دۆلەتنىڭ رولى | سىياسەت 5-بابنىڭ داۋامى

2021-يىلى 22-ماي

دۆلەتنىڭ رولى

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

دۆلەت ھاكىمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر بىرىگە زىددىيەتلىك شەرھلەر  دۆلەتنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك رولى ياكى مەسئۇلىيىتى ھەققىدە ئېنىق يىپ ئۇچى بېرىدۇ. «دۆلەت نېمە قىلىشى كېرەك؟ دۆلەت قايسى مەجبۇرىيەت ياكى مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك؟ قايسىلىرى شەخسلەرگە قالدۇرۇلۇشى كېرەك؟» بۇ سوئاللار سايلام سىياسىتى ۋە پارتىيە رىقابىتىنى  چۆرىدىگەن سوئاللاردۇر.

دۆلەتنى تۈپتىن ناچار ۋە ھاجەتسىز بىر نەرسە، دەپ قاراپ چەتكە قاقىدىغان ئانارخىزمچىلاردىن باشقا، بارلىق سىياسەتچى مۇتەپەككۇرلار دۆلەتنى قەدىر-قىممەتلىك دەپ قارىغان. «دۆلەتنى تارمار قىل» دەيدىغان لېنىنىزىمچى شوئاردىن ئىلھاملانغان ئىنقىلابىي سوتسىيالىزمچىلارمۇ، كاپىتالىزمدىن كوممۇنىزمغا ئۆتۈش باسقۇچىنى نازارەت قىلىدىغان «پىرولېتارىيات دىكتاتورلىقى» شەكلىدىكى ۋاقىتلىق بىر پىرولېتارىيات دۆلىتىگە ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن. شۇنداقتىمۇ، دۆلەتنىڭ قانداق رولنى  ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ۋە  دۆلەت بىلەن پۇقراۋىي جەمئىيەت ئارىسىدىكى  نېگىزلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ قانداق تۇرغۇزۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىختىلاپ مەۋجۇت. بۇ رامكا ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ھەر خىل دۆلەت شەكىللىرىنى تۆۋەندىكىدەك تىزىشقا بولىدۇ:

 

  • مىكرو دۆلەت
  • تەرەققىيپەرۋەر دۆلەت
  • سوتسىيال دېموكراتىك دۆلەت
  • كوللېكتىپلاشتۇرۇلغان دۆلەت
  • ھاكىممۇتلەق دۆلەت

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*