ئىسلام، سىياسەت ۋە دېموكراتىيە

2020-يىلى 11-ئىيۇن

 پىروفېسسور دوكتور ئالى بارداكئوغلۇ

كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى دىن بىلەن دۆلەت ۋە سىياسەت ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكى، دىننىڭ ھاكىمىيەت ساھەسىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئاشقۇن چۈشەنچىلەرگە ئىگە. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىدە مۈجمەللىك مەۋجۇت بولۇپ، ئىزدىنىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. ئۆتكەن بىر ئەسىر مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ، تۈزۈم ۋە ئىدېئولوگىيەلەر غوۋغاسى بىلەن ئۆتتى. بۇ جەرياندا دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈك شامىلى ئىسلام دۇنياسىغا چوڭ تەسىرى كۆرسىتىپ، ھارارەتلىك مۇنازىرە تېمىسى سۈپىتىدە دىنى مۇنازىرىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. مۇستەبىت چۈشەنچە ۋە تۈزۈملەردىن زېرىككەن، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بىر دۇنيادا دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈك چۈشەنچىسى تەشنالىق ۋە ئۈمىدنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئابىھاياتقا ئايلاندى. بۇ چۈشەنچىلەر بىر قىسىم كىشىلەردە سوئاللار پەيدا قىلسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ سانلىق بارغانسېرى كۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈككە چامىنىڭ يېتىشىچە قۇچاق ئاچتى. چۈنكى مەۋجۇت ۋەزىيەتكە كۆرە دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈك مۇھىتىنىڭ مۇسۇلمان شەخس ۋە خەلق ئۈچۈن ئەۋزەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالدى. بۇ قاراش خاتامۇ ئەمەس ئىدى. لېكىن ئىجتىمائىي ئىلىملەر بىزگە كۆپ تەرەپلىمە ئويلىنىشنى، باشقا تاللاشلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى، سەۋەبلەرنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويۇشنىڭ كۆپىنچە خاتا ئىكەنلىكىنى، بىردىن كۆپ نۇقتىغا نەزەر تاشلاشنى ئۆگىتىدۇ . ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن دېموكراتىيە ۋە ھۆرلۈكنى ھېسسىي ئاتموسفېرا ئىچىدە ئۆيىدە مېھمان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ ۋە كېلىپ چىققۇسى مەسىلىلەرنى بۇ مالىمانچىلىق ئىچىدە بوغۇق ئاۋازدا مۇنازىرە قىلىشماقتا.

ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، ئەنئەنىۋى ئىسلامى ئىلىملەر ئوتتۇرىغا قويغان تەلىماتلارغا سادىق قالىدىغانلا بولسا، ئىسلام خەلقلىرى ئىچىدە غەربچە دېموكراتىيەنىڭ بىخ تارتىشى، دېموكراتىيەنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان شەرتى بولغان ئەركىنلىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ئالدىدا ناھايىتى چوڭ توسالغۇلار بار. بولۇپمۇ مىڭ يىل ئىلگىرىكى مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدىكى تارىخى تەجرىبە ۋە بۇ تەجرىبىگە ماس ھالدا شەكىللەنگەن « ئەل-ئەھكامۇس-سۇلتانىييە »، « ئەس-سىياسەتۇش-شەرئىييە »، «ئەل-ئىمامە ۋەس-سىياسە»گە ئوخشاش تېمىلار ئاستىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىسلامى سىياسەت نەزەرىيەسىنى ، يەنى دىنى مەدەنىيەتنىڭ مەلۇم تارىخى باسقۇچى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىنغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ مۇمكىن ئەمەس. دېموكراتىيە بىردىنبىر ئۆلچەم ۋە قىممەت – قاراش ئەمەس. ئۇ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتىكى ۋاسىتە بولۇپ، نامۇۋاپىق مېتودلارنى كۆرۈپ ۋە باشتىن ئۆتكۈزۈپ، پەرقلىق ئۇسلۇبلار ئىچىدىن ئىنسانلار تاللاپ چىققان بىر يولدۇر، خالاس.

سۆزىمىزگە قايتساق، ئىسلامىيەت تەۋسىيە قىلغان بىر سىياسەت لايىھەسى يوق بولۇپ، دېموكراتىيەنى تەشەببۇس قىلغان، بۇيرۇغان ۋەياكى رەت قىلمىغان. شۇنداقلا پادىشاھلىق تۈزۈمىنى تەرغىب قىلىش ياكى رەت قىلىش ئىسلامنىڭ تېمىسى ئەمەس. ئىسلامىيەت ئالەمشۇمۇل دىن بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق بىر سىياسىي تۈزۈمنى تاڭمايدۇ ياكى تەرغىب قىلمايدۇ. سىزنىڭ كىنەزلىك ياكى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان سۇلتانلىق بىلەن باشقۇرۇلۇپ – باشقۇرۇلمىغانلىقىڭىز، سەھرالىق بىر كىشىنىڭ شەھەردە ھۆكۈمەتكە باشلىق بولۇشى، ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ بولۇش – بولماسلىقى دىنى نۇقتىدىن ناھايىتى كىچىك مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق. دىنى نۇقتىدىن مۇھىم بولغان مەسىلە « ئادالەت » ۋە ئادالەتنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدۇر. مۇھىم بولغان مەسىلە توغرىلىقنىڭ، ھەققانىيەتنىڭ ھاكىم ئورۇندا تۇرۇشى، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقىدۇر. بۇنى كىم ۋۇجۇدقا چىقىرالىسا، ئىسلام ئۇنى ئالقىشلايدۇ، كىم بۇنىڭ ئەكسىنى قىلسا ئىسلام ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. ئىسلامىيەت سىياسەتنىڭ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭمۇ ئۈستىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ رەھبەرلىك قىلىدۇ، بۇ ساھەلەرگە بىۋاسىتە ئارىلاشمايدۇ . مانا بۇ سەۋەبتىن ئىسلام مەيلى ئافرىقىدىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن باشقۇرۇلۇۋاتقان قەبىلىلەر بولسۇن ۋەياكى زامانىۋى باشقۇرۇش تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان خەلقلەر بولسۇن ھەممىسىگە ئورتاق خىتاب قىلىدۇ.

ئىسلام دىنى كىشىلەرگە شەھەر ياكى يېزا تۇرمۇشى، جەمئىيەتتىكى كەسىپ ياكى ئىش تەقسىماتى ، مۇھىت ۋە قۇرلۇش شەكلى، ئىقتىسادىي ھايات ئۆلچىمى بەلگىلەپ بەرمىگەندەك مۇئەييەن سىياسىي لايىھەنىمۇ تاڭمايدۇ. بۇنىڭغا ئىنسانلار ئەقىل ۋە شەرت – شارائىت، ئىلىم ۋە مەدەنىيىتى دائىرىسىدە ئۆزلىرى قارار چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇلار ئۆزگىرىشچان بولۇپ، ئەقلى ساھەگە تەۋە مەسىلىلەردۇر. ئىنسانلار ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيىتى ئاساسىدا ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى تاپىدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ھەقىقەت، ھەققانىيەت ۋە قانۇن ئالدىدا باراۋەرلىكنىڭ بەرپا قىلىنىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ بۇنى قانداق شەكىلدە ۋە قانداق ۋاسىتە بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغانلىقى مۇھىم ئەمەس.

تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ئىسلامى ئىلىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى پەردىسى نېمە ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە يول قويمايدۇ؟ بۇ سوئال ئۈستىدە بىرئاز توختىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى دىنى ئىلىملەرنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى، ھاكىمىيەت ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە – پىرىنسىپلىرى ۋە تەشەببۇسلىرى ئابباسى خەلىپىلىكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئوتتۇرىغا قويغان شەكىل ۋە بېكىتكەن قانۇن – مىزانلار سەلتەنەت ۋە پادىشاھلىقتىن باشقا ھاكىمىيەت شەكلى مەۋجۇت بولمىغان شۇ دەۋرنىڭ سىياسەت مەدەنىيىتى ئۈستىگە تۇرغۇزۇلغان ۋە شۇ ئاساستا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئۇ ئىلىملەرنى كۈنىمىز دۇنياسىغا ئىسلامى باشقۇرۇش ئۇسلۇبى دەپ تونۇشتۇرۇش تەبىئىي بولمىغان ناتوغرا قاراشتىن ئىبارەتتۇر.

تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، ئىسلام ئىلاھىيەت ساھەسىدىكى ئىلىملەرنىڭ كىلاسسىك دەۋردە ھاسىل قىلغان شەكلى – فىقىھ ئىلىملەرنى مەركەزگە ئالغان ھالدا ئېيتىشقا توغرا كەلسە، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى كىملىكلىرى ھۆكۈمدار بولۇشتىكى ئاساسلىق ئامىل بولغان، دار ( دۆلەت ) ئۇقۇمى دىنى مەنسۇبىيەتنى ئاساس قىلغان، ھەق ۋە ھۆرلۈكلەر بۇ دائىرە ئىچىدە بەلگىلەنگەن دەۋردە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇ دەۋردىن كېيىنكى مەزگىللەردە كىلاسسىك ئەسەرلەر ئاساسەن دېگۈدەك تەلىم – تەربىيە ساھەسىدە ئوقۇشلۇق بولۇپ كەلدى. كۈنىمىزدە بۇ شەكىلدە تەلىم – تەربىيە ئالغان ۋە يېڭى دەۋرنىڭ رېئاللىقىدىن، ئۇقۇم ۋە چۈشەنچە دۇنياسىدىن بەكلا يىراقتا تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىدىغان دىنى ئالىملارنىڭ كىلاسسىك تەلىماتلارغا سادىق قالغانلىقتىن، بۇ ئەسىرنىڭ ئىنسانلىرىغا دىنى ئەنئەنە نامىدىن بىرەر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىشتە قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس. كۈنىمىزدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىسلامنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ساھەسىدە ئىككىلەنمەستىن ۋەز ئېيتالىغان بىلەن، كىشىلىك ھوقۇق ، ھەق ۋە ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ، ئاز سانلىقنىڭ ھوقۇقى، ئىقتىساد، ئاۋامنىڭ ھەق – ھوقۇقى، جازا قانۇنى، تىجارەت، ئائىلە ( نىكاھ، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش )گە ئوخشاش كۆپلىگەن يېڭى مەسىلىلەردە ھەم ئىچكى دۇنياسىدا ھەم ۋەزلىرىدە بىر خىللىققا ئىگە بولالماسلىقى ۋە ئۆتمۈش دەۋرنىڭ ۋەزلىرىنى تەكرارلاپ تۇرۇشى ئەسلىدە بۇلارنىڭ شەخسىي كەمچىلىك بولۇشتىن زىيادە، چۈشەنچە ۋە ئۇسلۇبتا كۆرۈلگەن مەسىلىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر.

كىلاسسىك ئىسلام ئىلىملىرىدىكى سىياسەت نەزەرىيەسى ، شۇ دەۋردىكى ئالىملارنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسەت تەجرىبىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىلىملەرنى دىنى دەلىللەردىكى ئومۇمىي پىرىنسىپلار بىلەن بىرلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭدا شۈبھىسىزكى، ئۆز دەۋرىنىڭ سىياسەت مەدەنىيىتى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن بۇ ئاساستا ئىلىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۈگۈنكى دۇنياغا سىياسەت، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەر ساھەسىدە ئىسلام نامىدىن بۇ كونا ئىلىملەر بىلەن خىتاب قىلسىڭىز، خۇددى ئىنسانلارنى ھۆر – قۇل ، ۋەتەنداشلىقنى مۇسۇلمان – زىممى ( ھىمايە ئاستىدىكى غەيرى مۇسلىم ) دەپ ئايرىغان بولىسىز. كۈنىمىزدە نە قۇل، نە دېدەك قالغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز بۈگۈن بۇ نۇقتىغا كەلدۇق. ئەگەر قۇللۇق تۈزۈمى داۋام قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭغا جانابى ئاللاھ كۆرسەتكەن ئىنسانىي ئەخلاق بەلگىلىمىلىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز. ئەمەلدىن قالغان قۇللۇق تۈزۈمنى پەقەت ئۇ ئىلىملەر بىكار بولۇپ كەتمىسۇن دەپ قايتىدىن ئىجاد قىلىشنىڭ؛ ھۆر – قۇل، مۇسۇلمان – زىممى دەپ ئايرىش شەكلىگە مەھكۇم بولۇپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مۇئامىلىدە شەكىللەر ئەمەس، بەلكى ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ خۇددى كىشىلەرنىڭ قوشنىدارچىلىق ، تىجارەت، ئائىلە ئىچى مۇناسىۋەتلىرىگە ئوخشايدۇ. بۇ سەۋەبتىن دىنى ئىلىملەرنىڭ كىلاسسىك قۇرۇلمىسى ئاساسىدا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەسىدە سۆز قىلاي دېسىڭىز، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ناھايىتى كۆپ ئۆگىنىشىڭىزگە ، چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈشىڭىزگە، مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تېپىپ ھۆكۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىڭىز، يېڭى نەزەرىيە ۋە ئىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن ئىسلام دۇنياسى بۇنى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە ئالدى – ئارقىسىغا دەسسەپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. بەزىدە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە « ئەڭ ياخشىسى بىزدە بار » دەپ ئەنئەنىدىن تاللانما ئۆرنەكلەر تىزىپ ئۆتۈلىدۇ ۋەياكى قۇرئاننىڭ « شۇرا ۋە كېڭەش » پىرىنسىپى « چاغداش دېموكراتىيە » ئەمرىگە ئايلىنىدۇ. بەزىدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ يېنىغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان دىكتاتور ۋە مۇستەبىت تۈزۈم دىن نامىدىن ھىمايە قىلىنىدۇ، سىياسىي ھۆكۈمدارلار دىننى يېنىغا ئېلىپ مۇستەبىتلىككە ئېغىپ كېتىدۇ.

دېموكراتىيە ئەلۋەتتە سۈلھى ئۇسلۇبى بولۇپ، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش ۋاسىتىسىدۇر . ئۇ قىممەت قاراش ئەمەس، ئۇنى دىن دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. 1215 – يىلىدىكى ماگنا كارتا ( Manga Carta)دىن باشلاپ دېموكراتىيەنىڭ غەربتە ئۆزىگە خاس ئۆتمۈشى بار بولۇپ، بۇ يولدا سانسىز بەدەل تۆلەندى ۋە نەتىجىدە مۇئەييەن دېموكراتىيە مەدەنىيىتى شەكىللەندى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تىراگېدىيەدىن كېيىن دېموكراتىيەدە ئوخشاشماسلىقلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، تىنچلىق ۋە سۈلھى قىلىش ئامىلى كۈچەيدى. شۇنداقتىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن دېموكراتىيە غەرب مەدەنىيىتى ۋە تارىخى بىلەن زىچ كىرىشىپ كەتكەن ئۇقۇمدۇر. ئىسلام دۇنياسىدا دىنى چۈشەنچە زامانىۋى دەۋردە ئۆزىنى يېڭىلىيالمىغان ، دىندارلىق چۈشەنچىسى شەكىل ۋە قاتتىق ئەنئەنە ئىچىدە سىقىشىپ قالىدىغانلا بولسا، كۈنىمىز ئىسلام ئەللىرى پىرىنسىپ جەھەتتىن دېموكراتىيەگە قارشى چىقمىسىمۇ، نۇرغۇن ئالاھىدە ئەھۋال ۋە « ئەمما »لىرى بولغان دېموكراتىيەگە رۇخسەت قىلالايدۇ، خالاس. بۇ شەرتلەر ئومۇمەن ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، غەرب دېموكراتىيە مەدەنىيىتىنىڭ بۇ يېڭى ھالىتىنى « شەرتلىك دېموكراتىيە » دەپ ئاتاشمۇ ئانچە مۇمكىن ئەمەس. غەرب دېموكراتىيەلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ تەتبىقلاشتا كۆرۈلگەن مەسىلە ۋە زىتلىقلىرى، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن « تولۇق دېموكراتىيەنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى » نەزەرىيەسى ياكى « دېموكراتىيە رەددىيەسى » دەپ چۈشىنىلگەنلىكتىن، ئىسلام ئەللىرىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا، يولغا قويۇلىدىغان « ئىسلامى دېموكراتىيە ۋە سىياسەت » لايىھەسىنىڭ ئوبراز نۇقتىسىدىن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى تەبىئىي. چۈنكى مۇنداق بىر سىياسەتنىڭ ئىسلام دۇنياسىدا، دېموكراتىيەنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرى جەھەتتە ئىشەنچ بېرىدىغان، تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئۆتمۈشى يوق. ئىسلامنىڭ زامانىۋى دەۋرىدە دىنى چۈشەنچە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۆزىنى يېڭىلاشنىڭ ئورنىغا، ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەجرىبە ۋە مەدەنىيىتىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا بىر تاللاش سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن كۇپايىلەنمەكتە. بۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتنى باشقۇرۇشتا دىننىڭ قايسى پىرىنسىپىنىڭ قانداق چۈشىنىلىدىغانلىقى، دېموكراتىيەنىڭ تەقەززاسى بىلەن توقۇنۇش كۆرۈلگەندە قايسىسىغا يول قويۇش كېرەكلىكى، ھەق ۋە ئەركىنلىك دائىرىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئوبيېكتىپ ۋە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان يول ۋە مېتود كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېنىق ئەمەس. ھالبۇكى، دېموكراتىيەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشتىكى ئەسلى سەۋەب بۇ مۈجمەللىككە خاتىمە بېرىش، قانۇننىڭ ئۈستۈن بولۇشى، باراۋەرلىك، ئوچۇق – ئاشكارا بولۇش ۋە ئىشەنچكە تايانغان باشقۇرۇش تۈزۈمىگە ئۆتۈش چۈشەنچىسى ئىدى. مۇشۇنداق بولغاندا دىننى ئاساس قىلغان دېموكراتىيەدە غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئۇل سالغان چۈشەنچىنىڭ ئەسلى مۇرادىغا يېتىشى ناھايىتى تەس. ھەتتا جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىنىڭ دىنى تۇيغۇلىرى ۋە تاللىشىغا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان دېموكراتىيەنىڭ ، ئومۇم تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان پىرىنسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى ۋە كۈچىيىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، « شەخسكە خاس دېموكراتىيە »گە ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئاساسەن – كاتېگورىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتساق – ئىسلام ئۈچۈن ئاجىزلىق ياكى زىتلىق ئەمەس. ھەتتا ئىسلامنىڭ قىممەت – قاراشلىرى ئەمەلدىن قالمىغان مۇددەتچە ئىسلامنىڭ مەسىلىسىمۇ بولالمايدۇ. ئوتتۇرىدا بىر مەسىلە مەۋجۇت بولغان بولسا، بۇ ئىسلامنىڭ كەڭ دائىرىلىك تېكستىنى ۋە ئالەمشۇمۇل تەلىماتىنى ناھايىتى تار دائىرە ئىچىدە تۈزۈم ۋە لايىھە بىلەن زىچ گىرەلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مەھكۇم قىلىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*