يۈزەكى دىندارلىق ۋە دۇنياغا مايىللىق

پروفېسسور دوكتۇر ئالى بارداكئوغلۇ-ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى
كۈنىمىز ئىسلام دۇنياسى ئۇقۇمۇشلۇقلىرىنىڭ زېھىن دۇنياسىدا غەربتىكى پوزىتىۋىزم (ئەقلىيەتچىلىك) تەسىرىنىڭ مۇئەييەن شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئايرىم مەسىلە. بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا سېكۇلەرلىشىش (دىندىن خالىيلىق ۋە دىنى چۈشەنچىنىڭ بۇرمىلىنىشى) ۋە لائىكلىك مەسىلىسى 20 ۋە 21 – ئەسىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ چۈشەنچىسىدە مۈجمەل ھالدا ئورۇن ئالماقتا ۋە ياشاۋاتقان تۇرمۇشتا دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش مايىللىقى بارغانسېرى ئۆزىنى ھېس قىلدۇرماقتا.
ئىسلام دۇنياسى بۈگۈن دۇچ كەلگەن مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش مەسىلىسىدۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، لائىكلىك ۋە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئوخشاش نەرسە ئەمەس. دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشنى پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولغان سېكۇلەرلىشىش (دىندىن خالىيلىق ۋە دىنى چۈشەنچىنىڭ بۇرمىلىنىشى)دائىرىسىدە چۈشىنىش كېرەك. پەرقلىق ئىزاھاتلار بېرىلىۋاتقان سېكۇلەرلىشىش پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولۇپ، لائىكلىك بولسا دىن – دۆلەت مۇناسىۋىتىدە سۈلھى قىلىشنى، ئىجتىمائىي سىياسەت نۇقتىسىدىن باشقۇرۇش شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇقۇمدۇر. بۇ ئۇقۇملار ئىچىدە « دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش » سېكۇلەرلىشىش ئۇقۇمىغا ناھايىتى يىقىن.
20 – ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى جەمئىيەتشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپلىگەن مۇنازىرە ۋە تەنقىدلەر نەتىجىسىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان سېكۇلەرلىشىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئىزاھاتى بار. يەنى « دۇنيانىڭ مەسىلىلىرىنى ئىنسان ئەقلى ۋە تەجرىبىسىگە ئاساسەن ھەل قىلىش »، « دىن قاتارلىق تىلسىملاردىن يىراقلىشىپ ئەقىلگە يۈزلىنىش »، « ئىجتىمائىي، قانۇنى ۋە سىياسى ساھەگە دىننىڭ ئارلىشىشىنى چەكلەش » دېگەندەك ئىزاھاتلار بېرىلمەكتە ۋە نەتىجىدە « سېكۇلەر » ئۇقۇمى ئارقىلىق دىنىيلىقنىڭ زىت قۇتۇپى ئىپادىلەنمەكتە. دۇنيانىڭ بارغانسېرى سېكۇلەرلىشىدىغانلىقى ھەققىدە قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنىڭ ئەكسىچە، زامانىۋى دەۋردىمۇ دىن كۈچىنى يوقاتماستىن شەخس ۋە جەمئىيەت ھاياتىدا تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ ناھايىتى چوڭ دەتالاش بولغانلىقتىن ۋە بۇ يەردە تىلغا ئېلىۋاتقان مەسىلە سېكۇلەرلىشىش نەزىرىيەسى ئەتراپىدا شەكىللەنگەن دەتالاشلار ۋە غەرب دۇنياسى باشتىن ئۆتكۈزگەن قەدەم باسقۇچلار ئەمەس. ئۈستىدە توختالماقچى بولغان مەسىلە، بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيەتلەردىكى تەسىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئېقىمىغا قانچىلىك ۋە قانداق كىرىپ قالغانلىقى ھەققىدە بولىدۇ.
سېكۇلەرلىشىش، غەربتە چىركاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان چۈشەنچە بولۇپ، چىركاۋنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزىغا، بىلىمگە قارشى تۇرىشىغا، سىياسەتكە قول تىقىشىغا ۋە ئۆز مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە قارشى ئىدى. غەربتە بۇ قارشى ئىنكاس ۋە ئىزدىنىشنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزۇن باسقۇچىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ قارشى ئىنكاسنىڭ ئارقىسىدا ناھايىتى كۆپ سەۋەپ بار ئىدى. لېكىن بۇ خىل ئاممىۋى ھەرىكەتلەر كۆپىنچە باشتا مۆلچەرلەنگەن نۇقتىدا تۇرمايدۇ ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن يۆنىلىشىتە بىر مەزگىل داۋاملىشىدۇ. چۈنكى « دىن ۋە سىياسەتنىڭ بىر – بىرىدىن ئايرىلىشى » نەزەرىيەسى بىلەن باشلانغان ھەرىكەت ئاخىرىدا دىن بىلەن قانۇن، ھەتتا ئەخلاق بىلەن قانۇن بىر – بىرىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا سەل قارىغىلى بولمايدىغان مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى ئەخلاق بىزگە باشقىلار تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان نەرسە ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىتىدە بار بولغان، بىزنىڭ ئىنسان بولۇشىمىزنىڭ خېمىرىدا مەۋجۇت بولغان ئاساسلىق قەدرىيەتتۇر. ئەخلاق، ئۆزىمىزنىڭ تەبىئىتى بولۇپ، ئەسلىمىزدۇر. ئەخلاقنى پەقەت كىشىنىڭ شەخسى تاللىشى دەپ قاراپ ئىجتىمائىي ساھەنىڭ سىرتىدا، سىياسەتنىڭ، دىننىڭ، قانۇننىڭ سىرتىدا دەپ قارىيالمايمىز. ئەخلاقتىن مەھرۇم ھەر قانداق نەرسە ئىچى بوش ۋە ئالدامچى قانۇن – پرىنسىپلاردىن ئىبارەتتۇر، خالاس. تىجارەتتە، سىياسەتتە، مائارىپتا، ئائىلە ھاياتىدا، دىندارلىقتا ئەخلاقنى يوقۇتۇپ قويساق، كۆز ئالدىمىزدا روھسىز ئىسكىلىتتىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.
غەربتە باشلانغان سېكۇلەرلىشىش ئوسمانلى ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى كىشىلىرىمىزگە يېقىندىن تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئوسمانلى بىلىم ۋە دۇنياۋى تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا تەبئىي ھالدا دەرھال غەرپكە يۈزلەندى ۋە ياش ئەقىل كۈچلىرىنى غەربكە ئەۋەتتى. لېكىن ياخشى نىيەت ۋە مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان غەرپلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشتىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇساپىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە نەتىجىسى دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ نىيەتلىرىدىن بەكرەك بۇ ھەرىكەتنىڭ مەنتىقىسى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلەتتى. دەرۋەقە شۇنداق بولدى. ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزى بەلگىلىدى ۋە مۆلچەردە بولمىغان ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى. يېڭى دۇنيانى چۈشىنىشتە كېچىككەن ۋە كونا ئەنئەنىدىن مىراس قالغان ئىلىملەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىم دەپ ئويلاپ قالغان ئىسلامى ئىلىملەر، ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىگە قارىتا چارە – تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يېڭى شەرت – شارائىتلار بىلەن يۈزلىشىپ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. بۇنىڭدا مۇۋەپپەق بولۇش ئۈچۈن زىھىنلەر ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىردە ياشاۋاتقانلىقىنى بايقاپ، يېڭى ئىھتىياج ۋە شەرت – شارائىتنى كۆرۈپ يېتىشى، بۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانغا خاس تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى مۇنازىرە قىلىشى ۋە تېپىپ چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇنداق بولمىدى. نەتىجىدە ئىسلامى ئىلىملەرنىڭ كىلاسسىك مەزمۇنلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە زامانىۋى دەۋردە بارغانسېرى چوڭىيىپ ماڭدى ۋە كىشىلەر ۋاستىلىق ھالدا سېكۇلەرلىشىشكە يۈزلەندۈرۈلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئوسمانلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە غەرپلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتى دىنى چۈشەنچىنى ھەمراھ قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە دىننى قارشى قۇتۇپىغا قويۇپ، ئارقىدا قېلىشتا ئۇنى سەۋەپچى دەپ قارىغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەرىكەت كۆپرەك شەكىللەر ۋە ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن قارشى چۈشەنچىدىكىلەر ۋە قارشلىق ھەرىكەتلىرىمۇ يەنە ئۆتمۈشنى مۇھاپىزەت قىلىش، شەكىللەر ۋە ئاياللار ئۈستىدە مەركەزلەشتى. نەتىجىدە تۈرك زامانىۋىلىشىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، مىتودى ۋە تەرەققىياتى زامانىۋى دەۋردىكى دىندارلىقنىڭ يۆنىلىشى ۋە شەكلىنىمۇ بەلگىلىدى.
مىسال بېرىشكە توغرا كەلسە، ئىسلام خەلقلىرى ئىككىلىنىش ئىچىدە ياشاشقا باشلىغان دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش جەريانىدا شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ قەدىرىيەتلەر دۇنياسىدىن، ئۆزىنىڭ مۇئامىلە پرىنسىپىدىن دىننىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزىنى چىقىرىۋېتىشكە، ھاياتىنى ئەركىن ھالدا ياشاشقا ئىتتىرىلىۋاتىدۇ. دىنغا بولغان ساداقەت نۇقتىسىدا پەقەت مۇئەييەن شەكىل ۋە قېلىپلارغا ئۆزىنى مەھكۇم قىلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. كۆرۈنۈشتىكى دىندارلىق ۋە يوشۇرۇن دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش تېز سۈرئەتتە داۋاملىشىۋاتقان مۇھىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ روھى دۇنياسى، كىملىكى ۋە ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز زەربە يەۋاتقانلىقىغا، ھەممىدىن بەك ئىسلامنىڭ لەززىتىدە چوڭ داۋالغۇشنى باشتىن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز.
دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئىسلام دۇنياسىنى بارغانسېرى چىرماۋاتقان گىرداپتۇر. بۈگۈن دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش قاينىمىغا غەرق بولۇپ كەتكۈچىلەردىن بىرى مۇسۇلمانلار بولۇپ، پىشانىسى سەجدىدىن كۆتۈرۈلمەيدىغان مۇسۇلمانلار دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشنى لەنەتلەپ تۇرۇپ ئۆزى دۇنياغا بېرىلىپ كېتىۋاتىدۇ. چۈنكى دىننىڭ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇلۇش ۋە چۈشىنىش شەكلى، دىنى ئىلىملەرنىڭ ئۆزىنى يېڭىلىيالماسلىقى، بىلىم ۋە ھاياتنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىشى نەتىجىسىدە دىن تار بىر دائىرىگە مەھكۇم قىلىنىشقا باشلاندى. گەرچە ئۇنىڭ سىرتىدىكى كەڭ ساھەدە ئەنئەنىۋى بىلىملەرنى ناھايىتى قىممەتلىك دەپ قارىغان، سېغىنىش ۋە ھەسرەت تۇيغۇسى بىلەن ئۇلار ھەققىدە توختالساقمۇ، ئۇلارنى يىراقتا، تا ئۇ ئەسىرلەردىكى مەۋجۇت ھالى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق. ئۇلارنى يېڭىلاپ ئۆيىمىزدە مېھمان قىلىشنى، ھاياتىمىزدا ئەكس ئەتتۈرۈشنى ئانچە ئويلىشىپ كەتمىدۇق. بۇ پوزىتسىيىمىزدە ئىچ – ئىچىمىزدىن ئۇلارنىڭ يېڭى دۇنيادا ئورنى يوقلىقىغا قايىل بولۇشنىڭمۇ مەلۇم نىسبەتتە ھېسسىسى بار. بۇ سەۋەپتىن دىن ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىنىڭ سىرتىدا قالغان كەڭ ساھەدە سېكۇلەر ھاياتنىڭ بارلىق نېمەتلىرى ئالدىمىزغا تاشلاندى. پەرقلەر پەقەت سىمۋوللار ۋە ئىبادەتلەرگە مەركەزلەشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇت ھالىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تەسۋىرنى ئىنساپسىزلىق دەپ قارىغانلار ئەتراپىغا زەڭ سېلىپ بۇ نۇقتىدىن قاراپ باقسۇن. بۇ نۇقتىدا تۇرۇپ كىشىلەرگە ۋە ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى. دىن ھاياتىمىزنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمەت ئىدى، لېكىن ئۇ بارغانسېرى مۇئەييەن شەكىللەر ۋە ئىبادەتلەرگە مەھكۇم قىلىنمىدىمۇ؟ يەنى چەكلىك دائىرىدە مۇئەييەن ھەرىكەتلەرگە مەھكۇم قىلىنغان دىندارلىق بىلەن قانائەتلىنىپ تېز سۈرئەتتە دۇنياغا بېرىلىپ كېتىۋاتىمىز. دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشىمىزنىڭ ئەڭ روشەن نەتىجىسى شۇكى، دىنى بىلىمنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسى بىلەن بەلگىلىگەن مۇسۇلمانغا خاس مەسئۇلىيەتتىن، دىننىڭ ئىھسان ئەخلاقىدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتىمىز. ئەخلاق پارغا ئايلىنىپ ھاياتىمىزدىن ئۇچۇپ كەتتى، ئارقىسىدا پەقەت شەكىللەر قالدى.
ئەگەر بىز « دىن » دەپ نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ھايات شەكلىنى، دىن بىلەن زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن مەدەنىيەتلەرنى، مەسىلەن: تار دائىرىدىكى بىكىنمە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە شەكىللەنگەن نەزەرىيە ۋە پەتىۋالارنى بۈگۈنگە ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرگە « دىندار بولماقچى بولساڭ بۇ دائىرە ئىچىدە تۇرۇشىڭ كېرەك » دېسەك، يەنى دىن بىلەن ئەنئەنىنى، دىن بىلەن مەدەنىيەتنى، دىن بىلەن دىننىڭ تارىخى تەجرىبىسىنى بىر – بىرىگە ئارلاشتۇرىۋېتىپ، ھەممىسىنى بىر پۈتۈن ھالىتىدە « دىن » دەپ كىشىلەرنىڭ ئالدىغا قويساق، ئۇنداقتا بۇ ھالىمىز بىلەن كىشىلەرنى ۋاستىلىق ھالدا سېكۇلەرلىشىشكە يۈزلەندۈرگەن بولىمىز. بەزىدە بىر نەرسىگە بىۋاستە تەشۋىق قىلمايسىز، ئەمما شۇنداق بىر يول كۆرسىتىسىزكى، كىشىلەر ئۆزلىكىدىن ئۇ يولدا ماڭغىلى ۋە نىشانغا يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىككىنچى تاللاشقا رازى بولىدۇ. زامانىۋى دەۋردە دىنى چۈشەنچىمۇ ئۆزىنى يېڭىلىشى، بۇ ئەسىرنى توغرا شەكىلدە ئىدراك قىلىشى، 21 – ئەسىردىكى مۇسۇلمانغا خاس تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشنىڭ، بۇ دەۋردە مۇسۇلمان بولۇشنىڭ يوللىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى ۋە تېپىپ چىقىشى كېرەك. توغرىسىنى ئېيتساق، دىن ئالىملىرى بۇ تىرىشچانلىقنى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆرسىتەلمىدى. بۇ سەۋەپتىن بۇ مەزگىلدە پەقەت دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش ئېقىمىغا قوشۇلغانلارنى ئەيىپلەشتىن بەكرەك، ئالەمشۇمۇل بىر دىننىڭ بۇ دەۋرگە ئېيتقانلىرىنى كۈندىلىك ھاياتقا ئېلىپ كىرەلمىگەنلەرنىڭ جاۋاپكارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم.
دۇنياغا بېرىلىپ كېتىشكە نەزەرىيە جەھەتتىن قارش چىققان مۇسۇلمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ ئېقىمغا ئۆزىنىڭمۇ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمايۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئېقىمغا بېرىلىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۆزىنى دىنغا بىرمۇبىر ماس كېلىدىغان ھايات تەرزى ئىچىدە دەپ قارايدىغان ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشى دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش گىردابى ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار رېئال ھاياتىنىڭ ئەكسىچە سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇنداق ئىسلام دۇنياسىدا مۇسۇلمانلىق چۈشەنچىسىنىڭ تار دائىرىگە، ماكانغا، زامانغا مەھكۇم قىلىنىشى مۇقەررەر.
يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا دىققەت بىلەن قارىغان ۋاقتىمىزدا مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنىمىزدە بىلىنەر – بىلىنمەس ھالدا دۇنياغا بېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىنىڭمۇ ئىجتىمائىي ھاياتتا – نەزەرىيە ياكى ۋەزلەردە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرسىمۇ – بارغانسېرى لائىكلىكنى ئۆزلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياننىڭ يوشۇرۇن لائىكلىك – ئاشكارا دىندارلىق تەڭلىمىسى ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنى تەنقىت ياكى سەلبىي تەرەپكە قاراپ مېڭىشنىڭ ئىشارىتى سۈپتىدە ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت رېئاللىقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى سۈپتىدە بايان قىلىۋاتىمەن. دىنغا بولغان ساداقەتنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەۋەس قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇپ قېلىشى ۋە ئۇنى دىن مەنسۇپلىرىنىڭ دىندارلىقىنى ئۆلچەيدىغان ۋاستە سۈپتىدە ئىشلىتىپ، ئەنئەنىۋى دىنى ھۆكۈملەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتقا تەدبىقلىنىشى جەھەتتە ھېچقانداق قايىل قىلارلىق قەدەملەرنىڭ بېسىلماسلىقى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ يېڭى دۇنيادا تەسىر كۈچىنىڭ قالمىغانلىقىغا ئىشەنچنىڭ ئاشقانلىقىنى، يەنى ئەمەلىي قىممىتىدە شۈبھىلىنىشنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى تەلەپپۇز قىلىشتىنمۇ تەپ تارتىدىغان لائىكلىكنىڭ بارغانسېرى ئۆزلەشكەنلىكى ۋە كۈچەيگەنلىكى، بۇ يوچۇقنىڭ كۆرۈنۈشتىكى شەكلى دىندارلىق بىلەن پەدازلانغانلىقى شەكلىدە ئىزاھلاشقا بولىدۇ.

تەرجىمە قىلغۇچى: يۇلغۇن

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*