ئېكران خۇمارلىقتىن قۇتۇلۇش:دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق

2020-يىلى 15-دېكابىر

ئادىل ئەرئۇيغۇر

تارىختا ئاغزاكى، يېزىق (قەلەم) كۈلتۈرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىنسانىيەت، بۇ قېتىم يېڭىچە بىر دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ يېڭىچە دەۋرنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بولغان دېگىتاللىشىش  بىزنى ھەققىي ۋە رېئال دۇنيادىن چىقىرىپ مەۋھۇم بىر دۇنياغا مەھكۇم قىلدى،بۇلتۇر پەيدا بولۇپ پۈتكۈل دۇنياغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مەۋھۇم دۇنياغا بولغان بېقىندىلىقىمىز ۋە مەھكۇملىقىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىراپىمىزنى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر قورشاپ بولدى. سودا،خەلقئارالىق يىغىنلار، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى،ئۇرۇشلار (تور ئۇرۇشى)  مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرى، ھەتتا دىنى ئىبادەتلەرمۇ دېگىتال دۇنيادا ئۆتكۈزۈلىۋاتىدۇ. پەرزەنتلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىزنىڭ تەلىم-تەربىيەسى بۇ دېگىتال دۇنيادا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن خىزمەت تۈرلىرىمۇ بۇ دۇنيادا بولىۋاتىدۇ، ھاياتىمىزنى ئوراپ بولغان بۇ دۇنيانىڭ نامى ئاكادېمىك دۇنيادا مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرى دەپ ئاتالماقتا. ئەلۋەتتە بۇ دۇنيادا ئۇچۇر-مەلۇماتقا چاقماق تېزلىكىدە ئېرىشەلەيمىز،ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرى قولايلاشتى، بۇنىڭدىن سىرت نۇرغۇن ساھەدىمۇ ئىشلار ئوڭايلاشتى، قىسقىسى ھاياتىمىز بۇرۇنقى قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاسانلاشتى.  بۇ كۈلتۈرنىڭ پايدىلىرىنى ئىنكار قىلغىلى بولمىغىنىدەك، زىيانلىرىغىمۇ سەل قارىغىلى بولمايدۇ، ھەدىس ئىلمىي ئالىمى مۇھەممەد ئەمىن يىلدىرىم دېگىتال دۇنيا ياكى مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرىنىڭ زىيانلىرىنى مۇنداق تۆت ئۇقۇم بىلەن ئىپادىلەيدۇ: دېگىتال فاشىزم، دېگىتال ھاياسىزلىق، دېگىتال دۆتلۈك ۋە دېگىتال تېررورلۇق. بۇنىڭغا دېگىتال ئۆز مەپتۇنلىق بىلەن دېگىتال تەنھالىقنىمۇ قوشساق بۇ مەۋھۇم دۇنيانىڭ زىيانلىق تەرەپلىرنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولۇشى مۇمكىن.  مەلۇمكى،  خىتايغا ئوخشاش دېكتاتور دۆلەتلەر تېخنولوگىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ دېگىتال ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ كويىغا ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ بولدى. پىرامىدالىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسى شەكىل ئۆزگەرتىپ يۇمىلاق شەكىلگە  قاراپ مېڭىۋاتىدۇ، بۇ يۇمىلاق شەكىللىك قۇرۇلما ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭمۇ «مەشھۇر» بولۇش ئىستىكىگە شارائىت يارىتىپ بەرمەكتە، پىرامىدا شەكىللىك جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا شەخس جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن تەبىقە ياكى قاتلىمىغا چىقالغاندا ئاندىن مەشھۇر بولالايتتى،بۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىدا جەمئىيەتنىڭ ئۈستۈن تەبىقىسى ياكى قاتلىمىغا چىقىش ئۈچۈن بىرلا ئىشىك بولاتتى، پىرامىدانىڭ ئۈستىگە  مۇشۇ ئىشىكىتىن كىرىپ چىقىشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى. شۇڭا مەشھۇر بولۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ھەتتا بىر ئۆمۈر سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. لېكىن ھازىر مەشھۇر بولۇشقا زور كۈچ كەتمەيدۇ، چۈنكى توپقا ئوخشاش يۇمىلاق شەكىللىك بۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ نۇرۇن ئىشىكلىرى بار، ئىنسان قەيەردىن كىرىمەن دېسە شۇ يەردىن كىرەلەيدۇ. شۇڭا بىرسى «مەشھۇر» بولىمەن دېسە، قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر ئېكراندىن چۈشمەي ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرسىلا بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. قىسقىسى،  پىرامىدا شەكلىدىن يۇمىلاق شەكىلگە قاراپ ئۆزگىرىۋاتقان مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرلۈك جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا مەشھۇر بولۇشنىڭ ماھىيىتى ۋە شەكلى ئۆزگىرىپ، ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ «مەشھۇر»بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ «قالتىس» ئادەملەرگە ئايلاندى. ئىنسانلارنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنىڭ دائىرىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا مەھرەم ھاياتىنىڭ دائىرىسى بارغانچە تارىلىشىپ بارماقتا. ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە تېخنولوگىيەنى ئىلكىدە تۇتقۇچىلار جەمئىيەتتە ئەڭ كۈچلۈك قارار بەرگۈچىلەر سالاھىيتىگە ئېرىشمەكتە.  ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ياكى رىشىتلىرى سۇسلاشماقتا. مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرىدە ئاۋۋال دىققىتىمىز ۋە زېھنىمىزنى چېچىپ ئارقىدىن ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ئۇچۇر-مەلۇمات شىركەتلىرى جەمئىيەتنى كونتترولۇق ئاستىغا ئېلىۋالغان بولسا،  شەخسلەرنى ئاللىبۇرۇن پاسسىپ تاماشىبىنلارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. «چارچاش، ھارغىنلىق» بىزدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ھالەت بولۇپ قالدى.  ياقتۇرۇش كۇنۇپكىلىرى ، ھەمبەھرىلىشىش ئىستەكلىرى ۋە ئۆزلىرىگە ئەگىشىش ئىلتىجالىرى بىلەن تىنىمىسىز ھەرىكەت قىلىپ، بىزگە مەھرەم تەرەپلىرىمىزنىمۇ باشقىلار بىلەن «ئورتاقلىشىش سەھنىسى» يارىتىپ بېرىۋاتقان ئېكرانلار ھاياتىمىزنى ئاللىبۇرۇن قولغا چۈشۈرۈپ بولدى ياكى ھاياتىمىزنى ئۇلارغا خالاپ ياكى خالىماي قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بولدۇق. بۇلارنىڭ بىزنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. ھاياتىمىزنى ئەسىر ئېلىۋالغان بۇ  نەرسىلەر يەنى ئېكرانلار بىزنى  چارچىتىۋاتىدۇ، بىز ھەر قېتىم ئۇلارغا قارىغىنىمىزدا ھاياتىمىزدىن بىر تامچە خوراپ كېتىۋاتىدۇ، بىز ھەممىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ، ئەمما بۇ يۈزلىنىشكە، ئاكادېمىك تىل بويىچە ئېيتقاندا «مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرى»گە قارشى نېمە قىلىشنى بىلمەي تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇۋاتىمىز.

 قىسقىسى، مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرىدىن جەمئىيەتتىكى ھەممە ساھەسى نىسىۋېسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېلىپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىگە، تەپەككۇرىغا ئەمەس كۆزىگىلا خىتاپ قىلىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرىكەت نۇقتىسى ئەقىل ۋە تەپەككۇر بولماستىن كۆزدۇر. بۇ كۈلتۈردە تەپەككۇر ۋە كۆزىتىش مۇھىم بولماستىن تاماشا قىلىش، كۆرۈش ۋە كۆرۈلۈش مۇھىمدۇر. بۇ كۈلتۈردە كۆز ئىبرەت ئېلىش ۋە كۆزىتىش ۋاسىتسى بولۇشتىن چىقىرىلىپ، ئارزۇ-ئىستەك، شەھۋەت ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. بۇ تەبىئىي ھالدا ئىنساننى تېخىمۇ شەخسىيەتچى، تويماس، پەرۋاسىز ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلىپ قويىدۇ. بۇ كۈلتۈردە ئىنسان ھەم ئۆزى بىلەن، ھەم ئۆزگىلەر بىلەن، ھەم جەمئىيەت بىلەن،  ھەمدە ئالەم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەقىقەتنى ئاساس قىلىپ ئەمەس، سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشنى ئاساس قىلىپ ئورنىتىدۇ.  بۇ كۈلتۈر ئىنسان ھاياتىغا كۆرۈش ئىدراكىنى ھۆكۈمران قىلغاچقا، ئەقىلنىڭ ئىدراكىنى ئاجىزلىتىپ قەلبنىڭ ئىدراكىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىدۇ. مەلۇمكى، ئىنسان ئىدراك ئىگىسى بولۇپ، ئىدراك ئەرەبچىدىكى « درك » يىلتىزىدىن كېلىدۇ. ئىدراك لوگىكا، بىلىم، پەلسەپە ۋە پىسخولوگىيە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئۇقۇمىدۇر. ئىنسان ئۆزىنى، جەمئىيەتنى ۋە دۇنيانى ئەقلى، قەلبى، سىزىملىرى بىلەن ئىدراك قىلىدۇ، يەنى ئىنسان ئىدراك قىلغۇچى مەخلۇقتۇر. ئىنساندىن بىر پۈتۈن ئىدراك بىلەن ھەرىكەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق، ئىنسان نوقۇل سىزىملىرى بىلەن ھەتتا كۆزى بىلەن ئەمەس، ئەقلى ۋە قەلبى بىلەنمۇ ئىدراك قىلىشى لازىم. ئىنسان بىر پۈتۈن ئىدراك بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا ماددا بىلەن مەنىنى، فىزىكا بىلەن مېتافىزىكىنى بىلەلەيدۇ. ئىدراك ئەقلىي ئىدراك، قەلبىي ئىدراك ۋە ھېسسىي ئىدراك دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ. ئەقلىي ئىدراك تەپەككۇر  ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىشنى كۆرسەتسە،  قەلبى ئەقلىي ئىدراكنىڭ ياردىمى بىلەن ئىبرەت ۋە پاراسەت ئارقىلىق مەسىلىنى چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ھېسسىي ئىدراك بولسا كۆرۈش، پۇراش، تېگىش، ئاڭلاش ۋە تېتىش قاتارلىق بەش سىزىم بىلەن شەيئىيلەرنى بىلىشنى كۆرستىىدۇ. مەۋھۇم ئېكران كۈلتۈرىدە ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان كۆرۈش  ھېسسىي سىزىمىمىزنىڭ پەقەت بىرسى بولۇپ، سۈرەتكە، شەكىلگە ۋە ئوبرازغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ نىمجان ئىدراكتۇر. كۆرۈش ئىدراكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتسە ئىنسان ھەر ھەقىقەتنى سۈرەت ۋە شەكىل بىلەن ئىدراك قىلىشقا مايىل بولۇپ قالىدۇ، ئىنساننىڭ ئىدراكىدا مۇھىم بولغىنى ھەقىقەت بولماستىن سۈرەت بولۇپ قالىدۇ. ئاڭلىغان ھەر بىر سۆز، گەپ ياكى پاراڭ سۈرەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدۇ، ئىنسان كۆزى كۆرگەن نەرسىدىن باشقىنى ئاڭلىماس بولۇپ قالىدۇ، قۇلاق ئاڭلىغاننىڭ ئەمەس كۆز كۆرگەن نەرسىگە مايىل بولىدۇ. كۆرۈش ئىدراكى بارلىق سىزىم ۋە ئىدراكلارنى كونترول قىلىۋېلىپ ئۇلارغا باش بولىۋالىدۇ. سۈرەت، شەكىل ۋە ئوبرازلار ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ، شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، چېركاۋ ياكى بۇددا ئىبادتخانىلىرىدا دەل سۈرەت ئىبادەت ئوبيېكتىدۇر.  بۇ كۈلتۈردە شىئىر، ئەدەبىيات، فولكلور ۋە سەنئەت ئاجىزلىتىدۇ(مەھمەت گۆرمەز: https://www.youtube.com/watch?v=xk3AjO-BvQA&t=1164s).

بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە بىز دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق ، دېگىتال زەھەر تازىلاش (دېتوكس) ۋە دېگىتال تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق ئىبارىلەرنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرۇۋاتىمىز. ھاياتىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن دېگىتاللىق ياكى ئېكرانلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەۋاتىمىز. بولۇپمۇ بىزنى ئېكرانلارغا  تېخىمۇ مەھكۇم قىلىپ قويۇۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدە، بۇ ئىزدىنىش تېخىمۇ كۈچەيدى.ئېكران خۇمارلىقتىن قۇتۇلۇش ھەققىدە نۇرغۇنلىغان كىتاپ، ماقالە ، يىغىن ۋە پودكاستلار ئېلان قىلىندى. مېنىڭچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قوللىنىشچان كىتاب ئامېرىكالىق ئاكادېمىك كال نېۋپورتنىڭ (Cal Newport) «دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق» (Digital Minimalism) كىتابى بولۇپ، بۇ كىتاب  مېتروپولىس (Metropolis)نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئېكران خۇمارى ۋە دېگىتال ھارغىنلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بىزنى  يول خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كومپىيۇتېر ئىلمىنىڭ دوتسېنتى ۋە ھېچقانداق بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتى يوقلۇقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلەيدىغان كال نېۋپورت «دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق» دەپ نام بەرگەن پەلسەپەسىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ دېگىتال ھارغىنلىق ۋە ئىكران خۇمارلىقتىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغانلارغا  دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق  پەلسەپىسىنىڭ  ماس كېلىدىغانلىقىنى ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن يەكۈنلەپ چىقتىم. بۇ پەلسەپە بىزنىڭ دېگىتال ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئازنىڭ كۆپىيىش پرىنسىپىنى ئاساس قىلىدۇ، بىز چىن قەلبىمىزدىن ئىشىنىدىغان قەدرىيەتلەرنى چىقىش قىلىدۇ، قايسى ئۈسكۈنىلەرنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق جاۋابلارنى بېرىدۇ، شۇنداقلا  بۇ ئۇسۇل ۋە چارىلەرنى تەدبىقلاش نەتىجىسىدە ۋاز كېچىشكە توغرا كەلگەن بارلىق نەرسىلەر ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىز ۋە ئۇلاردىن ئايرىپ قالغانلىقىمىزدىن ئۆكۈنمەسلىك ئۈچۈنمۇ چارىلەر ئوتتۇرىغا قويىدۇ. » (ئاكباش، https://www.karar.com/dijital-minimalizm-1589721 ).

سىلىكون جىلغىسىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە سوۋغا قىلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ ھاياتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرلىرى ئۈستىدىمۇ كۈچلۈك تالاش-تارتىشلا بولماقتا.  نۆۋەتتە Instagram ، Twitter ، Youtube ۋە Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ھۇزۇر ئالىدىغان بولۇپ قالدۇق.  لېكىن بىز يەنىلا ئىچ-ئىچىمىزدىن خۇشال بولالمايمىز، بىر تەرەپتە ھۇزۇر، يەنە بىر تەرەپ بىئارامچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، يەنى بىز زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. Netflix نىڭ «ئىجتىمائىي دىلىمما» (ئىجتىمائىي زىددىيەت) ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمى بۇ زىددىيەتلىك روھىي ھالىتىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن  كۆڭۈلىدەك مەنبە بولالايدۇ. قېرى- ياش، چوڭ-كىچىك بولۇپ ھەممىمىزنى ئۆزىگە ئاللىبۇرۇن ئەسىر قىلىپ بولغان  گۇگۇل (Google) ،فېسىبۇك( Facebook )، Instagram ، تۋىتتېر (Twitter) ۋە (يۇتىيۇب) Youtube  قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ  سابىق خىزمەتچىلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتىن تەركىب تاپقان ھۆججەتلىك فىلىمدە ،  سىلىكون جىلغىسىدىكى ياش تالانت ئىگىلىرى تەرىپىدىن روياپقا چىقىرىلغان بۇ تېخنولوگىيەلەر/ سۇپىلارنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتلەرگە قانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى يورىتىپ بېرىلىدۇ. «ئەگەر سىز ئىشلەتكەن مەھسۇلاتقا پۇل تۆلىمىسىڭىز ، بەلكىم مەھسۇلات  سىزنىڭ بولۇشىڭىز مۇمكىن!» دېگەن قۇلاققا خۇش ياقىدىغان بۇ تەكلىپىنى بىلەتتۇق، ئەمما بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە مەسىلىنىڭ ئىچكى قىسمى يەنى ماھىيىتى ئىزاھلىنىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ پىسخىكىسىغىلا ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ پىسخىكىسىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ. ئاۋامپەرەست،  ئىرقچى ۋە دىكتاتور سىياسىئونلار باش كۆتۈرۈۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بۇ سۇپىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئايرىمچىلىقنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋاتقانلىقى، سۇيىقەست نەزەرىيىسىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ئىنسانلارنى ۋەقە-ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى سەۋەبىنى بىلىشكە ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ سىرتىغا(بۇرمىلانغان ، شەكلى ئۆزگەرگەن ، ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھەقىقەت يوق دېيەرلىك) بۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلىنىدۇ.  نوپۇزلۇق جەمئىيەتشۇناس جېن باۋدرىللاردنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيتىقاندا،ھەقىقەتنىڭ «سايىسى» دىنلا خەۋەردار بولىۋاتىمىز. «دىققەت بۇراش ئىنژېنېرلىرى / سودىگەلىرى» دەپمۇ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئۇچۇر-مەلۇمات تېخنولوگىيە شىركەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بىز ئۇلار ئىشلەپچىقارغان تېخنىكىنى ھاردىم-تالدىم دېمەي تېنىمسىز ۋە توختىماي ئىشلىتىمىزدۇر. چۈنكى بۇ شىركەتلەرنىڭ پۇل تېپىشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەل مۇشۇدۇر. قىسقىسى، ئۇلار بىزنىڭ  دىققىتىمىز ۋە كۆنۈپ قالغان خۇيلىرىمىزدىن پۇل تاپىدۇ (ئاكباش،2020).

كۈنىمىزدە بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق مەسىلىلەردىن بىرى دىققەت ۋە زېھىن چېچىلىپ كېتىش ھادىسىسى بولۇپ،  بۇ بالىلار ۋە ياشلاردا تېخىمۇ ئېغىر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان شىركەتلەر ئاللىبۇرۇن دىققەت ۋە زېھنىمىزنى ئەسىر قىلىۋالدى. بىر كۈندە يۈزلەرچە قېتىم «ئەقىللىق» تېلېفونلىرىمىزنى ئېچىپ ئۇچۇر كەلگەن كەلمىگەنلىكىمىزنى كونترول قىلىش، بىر يەرلەردە نېمىلەر بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە ۋە كىمنىڭ بېشىغا نېمىلەر كەلگەنلىكىگە بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قەدەمدە بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ھېساپ ئادرېسلىرىمىزغا قاراش، ھەمبەھرىلەشكەن رەسىم ۋە ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ قانچە كىشى تەرىپىدىن چېكىلىپ ياقتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىنستېگرام (İnstagram) ۋە باشقا ئېكرانلارنى ئېچىش قاتارلىقلار،  پۈتۈن بىر ھالەتتە ياشاش كېرەك بولغان ھاياتىمىزنى ناھايىتى تار بىر دائىرىگە مەھكۇم قىلىپ دىققىتىمىزنى چېچىپ زېھنىمىزنى مەشغۇل قىلىش ئارقىلىق بىزدە ئارسالدىلىق، تەشۋىشلىنىش، ھارغىنلىق، تويماسلىق، ھەيرانلىق، ياقتۇرۇش ۋە ياقتۇرۇلۇش قاتارلىقلار روھىي ھالەت پەيدا قىلىپ قويىۋاتىدۇ. دېلوتىت تەتقىقات شىركىتىنىڭ دۇنيا مىقىياسىدا ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ئەقىللىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر كۈندە ئوتتۇرىچە 78 قېتىم، يەنى ھەر 13 مىنۇتتا بىر ئەقىللىق تېلېفونىغا قارايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر داۋاملىق ئەقىللىق تېلېفونلارغا قاراشنىڭ ئىنساندا زېھنى، ئەقلىي، ھېسسىي ۋە جىسمانىي مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە (http://www.mistikalem.com/ruhsal/gunde-kac-kez-akilli-telefona-bakiyoruz-haberi-7755). ئامېرىكالىق ئىستاتىستكا پىروفېسسورى ئېدۋارد تۇفتېرنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمدە ئىشلىتىلگەن «خېرىدارلىرىنى ئىشلەتكۈچى دەپ ئاتايدىغان ئىككى ساھە بار بولۇپ، بۇلار زەھەرلىك ئەتكەسچىلىك ساھەسى بىلەن يۇمشاق دېتال ساھەسىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ، بۇ ئېچىنىشلىق ھەقىقەتنى يورىتىپ بېرىدۇ. كۆپ قىسمىمىز ئېكران خۇمارلىقنىڭ زىيانلىرىنى بىلسەكمۇ يەنىلا ئېكراندىن ھۇزۇرلىنىشتىن ۋاز كېچەلمەيمىز ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ ھالىتىمىزنى  جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە تارىخ پەلسەپەسى قاتارلىق ئىلىملەرنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بولغان ئالىم ئىبنى خالدۇننىڭ « ئىنسان ئادەتلىرىنىڭ بالىسىدۇر» دېگەن سۆزى ئىپادىلىسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋال يەنە بىزنىڭ گۇناھ پىسخىكىمىزنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. كال نيۇپورت بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ  زىددىيەتلىك ئەھۋالنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «ئەلۋەتتە، بۇ دۇنياغا قەدەم باسقاندا ھېچكىمنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشتەك نىيىتى بولمايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ دەسلەپ ئەپ چۈشۈرۈش ۋە ھېسابات ئېچىشتا  ئۆزىگە چۇشلۇق نۇرغۇن ياخشى سەۋەبلىرى بار بولىدۇ، ئەمما كېيىنكى ۋاقىتتا بۇ دۇنيانىڭ يەنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ جەلپ قىلارلىق دۇنياسىغا پۈتۈنلەي غەرق بولىدۇ.  ئىنسانلار دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن فېيسبۇك ۋە باشقىلىرىغا تىزىملىتىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ سىھىرلىك دۇنيانىڭ ناز كەشمىرىلىرىگە غەرق بولۇپ، يېنىدىكى ھەمراھىنى،يېقىن-يورۇقلىرىنى ۋە  قەدىناس دوستلىرىنى  پۈتۈنلەي ئۇنتۇيدۇ. »

ھازىر زامانىۋىي تېخنولوگىيەلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ھەر قانداق  يېڭى تېخنىكىلارنى  پەقەت ئىشلەتمەسلىك كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى بىر ئەۋلاد «ماشىنا بۇزغۇچىلار» (Neo-Luddite  ) بىلەن سېنزور ۋە تاقىغىلى بولىدىغان تېخنىكىلار ئارقىلىق ھەممە نەرسىسىنى يېڭى تېخنىكىلارغا ھاۋالە قىلىشتىن قەتئىي يانمايدىغان «مىقدارلاشقان ئۆزلۈك» (Quantified Self) مەستانلىرى بولۇپ ئىككى ئاشقۇن ئېقىملار باش كۆتۈردى. دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق پەلسەپىسى بولسا بۇ ئىككى ئاشقۇنلار ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىقاندا ئوتتۇراھال يول تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاددىي-ساددىيلىق ئېقىمىنىڭ ئاساسى پەلسەپىسى بولغان ئاددىيلىقمۇ دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىقنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق ئۆزىگە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىدۇ: «توردىكى ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سىز قەدىرلەيدىغان نەرسىلەرگە، ئەستايىدىللىق بىلەن قارار بەرگەن ئىش ۋە پائالىيەتلىرىڭىزگە مەركەزلىشىشىڭىزگە يول كۆرسىتىش، شۇنداقلا ئېكران خۇمارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ۋاز كەچكەنلىرىڭىزدىن قىلچە ئۆكەنمەسلىك لازىملىقىنى مەزمۇن قىلىدىغان تېخنولوگىيەنى قانداق  ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا دائىر پەلسەپىدۇر. »  نىيۇپوتنىڭ دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق پەلسەپەسى ئوقۇرمەنلەرنى ۋاقىتلىقلا رىغبەتلەندۈرىدىغان،  ئېغىر يۈك تاڭىدىغان، مەجبۇرىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تەدبىقلايدىغان ئۇسۇل بولماستىن، تېخنولوگىيە بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى سۈپەتلىك ۋە سەۋىيەلىك ھالاتكە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىدىغان يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇنىڭ مۇنداق ئۈچ ئاساسلىق پرىنسىپى بار: بىرىنچى، كۆپلىكنىڭ بەدىلى ئېغىر بولىدۇ، يەنى دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىقنى ياقلىغۇچىلار ۋاقتىنى، دىققەت ۋە زېھىنلىرىنى ئارتۇقچە ئۈسكۈنە، ئەپ ۋە مۇلازىمەتلەرگە سەرپ قىلىشنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇنچىۋىلا كۆپ نەرسىنىڭ تەسىرى ھەر بىر مۇلازىمەت ياكى ئۇچۇر ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلارنى يوق قىلالايدىغان كۈچكە ئىگىدۇر. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ كۆپ بولۇشى ئۇ نەرسىنىڭ پايدىلىق ۋە ياخشى نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىككىنچى پرىنسىپ، سەرخىللاشتۇرماق مۇھىمدۇر، دېگىتال ئاددىي-ساددىيچىلار ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قىممىتى بار نەرسىگە مەلۇم بىر تېخنىكىنىڭ پايدىسى بار-يوقلۇقىنى قارار قىلىشنىڭ پەقەت بىرىنچى قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇ پايدىنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، مەزكۇر تېخنىكىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكى ئۈستىدە ئەستايىل ئويلىنىدۇ. ئۈچىنچى پرىنسىپ،  مەقسەتكە قارىتا ھەرىكەت قىلىش ھەر ۋاقىت پايدا ئېلىپ كېلىدۇ،  دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىقنى ياقلىغۇچىلار  يېڭى تېخنولوگىيەلەردىن مەلۇم مەقسەتنى كۆزلەپ پايدىلىنىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولۇپ، بۇ مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئۇلار تۇتقان يولنىڭ ئەھمىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر، ئۇلار تېخنولوگىيەدىن مەقسەت سۈپىتىدە ئەمەس ۋاستە سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق تېخنولوگىيەنى تاللاشتا  كىشىلەرنى توغرا ھەرىكەت قىلىشقا،  تېخنولوگىيە ئۈسكۈنلىرىدىن  توغرا ، مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىي قىممەتنى كۆزلىگەن ئاساستا پايدىلىنىشقا چاقىرىدۇ. ھاياتىمىزغا بىۋاسىتە پايدا ۋە  قىممەت ئېلىپ كەلمەيدىغان تېخنولوگىيەنىڭ ھاياتىمىزدا ئورۇن بولماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدا تەۋسىيە قىلىنغان چارىلەر ۋە قوللىنىشچان پروگراممىلارنىڭ ھاياتىمىزنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە ياردىمى تېگىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇر-مەلۇماتلار بار.  Youtube دا قىزىقارلىق سىنلارنى بىر سائەت كۆرسەك زېھنىمىز چارچايدۇ ، لېكىن Youtube تىن ھاجەتخانىدىكى شامالدۇرغۇچنىڭ ماتورىنى قانداق ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋالساق ياكى مەلۇم تېما ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك سىنلارنى كۆرسەك بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىدۇ. يېڭى تېخنولوگىيەلەرنى مەقسەتلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىشنىڭ، تېخنولوگىيە دۈشمەنلىكى ياكى يېڭى چىققان ھەرقانداق تېخنولوگىيەنى ئىلغىماي ئىشلىتىشكە قارىغاندا ياخشى نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچە، دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىقنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەقسەتسىز كېزىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئىنسان ئۈچۈن دېگەن پرىنسىپ بويىچە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە باشقا تېخنولوگىيەلەرنى ۋاستە سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنى ئىنسان ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشىپ، ئىنساننى ئۆزلىرى ياراتقان بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

ئىزاھات: «دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق»ناملىق بۇ كىتابقا مۇناسىۋەتلىك يازما قارار گېزىتى يازغۇچىلىرىدىن مەتىن قادىر ئاكباشنىڭ  2020-يىلى 11-ئۆكتەبىردە قارار گېزىتىدە ئېلان قىلغان «دېگىتال ئاددىي-ساددىيلىق» ناملىق (https://www.karar.com/dijital-minimalizm-1589721)ماقالىسىدىن پايدىلىنىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*