دۆلەت | سىياسەت 5-بابنىڭ بىر قىسىمى

2021-يىلى 27-ئاپرېل

5- باب، دۆلەت

 

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

 

«دۆلەتنىڭ مەقسىتى ھەمىشە ئوخشاش: شەخسنى چەكلەش، يۇمشاق قۇلاق قىلىش، ئىتائەت قىلدۇرۇش

ۋە بويسۇندۇرۇشتىن ئىبارەت.»

— ماكىس سىتىرنېر، «نەپس ۋە ئۇنىڭ ساھىبى» (1845)

 

دۆلەتنىڭ سايىسى كىشىلەرنىڭ بارلىق پائالىيىتىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. مائارىپتىن ئىقتىساد ۋە سودىغىچە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقتىن ئاممىۋى ساغلاملىققىچە، دۆلەت ئىچى تەرتىپىدىن سىرتقى مۇداپىئەگىچە بولغان بارلىق جەريانلارنى دۆلەت شەكىللەندۈرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. شەكىللەندۈرگەن ئەمما كونترول قىلىپ بولالمايدىغان يەرلەردە بولسا ئورۇنلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، ھوقۇق بېرىش ياكى چەكلەش ئېلىپ بارىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ شەخسىي دەپ قارالغان ساھەلىرىمۇ دۆلەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ،. مەسىلەن: نىكاھ، ئاجرىشىش، بالا چۈشۈرۈش، ئىبادەت قاتارلىقلارمۇ دۆلەتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، سىياسەتنىڭ ھەمىشە دۆلەت ۋە ئۇنىڭ ئىدارىي تەشكىلاتلىرىنى ئانالىز قىلىش، ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقات سۈپىتىدە قارىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئىدېئولوگىيەلىك مۇلاھىزە ۋە پارتىيە سىياسىتى چوقۇم دۆلەتنىڭ ئاساسىي فۇنكسىيىسى ۋە رولى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قايسى ئىشلار دۆلەت تەرىپىدىن قىلىنىشى كېرەك؟ قايسى خىزمەتلەر ئالاھىدە شەخسلەرگە ۋە جەمئىيەتلەرگە بېرىلىشى كېرەك؟ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، دۆلەت كۈچىنىڭ تەبىئىتى سىياسىي تەھلىلنىڭ مەركىزى تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ مۇنازىرە (بۇنى «دۆلەت مۇنازىرىسى» دېيىشكە بولىدۇ) سىياسەت  نەزەرىيەسىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ۋە ئەڭ مۇقىم پەرقلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە.

 

بۇ بابتىكى ئاساسلىق مەزمۇنلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت:

  1. 1. دۆلەت دېگەن نېمە؟ ئۇنى ھۆكۈمەتتىن قانداق ئايرىيالايمىز؟
  2. دۆلەت كۈچىنى قانداق تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كېرەك؟
  3. دۆلەت ياخشى كۈچمۇ ياكى ناچار كۈچمۇ؟
  4. دۆلەتنىڭ قانداق روللىرى بار؟ ھۆكۈمەت بىلەن پۇقراۋى جەمئىيەت ئارىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى قانداق بەلگىلەش كېرەك؟
  5. زامانىۋى دۆلەت تەھدىتكە ئۇچراۋاتامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئۇ ئىگە بولغان ھوقۇقلار قايسى شەكلىدە تالان-تاراج قىلىنىۋاتىدۇ؟

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*