ئىجتىمائىي ئەس يارىتىش كۈچى: مېدىيا / «يېڭى» مېدىيا

2020-يىلى 24-ئىيۇن

 

زەھرا سەۋىم

قىسقىچە مەزمۇنى

شەك-شۈبھىسىزكى، مېدىيا ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا مۇھىم ئورۇن ئالغان ئۇقۇملارنىڭ بىرى. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي گەۋدە ئىكەنلىكى ئۇنىڭ مۇھىتى بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرۇش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدا مېدىيا يازما، ئۈن ياكى سىنلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق شەخسنىڭ مۇھىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە ئائىلىدىن سىياسەتكىچە، مائارىپتىن سەنئەتكىچە مېدىيا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغىلى بولغۇدەك دەرىجىدە كۆرسەتمەكتە ۋە بەزى تەرەپلىرى ئارقىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا تەسىر قىلماقتا. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مېدىيا مەسىلىسى ئىجتىمائىي پەنلەردە ئەڭ كۆپ مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە تەتقىق قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ تەتقىقاتتا، بىرىنچىدىن، مېدىيا ئۇقۇمى چۈشەندۈرۈلىدۇ، ئاندىن مېدىيانىڭ ئىجتىمائىي ئەسكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نەزەرىيە جەھەتتىن باھالىنىدۇ، ئاخىرىدا، مېدىيانىڭ ئۆزگەرتىش كۈچىدىن چىقىش قىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ رولى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مېدىيا، يېڭى مېدىيا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ.

كىرىش

شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي گەۋدە بولۇشى ئالاقىنى مۇقەررەر قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، شەخسلەر تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ئۆلگۈچە بولغان پۈتكۈل جەرياندا باشقا كىشىلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئالاقە ئىچىدە بولىدۇ. مېدىيانىڭمۇ ماھىيەتتە بىر خىل ئالاقە قورالى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، مېدىيانىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلما قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىجتىمائىي، سىياسىي، كۈلتۈرەل، تېخنىكا قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن شەكىلنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئالاقە تورى دەپ تەسۋىرلەنگەن مېدىيانىڭ 21-ئەسىردىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى كۈچىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ پۇرسەتتە ئۆزگىرىدىغان ۋە يېڭىلىنىدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما «يېڭى» مېدىيا قوراللىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا. تېز ئىستېمال كۈلتۈرى دەپ تەسۋىرلەنگەن كۈنىمىز ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى قوراللارنىڭ ئۇلۇسال ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك تەسىرى بار. بولۇپمۇ يېڭى مېدىيا قورالى دەپ تەسۋىرلەنگەن «ئىجتىمائىي تاراتقۇ» نىڭ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا بولغان تەسىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ يۈزلەندۈرۈش، تەسىر كۆرسىتىش، ئۇچۇر بېرىش، يېتەكلەش، قارار ۋە پوزىتسىيەدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە ئاممىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ، تەسىر كۈچىنىڭ مۇساپىلەرنى قىسقارتىپ «ئەركىنلىك بېغىشلىغۇچى » مەيدان نۇقتىئىنەزەرىدە تېز سۈرئەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىشى بۇ قوراللارنى تېخىمۇ جەلپكار قىلماقتا. بۇ سەۋەبتىن، ئىشلىتىلىش نىسبىتى كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقان مېدىيا قوراللىرى كەلگۈسى ئىجتىمائىي قۇرۇلما تەسەۋۋۇرىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇنى نەزەردە تۇتۇپ، تەتقىقات جەريانىدا مېدىيا ئۇقۇمى، مېدىيانىڭ ئەس يارىتىش جەريانىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە يېڭىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغانلار نۇقتىسىدىن مېدىيا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كۈچى باھالاپ چىقىلىدۇ.

فۇنكسىيە نۇقتىسىدىن مېدىيا ئۇقۇمى

 مېدىيا ئۇقۇمى «medium» نىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، قورال، ئوتتۇرا، ۋاسىتە قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ لاتىن تىلىدا medius شەكلىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ خىل مەنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن غەرب تىللىرىدا «ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى »نىڭ تەڭدىشى بولغان «ئاممىۋى تاراتقۇ» ئاتالغۇسى ئىشلىتىلمەكتە (نالچائوغلۇ، 2001،51). ئومۇمىي رامكا ئىچىدە، مېدىياغا  ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كەلسە  «ئۇ يېزىق، ئۈن ياكى سىن ئارقىلىق ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يازما ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەتبۇئات، ئىنتېرنېت، كومپيۇتېر، سىن، خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى، كىتاب، سايە چۈشۈرۈش ئاپپاراتى، فاكس، تېلېفون قاتارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يىغىندىسى دېيىشكە بولىدۇ» (بۇلبۇل: 2000). گەرچە مېدىيا سۆزى كۆپلۈكنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۇ مېدىيا قورالى، سەپلىمە مېدىيا ۋە مېدىيالار سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە . بۇ خاتا ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىپادىسىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى سەۋەبىدىن «مېدىيا» سۆزى كۈندىلىك ئىستېمالدا كەڭ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ (گۇرقان، 2012: 77).

مېدىيا يېزىق، سىن، ئۈن، ئۈن-سىن ھەتتا بەزى تۇتقىلى بولىدىغان ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بېرىلگەن ئورتاق نام سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. مېدىيا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا ئۇچۇر، خەۋەر، كۆڭۈل ئېچىش، تەشۋىقات ياكى ئېلان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ (گانى: 1996). مېدىيا ھەر قانداق ئۇچۇرنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاممىغا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە (گىرگىن، 2000:48). بۇ سەۋەبتىن، گۇز (1996) مېدىيا ھادىسىسىنىڭ بىر قانچە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەيدۇ.

  • مېدىيا كۈچ مەنبەسى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى يېڭىلىقلارنى ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى كونترول قىلالايدۇ.
  • بۇ كونترول ئۇلۇسال ياكى يەرشارى خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولالايدۇ. ئۇ سەنئەت، مودا، ئۆلچەم ۋە كۈلتۈرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ.
  • مېدىيا شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مەنبەسى بولغىنىدەك، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي توپلارنىڭ قاراشلىرىنى ۋە ياشاملىرىنى خەۋەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ خەۋەر قىلالايدۇ.

مېدىيا پەرقلىق جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم بولۇپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن ساھەدە پائالىيەت قىلىدۇ. بۇ پائالىيەتلەر جەمئىيەتشۇناسلىق ماتېرىيالىدا فۇنكسىيە ئۇقۇمىغا ماس كېلىدۇ. بۇ مەقسەتتە، مېدىيانىڭ ئاساسلىق بەش خىل فۇنكسىيەسى بار دېيىلسە مۇۋاپىق بولىدۇ.

               دېنىس مىكايىل، گرېيىم بۇرتېن ۋە دانىيال كاتزلارنىڭ قارىشىچە، مېدىيا ۋاقىپلاندۇرۇش، كۈلتۈرەل ئىزچىللىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، جامائەت پىكىرى يارىتىش ۋە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسلىق فۇنكسىيەلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ (ئۆزدېمىر، 1998: 35). ۋاقىپلاندۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ ياردىمىدە، مېدىيا شەخسلەرگە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە شەخسلەرنىڭ كۆز قاراش شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مېدىيا كۈلتۈرەل تارىخ، ئەنئەنە، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد قاتارلىق ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلارنى يۆتكەش ۋە ئىلگىرىكى ئەجدادلار بىلەن بولغان رىشتىمىزنى چېتىش ئارقىلىق كۈلتۈرنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلايدۇ. ئىجتىمائىي سىستېمىدا شەخسلەرگە بىر-بىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىمكانى تەمىن ئېتىپ ئىجتىمائىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ ۋە  مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىدۇ. مۇزىكا، مۇسابىقە، يۈرۈشلۈك فىلىم قاتارلىق ھەر خىل پىروگراممىلار ئارقىلىق ئاۋامنىڭ ۋاقتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش فۇنكسىيەسىنى ئورۇندايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، مېدىيا شەخسنى جەمئىيەتتە بېكىتىلگەن مۇئەييەن مەقسەتلەرگە ماس ھالدا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ھەمدە بۇ مەقسەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئىجتىمائىي ياشامىغا ئىمكان سۇنىدۇ، شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ (ئۆزېر، 2013: 80).

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مېدىيا جەمئىيەت ئۈچۈن بىرگەۋدىلىشىش، مەقسەتكە يېتىش ۋە كونترول قىلىش، خوجايىنلار ئۈچۈن ئورۇن ۋە مەنپەئەت، ھۆكۈمران سىنىپ ئۈچۈن كۈچ, تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن كونترول  ۋە ئۆزگەرتىشنى كۆرسەتسە، جەمئىيەتتىكى ئاۋازلار ئۈچۈن دەردىگە دەرمان تېپىش, تاماشىبىنلار ئۈچۈن كۈلتۈر ۋە ئۇچۇر مەنبەسى، مېدىيا ئوبزورچىلىرى ئۈچۈن خىزمەت ۋە رازى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ (كوپاران، 2007: 91).

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مېدىيا ئىجتىمائىي قۇرۇلمىدىكى كۈچلۈك ئېلېمېنت بولۇپ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە شەكىل بېرىدۇ. مېدىيانىڭ ئىجتىمائىي كۈچىنى باھالىغاندا، ئىككى خىل كۆز قاراش مۇھىم پىلانغا چىقىدۇ. بۇلار ئاكتىپ پاسسىپ روللار دەپ ئاتىلىدۇ. مېدىيانىڭ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشتە پاسسىپ رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر مېدىيانىڭ ئۇچۇر يەتكۈزۈشتە پاسسىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پاكىتنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەينەك ئىكەنلىكىنى دەيدۇ. مېدىيانىڭ ۋەزىيەتنى ئوبيېكتىپ ۋە تەرەپسىز ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە بېسىمدىن خالىي ئىكەنلىكىنى ياقىلايدۇ. مېدىيانىڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى پىكىرلەر بولسا مېدىيانىڭ ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى بۇرمىلىغانلىقى، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە بېسىمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى، جەمئىيەتتىكى كۈچ مەركەزلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مېدىيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. كوننېلنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، مېدىيا ھاكىم ئىجتىمائىي سىنىپلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى  ئىپادىلىشى ئۈچۈن «ياڭراتقۇ»لۇق رولىنى ئۆتەيدۇ. ماركس ۋە ئېنگېلسنىڭ قارىشىچە، ماددىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىلكىدە تۇتقان سىنىپ بىرلا ۋاقىتتا پىكىر ۋە زېھنىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىمۇ كونترول قىلىدۇ (ئارسلان: 1999). كونترول قىلىنىۋاتقان زېھنىي جەريان ۋە تەپەككۇر قۇرۇلمىسى شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن «ئەستە ساقلاش» جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.

  1. 2. مېدىيانىڭ ئەس يارىتىش كۈچى

مېدىيا تېمىسى تىلغا ئېلىنغاندا ھەر خىل مۇنازىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيا دېيىلگەندە ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىنى ماھىيەت جەھەتتىكى كۆز قاراشلار دائىرىسىدە تەھلىل قىلىش كېرەك. قۇرۇلما خاراكتېرلىك، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە كۈلتۈرەل كۆز-قاراشلار مېدىيانى ھەر خىل نۇقتىدىن شەرھلەيدۇ. بۇ باھالاردىكى ئورتاق نۇقتا شۇكى، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگە بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەرخىللار «ئىدىيەۋى كونترول قىلىش» ئارقىلىق، بېسىم ياكى قايىل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن «ئاڭ سانائىتى»نى بەرپا قىلىدۇ. قۇرۇلما نەزەرىيەچىلىرى مېدىيا ھادىسىسىنى باھالىغاندا، تېكىستنى تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئاساسلىقى فىلىم، رەسىم، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، ئەدەبىي تېكىستلەر ۋە خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنى قاتارلىق تېكىست ئۇچۇرلىرىغا مەركەزلىشىدۇ.

قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۇسۇل ئادەتتە ئالتۇسسېرچە ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ يولىغا ئەگىشىدۇ. ئالتۇسسېرچە تەپەككۇر ئىدېئولوگىيە مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئىدىيەگە ئاساسلانغاندا، ئىدىيەۋى قۇرۇلما ئىقتىسادىي ئۇل مۇئەسسەسەنىڭ ئادەتتىكى ئەكس ئېتىشى دەپ قارالمايدۇ، ئىدېئولوگىيە ئۇقۇمى ئەمەلىي ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، بۇمۇ ئىقتىسادقا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالتۇسسېرنىڭ قارىشىچە، ئىقتىسادنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتا بەلگىلىگۈچىلىك رولى مەجبۇرى بولسىمۇ، ئىدىيەۋى قۇرۇلمىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، شەكىللىنىشى ۋە ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈشتە يېتەرلىك ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيا بەكرەك ئىدېئولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئالتۇسسېر ئۈستۈنكى قۇرۇلمىنىڭ ئاپتونومىيەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان «ئۆزگەرگەن ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈستۈنكى قۇرۇلمىنى ئاپتوماتىك ۋە مەجبۇرى ھاسىل قىلىدۇ» دەيدىغان قاراشقا قارشى تۇرىدۇ. ئۇ بۇ نۇقتىدىمۇ كىلاسسىك ماركسىزمدىن ئايرىلغان بولدى. ئىدېئولوگىيە پەقەتلا ئىقتىساد-سىياسەتنىڭ كېڭىيىشى ئەمەس. ئىقتىسادىي سەۋىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەنى بەلگىلەشتە تەسىرى چوڭ، ئەمما ئىدېئولوگىيە ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيەسى بىلەن ماددىي رېئاللىقتىن ئىبارەت. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، قۇرۇلما خاراكتېرلىك قاراش مېدىيانىڭ ئىدېئولوگىيەگە باغلىنىپ شەكىللەنگەنلىكىنى ياقىلايدۇ (ئارسلان: 1999). مېدىيا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرى بىلەن، نەتىجىدە نىشانلىق ئاڭلىغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر ئىدىيەۋى ئورگان. ئالتۇسسېرنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتساق، مېدىيا ۋە مېدىيا ئورگانلىرى «دۆلەتنىڭ ئىدىيەۋى ئۈسكۈنىلىرى» قاتارىدا سانىلىدىغان قۇرۇلۇشلاردۇر.

قۇرۇلمىشۇناسلار دۇنيانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ بۇ دۇنيانى قانداق چۈشىنىدىغانلىقىنى بايقاشقا تىرىشىدۇ. ستۇئارت زالنىڭ قارىشىچە، تېلېۋىزىيە مەزمۇنىنى قانداق تەييار قىلغانلىقىمىزنىڭ ھەقىقىي باھالىغۇچىلىرى، شەخىسلەر ھەر خىل گۇرۇپپىلار ۋە سىنىپلار ئارىسىدا ياشاۋاتقان مەزگىلىدە بىرلىككە كەلگەن ئىدېئولوگىيە، تىل، ئۇقۇم، كاتېگورىيە، پىكىر ئوبرازى  ۋە ۋەكىللىك سىستېمىغا باغلىق (ئىنجەئوغلۇ: 2006). ئانتونىيو گرامسىچى بولسا «ئىدېئولوگىيە» ساھەسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. گرامسكى جەمئىيەتنىڭ ئۈستۈنكى قۇرۇلمىسىنى تەكىتلەيدۇ ۋە  ئىدېئولوگىيە ھاسىل قىلىدىغان ئورگانلارنى مەنە ۋە كۈچ سەۋىيەسىدە مۇجادىلە ئىچىدە باھالايدۇ. گرامسىكى كاپىتالىستىك جەمئىيەتتە ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىنىپنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە «زومىگەرلىك» پەيدا قىلىشىنىڭ يولى دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلمىلىشىش، بولۇپمۇ كۈلتۈر ۋە ئىدىيە كونتروللۇقى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. گرامىسكىنىڭ قارىشىچە، زومىگەرلىكنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيەسى مېدىيانى ھاكىمىيەتتىكى سەرخىللارنىڭ بايلىق، كۈچ ۋە ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان قورال دەپ قارايدۇ. بۇ قوراللار زۆرۈر ئېلېمېنتلارنى شەخسلەرنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرمەكتە ۋە كۈلتۈرەل ياشام ئارقىلىق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرماقتا (ئىنجەئوغلۇ: 2006). ماركس ۋە ئالتۇسسېرنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىدېئولوگىيەنىڭ فۇنكسىيەسى جەمئىيەتنى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تەڭسىز ۋە ئادالەتسىز ھاكىمىيەتلەرنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. كاپىتالىستىك جەمئىيەتتىكى سۇبيېكتلارغا سۇنۇلغان ئۇچۇرلار  ئاممىۋى ئاڭنى تەڭشەش، مېڭىنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق يالغان ئاڭنىڭ راۋاجلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئەھۋال بىر ئەندىزىلىك تەپەككۇر ۋە بىر ئەندىزىلىك ھەرىكەتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغىمۇ سەۋەب بولىدۇ (ماركۇس،1997:19).

مېدىيانى ئىقتىسادىي-سىياسىي نۇقتىدىن باھالايدىغان نەزەرىيەچىلەر ئاساسلىقى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە توختىلىدۇ. تاشلانغان ھەر بىر قەدەمدە ئىقتىسادىي قىممەت ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا ئىقتىساد ئىدېئولوگىيەدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇچۇرلارنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنى ئىقتىسادىي ئاساسلار تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ . (ئارسلان: 1999). بۇ خىل ئۇسۇل مېدىيانى سانائەت دەپ قارايدۇ. مېدىيانىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مېدىيانىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىرقانچە باي مېدىيا خوجايىنىنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن (تەزجان,2012:250). ئەگەر دېيىش توغرا بولسا، ئۇ «مېدىيانىڭ كۈچى» ئەمەس، «كۈچلەرنىڭ مېدىياسى» غا ئايلانغان. سىياسىي ئىقتىسادىي ئۇسۇل مېدىيانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەكىتلەش ئارقىلىق كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش دىنامىكلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىقتىساد-سىياسەتنى ئاساس قىلغان ئۇسۇلنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شىللېرنىڭ قارىشىچە، ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى، ئەركىن بازار قاتارلىق شوئارلار كۈچلۈك ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئاجىزلار ئۈستىدىن نوپۇز تىكلەپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈرگەن ئاڭلىق دۆلەت سىياسىتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىللېر مېدىيانىڭ سەرخىللار تەرىپىدىن بىۋاسىتە كونترول قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئاۋامنىڭ ماقۇللۇقىنىڭ تەشۋىقات ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى (مورلېي ۋە روبىنس، 1997: 290).

كۈلتۈرەل ئۇسۇل مېدىيادا ئىقتىساد ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ دېگەن قاراشقا قارشى تۇرىدۇ. كۈلتۈرەل قاراشنى ياقىلايدىغان تەتقىقاتچىلار ماركسىزم ئەنئەنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ۋە ئەقلىي ۋە ماددىي كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «ئۇل ئەسلىھە-قۇرۇلما» مۇناسىۋىتىنى رەت قىلىپ، مېدىيانى ئاۋامنىڭ تونۇشى، ياقتۇرۇشى ۋە مايىللىقىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك شەكىللەندۈرگۈچىلىرى دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

ماركسىزمچە تەپەككۇر مېدىيانىڭ كۈچى ئىدىيەۋى بولىدۇ دەپ باھالىغاندىن كىيىن، كۈلتۈرەل ئۇسۇلنى ياقىلايدىغان تەتقىقاتچىلار ۋەقەنى ھەقىقىي ئۆلچىمىدىن بۇراش ئارقىلىق، بىلىپ ياكى بىلمەي، مېدىيانىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئاجىزدەك كۆرسىتىپ، مېدىياغا قاراتقىلى بولىدىغان دىققەت ۋە تەنقىدلەرنى ئازايتىشقا خىزمەت قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، كۈلتۈرەل ئۇسۇل مېدىيانىڭ تەسىرىگە نىسبەتەن ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشى ئاساس قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە مېدىيانىڭ كىشىلەرنىڭ مايىللىقى بىلەن شەكىللەنگەنلىكىنى بايان قىلدى (ئارسلان: 1999). بۇ مەقسەت بىلەن، كۈلتۈرنى ئاساس قىلغان نەزەرىيەشۇناسلار مېدىيانى ئىجتىمائىي ماقۇللۇقنى قولغا كەلتۈرىدىغان ياكى يوقىتىدىغان كۈرەش مەيدانى دەپ قارايدۇ.

مېدىيا ئاممىۋى ئىنكاس قوزغاش ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بۇ جاۋابلارنى بەلگىلەش جەريانى بولۇپ، مېدىيادا ئەڭ تەكىتلەنگەن مەسىلىلەر ئىچىدە مېدىيا قوراللىرىنىڭ خاراكتېرى، بۇ قوراللارنىڭ ئىگىلىرى ۋە ئىشلەۋاتقان كەسپىي خادىملارنىڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ۋە مەقسىتى قاتارلىقلار بار. نەتىجىدە، كۈنىمىزدە مېدىيانىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەرىپى مېدىيا قوراللىرىنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى بولدى (گۇرقان، 2012: 78).

ئەگەر ئومۇمىي رامكا بويىچە باھالىساق، مېدىيانىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ئىجتىمائىي قۇرۇلمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۇقەررەر. مېدىيانىڭ تەسىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۈچ دەۋرگە ئايرىلىپ تەكشۈرۈلگەن. 1910-1940-يىللىرى ئارىسىدىكى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش دەۋرىدە ئىجتىمائىي قۇرۇلما سىياسىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغاندا؛ سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش بىلەن ئاخبارات قوراللىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ  يۇقىرى بولۇشى، شۇنداقلا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن سىياسىي تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر بىلەن بىللە مېدىيانى تەشۋىققا ۋە كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىشكە دائىر تېمىلار كۈنتەرتىپكە كەلگەن (گۇرقان، 2012: 78).

مېدىيا 1940-1960-يىللاردا بىر پەن دەپ قارىلىشقا باشلىدى. پەقەت مېدىيا قوراللىرىنىڭلا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى، كۈلتۈر، قىممەت قاراش، ئېتىقاد مەسىلىسنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكى ئايان بولدى. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيانىڭ تەسىر كۈچى چەكلىك بولىدۇ دېگەن قاراش ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى ۋە بۇ دەۋر چەكلىك ئۈنۈم دەۋرى سۈپىتىدە ئىپادىلەندى. 1960-يىلدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە قايتىش ئەھۋالى كۆرۈلمەكتە. مېدىيانىڭ تەسىرىنىڭ ئۇ ئىچىدە بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە كۈلتۈرەل سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ۋە مېدىيانىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىندى (ئىشىق، 2002: 24).

ماركسىزملىق تەسىر نەزەرىيەسى مېدىيانىڭ رولى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمران كۈلتۈرىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى مېدىيا ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە تاڭغانلىقىنى، بولۇپمۇ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۈلتۈرەل قىممەتلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئامېرىكا / غەرب كۈلتۈرەل قىممەت قارىشىنى نوپۇزغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە  كۈلتۈر سانائىتى  تەرىپىدىن  ئاڭلىق ھالدا، يۈرۈشلۈك، تەك تىپ ۋە سۈنئىي ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ئېقىشى، ئۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كاپىتالىستىك قىممەت قارىشى ۋە نىشانىنى قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىدىن يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەيدۇ (ئىشق:2002،95-97). يەر شارىلىشىش دائىرىسىدە، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش رامكىسى ئىچىدە تەرەققىي قىلغان كۆپ ئۇلۇسلۇق شىركەتلەر (دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر) ئۆزى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئىستېمالغا قىزىقتۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، تۇرمۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۈلتۈرىنى تاق يۆنىلىشلىك ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە ماس ھالدا  تەرەققىي قىلمىغان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تارقىتىدۇ. خەۋەرلىشىشتىن باشقا، كۆڭۈل ئېچىش كۈلتۈرىنىڭمۇ بۇ ساھەلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلۈشى دۇنيانى ئۇلارنىڭ پەنجىرىسىدىن كۆرۈشىمىزگە سەۋەب بولىدۇ (مورا: 2008). ئەگەر بۇ جۈملە جايىدا بولسا،  مېدىيا  ئىجتىمائىي ئەس يارىتىش تىرىشچانلىقى بىلەن شەخسلەرنىڭ ئەقلىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ،  ئورتاق بىر ئەس ئارقىلىق شەخسلەرنى بىر-بىرىگە ئوخشىتىۋاتىدۇ ۋە ئۆزگەرگەن، ئالماشقان، ھەتتا يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات، قىممەت قاراش، ئېتىقاد ۋە ياشام ئادەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

  1. 3. ئۆزگەرگەنلەر، ئايلانغانلار، يېڭىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغانلار:«يېڭى/ ئىجتىمائىي» مېدىيا

مېدىيا كۈندىلىك تۇرمۇشتىن پولىتىكىغىچە، سەنئەتتىن سىياسەتكىچە، تەنتەربىيەدىن ئىقتىسادقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇھىم ئاكتىيورلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ماكرو ئۆلچەمدە جەمئىيەتلەرنىڭ، مىكرو ئۆلچەمدە شەخسلەرنىڭ ئىجتىمائىي بارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇشى، داۋاملاشتۇرۇشى، يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىپ كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم. شەخسلەرنىڭ بىلىش جەھەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئەخلاق كىملىكىگە ئىگە بولۇشى، ئىنساننىڭ مىجەزى ۋە ئۆزلۈكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شەخس ئۆزى تۇرۇۋاتقان گۇرۇپپىنىڭ قىممەت قارىشى، قائىدىسى ۋە ئاساسلىق پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسىنى ئۆگىنىشى ۋە ئۇنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيانىڭ بۇ جەرياندىكى ئەھمىيىتى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رېئاللىق. مېدىيا قوراللىرى جەمئىيەتنىڭ كۈلتۈرەل ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسىمى . مېدىيا كۈلتۈرەل مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ياكى يېڭىدىن ئىشلىنىشى جەھەتتىن مۇھىم بولغانغا ئوخشاش، كۈلتۈرنى خەلق ئارىسىغا تارقىتىش، ئۆگىتىش ۋە بۇ كۈلتۈر ئاساسىدا ياشىتىش جەھەتتىنمۇ ھاياتى فۇنكسىيەگە ئىگە. مېدىيا شەخسلەرنىڭ مەلۇماتى، كۆز قارىشى، پوزىتسىيەسى، ھېسسىياتى ۋە ھەرىكىتىگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شەخسلەرلا ئەمەس، ئىجتىمائىي توپلار، تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي ئورگانلار قىسقىسى، پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە كۈلتۈر مېدىيانىڭ  تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىدە. كلېپېر مېدىيانىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى تەسىرىنى ئۆزگەرتىپ ئايلاندۇرۇش (پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش)، ئازراق ئۆزگەرتىش (قىسمەنلىرىنى ئۆزگەرتىش) ۋە كۈچلەندۈرۈش (بار بولغانلىرىنى كۈچلەندۈرۈش) دەپ ئۈچ گۇرۇپپىغا يىغىدۇ  (ئارسلان: 2004). مېدىيا دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقە، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە شەخسلەرنى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئىجتىمائىي پىكىر شەكىللەندۈرىدۇ (كۈز، 2005: 14).

ئۇندىن باشقا، شەخسلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىش ۋە كۈچەيتىش كۈچىگە ئىگە مېدىيا جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان قائىدە ۋە ۋەزىيەتنى ئۇدا تەكرارلايدۇ ۋە ئۇلارنى خەۋەر، كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى، يۈرۈشلۈك فىلىملەر شەكلىدە يېڭىدىن ئىشلەش ئارقىلىق ئاۋامنىڭ كۈن تەرتىپىگە سۇنىدۇ. ئۇنتۇلغان تارىخىي تېمىلارنى ھۆججەتلىك فىلىملەر ئارقىلىق كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ تېمىلارنى ئاممىغا ئەسلىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ داۋاملىق ئەستە ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئەسلىنىدۇ، يېڭىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ، ئېنىقلىنىدۇ ۋە شەرھلىنىدۇ. مېدىيا مەزمۇنلىرى ئارقىلىق شەخسلەر دۇنياسىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرىدۇ ۋە شەخسلەرنىڭ ھېسسىياتى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يېڭى ئۆلچەم قوشىدۇ (ئۆزەر، 2013: 81). مېدىيانىڭ بۇ شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىش كۈچى شەخسلەر ۋە جەمئىيەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي قۇرۇلما ئىچىدە كۈچلۈك مەۋقەگە ئىگە  سىياسىي رەھبەرلەرنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەلۋەتتە، مېدىيانىڭ شەخسلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالاقە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىنتايىن مۇھىم خىزمەتلىرىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، مۇز تاغنىڭ كۆرۈنمەس تەرىپىنى ئەسلەش ۋە ئەسلىتىپ قويۇشتا زىيان يوق. ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە شەخسلەرگە ناھايىتى مۇھىم مۇلازىمەتلەرنى قىلىدىغان مېدىيانى ئەگەر (ئاكتىيورلار ) خالىسا ناھايىتى ئۈنۈملۈك تەشۋىقات قورالى، شۇنداقلا كەڭ ئاممىنىڭ مېڭىلىرىنى يۇيۇشتىكى كۈچلۈك قورال سۈپىتىدە ئىشلىتەلەيدۇ. مېدىياغا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ياكى كونترول قىلىدىغان كىشىلەر ياكى گۇرۇپپىلار قىزىقىشى ۋە خاھىشى بويىچە خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، ئوي-پىكىرلىرى ۋە ۋەقە-ھادىسەلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرۈش كۈچىنى ئۆزىنىڭ مونوپوللۇقىغا تۇتۇشنى خالايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مېدىيا كۈلتۈرەل مۇستەملىكە ۋە كۈلتۈرەل ئاسسىمىلياتسىيە مەقسىتىدىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. يەنە تېخى مېدىيانىڭ بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇش، مىللىي بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق تۇيغۇلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي ھۇزۇر ۋە تىنچلىق مۇھىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنى مالىمانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىققا سۆرەپ كىرىش  مەقسىتىدە ئىشلىتىلىش پوتېنسىيالىمۇ بار (ئارسلان: 1999).

كۈنىمىزدە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى تېز تەرەققىياتلار تىل ئىستېمالىمىزغا يېڭى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، يېڭى مېدىيا، ئىنتېرنېت  ئىجتىمائىي تاراتقۇ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئۇقۇملارنى قوشتى. بۇ يېڭى شەكىللەر سوتسىيال، كۈلتۈرەل ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. بېيۇدرىللاردنىڭ قارىشىچە(Baudrillard)، يېڭى مېدىيا، بولۇپمۇ تېلېۋىزور بىز تۇرۇۋاتقان رېئاللىقنى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىدىكەن. ئۇ ئېلېكتىرونلۇق مېدىيانىڭ ئۆتمۈش بىلەن بولغان رىشتىمىزنى پاچاقلاپ تاشلاپ، قالايمىقان قۇرۇق بىر دۇنيا پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق خەۋەرلىشىش ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ ئومۇملىشىشى ماركسىزم نەزەرىيەسىنى رەت قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىجتىمائىي ھايات ئىقتىسادىي كۈچنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئوبرازلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەيدۇ. مېدىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بىر دەۋردە چۈشەنچىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئوبرازلارنىڭ ئېقىشى بىلەن بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ياقىلايدۇ (گىدېنس، 2008: 153). دۇنيامىزنىڭ كۆپ قىسىمى مۇشۇنداق «سۈنئىي ئىنسان ئالەمى» گە ئايلاندى. شەخسلەر بۇ ئالەم ئىچىدە ھەقىقىي ئادەم ۋە جايلارغا ئەمەس، بەلكى مېدىيا ئوبرازلىرىغا ئىنكاس قايتۇرماقتا.

مانۇئېل كاستېلس مېدىيا ۋە ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەسىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تورنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تور ئىقتىسادىنىڭ ئۇچۇر جەمئىيىتىگە مۆھۈرىنى باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تور جەمئىيىتىدە شەخسىي كىملىكنىڭ ئالدى پىلانغا چىققانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، ئەمدى كىملىكىمىزنى ئۆتمۈشتىن ئۆتكۈزۈۋالمايمىز، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئۆزىمىز يارىتىشقا مەجبۇرمىز دەيدۇ (گىدېنس، 2008: 159).  ھەممە نەرسە تېز ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەمدى «يېڭى»لاغا ئېھتىياج تۇغۇلماقتا. «يېڭى مېدىيا» ياكى «يېڭى مېدىيا قوراللىرى» ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. يېڭى مېدىيا ئۇقۇمى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسى بىلەن بىللە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مېدىيا قوراللىرىنى ئىپادىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ (دىلمېن،2007:114). نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن يېڭى مېدىيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىجتىمائىي تاراتقۇ» كۈن تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. خابېرماسنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ئاممىۋى سورۇن» نىڭ شەكىللىنىشى بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ (تەزجان،2012:250). ئىنتېرنېت تورى شەخسلەر ئۈچۈن ئوچۇق سۆھبەت، مۇنازىرە ۋە ئىجتىمائىيلىشىش مۇھىتى يارىتىش ئارقىلىق ئاممىۋى سورۇننىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شەخسىي تەئەللۇقلار ئاممىۋى سورۇندا نامايان بولۇۋاتقان كۈنىمىزدە، بۇ فۇنكسىيە كۆپىنچە يېڭى مېدىيا قوراللىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. يېڭى مېدىيا شەخسلەرنى ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ناھايىتى ئاددىي شەكىلدە ئورتاقلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شەخسلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇقۇمى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇ شەخسلەرنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى چىڭىتىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم. بولۇپمۇ جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە (كىرسچېنباۋم, 2004: 99).

يەنە بىر جەھەتتىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشتە بەزى ئەۋزەللىكلىرى بار. ئىشلەتكۈچىلەرگە ناھايىتى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئەۋزەللىكى تەمىن ئېتىشىنى بۇنىڭغا مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. (گىلبېرت ۋە كاراھالىيۇس،2009:2). ئىجتىمائىي تاراتقۇ تېز تەشكىللەش كۈچى سايىسىدىمۇ شەخسلەرنىڭ ئوي-پىكرى ياكى ھەرىكىتىنىڭ ئىجتىمائىي مەيداندا ياڭرىشى ئۈچۈن مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ . ئەمەلىيەتتە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بۇ سايىدە شەخسلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئاممىۋى ئادەتلىرىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىش كۈچىمۇ بار

ئاممىغا تېز تەسىر كۆرسىتىش ۋە توپلاش كۈچىگە ئىگە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ دائىم تاللىنشتىكى سەۋەبنى؛  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ ۋاقىت ۋە ماكاندىن مۇستەقىل ھالدا ئاممىغا يېتىپ بارالىشى، شەخسلەرنىڭمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى يازالىشى ۋە بايان قىلالىشى، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇشى دېيىشكە بولىدۇ (تۇنچ ۋە ئاتىككانم،2011, 49). ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئابۇنىتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ تاماشىبىنلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ قويۇق ۋە ئۆز-ئارا بولىدۇ. قويۇق ۋە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كۈچ شەخسلەرنىڭ ھەرىكىتى، پوزىتسىيەسى ياكى ئوي-پىكىرلىرىنى تېخىمۇ تېز ئۆزگەرتەلەيدۇ (ئۆزگەن ،2012:13). بۇ تەسىر بىلەن ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنىڭ جامائەت پىكىرى ۋە كۈن تەرتىپ يارىتىشتىكى كۈچى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يۆتكەلدى دېيىشكە بولىدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرى ئورتاق ئاممىۋى تۇيغۇ پەيدا قىلماقتا، مودېرن شەخسلەرنىڭ يېڭى ئىجتىمائىيلىشىش قورالى / ماكانىغا ئايلانماقتا. لېكىن، بۇ ئىجتىمائىيلىشىش داۋىد رېيسمان «يالغۇز كىشىلەر توپى» دەپ ئاتىغان مۇنازىرىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى (سېننېت، 1996: 18). ئۇنسال ئوسكاي زامانىۋى ئالاقە تېخنىكىسى ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەركىنلىك يارىتىدۇ دېگەن قاراشنى «خاتا ۋە خەتەرلىك ئۈمىدۋارلىق» دەپ ئىزاھلايدۇ (ئوسكاي، 2000: 416).

ئىجتىمائىي تاراتقۇ شەخسنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئابستراكت سەۋىيەگە يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇنى رېئال تۇرمۇشتىكى كونكرېت يالغۇزلۇققا ئىتتىرىدۇ. لېئون «ۋۇجۇدلارنىڭ يوقىلىشى» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ شەخسنى سۆرەپ كىرىدىغان ئەڭ چوڭ زىددىيەتلىرىنىڭ بىرى (لىئون، 2006:34). نېدزۋىيەسكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كىشىلەرنى يېڭى تىپتىكى ماراش كۈلتۈرى «Peeking Culture» نىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرىدىغان ئىككى مۇھىم سەۋەب بار. بىرىنچىسى، «روھنىڭ باشقا بىر روھقا تۇتىشىشى ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى»، يەنە بىرى «كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە ئاممىباب كۈلتۈر بىزگە سىڭدۈرگەن دىققەت تارتىش ۋە ياقتۇرۇلۇش ئارزۇسى» (نېدزۋىيەسكى, 2010: 42). نېدزۋىيەسكىنىڭ كۈنىمىز كىشىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ يەكۈنلىرى زامانىۋى ياشامنى كۆزدە تۇتقاندا ناھايىتى توغرا. چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەر بىر ئېھتىياجى ئۈچۈن تور ئىشلىتىدىغان شەخسلەر ھاياتنىڭ مەنىسى دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغان نۇرغۇن تۇيغۇلاردىن ئىشخانىدا، قاتناش قىستاڭچىلىقىدا ياكى كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ مەھرۇم قالماقتا. زامانىۋى دەۋردىكى بۇ يالغۇز شەخس ئۇنىڭغا يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ئەمەلىي شەكلى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشنى قىممەتلىك ئادەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. شەخس قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سايىسىدە يالغۇزلۇقىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىغا ئىگە بولماقتا. بۇ كىشىلەر توپىغا ئوخشىشىپ قالغان بىر كىشىنىڭ «مەنمۇ بۇ يەردە!» دەپ ۋارقىرىشىنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى. زامانىۋىلىشىشقا ئەگىشىپ يەككە ۋە يالغۇزلىشىۋاتقان شەخسنىڭ يېڭى كەيپىياتى «بىر ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىم بار، ئۇنداقتا مەنمۇ بار!» شەكلىگە ئايلاندى ۋە ئىجتىمائىيلىشىش ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەتكەنگە باراۋەر دەپ قارىلىشقا باشلىدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ تەسىرى شەخسىي تەرەپلەردىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ياشامدا پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلەردىمۇ ئەكس ئەتمەكتە. بۈگۈنكى دۇنيا تەرەققىياتى شەخسلەرنى يېڭى ئىجتىمائىي ھەرىكەتكە / ھەرىكەتچانلىققا يېتەكلىمەكتە. ھابېرماس ئاممىۋى سورۇننى شەخسلەر ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتاق مەسىلىنى چۆرىدەپ پىكىر قىلىدىغان، راتسىيونال مۇنازىرىگە قاتنىشىدىغان، بۇ مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئورتاق پىكىر، يەنى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ۋاسىتە، جەريان ۋە ئورۇن دەپ تەسۋىرلەيدۇ . ئاممىۋى سورۇنلار مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن ياشاش مۇھىتى. ئاممىۋى جەمئىيەت كېڭەيگەندە، بىۋاسىتە مۇنازىرىلەرنىڭ ئورنىنى ۋاسىتىلەر-مېدىيا يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىلەر ئالىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، مېدىيا جامائەتنىڭ ۋە جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل (خابېرماس: 1997).

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭمۇ مىش-مىش پاراڭلارنى تېز تارقىتىش ۋە شۇنىڭغا ئاساسەنمۇ شەخسلەرنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش كۈچى بار. مەلۇم بىر تېما توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار ۋە يالغان خەۋەرلەر مەزكۇر ھادىسەنىڭ گۇرۇپپا ياكى جەمئىيەت ئىچىدىكى مۇھىملىقى دائىرىسىدە ھەمدە ئۇ گۇرۇپپا ئىچىدىكى شەخسلەرنىڭ ھاياتىدا بۇ ھادىسە ئېنىقسىزلىقتىن قۇتۇلالمايدىغان دەرىجىدە تارقىلىدۇ (ئوسكاي، 1985: 161).

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلار قورقۇنچ كۈلتۈرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەكس ئېتىش قوراللىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا دائىم ئۇچرايدىغان مىش-مىش پاراڭلار شەخسلەرنىڭ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە يېڭىدىن شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ مىش-مىش پاراڭلار مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، قۇلاقلار ئارا ئايلىنىۋاتقان ئۇچۇرلار سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ. مىش-مىش پاراڭلار بەزىدە «شەھەر رىۋايەتلىرى» نىڭ شەكىللىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ، بۇ چاغدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارمۇ «شەھەر رىۋايەتلىرى» نىڭ «مەۋھۇم رىۋايەت» لەرگە ئايلىنىشىغا مۇھىم ھەسسە قوشالايدۇ.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە تېز تارقىلىۋاتقان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلەر پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان يەرشارىۋىيلىققا ئىگە (دەلىباشى:2012). بۈگۈن دۇنيا زامانىۋىلاشماقتا، زامانىۋىلىشىش بىلەن بارلىققا كەلگەن سوتسيو-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش شەخسنىڭ ھاياتى/ ھەرىكىتى/ پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، زامانىۋى دۇنيادا شەخس يالغۇزلاشماقتا ۋە قورقۇش خاھىشى ئىچىدە ئىشەنچنىڭ يىمىرىلىشىگە دۇچ كەلمەكتە (دەلىباشى ۋە گۆركاي:2009). بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مىش-مىش پاراڭلار مېدىيانىڭ، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مىسال ئالساق، بەلكىم  2012-يىلى 12-ئايدا ھەقىقىي قىيامەت قايىم بولمىغاندۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئىشەنمىگەنلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىيامەت قايىم بولغانلىقى بىر رېئاللىق.

خۇلاسە

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مېدىيا رېئاللىقنى ئەينەن كۆرسىتىش ياكى پەرقلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيا رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگەنگە ئوخشاش شەخسلەرنى ياكى جەمئىيەتنى رېئاللىقتىن ھەم يىراقلاشتۇرالايدۇ. ھۆكۈمران كۈچ مېدىياغا كۆرسەتمە بېرەلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن، مېدىيا بەزىدە ۋەقەلەرنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، بەزىدە سۈنئىي كۈن تەرتىپ يارىتىش ئارقىلىق ۋەقەلەرنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. قىسقىسى، مېدىيا ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن ئىشلەش جەھەتتىن ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدىكى بارلىق ئورگانلار مېدىيانىڭ شەكىللەندۈرۈش كۈچىدىن نېسىۋىسىنى ئالماقتا. ئائىلىدىن سىياسەتكىچە، كۈلتۈردىن مائارىپقىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە مېدىيانىڭ كۈچلۈك تەسىرى بارلىقى ھەققىدە سۆزلەش مۇمكىن. ئەگەر ئومۇمىي رامكا سىزماقچى بولسا، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، كۆڭۈل ئېچىش-مۇسابىقە پىروگراممىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشتە ھۆكۈمرانلىق كۈچى خېلىلا يۇقىرى. بىراق، شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، مېدىيانىڭ ئاكتىپ كۈچى كۈچلەرنىڭ مېدىياسى بىلەنمۇ شەكىللىنەلەيدۇ. شۇڭا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ۋەقەلەرنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە مېدىيا بىلەن كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈن شەخسلەرنىڭ مايىللىقىنى پىسخىكىسىغا ئاساسەن يېتەكلەش مۇمكىن ھالغا كەلدى. پىروگراممىلار، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەر بۇ يۆنىلىشكە ماس ھالدا ئىشلىنىۋاتىدۇ. ئومۇمىي نۇقتىغا قارايدىغان بولساق، ئاممىۋى كۈلتۈر مېدىيا كونترولىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنمەكتە. ھازىر مېدىيا ساھەسىدىكى يېڭى سۆز ئىگىلىرىنىڭ بىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۈپىتىدە پەيدا بولدى. ئىنتېرنېت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ياردىمىدە بىر جەمئىيەتتىن يەنە بىر جەمئىيەتكە ئالاقە قاناللىرى ئېچىلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شەخسىي، كۈلتۈرەل، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ كۈچىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە ئاممىۋى چۈشەنچە ۋە ئادەتلەرنى  ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن ئىشلەشتە مېدىيا/ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرۈنەرلىك نامايان قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۈگۈن مېدىيا شەخس/ جەمئىيەتنىڭ قولى، كۆزى ۋە قۇلىقىغا ئەمەس، مېڭىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئاممىۋى چۈشەنچە ۋە ئادەتلەر رەقەملىك قاناللار ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلمەكتە.

مەنبەلەر

KAYNAKÇA

  • Atikkan, Zeynep ve Tunç, Aslı (2011). Blogdan Al Haberi: Haber Blogları. Demokrasi ve Gazeteciliğin Geleceği Üzerine, 1.Basım, İstanbul:Yapı Kredi Yayınları.
  • Arslan, Ali (2004). Medyanın Birey, Toplum ve Kültür Üzerine Etkileri. Uluslararsı İnsan Bilimleri Dergisi, ISSN: 1303-5134.
  • Arslan, Ali (1999). Who Rules Turkey: The Turkish Power Elite and the Roles, Functions and Social Backgrounds of Turkish Elites. Guildford: University of Surrey, Department of Sociology (PhD Thesis).
  • Bülbül, Rıdvan (2000). Genel Gazetecilik Bilgileri. Ankara: Nobel Yayın Dağıtım.
  • Delibaş, Kayhan (2012). 21 Aralık Kıyamet Söylentilerinin Sosyolojik Anlamı. http://www.youtube.com/watch?v=Dl8By6Qp-m4, Erişim Tarihi: 01.01.2019
  • Delibaş, Kayhan ve Görkey, Sevgi (2009). ‘Bu Bilgiyi Mutlaka Tüm Sevdiklerinizle Paylaşın’: Risk, Korku ve Belirsizliklerin İnternette Dışa Vurumu. Sosyoloji Derneği, 6. Ulusal Sosyoloji Kongresi Bildiri Kitabı, Toplumsal Dönüşümler ve Sosyolojik Yaklaşımlar, Aydın: Adnan Menderes Üniversitesi, Ekim, S: 354-376.
  • Dilmen, Necmi Emel (2007). Yeni Medya Kavramı Çerçevesinde İnternet Günlükleri-Bloglar ve Gazeteciliğe Yansımaları. Marmara İletişim Dergisi, Sayı:12/Şubat.
  • Gani, Veysel (1996). Medya ve Eğitim. Yeni Türkiye Dergisi, Sayı:12.
  • Gıddens, Anthony (2008). Sosyoloji. Haz. Cemal Güzel, İstanbul: Kırmızı Yayınları.
  • Gilbert, Eric ve Karahalios, Karrie. (2009). Predicting Tie Strength With Social Media. Nisan 4-9.
  • Girgin, Atilla (2000). Yazılı Basında Haber ve Habercilik Etik’i, Ankara: İnkılâp Kitapevi.
  • Gürcan, Halil İbrahim (2012). Medya ve İletişim. Eskişehir: Açıköğretim Fakültesi Yayınları.
  • Güz,Nurettin (2005). Haberde Yönlendirme ve Kamuoyu Araştırmaları. İstanbul: Nobel Yay.
  • Güz, Nurettin (1996). Açık Toplum, Demokrasi, Kitle İletişim Araçları, Yeni Türkiye, Medya Özel Sayısı, Sayı:11.
  • Habermas, Jurgen (1997). Kamusallığın Yapısal Dönüşü. Çev. Tanıl Bora ve Mithat Sancar, İstanbul: İletişim Yayınları.
  • Işık, Metin (2002). Kitle İletişim Teorilerine Giriş. İstanbul: Eğitim Kitabevi Yayınları.
  • İnceoğlu, Yasemin (2006). Medya İktidar İlişkilerinin Tarihsel Gelişimi. http://eski.bianet.org/2006/10/27/86980.htm, Erişim Tarihi: 13.01.2019
  • Kirschenbaum, Alan (2004). Generic Sources of Disaster Communities: A Social Network Approach. International Journal of Sociology and Social Policy, Vol. 24, No. 10/11.
  • Koparan, Nurcan (2007). Medyanın Kadınlar Üzerindeki Etkisi. Yayınlanmamış Yüksek Lisans Tezi, Gazi Üniversitesi, Ankara: Eğitim Bilimleri Enstitüsü.
  • Lyon, David. (2006). Günlük Hayatı Kontrol Etmek: Gözetlenen Toplum. Gözde Soykan (Çev.), 1.Basım, İstanbul: Kalkedeon Yayıncılık.
  • Marcuse, Herbert (1997). Tek Boyutlu İnsan. Çev. Aziz Yardımlı, İstanbul: İdea Yayınları
  • Mora, Necla., (2008). Medya ve Kültürel Kimlik. Uluslararası İnsan Bilimleri Dergisi, Cilt:5, Sayı:1.
  • Morley, David ve Robins Kevin (1995). Kimlik Mekânları: Küresel Medya, Elektronik Ortamlar ve Kültürel Sınırlar. Emrehan Zeybekoğlu, (Çev.) İstanbul: Ayrıntı Yay.
  • Nalçaoğlu, Halil. (2008). Medya ve Toplum İlişkisini Anlamak Üzere Bir Çerçeve. Sevda Alankuş (Ed.) Medya ve Toplum içinde, İstanbul: İletişim Vakfı Yayınları, ss: 51-64.
  • Niedzvicki, Hal (2010). Dikizleme Günlüğü. Çev. Gökçe Gündüç, 1.Basım, İstanbul: Ayrıntı Yayınları.
  • Oskay, Ünsal (2000). 19.Yüzyıldan Günümüze Kitle İletişiminin Kültürel İşlevleri Kuramsal Bir Yaklaşım. 4.Basım, İstanbul: Der Yayınevi.
  • Oskay, Ünsal (1985). Kitle Haberleşmesi Teorilerine Giriş. Ankara: A.Ü.S.B.F. Basın Yayın Yüksekokulu Basımevi
  • Özdemir, Sadi (1998). Medya Emperyalizmi ve Küreselleşme. İstanbul: Timaş Yayınları.
  • Özer, Ömer (2013). Medya- Siyaset- Kültür. Eskişehir: Anadolu Üniversitesi Yayını.
  • Özgen, Ebru., (2012). Sosyal Medya / İletişim. Tolga Kara, Ebru Özgen, (Ed.). Sosyal Medya / Akademi içinde, İstanbul: Beta Basım Yayım.
  • Sennett, Richard (1996). Kamusal İnsanın Çöküşü. Çev. Serpil Durak, Abdullah Yılmaz, İstanbul: Ayrıntı Yayınları.
  • Tezcan, Mahmut (2012). Sosyolojiye Giriş. Ankara: Anı Yayınları.

 ماقالىنىڭ ئەسلى مەنبەسى:

TOPLUMSAL BİR HAFIZA YARATMA GÜCÜ: MEDYA / “YENİ” MEDYA

http://www.sosyalarastirmalar.com/cilt12/sayi63_pdf/4sosyoloji_psikoloji_felsefe/sevim_zehra.pdf

تەرجىمان: ئەلتۇغ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*