“بىلىم ئىزاھلايدۇ دىن مەنە يۈكلەيدۇ”

2020-يىلى 13-ماي

پروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز

سوئال: ئۇستاز، نۆۋەتتە كورونا ۋىرۇسى ئاپىتىگە دۇچ كېلىۋتىمىز، ئوتتۇرا ئەسىردە خىرىستىيانلار بۇ خىل ئاپەتلەرنى تەڭرىنىڭ غەزىپى دەپ قارايتتى، بۇ قاراش مۇسۇلمانلاردىمۇ بار، سىزچە بۇ توغرىمۇ؟

(مەھمەت گۆرمەز) جاۋاب: يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر، ۋابالار ۋە يەر تەۋرەشكە ئوخشاش ئاپەتلەرنى چۈشىنىش ۋە شەرھىيلەش مەسىلىسى ھەم دىنلارنىڭ تارىخىدا ھەمدە پەلسەپە تارىخىدا نۇرغۇن كرىزىسقا سەۋەب بولدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدىكى، غەرب ئىدىيەسىدىكى زور بۇرۇلۇش دەل مۇشۇنداق بىر ئاپەتتىن كېيىن مەيدانغا كەلدى. 1755-يىلدىكى لىزبون يەر تەۋرەش ھادىسىسى فىزىكىلىق ماددا قارىشى بىلەن تېئولوگىيەلىك (دىنى) مەنىۋى قاراش ئوتتۇرىسىدا كەسكىن رېقابەت پەيدا قىلىپ، دىن-بىلىم-پەلسەپە توقۇنۇشىنىڭ پىلتىسىنى ياقتى. فىزىكىلىق ماددا قارىشى بىلەن مەۋجۇدلۇق ۋە كائىناتنى چۈشەندۈرىدىغان، ھەممە نەرسىنىڭ سەۋەبىنى پەقەت مىخانىكىلىق قانۇنىيەتتىن ئىزەيدىغان چۈشەنچە قانداق يۈزەكى، خاتا ۋە كەمتۈك بولسا، ھەر ئاپەتنى ئىلاھىي جازا ۋە ئازاب دەپ قارايدىغان دىنى قاراشمۇ ئوخشاشلا يۈزەكى، خاتا ۋە كەمتۈك ھېسابلىنىدۇ.

بۇنداق ئاپەتلەرنىڭ سەۋەبىنى بىلىم ئىزاھلايدۇ، پەلسەپە ۋە ئەقىل سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزىدۇ، دىن بولسا  ئاپەتلەرگە مەنە يۈكلەيدۇ. بىراق دىن يۈكلىگەن مەنە –ئىسلام نۇقتىسىدىن- قانداقتۇر بىلىمنىڭ ئىزاھلىشىنى ۋە پەلسەپەنىڭ چۈشەنچىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ. دەرۋەقە، بىلىم رەببىمىزنىڭ كائىناتقا بېكىتىۋەتكەن ئايەتلىرىنىڭ-قانۇنىيەتلىرىنىڭ تەپسىرى بولسا، ئەقىل ۋە چۈشەنچە ئۇنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان بۈيۈك ئىھسانىدۇر. بىلىم بىزگە كورونا ۋىرۇسىنى ئىزاھلايدۇ، مەسىلەن: كورونا ۋىرۇسىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، خۇسۇسىيىتىنى، ئىنسانلارغا  قانداق يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى، دۇنياغا قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلايدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا مەنە يۈكلىيەلمەيدۇ، ھېكمىتىنى ئىزاھلىيالمايدۇ، شۇندقلا بۇنىڭدىن قانداق ئىبرەت-ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلەلمەيدۇ، مەنىۋى ۋە مېتافىزىكىلىق تەرىپىنى كۆرەلمەيدۇ. بۇلارنى دىن قىلىدۇ. كەمتۈك بىلىم ۋە يۈزەكى ئالەم تەسەۋۋۇرىغا ئىگە، نازىل (تەنزىل) بىلەن شەرھىينى (تەۋىل)نى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان، سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى)نى بىلمەيدىغان ئاتالمىش دىن ئۆلىماسىمۇ بۇ خىلدىكى ئاپەتلەرگە توغرا مەنە يۈكلىيەلمەيدۇ.

قۇرئان بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەرنى پەقەت بىر جازا ۋە ئازاب سۈپىتىدە ئەمەس، بىر ئايەت ۋە بىر ئىبرەت سۈپىتىدە ئىپادىلەيدۇ. بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەر قانداقتۇر ئىلاھىي ئادەت بولماستىن، ئىلاھىي ئايەتتۇر. ئايەتنىڭ سۆز مەنىسى بەلگە ۋە ئىشارەت دېگەنلىك بولىدۇ. ئىشارەتلەر يەنى ئايەتلەرگە ئىبارىلەر نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىبرەت نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قۇرئاندا “ئىبرەت”نوقۇل بىر كەلىمە بولماستىن، بىر چۈشىنىش ئۇسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىبرەت ھادىسىلەرنىڭ سەۋەب ۋە نەتجىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر چۈشىنىشنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئۈچ خاتادىن ساقلىنىش

بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنداق ئۈچ خاتانى قىلماسلىق كېرەك:

بىرىنچىسى: بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەرنى مەلۇم بىر شەخسكە، مەلۇم بىر ھادىسىگە، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە ۋە مەلۇم بىر گۇناھقا باغلىنىشلىق قىلىش. دەرۋەقە، بۇ خىلدىكى ئاپەتلەردە نوقۇل ئاسىيلارلا ئەمەس گۇناھسىز ئىنسانلار ۋە بالىلارمۇ ئۆلىدۇ. ھەزىرىتى ئۆمەر دەۋرىدىكى ئامۋاس ۋاباسىدىمۇ نۇرغۇن ساھىبى جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

ئىككىنچىسى: بۇ خىلدىكى ئاپەتلەرنى ئىنساننىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن، ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى خاتالىقلىرىدىن مۇستەقىل يەنى خالىي ئويلاش. قۇرئاندا مۇنداق دېيىلىدۇ: “دېڭىزدا ۋە قۇرۇقلۇقتىكى بۇزغۇنچىلىقلار ئىنسانلارنىڭ ئۆز قوللىرى بىلەن قىلغان ئەتكەنلىرىدۇر.” (سۈرە رۇم:41).

ئۈچىنچىسى: بىر خىلدىكى ھادىسىلەرگە ئاللاھنى، ياراتقۇچى قۇدرەت ئىگىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش. بۇ سەۋەبتىن بۇنداق ھادىسىلەر ھەققىدە، كېيىنچە ئەقلىمىزنى خىجىل قىلىپ قويىدىغان چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

بالىلارنىڭ ئۆلۈمى

سوئال: بالىلار ۋە بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭمۇ جېنىغا زامىن بولىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەرنى “جازا”دەپ قارايدىغان چۈشەنچە، ئاللاھنىڭ “ئادىل”سۈپىتىگە زىت ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ئاپەتلەرنى “جازا”دەپ سۈپەتلىسەك ئاللاھنىڭ ھەم ئادىل دېگەن سۈپىتىگە ھەمدە راھمان ۋە رەھىم سۈپىتىگە زىت ئىش قىلغان بولىمىز. يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمزدەك، بۇنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن دىننى ئەتراپلىق ۋە بىر پۈتۈن چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.

ھاياتنىڭ بۇ دۇنيادىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغان، مەۋجۇدلۇقنى نوقۇل ماددىغا، ئىنساننى نوقۇل بەدەنگە باغلايدىغان، مەۋجۇدلۇقنىڭ مېتافىزىكىلىق ۋە مەنىۋى تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان كەمتۈك ۋە پارچىلانغان بىلىم چۈشەنچىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ، بۇ خىلدىكى ئاپەتلەرنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا مەنە بېرەلىشى تەس. ھەتتا مەۋجۇدلۇقنىڭ غايىسى ۋە يارىتىلىشنىڭ ھىكمىتىنى چۈشەنمەستىن ، توغرا ئالەم چۈشەنچىسى بولماستىن، ئاخىرەت ئېتىقاد بولماي تۇرۇپ دۇنيادىكى رەزىللىك، ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بارلىقىنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ.

ئاپەتلەرنى ئايەت دەپ چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا، بۇ خىلدىكى مۇسىبەتلەرنىڭمۇ بىر مەنىسى، بىر غايىسى، بىر  ھىكمىتى ۋە بىر پەلسەپىۋى بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.  ھەتتا بۇلارنى ئازاب سۈپىتىدە ئەمەس رەھمەت دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. “سىلەرگە ياقمايدىغان نۇرغۇن نەرسە باركى، ئۇنىڭدا خەيىر باردۇر. سىلەرگە ياقىدىغان نۇرغۇن نەرسە باركى، ئۇنىڭدا يامانلىق باردۇر” (سۈرە بەقەرە، 216). ھېچكىمنىڭ راھمان ۋە رەھىم بولغان رەببىمىزنى ئەرىشتىن بەندىلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدىغان، ئازاب بېرىدىغان ئىلاھ دەپ قاراشقا ھەققى يوق.

ئاپەتلەر ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسىگە خىزمەت قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارايدىغان بولساق، ئاپەتلەر يارىتلىشىمىزنىڭ ھىكىمىتىنى بىزگە ئەسلىتىدىغان ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئاپەتلەر نوقۇل ئىلاھىي ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، بەزىلەر ئۈچۈن رەھمەتتۇر، بەزىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەتتۇر، بەزىلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈندۇر. بەزى ئاپەتلەر گۇناھسىزلارنى تېخىمۇ ئېغىر مۇسىبەتلەردىن قوغداش ئۈچۈندۇر.

ياخشىلىق ۋە رەزىللىك

سوئال: ئەسەرلىرىڭىزدە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدىغان “ياخشىلىق ۋە رەزىللىك ئاللاھتىندۇر”دېگەن مەسىلىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

بۇ يەردە مۇنداق ئۈچ نەرسىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. يەنى ئونتولوگىيەلىك رەزىللىك، ئەخلاقىي رەزىللىك ۋە ئىنساندىكى يوشۇرۇن  رەزىللىكنى بىر-بىردىن پەرقلەندۈرۈش لازىم.

مېنىڭ ئونتولوگىيەلىك رەزىللىك ھەققىدىكى قارىشىم ئىمام ماتۇرىدىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى بىلەن ئوخشاش. شۇڭا مەۋجۇدلۇق ئالىمىدە مۇتلەق رەزىللىك يوق. رەزىللىكنىڭ ئۆزى مەۋجۇتلۇق ئەمەس. ھەمدە ھېچقانداق رەزىللىكنى بىۋاسىتە ئاللاھقا باغلىغىلى بولمايدۇ.

ئەخلاقىي رەزىللىكتە ، بىردىنبىر مەسئۇلىيەت كىشىدە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، قۇرئاندا: «بېشىڭغا كەلگەن ياخشىلىق ئاللاھتىندۇر. بېشىغا كەلگەن يامانلىق نەپسىڭدىندۇر.” ( سۈرە نىسا: 79).

ئىنساندىكى  يورۇشۇن رەزىللىك بولسا يارىتىلىش ۋە مەۋجۇتلۇق ھىكمىتىنىڭ تەقەززاسى بولۇپ ھېسابلىلنىدۇ. خۇددى قاراڭغۇلۇق بولمىسا يورۇقلۇقنى چۈشىنەلمىگىنىمىزدەك، باتىل بولمىسا ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيمىز. زۇلۇم بولماستىن ئادالەتنى ھېس قىلالمايمىز. ياخشىلىقنى يامانلىق بولمىسا چۈشىنەلمەيمىز. لېكىن بىز ھەرقانداق بىر زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى ، باتىلنىڭ سەۋەبى ۋە ھەر قانداق يامانلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاللاھقا باغلىيالمايمىز. ئەگەر يەر يۈزىدە يامانلىق بولمىسا ، يارىتىلىشتىكى غايە يوقىلىدۇ. ئەگەر دۇنيادا پەقەتلا يامانلىق بولمىغان بولسا ئىدى ، ئىنسانغا ئىرادە ۋە ئەركىنلىك بېرىلمىگەن بولاتتى.  ھەمدە ئىنسانغا ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئارىسىدا ، ھەتتا مۆمىن  بىلەن كاپىر بولۇش ئارىسىدا ئەركىنلىك بېرىلمىگەن بولاتتى. ئاللاھ ياخشىلىق ، ئادالەت ۋە رەھىم-شەپقەتنىڭ زېمىندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى، رەزىللىك ، رەھىمسىزلىك ۋە رەھىمسىزلىكنى يوقىتىشنى ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ غايىسى دەپ كۆرسەتتى. ئەھۋال مۇشۇنداق  تۇرسا، بىز ئاللاھقا يۈزلىنىپ نېمىشقا يامانلىقنى ياراتتىڭ ، نېمىشقا يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالمايسەن دېيىش ھوقۇقىمىز بارمۇ؟ ئىنسان بارلىق يامانلىقلارنى تەبىئىتى،  ۋىجدانى،ئەقلى ، پەيغەمبەرلەر ۋە نازىل قىلىنغان مۇبارەك كىتاب بىلەن يېڭىش  مەجبۇرىيىتى بار.

نېمە ئۈچۈن مېتود / ئۇسۇل مۇھىم؟

سوئال: سىزنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىڭىز «مېتود» ياكى «ئۇسۇل» ھەققىدە… بۇ تېمىلار نېمىشقا مۇھىم؟

ھەر خىل ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار تاۋارغا ئايلاندۇرۇلۇپ ، دىنىي ئىلىم بىر  پۈتۈنلۈكىنى يوقىتىپ پارچىلانغان دەۋرىمىزدە، ئەڭ چوڭ مەسىلە نادانلىق مەنىسىدىكى نادانلىق بولماستىن مېتودسىزلىقتۇر.  يەنى   بىلىم قەھەتچىلىكى ئەمەس، بەلكى مېتود قەھەتچىلىكىدۇر.  ئۇچۇر-مەلۇمات ۋە شەرھىي قالايمىقانچىلىقىنىڭ دىننىڭ ئوچۇق ۋە ئېنىق ھەقىقەتلىرىنى خىرەلەشتۈرۈۋاتقان دەۋرىمىزدە ، ئەڭ چوڭ رەزىللىك پرىنسىپ ۋە  قائىدىلەرنى بىلمەستىن دىننى چۈشەندۈرۈشتۇر. بۇ بىزنىڭ مېتود ياكى ۋە ئۇسۇل ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىشىمىزنىڭ بىر سەۋەبى. بىزنىڭ  مېتود ئۈستىدە توختىلىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ، دىننىڭ  ھەققىي ۋە دەلىللەر سىستېمىسىنى  يوقاتمىغان ئاساستا چۈشىنىشكە تىرىشىشتۇر. چۈنكى دىننىڭ بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر مۇسىبەت، ئەسىرلەر ئىچىدە مۇقىملاشقان  مەنبەلەر پۈتۈنلىكى ،  ھەقىقىي ۋە دەلىل-ئىسپاتلار سىستېمىسى ۋە قەدرىيەتلەر قاتلىمىنى يوقىتىپ قويۇشىدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىننى توغرا چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن مېتودقا قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىسلام ئىدىيەسىدە، بۇ ئۇسۇل پەقەت بىر قىسىم ئالىملار ۋە ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ مېتود-دىن ۋە ئۇسۇل-فىقھى نامىدا يازغان ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويغان قائىدە-پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت ئەمەس. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا  ئىنسان ، دۇنيا ، ئەقىل ، قانۇن ، ئىلىم-پەن ، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت قاتارلىقلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىدىغان ۋە بەلگىلەيدىغان مېتود دەل بىز كۆزدە تۇتقان ئۇسۇلدۇر. بۇ مېتود يەنە دىن بىلەن كۈلتۈرنى، ئادەت بىلەن ئىبادەتنى، دۇنياۋى بولغان بىلەن كۈلتۈر بولغاننى، مۇقىم بىلەن ئۆزگىرىشچان بولغاننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ دىننىڭ رەھمىتىنى پۈتكۈل زامان ۋە ماكانلارغا يەتكۈزۈشنىڭ، شۇنداقلا توغرا چۈشىنىش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈشنىڭ نامىدۇر. بۇ ئۇسۇلنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىقى ئېنىق ، ئەمما ئۈممەتنىڭ زېمىن بىلەن ئاسمان ئوتتۇرىسىدا ئورناتقان بارلىق مۇناسىۋىتى بۇ ئۇسۇلدىن تېپىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلغا نازىل (تەنزىل) بىلەن شەرھىينى (تەۋىل) بىر-بىرىدىن ئايرىماسلىق ، شەرھىينى  نازىل مەرتىبىسىگە چىقارماسلىق ۋە شەرھىي سەۋەبلىك ھچقانداق مۇسۇلماننى كاپىرغا چىقارماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىقىمىز. مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، بىز ھەم تەتقىقاتىمىزدا ، ھەم ئىنستىتۇتىمىزدا مېتود ۋە ئۇسۇلنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇق.

قۇرئان «قانۇن»مۇ؟

نۇتۇقلىرىڭىز ۋە كىتابلىرىڭىزدا «دىنىي تېكىستلەرنى قانۇن تېكىستىغا ئوخشاش چۈشىنىدىغان قاراشنى» تەنقىد قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن قۇرئاننى «قانۇن تېكىستى» دەپ قاراشقا بولمايدۇ؟

قۇرئان بىزگە ئاسماندىن ياغقان كىتاب ئەمەس. ئۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق سۈننەت دەپ ئاتىلىدىغان ھاياتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان، ھەمدە 23 ​​يىللىق ھاياتنىڭ بارلىق ئوڭۇشسىزلىقلىرى نەزەرگە ئېلىنغان. قۇرئان مەۋجۇتلۇق ئالىمىنىڭ تەرجىمىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، قۇرئاندا تارىخ بار ،قىسسەلەر بار ، مەۋجۇتلۇق ۋە  تەبىئەت بار ، ئالەمشۇناسلىق بار ، ئىنسان بار، جەمئىيەت بار، ئەخلاق بار، ئىتىقاد بار، ئىبادەت بار. شۇڭلاشقا قۇرئاننىڭ ھەر ئىپادىسىگە ئايەت دېگەن نام بېرىلگەن.  ئايەت قانۇن ئەمەس، لېكىن ئايەتلەر بارلىق قانۇنلارنىڭ يېتەكچىسى بولىدۇ. قانۇن ئايەتنى ئايەت بولۇشتىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇ ئەھۋال قۇرئاندا قانداقتۇر ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئايەتلەرنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

تېكىستنى قانۇنلاشتۇرۇش پەقەت  شەرھىيلەش بولۇپ ، ئىنساننىڭ زىھنى پائالىيىتى ياكى فورمۇلادۇر. ئايەت بولسا بىۋاسىتە زىھنى شەكىلدىكى فورمۇلاغا ئۆزگەرتىلمەيدۇ.دەرۋەقە، تەۋراتنىڭ بۇزۇلۇشىمۇ رەبلىرىنىڭ قانۇنلىرىغا ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن بولدى. ئەگەر قۇرئان پەقەت قانۇن دەپلا قارالسا ، ئۇ ھەقىقەتكە ، ھەققە ، ئەخلاق ، ئادالەت ، كۆيۈمچانلىق ۋە بارلىق قانۇنلارغا يېتەكچى بولۇشتىن خۇسۇسىيىتىدىن يىراقلىشىدۇ. ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ۋە شەرھىيلىرىنى قۇرئانغا ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. قۇرئان ھىدايەت يېتەكچىسىدۇر. قۇرئاننى قانۇن تېكىستىگە ئايلاندۇرغىنىمىزدا ،ئۇنى  ھىدايەت  يېتەكچىسى بولۇشتىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئومۇمىيلىق ۋە ئۇنىۋېرسال خۇسۇسىيىتىگە زىيان بەرگەن بولىمىز.  ئەلۋەتتە ، قۇرئاننىڭ ئۇنىۋېرسال ۋە  ئومۇمىي  قانۇنلىرى بار. ھەمدە ھەر بىر ئايەتنى شۇ  ئومۇمىي قانۇنلار دائىرىسىدە چۈشىنىش كېرەك.

ئىنسان پەيغەمبەر

سوئال: «سۈننەت ۋە ھەدىسنى چۈشىنىش قوللانمىسى» ناملىق يېڭى كىتابىڭىزدا: « ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە قىلغانلىرى  بىلەن  پەيغەمبەر سۈپىتىدە قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئارقىلىق سۈننەتنى چۈشىنىش كېرەك» دەيسىز.  بۇنىڭغا بىر قانچە مىسال بېرىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟

جاۋاب: مىسال كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، مۇنۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ قويۇشنى توغرا تاپتىم. كۈنىمىزدە سۈننەت ۋە ھەدىسنى شەرھىيلەپ ئىزاھلىغاندا، مۇھەممەد رىسالىتىنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى بولغان بارلىق ئالەملەرگە رەھمەت سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ئالەمشۇمۇل ھەقىقەت بىلەن بارلىق زامانلارغا خىتاب قىلىدىغان رەھبەرلىك ھەقىقەتنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. سۈننەتنى شەرھىيلەپ چۈشىنىش ئۈچۈن ، بارلىق مېتود ئالىملىرى قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە قىلغانلىرى  بىلەن پەيغەمبەر سۈپىتىدە قىلغانلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىش بىلەن ئۇنى ئۈلگە قىلىشنى بىر-بىرىدىن چوقۇم ئايرىش لازىم. چۈنكى  ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنىڭ كۈلتۈرىنى ئالەمشۇمۇل دىن قائىدىسىگە ئايلاندۇرمىغان. دىنغا كىرىدىغان ئەڭ چوڭ بىدەت، پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن قەۋمنىڭ ئەنئەنىسىنى، ئادىتىنى، كۈلتۈرىنى دىن ھالىتىگە ئېلىپ كېلىشتۇر. سۈننەتنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ، ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئىبادەتنى ،مىللىيلىك ۋە  ئومۇمىيلىقنى ، دىن ۋە  كۈلتۈرنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

 

دەرۋەقە ، بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ئايرىمنى قىلغان:   نۇرغۇن ئەھۋالدا ساھابىلەر «يا رەسۇلۇللاھ! بۇ ۋەھىيمۇ ياكى سىزنىڭ قارىشىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىغان. ئۇلار  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەكسىچە، ئىككىلەنمەستىن ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىشتىن، ھەتتا ئۆزىنىڭ پىكرى بويىچە ئىش تۇتۇشتىن يالتايمىغان.  ھەممىدىن مۇھىمى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلەرنىڭ بۇ سوئاللىرىنى سۈننەتكە قارشى پوزىتسىيەسى دەپ قارىمىغان. 

“ۋەھىي ئەمەس قاراشتۇر”

مەسىلەن ، بەدىر ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمان قوشۇننى بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان ئەسنادا، ھۇباب بىن مۇنزىر ئىسىملىك ياش بىر ساھابە: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئاللاھ بۇ سىزگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ، بىز ئۇنىڭغا قارشى چىقالمايمىز. ياكى بۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزمۇ؟ »دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ: «بۇ مېنىڭ قارىشىم» دەپ جاۋاب بەرگەن. بۇنىڭغا قارىتا ھۇباب تېخىمۇ ئىستراتېگىيىلىك باشقا بىر جاينى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ تەكلىپىنى ياقتۇرىدىغان رەسۇلۇللاھ، ھۇبان كۆرسەتكەن يەرگە قوشۇننى ئورۇنلاشتۇرغان.

مەسىلەن ،  خەندەك ئۇرۇشىدا رەسۇلۇللاھ غاتافان قەبىلىسى بىلەن شۇ يىلقى مەدىنە خورمىلىرىنىڭ ئۈچتە ئىككىسى بەدىلىگە مەدىنىنى قورشىۋالغان مۇشرىك بىرلەشمە قوشۇنىدىن چېكىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەسىلىسىنى مەسلىھەت قىلغان سەئىد بىن مۇئاز بىلەن سەئىد بىن ئۇبادە:  «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىشمۇ؟ ياكى ئاللاھ سىزگە بۇيرۇغان ئىشمۇ؟ »دەپ سورىغان. دەرۋەقە ، مەسلىھەتلىشىش نەتىجىسىدە ، رەسۇلۇللاھ غاتافان قەبىلىسىگە ساھابىلەرنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشتىن ۋاز كەچكەن.

يەنە بىر مىسالنى ئايال ساھبىلەردىن بېرەيلى.  ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولغان بەرىرەنى يولدىشىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، يېنىغا چاقىرغان مۇھەممە ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ھەم ئېرىڭ ، ھەم بالىلىرىڭنىڭ دادىسى ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتسەڭ نېمە بولىدۇ ؟» دەپ ئۇنى ئېرىگە قايتىشقا ئىلھاملاندۇرغان.  بەرىرە «ئى رەسۇلۇللاھ! سىز رەسۇلۇللاھ سۈپىتىدە بۇيرۇق قىلامسىز؟ »دەپ سورىغاندا،  رەسۇلۇللاھ: «مەن پەقەت بۇ ئىشقا ۋاستىچىلىك قىلىمەن» دېگەن. بەرىرە ئۇنىڭغا: «مەن ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق ئەمەس!» دەپ جاۋاب بېرىپ،  ئېرىدىن ئاجراشقان.

مەنبە: https://www.karar.com/bilim-izah-eder-din-anlam-verir-1562309

تەرجىمان: ئا يۈسۈپ

.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*