بۈگۈنكى خەلقئارا سىستېمىدىكى مۇھىم ھالقا – ياۋروپا

2020-يىلى 11-ئۆكتەبىر

كۆلتېكىن

دۇنيا ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلارغا نىسبەتەن دۇنيانىڭ تۆت كوچا ئېغىزىغا كېلىپ قالغانلىقى سىر ئەمەس. بۇ تۆت كوچا ئېغىزىنىڭ بىر تەرىپىدە غەرب باشچىلىقىدىكى لىبېرال دۇنيا، يەنە بىر تەرىپىدە خىتاي باشچىلىقىدىكى ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دىكتاتور دۇنيا تۇرماقتا. مايىك پومپېئونىڭ 6- ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيە ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن « تۆتلىك ئىتتىپاقى » يىغىندا سۆزلىگەن « دۇنيا دېموكراتىيە ۋە دىكتاتورىلىق ئارىسىدا تاللاشتا تۇرماقتا» دېگەن سۆزى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولغان بولسا، مۇئاۋىن پىرىزدېنت مايىك پېنسنىڭ ھادسون ئىنستىتۇتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى ئامېرىكانىڭ خىتاي باشچىلىقىدىكى دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلىشىغا بولغان ئىنكاسى ۋە ئىستراتېگىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۈگۈنكى مەۋجۇت خەلقئارا سىستېمىنىڭ ئاساسىي 1618- يىلى باشلىنىپ 30 يىل داۋام قىلغان ياۋروپا دىنى ئۇرۇشىدىن كېيىن 1648- يىلى ئىمزالانغان « ۋېستىفالىيە شەرتنامىسى» بىلەن يېڭىدىن روياپقا چىققان سىستېمىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ھېنرى كېسىنگىر ھازىرقى مەۋجۇت دۇنيا تەرتىپىنى « ۋېستىفالىيە دۇنيا تەرتىپى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ سىستېما ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ سىستېمىنىڭ رەھبەرلىك ئورنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ يەنە بىر قىرغىقىغا جايلاشقان ياۋروپا مەدەنىيتى بىلەن بىر ئائىلىگە تەۋە بولغان ئامېرىكانىڭ قولىغا ئۆتتى. 1991- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پۈتۈنلەي پارچىلانغاندىن كېيىن بۇ سىستېما يەنە بىر قېتىم تەڭشىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكە كەلدى. پۈتۈن بۇ جەرياندا بۇ سىستېما گېرمانىيە ۋە ياپونىيە فاشىزمى ، يەنە بىرى بولسا سوۋېت باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزمدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك رەقىبكە دۇچ كەلدى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسىنى ئەسكىرى كۈچنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ، ئىككىنچىسىنى بولسا دۆلەت تۈزۈمى ، ئىدېئولوگىيە ۋە قىممەت قارىشىنىڭ ئىلغارلىقى بىلەن يەڭدى ۋە بۇنى لىبېرالىزمنىڭ دۇنياۋى غەلىبىسى دەپ ئاتىدى. ئەمما غەرب دۇنياسى بۇ غەلىبىنىڭ «دۇنياۋى» ئىكەنلېكىنى جاكارلاشتا ئالدىراپ قالغانلىقىنى نېمە سەۋەبتىندۇر بىلەلمىگەندەك قىلاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچىسى ، غەرب خاتا ھالدا خىتاينى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا ۋە غەرب لىبېرال سىستېمىسىغا كىرىپ ئۇنىڭ ئىلغارلىقىنى ھېس قىلسا دېموكراتىيەگە ئېرىشىدۇ، دەپ قارىدى. ئىككىنچىسى، خىتاي ئۆزىنىڭ نىيىتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يوشۇردى . چۈنكى «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» دا «ھەقىقىي مەقسىتىنى يوشۇرۇش ياكى ئېنىق بىلگىلى بولمايدىغان بولۇۋېلىش غەلىبىنىڭ كاپالىتى» دۇر. ھېلىھەممۇ خىتاي مەۋجۇت سىستېمىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇۋېلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە بۇ سىستېمىنى ئۆرۈپ تاشلاش نىيىتىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ب د ت دا سۆزلىگەن نۇتۇقىدىكى « كۆپ قۇتۇپلۇقنى ۋە مەۋجۇت سىستېمىنى قوغداش» قاتارلىق جۈملىلىرى ئۆزىنىڭ نىيىتىنى قانداق پەردازلاپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما خىتاينى چۈشىنىدىغان بىرى خىتاينىڭ 2500 يىللىق تارىخىدا ھېچبىر زامان كۆپ خىللىقنى قوغداش تەرەپدارى بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلىدۇ. يەنە بىرى خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ تۇرۇپ خەلقئارا سەھنىلەردە «پەرىشتە» ۋە « ئىنسانىيەتنىڭ غەمگۈزارى » سىياقىغا كىرىۋېلىشىمۇ ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكى ۋە ئالدامچىلىقىنىڭ باشقا بىر ئىپادىسى . بەلكىم خىتاي رەھبەرلىرى ھەقىقەتەن لى زۇڭۋۇنىڭ 黑厚学 دېگەن كىتابىدىكى يۈزى قېلىن ۋە نىيىتى قارا بولۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى مۇمكىن.

شۇنداق قىلىپ خىتاينى لېبىراللاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈكسىلىشىگە غايەت زور ماددىي ۋە پەن – تېخنىكا مەبلىغى سالغان غەرب دۇنياسى 2012- يىلى شى جىنپىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىن خىتاينىڭ يەنىلا «قىپقىزىل» پېتى تۇرغانلىقىنى، ھېچ ئۆزگەرمىگەنلېكىنى، ھەتتا ئەكسىچە دىكتاتور ماۋ نىڭ دەۋرىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. «خىتاي چۈشى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى، « بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ، «قەرز قىلتىقى» ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان نامرات ياكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى سېتىۋېلىشى ھەتتا بۇنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي ياۋروپاغا قەدەر كېڭىيىشى، «ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى» نى قۇرۇشى ۋە خەلق پۇلىنى خەلقئارا ئوبوروتتا ئىشلىتىشكە باشلىشى، جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆكتەملىك قىلىشى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ۋۇخەندىن تارقالغان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا قارىتا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايلا قالماستىن. ئەكسىچە بۇنى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن قوللىنىش شۇنداقلا ئامېرىكا قاتارلىق ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان دۆلەتلەرگە جان – جەھلى بىلەن زەربە بېرىشى خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىچە دۇنيا سىستېمىسى قۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا . خۇددى ئەينى ۋاقىتتا كېسىنگىر ئېيتقاندەك خىتاي لىبېرال دۇنيا سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ جەڭ ئېلان قىلغۇچىسى بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىسلەرمۇ خىتاينى سوۋېت ئىتىپاقىدىنمۇ كۈچلۈك رەقىب دەپ قارىماقتا.

ھازىرقى دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىگە قارايدىغان بولساق، خىتاي ئامېرىكا رىقابىتى ئاللىبۇرۇن شەكىللىنىپ بولدى. بۇ رىقابەتتە تەرەپلىرىنى ئېنىق قىلىپ ئايرىپ بولغانلار مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا ( خىتاي تەرەپتە) ؛ «بەش كۆز» ياكى « ئانگلو ساكسونلار» ئىتتىپاقى ، ياپونىيە ۋە ھىندىستان (ئامېرىكا تەرەپتە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. رۇسىيە خىتاي تەرەپتە تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە جەھەتتىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمران بولغان دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى دۇنيا بولماسلىقى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ماكروننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىق پىلانى رۇسىيەنى نېيتىرال ھالەتتە تۇرۇشقا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ھازىرقى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە كۈچ بولۇپ تۇرماقتا.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ياۋروپا ھەر دائىم ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش يولدا ماڭىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراش بار. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ياۋرونىڭ ئورتاق پۇل بىرلىكى قىلىپ بېكىتىلىشى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مونوپوللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭدىن باشقا 2003- يىلى ئامېرىكا ،ئەنگلىيە ، پولشا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىراققا قىلغان ھۇجۇمىدا ياۋروپادىن ھېچكىم ئامېرىكانى قوللىمىدى، ئەكسىچە گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە بۇ ھەرىكەتنى قاتتىق ئەيىبلىدى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىمۇ ئامېرىكا ئاساسى جەھەتتىن ئەنگلىيە بىلەن بىللە ئېلىپ باردى. ئەلۋەتتە بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ ئېلىپ بارغان بەزى ھەرىكەتلىرى توغرا ئەمەس. يەنى قانداقتۇر دۇنيا تىنچلىقى، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياكى دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى يېيىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بولغان . مەسىلەن، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى يېيىش ھەقىقىي مەقسەت بولغان بولسا خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېسىم قىلىشى ياكى ھۇجۇم قىلىشى لازىم ئىدى. بۇنداق قىلمىدى ، چۈنكى بۇلار(ئەرەبىستان) ئامېرىكانىڭ شېرىكى . ئەگەر نىشان يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش بولغان بولسا بىرىنچى بولۇپ قول سېلىشى لازىم بولغان دۆلەت شىمالى كورېيە ئىدى. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. ئامېرىكانىڭ يەككە تەرەپلىك دۇنيانى تەرتىپلەش ھەرىكىتى ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ قالمايلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى يۈك ئېلىپ كەلدى…. ياۋروپاغا قايتىپ كەلسەك ئۇلار بۈگۈنمۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمەيۋاتىدۇ ، ھەتتا خۇاۋېينىڭ 5G تورىنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك جەھەتتىمۇ ئالدى- كەينىگە دەسسەپ يۈرمەكتە. گېرمانىيە بولسا خىتاينىڭ بازىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى قاباھەتلىك چۈش كەبى تەسەۋۋۇر قىلماقتا.

ياۋروپانىڭ بۇ خىل دېلىغۇللۇقىنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلساق بىر قەدەر توغرا چۈشىنەلەيمىز. ترامپ مۇنۇ ئىككى جەھەتتىن ياۋروپاغا يۈز بەرمىدى. بىرىنچىسى، ناتوغا تۆلەيدىغان پۇل مەسىلىسى؛ يەنە بىرى، ياۋروپا ماللىرىدىن ئالىدىغان باجدا ياۋروپانى كۆپ ئويلاپ كەتمىدى. ترامپنىڭ « ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنچى » سىياسىتىدە ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان ياۋروپانىڭ مەنپەئەتى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىندى . باشتا ناتو مەسىلىسىگە كېلەيلى:

ناتو 1949- يىلى 4- ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. ناتو پىلانىدىن بىر يىل بۇرۇن ئامېرىكا يەنە «مارشال پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مارشال پىلانى كونكېرت ئىقتىسادىي ياردەم بولۇپ ناتو بىلەن بىرلىشىپ ياۋروپاغا قارىتا ھەم بىخەتەرلىك قالقىنى ھەم ئىقتىسادى گۈللىنىش ياردىمى ئېلىپ كەتتى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن ياۋروپا ئامېرىكانىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشى بىلەن ناھايىتى تېزلىكتە ئۆزىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ باي، ئەڭ تەرەققىي قىلغان، كىشىلەر ئەڭ ئىنتىلىدىغان رايونىغا ئايلاندى. (ياپونىيەنى بۇ كاتېگورىيەگە قويۇشقا بولىدۇ.) شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكانىڭ بۇ ئىككى قالقىنى بولمىغان بولسا ياۋروپانىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. ئامېرىكا ياۋروپاغا ھېچقانداق نەرسىدىن غەم قىلماي پەقەت ئىقتىسادىنىلا تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئويلاشسا بولىدىغان مۇھىت يارىتىپ بەردى. ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى ھەربىي كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ھەربىي كۈچىنىڭ ئاجىز بولۇشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم بۇنىڭدىن بولۇشى مۇمكىن. ترامپ بۇ سەۋەبتىن ياۋروپاغا قىلىنغان بۇ سېخىيلىقنى ئامېرىكاغا يۈك دەپ قارىدى. يەنە 2014-يىلى ناتو شەرتنامىسىدا بەلگىلەنگەن يىللىق مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2% نى ناتونىڭ ھەربىي خىراجىتى ئۈچۈن تاپشۇرۇش كېلىشىمىنىمۇ قايتىدىن تىلىغا ئېلىپ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمەكچى بولدى. ئۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنى بۇ ھەقتە تەنقىد قىلدى. 2019- يىلىدىكى ناتونىڭ يىللىق خىراجىتىدىن قارىغاندا ئەزالارنىڭ ئىچىدە پەقەت 9 دۆلەتلا 2% لىك بۇ ئۆلچەمگە يەتكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئۆزى يالغۇزلا ناتونىڭ پۈتۈن چىقىمىنىڭ 69% نى ئۈستىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناتو ھازىرغىچە ئاساسلىق قىلىپ ياۋروپا چېگراسىدا ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ۋە رۇسىيەنى چەكلەپ كەلمەكتە. شۇڭا ترامپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاغرىنىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ياۋروپا ماللىرىغا قارىتىلغان باجنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسىگە كەلسەك،بۇ پۈتۈنلەي ترامپنىڭ يەككە تەرەپلىك « ئىقتىسادىي قورۇقچىلىق» سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. خىتايغا قاراتقان باج سىياسىتىنى توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ، لېكىن ياۋروپاغا قاراتقان بۇ سىياسىتى گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان. ھەممىدىن مۇھىمى ترامپنىڭ ياۋروپاغا يۈرگۈزگەن بۇ سىياسىتى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆزىنىڭ دەردىنى ئۆزى ھەل قىلىش سىياسىتىنى قارار قىلىشقا ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتايغا قارىتا سىياسەت يۈرگۈزگەندە ماددىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا. چۈنكى ترامپنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكانىڭ ياۋروپاغا بۇرۇنقىدەك ئارقا تىرەك بولۇپ بېرەلىشىگە ھېچكىمنىڭ ئېنىق ئىشەنچىسى يوق. يەنە كېلىپ خىتاي ۋىرۇسى مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچى ئەمەسلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوچۇق – ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ ئىككى سەۋەبىنى ياۋروپانىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە ئېنىق تەرەپ تۇتماي تۇرۇۋېلىشىنىڭ تاشقى سەۋەبى دەپ قاراشقا بولىدۇ ۋە بۇ ھەقتە ياۋروپا قىسمەن بولسىمۇ ھەقلىق كۆرۈنىدۇ . يەنە بىر مۇھىم سەۋەب ئىچكى سەۋەب بولۇپ، بۇ ھەم خىتاينىڭ ياۋروپادا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە پايدىلىق بولغان ھەم ياۋروپانىڭ بۇرۇنقىدەك بىرلىكى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى جانلىقلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇلارنى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

1. پاراۋانلىق

2. شەخسىي ئەركىنلىك

3. ھەقىقەتنىڭ يەككىلىكنىڭ يوقىلىشى

ياۋروپانىڭ پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىگە مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق شۈبھىسى يوق. شۇ سەۋەبتىن ياۋروپا كۆچمەنلەر ئەڭ بېرىشنى خالايدىغان رايوندۇر . ئىشلىمىسىمۇ يەتكۈدەك ئىقتىسادىي ياردەمنىڭ بېرىلىشى، يۈكنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمنىڭ دۆلەتنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن غەم – ئەندىشىنىڭ بولماسلىقى بىر ۋەتەنداش ئۈچۈن تولىمۇ مۇكەممەل بىر ئىشتۇر. لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ ھالەت دۆلەتكە نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى ۋە سىياسىي بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقلا ياۋروپادىكى نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق ئەمگەك كۈچى ئەرزان بولغان دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن سانائەتتىكى جانلىقلىقىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا سەۋەبچى بولماقتا. چۈنكى تۇرمۇشىغا يېتەرلىك ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېرىشكەن شەخسلەر ئارىسىدا تەر تۆكۈپ ئىشلەيدىغانلار ئازلاپ كېتىدۇ . بۇ سەۋەبتىن ياۋروپا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ زىچ باغلىنىپ قالماقتا ۋە خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى بېسىملىرىغا دۇچ كەلمەكتە. سىنگاپور دۆلەت ئاتىسى لى گۇاڭياۋ 2014- يىلى يازغان ( ئەمەلىيەتتە ئۆزى دەپ بېرىپ يازدۇرغان) One Mans View of The World ناملىق كىتابىدا ياۋروپانىڭ پاراۋانلىق سىستېمىسىنىڭ ياۋروپاغا غايەت زور يۈك بولىدىغانلىقىنى ۋە ياۋروپانىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشىنىڭمۇ بىر مەسىلە بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنى قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا، «ھەددىدىن ئاشقان» پاراۋانلىق سىستېمىسى ياۋروپانىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاجىزلاتماقتا.

شەخسى ئەركىنلىك سىياسەتتىكى ئەڭ مۇھىم تېما. ئىنسان – ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇشى لازىم. بۇ ھەقتە فىرانسىيە ئاقارتىش مۇتەپەككۇرى ژان ژاك رۇسسۇ ئىنساننىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ھۆر يارىتىلغانلىقىنى شۇڭا ھۆر ياشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن سىياسەت ئىلىمىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى ئەركىنلىك (Liberity) ۋە بىخەتەرلىك (Security) ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. بىر تەرەپ ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتسە دىكتاتورىلىق ۋە زالىملىق، يەنە بىر تەرەپ ئېغىر كېلىپ كەتسە تەرتىپسىزلىك ۋە دۆلەتنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى كېلىپ چىقىدۇ. خۇددى ئېينىشتىيىن ئېيتقاندەك بۇ ھەقتە ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇقنى تاپقان دۆلەت ئامېرىكا بولۇشى مۇمكىن. ياۋروپادا، كىشىلىك ئەركىنلىك ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئېنىق چېگرا يوق بولۇپ ئەركىنلىكنىڭ ھەر خىل سىيمالىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىر تەرەپتىن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ۋە سۆيۈندۈرىدىغان تەرىپى بولسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە مەنپىي تەسىر كۆرسىتىدۇ . بۇ بەك چوڭ تېما بولغاچقا بىزنىڭ بۇ يازمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا سۆزلەپ ئۆتەيلى . ياۋروپادا شەخسلەرگە بېرىلگەن زىيادە ئەركىنلىك، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋالغان شەخسىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەردىمۇ دۆلەتنى ئويلاشمايدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇنداق ھالەت دۆلەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەلۇم رەقىبكە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ . خىتاي غەربنىڭ دەل بۇ بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسى شىركەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ ياۋروپاغا سىڭىپ كىرمەكتە. بۇنىڭغا قارىتا ياۋروپا دۆلەتلىرى خالىغانچە بېسىم قىلالمايدۇ. نەتىجىدە ياۋروپا چوڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قەدەم ئارقىدا قېلىقلىق.

ئاخىرىدا ياۋروپادا يەككە ھەقىقەت، توغرىلىق ۋە ئومۇمىي ئىدېئولوگىيە چۈشەنچىسى يوق ياكى بولسىمۇ ئاجىزلىشىپ كېتىكلىك . بۇنى پەلسەپىدە «ھەقىقەتنىڭ ھورغا ئايلىنىشى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ياۋروپانىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى ، خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور جەمئىيەتلەرنىڭمۇ « توغرا تەرىپىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئولتۇرۇپ ئويلاپ بېقىش» لىرىنى، ئۇمۇ توغرا بۇمۇ توغرا دەيدىغان قاراشقا كېلىشلىرىنى ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىدېئولوگىيەدىكى تەسلىمىيەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە چىقارماقتا. دىققەت قىلىدىغان بولساق ياۋروپا ئۆزلىرى ئوتتۇرىغا قويغان «لىبېرال ۋە دېموكراتىك دۇنيا تەرتىپى قۇرۇش» ۋەزىپىسىنى يالغۇز ئامېرىكانىڭ زىممىسىگە يۈكلەپ قويماقتا. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارشىسىدىكى ھەقىقەت يەككە ئەمەس. بىردىن كۆپ توغرا بار ۋە بۇ سەۋەبتىن دۇنيادا بىردىن كۆپ دۇنيا سىستېمىسىنىڭ بولۇشى ياۋروپالىقلارنىڭ ئىدىيەسىگە زىت كەلمەيدۇ شۇنداقلا بۇ كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى قارشى ئېلىش دېگەنلىك بولىدۇ. مانا بۇ دەل خىتاي ب د ت دا دېگەن «كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا ئىستەيمىز» دېگەن گېپى بىر يەردىن ئوخشاشلىققا ئىگە. تەبىئىيكى ، ئىدېئولوگىيە دىكتاتورىلىقى يامان ئىش. لېكىن خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور تۈزۈملەرنىمۇ چۈشىنىشكە تىرىشىش بۇمۇ يامان ئىش. بولۇپمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئوخشاش زالىم ھاكىمىيەت بىلەن دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ ھايات – ماماتلىق رىقابىتىدە ھەقىقەتنىڭ كۆپ خىللىقى غايەت زور يوقۇتۇش ئېلىپ كېلىدۇ.

ئەلۋەتتە يۇقىرىقى بايانلار ياۋروپادا ھېچقانداق ئۈمىدنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش ئەڭ نازۇك ۋە ھەل قىلغۇچ كۈچ ياۋروپادىن ئىبارەت . لېكىن ياۋروپانىڭ ھازىرقى تاشقى جەھەتتىن ئامېرىكانىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشەنچ بەرمەسلىكى ۋە ئىچكى جەھەتتىكى نىسبەتەن بوش سىياسىتى سەۋەبىدىن ياۋروپا يېڭى دۇنيا تەرتىپى مەسىلىسىدە ئىككىلىنىش پوزىتسىيەدە تۇرماقتا. بۇمۇ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە ئەمەس. ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى ۋە سىياسىيونلىرى خىتاي باشچىلىق قىلغان دۇنيا سىستېمىسىدا ئۆزلىرىنىڭ 3- دەرىجىلىك پۇقراغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . شۇڭا بۇ يەردە ئاچقۇچلۇق ئامىل يەنىلا ئامېرىكادا. ئامېرىكا بايدىننىڭ ياكى ترامپنىڭ رەھبەرلىكىدە ياۋروپاغا قارىتا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزسە ۋە قايتىدىن ئىشەنچ بىرەلىسە، خىتايغا قارشى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، ياۋروپانىڭ بىتەرەپ تۇرۇشى بىلەن خىتاينى قىسقا مەزگىلدە يېڭىش قىيىن . ھەتتا تىنچ ئوكياندا يېڭىچە ناتو قۇرۇشمۇ كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا كېيىنكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى « ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى بىرىنچى » سىياسىتىدىن ۋە ياۋروپاغا قاراتقان «قۇرۇقچىلىق » سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشى ، ياۋروپا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا ئىشەنچ بېرىشى، «لۈكچەك» لىك ۋە «بېكىنمىچىلىك » سىياسىتى ئەمەس، «ئ‍اغا» لىق ۋە دېموكراتىك ئەللەرگە « ئېچىۋېتىلگەن » سىياسەت يۈرگۈزۈشى لازىم.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*