ئەخمەتجان قاسىمى- ئەلىخان تۆرە: «جاسۇسلۇق» ۋە «مىللىي روھىيەت» توقۇنۇشى

2021-يىلى 22-ئاۋغۇست

 

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

 

 كىرىش سۆز ئورنىدا

 

 

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ ئۆز ئىچىدىن «خائىن»، «ساتقۇن» ۋە «جاسۇس» ئىزدەش پىسخىكىسىغا كەمبەغەل ئەمەس ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھەتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە 40-50 يىل بىرگە ياشاپمۇ ئۆز ئىچىدىن جاسۇس، ساتقىن ئىزدەپ تېپىشقا، جاسۇس گۇماندارلىرىنى بايقاشقا ئىنتىلىش خاھىشلىرى بار. جاسۇس، ساتقۇن دېگەن ئاتالغۇ بەزىدە ناھايىتى ئاسانلا ئېغىزغا ئېلىنىدۇكى ھېچ پاكىتسىز، ئاساسسىز ھالدىلا ئۆزى بىلەن پىكرى ۋە مەيدانى ئوخشىمىغان ۋەياكى مۇخالىپەت ھالىدا ئوتتۇرىغا چىققانلارنى «جاسۇس» دەۋېتىشتىن يانماسلىق ئەھۋالىنىڭ بارلىقى كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە. ۋەھالەنكى جاسۇسلار ۋە ساتقۇنلارنى يوق دېيەلمەيمىز، ئەمما جاسۇسنى چوقۇم شۇ ئۆزىگە قارشى قوللىنىلغان دۆلەت ئېنىقلاپ تۇتالايدۇ.

ھەتتا جاسۇسلۇق، ساتقۇنلۇق بىلەن ئەيىبلەش دائىرىسى ۋە تارىخى ناھايىتى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي روھى تۈۋرۈكلىرىنىڭ سۇندۇرۇلۇشىغا يول ئېچىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ سادىر بولۇۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. تارىخىمىزدا ھەقىقەتەن خائىنلار، جاسۇسلار، ساتقۇنلار يېتەرلىك، بىز ئۇلارنىڭ بىرقىسىم مەشھۇرلىرىنى نەق پاكىتى بىلەن ساناپ بېرەلەيمىز. ھەقىقەتەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇلار ۋە كېيىنكى ھەر خىل سىياسىي رەڭ ئاستىدىكى خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى مەۋجۇتلۇق ۋە مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدىن سانسىزلىغان قەھرىمانلار بىلەن پاراللېل ھالدا كۆپلەپ ساتقۇن، خائىن ۋە جاسۇسلار چىققانىدى ھەم ھازىرمۇ چىقىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلىنماستۇر!

 

قارىلاش ۋە بەتنام چاپلاش رەقىبلىكنىڭ بەلگىسى

 

لېكىن، بىر مىللەتنىڭ يۈكسەك مەنىۋىيەتلىرى، مىللەت روھى تۈۋرۈكلىرىگە كۆپىنچە ئۇ مىللەت بىلەن دۈشمەنلەشكەن كۈچلەر ۋە ياكى بىر مىللەت ئىچىدىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئىككى بىر-بىرى بىلەن ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش، ئۇرۇش قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن كۈچلەر بىر-بىرىنىڭ باشلامچىلىرىغا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ، ئۇلارغا ھەرخىل بەتنام ۋە تۆھمەتلەرنى ئارتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەت ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا تىكلىگەن داھىيلىرى، قەھرىمانلىرىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنى ئۆز كۈرەشلىرىدە روھى ئوزۇق ۋە مىللىي سىمۋول قىلىپ، كۈرەشنىڭ كەلگۈسىگە ئۇلىنىشىغا يول ئاچىدۇ. مانا بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا قارشى دۈشمەن تەرەپ ياكى مۇستەملىكىچى، باسقۇنچى ھاكىمىيەت كۈرەش قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش، ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ كۈرەشچىلىرىگە، مىللىي سىمۋوللىرىغا، مىللىي قەھرىمانلىرىغا، مىللىي داھىيلىرىغا ھەر خىل بەتناملارنى، گۇناھلارنى ھەتتا ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدىغان باھالارنى قوللىنىدۇ. دۇنيا تارىخىنىڭ كەڭ بەتلىرىگە ئەمەس، پەقەت قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىگىلا قارايلىكى، تارىختا رۇس ئىمپېرىيەسىدىن ۋە كېيىنكى سوۋېت قىزىل ئىمپېرىيەسىدىن قۇتۇلۇش كۈرەشلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان ۋە ياكى ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى ھىمايە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرغان نۇرغۇن باتۇرلار، سىياسىي ئەربابلار، ۋەكىل خاراكتېرلىك شەخسلەر سوۋېت دەۋرىدە قارىلىنىپ، ئۇلارغا باسمىچى، باندىت، قاراقچى، پانتۈركىست، خەلق دۈشمىنى، خائىن، ساتقۇن، جاسۇس دېگەندەك تۈرلۈك بەتناملار ئارتىلغانىدى. بىزنىڭ يېقىنقى 100 يىللىق تارىخىمىز ۋە ھازىرقى رېئاللىقىمىزدىمۇ سوۋېت ئىمپېرىيەسىدىكى بۇ رېئاللىق ئوخشاش يۈز بەردى ۋە يۈز بەرمەكتە.

 

ئەلىخان تۆرە ۋە ئەخمەتجان قاسىمى

 

ئەمما، ھازىرقى مۇستەملىكىچىلىكتىن قۇتۇلغان باشقا مىللەتلەر، بولۇپمۇ قېرىنداش خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە شۇ يولدا جان بەرگەن ئەجدادلىرىغا ھەيكەل ئورنىتىش، خاتىرە سارىيى سېلىش، ئۇلارنى مىللەت روھىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ تىرەپ تۇرغۇچى تۈۋرۈكى سۈپىتىدە تىكلەپ، ئەۋلادلارنى ئەنە شۇ مىللىي روھ بىلەن تەربىيەلەشنىڭ ھەر خىل ئامىللىرىنى ئىزدەپ يۈرسە، بىزنىڭ ئارىمىزدا تارىخىمىزدىكى خەلق سۆيگەن، دۈشمەن ئۆچ كۆرگەن ئوغلانلىرىمىزنى، داھىيلىرىمىزنى، مەسىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا ئاتاپ، ساتقۇنلارچە ياشاشتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلگەن قەھرىمانلىرىمىزغا شەك كەلتۈرۈش ھەتتا ئەخمەتجان قاسىمىدەك ئوغلانلارنى جاسۇسلۇق بىلەن قارىلاشقىمۇ تىلىمىز ۋە قەلىمىمىز ئىشلىدى. ئەلۋەتتە، پىكىر قىلىش، تارىختىن يەكۈن چىقىرىش، باھا بېرىش ھەربىر كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئەركىنلىكى، بۇ ئەركىنلىكتىن ھەركىم بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. لېكىن ئەركىن پىكىر قىلىش، ياكى ئەركىن باھا بېرىش، ئەركىن تەنقىد قىلىش پاكىتسىز، ھۆججەتسىز تۆھمەت قىلىش، قارىلاش ئەمەستۇر. بولۇپمۇ بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرىنى يىقىتىش خەۋپى تۇغدۇرىدىغان، مىللەت قەلبىدە روھى جاراھەت پەيدا قىلىدىغان پاكىتسىز، ئاساسسىز تۆھمەت ۋە قارىلاش ئەركىن پىكىر قىلىش ياكى ئەركىن تەنقىد قىلىش ئەمەستۇر. بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدا روشەن پەرق بار.

قولىمىزدا ھېچقانداق بىر نەق پاكىتلىق ھۆججەت يوق تۇرۇقلۇق ئەخمەتجان قاسىمىنى «رۇس جاسۇسى»، «سوۋېت جاسۇسى»، «ساتقۇن» دەپ قارىلاۋاتقىنىمىزدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتى 2012-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە ھاياتىدىن ئايرىلغان قىرغىز پەرزەنتى گېنېرال لېيتىنات ئىسھاقبېك مۇنۇنوفنى «قىرغىز خەلقىنىڭ بىرىنچى گېنېرالى» دەپ ئاتاپ دۆلەت بويىچە پەخىرلىنىشنى، ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈپ، ھەر خىل ئورۇنلارغا قويۇشنى بەلگىلىگەنىدى. ھازىر ئوش شەھىرى مەركىزىدىكى چوڭ بىر كوچىغا ئۇنىڭ نامى قويۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ ئېگىز ھەيكىلى ئورنىتىلىپ، ئۇ قىرغىزىستان ۋە قىرغىز خەلقىنىڭ مىللىي روھى نامايەندىسى قىلىپ تىكلەنگەنىدى. قىرغىزلار ئۇنىڭدىن جاسۇسلۇق بىلەن گۇمانلىنىمەن دېسە ناھايىتى ئاسانلا بۇ ئىشنى قىلالايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ 1930-يىللاردىن باشلاپلا سوۋېت ن ك ۋ د ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى پاكىت ئىدى. لېكىن قىرغىزلار بۇنداق «جاسۇسلۇق» قەدىمىنى تاشلىمىدى.

ئۆزبېكىستاندا سوۋېت دەۋرىدە نامى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت خۇپىيانە تۇتۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مارشالى ئەلىخان تۆرىنىڭ توپا بېسىپ قالغان تاشلاندۇق قەبرىسى مانا ئەمدى مەرمەردىن قايتا ياسىلىپ، ھەر كۈنى ئونلىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپگاھىغا ئايلاندى. ئەلىخان تۆرە ئۆزبېك خەلقىنىڭ بىرىنچى مارشالى، ئۆزبېكتىن چىققان بىرىنچى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت پىرېزىدېنتى ، 20 خىلدىن ئارتۇق ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئەللامە، ئۆزبېكىستاننىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇرى دېگەندەك تۈرلۈك گۈزەل ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ ئۆزبېك خەلقىنىڭ مىللىي روھى بايلىقى سۈپىتىدە تىكلەنمەكتە. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بىرىنچى رەئىسى ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئۆزى سوۋېت ئىتتىپاقى بىخەتەرلىك ئورگىنى بولغان ن ك ۋ د باشلىقى، جاللاتلىقتا داڭ چىقارغان مارشال لاۋرېنتىي بېرىيا ئەۋەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچىلىرى، يەنى 2- دومدىكى گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ يېگناروف، گېنېرال ئالېكساندىر ئىۋانوۋىچ لاڭفاڭ، پولكوۋنىك پيوتىر ئاندرېيېۋىچ شبايېفلار بىلەن ھەر كۈنى سۆزلىشىپ ۋە مەسلىھەتلىشىپ تۇرغانلىقى سىر ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئاز دەپ ئەلىخان تۆرەمنىڭ يېنىدا خاس مەسلىھەتچى سۈپىتىدە ن ك ۋ د نىڭ ۋەكىلى تاشكەنتلىك مۇھسىن ئابدۇللىنمۇ بار ئىدى. بىز بۇلارغا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ياردەم بەرگەنلىكى، قول تىققانلىقى ۋە تۇنجۇقتۇرغانلىقىغا قاراپلا ئەلىخان تۆرەم ياكى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ياكى باشقىلارغا خالىغانچە «ئىسىم» قويمايمىز. ئۇلار «بىز سىلەرنىڭ ئازادلىقىڭلارغا ياردەم بېرىمىز» دەپ مەيدانغا چىقىپ تانكا-زەمبىرەكلىرى، پىلىموت، ئاپتوماتلىرى ۋە مىلتىقلىرىنى سان-ساناقسىز ئوق-دورىلىرى ھەتتا كوماندىر -مەسلىھەتچىلىرى بىلەن قوشۇپ ئەۋەتكەن ستالىنغا ئىشەنگەن ۋە ئۈمىد باغلىغانىدى. چۈنكى بۇ چاغدا ئۇيغۇر خەلقىگە دۇنيادا ھېچكىم ۋە ھېچقانداق دۆلەت مۇنداق ياردەم بەرمىگەنىدى. لېكىن ئاقىۋەت بۇ ستالىننىڭ سىياسىي ئويۇنى بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئۇيغۇر خەلقى، جۈملىدىن ئاشۇ رەھبەرلىرىمىز شاھمات تاختىسىدىكى پېچكىلىق قىسمىتىگە دۇچ كەلدى. رەئىس جۇمھۇرىمىز ئەلىخان تۆرەمنىڭ تەقدىرى سوۋېت ن ك ۋ د ۋە كېيىنكى ك گ ب ئورگىنىنىڭ نازارەت كۆلەڭگىسى ئاستىدا بىر ئۆمۈر ئۆتتى. خەلقىمىز تەرىپىدىن ھەممىلا يەردە « سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز»، « داھىيمىز» دەپ ئۇلۇغلانغان ئەخمەتجان قاسىمى بولسا 35 يېشىدىلا «ئايروپىلان ھادىسىسى» نامى بىلەن ۋەھشىي كۆرۈنمەس قوللار تەرىپىدىن شېھىتلىك شارابىنى ئىچتى.

لېكىن بىز بۇ ئىككى زاتنى چىن يۈرىكىمىزدىن سۆيسەكمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەم بالىسى، يەنى بەندە بولۇش بىلەن خاتالىقلار ، يېتەرسىزلىكلەرنى سادىر قىلىشىغا كۆز يۇممايمىز. بۇ ئىككى زات بىر – بىرى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلاتتى. بولۇپمۇ 1914-يىلى تۇغۇلغان، ئەسلى تېگى خوتەنلىك ھېسابلىنىدىغان ساپ ئۇيغۇر ئوغلى ئەخمەتجان قاسىمى ئاران 31 يېشىدا ئۆزىنىڭ يۈكسەك تالانتى ۋە قابىلىيىتى بىلەن ئەلىخان تۆرە ،ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، قاسىمجان قەمبىرى، ھەبىب يۇنۇچى (تاتار)، رەھىمجان سابىر ھاجى، ھاكىمبەگ غوجا ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن مۇئاۋىن باش كاتىپ، ھەربىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى، ئەلىخان تۆرە رەئىسلىكىدىكى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئەزاسى ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ھەم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇردى. بولۇپمۇ ئەلىخان تۆرە ئەخمەتجان قاسىمىنى « ئارىمىزدىكى بىر گۆھەر» دەپ قەدىرلىگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى 32 يېشىدىن باشلاپ پۈتۈن ئىنقىلابنىڭ رەھبىرىلىك ئورنىغا چىقىپ، 35 ياشقىچە، يەنى ھاياتتىن ئايرىلغىچە ئەڭ ئابرۇيلۇق ئىنقىلاب رەھبىرى ۋە «داھىي»سۈپىتىدە تونۇلدى. 31-35 ياشلىق ئادەم يەنىلا تېخى تولىمۇ ياش، ھەتتا 60 ياشلىق ئەلىخان تۆرەمنىڭ ئالدىدا بالا ھېسابلىناتتى. ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئەلىخان تۆرىنى « ئاتا» دەپ ئاتايتتى. 31-32 ياشلىق « بالا» بىلەن 60 ياشلىق ئەلىخان تۆرە ئارىسىدا ياش تەجرىبىسى، ھايات تەجرىبىسى، چۈشەنچىسى بويىچە كۆپ پەرقلەر بولۇشى تەبىئىي. ھازىرقى ئۆزى 60 ياكى 70 ياشقا كىرگەن بىر كىشى ئۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ 30 نەچچە ياشلىق ئوغلى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئويلاپ باقسا بولىدۇ. دېمەك، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ئاخىرغىچە 31-35 ياشلىق بىر « بالا» رەھبەرلىك قىلدى دېگەن گەپ. دېمەك، ھەرقانچە ئەقىللىك بولسىمۇ، بۇ ياشتىكى كىشىلەر ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئۆتكۈر سىياسىي كۈرەش ھەم بىر ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىش جەريانىدا خاتا قەدەم ۋە خاتا تەپەككۈرلەرنى سادىر قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. 60 ياشلىق ئەلىخان تۆرەممۇ ئۆز يېشى ۋە چۈشەنچىسى ھەم تەجرىبىسىگە كۆرە خاتاسىز ئەمەستۇر. لېكىن ئۇلار مۇستەقىللىق، ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك كۈرەش نىشانىدىن يانمىدى ھەم بۇ نىشاندىن خاتالاشمىدى. خەلققە توغرا رەھبەرلىك قىلىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى.

قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش، قېرىنداشلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى، مۇستەقىل دۆلىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئەلىخان تۆرەم، ئەخمەتجان قاسىمى بىزنىڭ تارىخىي جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى شۇنىڭدەك بۈگۈنكى كۈندىكى روھى بايلىقىمىز ۋە روھى تۈۋرۈكىمىزدىن ئىبارەتتۇر. 1933-1934-يىلىدىكى ۋە 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىمىز، بولۇپمۇ 1944-يىلىدىكى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا خىتاي كوممۇنىست ئارمىيەسى ۋە مۇستەملىكىچى سىياسىي كۈچلەر ھەم دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا يوق قىلىنىشى خەلقىمىزنىڭ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنىي كۈرىشىنىڭ ئاساسىدۇر. بىر دۆلەتنىڭ ئالىي سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرىنىڭ كوللېكتىپ ھالدا سىرلىق قازا بىلەن يوق قىلىنىشىدىن كېيىن ئۇلار رەھبەرلىك قىلغان ھاكىمىيەتنى يوقىتىش، ئۇلار باشقۇرغان زېمىنلارنى بېسىپ ئېلىپ، ئۇ ھاكىمىيەتنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەش، ئۇلارنىڭ داۋاسىنى، ۋەتىنىنىڭ داۋاسىنى قىلغانلارنى رەھىمسىزلەرچە جازالاش ۋە بۈگۈنكىدەك ناتسىستلارچە لاگېر-تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىپ، پۈتۈن بىر مىللەتنى مىللىي، دىنىي، مەدەنىي كىملىكىدىن پۇشايمان قىلدۇرۇپ، ئۇنى « جۇڭخۇا مىللىتى»، يەنى نامى ئاستىدىكى خىتاي مىللىتى گەۋدىسىگە ئوچۇق-ئاشكارا سىڭدۈرۈش مانا بۇ 1949-يىلى 8-ئايدىن كېيىنكى دۇنيا تارىخىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى تارىخىدا يۈزبەرگەن رېئاللىقتىن ئىبارەتتۇر.

شۇنى ئەسلىتىش مۇمكىنكى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى خىل كۈرەش باسقۇچىغا رەھبەرلىك قىلغان ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئىبارەت ئىككى رەھبەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇلار 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، جۈملىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىش جەريانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇردى. خۇددى ئەخمەتجان قاسىمى ئېيتقاندەك شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دۇنيا ئىنقىلابىنىڭ بىرقىسمى بولغىنىدەك ئۇ ئوخشاشلا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرقىسمى ئىدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئېلىپ بېرىشتا خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ھېسابقا ئالماي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئەگەردە، ئاسىيا رايونىدا، بولۇپمۇ خىتايدا سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ يۆلىشى ۋە ياردىمى ئاستىدىكى كومپارتىيە بىلەن ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئۇرۇش گومىنداڭنىڭ غەلىبىسى، كومپارتىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەسى 1949-يىلىدىكىدىن باشقىچە بولار ئىدى. يەنى بۇ جايدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداشلىقىدىكى تولۇق مۇستەقىللىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن ئىدى. تەتۈرىسىگە ، كومپارتىيەنىڭ غەلىبىسى ستالىننى خەلقئارا رەقىبلىك مۇناسىۋىتىدە ئامېرىكا باشلىق غەرب قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى، يەنى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا كىچىككىنە شەرقىي تۈركىستاننى ئەمەس، بەلكى ناھايىتى چوڭ ۋە كۈچلۈك ئارمىيەگە ھەم نوپۇسقا ئىگە كوممۇنىستىك خىتاينى تاللاشقا، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقا ھويلىسى يېنىدا ئۇنى مۇستەقىللىققا باشلايدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە ياكى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ھىمايىسىگە ئېرىشكەن باشقا بىرەر خىل رامكا ئاستىدىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ بولماسلىقىنى تاللاشقا ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەتراپىدىكى تەبىئىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتكە كۆرە پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا تايىنىش يولى يوق دەپ قارىغان ھەم مۇشۇنداق تايىنىشتىن باشقا چىقىش يولى تاپالمىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى رەھبەرلىرى، مەيلى ئەلىخان تۆرە ۋە ياكى ئەخمەتجان قاسىمى بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قاراڭغۇ قىسمەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ جىنايىتى ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنقىلاب بىرلا ئەلىخان تۆرە ياكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەخسىي ئىنقىلابى ياكى شەخسىي ئىشى ئەمەس بولۇپ، بۇ پۈتۈن خەلقنىڭ، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغۇچى ۋە خىتاي شوۋىنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغۇچى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭمۇ ئىنقىلابى ئىدى. ئۇلارغا ئەنە شۇ 13 مىللەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك بىر دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ، چىش-تىرنىقىغىچە قوراللانغان مۇنتىزىم قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى قەھرىمانلىق بىلەن ناھايىتى جاپالىق، مۇرەككەپ، ئىچكى-تاشقى بېسىم ۋە رەقىبلىك شارائىتلىرى ئاستىدا كۈرەش قىلىپ، قۇتۇلۇش يولى، چىقىش يولىنى ئىزدەش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەنىدى. ئۇلار قولىدىن كەلگەنلەرنى قىلالىدى، كەلمىگەننى قىلالمىدى.

 

ئەركىنلىك، ھاكىمىيەت ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچلەرگە تايىنىش

 

تارىختىن تارتىپ ئاجىز خەلقلەر ئۆز مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرەر قۇدرەتلىك كۈچكە تايىنىپ كەلگەن. ئاجىز سىياسىي كۈچلەر باشقا قۇدرەتلىك كۈچلەرگە تايىنىشقا ئىنتىلگەن ھەم شۇنداق قىلغان. بۇنىڭ مىسالى كۆپ، لېنىننىڭ بولشېۋىكلار پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە، يەنى گېرمان رازۋېدكىسىغا تايانغان. ئىچكى ئۇرۇشتا بولشېۋىكلارغا قارشى ئاقلار غەرب ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە تايانغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئازادلىق ئۇرۇشى جەريانىدا ئاتاتۈرك مۇستافا كامال ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىپ ئۇنىڭ ھەربىي-ئىقتىسادىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن ۋە ئەڭ ئاخىرىدا كۈچىيىپ بولغاندىن كېيىن سوۋېتقا قارشى مەيدانغا چىققانىدى. ھەتتا ئوسمانلى پادىشاھى كۈيئوغلى، ياش تۈركلەر ھەرىكىتى يېتەكچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ئەنۋەر پاشامۇ ئۆز رەقىبلىرى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى قۇتقۇزۇش يولىدا لېنىن رۇسىيەسىگە تايىنىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن ۋە لېنىننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ئەمما ئۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، سوۋېت تەرەپتىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھاكىمىيەت قۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، ئاخىرى ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەسكىرىي كۈچى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ شېھىت بولغانىدى.

موڭغۇلىيە خەلقىمۇ ئوخشاشلا سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىغا كىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىدى ۋە ئاخىرغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ئارقىلىق ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلىدى ۋە دۇنيادا ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا ئېرىشتى.

خىتاي مىللەتچىسى سۇن جوڭشەن مانجۇ ئىمپېرىيەسىنى ئاغدۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن ئاخىرى ياپونىيەنى بازا قىلىپ، ياپونغا تايانغان. ياپونىيە بولسا كېيىن خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ بىرىنچى رەقىبىگە ئايلانغانىدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە باشقا قۇدرەتلىك دۆلەتلەرگە تايىنىپ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرۇش ياكى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشى ئېلىپ بېرىش خىتايدا خېلى ئۇزۇن تارىخقا ئېگىدۇ. ھاكىمىيەتنى شىمالىي مىلىتارىستلارغا تارتتۇرۇپ قويغان سۇن جوڭشەن 1923-يىلىدىن باشلاپ سوۋېت رۇسىيەسىگە تايىنىپ، ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننى بازا قىلىپ، شىمالىي مىلىتارىستلارنى يوقىتىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاڭ كەيشىنى موسكۋاغا ئەۋەتكەن. سۇن جوڭشەن موسكۋا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى ۋە سۇن جوڭشەن ھەم جاڭ كەيشىلەر سوۋېت رۇسىيەسىدىن زور ھەربىي ياردەم ئالدى ۋە مەسلىھەتچىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. 1927-يىلى جاڭ كەيشىنىڭ پۈتۈن خىتاينى قولغا كەلتۈرۈش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس. خىتاي گومىنداڭ گېنېراللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاشۇ رۇسلار قۇرۇپ ھەربىي ئىشلارنى ئۆگەتكەن خۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئىدى. جاڭ كەيشى ئوخشاشلا 1937-1942-يىللىرى ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن غايەت زور ھەربىي ياردەم ئالدى. ۋەھالەنكى، خىتايلار ھېچقاچان سۇن جوڭشەن ياكى جاڭ كەيشىنى سوۋېتقا سېتىلغان خائىنلار دېمەيدۇ.

خىتاي كوممۇنىستلىرى بولسا 1921-يىلىدىن تارتىپ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ياردىمى ئاستىدا بولدى. خىتاي كومپارتىيەسىنى لېنىن رۇسىيەسى ئۆزى بىرقوللۇق قۇرۇپ چىققانىدى. بۇ پارتىيەنىڭ پۈتۈن ئىقتىسادىنى موسكۋا تەمىنلىگەن ھەتتا بەزى قۇرۇلتايلىرىنى موسكۋادا ئاچقان شۇنىڭدەك مەخسۇس ئادەملەرنى ئەۋەتىپ، كومپارتىيەنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ئىلگىرىكى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى ۋە كېيىنكى ماۋ قاتارلىقلار ئوخشاشلا ستالىننىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش ئېلىپ باراتتى. ئەگەردە 1946-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ياپوندىن ئولجا ئالغان نەچچە مىڭ زەمبىرەك، مىناميوت ۋە زور ساندىكى ھەر خىل قورال-ياراقلارنى شۇنىڭدەك ئۆزلىرى چىقىپ كېتىدىغاندا مانجۇرىيەدىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قوللىرىدىكى قوراللارنى خىتاي كومپارتىيەسى قوشۇنلىرىغا بەرمىگەن بولسا ھەم ئىزچىل ياردەم كۆرسىتىپ قوللىمىسا خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچ چوڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئومۇمەن، سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىمىسا، ياردەم بەرمىسە ۋە تىكلىمىسە خىتاي كوممۇنىستلىرى ئاللىبۇرۇن يوقىتىلاتتى. ھەتتا 1949-1960-يىلىغىچىمۇ خىتاي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇپ ئۇنىڭ سانائەت، ھەربىي- ئىقتىساد ۋە باشقا ھەر جەھەتلەردىن ياردىمىگە ئېرىشتى. 1949-يىلى دۇنيادا پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىلا كوممۇنىستىك خىتايغا ياردەم بەرگۈچى كۈچ ئىدى. مانا بۇ جەريانلاردا ستالىن خىتاي كومپارتىيەسىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى شەخس بولۇپ، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولۇش بەلگىلىنىپ بولۇنغانىدى. ستالىننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ماۋ ئەركىن نەپەس ئالدى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىشكە باشلىدى خالاس.

دېمەك، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 1944-1949-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشقا، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىشقا ئىنتىلىشى ۋە بۇ خىل ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشى ئىنقىلابنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەقەززاسى ئىدى. بۇ تايىنىش، خۇددى يۇقىرىدا قەيت قىلىنغاندەك ئېزىلگەن ۋە مەھكۇم مىللەتلەر ياكى سىياسىي ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كۈچلەر باشقا كۈچلۈك دۆلەتلەرگە، جۈملىدىن ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش يۈز بەرگەنگە ئوخشاش ئىدى.

ۋەھالەنكى، ياردەم بەرگۈچى ۋە قوللىغۇچى ئۆز مەنپەئەتلىرى توغرا كەلگەندىلا قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. ستالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن باشقا خەلقلەرگە، رايونلارغا بەرگەن ياردەملىرى ۋە قوللاشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىرقى ھېسابتا ئاشۇ ياردەم ئالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ۋە ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن خۇلاسىلەندى. بۇ ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنىدى.

موسكۋانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى ئەمەلىي ياردىمى بىلەن ئىككىنچى باسقۇچىدىكى ياردەملىرىنىڭ مۇددىئاسى ۋە ئۇسۇلى، ھەجمى ئوخشىمايتتى. بۇمۇ ئۇنىڭ ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەنگەنىدى. ئۇنىڭ بىرىنچى باسقۇچتا كۆرسەتكەن ياردەملىرى ۋە قوللاشلىرى دەل ئۇنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە كۆزلىگەن خەلقئارالىق سىياسىي ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كەلگەنىدى. ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگەرگەن ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن ئىش تۇتتى خالاس.

دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاقداشلىق، دوستلۇق ئاساسەن مىللىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. ئەنە شۇنداق مەنپەئەتلەر ئېھتىياجىدىن دۆلەتلەر ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن ھەر خىل دەرىجىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىدۇ. بەزىدە ئورتاق دۈشمەن شەكىللەنگەندە ئۆز ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تاشلاپ قويۇپ، ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىدۇ. گىتلېر گېرمانىيەسى ۋە ياپونىيە مىلىتارىزمىغا قارشى كوممۇنىستىك سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دېموكراتىك ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقداشلىقى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلارنى فاشىزمغا قارشى ئىدىيە ۋە كۈرەش بىرلەشتۈرگەن بولسا، فاشىزم يوقىتىلغاندىن كېيىن ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىق ئاخىرلىشىپ، رەقىبلىك باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيانى، جۈملىدىن ياۋروپا ۋە ئاسىيانى بۆلۈۋېلىپ ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇشى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يول قويماسلىققا ئۇچرىدى. 1945-يىلى 9-ئايدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇپ دۇنياۋى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ ئورنىغا ئۆتۈشى سوۋېت ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ بىئارام قىلغانىدى. دېمەك، رىقابەت، يەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ھاسىل بولۇپ كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارى بولسا ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ ئاشۇ «تۆمۈر پەردىسى» نىڭ بىر چېتى ھالىتىدە بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ جاينى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇشنى، بۇ جايغا ھەرقانداق بىر غەرب دۆلىتىنىڭ كىرىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلدى. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان ستالىننىڭ ئەنە شۇ سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى بىر ئالدىنقى سېپى ئىدى.

ئەلىخان تۆرەم دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن سوۋېت ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى تاماملىنىپ بولۇش بىلەن ۋەزىپىسى ئادا قىلدۇرۇلۇپ تاشكەنتكە ئېلىپ كېتىلىش خۇلاسىسى چىقتى. 11 ماددىلىق بىتىممۇ ئەنە شۇ ستالىننىڭ ئاسىيادا، جۈملىدىن مۇستەقىل جەنۇبىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىران ھۆكۈمىتى، خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن گومىنداڭ، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپادا ئوينىغان بىتىم ھەم بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئويۇنىنىڭ بىرقىسمى ئىدى خالاس. بۇنىڭغا ئەلىخان تۆرەممۇ، ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ۋە غېنى باتۇر، ئوسمان باتۇرلارمۇ قارشى تۇرۇپ، توختىتالمايتتى خالاس. مەزكۇر بىتىم بىرەر ئىككى ئادەم ئۆزى بېرىپلا ئۆز ئالدىغا ئىمزا قويۇۋالىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇرۇش قىلىش ياكى بىتىم تۈزۈش، بىتىمغا ئىمزا قويۇش ياكى قويماسلىق، قانداق بىتىم بولۇش ئەلىخان تۆرە تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالماي ئۇدۇل ئۈرۈمچىگە كىرىپ كەتكەن بولار ئىدى. دېمەك، مۇنداق ئىمكانىيەت ئەلىخان تۆرىدە ئەمەس، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قورال-ياراق، ئوق-دورىلىرى، قوماندان، مەسلىھەتچىلىرى ئارقىلىق ھەربىي-سىياسىي جەھەتلەردىن ئۆز تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇۋاتقان ستالىن تەرىپىدىنلا بەلگىلىنەتتى. ئەلىخان تۆرە رېئاللىققا، سىياسىي شەرت-شارائىتقا، خەلقئارا ۋەزىيەتكە، 2-دومدىكى ستالىننىڭ ۋەكىللىرى گېنېراللارنىڭ ئېغزىغا قاراپ ئاخىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە ئاخىرىدا ئىمزالىنىشقا ماقۇل كەلگەنىدى. ئاخىرىدا ئۆزىمۇ ھاياتىنى تاشكەنتكە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولدى خالاس. ئەگەر ئۇ كۈچلۈك ۋە ھەممىگە قادىر بولغان بولسا ھاياتىنى تاشكەنتتە ئەمەس، بەلكى غۇلجىدا ئۆتكۈزگەن بولار ئىدى.

لېكىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى ۋە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئاخىرلاشتۇرمىدى. ئەمدى بولسا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى سوۋېت ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، يەنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ئۆتكۈرلىشىشتىن ئىبارەت مۇرەككەپ باسقۇچىغا توغرا كەلگەنىدى. ئەخمەتجان قاسىمى مانا شۇ ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ جاپالىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، يەنى مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈچ ۋىلايەت- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايات-ماماتلىق باسقۇچىدا خەلققە رەھبەرلىك قىلدى.

 

ئەخمەتجان قاسىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئاخىرغىچە قوغدىغۇچى

 

ئەخمەتجان قاسىمى ئاشۇ ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ئازادلىق تەشكىلاتى 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غېنى باتۇر قاتارلىق باتۇرلارنىڭ ۋە مىڭلىغان غۇلجا خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسى نەتىجىسىدە تىكلىگەن، مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى ۋە ئاق ئىسلام بايرىقىنى ئاخىرغىچە غۇلجا شەھىرىدە ۋە پۈتۈن ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي تەۋەسىدە لەپىلدەتتى. بۇ بايراق پەقەت ئەخمەتجان قاسىمى يوق قىلىنغاندىن كېيىن، يەنى 1949-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا ئېلىپ تاشلاندى خالاس. دېمەك، ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ ئازادلىققا ئىنتىلگەن ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئىسسىق قان بەدەللىرىگە تىكلەنگەن ۋە شىخو-جىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىدا جان بىلەن قوغدالغان بۇ بايراقنى ئاخىرغىچە قوغدىغۇچى ھەقىقىي خەلق رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي داھىيسى ئىدى. ئەگەر، ئەخمەتجان قاسىمى قاتمۇ-قات دۈشمەن، قاتمۇ-قات بېسىم، تەھدىت ئاستىدا ئاخىرقى تىنىقى قالغۇچە چۈشۈرمىدى. مەيدىسىگە ئاشۇ رەئىس جۇمھۇر ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى 1-ئايدا ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن كېيىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندە تەقدىم قىلغان ئالىي دەرىجىلىك شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك مۇقەددەس ئاي يۇلتۇزلۇق« ئازادلىق» ئوردېنىنى تاقىغان پېتى شېھىت بولدى.

شۇنى ئەسكەرتىش مۇمكىنكى، ئەلىخان تۆرە بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىغا بىرىنى بېشىغا سەللە ئوراپ تون كىيىپ بۇخارا ۋە مەككىدە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەقىقىي« داھىي»، يەنە بىرىنى بېشىغا دوپپا، ئۇچىسىغا كاستۇم كىيىپ گالىستۇك تاقاپ، تاشكەنت ۋە موسكۋادا ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن« جاسۇس»، «ساتقۇن»غا چىقىرىش ئەنە شۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىپ ۋە ئۇنىڭ دۆلەت بايرىقىنى يىرتىپ تاشلاپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلار دىيارى، يەنى «شىنجاڭنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلدۇق» دېگەن سەپسەتىنى 70 يىلدىن بۇيان قانۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ھەم بۈگۈن شۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولدى دەپ قاراپ نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا، تۈرمىلەرگە قامىغان كوممۇنىستىك خىتاينىڭ سىياسىي ئويۇنچىلىرىنى خوش قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكنى نەزەرگە ئېلىش كېرەك. تارىخىمىزدا سەللە ئورىغانلاردىنمۇ سانسىز خائىن، ساتقۇنلار چىققان. ئاپئاق خوجىدىن باشلاپ، تاكى شاپتۇل داموللامغىچە كەلسەك بۇنىڭ سانىنى ئېلىش بەك تەس. ئابدۇقادىر داموللامدەك بۈيۈك دىنى ئالىملىرىمىزغا قەست قىلىشقا قاتناشقانلار، كۆرەلمىگەنلەر ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرگەنلەرمۇ بېشىغا سەللە ئوراپ، داموللام بىلەن بىرگە يۈرىدىغانلار ئىدى. مۇستەبىت، سېھىرگەر خىتاي ياڭ زېڭشىن نەچچە مىليون ئۇيغۇر خەلقىگە ھەر يېزىغا نەچچىلىگەن مەسچىت سېلىپ بېرىپ، ھەممە مەسچىتلەرنى ئۆزلىرى ئىشەنگەن ئىماملارغا تۇتقۇزۇپ، مىللەت، ۋەتەن، دىن دەپ يۈرىكى ئېچىشقان ۋە ئازادلىققا ئىنتىلگەن دىنىي زاتلارنى، مىللەتپەرۋەرلەرنى ئاشۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق يوق قىلىپ، پۈتۈن خەلقنى نادانلاشتۇرۇپ 17 يىل مىدىراتماي ئىدارە قىلدى. پۈتۈن جەنۇبتا بار – يوقى 6-7 مىڭ خىتاي بار بولغان بولسا، ئەنە شۇ 6 -7 مىڭ خىتاي 3 -4 مىليون ئۇيغۇرغا ھۆكۈمران ئىدى. بىر ناھىيەدە بىر خىتاي ئامبال بولۇپ، نەچچە يۈز مىڭ ئۇيغۇرنى مىدىراتماي ئىدارە قىلالىدى. ئەنە شۇ 17 يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق كۈرىشىنى بەكمۇ ئارقىغا كېچىكتۈرۈۋەتكەنىدى . ئەسلىدە 1933-يىلى ھەقىقىي دىن ۋە مىللەت ئىدىيەسىنى بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرغان 20-ئەسىرنىڭ ئەقىللىك ئۇيغۇر سىياسىيونلىرىدىن ۋە دىنىي ھەم مىللىي داھىيلىرىدىن بىرى سابىت داموللام باشچىلىقىدا تەسىس قىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى 1917-1920-يىللاردا، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشى بىلەن شەكىللەنگەن دۇنياۋى ئۆزگىرىش، ئىمپېرىيەلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن يىقىلىپ، مۇستەملىكە خەلقلىرى مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىۋاتقان دەۋرىدە قۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى.

ياڭ زېڭشىن ياراتقان سىياسىي پاجىئەنىڭ، ئۇيغۇر پاجىئەسىنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بۈيۈك دىنى، مىللىي، سىياسىي ۋە ئىلمىي رەھبەر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەسەرلىرى، بۈيۈك مىللەتپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر ئالىم ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرى ۋە ئوتيۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرى مانا بۇ سوئاللارغا ياخشى جاۋاب بېرەلەيدۇ تامام! ئەگەردە بۇ ۋەزىيەتنىڭ سىرىنى تېخىمۇ چۈشىنىمەن دېسىڭىز سىياسىي سېھىرگەر خىتاي ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئىدارە قىلىش دەستۇرى« تۆۋە -ئىستىغپار ھۇجرىسىدىكى خەت-چەكلەر» نى ئوقۇپ چىقسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە بىر مىسال شاپتۇل داموللام 1930-يىللاردىكى قەشقەرنىڭ ھەر كۈنى سەللىسىنى بېشىدىن ئالمايدىغان ئەڭ داڭلىق دىنىي زاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ جاللات شېڭ شىسەيگە ئوقۇغان مەدھىيەلىرى مىللىي قەھرىمان، دىن ۋە مىللەت يولىنى بىرلەشتۈرگەن كۈرەشچىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. يېڭى شاپتۇل داموللىلار دەۋرىمىزدىمۇ ئاز ئەمەس.

ئەلۋەتتە، كاستۇم بۇرۇلكىلىق، دوپپا كىيگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىنمۇ كۆپلىگەن خائىنلار، ساتقۇنلار ۋە بەلكى جاسۇسلار چىققانلىقى سىر ئەمەس، بۇلارنى ساناش توغرا كەلسە بۇلارغىمۇ پاكىتلارنى كۆپلەپ كۆرسىتىمىز. لېكىن، كىم بولسۇن، مەيلى سەللىلىك بولسۇن ياكى دوپپىلىق بولسۇن خائىن، ساتقۇن ۋە جاسۇسنى نەق پاكىت، ھۆججەت بىلەن ئاتايمىزكى، كىشىلەرگە، بىگۇناھ ئىنسانلارغا تۆھمەت چاپلاشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. تۆھمەت قىلىش مۇقەددەس دىنىمىزدا ئەڭ چوڭ گۇناھ سانىلىدىغانلىقى شۇنىڭدەك ئىنسانىي ئەخلاق ۋە قانۇن-مىزان ئۆلچەملىرىدىمۇ ئېغىر جىنايەت قارىلىدىغانلىقى شۈبھىسىز.

 

قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرى ۋە مىللىي روھىيىتىنى تىكلەش كۆزى

 

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇمكىنكى، قېرىنداش ئوتتۇرا ياۋرو- ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى- ئەزەر، تاتار، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، ۋە باشقىلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن سىياسىي مۇساپىلىرى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاشلىققا ئىگە. ئۇلارمۇ 1917-يىلى رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلاندى ۋە بۇ مۇساپىدە سوۋېت رۇسىيەسىدىن ئىبارەت يېڭى كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە رامكىسى ئاستىدىكى سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈردى. ئۇلارنىڭ يېقىنقى 100 يىللىق تارىخىدا جەدىتىزم، مىللەتچىلىك، ئورتاق تۈرك ھاكىمىيىتى قۇرۇش ۋە كوممۇنىزم ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى ۋە ئاخىرىدا بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى يوق قىلىندى. بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچ ھەرىكەت، يەنى جەدىتىزم ، مىللەتچىلىك، ئورتاق تۈركچىلىك ھەرىكەتلىرى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى رامكىسى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەر، يەنى ئاپتونوم ۋە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتچىلىك يولىغا ماڭدۇرۇلدى. ئىلگىرىكى جەدىتلەر، مىللەتچىلەر، تۈركچىلەرنىڭ كۆپى كېيىن بولشېۋىكلارغا ئايلىنىپ، ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ قالدى. مەسىلەن ئۆزبېك جەدىدلىرى، شورائىي ئىسلامىيە تەرغىباتچىلىرى، مىللەتچىلەر ياش بۇخارالىقلار، ياش خىۋەلىكلەر پارتىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، 1920-يىلى كوممۇنىستلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىكىنى ۋە خىۋە خانلىق تۈزۈملىرىنى ئاغدۇرۇپ، بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى، خارازىم خەلق جۇمھۇرىيىتى ناملىرى ئاستىدىكى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرنى بەرپا قىلدى. قازاق مىللەتچىلىرى بولسا ئايرىم ھالدا ئالاش ئوردا گۇرۇھىنى قۇرۇپ، ئالاش ئوردا ھاكىمىيىتىنى قۇردى. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى-كېيىن كوممۇنىستلىشىپ، 1924-يىلىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى، قازاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، تاجىك جەدىدلىرى ۋە مىللەتچىلىرى بولسا كوممۇنىستلىشىپ تاجىكىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئايلاندى. قازاقىستان، قىرغىزىستان 1936-يىلى ۋە تاجىكىستان 1929-يىلى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلدى. ئەنە شۇ مىللەتلەرنىڭ يۇقىرىدا نامى ئېيتىلغان ھەر خىل ئىدىيەدىكى گۇرۇپپىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرى 1937-1938-يىللىرى ستالىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىپ تازىلاندى. لېكىن ئۇلار بۇ جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆز مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ۋە ئاقىۋەتتە بۈگۈنكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى ئاساسچىلار دەپ يۇقىرى باھالاندى. يەنى ئۇلار ئۆز ئەقىدىسىدىن يېنىپ، رۇسلار بىلەن بىرلەشكەنلەر، خائىنلار، ساتقۇنلار دەپ قارالمىدى.

بۈگۈنكى مۇستەقىل ئۆزبېكىستان ھەتتا كوممۇنىستلارنىڭ ياردىمىدە بۇخارا ئەمىرلىكىنى يوقىتىپ بۇخارا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرغان، ھەتتا 1920-يىلى ئاشۇ بۇخارانى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا رۇس قىزىل ئارمىيەسىنىڭ قانلىق قىرغىنچىلىق، ۋەيران قىلىش، بۇلاڭ-تالان قىلىشىغا سەۋەب بولغان، ئەمما 1938-يىلى ستالىن جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پەيزۇللا خوجايېف (1896-1938)، ئابدۇرەئۇپ فىترەت (1886-1938)، ئۆزبېكىستان كوممۇنىستلار پارتىيەسى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى ئەكمەل ئېكراموف (1898-1938) قاتارلىقلارنى ئوخشاشلا بۈگۈن ئۆزبېك خەلقىنىڭ بۈيۈك نامايەندىلىرى دەپ پەخىرلىنىدۇ. قازاقلار، قازاق مىللەتچى كوممۇنىستلىرىدىن ئورتاق تۈرك فېدېراتسىيەسى دۆلىتى قۇرۇش پىكرىدىكى تۇرار رىسقۇلوف (1894-1938)، ئەلىخان بۇكېخانوف (1866-1937)، كۆپ يىللار ن ك ۋ د خادىمى بولغان قازاقىستان بىرىنچى سېكرېتارى جۇماباي شاياخمېتوف (1902-1966)، ئۇزۇن يىللار بىرىنچى سېكرېتار بولغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى دىنمۇھەممەد قۇنايېف (1912-1993) قاتارلىقلارنى سوۋېت جاسۇسلىرى، قولچوماقلىرى ياكى رۇس چاكارلىرى دېمەستىن قازاق خەلقىنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى، بۈگۈنكى قازاق مىللىي دۆلەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى ۋە روھىنى كۈچەيتكۈچىلەر دەپ پەخىرلىنىدۇ. بولۇپمۇ قازاقلار ئوخشاشلا ئۇزۇن يىللار قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈگەن دىنمۇھەممەد قۇنايېف ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېفلارنى قازاق مۇستەقىللىقىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلار ئورنىدا پەخىرلىنىدۇ. بۈگۈنكى قازاق خەلقى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرى ئۈچۈن قازاقلىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇكى، 1962-1964-يىلى قازاقىستان كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى بولۇپ، پۈتۈن قازاقىستاننى باشقۇرغان ئۇيغۇر ئىسمائىل يۈسۈپوفقا قازاق تۇپراقلىرىنى ئۆزبېكىستانغا بېرىۋەتكەن، قازاق مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلغان، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسىدىن چىقمىغان دېگەندەك قىلمىشلار ئارتىلىپ، ئۇن پەقەت قارىلاش يولى تۇتۇلىدىكى، قازاقىستان كومپارتىيەسىگە 20 يىللار بىرىنچى سېكرېتار بولۇپ، موسكۋانىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەڭ سادىق ئورۇندىغان قۇنايېفلار گۇناھسىزدۇر. چۈنكى، ئىسمائىل يۈسۈپوف قازاق مىللىي روھىيەت قۇرۇلمىسىغا مەنسۇپ ئەمەس، ئەمما قۇنايېف قازاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ تىكلىنىشى كېرەك ئىدى. ئوخشاشلا ئۆزبېكىستاندا 1925-يىلىدىن تاكى 1940-يىللارغىچە ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت رەئىسى، يەنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئەسلى تېگى قەشقەرلىك، ئەمما نامانگاندا چوڭ بولغان ئۇيغۇر يولداش ئاخۇنبابايېف بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ نامىدىكى بەزى ئورۇنلار بىكار قىلىنغان ھەم ئۇ ئۆزبېك مىللىي ئىپتىخارلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالمىغانىدى. لېكىن بىز ھەتتا ئەلىخان تۆرەم ئېتنىك جەھەتتىن ئۆزبېك بولسىمۇ، ئۆزىنى ئەبەدىي ئۆزبېك ھېسابلىسىمۇ، 92 ياشلىق ھاياتىدا پەقەت 15 يىللا ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا ياشىغان بولسىمۇ ئەمما بىز ئۇنى يەنىلا ئۇيغۇر دەپ قارايمىز، ئۇنى مىللىي روھىيىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكى قىلىپ تىكلەيمىز، چۈنكى ئۇ تارىخىمىزدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن رەئىسلىككە سايلانغان ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۆزى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنغانىدى. ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىزگە بىر يېرىم يىل غەلىبىلىك رەھبەرلىك قىلىپ، خەلقىمىزدە ئەبەدىي ئۇنتۇلماس روھ ۋە ئىشەنچ شەكىللىنىشتە ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت جەڭچىلىرى ئىسھاقبېك مۇنۇنوفنى قىرغىز دەپ ئايرىماستىن ئۇنى ئۆزىنىڭ ئالىي قوماندانى سۈپىتىدە ئۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جەڭگە ئاتلاندى ۋە چەكسىز ھۆرمەت قىلدى. مۇنداق باشقا قېرىنداش مىللەتتىن چىققان دۆلەت، ھەربىي ۋە مەمۇرىي رەھبەرلەرگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ پىداكارلىقى، قابىلىيىتىنى قەدىرلەش خەلقىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ھەم ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. كىم ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، مىللەت ئايرىپ ئولتۇرماي ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە باشلىق قىلىپ تاللاش خەلقىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تاللىغان يولى ئىدى. خەلقىمىزدە مۇنداق گۈزەل ئەخلاق، مۇنداق ئورتاق تۈركىي قېرىنداشلىق، ئورتاق تەقدىرداشلىق، كەڭ قۇچاق ئېچىش خاھىشىمۇ ھازىرمۇ كۈچلۈك.

خۇلاسە ئورنىدا

ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى قوغدىمىغان، ئۆزىنى ھۆرمەتلىمىگەن، ئۆزىنى سۆيمىگەن مىللەتنى باشقىلارنىڭ قەدىرلىشى، سۆيۈشى ۋە ئېتىراپ قىلىشى ناتايىن. بىز ئۆزىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخىمىزدىن، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق مەدەنىيەت تۆھپىلىرىمىزدىن، تارىختا قۇرغان بۈيۈك دۆلەتلىرىمىزدىن، تارىخىمىزنى يارىتىشقا، تىكلەشكە ھەسسە قوشقان خاقان، پادىشاھ، ۋەزىر، گېنېراللىرىمىزدىن، ئالىملىرىمىز ھەم مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزدىن، قەھرىمان ئوغلانلىرىمىزدىن، ئومۇمەن ئۆزىنى مىللەتكە ئاتىغان ئەجدادلىرىمىزدىن چەكسىز پەخىرلىنىش روھىنى تىكلىيەلىگىنىمىزدە ئاندىن بىز كېلەچەككە يېتەلەيمىز. نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتى 21-ئەسىردە مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ شانلىق تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ساقلىنامدۇ يوق؟ ئۇنىڭ 1930-يىللاردىكى ۋە 1949-1944-يىلىدىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ۋە مۇستەقىل دۆلىتى-شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى روھى ساقلىنامدۇ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلىنامدۇ يوق؟ دېگەندەك خىرىسلارغا دۇچ كەلدى. تارىخىي سەھىپىلىرىمىزنى ياراتقان قەھرىمانلىرىمىز ۋە داھىيلىرىمىزنىڭ يۈزىگە ئۆزىمىز ئۆز قولىمىز بىلەن قارا سىيا چاچساق، باشقىلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنى يوق قىلىۋېتىمەن دېگۈچىلەر ئۆز تەرەتلىرىنى چاچىدۇ خالاس! مىللىي ئىپتىخارلىرىمىزغا، روھى تۈۋرۈكلىرىمىزگە، شانلىق ئۆتمۈشىمىزگە قارا چېچىش ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز خارلاپ، باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا نەغمە -ناۋا قىلغانلىق بىلەن ئوخشاش. ئەگەردە بىز ئۇنىڭغا ئىگە بولالمىساق كېلەچىكىمىز غۇۋا بولىدۇ، جىسمىمىز ۋە روھىمىز ئەبەدىي قۇللۇق زەنجىرى بىلەن باغلىنىشى مۇمكىن.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر مىللىي داھىيسى، مىللىي رەھبىرى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى جانابلىرىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن سۆزۈمنى خۇلاسىلىمەكچىمەن: « بىز دۈشمەننى يېڭەلەيمىز، ئەمما ئىتتىپاقسىزلىق بىزنى يېڭىدۇ. بىز قاچان ئىتتىپاقسىزلىقنى يېڭەلىگەندە بىز دۈشمەننى تولۇق يېڭىمىز».

ئاخىرىدا يەنە شۇنداق دەپ دۇئا قىلغۇم كەلدى ، ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ، بەخت-سائادىتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتا قىلغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىنى جەننەتتىن قىلغايسەن! ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز، ئۇلۇغ داھىلىرىمىز، ئۇلۇغ قەھرىمانلىرىمىز ۋە جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى تىكلىگەن ۋە قوغدىغان ئېسىل ئەجدادلىرىمىزنى بىزلەرگە ئۇنتۇلدۇرمىغايسەن ! بىزلەرگە ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىش ، ئىشىنىش، ئۆزىمىزنى سۆيۈش، بىر-بىرىمىزنى مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق بىلەن قۇچاقلاش روھى ئاتا قىلغايسەن!

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



One Comment

  1. تاھىر تارانچى says:

    بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! نۇرغۇن ئايدىڭلاشتۇرالمىغان سوئاللىرىم يېشىلدى.

باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*