەمەرقەندە ياشاپ ئۆتكەن ئەبۇللەيس سەمەرقەندى دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان «بوستانۇلئارىفىن» ناملىق ئەخلاقىي، دېداكتىك ئەسەرنى ئەرەبچە، تۈركچە نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

2017 – يىلى  تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ياش – ئۆسمۈرلەرگە ئوقۇشلۇق قىلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇرلاردا ئىسلامىيەت» دېگەن ئىسىمدا بىر كىتابچە يازىدۇ.

2019 – يىلى ئابدۇلھەكىم باقى ئىلتەبىرنىڭ پۈتۈن ئەسەرلىرىنى توپلاپ «كۈرەشچان ئەجدادلار» دېگەن ئىسىم بىلەن، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۆسمۈرلە ئۈچۈن 1 – 2 – باسقۇچلۇق ئىككى قىسىملىق «ئەدەبىيات» دەرسلىكى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

ئابدۇجېلىل تۇران نەشرىياتچىلىقنى باشلىغان 1995-يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر 250 پارچىدەك كىتاب ۋە كىتابچە نەشىر قىلىدۇ.

30 – 40 يىلدىن بۇيان بەش مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يىغىدۇ، توپلىغان كىتابلىرىدىن تۈركىيەدىكى مەشھۇر كۇتۇبخانىلارغا ۋە بەزى شەخسلەرگە قانچە قېتىم تاللاپ ياكى شاللاپ سوۋغات قىلىدۇ،  ھازىر شەخسى كۇتۇبخانىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن باشقا دىن، ئەدەبىيات، تارىخ، سىياسەت ۋە پەلسەپەگە ئائىت ئۇيغۇرچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە ھەتتا خىتايچە تىللاردا 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا 2000 – يىللاردىن بۈگۈنگە قەدەر 400 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى سىكايىن قىلىپ، ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرۋەپ نەت قاتارلىق تور بەتلىرىنى قۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: گەرچە بۇ تور بەتلىرى تاقىلىپ قالغان بولسىمۇ، ھازىر ھەر قايسى تور بەتلىرىدە تارقىلىۋاتقان كىتابلارنىڭ 80% تى مەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ تور بېتىدە تارقاتقان كىتابلاردۇر.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*