ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەپتىلىك دوكلاتى

2020-يىلى 14-ئۆكتەبىر

3- ھەپتە
تەييارلىغۇچى : كۆلتېكىن
11.10.2010—05.10.2020

Financial Times
05.10.2020
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش يېڭىچە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا مايىك پەنسنىڭ ھادسون تەتقىقات ئىنستىتوتىدا سۆزلىگەن نۇتىقى ۋە مايىڭ پومىپىئونىڭ بۇ يىل 7- ئايدىكى رىچارد نىكسون كۇتۇبخانسدىكى نۇتىقى مىسال قىلىپ كۆرستىشكە بولىدۇ. يەنى، خىتاي ئامېرىكانىڭ 1- نۇمۇرلۇق رەقىبى شۇنداقلا، غەرب پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇپ چىققان دۇنيا سىسىتمىسى خىتاي تەرىپىدىن بىتچىت قىلنماقچى.

ئەگەر بايدىن پىرېزىدېنت بولسىمۇ يەنىلا خىتايغا قارشى رىقابەت ۋە چەكلەش توختاپ قالمايدۇ، پەقەت بايدىن باج ئۇرۇشىنى تارايتىپ، خىتايغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇش ئارقلىق قارشى تۇرىشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭىنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە ئۇمۈرلۈك رەئىىس بولۇشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى خىتاينىڭ رەسمىي دىكتاتۇر دۆلەتكە ئايلانغانلىقنىڭ بەلگىسى .

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى گىرمانىيە – ئەنگىلىيە توقۇنۇشى، ياپونىيە – ئامېرىكا توقۇنۇشى ۋە سوۋېت- ئامېرىكا توقۇنۇشلىرىغا ئوخشىتىشقا بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭ غەلبە قىلدىغىننى بەلگىلەيدىغىنى دۆلەت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر.

بىلومبىرگ
06.10.2020

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا كۆپىنچىسى غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئىككى مۇسۇلمان دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 39 دۆلەت خىتاينى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار مەسىلىدە ئەيىبلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ئەيىبنامىنى گىرمانىيە ۋەكىلى ئ‍وقۇغان .

بۇنىڭغا قارشى كۆپ قىسىمى مۇستەبىت ۋە نامىرات دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان 55 دۆلەت خوڭكوڭ مەسىلىسىدە، 45 دۆلەت بولسا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسدە خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ رەددىيە بەرگەن. پاكستان خوڭكوڭ مەسىلىسدە ، كۇبا بولسا شەرقىي تۈركستان مەسىلىسدە خىتاينى ياقىلاپ بايانات بەرگەن.
خىتاي ۋەكىلى بولسا 26 دۆلەتكە ۋاكالىتەن غەرپ دۆلەتلىرىنى ئىنسان ھەقلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىرقچىلىق مەسىلىسى ئېغىر ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ناچار دەپ ئەيىپلىدى.

The Winchester Star
06.10.2020

يېقىندا ماقۇللانغان ۋىكستون لاھىيەسى دەپمۇ ئاتالغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيەسى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى “شىنجاڭ رايونى”دا چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئوچۇق ئېلان قىلىشىنى مەزمۇن قىلىدۇ. مەزكۇر لاھىيەگە ئاساسەن، يەنە شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئوچۇق ئاشكارا ئېلان قىلدىغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ مال مەنبەسىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بار – يوقلىقى تەكشۈرۈلىدىكەن .

BBC
06.10.2020

بۈگۈن يېقىنىدىن بۇيان كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندستان ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىدىكى «تۆتلۈك» ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنسترلىرى توكيودا ئۇچراشتى. ياپونىيەنىڭ ھەم تاشقى ئىشلار مىنسترى ھەم يېڭى پىرېزىدېنتى سۇگامۇ قاتناشتى. يىغىندا پومىئۇ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى.

خىتاي تەرەپ بولسا بۇ ئىتتىپاققا ئۇزۇندىن بېرى قارشى بولۇپ بۇ قېتىممۇ « ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەت، رايۇن تىنچلىقى ۋە تەرەقىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى، باشقا مەقسەتلەردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز » دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

بۇ ئىتتىپاقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي بىلەن كەڭ دائىرىلىك زىددىيتى بولۇ،پ تىغ ئۈچى ئېنىق خىتايغا توغرىلانغان.

DW|English
06.10.2020
خىتاي – ئامېرىكا توقۇنۇشىدا جەنۇبىي كورىيە ئىككى دۆلەتتىن بىرنى تاللاشتەك قىيىن ئەھۋالدا قالماقتا. جەنۇبىي كورىيە دۇنيانىڭ 15- چوڭ ئىقتىسادى كۈچى بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتسادى باغلىنىشى ئىنتايىن چوڭ. يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبىي كورىيە ھەربىي بىخەتەرلىك جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئامېرىكىغا تايىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 28 مىڭ 500 ئەسكىرى جەنۇبىي كورىيەدە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ترامپ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ خىراجىتى جەھەتتىن جەنۇبىي كورىيەگە ئىزچىل بېسىم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىغا ھەر يىلى 5 مىلياردا دوللاردىن ئاز پۇل تۆلىسە ئەسكەرلىرىنى چىكىنىدۈرۈپ چىقىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ پۇل 2019- يىلىدا بىر مىليارد ئىدى. بۇنىڭغا قارشى خىتاي ھەركەتكە ئۆتۈپ جەنۇبىي كورىيەنى خىتاينىڭ دۇنياۋى ئۇچۇر بىخەتەرلىك پىلانىغا قاتنىشىشقا تەشۋىق قىلماقتا.

TRT World
06.10.2020
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلتىلىدىغان ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار جېڭى يۈز بەرمەكتە. بۇ خىل مېتاللار 17 خىل مېتال بولۇپ يەر شارىدا ناھايتى ئاز ۋە ساناقلىقلا دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ، نوۋەتتە خىتاي بۇ خىل مېتاللارنى ئىشلەچىقىرىشنىڭ 90% نى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل مېتاللارنى «خىتاينىڭ قولىدىكى ئەڭ چوڭ قەرت» دەپ قارىماقتا. خىتاي بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىغا سېتىشنى توختاتسا ئامېرىكانىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكا تەرەقىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
بۇنىڭغا قارىتا ترامپ ئۆتكەن ھەپتە بۇ خىل مېتاللارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قېزىپ چىقىرىلىشى ۋە مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە دۆلەت مىقياسىدا جىددى بۇيرۇق ئېلان قىلغان.
بۇ خىل مېتاللارنىڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى ئېىنقلانغان زاپاس مىقدارى 120 مىليون توننا ئىكەن.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى
06.10.2020
مايىك پومىئۇ « تۆتلۈك» ئىتتىپاقىدىن خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئىستەيدۇ ، لېكىن ئاسىياچە ناتو ئەمەس. خىتاينىڭ ئۆكتەملىكى ۋە چىرىكلېكىنى تىلغا ئالغان پومپىيو «دۇنيا ئەركىنلىك بىلەن دىكتاتۇرلۇق» ئارسىدىن بىرنى تاللاشقا دۇچ كىلۋاتىدۇ، دېدى.
خىتاي تەرەپتىن جاڭ تىڭجۈن بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي ئىتتپاققا قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن
ياپونىيە ۋە ھىندستان تەرەپ خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىنى دىئالوگ بىلەن ھەل قىلىشقا مايىل بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي بىلەن بولغان ئىقتسادى جەھەتتىكى بىر-بىرىگە باغلىنشلىق بولغانلىقىدىن سىرت، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلار ۋاشنىگىتون تەرەپنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەسلىكىدۇر.
شۇنداقتىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۇ ئىتتىپاقنىڭ ھەمكارلىقى بۇنىڭدىن كېيىن كۈچىيىپ، خىتايغا قارىتا چەكلەش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ ماڭىدىكەن.
Foreign Policy
07.10.2020
ئاۋغۇسىت ئېيىدىن باشلانغان ۋە شى جىنپىڭ تەرىپىدىن كۈچەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان « قاچىدىكى تاماقنى پاكىز» يىيىش ھەرىكىتى ۋە خىتايدىكى ئاشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىق ھەققىدىكى شۇئار ۋە بۇيرۇقلارنىڭ كۆپىيىشى بۇ يىللىق تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن خىتايدا ئاشلىق كىرزىسى بولىۋاتقانلىقىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ئ‍اشلىق باھاسى 10% ئ‍ۆسكەن بولۇپ بۇ نامراتلارغا ئېغىر قىينچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. شىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن داۋاملىق «خەلقتە ئاشلىق كىرزىسى ئېڭى » بولۇشى كېرەك دەپ كەلمەكتە.
Foreign Policy
07.10.2020
خىتاي ۋىرۇسىنى كونترول قىلشتا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ قايسىنىڭ بەكرەك چوڭ سەۋەنلىك سادىر قىلغانلىقى ھەققىدە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ پىكىرى ئېلىنغان بولۇپ، ئامېرىكادا 64% كىشى خىتاي ياخشى بىر تەرەپ قىلىمىدى دەپ قارايدىكەن. ياپونىيەدە ھەر ئىككى تەرەپنى ياخىشى بىر تەرەپ قىلمىدى دەپ قارايدىغانلار 79% نى ئىگەللەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكانىڭ خاتا بىر تەرەپ قىلىشنى خىتاينىڭكىدىن يۇقىرى دەپ قارايدىكەن.
لېكىن، دىققەت قىلشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاز 50% خىتاينىڭ مەسئۇلىيتى بار ۋە بىر تەرەپ قىلىشى ياخشى بولمىدى، دەپ قارايدىكەن.
France 24
07.10.2020
ناتو قۇماندانلىق مەركىزى يېڭى تېخنىكا، تېررورلۇق ۋە خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلان ئېلىپ بېرشقا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بولتۇر ناتونى « مېڭسى ئۆلدى» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، يېڭى دەۋىردىكى زىدىيەتلەرگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ناتو باش كاتىپى ستولتېنبرگ « ناتو 2030» پىلانىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ ناتونىڭ غەربلىك 30 ئىتتىپاقدىشىغا تور بىخەتەرلىكى، يامان خاراكتېرلىك تېخنىكا ۋە Big Data قاتارلىق تەھدىتلەرگە قارىتا ئورتاق ئەھدىنامىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ باش كۆتۈرىشى بىلەن يۈز بېرىۋاتقان خەلقئارا سىستېمىدىكى ئ‍ۆزگىرىشكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.

Outlook India
08.10.2020
ترامپ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ چىققاندىن كېيىن « خىتاي پۈتۈن دۇنياغا بۇ ۋىرۇسنى يايغانلىقى ئ‍ۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ» دېدى. لېكىن ئۇ خىتاينى قانداق قىلىپ بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېمىگەن.
Financial Times
09.10.2020
گەرچە خىتاي- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى سوۋېت – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئوخشىتىش خاتا بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سوغۇق مۇناسىۋتلەر ئۇرۇشىغا كىرىپ قېلىشنىڭ ئىھتىماللىقى كۈچەيمەكتە. ئىككى تەرەپ خەلقئارا سەھنىدە بىر – بىرىگە ناھايتى ئېغىر دىپلوماتىك تىل ئىشلەتمەكتە.
ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق سودا مىقدارى 500 مىليارد دوللار بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتتىكى قاتتىق قوللار سوغۇق ئۇرۇش باشلاشتىن يانماسلىقى مۇمكىن. بۇلارنىڭ بۇنداق بىر ئۇرۇشقا كىرىپ قېلىشى كىلمات ئ‍ۆزگىرىشى، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەردە ئېغىر قىينچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئېنىق.
ئەگەر خىتاي بۇ زىدىيەتىنى پەسەيتمەكچى بولسا، دۆلەت ئىچىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە دېموكراتىك، چەتئەللەردە بولسا ئۆكتەم ۋە جىدەلخور سىياسىتىنى ئ‍ۆزگەرتىشى لازىم. خىتاي شۇنى بىلىشى لازىمكى، تەيۋەنگە قارىتىلغان ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكەت غەرب بىلەن بولغان ئىقتسادى مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي تەرەپ ب د ت نىڭ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۆزىگە بولغان غەزىپىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ.

Nikkei Asia
11.10.2020
خىتاينىڭ دوستلىرى ئاز ھەم ئىشەنچلىك ئەمەس. گەرچە ترامپ ھۆكۈمىتى سودا ئۇرۇشى قىلۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى سوراق قىلىۋاتقان ۋە تەنقىد قىلۋاتقان بولسىمۇ لېكىن دىپلوماتىيە جەھەتتە ناھايتى ياخشى كېتىپ بارماقتا.
ئامېرىكا «تۆتلۈك» ئىتتىپاقنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق خىتايغا يېقىن بولغان دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋىتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغان. تەيۋەن ۋە كورىيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتماقتا. بۇنىڭدىن باشقا ھىندى- تىنچ ئوكيان رايوننىڭ ئوچۇق ۋە ئەركىنلېكىنى ساقلاش تەشەببۇسى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە.
ئەكسىچە ، خىتاي يېقىندىن بېرى قوشنا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆكتەم تاشقى سىياسىتى ھېچقانداق يېڭى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقىغا قوشۇلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ كۆپنىچسى يا ئىشەنچىسز، ياكى خەلقئارا سەھنىدىكى مۇھىم بولمىغان دۆلەتلەر.
رۇسىيەمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي مۇز ئوكياندىكى تەسىر دائىرىسىدىن بىئارام ھالەتتە ۋە ھىندىستان ۋە ۋېيتنام قاتارلىق خىتاينىڭ رەقبلىرىگە قورال- ياراق ياردىمى قىلىدۇ.
Nikkei Asia
11.10.2020
خىتاينىڭ داڭلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسى، چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتوتىنىڭ مۇدىرى يەن شۆتۈڭ خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە « ئۇرۇش بولمايدۇ، لېكىن كىچىك دائىرىلىك ئەسكىرى توقۇنۇشنىڭ ئىھتىماللىقى بار » دەپ ئېيتتى. يەنە بىر تەتقىقاتچى، ۋاشىنگىتون China power project تەتقىقات ئ‍ورنىنىڭ دىرىكتورى بوننىي گىلېسىر Bonnie Glaser بولسا « ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى قىين» دېدى.
يەن شۆتۇڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىپ كەتكلېكىنى ۋە كەلگۈسى 10 يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئامېرىكانى ھەرقايسى جەھەتتىن بېسىپ چۈشىدىغان كۈچكە ئىگە ئەمەسلېكىنى ، ئامېرىكانىڭ پۈتۈن ۋاستىلەرنى قوللىنىپ خىتاينىڭ كۈچىيىشىنى توسىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئ‍ۇ ئ‍ىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە كىمنىڭ يېڭىشىنىڭ كىمنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەقىياتىدا تىز ئىكەنلىكىگە باغلىق ئىكەنىلېكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ ھەپتىلىك خەۋەرلەر ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل
بۇ ھەپتىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر، توكيودا « تۆتلۈك» ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىنىڭ كۆرۈشىشى، تىرامپنىڭ خىتاي ۋىرۇسىدىن ساقىيىشى ۋە ناتونىڭ خىتايغا قارشى يېڭى ئىستراتېگىيە تۈزۈشنى ھىس قىلىشى شۇنداقلا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئىشلتىش قىلمىشىغا قارىتا ئامېرىكىنىڭ چىقارغان جازا قارارى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار كۆز قاراش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئامېرىكا پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشىلتىپ خىتاينى چەكلەشنى داۋاملاشتۇرۋاتقان بولۇپ ھىچقانداق يارىشىپ قېلىشنىڭ ئىشارىتىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ چەكلەش ھەر ساھەدىن ۋە تەرەپتىن داۋام قىلماقتا. خىتاي گەرچە خەلقئارا سەھنىدە ناھايتى ئالىيجاناپ تۇرۋالغىنى بىلەن خىتايغا بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ ماڭماقتا. خىتاي پەقەت كىچىك، ھىچقانداق رولى يوق، تەرەققىي قىلمىغان ۋە دىكتاتۇر دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۋاتقان بولۇپ ئەملىيەتتە ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنچە كۈچى يوق. لېكىن ئ‍ۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىقتىسادى كۈچىدىن پايدىلىنىپ كورىيە ۋە گىرمانىيە قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر شۇنداقلا HSBC قاتارلىق دۇنياۋى بانكىلارنى ھازىرچە قىين ئەھۋالغا قويماقتا. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىرىشقا ئىشلتىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان مېتاللارنىڭ 90% نى كونترول قىلىۋېلىشى خىتايغا ناھايتى ياخشى ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلىشى مۇمكىن.
ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدە ياخشىلانمايدىغانلىقى ھەتتا سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرىشىغا ئايلىنىپ كىتىشى ۋە بۇنداق بولغاندا ئامېرىكا «دېموكراتىك دۆلەتلەر گەۋدىسى» قۇرۇش ئارقىلىق خىتايغا قارشى چوڭ ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەتنىڭ توقۇنۇشىنىڭ مەركىزى رايۇنى تەيۋەن ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
بۇ ھەپتىدىكى يەنە بىر ئالاھىدە خەۋەر ب د ت 39 دۆلەتنىڭ خىتاينى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلىشى بولۇپ بۇ ئۆتكەن قېتىمقى 20 نەچچە دۆلەتتىن كۆرىنەرلىك كۆپەيگەن. بۇ ئامېرىكانىڭ لوبىيچىلىقى، چەتئەل ئاخباراتلىرى، ئاكادېمىكلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى كۆرستىدۇ.
تەكلىپ : شەرقىي تۈركستان داۋاسىنى پىلانلىق، ئىنچىكە كاتىگورىيەلەرگە ئايرىلغان شەكىلدە ۋە ئاكادېمىك سەۋىيەدە ئېلىپ بېرىش، قوللىنىلغان ئۇسۇلنىڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە خەلقئارالىق ئورگان ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەركەتكە كېلىشى ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*