ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ شەخسىي ئوبراز باشقۇرۇش دائىرىسىدە ئىشلىتىلىشى

2020-يىلى 3-ئىيۇل

مەلىكە ساراچئايدىن

قىسقىچە مەزمۇنى
بۇرۇندىن تارتىپ بىر جەمئىيەت ياكى ئۇ جەمئىيەتنى بەرپا قىلغان شەخس ئوبراز ئۇقۇمىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ كەلگەن. شەخس ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، كۈلتۈرى ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنى تەسىر كۈچكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن ئوبراز يارىتىشقا تىرىشىدۇ . تەرەققىي قىلىۋاتقان تېخنىكا، شەخسىي كومپيۇتېر ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا دائىر پائالىيەتلەر مەۋھۇم مۇھىتقا يۆتكىلىشكە باشلىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھەمبەھىرلەنمىلەر ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار شەخسىي ياكى ئىجتىمائىي مەقسەتتە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلالايدىغان كۈچكە ئايلىنىشقا باشلىدى. شەخسىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئارخىپ ئۇچۇرلىرى باشقىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. كىشىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى ئۇ كىشىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەخسىي ئوبراز باشقۇرۇشنى زۆرۈر قىلىدۇ. بۇ ماقالىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەخسىي ئوبرازنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭ مىساللىرى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ۋە ئىشلىتىش يۆنىلىشى چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئاخىرىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەخسىي ئوبراز باشقۇرۇش دائىرىسىدە ماركىلىشىش جەريانى، باش سۈرەتتە ئىشىتىلگەن كۆرۈنۈش، ئوبيېكت ئامما، ئىزچىللىق، ئەگىشىش / ئەگىشىلىش، ئاكتىپ قاتنىشىش ۋە پوزىتسىيە قاتارلىق ماۋزۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ:

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*