ئەخمەتجان قاسىمى: شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ياكى ئەمەسلىكىگە چېتىشلىق مەسىلە

2021-يىلى 4-ئاپرېل

ئەخمەتجان قاسىمى: شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇر ئېلىنىڭ

 بېسىۋېلىنغان زېمىن ياكى ئەمەسلىكىگە چېتىشلىق مەسىلە

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن

تارىخ پەنلىرى دوكتورى

 

 

ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ئۆلمەي، ئەگەر 1949- يىلى 9- ئايدا بېيجىڭغا بېرىپ، خىتاينىڭ يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى يىغىنىدا: «بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنىمىز» دەپ ئېلان قىلغان بولسا ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى باشقىچە يېزىلغان بولار ئىدى. ئۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمىغا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئەمەس، ئۇنىڭ ئاشۇ ۋاقىتتىكى سەپداشلىرى – يەنى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشقا قاتناشقان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، رەھىمجان سابىرھاجى، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە باشقا ئونلىغان دوستلىرى، پىكىرداشلىرى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈرەش قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىڭلىغان جەڭچى ئوفىتسېرلىرى، كادىرلىرى ۋە خەلقى، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ۋە باشقىلار ئۇنى يۈكسەك مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆيمەي ھەم سېغىنماي، ئەكسىچە ئۆز مۇھەببەتلىرىگە پۇشايمان قىلغان بولار ئىدى ھەم ئەخمەتجان قاسىمى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلەتتى. ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف ۋە يۈزلىگەن كىشىلەر شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ھايات -ماماتقا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۇنى ئەسلىمىگەن بولار ئىدى.

ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇرلارنى يادرو قىلغان ئاخىرقى مۇستەقىل ھاكىمىيەت، 1944- يىلى 12- نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرقى ئالىي رەھبىرىدۇر. ئۇ، خەلق تەرىپىدىن «داھىيمىز»، «سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئاتالغان ئەربابتۇر، تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمىدىن باشقا ھېچكىمنى «سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز» دەپ ئاتاپ ئېتىراپ قىلىپ باققىنى يوق. ئەمما، 1947- يىلى 25- فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 10 مىڭ خىتاي نامايىشچىسى «ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى، يوقالسۇن ئەخمەتجان» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىپ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىكىنى ئىپادە قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى قىسمەن ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىكى ئۇنىڭغا بولغان قىسمەن ئۆچمەنلىك ياكى ئەيىبلەش بىلەن ئاشۇ خىتاي ھەربىي -سىياسىي ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۆچمەنلىكى ئارىسىدا قانچىلىك پەرق باركىن تاڭ؟

داۋامىنى بۇيەردىن ئوقۇڭ:

View Fullscreen

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*