ئەقىللىقلەر ۋە دۆتلەر

2020-يىلى 24-ئۆكتەبىر

مۇستافا چاغرى

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي:  ئاساسلىق كۆز قاراشقا ئاساسلانغاندا ، ئەقىل بىلەن ئىدراك ئوخشىمايدۇ. ھەر ئەقىللىق كىشى ئىدراكلىق بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىدراكلىق كىشى ئەقىللىق بولالمايدۇ. ئىدراكلىق ئادەم قەستەن يامانلىق قىلىدۇ ، ئەمما ئەقىللىق ئادەم ئۇنداق قىلمايدۇ.

ئىسلام ئەخلاق مەدەنىيىتىگە ئائىت بەزى مەنبەلەردە ئاڭلىتىلىشىچە ، قەدىمكى ئىران ھۆكۈمرانلىرى ئەقىللىق كىشىگە ئاچچىقلانغاندا ، ئۇنى جازالاش ئۈچۈن ئەخمەقلەر بىلەن بىر جايغا سولىۋېتىدىكەن. دانالارنىڭ ئېيتىشىچە: « ئەقىللىق كىشىنىڭ دۈشمەنلىكى، ئەخمەقنىڭ دوستلۇقىدىن پايدىلىقتۇر.» ئىكەن.

ئەخمەقلەرنىڭ ئادەم چىداپ بولالمايدىغان تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئىمام شافىي مۇنداق دېگەن: «قاچان بىر ئەخمەق ئادەم بىلەن پاراڭلاشقاندا ، بەدىنىمنىڭ ئۇنىڭ تەرىپىدىكى يېرىمىنى قالغان يېرىمىدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن.»

ئېيتىشلارغا قارىغاندا ،گېرمانىيە شائىرى گوتې: «ئەڭ چوڭ ئوغرىلار ئەخمەقلەر ، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئوغرىلايدۇ.» دېگەن.

ھەمىشە ئەخمەق كىشىلەرنىڭ جىقلىقى ۋە ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ بولسا ئاز ئىكەنلىكى دېيىلىدۇ.

قەدىمكى ئەرەب شېئىرىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئەگەر ئەقىللىق ئادەم تەڭپۇڭلۇق بىلەن مېڭىشنى ئويلىسا ،

يولدا يالغۇز مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

ئەگەر ساراڭ ۋە ئەخمەقنى يوقىتىپ قويساڭ ،

ھەر بىر بۇلۇڭدا نۇرغۇن تەڭداشلارنى تاپالايسىز.»

 گەرچە ھەممە ئادەم دېگۈدەك ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ ئاز، ئەخمەق كىشىلەرنىڭ  جىق ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلىسىمۇ راستىنى ئېيتساق ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنى دانالار قاتارىدا كۆرىمىز. ماقال-تەمسىللىرىمىزدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « كىشىلەر ئەقلىنى  بازارغا چىقىرىپتۇ لېكىن ھەممە ئادەم  ئۆزىنىڭ ئەقلىنى تاللاپ ئېلىۋاپتۇ.» ئەمما ، غەزالىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، «ئەڭ ئەخمەق كىشىلەر ، ئۆزىنىڭ ئەقلىگە ئەڭ ئىشىنىدىغان ،

ئەڭ ئەقىللىق بولغان كىشىلەردە ئۆزى ھەققىدە ئەڭ كۆپ ئويلىنىدىغان، ئۆزىدىن ھېساب سورايدىغان ۋە ئەڭ كۆپ سوئال سوراپ ئۆگىنىدىغانلاردۇر.» پەيلاسوپ ۋولتايېرنىڭ: «ئۆزىنى ئەقىللىق دەپ قارىغان ھەممە ئادەم ئەخمەقتۇر» دېگەنلىكىنى ئوقۇغانىدىم. شۇڭا ، غەزالى بىلەن ۋولتايېرنىڭ دېگەنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، چىققان خۇلاسىگە قارىغاندا، ئەقىللىق كىشىلىرىمىز ھەقىقەتەن بەك ئاز ئىكەن.

ئەقىللىقلارنى ئەخمەقلەردىن قانداقمۇ ئايرىغىلى بولىدۇ؟

بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى: ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەم ھەرگىزمۇ تەلۋە ۋە تەرسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئاشقۇن ۋە ئاساسسىز قاراشلىرى بولمايدۇ. چۈنكى ئۆزىنىڭ بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۆزى بىلگەننى مۇنازىرىلىشىپ ئىسپاتلاشقا ۋە بىلمەيدىغانلىرىنى بىلىدىغان بىرىدىن ئەستايىدىللىق  بىلەن ئاڭلاشقا تەييار بولىدۇ. توغرا بىلگەنلىرى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ راست دەپ تونۇلسا، بۇنىڭدىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر باشقىلار خاتالىقىنى ئىسپاتلىسا، خاتالىقنى تۈزىتىش پۇرسىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە  خۇشال بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئەقىللىق ئادەم ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. بۇبىلىمنىڭ ئېنىقلىقىدىن كېلىدۇ، ئەقىل ئېنىق ئىلىمنى تاپالايدۇ.

ئەخمەق كىشىلەر بولسا ئىپتىدائىي ھېسسىياتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولغاچقا، خاتالىقى كۆرسىتىلدى دەپ سەپرا بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا بەزىلەرىنىڭ قولىدا كۈچ بولسا زالىملىشىپ كېتىدۇ، بۇنداقلارنىڭ زالىملىقى چېدىغۇسىز بولىدۇ.

جەمئىىيىتىمىزدە بۇنداق ئەخمىقانىلىقلارنى كوچا قاتىللىقىدىن تارتىپ كىشىنى ھاقارەتلەيدىغان تىللارغىچە بولۇپ كۆپ كۆرىمىز. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قوپال ۋە ھاقارەت خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ، شۇنداقلا ئىستوندىكى ئوخشاش ئەھمىيەتسىز باھالار مۇشۇنداق. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، بىر قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر بەزى ئەخمەقلەرگە ئوخشاش كىشىنى بىزار قىلىدىغان جاۋاب قايتۇرالماسلىقتەك بەختسىزلىككە دۇچار بولماقتا. ئالدىنقى ئەسىردە ، بىز تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەنگەن پۇرسەتنىڭ خەلقنى شۈمۈرۈش ، ئىدىيە ، سىياسەت ، كوممۇنىزم ۋە باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن ئازدۇرۇش ياكى قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق.

ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ بەختسىز بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ، ئۇلار ئەخمەقلەر كۆرەلمەيدىغان يامانلىق بىلەن خاتالىقنى كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئەقىللىق كىشىلەر ھەمىشە ئۇلارنى تۈزەش كۈچىگە قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ،  بۇنداق ئىشلارنى كۆرمەيدىغان ۋە راھەت ھېس قىلىدىغان ئەخمەقلەرگە ھەۋەس قىلىپمۇ قالىدۇ.

بۇ ئەھۋالدىن  زارلىنىدىغان نۇرغۇن دانا كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى مەرھۇم زىيا پاشا:

ئۇ بىر شېئىرىدا مۇنداق دىگەن:

Âzâde-ser olurdum âsîb-i derd ü gamdan

yâ dehre gelmeseydim yâ aklım olmasaydı

(ئاۋارىچىلىق ۋە قايغۇدىن قۇتۇلاتتىم

 مەن تۇغۇلمىغان بولسام ياكى ئويلىمىغان بولسام.)

زىيا پاشا ۋە سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ زارلىنىشىدا كۆرسىتىلگەندەك ، بەزىدە ئەقىل جەھەتتە باشقا جانلىقلاردىن سەل ئۈستۈن تۇرغانلارنىڭ راھەتلىكىنى كۆرگىنىمىزدە ، ئۇلارغا ھەۋەس قىلىدىغان ئەقىللىقلارنىڭ بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز.

كونا تەسەۋۋۇپلارغا ئوخشاش ، بىز دەۋرىمىزدە ئاممىنىڭ ئەخمەقلىقىنى كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىغاچقا ، قانداقتۇر جەمئىيەتتىن ئۆزىنى ئايرىپ تۇرىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمىز.

تەرجىمان: سالاھىددىن قەشقىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*