ئامېرىكانىڭ تاللىشى: جو بايدىن ۋە كامالا خاررىس

2020-يىلى 16-نويابىر

فۇئات كەيمان

«ئامېرىكانى يەرشارىۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش ئاكتىپ ۋە دوست دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىشنى ئەلا بىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئۇسلۇبىغا موھتاج»

– ساپانچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئې.فۇئات كەيمان

تۆت يىللىق ترامپ دەۋرى ئاخىرلاشتى. ئامېرىكا خەلقى سايلامدا دېموكراتچىلار پارتىيەسىگە تەۋە جو بايدىن ۋە كامالا خاررىس (ئامېرىكانىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئايال، نىگېر -جەنۇبىي ئاسىيالىق مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى) ئۈچۈن  بىلەت تاشلىدى.

بۇ ناھايىتى كۆپ سايلىغۇچى قاتناشقان سايلام بولدى (150 مىليونغا يېقىن). ئامېرىكا بۇ سايلامدا پەقەت پىرېزىدېنتنىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ۋە قانداق بىر دۆلەتتە ياشاشنى خالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئارزۇسىنى تاللايتتى.

بايدىن تارىخىي بىر بېلەتكە ، يەنى 74 مىليون بېلەتكە ئېرىشتى. توغرا، بايدىن غەلىبە قىلدى، ئەمما بىز بۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا ترامپ ئۇتتۇرۇپ قويغان بىر سايلامغا شاھىت بولدۇق.

ئامېرىكا ترامپقا «توختا» دېدى.

گەرچە ترامپ نەتىجىنى قوبۇل قىلمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ،  ئەمما  2021 – يىلى 20-يانۋاردىن باشلاپ بايدىننىڭ  ئامېرىكانىڭ 46-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرى باشلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.

بۇزغۇنچىلىق

ترامپنىڭ تۆت يىللىق دەۋرى بەش ھالقىلىق نۇقتىدا غايەت زور «بۇزغۇنچىلىق» پەيدا قىلدى، تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىگەندە، «يىمىرىلىش» ياراتتى.

بىرىنچىدىن، ئامېرىكا ترامپ دەۋرىدە ئىلگىرى بېشىدىن كەچۈرۈپ باقمىغان، ھەتتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە  قۇتۇپلىشىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. قۇتۇپلىشىش پەقەت سىياسىي ساھەدىلا ئەمەس،  ئىجتىمائىي، ھەتتا «ھېسسىي» ساھەلەرگىمۇ كەڭ يېيىلدى. ئامېرىكا بىر-بىرىگە قۇلاق سالمايدىغان، ھەتتا ئۆچ كۆرىدىغان لىدىرلار، مېدىيا، كىملىك، ھېس – تۇيغۇ، پىكىر ۋە پوزىتسىيەگە قەدەر ئىككىگە بۆلۈندى. «ئىككى ئامېرىكا»، «ئىككى ۋاشىنگتون»، «ئىككى كىملىك » قاتارلىق كۆپ خىللىق ۋە قارشىلىقلار ئامېرىكانىڭ يېقىنقى تۆت يىللىق تارىخىغا مۆھۈرىنى باستى. ترامپ قۇتۇپلىشىش ۋە بۆلۈنۈشنى قوزغىغان ۋە كۈشكۈرتكەن رەھبەرگە ئايلاندى.

ئىككىنچىدىن، ترامپنىڭ يېقىنقى تۆت يىلى بىز «تەڭپۇڭلۇق ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى» دەپ ئاتايدىغان ئىجرائىيە، قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيە ئاپپاراتلىرى ئارىسىدىكى «كۈچلەر ئايرىملىقى»، «ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى»، «ئورگانلارنىڭ ئەھمىيىتى»، «مۇستەقىللىق» ۋە «لاياقەت ساداقەتتىن ئۈستۈن» بولۇش پىرىنسىپلىرىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى. «سىستېما قاتناشقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، بۇ چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك»؛ ئامېرىكا ھەردائىم ئىپتىخارلىنىدىغان بۇ زېھنىيەتنىڭ كۈنسېرى سۇسلىشىۋاتقان دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ترامپ ھەتتا ئۆز پارتىيەسىگە قارشى چىقىپ، پەقەت لىدىر، لىدىرنىڭ پىكرى ۋە لىدىرغا بولغان ساداقەت ئاساسىدا ئامېرىكانى باشقۇرماقچى بولدى.

ئۈچىنچىسى، ترامپ پىرېزىدېنتلىقىدىكى ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى بىردەكسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈنلەي لىدىرلىق خاھىشىدىكى ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ  خىتاي ۋىرۇسى (COVID-19) دەۋرىدە سەھىيە ساھەسىدە «ئىقتىدارى تۆۋەن، ئاجىز دۆلەت» ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى، ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى لىدىرلىقى ۋە يەرشارىۋى تەسىرىگە زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكانىڭ يەرشارىۋى، ھەتتا رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىقىدىكى تەسىرچانلىق، سۆزدە ئۆتكۈرلۈك، قايىل قىلىش، ئۆزگەرتىش كۈچى، باشقىچە ئېيتقاندا يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچ ئوقى زور دەرىجىدە ئاجىزلىدى. خىتايدىن رۇسىيەگىچە، فىرانسىيەدىن گېرمانىيەگىچە، ئىراندىن تۈركىيەگىچە بولغان دۆلەتلەردە «ئامېرىكانىڭ يەر شارىۋى لىدىرلىقى ئاخرلاشتى» دېگەن تونۇش كۈچەيدى.

تۆتىنچى، ترامپ دەۋرى دۇنيا مىقياسىدا «دېموكراتىك تۇرغۇنلۇق»، «مۇستەبىت دېموكراتىيە»، «مۇستەبىت ئاۋامپەرەسلىك» ياكى «رىقابەتچى مۇستەبىتلىك» دېگەندەك ناملار ئاستىدىكى بۇ جەرياننى تېخىمۇ تېزلەتتى. ترامپ كۈچلۈك لىدىرلار دەۋرى، لىدىرلار زامانى، لىدىرلار سىياسىتى قاتارلىقلارنى تەكىتلەپ،  ھەتتا ئۆز پارتىيەسىنىڭ پىرىنسىپلىرىدىنمۇ يىراقلاشقان لىدىر باشچىلىقىدىكى سىياسەتكە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، «ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشى دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنىڭ ئۆلۈمىنى تېزلىتىدۇ. ئەگەر ئۇ سايلانمىسا، قايتىدىن دېموكراتىيەلىشىش ئېھتىماللىقى كۈچىيىدۇ» دېگەن پىكىر ۋە ئېھتىماللىق بۇ سايلامنىڭ ئەھمىيىتىنى دۇنياۋىلىققا كۆتۈردى.

بەشىنچى، ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىقى غەلىتىرەك بىر «ئاقساراي» ھادىسىسى ۋە تونۇشىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئىلگىرى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى «ئىچىگە چۈمكەلگەن، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تاراتقۇلار بىلەن زىددىيەتلىشپلا تۇرىدىغان، ئاقىللار ئامبىرى ۋە پۇقراۋى تەشكىلاتلار بىلەن قەتئىي ھەمكارلاشمايدىغان،  يېقىن خىزمەتچىلىرىمۇ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، لىدىرغا بولغان ساداقەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەن شوئار بىلەن ئىشلەيدىغان بىر ئاقساراي» ترامپ دەۋرىدە پەيدا بولدى. ترامپقا يېقىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئىستېپا بەرگەن ياكى ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن يازغان كىتابلىرى، ماقالىلىرى ۋە  بايانلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورگان ۋە سورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ئاقساراينىڭمۇ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ بەش ھالقىلىق ساھەدە ترامپ دەۋرى مەيلى دۇنيا سىياسىتى ياكى دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە بولسۇن، زور بۇزغۇنچىلىق ياكى بۇزۇلۇش جەريانىغا باشلامچىلىق قىلدى. ئامېرىكا «بۇزغۇنچى قۇتۇپلىشىش»، «بۆلۈنگەن ئىككى ئامېرىكا»، «سىستېما ۋە تەشكىل خاراكتېرلىك ئاجىزلاش»، «يەر شارىۋى لىدىرلىقنىڭ يوقىلىشى»، «ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ ئۆلۈمى» ۋە «ئاقساراينىڭ يىمىرىلىشى» قاتارلىق مەسىلە ۋە خەۋپلەرگە دۇچ كەلدى.

سايلام مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا بۇ ئېغىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بايدېننى پىرېزدېنتلىققا سايلىدى. مەن ئومۇمىي باھالارغا قوشۇلىمەن:  سايلامدا بايدىن غەلىبە قىلمىدى، ترامپ ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئامېرىكا ترامپقا ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە سىياسەتكە «بولدى، بەس» دېدى.

بۇ سەۋەبتىن، بايدىن دەۋرى ترامپ كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇزغۇنچىلىقلارنى تۈزىتىش ۋە ئامېرىكانى سىستېما ۋە تەشكىلىي تۈزۈم ئاساسىدا قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەسلەپتە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغان بىر جەرياننى باشلايدۇ.

ئەسلىگە كەلتۈرۈش

بۇ جەريان «ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋرى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇزۇلغاندىن كېيىن قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا ئۆز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى قۇتۇپلىشىشتىن نورمال ھالەتكە قايتىشى، تەڭپۇڭلۇق ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى، ئورگانلىرىنى ۋە ئورگانلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى، قىسقىسى، «باشقۇرالايدىغان دېموكراتىيە» نى قايتىدىن بەرپا قىلىشى كېرەك.

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە دۇنيا سىياسىتىدىمۇ دۇنياۋى لىدىرلىق ئورنىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش، ھېچ بولمىغاندا تەسىرى ۋە كۈچى قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنغا قايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

قەتئىي ئاسانغا توختىمايدىغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىر دەۋر بايدىننى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ .

ئامېرىكا ئۆز ئىچىگە بۇرۇلۇپ، يېقىنقى تۆت يىلدا كېلىپ چىققان زىياننى توختىتىشى ۋە قايتا قۇرۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. بۇ ھەم ئامېرىكانىڭ ئىچىگە يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ترامپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ۋە تۇتۇرۇقسىز تاشقى سىياسەت مانېۋىرى بىلەن كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادا «يەرشارى ۋە رايون مەسىلىسى ۋە جەريانلىرىغا بولغان تەسىرى تەدرىجىي ئاجىزلىشىۋاتقان ئامېرىكا سىيماسى»نىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۆھپە قوشتى. ئوخشاشلا، بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن خەلقئارا ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشتى ۋە بۇزۇلدى.

تاشقى سىياسەتنى لىدىرلارئارا مۇناسىۋەتكە ئايلاندۇرۇپ قىسقارتقان ترامپ دەۋرى ئامېرىكانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تاشقى سىياسىتىگىلا ئەمەس، غەرب ۋە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقداشلىق ئىدىيەگىسىمۇ ئېغىر زىيان كەلتۈردى.

ئامېرىكانى يەرشارىۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇپ چىقىش ئاكتىپ ۋە دوست دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتنى  ياخشىلاشقا تىرىشىشنى ئەلا بىلىدىغان بىر ھەرىكەت ئۇسلۇبىغا موھتاج، ھەم ئەمەلىي مەيداندا، ھەم ئۈستەل ئۈستىدە، ھەمدە  تونۇش جەھەتتە…

بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقى بۇ نۇقتىدا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. سىرتىغا ئەھمىيەت بەرگەندە ئىچىدە، ئىچىگە مەركەزلەشكەندە، سىرتتا تەسىرىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن.  باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بايدىن ئىچىگە چۈمكىلىۋالماي تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى سىياسەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي تۇرۇپ، سىرتتا ئاكتىپ بولىدىغان باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا بىرلا ۋاقىتتا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئىجابىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، شۇنداق قىلالىغان تەقدىردىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان قىيىن مەزگىل بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى ساقلاۋاتىدۇ. قېنى كۆرىمىز…

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى

نۇرغۇن مەسىلىلەر ۋە كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، تۈركىيەگە نىسبەتەن بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقىنى ترامپنىڭ ئىككىنچى قېتىم قايتا پىرېزىدېنت بولۇشىدىن پايدىلىقراق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئەمما بايدېننىڭ پىرېزىدېنتلىقىدا ، ھېچ بولمىغاندا تۇنجى يىلى تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى سەلبىيلىك داۋاملىشىدۇ.

پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ تاللىشى شۈبھىسىزكى ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىنىڭ داۋاملىشىشى ئىدى.

ترامپ ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان ۋە  تەسىرىگە ئۇچرىغان لىدىرنىڭ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ترامپ ھەققىدە يازغان كىتابلىرىدىنمۇ كۆرۈۋالالايمىز . ئىككى لىدىر بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇناسىۋەتلىرى ياخشى،  مەسىلىلەرنى ئۆز-ئىچىدە ھەل قىلىشنى خالايدۇ. ھەر ئىككى لىدىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ياقتۇرمايدۇ، ئورگانلارنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشەنمەيدۇ، لىدىرلارغا  مەركەزلەشكەن  تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە لىدىرغا سادىق بولۇشنى بىرىنچى دەرىجىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە دەپ قارايدۇ.

ئەمما شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، يېقىنقى تۆت يىل مابەينىدە، بۇ چۈشەنچىنىڭ  تۈركىيەگىمۇ، ئامېرىكاغىمۇ بىرەر پايدىسى تەگمىدى. غەلىبە قىلغان ۋە رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىق دائىرىسىنى كېڭەيتكەن دۆلەتلەر بولسا رۇسىيە ۋە خىتاي بولدى.

شۇڭلاشقا بايدىننىڭ پىرېزىدېنتلىقى تۈركىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان تاشقى سىياسىتىدىكى قاتماللىقى ۋە قاتتىق كۈچ چەمبىرىكىدە ئامېرىكاغا ئۆزىنى ۋە  دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن ئويلاش ۋە يېڭىلاش پۇرسىتى بېرىشى مۇمكىن.

ئامېرىكاغا ئوخشاشلا تۈركىيەنىڭمۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا (ئۆزىنى) ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېھتىياجى بار .

قېنى كۆرىمىز…

تەرجىمان: مۇھەممەد ئابدۇمېجىت

تەرجىمە تەھرىرى: پاسىبان

مەنبە:  https://www.karar.com/amerikanin-tercihi-joe-biden-ve-kamala-harris-1593679

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*