«يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 27-يانۋار يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا، 2-نۆۋەتلىك «يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار» تېمىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلدى

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەخەد ئۇچقۇن، ھەبىبۇللا كۈسەنى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل تۇران، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلمەھىت قاراخان، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپى مەسئۇللىرىدىن پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق كىشىلەر ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر، خىتاينىڭ يىپەك يولى پىلانى، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىننىڭ بىرىنچى قېتىملىقى 2018 – يىلى 23 – نويابىردا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەستىن باشقا ھەرقانداق يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولمايدۇ.



باھا يېزىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

*