5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىلى مۇناسىۋېتى بىلەن ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018-يىلى 8-ئىيۇل

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 9- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان» مۇھاكىمە يىغىنى، 7- ئىيۇل شەنبە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادىمىينىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتايى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئېچىلغان يىغىن ، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش، تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئېچىلىش سۆزى قىلدى . يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئۈرۈمچى قەتلىئامى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالدى.
پروفېسسۇر دوكتۇر ئورھان قاۋۇنجى، پروفېسسۇر دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسۇر دوكتۇر كۇنۇرئالپ ئەرجىلاسۇن، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت، دوكتۇر ئۆمەر قۇل قاتارلىق ئاكادىمىيكلار ئۈرۈمچى قەتلىئامى،ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ئۇيغۇرلاغا بولغان تەسىرى، ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى رولى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كىلەچىكى توغرىسىدا سۆز قىلىدى . يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇچۇق ئاشكارە يوق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۈرۈمچى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلەندى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەل بولـماي تۇرۇپ خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*