چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن | پەلسەپەنىڭ قىسقىچە تارىخى 11- باب

2021-يىلى 20-ئاپرېل

11 – باب

چۈش كۆرۈۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن

 

تەرجىمان: ئابدۇلھەفىز مەخسۇم

تەرجىمە تەھرىرى: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

ئ‍ۇخلاۋاتىسىز ۋە قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭىز، قوڭغۇراقنى توختىتىپ، كارىۋاتتىن ئۆمىلەپ چۈشتىڭىز، كىيىندىڭىز، ناشتا قىلدىڭىز، ئاندىن يېڭى بىر كۈن ئۈچۈن تەييارلاندىڭىز. ئەمما كېيىن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى؛ سىز ئويغىنىپ، ئالدىنقى ئىشلارنىڭ پەقەت بىر چۈش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇ چۈشىڭىزدە سىز ئويغىنىپ ھاياتىڭىزنى داۋاملاشتۇرغان ئىدىڭىز، ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە سىز يەنىلا يوتقاننىڭ ئىچىدە تۈگۈلۈپ ئۇخلاۋاتقان ئىدىڭىز. ئەگەر بېشىڭىزدىن مۇشۇنداق ئىش ئۆتۈپ باققان بولسا، مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىسىز. بۇ ئادەتتە «ساختا ئويغىنىش» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەمنى خېلىلا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ. فىرانسىيە پەيلاسوپى رېنې دېكارت (1596 – 1650) مۇ مۇشۇنداق ساختا ئويغىنىشنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئىش ئۇنى ئويلاندۇرغان ئىدى. ئىنسان ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى قانداق جەزملەشتۈرەلەيدۇ؟

 

پەلسەپە دېكارت قىزىقىدىغان نۇرغۇن ئەقلىيەت ساھەلىرىدىن پەقەت بىرى ئىدى. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يەنە داڭلىق ماتېماتىك بولۇپ، «كارتىسىيىلىك ماسلاشتۇرغۇچى سېستىما»  نى كەشىپ قىلغانلىقى بىلەن داڭلىق ئىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ چىۋىننىڭ تورۇستا ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ، ئويلاش جەريانىدا ئۇنىڭ ھەر قايسى نۇقتىلاردىكى ئورنىنى قانداق بەلگىلىيەلەيدىغانىلىقىنى تېپىپ چىققان. ئۇنى ئىلىم – پەنمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەم ئاسترونوم، ھەم بىئولوگ ئىدى. ئۇنىڭ پەلسەپەدىكى شۆھرىتى ئاساسلىقى «تۇنجى پەلسەپە ھەققىدە ئويلىنىش» ۋە «مېتودولوگىيە» گە ئوخشاش ئەسەرلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ كىتابلاردا ئ‍ىنسانلاردىكى بىلىشنىڭ چەكلىمىسى ئۈستىدە توختالغان.

 

 

داۋامىنى تۆۋەندىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*