دېموكراتىيە | سىياسەت 4- باب

2021-يىلى 16-مارت

دېموكراتىيە

سىياسەت 4- باب

تەرجىمە قىلغۇچى: مەمەتجان ئابدۇقادىر

تەھرىر: ئابدۇرەھىم دۆلەت

« پات-پات سىناق قىلىنىپ كەلگەن باشقا بارلىق باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دېموكراتىيە ئەڭ ناچار ھۆكۈمەت شەكلىدۇر.»

— ۋىنستون چېرچىلنىڭ نۇتقى، ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى (1947)

 

سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە سىياسىي مۇتەپەككۇرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دېموكراتىيە داۋاسىنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىشى سىياسەت تارىخىدىكى ئەڭ دىققەت تارتىدىغان مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئادەتتە دېموكراتىك ئىدىيەنىڭ بۆشۈكى دەپ قارالغان قەدىمكى يۇناندىمۇ دېموكراتىيەنى سەلبىيلەشتۈرىدىغان خاھىشلار مەۋجۇت ئىدى. مەسىلەن، ئەپلاتون ۋە ئارىستوتېلغا ئوخشاش مۇتەپەككۇرلار دېموكراتىيەنى ئەقىل ۋە مۈلۈك بەدىلىگە ئاممىنى باشقۇرۇش دەپ قارىغان. 19-ئەسىرگىچە بۇ ئاتالغۇنى سەلبىي مەنىدە ئىزاھلاش داۋاملاشقان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە ھەممىمىز دىموكرات بولدۇق. لىبېراللار، كونسېرۋاتىپلار، سوتسىيالىستلار، كوممۇنىستلار، ئانارخىزمچىلار، ھەتتا فاشىستلار دېموكراتىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تىلغا ئېلىشقا، ئۆزىنى دېموكراتىك قىلىپ كۆرسىتىشكە مايىل. ھەقىقەتەنمۇ، 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ مەلۇم ئىدېئولوگىيە سىستېمىلىرىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ۋە يىمىرىلىشى بىلەن دېموكراتىيە گۈلخانى تېخىمۇ لاۋۇلداپ يالقۇنجاشقا باشلىدى.

سوتسىيالىزمنىڭ جەلپكارلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە كاپىتالىزمنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ سوراققا تارتىلىشقا باشلىنىشى بىلەن كېيىنكى مودىرنىزملىق سىياسىي مەنزىرە ئىچىدە دېموكراتىيە بىردىنبىر مۇقىم ۋە ساغلام پىرىنسىپ سۈپىتىدە نامايەن بولدى.

 

بۇ بابتا تىلغا ئېلىنىدىغان ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

  1. «دېموكراتىيە» ئاتالغۇسى قانداق ئىشلىتىلگەن؟
  2. دېموكراتىيەنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەر قايسى تېمىلارنى ئاساس قىلغان؟
  3. قايسى خىل دېموكراتىيە شەكىللىرى بارلىققا كەلگەن؟
  4. بۇ شەكىللەرنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ كەمچىلىكى ۋە ئارتۇقچىلىقى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
  5. دېموكراتىك سىستېما قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟
  6. دېموكراتىيە ھەقىقەتەن خەلق تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنامدۇ؟

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*