ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

2019-يىلى 7-دېكابىر

2019-يىلى 6 – دېكابىر كۈنى ئەنقەرەنىڭ پولاتلى رايونىدىكى «تۈرك ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنىڭ شۆبىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.”تۈرك ئوجاقلىرى” پولاتلى شۆبىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ” شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى” توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.
سۆزىنى جازا لاگېرى مەسلىسى بىلەن باشلىغان دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى جازا لاگېرىنىڭ جايلىشىش ئورنى ، تاشقى كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغاندىن كىيىن جازا لاگېرىنىڭ تۈرى ۋە جازا لاگېرىغا قامالغان كىشى سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ تارىخىي،سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختالغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ،خىتاينىڭ سىياسىي كۇلتۇرىدە يات مىللەتلەرنى چەتكە قېقىش ،دۈشمەنلىك قىلىش، يوقىتىش ۋە ئاسسىلماتسىيە قىلىشتىن ئىيارەت ئىنسانىيلىقتىن خالىي ئادىتى بارلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي كۇلتۇرىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دوكتور ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيتىنى چۈشەندۈردى.
غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىنستىتۇت مۇدىرىمىز ئەركىن ئەكرەم،ئسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئويلىشىشنىڭ ھەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالغا ھەمدە كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ، ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستانغا ئىگە چىقىشنىڭ مىللي ۋە دىنى مەجبۇرىيتى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئىنستىتۇت مۇدىرىمىز ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: “ئەگەر ئىسلام دۇنياسى شەرقىي تۈركىستانغا ئەھمىيەت بەرمىسە،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى بىر ئىسلام دىيارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ،ئوخشاشلا تۈرك دۇنياسىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا كۆڭۈل بۆلمىسە تۈركىي قەۋملىرىنىڭ ئاتا يۇرتى ۋە مەدەنىيەت بۈشۈكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.”

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*