ئىسلام، مۇسۇلمانلار ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيە

2020-يىلى 10-نويابىر

سەييىد ھۈسەيىن نەسىر

بۇ ماقالىدە زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئېكولوگىيە ۋە ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بولغان تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مەھسۇلى بولغان مۇھىت بۇزۇلۇش ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىتتۇر. كۈنىمىزدە زامانىۋى تېخنولوگىيە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىمەكتە . زامانىۋى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قوراللارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقىدا قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلماقتا. ماقالىدە زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ھەرخىل ساھەلىرىنى قوغداش توغرىسىدا تەكلىپلەر بېرىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: زامانىۋى تېخنولوگىيە ۋە ئۇنىڭ تەسىرى، ئىسلام دۇنياسى ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيە، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ساھەلىرى، زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغان بۇيۇملارنىڭ تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇشتىكى رولى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئۇنىڭ مەنىۋى ئەھمىيىتى، ئىسلامىي شەھەر لايىھەسى، زامانىۋى تېخنولوگىيە ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى.

ماقالىدە سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن غەرب مەركەزلىك شەكىللەنگەن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان زامانىۋى تېخنولوگىيە ئانالىز قىلىنىدۇ. تېما ئىككى مۇھىم نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى نۇقتا، دۇنيانىڭ نۆۋەتتىكى ھەقىقىي ئەھۋالى، يەنى ھازىرقى مەۋجۇت ۋەزىيەت. يەنە بىرى، بىزنىڭ ئېتىقادىمىز، يەنى ئىسلام دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەرەپلىرىدۇر. مەسىلەن، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىدا كۈچ ۋە بايلىق نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان تېخنولوگىيەدىن خالىي ھېچقانداق ھۆكۈمەت يوق. گەرچە دۇنيانى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان يانفونلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسى، ئۇنىڭ ئىنسان مېڭىسىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ دەپ قارالغان بۇ خىل تېخنولوگىيەلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىگە ئىنسانلار ئانچە دىققەت قىلمايدۇ.

بۇ خىل ئەھۋالدا، مۇسۇلمانلار بىلەن زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ پايدىسى يوق. چۈنكى بازاردىكى تېخنولوگىيە تۈرلىرى (كۆپىنچىسى يېڭى كەشپىياتلار بارلىققا كەلگەن غەرب، ياپونىيە ۋە باشقا بىر قانچە رايوندىن كېلىدۇ.)  بايلىق، كۈچ ۋە ھاللىق تۇرمۇشنىڭ مەنبەسى دەپ قارالغاچقا باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ تېز ئومۇملاشماقتا. شۇڭلاشقا، تېخنولوگىيەنىڭ زىيىنىنى چۈشەندۈرۈش تىرىشچانلىقىمىز ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما بۇ يەردە زامانىۋى تېخنولوگىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت بۇزۇلۇش مەسىلىسىگە ئوخشاش سۆزلەشكە تېگىشلىك مۇھىم تېمىلار بار. سەلبىي تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولغان زامانىۋى تېخنولوگىيە ئالدىدا مۇسۇلمانلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ مېنىڭ مەقسىتىم مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىنى مۇزاكىرە قىلىش بولۇپ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەل بۇ تېما ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان. مېنىڭچە ئۇ ياكى بۇ دۆلەتتە يادرو قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بار- يوقلۇقى قاتارلىقلار ھەققىدە داۋاملىق مۇنازىرە قىلىش ھازىرچە ھاجەتسىز. چۈنكى بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان زىيالىيلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسلام ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ تېخنىك پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيمىز. بىزنىڭ ئانالىز قىلىشىمىزغا تېگىشلىك باشقا بىر قىسىم مۇھىم تېمىلار بار. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا كۆز قارىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇسۇلمانلارنى زامانىۋى تېخنولوگىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىمىز كېرەك. غەربتە زامانىۋى تېخنولوگىيەگە قارشى تۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر تېخنولوگىيەنىڭ  زىيىنى ھەققىدە ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك نەرسە بىلىدۇ. بۇ تەھلىل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

بۇ تېمىدا مېنىڭچە تۆۋەندىكى نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەك. بىز زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان زىيىنى ھەققىدە پەقەت ئاددىي كىشىلەرگىلا قارىتا ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي قارىشى بار كىشىلەر ئۈچۈنمۇ توختىلىشىمىز، مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنىڭغا قانداق پوزىتسىيەدە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. بۇلارغا ئاساسەن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تېپىش، مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىش ۋە قارار چىقىرىش لازىم.

بىرىنچى قەدەمدە ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاش كېرەك. تېخنولوگىيە ئاتالغۇسى گېرىك تىلىدا «قىلىش» مەنىسىدىكى «تەخنە» دىن كەلگەن، سەنئەت مەنىسىدە قوللىنىلىدىغان «ئارت» بولسا لاتىن تىلىدىكى «قىلىش» مەنىسىدە ئىشلتىلىدىغان «ئارت» سۆزىدىن ئېلىنغان. بۇ ئىككى سۆز پارسچىدىكى «سەنئەت» ۋە ئەرەبچىدىكى «سانايى» سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۆزلەر ھازىرمۇ پارس ۋە ئەرەب تىلىدا سەنئەت ۋە تېخنولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىلەردە قوللىنىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، ھازىر غەربتە بۇ ئىككى سۆز ئوخشىمىغان مەنىلەرنى ئىپادىلىسىمۇ، بىزدە تېخى مەنىلىرى ئايرىلغىنى يوق. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە تۆمۈر – تەسەك ساتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە سېتىۋالغان ماشىنا زاپچاسلىرىنى قۇراشتۇرۇپ، ئۇنى سەنئەت دەيدىغان ھەيكەلتىراشلار بار بولسىمۇ، ئەمما غەربتە سەنئەت باشقا، تېخنولوگىيە باشقا بىر ئىش. بۇ كۆپ توختىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئەمەس.

كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك زامانىۋى دۇنيادا ھاياتىمىزنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان نەرسىلەر بۈگۈنكى مەنىسى بىلەن تېخنولوگىيە دەپ قارىلىدۇ. ھالبۇكى، سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، كىشىلىك ھايات قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، قول ھۈنەر ۋە سەنئەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولغان ئىدى. تېخنولوگىيە سۆزى گېرىكچە بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەنىسى ئۆزگىرىپ تۇرغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خاراكتېر پەرقى شەكىللەنگەن.

سانائەت ئىنقىلابىدا يۈز بەرگەن ئىشلار تېخنولوگىيەنىڭ ماھىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى. غەربىي ياۋروپادا ۋە كېيىنچە باشقا يەرلەردە ئىنسانلار ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ماشىنىلار ياسالدى ۋە بۇ ماشىنىلار نۇرغۇن ساھەدە ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ ئۆزگىرىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مەسىلەن، ئىلگىرى ئەلجەزىرىلىكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ياسىغان سۇ تۈگمەنلىرى ۋە مۇرەككەپ سائەتلەر بار ئىدى، ئەمما ئادەتتىكى بۇيۇملار يەنىلا قولدا ياسىلاتتى. ھەم بۇلارنىڭ مەنىۋى قىممىتىمۇ بار ئىدى. مەسىلەن، مۇسۇلمان ئالىملار  ياسىغان مۇرەككەپ ماشىنىلارنى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسە ۋە ئويۇننىڭ بىر تۈرى دەپ قارايدىغان غەلىتىلىكلەر بار ئىدى. بۇ ماشىنىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەنلىكى ئېتىبارغا ئېلىنمايتتى .

شۇنداق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابلىرى  سان ۋە سۈپەت ئۆزگىرىشلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەلدى. بىر قىسىم داڭلىق غەربلىك يازغۇچىلاردىن 19- ئەسىردە Willam Morris ۋە Jonah Raskin، 20- ئەسىردە Ivan Illich  ۋە Jacques Ellul  قاتارلىقلار زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئەكىس تەسىرى ھەققىدە مۇسۇلمانلار بىلىشكە تېگىشلىك بەزى ئەسەرلەرنى يازغان. مەسىلەن، Ivan Illich يازغان «Tools for Conviviality[1]» ۋە فرانسىيەلىك يازغۇچى Jacques Ellul يازغان «The Technological Society²» ناملىق كىتابلار. Jacques Ellul زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا ۋە ئىنسانلار جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە قارىتا مۇھىم تەنقىدى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

70- يىللارنىڭ ئاخىرىدا، بىز Ivan Illich نى ئىرانغا تەكلىپ قىلدۇق ۋە ئىقتىساد ۋە سانائەت قاتارلىق تېخنولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مىنىستىرلىقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان يىغىنلارنى ئۆتكۈزدۇق. Ivan Illich بۇ يىغىنلاردا زامانىۋى تېخنولوگىيە بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ ھاجەتخانىنى مىسالغا ئېلىپ «ئەگەر ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كىشىلەرمۇ تەرەت توڭىلىق ھاجەتخانا ئىشلەتكەن بولسا، دۇنيانىڭ سۇ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان بولاتتى» دېگەن سۆزى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. بۇ يىغىندا غەربتىكى ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلارمۇ بار ئىدى. Ivan Illich نىڭ دەۋاتقانلىرى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكى ھەيرانلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، ھالبۇكى، پاكىستان، ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئەھۋالمۇ ئوخشاش ئىدى.

ئالدى بىلەن، بىز ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە بىلەن زامانىۋى ماشىنىنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك. ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە قول ۋە تۇيغۇلىرىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. بەدىنىمىز روھىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغىنىدەك ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەمۇ بەدىنىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. ئۇنداق بولمايدىكەن، زامانىۋى ماشىنا ئىنسانىيەتنى چاڭگىلىغا ئالىدۇ. بۇ تېمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن شۇ مىسالغا دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئىسلام دۇنياسىدىكى سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ ماكانى بولغان ئىسفاھان، ماراكەش، دەمەشىق ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش رايونلارغا بارسىڭىز، تاش ۋە ياغاچلارغا ئاددىي قەلەم بىلەن ئېسىل گېئومېتىرىيەلىك نەقىشلەرنى سىزىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ يەرلەردە تېخنولوگىيە ۋە سەنئەت بولسا سەنئەت ئۇستىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار ئاددىي ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىپمۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتالايدۇ. ئەگەر دىترويىتتىكى ماشىنا زاۋۇتىغا بارسىڭىز، ئۇ يەردىكى ئىشچىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى، ئىشلىرىنىڭ پەقەت بىر نەچچە كۇنۇپكىنى بېسىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بارلىق تېخنولوگىيە ۋە ماھارەتلەرنىڭ ماشىنا – زاۋۇتلارنىڭ ئۆزىدە يوشۇرۇن ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىنسانلاردىكى سەنئەت ۋە ماھارەتلەرنىڭ ماشىنا – زاۋۇتلارغا يۆتكىلىشى دېمەكتۇر. ھازىر، كومپيۇتېر ۋاسىتىسى بىلەن بۇ جەرياننىڭ ئىككىنچى قەدىمى ئەمەلگە ئاشماقتا. يەنى ئادەم مېڭىسىدىكى ئۇچۇرلار ماشىنىغا يۆتكەلمەكتە. ھازىر نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىم بەزى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلالمايدىغان، ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى كومپيۇتېر ئۇلار ئۈچۈن ھېسابلايدۇ. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ماشىنىلار بارغانسېرى سەنئەتكار ۋە ئۇستىلارنىڭ قول، كۆز ۋە باشقا جىسمانىي ماھارەتلىرىنى يوق قىلىپ، مېڭىلىرىنى قۇرۇقداپ قويۇۋاتىدۇ.

ھازىر زامانىۋى تېخنولوگىيەمۇ دەل شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بۇ تېخنولوگىيەلەر ئوتتۇرا ئەسىردە ئىراندا بارلىققا كەلگەن سۇ تۈگمىنىنىڭ داۋامى ئەمەس. ئۇ ئىنسان بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۆلتۈرمەكتە. (ئىجادچانلىقنى ۋە ئىشنىڭ مەنىۋى ماھىيىتىنى يوقاتماقتا). زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئىجادىي قىسىمى بولسا ئىنژېنېرلار لايىھەلىگەن ماشىنىلاردۇر. ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ خىزمىتىدە يەنىلا ئىجادچانلىق بار. ئەمما ماشىنا ۋە تاۋارلارنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىق بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. شۇڭلاشقا زامانىۋى زاۋۇتلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جايلار بەكلا زېرىكىشلىك تۇيۇلىدۇ ۋە  بۇ سەۋەبتىن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمۇ ئۇزىراپ كېتىۋاتىدۇ. نېمىشقا ئەنئەنىۋى جەمئىيەتتە دەم ئېلىش كۈنلىرى يوق؟ بۇ ھەقتە ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ چۈنكى ئۇ چاغلاردا دەم ئېلىش بىلەن ھايات بىرلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، بۈگۈنكىدەك ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىشلارغا ئېھتىياج تۇغۇلمىغان. كۈنىمىزدە «مەن دۈشەنبىگە بەك ئۆچ، خۇداغا شۈكۈر بۈگۈن جۈمە» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ خىل تەپەككۇر ئىشنىڭ مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ ماشىنىلار تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

ئىنسانلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بۇ سەلبىي تەرەپلەرنى زامانىۋى تېخنولوگىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئالدى بىلەن تېخنولوگىيەنىڭ بىتەرەپ ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. شۇڭا «ئەگەر نىيىتىڭىز ياخشى بولسا، تېخنولوگىيەنى ياخشى ئىشلارغا ئىشلىتىسىز. يامان بولسا، ئۇنى يامان غەرەزدە ئىشلىتىسىز» دېگەنلەر قۇرۇق گەپتىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز ياخشى ئادەم بولسىڭىز، تېخنولوگىيەنىمۇ توغرا ئىشلىتەرسىز. باشقىلارغا ئاتوم بومبىسى تاشلىماسسىز، ئەمما ماشىنا ھەيدىگەندە مۇھىتقا زىيان سالىسىز. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىۋاتىدۇ. بۇ زىيانلارنىڭ كۆپىنچىسى ماشىنا ئىشلىتىشنىڭ كۆپىيىشىدىن بولغان. شۇڭا نېگىزلىك مەسىلە پەقەت تېخنولوگىيەنى ياخشى ئىشلىتىش ياكى قالايمىقان ئىشلىتىش مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە باشقا ئىشلارمۇ بار. تېخنولوگىيەنىڭ ئۆزى بىر «تېخنولوگىيە مەدەنىيىتى» نى بارلىققا كەلتۈرىۋاتىدۇ. بۇ مەدەنىيەت ئىنساننىڭ روھىغا ئازار بېرىدۇ ۋە ئىنسانلار بىلەن شەيئىلەرنىڭ مەنىۋى مۇناسىۋىتى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى بۇزىدۇ. ھالبۇكى، ئىنسانلارنىڭ نەرسىلەرگە قوشقان سەنئىتى ئەسلى سەنئەتكار ئاللاھنىڭ سەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا «سانى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ياراتقۇچى، سەنئەتكار ۋە ھەممىگە قادىر «سانى» بولۇپ، ئۇ بىزگە ئىجادىي كۈچ ئاتا قىلغان. چۈنكى بىز ئۇنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىلىرى.

ئىسلام مەدەنىيىتىدە سەنئەت بىلەن تېخنولوگىيە، يۇقىرى سەنئەت بىلەن تۆۋەن سەنئەت، «ئاتالمىش» گۈزەل سەنئەت (بۇ، ئىسلام نۇقتىسىدىن قاملاشمىغان بىر ئاتالغۇدۇر) بىلەن سانائەت سەنئىتى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. گۈزەل سەنئەت دېگەن نېمە؟ گۈزەل سەنئەت (فىرانسۇزچە «beauxarts») دېگەن سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالغۇلارنىڭ ھەممىسى غەربتە بارلىققا كەلگەن. چۈنكى، سانائەت ئىنقىلابى نەتىجىسىدە سەنئەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىشتىن قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ماشىنىلارنىڭ كۆرۈمسىز مەھسۇلاتلىرى ئىگىلىگەن. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەردە، ئاددىي تارغاقتىن ئەدەبىي شېئىر يېزىشقىچە بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا باغلىق بولۇپ، ئاللاھنىڭ كۈچى ھەممىگە قادىر «سانى» سۈپىتىدە ئىنسان ھاياتىدا نامايان بولاتتى. ھازىر، زامانىۋى تېخنولوگىيە بۇ باغلىنىشنى يوقىتىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ماشىنا ھەيدىگەن كىشى قەلبى گۈزەل بولغان تەقدىردىمۇ، مەسچىتكە ياكى كەچلىك كۇلۇبقا بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىر تەرەپتىن مۇھىتنى بۇزىدۇ ۋە بىر تەرەپتىن ئىلاھىي ئىجادىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى، ھېچ بولمىغاندا «سانى» نامىنىڭ نامايەندىسى بولۇش جەھەتتىكى ئالاقىسنى ئۈزۈپ قويىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكى كۈندىلىك دۇئالىرىمىز بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى، ئەمما ئىلاھىيلىق ھاياتنىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ سىڭىشى كېرەك. ئىسلامدا ھەممە ئىشنىڭ سىمۋوللۇق ۋە ئىلاھىي تەرىپى بار. دېھقانچىلىقتا دېھقانلار ئۇرۇق سېلىشتىن ھوسۇل ئالغانغا قەدەر  دىنىي ۋە مەنىۋى جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. ھالبۇكى، زامانىمىزدىكى مېخانىك دېھقانچىلىقتا بۇ مەنىۋى تەرەپ پۈتۈنلەي يوقالدى. ئۇلاغلار بىلەن يۈك توشۇش جەريانىدا ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدا بىر باغلىنىش زۆرۈر ئىدى. ھەتتا ھايۋانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا ھەدىسلەرمۇ بار. ئەمما، بۇ قاراشلار دەۋرىمىزدە پۈتۈنلەي غايىب بولدى. كۈنىمىزدە، ھايۋانلار يۈك توشۇشقا ئانچە ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمما بۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ياردىمى بىلەن ھايۋانلارغا ھەركۈن رەھىمسىز سىناقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ سەۋەبلەر بىلەن ھەتتا نۇرغۇن جانلىق تۈرى يوقىلىۋاتىدۇ.

ئەنئەنىۋى شەھەرلىرىمىز قۇرۇلۇش جەھەتتە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەت ئەسەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ئىسلامىي شەھەر لايىھەلىرى بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ خارابىلىرىنى ھېلىھەم كۆرەلەيمىز. (ئاللاغا شۈكرى، بىز ھازىر ماراكەشتىكى فەز، ئىراندىكى يەزد ۋە ئىسفاھان، دەمەشىقتىكى ئۇمەييە مەسچىتى ۋە قاھىرەنىڭ بەزى كونا جايلىرىنى مىسالغا ئالالايمىز). بۇ مۇقەددەس شەھەر لايىھەيەلىرىنىڭ مەقسىتى دىن، سودا، تۇرمۇش ۋە مائارىپنىڭ ھەممىسى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىنسانىي كەيپىيات يارىتىش ئىدى. بۈگۈنكى كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت دېگەنلىرىمىز زامانىۋى دۇنيانىڭ نەتىجىسىدۇر. كۆڭۈل ئېچىشنىڭ (تەنتەربىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بۈگۈنكى ياشاش شەكلىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، مۇستەقىل بىر رېئاللىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ئىشنىڭ زامانىۋى ماشىنىلار تەرىپىدىن زېرىكىشلىك ھالغا كېلىشى ۋە مۇقەددەسلىكىنىڭ غايىپ بولۇشىدىن ئىبارەت. كۆپىنچە كىشىلەرگە نىسبەتەن خىزمەت شۇ قەدەر زېرىكىشلىككى، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ھاياتنى چىدىغىلى بولىدىغان بىر ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ يولى بولۇپ قالدى. كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىنىنىڭ ئورنىغا دەسسىدى.

بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشتىكى مەقسىتىم تېخنولوگىيەنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ زىيانسىز ۋە بىتەرەپ ئەمەسلىكىنى مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشىنىۋېلىشىغا ئاساس سېلىشتۇر. بەزىدە زامانىۋى تېخنولوگىيە ئالدىدا بىزنىڭ تاللىشىمىزنىڭ يوقلىقىمۇ راست. «ئاللا مېنى بۇ زامان ۋە ماكانغا ئورۇنلاشتۇردى، مەن كاشاندىكى تۇغقانلىرىمدەك ئۇلاغ بىلەن مەكتەپكە بارالمايمەن. ياشىغان يېرىمدە ئۇلاغ يوق ۋە يوللار يىراق. شۇڭلاشقا بىز ماشىنا ھەيدىشىمىز كېرەك. ئاللا ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.» ئەمما بۇ ئىشلىتىۋاتقان تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە كور بولۇۋېلىپ، بازاردىكى تېخنولوگىيەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىۋېرىشىمىزگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

مەن تىلغا ئالغان ۋە ئالمىغان بەزى روھىي (مەنىۋى) ئامىللارنىڭ يوقىلىشىدىن باشقا، زامانىۋى تېخنولوگىيە بىزنىڭ ئۆلۈمىمىزگە يول ئېچىۋاتىدۇ. ئەھۋال بۇ قەدەر ئوچۇق. تەبىئىي مۇھىتنىڭ كەڭ كۆلەملىك بۇزۇلۇشى ۋە ناچارلىشىشىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز، بېشىمىزنى قۇمغا تىقىۋېلىپ ھەممىنى ئۇنتۇشقا تىرىشساقمۇ، مەسىلە ھەل بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىسلام دۇنياسى، خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئەگەر ئامېرىكىغا ئوخشاش سانائەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، ھەمدە ئىستېمال نىسبىتى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش بولسا، يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا بۇ باسقۇچقا كەلمەي تۇرۇپلا، نۇرغۇن رايونلار (ئاۋسترىيەنىڭ يوسۇنلىرىدىن ئامازون ئورمىنىغىچە) دەھشەتلىك ئاپەت گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

مېنىڭچە، بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى بۇ مەسىلىگە جەلپ قىلىش مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق مەسىلىدىن مۇھىم.

مەن ئىسلام نۇقتىسىدىن مۇھىم دەپ قارىلىدىغان مەنىۋى مەسىلىلەر ياكى نامراتلىق، ئىقتىسادىي كرىزىس، سىياسىي بېسىم، مۇستەبىتلىك ۋە ئىنقىلاب قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلىمەيۋاتىمەن. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسى تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇش خەۋپىدىن چوڭ ئەمەس. چۈنكى تىلغا ئېلىنغان بۇ مەسىلىلەر تەدرىجىي ھەل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما زامانىۋى تېخنولوگىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىت مەسىلىسىگە دەرھال تۇتۇش قىلماي تۇرۇپ، باشقا ھېچقانداق ئىشنى ھەل قىلالمايمىز. پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسىلا ئۇنى توسۇپ قالالايدۇ (ئۇ تەرىپى بىزگە مەجھۇل). ئەمما ئىنسانىي نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، يا يولىمىزنى بىر نەچچە يىلغىچە ئۆزگەرتىپ ياشاشنى داۋام قىلدۇرىمىز يا يوق بولىمىز.

غەربتىكى نۇرغۇن كىشىلەر «يېڭى تېخنولوگىيەلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ كونىلىرىنىڭ ئورنىنى ئالسا، بۇ كرىزىس ھەل بولىدۇ» دېيىشىدۇ. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى توغرا ئەمەس. ئۇلار زامانىۋى تېخنولوگىيەگە ئېسىلىۋالماي،ئەكسىچە «تەبىئەتنى مۇقەددەس بىلىدىغان» قاراشنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە، مۇسۇلمانلار بازاردىكى يېڭى چەتئەل تېخنولوگىيەسىنى قارا-قۇيۇق ئىشلىتىۋەرمەستىن، پەقەت مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ئاز بولغان تېخنولوگىيەلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشى كېرەك. ئېتىراپ قىلىمەنكى، مۇھىتقا تەسىرى ئاز بولغان زاۋۇتلارنىڭ نىسپىي جەھەتتىن پايدىسى بار، ئەمما زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مۇھىت ۋە ئىنسانلارنىڭ پىسخىكىسىغا بولغان چوڭقۇر تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ناھايىتى ئاز بىر پايدا. زامانىۋى تېخنولوگىيەلەرنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى بار ۋە بۇ سەلبىي تەسىرلەر باشقا نۇرغۇن يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن 10 ھەسسە ئەمەس، 100 ھەسسە كۆپەيمەكتە. تېخنولوگىيە قانچە كۆپ بولسا، مۇھىتقا بولغان سەلبىي تەسىرىمىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇنى دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرگە قارىتىپ دەۋاتىمەن. «تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز»نى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز ۋە تېخنولوگىيەنى باشقا باھالىشىمىز كېرەك. ئىسلام دۇنياسى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ. ئىسلام ھەققىدە بىر قانچە كونكرېت نۇقتىدا توختالسام، ئىسلام دۇنياسىدا ئوقۇغانلار، دىندارلار، غەربنى ئەسلا ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر، ھەتتا «ئەسلىيەتچى» دەپ قارالغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممەيلەن تېخنولوگىيە جەھەتتە غەربكە ئوخشاش بولۇشنى خالايدۇ. تېخنولوگىيە نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئەڭ زامانىۋى مۇسۇلمانلار غەربلىكتۇر. ئىستانبۇل ياكى باشقا شەھەرلەردىكى ئەڭ يەرشارىلاشقان تۈركنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەسچىتلەردە ۋەز ئېيتىۋاتقان ئەڭ ئەسلىيەتچى مۇسۇلماننى خىيال قىلىپ بېقىڭ، بۇ ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تېخنولوگىيەگە بولغان كۆز قارىشى ئاساسەن ئوخشاش. ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرىغا قارىساق دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر بار. ئىسلامىي قاراشلارغا نىسبەتەن چۈشەنچىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ تېخنولوگىيەگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئاساسەن ئ‍وخشاش بولۇشى قىزىقارلىق.

ھازىر بۇلارنى ئۆزگەرتىش كېرەك. مۇسۇلمانلار بۇ توغرۇلۇق قىلىشقا تېگىشلىك ۋە قىلسا بولمايدىغان ئىشلارنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ تېلېفون ياكى توك ئىشلىتىش جەھەتتە باشقا تاللاشلىرى يوق. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى بىلسەكمۇ، قىلالمايدىغان ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان بۇ خىل تېخنولوگىيەلەر ھەققىدە گەپ ساتمايلى. نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى سۆزلەپ ئۆتەيلى.

مۇسۇلمان دۇنياسى يەنىلا نۇرغۇن نەرسىلىرىنى قوغداپ قالالايدۇ. ئالدى بىلەن، دېھقانچىلىقتا خەتىرى ئىنتايىن ئېغىر بولغان گېن قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق يېزا – ئىگىلىك كۆلەملەشكەن دۆلەتلەردە ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى ئىگەللەپ، بارلىق ئۇسۇللارنى يېڭىلايدىغان ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۇرۇقلارنى ئىشلىتىدىغان چوڭ دېھقانچىلىق كارخانىلىرىغا يول ئېچىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدىغان كىچىك دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قوغداشقا تىرىشىشىمىز لازىم. گېن قۇرۇلۇشىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زامانىۋى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى داۋراڭ سېلىنىۋاتقاندەك پۈتۈن دۇنيانى بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس.

ئىككىنچىدىن، ئىسلام شەھەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسىنى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تەسىر قىلىدىغان تېخنولوگىيەلىرىنى، يۈك توشۇش ئۇسۇللىرىنى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىشىنى ۋە تېخنولوگىيەنىڭ باشقا نۇرغۇن تۈرلىرىنى قوغداپ قالالايمىز. ئىسلام بىناكارلىقى ۋە ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە ۋە مۇۋاپىق ياشاش شەكلىنى قوغداشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئالدىمىزغا كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا ھەممسىىنى قوبۇل قىلىدىغان غاپىللاردىن بولماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن، يېقىنقى 20 يىلدا يانفون دۇنيادا كەڭ تارقالدى ۋە كىشىلەر يانفونىنى سايراتقىنىچە كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. بۇنى تېخنولوگىيەنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانلىرىدىن بىرى دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ. بۇ تېلېفونلارنىڭ ساغلاملىق جەھەتتىمۇ نۇرغۇن سەلبىي تەسىرى بار، ئەمما نۇرغۇن مۇسۇلمانلار غەربنىڭ يۈزلىنىشىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىۋاتىدۇ. قىزىقارلىق يېرى، مۇسۇلمانلار دۇنياسى غەرب تېخنولوگىيەسىدىن كەلگەن بارلىق نەرسىلەرنى قارىغۇلارچە كۆچۈرۈۋاتقاندا، غەربتە ئاز بولسىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئەھۋالغا قارشى ھوشيار مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.غەربكە ئەڭ قارشى تۇرىدىغانلىرىمىز چېغىدا غەرب تېخنولوگىيەسىدىن چوڭقۇر ئىشەنچ كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار غەرب تېخنولوگىيەسى مەيدانغا كەلتۈرگەن ھەممە نەرسىنى ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك.

دەۋاتقانلىرىم بىزنىڭ ئەتىدىن باشلاپ زامانىۋى تېخنولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۈزىۋېتىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرمەيدۇ. يېقىندا، ئەنگىلىيەدە بىر گۇرۇپپا ئادەم سانائەت دەۋرىدىن بۇرۇنقى كەنتلەرگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە تەبىئىي سۇلىرى مول بولغان چوڭ كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما، مېنىڭچە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر بۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلمايدۇ.

ئەمما يەنىلا، بىز قىلالايدىغان ۋە قىلمىغان ئىنتايىن ئاقىلانە تاللاشلار بار: مەسىلەن، گىلەم ۋە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ ياسىلىشىدا قوللىنىلىدىغان ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەلەر، ئەنئەنىۋى سۇغىرىش سىستېمىسى، بىناكارلىققا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېنېرگىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىشلىتىلىشى قاتارلىقلار. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىسلام دۇنياسىدا سەنئەتنى ئاساس قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. ئەنئەنىمىزنىڭ ئاجىزلىشىشى 19-ئەسىردىكى ئىلىم ئەنئەنىسى ۋە مائارىپ سىستېمىسىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىغا پاراللىل ھالدىكى مۇستەملىكە تەسىرىنىڭ مۇھىم ئاقىۋەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. سەنئەت پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتمىدى، ئەمما ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. مەسىلەن، ئىران گىلىمى ئۆيلەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىم جابدۇقى. بۈگۈنكى گىلەم ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلگەن رەڭلەرنىڭ كۆپىنچىسى خېمىيەلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- ۋە 30-يىللىرىدىن كېيىن گېرمانىيەدىن ئىمپورت قىلىنغانلىقى بىر پاكىت، ئەمما گىلەم ئىشلەپچىقىرىش يەنىلا ئەنئەنىۋى سەنئەتنىڭ بىر تۈرى ھالىتىدە ساقلىنىپ قالدى. گىلەملىرىمىز قول ھۈنەرۋەنلەر تەرىپىدىن توقۇلىدۇ ۋە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە. ئىران گىلىمى يەنە ئەنئەنىۋى ئىسلام جەمئىيىتىدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. چۈنكى بىز يەردە ئولتۇرۇپ، يەردە ناماز ئوقۇيمىز، يەردە تاماق يەپ، يەردە ئۇخلايمىز. كۆپىنچە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن گىلەم سېلىنغان بىر ئۆيىمىز ھەم مېھمانخانا، ھەم تاماقخانا، ھەم مەسچىت بولالايدۇ، ھەتتا ئەنئەنىۋى كىچىك ئائىلىلەردە ھەممەيلەن بىرلىكتە ئولتۇرىدىغان دائىملىق ئۆيمۇ بولالايدۇ.

نۇرغۇن جايلاردا، مەسىلەن، ئافغانىستاندىكى بىر يېزىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەقەت بىر ئېغىزلا ئۆيى بار بولۇپ، پۈتۈن ۋاقتىلىرىنى شۇ بىر ئېغىز ئۆيدە ئۆتكۈزىدۇ. ئىران، پاكىستان ۋە ماراكەش قاتارلىق جايلاردىمۇ ئەھۋال مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. شۇڭا بىز ئەنئەنىۋى گىلەمچىلىكنىڭ ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش پايدا مەقسەتلىك سانائەت گىلەمچىلىككە ئايلىنىپ قېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئەپسۇس، گىلەم ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۇنجى دۆلەت دەپ قارالغان ئىراندىمۇ گىلەم زاۋۇتلىرى بارلىققا كەلدى. بىز چوقۇم ئەنئەنىۋى گىلەملەرنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك، بۇنى پەقەت ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەلەرنى ساقلاپ قېلىش يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بىز ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئىمكاننىڭ بارىچە ساقلىنىشىمىز كېرەك، پەقەت ئىرادە قىلساقلا ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. قولدا توقۇلغان رەختچىلىك كەسپىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. گەرچە گەندى ئېيتقان نۇرغۇن سۆزلەر توغرا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ خەلقنىڭ ئاتىسى دەپ تونۇيدىغان ھىندىستاندىمۇ مەسخىرە قىلىنىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ توغرىسىدا ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. ھىندىستاننىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىشقا تايانغان ئىقتىسادى قۇرۇلمىسى يۈز مىڭدىن ئارتۇق يېزىنى ۋەيران قىلدى. ھىندىستان ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشتى؟ بۇ ئەھۋال بىز ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە.

ماراكەش ۋە ئالجىرىيەدە قولدا توقۇلغان چىرايلىق رەختلەر يەنىلا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەمما ئىسلامنىڭ مەركىزى زېمىنلىرىدا قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە قاتارلىق باشقا نۇرغۇن سەنئەتلەر ۋەيران قىلىنىپ، نۇرغۇن نەرسىلەر يوقىتىلدى. دەل ئەكسىچە، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا ئەنئەنىۋى ئۇسۇللاردىكى ئىشلەپچىقىرىش داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە يوقىلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتلەرمۇ ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەنى قوغداشقا تىرىشىشى كېرەك. قوغداش تۈرلىرى ئوممان، ماراكەش، ئىران ۋە باشقا جايلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتلەر ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تارقىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەككى، لوڭقا مېھمانخانىدا سەنئەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشىلىتىلسۇن. مومىلىرىمىزنىڭ ھەپتىدە بىر قېتىم ھاممامغا بارغىنىدا (بۈگۈنكى بىرقىسىم ئەر ۋە ئاياللىرىمىزغا ئوخشاش) ئىشلىتىدىغان، قولدا توقۇلغان رەخت پارچىلىرىدىن بىرمۇنچىسى ھېلىھەم توقۇمىچىلىق مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن تۇرمۇش سۈپىتى ئۆسمەكتە يوق، ئەكسىچە تۆۋەنلىدى. كىيىم – كېچەك، قاچا – قۇچا، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە پۇرىقى، شۇنداقلا سۈپەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەرەپلەر تېخىمۇ ناچارلاشتى. شۇڭلاشقا، كىشىلىك ھاياتتا ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە مەۋجۇت بولغان بۇ ساھەلەرنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. بۇ خىل ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەنچىلىكتە سەنئەت ۋە بىر نەرسە ياساشنىڭ مەنىسى ئىجادكار ۋە ئىستېمالچىنىڭ مەمنۇنىيتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. چۈنكى قول ھۈنەرۋەنچىلىكتە ھەتتا ئاددىي تارغاق ياساشتىمۇ ئىنسانىي ۋە مەنىۋى قىممەت بار.

Titus Burckhardt ئىسلام ھەققىدىكى كىتابىدا ئېسىل بىر ھېكايىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ماراكەشتە بىر ئاددىي تاغاقچىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. تاغاقچى ئۇنىڭغا بۇ ھۈنەرنىڭ ئالدى بىلەن ئاللاھ تەرىپىدىن ھەزرىتى ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى بولغان Sethكە ئۆگىتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭ مەنىۋى قىممىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. ئەگەر بۇ بازارغا بېرىپ قولدا ياسالغان تارغاق سېتىۋالسىڭىز، ماشىنا بىلەن ياسالغىنى ئارىسىدىكى پەرقىنى ھېس قىلالايسىز. ھەتتا ئامېرىكىلىق ساياھەتچىلەرمۇ بۇ پەرقنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. يۇقىرى تېخنولوگىيەلەر بىلەن ئىش قىلىنىدىغان غەرب جەمئىيىتىدە قول بىلەن قىلىنغان ئىش تېخىمۇ قىممەتلىك دەپ قارىلىدۇ. قولدا ياسالغان مەھسۇلاتلارغا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پۇل تۆلەيدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا، ھەتتا يېقىنقى يۈز يىلدىمۇ بۇ ئىشلار دەل ئەكسىچە. نۇرغۇن كىشىلەر ماشىنىدا ياسالغان مەھسۇلاتلارنى قولدا ياسالغىنىدىن ياخشى دەپ قارايدۇ. ئەمما، بۇ يۈزلىنىشنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگىرىشى مۇمكىن. بۇنى قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتىش زامانىۋى تېخنولوگىيەگە قارىتا مەنتىقىلىق تەنقىد بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. ئالدى بىلەن زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مەنىۋىلىكى ۋە ساماۋىلىقى يوق ئىكەنلىكى، ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختىلىش كېرەك.

بۇ خىل پىكىرلەرگە قارشى، كۈنىمىزدە ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەلەرگە قايتىشنىڭ  مۇمكىن بولمايدىغانلىقى  ھەققىدە گەپ – سۆزلەر بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىمىز ئىلگىركىلەرگە قارىغاندا ھەسسىلەپ ئاشتى ۋە ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيەلەر بىلەن بۇ مەھسۇلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقارغىلى بولمايدۇ، سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇيان نوپۇسمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى. بۇ، ئەسىرلەر بويىچە ئەمەس، بەلكى مەلۇم دەۋرلەر ئۈچۈن توغرا. مەسىلەن، ھىندىستاننىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئاياللار يەنىلا قولدا ئىشلەنگەن ھىندىستان كىيىملىرىنى كىيىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ، بۇ ئاياللارنىڭ سانى ھازىر 500 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، 200 يىل ئىلگىرى بەلكىم 100 مىليون، 1000 يىل ئىلگىرى بەلكى 50 مىليون بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردە تەخمىنەن 50 مىليون بولغان ئىستېمالچىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە 500 مىليونغا يەتكەنلىكى بىر ئەمەلىيەت. چۈنكى بۈگۈنكى 1 مىليارد ھىندىستانلىقنىڭ تەخمىنەن 500 مىليونى ئاياللاردۇر. ئەمما، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرالايدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. ئەگەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئاددىي بولسا، ئۇلارنىڭ ئىستېمالىغا ماس ھالدا قولدا ئىشلەپچىقىرىدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدۇ. شۇڭا (ئاتالمىش مۇستەھكەم ئىقتىسادىي دەلىل ئاساس قىلغان) يۇقىرىدىكى قاراش ئىستېمال جەمئىيىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاساسسىز پىكىردىن ئىبارەت.

ئىستېمال جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيانى ۋەيران قىلىشقا يېتەكلەيدىغان يالغان ئېھتىياجلار بىلەن ئوزۇقلاندۇرىلىدۇ ۋە ھەمىشە «نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ئېھتىياجلار ئېشىپ كەتتى» دېگەن قاراشقا تايىنىدۇ. بۇ مۇتلەق توغرا ئەمەس، چۈنكى نوپۇس كۆپەيگەندە، ئاددىي قوراللارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىدۇ ۋە ئۇلار ھەمىشە ماشىنىغا ئېھتىياجلىق بولىۋەرمەيدۇ. دەرۋەقە دۇنيا نوپۇسىنىڭ پارتلىشىنىڭ ئۆزىمۇ زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ مەھسۇلى. چۈنكى داۋالاش تېخنىكىسىنىڭمۇ زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. زامانىۋى تىبابەت قوش بىسلىق قىلىچقا ئوخشايدۇ. يەنى ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئەمما نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مۇھىتقا بولغان تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە تەبىئەتنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ھازىر، يەرشارىدىكى ئالتە مىليارد 500 مىليون ئادەمنىڭ ئورنىغا بىر مىليارد ئادەم بولغان بولسا، مەن نوتۇق سۆزلەۋاتقان 45 مىنۇت ئىچىدىلا نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ نەسلىنىڭ يوقىلىشىدەك ئاپەتلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى. بۇ بىر پاجىئەدۇر.

بۈگۈنكى كۈندە نوپۇسنىڭ زىيادە كۆپ ئىكەنلىكى ھەقىقەت. ئەمما، ھىندىستاندىكى قولدا ياسالغان كىيىملەر ھەققىدە ئېيتقىنىمىزدەك، ئاددىي بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلارنىڭمۇ نوپۇسى كۆپتۇر. بۇ باشقا نۇرغۇن بۇيۇملار ئۈچۈنمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئىراننىڭ نوپۇسى 70 مىليوندىن ئاشىدۇ. بىر ئەۋلاد ئىلگىرى 35 مىليون بولۇپ، 30 يىل ئىچىدە بىر قاتلاندى. بۇ پارس گىلىمى ئىشلىتىشنىڭمۇ بىر قاتلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەسىلە ئىنقىلابنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، زاۋۇتتا ئىشلەنگەن گىلەملەرنى ئىمپورت قىلىشقا باھانە بولۇپ بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى نوپۇس ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرى ئاشتى. ئەمما، گىلەم توقۇيدىغانلارنىڭ سانىمۇ كۆپەيدى. دەرۋەقە، ئىران يېزىلىرىدا 30 نەچچە يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ گىلەم توقۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ خىل ئەھۋالدا، ھۆكۈمەتنىڭ مۇۋاپىق سىياسەتلىرى ناھايىتى پايدىلىق. مەن ھەر جەھەتتە مۇشۇنداق قىلايلى دېمەكچى ئەمەس. ئەمما، نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سۈپەت ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چوقۇم ساقلىشىمىز كېرەك. بىز شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، ھاياتتىكى خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى تېخىمۇ كۆپ مال-مۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئاساسلىق لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېرىشكەنلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلىشتىن ئىبارەت.

بىر نۇقتا تولىمۇ قىزىقارلىق، چۈنكى مېنىڭ قاراشلىرىم «سەن سالامەتلىككە قارشى. سەن بۇنىڭغا قارشى، سەن ئۇنىڭغا قارشى» دەپ تەنقىد قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە مەن بۇ مەسىلىلەرگە قارشى ئەمەس. ئەزەلدىن باي ۋە كەمبەغەل كىشىلەر بار. ئالتە مىليارد ئادەمنىڭ ھەممىسى دۇنيادىكى يۇقىرى سانائەت دۆلەتلىرىنىڭ ئاتالمىش ​​تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولالمايدۇ (بۇ خەتەرلىك بىر ئەھۋال، ئەمما پەرق ئەزەلدىن بار). دۇنيا بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. زامانىۋى تېخنولوگىيە نامراتلىقنى تۈگىتىدۇ دەپ قارالغاننىڭ ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش ئارقىلىق نامراتلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرىۋەتتى. بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ ئارىسىدىكى غايەت چوڭ پەرقنى ئويلاڭ. كۈنىمىزدىكى دۇنياغا قاراڭ. ئامېرىكىدىكى بايلار بىلەن نامراتلارنىڭ پەرقى دۇنيانىڭ باشقا بىر يېرىدە بارمۇ؟ بىر شىركەت باشقۇرغۇچىسى بۇ دۆلەتتە يىلىغا توققۇز مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ، ئوخشاش شىركەتتىكى تازىلىق ئىشچىسى 10 مىڭ دوللار كىرىم قىلىدۇ. بۇ ئامېرىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال.

ھازىر بۇ پەرق ھىندىستاندا بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى ھىندى ماھارجى بىلەن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىنمۇ چوڭ. بۇ ھەقتە كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان قاراشلاردىن يەنە بىرى شۇكى، بىر تەرەپتىن كوممۇنىست ۋە سوتسىيالىست ئىقتىسادشۇناسلار، يەنە بىر تەرەپتىن كاپىتالىست ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھەممىسى خەلقنى بېيىتىش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھازىر بۇنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما تۈپتىن ئەمەس. باشتىن كەچۈرگەنلىرىمىز بۇنىڭ ئىسپاتى. زامانىۋى تېخنولوگىيە بار دۆلەتلەر، يەنى شىمال بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدا نۇرغۇن پەرق بار. ئاتالمىش تەرەققىي قىلمىغان ​​دۆلەتلەرنىڭ تېخنولوگىيەگگ ئەگىشىش ئويى «دائىم باشقىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى ئاشقان – تاشقانلار بىلەن ئۇزۇقلىنىش ھەقىقىتى»گە تايانغان. بۇ ئاتالمىش ​​ئەگىشىش ئىدىيىسى ۋەزىيەتنى ياخشىلىيالمايدۇ.

بايلىق ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنى باشقىچە ئويلىشىمىز كېرەك. تەبىئىي ھايات، ساپ ھاۋا، ئورمانلار ئارىسىدىكى ئېقىنلاردا تەبىئىي سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان بىر يېزىنى ئويلاڭ. بۇ كەنتتىكى كىشىلەر بەخت- سائادەت ئۈچۈن نيۇيوركنىڭ بايلىقىغا ئېھتىياجلىق بولۇشى ناتايىن. مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ. بىز بەخت ۋە نامراتلىق قارىشىمىزنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، ھېچقانداق ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىنى سۇ، يېمەكلىك ۋە كىيىم – كېچەكتىن قىسىپ قويمايدۇ. مېنىڭ سۆزۈم بۇ ھەقتە ئەمەس. زامانىۋى تېخنولوگىيە بۇ مەسىلىلەرگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما ھەقىقەت شۇكى، زامانىۋى تېخنولوگىيە ئارزۇ (نەفس) ۋە ئارزۇ (نەفس) ئۈستىگە قۇرۇلغان زامانىۋى ئىقتىساد بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىنىڭ يولى زامانىۋى تېخنولوگىيە ئىكەنلىكىنى قارىغۇلارچە ئېتىراپ قىلىۋەرمەسلىكىمىز كېرەك.

ئەگەر ئىسلام دۇنياسى قۇرئاننىڭ بىزگە ئۆگەتكىنىگە ئاساسەن نەفسلىرىنى كونترول قىلسا، سەلبىي ئامىللارنى تۈگىتىپ، بايلىقنى ئادىل تەقسىم قىلسا، بۇنى قىلالايدۇ. ئىسلامغا سادىق بولۇشى شەرتى ئاستىدا، ئەلۋەتتە. ئەمما، بۇ، ئىقتىسادىي ئادالەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئادەم بىلەن ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشقا سەل قاراش دېگەنلىك ئەمەس. پۈتۈن مەسىلە مۇشۇ يەردە.

ئەمدى بىز «مۇسۇلمانلارنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟» ئالدى بىلەن شۇنى تەھلىل قىلايلى. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ تېما. ئىسلام دۇنياسى ھاكىمىيەت كۈرىشىدە زامانىۋى غەربكە دۇچ كەلدى، يەنى غەرب ئىسلام دۇنياسىغا تاجاۋۇز قىلدى، مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار غەربنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيە، ئىلىم-پەن ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش پۇرسىتى بەرگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما ئەپسۇس، كۈچ ئۆزى بىلەن تەڭ ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەرەب تىلىدا «ئەل ئىنسانۇ ئابىدۇل-ئىھسان»دەيدىغان گۈزەل ماقال بار، يەنى «ئىنسان ياخشىلىقنىڭ قۇلىدۇر» دېگەن مەنىدە. ئەمما، «ئەل ئىنسانۇ ئابىدۇل-قۇدرا» يەنى «ئىنسان كۈچنىڭ قۇلىدۇر» دېگەن مەشھۇر ئىبارىمۇ بار. ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى مۇشۇنداق. شۇڭلاشقا، ئىسلام دۇنياسى غەربنىڭ كۈچىنى كۆرگەندە، خىتاي ۋە ياپونىيەگە ئوخشاش قۇللۇق، ئىتائەت ۋە قورقۇنچ بىلەن ئۆزىنى تۆۋەن ھېس قىلىشقا باشلىدى. 19-ئەسىردىن كېيىن، بۇ ھېس ئىسلام دۇنياسىغا توسالغۇ بولدى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىز يەنىلا بۇ پوزىتسىيە ئىچىدە ياشاۋاتىمىز.

ئەمەلىيەتتە، ئۆتكەن 50 يىلدا، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۆۋەن كۆرۈلۈش پىسخىكىسىغا قەتئىي قارشى تۇرغان. ئەمما بۇ پىسخىكا (بارغانسىرى يوق بولغاي) يەنىلا خېلى كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ تۆۋەن كۆرۈلۈش پىسخىكىسى پەقەت تېخنولوگىيە بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، ئۇ تېخىمۇ چوڭ ئەھۋالنىڭ بىر قىسمى. بۇ تۆۋەن كۆرۈلۈش پىسخىكىسى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەشكىلىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ دىنىي تەپەككۇر بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھەتتا ئەڭ غەربلەشكەن مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى «خىرىستىئان دىنى ئىسلامدىن ياخشى، چۈنكى ئۇ غەربنىڭ دىنى» دېيەلەيدۇ. ئەمما تۆۋەن كۆرۈلۈش پىسخىكىسى باشقا نۇرغۇن ساھەدە يەنىلا مەۋجۇت.

بۇ مۇنازىرە تېمىسىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىگە بەزى خاتالىقلار سەۋەب بولغان. ئالدىنقى يېرىم ئەسىردە، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىغا چىقىرىشقا ئۇرۇندى. نۇرغۇن كىشىلەر: «بىز ئەمدى غەربنىڭ مەستانىسى ئەمەسمىز. ئەمما غەربنىڭ ئىجابىي يۈزى ئۇنىڭ تېخنولوگىيەسىدۇر. بىز زامانىۋى غەرب مەدەنىيىتىگە قارشى تۇرىمىز. ئەمما تېخنولوگىيەلەر بىتەرەپ، بىز غەرب تېخنولوگىيەسىگە ئەگىشىشنى خالايمىز.» دېگەنىدى. 1960- يىلىدىن 90- يىللارنىڭ بېشىغىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋار ۋە مەھسۇلاتلاردا ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدىكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالىنى تاپقىلى بولىدۇ. سەئۇدىلىقلار ناھايىتى تېزلا غەرب تېخنولوگىيەسىگە باش ئەگدى. تېخنولوگىيە بىتەرەپ دەپ قارالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ تەپەككۇر شەكلى تېخىمۇ چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ قاراش تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرگە يول ئاچىدۇ. بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىنىڭ ئۆزىمۇ ھەقىقەتەن چوڭ ۋە خەتەرلىك مەسىلە. چۈنكى ئەڭ ناچار تەپەككۇر ئۇسۇلى بولسا زامانىۋى تېخنولوگىيەنى كۈلتۈر ۋە ئەخلاق جەھەتتە بىتەرەپ دەپ قاراشتۇر. ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. زامانىۋى تېخنولوگىيە كۈلتۈر جەھەتتە تەرەپ تۇتىدۇ. بىز زامانىۋى تېخنولوگىيەنىڭ ئىنساننىڭ ئۆزى، شارائىتى، ئاللاھ ۋە روھىي دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشلىرىغا بولغان تەسىرىدىن ساقلىنالمايمىز.

ئەمما يەنىلا ئۈمىد بار. ئەمدى ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلام بىناكارلىقى ۋە شەھەر لايىھەلىرى توغرىسىدا سۆزلەيلى. 70-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئىسپاھاندا ئەنئەنىۋى ئىسلام بىناكارلىقى توغرىسىدىكى تۇنجى يىغىننى ئاچتىم ۋە مىسىرلىق داڭلىق بىناكار ھەسەن فەتھىنى يىغىنغا قاتنىشىپ بېرىشى ئۈچۈن ئىرانغا تەكلىپ قىلدىم. فەتىھنىڭ «نامراتلار ئۈچۈن بىنا» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلىشقا ياردەم بەردۇق، ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ھازىر مىسىردىكى فايۇم كۆلى ئەتراپىدىكى ھەممە يەرنى ئۆزگەرتتى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئىسفاھاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كېيىن باشلىنىپ، ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلەرگە يەتتى  ۋە بۇ بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. تەخمىنەن 70-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ، بىر تۈركۈم مۇسۇلمان بىناكارلار ۋە شەھەر پىلانلىغۇچىلىرى ئىسلامىي شەھەر ئۇسلۇبىنى پەقەت يەككە سېلىنغان بىنا ۋە قۇرۇلۇشلاردىلا ئەمەس، بەلكى شەھەر لايىھەلىرى ئۈچۈنمۇ قوللىنىش مۇمكىنلىكىنى بارغانسېرى تونۇپ يەتتى. بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مېنىڭ ئىلگىرىكى ئىككى ئوقۇغۇچىم لادېن باختىيار ۋە نادىر ئەردالان «ئىتتىپاقلىق ئۇقۇمى» ناملىق كىتابىدا «ئاللاھنىڭ بىرلىكى» ئاساسىدىن يولغا چىقىپ ئىسفاھان ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ شەھەر لايىھەسىنى چۈشەندۈردى. شەھەرنىڭ لايىھەسىگە مەنىۋى ۋە ئىلاھىي (ئالەم ۋە ئىلاھىيەت) مەزمۇنلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ھەرخىل رولىنى سۆزلىدى.

شۇنىڭدىن باشلاپ 30 يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بۇ 30 يىلدا قىلغان ئىشلىرىمىز ئىچىدە، ئۆز ۋاقتىدا ئاغا خاننىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئاغا خاننىڭ بىناكارلىق ساھەسىدە مۇكاپاتلىنىشى ئىسلام بىناكارلىق ئۇسلۇبى بىلەن سېلىنغان بىنالار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىسلام بىناكارلىق غايىسى باشقا بىنا ۋە قۇرۇلۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇكاپاتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى يەنىلا ئىسلام بىناكارلىقىدۇر. بۇ پروگراممىنىڭ ياردىمىدە ئىسلام تېخنولوگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئىسلام كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىسلامىي شەھەرلەرنى لايىھەلەش ۋە ئىسلام بىناكارلىقىغا بولغان قىزىقىش تەدرىجىي ئاشتى.

ھازىر نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەنىلا بۇزۇلمىغان رايونلارنى قوغداش. ھەقىقەت شۇكى، قاھىرە، لاھور، تېھران قاتارلىق ئەنئەنىۋى رايونلارنى ئەمدى يېڭىلىساق بولمايدۇ. بۇ رايونلاردىكى كىشىلەر ھازىر غەربكە ھەۋەس قىلىشىدۇ. ئۇلار گۈزەل ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنى چېقىپ تاشلاپ، شەھەرنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىپ، چوڭ يول ۋە يول ئېغىزلىرىنى ياسىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ خارابىلەرنى بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما، بۇ شەھەرلەردە ھازىرچە لاھوردىكى ۋەزىرخان مەسچىتى، تېھراندىكى چوڭ بازار، كونا مەملۇك ۋە فاتىمى قاھىرەسى دېگەندەك بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپقا ئىگە ئولتۇراق رايونلار بار.

ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بۇ رايونلاردىكى شەھەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزىدىغان چوڭ يول ياساش ياكى رايوننىڭ تۈزۈلۈشىنى بۇزىدىغان ئېگىز بىنالارنى سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. ئاللاغا شۈكرى، بۇ ئىشلار ئاز بولسىمۇ  ئەەمەلىيلەشتى. بەزى رايونلار ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ماراكەشمۇ بار. 70-يىللاردا ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ شەھەر مەركىزىدە بىر چوڭ يول ياسىماقچى بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئۇ دۇنيادىكى ماشىنا يوق ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. Titus Burckhardt ماراكەشنى بۇ ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ب د ت نىڭ مائارىپ، بىلىم ۋە كۈلتۈر تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇندى ۋە ئاخىرىدا ماراكەش پادىشاھى بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق يول مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ماراكەش شەھرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. بۈگۈن، ماراكەشتە ھېچكىم ماراكەش ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئويلىمايدۇ. بۇ جەھەتتە ئەھۋال خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى. شۇڭلاشقا، ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بۇ رايونلارنى قوغداشتىن ئىبارەت، دۆلىتىمىزدە بولۇپمۇ يەزد، كاشان، ھالەب قاتارلىق كىچىك شەھەرلەر، سۈرىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرى ۋە ئىراننىڭ غەربىدىكى بەزى جايلار، يەمەندە ۋە بەلكىم سىندتە ھەيدەرئاباد دېگەندەك ھىندىستاننىڭ بەزى شەھىرلىرىگە ئوخشاش بىرمۇنچە رايون ھېلىمۇ قولىمىزدا. ئەڭ باشتا مۇشۇلار قوغدىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى قەدەمدە، پەقەت غەربچە لايىھەلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا ئەنئەنىۋى ئىسلام لايىھەسىدىن ئىلھام ئالغان يېڭى شەھەر ۋە يېزىلار لايىھەلىنىشى كېرەك ۋە بۇ مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلىيلەشتى. ئەرەب، ئىران ۋە مىسىر قاتارلىق رايونلاردا بىزنىڭ كونا بىناكارلىقىمىز تېزلىكتە ۋەيران بولۇۋاتقاندا، ئاز بولسىمۇ ئەنئەنىۋى لايىھەلەرنى كۆرۈپ تۇرغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئەمما، بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقان بىناكارلارنىڭ سانى يەنىلا بەك ئاز. مېنىڭچە بۇ يۈزلىنىش ئىزچىل داۋاملىشىدۇ. ئەلۋەتتە، چوڭ ئىسلام شەھەرلىرىدە بۇنداق قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. ئىستانبۇل ياكى قاھىرەدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇنى كىچىك شەھەرلەردە قىلالايمىز. ئىسلام دۇنياسىدىكى دەمەشىق، ئىستانبۇل، ئىسفاھان، مەشھەد، لاھۇر، ھەتتا دېھلى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردە يەنىلا ئەنئەنىۋى ئىسلام بىناكارلىقى ۋە شەھەر لايىھەلىرى بار. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. ئەلۋەتتە، شىمالىي ئافرىقا شەھەرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەھەر ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالالىدى. بىز يەنىلا بۇ ئەسەرلەرنى ساقلاپ قالالايمىز.

بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى بىر ئەۋلاد بىناكارلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىدا پەقەت بىرلا ئەنئەنىۋى بىناكارلىق فاكۇلتېتى بار. بۇ فاكۇلتېت ئىئوردانىيەدە. بىر قانچە يىل ئىلگىرى لوندوندا پەقەت «Prince of Wales Institute» بار ئىدى. ھازىرمۇ ئىسلام بىناكارلىقى ۋە لايىھەلەش ئۇنۋانى بېرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت يوق. مەۋجۇت بىناكارلىق فاكۇلتېتلىرى غەرب بىناكارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن، بىز چوقۇم ئىسلام بىناكارلىق كەسىپلىرى بار بولغان بىناكارلىق فاكۇلتېتلىرىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. تىبابەتچىلىكتىمۇ ئوخشاش. بىز تىببىي فاكۇلتېتلاردا ئىسلام دورىگەرلىكى ۋە تېبابىتى دەرسلىرىنى بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئىسلام بىناكارلىق پەلسەپىسى دەرسى بېرىلىشى كېرەك. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى سىرتقى كۆرۈنۈش ئەمەس، بەلكى ئىسلامىي شەھەر لايىھەلەش پرىنسىپلىرىنى چۈشىنىشتىن ئىبارەت.

مەسىلەن، مەن 1959- يىلى لاھۇر شەھرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمدە لاھۇر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما 30 يىلدىن كېيىن لاھۇرغا قايتا بارغىنىمدا كۆرگەنلىرىمدىن بەكلا چۆچۈدۈم. چۈنكى بۇ شەھەر پىلانسىز شەكىلدە كېڭىيىۋاتاتتى. شەھەر پىلانىدا ئىسلام بىناكارلىقى ئىجتىمائىي شارائىت، ئەنئەنىۋى تېخنولوگىيە، شۇنداقلا ئالەم ۋە مېتافىزىكىلىق پرىنسىپلارنىمۇ ئويلاشقان بولىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ لايىھەلىگۈچىلىرى لاھۇرنىڭ ھاۋاسىنىڭ يەزدنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭلاشقا، كېلىمات ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما قاتارلىق شارائىتلارمۇ ئويلىشىلاتتى. ئەمما، مۇھىم بولغىنى بۇ شەھەرلەر، لايىھەلىنىش جەھەتتە ئورتاق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى رېئاللىقنىڭ ماھىيىتى، ئالەمشۇناسلىق ۋە ئىسلام جەھەتتىكى ئاللا بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان مېتافىزىكىلىق پرىنسىپلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. بۈگۈنكى ياش مۇسۇلمان بىناكارلار بۇ پرىنسىپلارنى ئاستا- ئاستا ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۆگىنىشلەر يېقىنقى يىللاردىكى نۇرغۇن تەرەققىياتلار بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ھەقتە Titus Burckhardtتىن باشقا ئاز ساندىكى كىشىلەردىن ۋە بەلكىم ئاز بولسىمۇ مېنىڭ بۇ ھەقتە يازغانلىرىمدىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. ماقالىلىرىمدە ئاساسلىقى ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئارقىسىدىكى مېتافىزىكا، پەلسەپە ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ تېخنولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدىم. ئەلۋەتتە، بىز ھەسەن فەتھىگە ئوخشاش ئاز ئۇچرايدىغان بىناكارلارغا، كېيىن مىسىردا يېتىشكەن ئابدۇل ۋەھىد ئەل ۋەكىل، ئۆمەر فارۇق، ئەرەبىستاندىكى سامى ئەل ئەنغاغا ئوخشاش ياش مۇسۇلمان بىناكارلارغىمۇ قەرزدارمىز. بۇ مۇسۇلمان بىناكارلار بۇ پرىنسىپلارنى قوللىنىشقا تىرىشتى. مەن بۇ قېتىمقىنىڭ 30 يىل ئىلگىرى ئىسفاھاندا ئۆتكۈزگەن يىغىندىنمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىشىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب تېخنولوگىيەسىنى تەنقىدلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مۇھىتلىرىنى قوغدىيالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە قوغدىلىشى يەنىلا ئەنئەنىۋى مۇھىتقا باغلىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، غەربنىڭ تېخنولوگىيە ۋە ئۈسكۈنىلىرىگە قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھوشيارلىقلىرىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىشىنى، چۈشەنچىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە:

Nasr, S. H. (2005). Islam, Muslims, and Modern Technology. Islam & Science, 3(2), 109- 127.

[1] بۇ كىتاپ تۈركچىگە Şenlik Toplum ماۋزۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.

2 بۇ كىتاپ تۈركچىگە Teknoloji Toplumu ماۋزۇسى بىلەن تەرجىمە قىلىنغان.

تەرجىمان: دېڭىز

تەرجىمە تەھرىرى: پاسىبان

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*